Windows 8 beta خەنزۇچىسى ھۇدنىڭ 29- كۈنى تارقىتىلىدۇ
Windows 8 Consumer Preview يەنى Windows 8 beta ھۈد ئېيىنىڭ 29- كۈنى x86/64 ![]() ![]() |
پارتىيىگە ھەشقاللا ئاللاھ خالىسا Windows 8 نىڭ رەسمىي نۇسخىسىغا يېپيېڭى كومپىيۇتېردىن بىرنى تەييار قىلىپ ھالال نۇسخىسىنى سېتىۋالمىسام مەنمۇ شۇ پىلاندا. مەن يېرىم يىلدىن بىرى ئەمدى تېخى Windows 7 گە ئەمدى كۆنۈككەن ئىدىم.
بوپتۇلا، بۇ قېتىم بەك ئارقىدا قالمايمەن.... {:107:} سىناق ئىشلىتىش نۇسخىسىكەندە، بىر سىناپ ئىشلىتىپ باقمىسام پۇرسەت بولسا ، ياخشى بولسا ئالىمىزدە ... تۆت يىلدا بىر كىلىدىغان 29- چىسلادا تارقىتىدىغان بوپتۇ دە


8- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسلى نۇسخسى بىلەن 5كويلۇق نۇسخسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟..![]()
ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پەرقى مەۋەدە

9- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسلى نۇسخسى بىلەن 5كويلۇق نۇسخسىنىڭ قانداق پەرقى بار؟..![]()
ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پەرقى مەۋەدە![]()
ئۇزۇن بولدى ئويلاپ كېلىۋاتقىلى. windows سېستىمىسىنىڭ ھەقىقى نەشىرى بىلەن ئوغۇرلۇقچە نەشىرىنى ھالال-ھارام سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈپ تەھلىل قىلىشقا قانداق قارايسىز؟ ئىگىسىنى ئىزدەۋاتقان تىل-تاياققا قالماي دەپ سىزدىنلا سورىدىم جۇمۇ ئەپەندىم
نەشىر ھوقوقى توغرىسىدا قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز بوپتىكەن. مالال قىلىدىغان بولدۇم.
قىيامەتتە بىلگەيتىسقا ساۋابلىرىمىزدىن قانچىلىك بۆلۈپ بېرەمىزكىن. {:92:} مەنغو win مەشغۇلات سىستېمىسىغا ھالال-ھاراملىق نۇقتىسىدىنلا قارىمايمەن، شۇنچە يىل پايدىلاندۇق، ئەمدى بىزنىڭمۇ ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان ۋاقتىمىز كېلىپ قالدى. نۇرغۇن پروگراممىرلار مۇشۇ win ئارقىلىق جان بېقىۋاتىدۇ. ئىشەنمىسەڭلار @baqka دىن سوراڭلار، ئۇ گەيتىسنىڭ ئەڭ سادىق قوللىغۇچىسى {:92:}
12- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@halik_puli مەن ھالال-ھارامغا قارىغاندا ئۇنىڭ قانداق نەرسىلىكىگە قارىمايمەن، پەقەت ماڭا قانداق يول بىلەن كىرگەنلىكىگە قارايمەن، ماڭا توغرا يول بىلەن كىرمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئالدىدىكى جەريانلىرى بىلەن ئۆزۈمگە تەسەللى تاپمايمەن. مەسىلە شۇنچىلىك ئاددى. ئەلۋەتتە مەنمۇ ھەقلىق نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ بولالمىدىم.
قىيامەتتە بىلگەيتىسقا ساۋابلىرىمىزدىن قانچىلىك بۆلۈپ بېرەمىزكىن.![]()
ھى ھى ... كاساپەت ئۇ دۇنيادىمۇ بېيىپ كەتكىدەكتە قارىغاندا.
پىكىرىڭىزگە رەھمەت.
12- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
.. ئىشەنمىسەڭلار @baqka دىن سوراڭلار، ئۇ گەيتىسنىڭ ئەڭ سادىق قوللىغۇچىسى![]()
شۇ- شۇ!! ........... ھۆل- قۇرۇق قوللاپ تۇرمىساق بولمايدۇ.
ئېلېكتىرون سانائىتى ۋە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە ئورۇن تۇتمىغان مىللەت يېتىم بالىغىلا ئوخشايدۇ. مىكروسوفت تۇنجى بوپ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇر يېزىقى كىرگۈزگۈچى ۋە خەت نۇسخىسىنى قوشقان. شۇڭا مەن بەيدۇ ئورنىدا بىڭ ئىزدەش ماتورىنى ئىشلىتىمەن، كۈندە بىر رەسىم دەرسى بار بىڭنىڭ باش بېتىدە: www.bing.com
ماڭا قايسىلا كومپيۇتېردا بولمىسۇن، IE دىن باشقا تور كۆرگۈچ ئۇچراپلا قالسا قەتئىي ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن، تەشۋىقاتىممۇ شۇ..
IT شىركەتلىرى ئىككى- ئۈچ نەرسىدىن خوش بولىدۇ: بىرى، تاپقان پۇلى؛ يەنە بىرى، ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى، چۈشۈرۈلۈش نىسبىتى..
2011- يىلى:
لېكىن ماۋۇ دىئاگراممىدا مەن كۆرۈشنى ئۈمىد قىلمايدىغان ئەھۋال بار:
شۇڭا، كۆپچىلىك خاپا بولماي مىكروسوفتنى، IE نى قوللاپ قويۇڭلار، يەنە bing.com مۇ بار..
مانىڭدا بولسا مەن كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغان نەرسە بار!
os، ئىزدەش ماتورى، تور كۆرگۈلەردىن باشقا، يەنە كىرگۈزگۈچلەر جېڭى مەۋجۇت، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىرگۈزگۈچUI دىن باشقا خەنچە كىرگۈزۈشتە \"مىكروسوفت پىنيىن كىرگۈزگۈچ 2010\" بولۇپ (قوليازما تونۇش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەنلەر بىلىدۇ ھەقىچان)، سوۋگوۋ، بەش سىزىق.. ۋاھاكازالارنىڭ ھەممىسى مەن قارىشى ئالمايدىغان مېھمانلار، ئۇلار دورىغان، لېكىن ئېشىپ كېتەلمەيدىغانلاردۇر. كومپيۇتېرنى نازارەت قىلىشقا QQ يېتەرلىك تۇرۇقلۇق، ئاددىي بىر كىرگۈزگۈچمۇ توختىماي تور ئۇلىنىشى تەلەپ قىلسا، ئاستىلىتىۋەتسە، كومپيۇتېر زادى مېنىڭمۇ ياكى خەقنىڭمۇ؟!
@goodluck ئاغزىمنى ئېچىۋەتتى-دە، توغرا چۈشىنىڭلار..
ھەي باچكا شۇنداق قىلىپ wp7 ئالغىلى سالىدىغان بولدىڭىزدەباچكا ئەپەندىمنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن، شەخسەن مەنمۇ مىكروسوفتنى قوللاش تەرەپدارى. مەن ئىشلىتۋاتقان سېستىمىلار ئاساسەن OEMسېستىمىلار، 5كويلۇق نەشىرى يوق. Win7 نى سىتىۋىلىش پىلانىم بار ئىدى، ئەمدى win8 نى ئالىدىغان ئوخشايمەن.
ھەقىقىي نەشىرىنى سىتىۋالسىڭىز، (ھىچ بولمىسا) كۆڭلىڭىزدە بولسىمۇ تۆۋەندىكىدەك تەسەللىيگە ئىرىشەلەيسىز.
1. خەقنىڭ ئەجىرىگە ھۆرمەت قىلغان بولىسىز.
2. خەقنى قوللىغان بولىسىز.
3. خەقنىڭ بىزنى (ئۇيغۇر يىزىقىنى) تولۇق قوللاپ بەرگىنىگە ئازراق بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرغان بولىسىز.
قىسقىسى، ئۇ تۇتقىلى بولمايدىغان نەرسە بولسىمۇ، خەقنىڭ نەرسىسى. خەقنىڭ نەرسىسى سورىماي ئىشلىتۋالساق، ئوغۇرلۇق بولىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىمىز، ئوغۇرلۇقنىڭ ھۆكۈمى قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز.
مەن ئاددىيسى 15 ناخشا چىقىدىغان بىر پىلاستىنكىدىن بىر تال ناخشا ياراپ قالسىمۇ، سىتىۋىلىپ ئاڭلايمەن. ھەرگىز تاللاپ يىققان پىلاستىنكىنى 5 كويغا ئالاي دىمەيمەن. (ئائىلەمدىكىلەرمۇ شۇنداق) بۇنىڭمۇ سەۋەبى يۇقۇرقىدەك. يەنە بىرسى ھەقىقي نەشىردىن ئاڭلىسىڭىز، شۇنچىلىك سۈزۈك ئاۋاز ئۈنۈمىنى ھىس قىلالايسىز.
قانۇنى نۇقتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا بۇ يازمىغا قاراڭ:
ئەسەر ھوقوقى ۋە بەھىرلەنگۈچىلەرنىڭ ھوقوقى ھەققىدە
ئىككى كەپتەرلەر توغرا دەپتۇ..مەنچە ھەم شۇنداق.ھازىرغىچە بۇنىڭدەك ئۇيغۇر يېزىقىغا كۇچ چىقارغان يەنە بىر شىركەت بولمىدى.ئاللاھ خالىسا كىم بىلىدۇ پۇتۇن ئۇيغۇرچە قىلىدىغىنىمۇ مۇشۇ بۇلۇپ قالدىغاندەك قىلىدۇ.ئامال بار ھەقىقىي نەشىرنى ئالغۇلۇق... Windows8 Beta نى قاچىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەييارلىقنى قىلىڭ.1- ئىگە تەرەپتىن
Windows8 Beta ISO نى چۈشۈرۈڭ. ئۇرۇق، Ghost دەيدىغان نەرسىلەر سىزنى كۆزلىگەن
مەقسەتكە يەتكۈزمەسلىكى مۇمكىن.
2- ئىككى دانە 8G لىق بارلىق دىسكا ياكى
ياندىسكادا Win7,XP شۇنداقلا نىڭ ISO سىنى تەييارلاپ قويۇڭ.
8G لىق بارلىق
دىسكا ياكى ياندىسكا UltraISO دىن پايدىلىنىپ Win8 Beta نى ئويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەلبەتتە نۇر دىسكىدىن قاچىلاش، بارماق دىسكىدىن قاچىلاش مەشغۇلاتىنى تاللىسىڭىز
بولىدۇ. دىققەت :Win8 Beta نى قاچىلايدىغان دىسكا بوشلۇقى 16G دىن چوڭ بولۇشى
لازىم، قوش سىستېما قىلىشنى ھازىرچە ئويلاشماي تۇرۇڭ(بۇ ھەقتە تەجرىبە- ماتېرىيال
يىتەرلىك ئەمەس).
سىستېما قاچىلاشتا مەسىلىگە يولۇقمايمىز دېگىلى بولمايدۇ، شۇڭا
مەسىلە كۆرۈلسە Win7,XP نى قاچىلاشقا قولاي بولۇش ئۈچۈن Win7,XPنى قاچىلاشقا
يىتەرلىك تەييارلىق قىلىپ قويغان ياخشى. بارماق دىسكا ياكى نۇر دىسكىدىن بىرسىگە PE
سىستېمىسى تەييارلاپ قويۇڭ.
مۇمكىن بولسا ئىككى دانە كومپيۇتېر ياكى لەپتوپ
تەييارلاڭ.
بىرنى تورغا ئۇلاپ ئۇچۇر كۆرۈمىز يەنە بىرسىگە 8 نى قاچىلايمىز.
ئىگە تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا Windows8 Beta نىڭ ئۆزىدە ھەممە تىلنىڭ
ھۆججىتى بار بولغاچقا بۇنى قاچىلاش جەريانىدا تاللىغىلى بولىدۇ . بىز تەقەززا
بولىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھۆججىتى بارمۇ- يوق بۇنى قاچىلاپ كۆرگەندە بىلىمىز.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا Windows8 دا بىز دائىم ئىشلىتىدىغان QQ,迅雷 لارنىڭ
تېزلىكى تېخىمۇ تېز بولىدىكەن. يادىڭىزدا بولسۇنكى 8 نى قاچىلاپلا QQ، 迅雷 ، 360
دېگەندەك دائىم ئىشلىتىدىغان دىتاللارنى قاچىلىماڭ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا
Windows8 نى قاچىلاپ بولۇشقا 20 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقت كىتىدىكەن( يېڭىلاش ۋاقتىنى
ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) .
ئەمدى Windows 8 نى قاچىلاش ھەققىدىكى بۇ سىندەرسنى
كۆرۈڭ
مەنبە http://v.ku6.com/show/1A9Qh2z6KOQCnsW19iWVhg...html
windows8
نى مەۋھۇم كومپيۇتېردىن قاچىلاش
مەنبە http://v.youku.com/v_show/id_XMzQ1MzQyNTg4.html
تەقلىدىي
قاتتىق دىسكىدىن قاچىلاش
مەنبە http://v.youku.com/v_show/id_XMzM0MjAyODM2.html
رەسىملىك Windows8安装全程图赏 兼Win8安装教程
سىندەرسنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز سەينادىن flv دەپ ئىزدەڭ.
14- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كومپيۇتېرنى نازارەت قىلىشقا QQ يېتەرلىك تۇرۇقلۇق، ئاددىي بىر كىرگۈزگۈچمۇ توختىماي تور ئۇلىنىشى تەلەپ قىلسا، ئاستىلىتىۋەتسە، كومپيۇتېر زادى مېنىڭمۇ ياكى خەقنىڭمۇ؟!
@goodluck ئاغزىمنى ئېچىۋەتتى-دە، توغرا چۈشىنىڭلار..
搜狗 مۇ نازارەت قىلامدىكەن تېخى؟ شەرەپسىزنى قارا
