ئەيدىز كېسىلى تەكشۈرىشىدە «ھەقىقى ئىسىم» قوللىنىش پايدىلىقمۇ؟[تەرجىمە]
ئەيدىز كېسىلى تەكشۈرىشىدە «ھەقىقى ئىسىم» قوللىنىش پايدىلىقمۇ؟
«جۇڭگو كارخانچىلىرى» ژورنىلى مىكرو بلوگى خەۋىرى:
ئەيدىز كېسىلى تەكشۈرىشىدە «ھەقىقى ئىسىم» قوللىنىش پايدىلىقمۇ؟ دېگەن مۇنازىرە قىزىق تېمىغا ئايلاندى. 2011-يىللىق تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، جوڭگۇدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى 780 مىڭ ئادەم بولۇپ، "ھەقىقى ئىسم" بىلەن خاتىرلەنگەنلەر 343 مىڭ ئادەم ئىكەن. مۇشۇنداق بىر ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش سەۋەبىدىن جەمئىيەتتە "بۇ خىل ھەقىقى ئىسىم قوللىنىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ھەققى ئىسىم قوللىنىپ تەكشۈرۈلگەن ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ شەخسىيىتى ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە بولامدۇ يوق؟ جەمئىيەتتىكى كەمسىتىش پىكىر ئېقىمى ئۇلارغا دەخلى قىلامدۇ؟ بۇنىڭلىق بىلەن جەمئىيەتتە نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە ئەيدىزگە قارشى تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشتەك سەلىبى ئەھۋال شەكىللىنەمدۇ يوق؟ ..." دېگەندەك مۇنازىرىلەر قىزىق نۇقتىغا ئايلانماقتا.
مەنبە:«جۇڭگو كارخانچىلىرى» ژورنىلى مىكرو بلوگى
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى تامامەن ئالغىلى بولىدۇ. گەپ ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزىدە.... جەمئىيەتتە ئەيدىز كېسىلىگە بولغان چۈشەنچە تېخى يىتەرلىك ئەمەس. ئەيدىز بىمارلېرى ئۆزىنىڭ شەخسى ئەھۋالىنىڭ ئاشكارلىنىپ قىلىشىنى خالىمايدۇ. سەھىيە خادىملېرىنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى مەخپى تۇتۇش مەجبورىيىتى بار. ھەم ئادەتتە ھەممە ئىش مەخپى ماڭىدۇ. ئەيدىز بىمارلېرىنىڭ ئەھۋالى خاتىرلىنىدىغان جەدۋەلنىڭ ئۈستىگىمۇ مەخپى دەپ يىزىلغان.
2- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جەمئىيەتتە ئەيدىز كېسىلىگە بولغان چۈشەنچە تېخى يىتەرلىك ئەمەس. ئەيدىز بىمارلېرى ئۆزىنىڭ شەخسى ئەھۋالىنىڭ ئاشكارلىنىپ قىلىشىنى خالىمايدۇ. سەھىيە خادىملېرىنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى مەخپى تۇتۇش مەجبورىيىتى بار. ھەم ئادەتتە ھەممە ئىش مەخپى ماڭىدۇ. ئەيدىز بىمارلېرىنىڭ ئەھۋالى خاتىرلىنىدىغان جەدۋەلنىڭ ئۈستىگىمۇ مەخپى دەپ يىزىلغان.
مەنمۇ مۇشۇ پىكىرنى قوللايمەن. بۇ كېسەل ئادەمنىڭ جىسمانىيىتىنى سۇلدۇرۇپلا قالماي، روھىيىتىگىمۇ ئېغىر زەربە بولىدىكەن. بىمارلارنىڭ بۇنچە ئېغىر بېسىمىنى باشقىلار ھېس قىلالمايدۇ. شۇڭا ئادىمىيلىك، كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندىمۇ مەخپىي بولغىنى توغرا. قېنى مۇنۇ تېمىغا قاراپ بېقىڭلار:
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار شەخسىيىتىدىن ئەنسىرىمەكتە!
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=362