@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2012-2-10 23:03:43

خوتەن قوزغىلىڭى ھەققىدە ئەسلىمە

خوتەن قوزغىلىڭى ھەققىدە ئەسلىمە



دوكتور مۇھەممەت ياقۇپ بۇغرا



كىرىش سۆز



ئۆتكەن يىل ۋەتەننى زىيارەت قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقتىمدا« شىنجاڭ تارىخىي ماتىرىياللىرى» نى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم ۋە ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ۋەتىنىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كۆپلەپ پايدىلنىش ماتىرىياللىرى نەشىر قىلىنىپتۇ. بۇ، شىنجاڭ تارىخىدا چوڭ بىر ياخشى ئىش. ئاپتورلار ھادىسىلەرنى ھازىرقى جەمئىيەت ۋە مەھەللىۋى مەيداندا تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ۋەقەلەردىكى ئەسلى ماھىيەت ئەكىس ئىتىپ تۇرىدۇ.


بۇ ماقالىلەرنى كۆرۈش جەريانىدا شۇ چاغلاردا خوتەندە بۇلۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ۋە ياكى دارىتىپ ئۆتۈپ كېتىلگەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ۋەھالەنكى بۇ ھادىسىلەر، يەنى بەزەنلەرنىڭ «ئىسلامچىلار- چوماقچىلار» ھەرىكىتى دەپ كۆرسەتكەن خوتەن قوزغىلىڭى بولسا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭلارغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھازىر «دېھقانلار ئىنقىلابى» دەپ تەبىر بېرىلىۋاتقان قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىر پارچىسى ئىدى.


يەنە مەن شىنجاڭ گېزىتىگە بېسىلغان مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئۇمۇمى يېغىنىنىڭ مىللەتلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى  كۈرۈپ قالدىم. بۇنىڭدا بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىش ھەتتا چەتئەللەردىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىمۇ يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە بۇلىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇڭا مەن بۇ قاراردىن جۈرئەتلىنىپ بۇ مەسىلىنى يېزىپ چىقتىم.


كېلىپ چىقىشىم خوتەن قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسىي رەھبىرى بولغان مەمتىمىن ھەزرىتىم(تۆۋەندە- م. ئى. بۇغرا دەپ يازىمەن) ئائىلىسىدىن بۇلۇپ، دادام بۇ ھادىسىلەردىن چەتنەپ قالالمىغان، ئاناممۇ بۇنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىغان. خوتەن قوزغىلىڭىنىڭ پۈتۈن جەريانى ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىغا داستان قىلىپ سۆزلەپ بىرىدىغان بىر ئەنئەنىگە ئايلىنىپ قالغان. مېنىڭ بۇ ئەسلىمىلىرىم ئائىلەمدىن ئاڭلىغانلىرىم، چەتئەلدىكى ھاياتىمدا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىن ئۈگەنگەنلىرىمدىن ئىبارەت. تارىخ تەتقىقات ماتىرىياللرىغا كىرگۈزۈشكە بولامدۇ- يوق، كۈرۈپ بېقىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.



ھۆرمەت بىلەن:


دوكتۇر مۇھەممەت ياقۇپ بۇغرا


1984- يىلى، ئەنقەرە- تۈركىيە.



ئومۇمى ۋەزىيەت


ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، خوتەن تەكلىماكان چۆلىنىڭ ئەڭ چەت ياقىسىغا جايلاشقان بىر جاي. خەلق شۇ چاغلاردا زاماننىڭ ئەڭ قالاق قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش ۋاستىلىرىدىنمۇ مەھرۇم بۇلۇپ، مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش دېگەنلەردىن خەۋەرسىز ئىدى. مىللى تەڭسىزلىك ئەۋجىگە چىققان بۇلۇپ، خەنزۇ ھۆكۈمران سىنىپى يەرلىك خەلقنى دەھشەتلىك زۇلۇم بىلەن ئىدارە قىلىشتىن تاشقىرى ئۇلارنى نادان قالدۇرۇپ يېڭىلىقتىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ ئۇنى ھامان ئۇجۇقتۇرغان، ئىجتىمائى ھاياتتا قالاقلىق ۋە خۇراپاتلىق ھۆكۈم سۈرگەن، يۇقۇرى تەبىقىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ قول- چومىقى بولغان، بەگ، چوڭ يەر ئىگىلىرى ۋە دىننى مۇتەئەسسىپ ئىمتىيازلىق كىشىلەر خەلقنى ئېزىشكە ئۈزىنىڭ خوجايىنلىرىدىن كېيىن قالمىغان، ھەر بىر ئامبال ئۆز ئالدىغا بىر ھۆكۈمەت بۇلىۋالغانىدى.


خوتەن ھىندىستان ۋە ئافغانىستانغا يېقىن بۇلۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى بۇ رايونغا سودا تىجارەت ۋاستىسى بىلەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى يۈز بىرىۋاتقان يېڭىلىقلاردىن خەۋەر (گېزىت ژورنال) تېپىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ بىر قىسىم كىشىلەردە خەلقنى مائارىپ جەھەتتىن ئاقارتىش تەشەببۇسلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ كىشىلەر ئۇمۇمەن ياش مۇدەرىسلەر ۋە تالىپلار، يەنى دىننى مەكتەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. چۈنكى خەلق ئىچىدىكى ساۋاتلىقلارمۇ شۇلار ئىدى. مەدەنىي ئاقارتىش ئۇرۇنلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ يوقلىقىدىن خەلقنىڭ ئىلىم- بىلىم ئېلىش مەركىزى بۇ دىننى مەدرىسلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. ھۆكۈمرانلار باشقۇرۇشىدىكى شۆتاڭ مەكتەپلەر بولسا پەقەت ھۆكۈمرانلارغا سادىق بەگ- لاۋيى يېتىشتۈرۈش كۇرۇسلىرىدىن ئىبارەت ئىدى، خەلق بۇنىڭدىن بەك نەپرەتلىنەتتى.


جاھالەت ئىچىدىكى مەھكۇم خەلق مۇستەبىت زالىم خەنزۇ ھۆكۈمرانلارنى خەنزۇ مىللىتىنىڭ ۋەكىلى دەپ چۈشەنگەن. ئۇلار كۆرگەن ۋە بىلگەن خەنزۇلار ئەنە شۇ زالىملار ئىدى. مەسىلەن، خوتەنگە خەنزۇلار سېپىل ئالدىدىكى بىر قانچە ئائىلە گۆرۈكەش، جازانىخور تىجارەتچى خەنزۇ ۋە ئاندا- ساندا سېپىل ئىچىدىن تاشقىرىغا چىقىپ خەلققە بالايى ئاپەت ياغدۇرۇلغان چىرىكلەردىن ئىبارەت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئىچىدە ئۇمۇمەن خەنزۇلارغا قارشى بىر ئۆچمەنلىك ئەۋج ئالماقتا ئىدى. بىچارە خەلق جۇڭگودا ئۈزىگە ئوخشاش بۇ ھۈكۈمران سىنىپ قولىدا ئىزىلىۋاتقان مىليونلىغان خەنزۇ خەلقىنىڭ بارلىقىنى نەدىن بىلسۇن!


ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان ئالۋاڭ- سېلىقلار خەلق نۇپۇسىنىڭ يۈزدە توقساننى تەشكىل قىلغان ئاجىز ۋە ئوتتۇراھال دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى چىدىغۇسىز ھالغا كەلتۈردى. ھۆكۈمرانلار بىر قات ئالۋاڭ قويسا ئۇلارنىڭ قول چۇماقلىرى بۇنى ئون قات قىلىپ خەلقتىن ئالاتتى، بۇنى «خاننىڭ ئەمىرى»، «خاننىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچۈن» دەپ كۆرسىتەتتى، خەنزۇلارغا ئالۋاڭ- سېلىق يوق ئىدى. يەرلىك خەلققە ئادالەتسىزلىك كۆزى بىلەن مۇئامىلە قىلىناتتى. مانا بۇ ئەھۋال مۇتلەق كۆپچىلىك خەلق ئىچىدە خەنزۇ مىللىتىگە بولغان ئۆچمەنلىك ھېسىياتىنى ياراتقانىدى.


يۇقۇرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمدەك بىر قىسىم ياش تالىپ ۋە مۇددەرىسلەردە يېڭىچە بىلىمگە ئىنتىلىشلەر باشلاندى. بۇ ئىش بۇلۇپمۇ ھەج قىلىش ئۈچۈن ئەرەب ئەللىرىگە بېرىپ كەلگەنلەردە ئەكىس ئەتمەكچى ئىدى. ئۇ زامانلاردا ھەجگە بارىدىغان يول روسىيە- تۈركىيە يولى بۇلۇپ كەلگەن. قەشقەردە 1913- يىللاردا ئابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدا «مەتلەئۇل ھىدايەت» ناملىق بىر تەشكىلات قۇرۇلدى. بۇنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى زامانىۋى مائارىپنى قانات يايدۇرۇش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر، خوتەن، كۇچا ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا مەكتەپلەر قۇرۇلدى. بۇ مەكتەپلەر شەھەردىكى بىر قىسىم باي- سودىگەر ۋە قۇشۇمچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان يەر ئىگىلىرىنىڭ ياردىمىگە يۈلەنگەن. ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئاساسەن شۇلارنىڭ بالىلىرى ئىدى. دەرسلەردىن تىل- ئەدەبىيات، ماتىماتىكا ۋە شېئىر ئاساس قىلىناتتى. بۇ مەكتەپلەرگە تۈركىيىدىن خۇسۇسى مۇئەللىملەر كەلتۈرۈلگەن. ئەھمەت كامال ۋە ئىسمايىل ھەقىقى ئىسىملىك مۇئەللىملەر شۇ چاغدا مەكتەپلەردىكى بالىلارنى ئوقۇتۇپلا قالماي ئىشتىن سىرتقى تەربىيە شەكلى بىلەن چوڭلارنىمۇ تەربىيلەشنى ئېلىپ بارغان. خەلقنى ئاقارتىش جەھەتتە ئاق- قارىنى پەرىق ئېتىش جەھەتتە بۇ، چوڭ رول ئوينىدى. بۇلۇپمۇ خوتەن، قەشقەر ۋە غولجا قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ دەرىجىدە بولسىمۇ بىر زىيالىيلار تەبىقىسى يوقتىن بارلىققا كەلدى. خوتەندە م. ئى. بۇغرا ۋە دادام ئابدىكىرىم ھاجى بۇلاردىن ئىدى. خوتەندە بۇ مەكتەپ ئالتۇن مەدرىسە ئىچىدە (ھازىرقى سىياسى كېڭەشنىڭ سىياسى مەكتەپ ئورنىدا) پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بۇ خىل يېڭىلىق ھەركەتلىرى دەسلەپتە ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلمىغان. چۈنكى ئۇ دەۋىردە گېلاۋخۇي بىلەن ئاۋارە ئىدى. كىيىنچە بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تۈركچە ئاھاڭىدىكى مارېشېلارنى ئوقۇش، ئەركىنلىك، باراۋەرلىكتىن سۆز قىلىدىغانلار كۈپىيىشكە باشلىدى. بۇ چاغدا يەرلىك مۇتەئەسسىپلەر بۇلۇپمۇ ھۆكۈمران سىنىپقا يۆلىنىپ جان باقىدىغان باي سودىگەرلەر ئۆز خۇجايىنلىرىغا بۇ ئەھۋالنى بىر ئىسيان ھازىرلىقى دەپ مەلۇمات بىرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل مەكتەپلەر ۋە تەشكىلاتلار پاچاقلىنىپ تاشلاندى. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەجبۇرى شۆتاڭ مەكتەپلەرگە ئېلىندى. مۇئەللىملەر چېگرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلدى. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.


بۇ باستۇرۇش خەلقنى ئەبەدىي نادانلىق ۋە جاھىللىقتا قالدۇرۇپ ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت خام خىيال ئىدى. ئەكسىچە ئويغىنىشقا باشلىغان خەلق ئىچىدە ھۆكۈمرانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك تېخىمۇ ئۇلغايدى. جۈملىدىن خوتەندە بىر قىسىم مۇددەرىسلەر ۋە تالىپلار«قۇتۇلۇش يولى، قوراللىق ئىنقىلاب قىلىپ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش» دېگەن ئىدىيىنى تارقاتماقتا ئىدى.


بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى م. ئى بۇغرا كۆرۈنۈشتە چۆچەكتىكى مۇراد ئەپەندىدىن دىننى دەرس ئېلىش ۋە ئالىي سەنەد (دىپلۇم) ھاسىل قىلىش بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلىنىپ ئەھۋال تىڭتىڭلاش ئۈچۈن 1930- يىلى يولغا چىقىپ كۇچا، كورلا، قارا شەھەر، تۇرپان، ئۈرۈمچى، چۆچەك، ئىلى ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئالتە ئاي ساياھەت قىلىپ كەلدى. سەپەر خۇلاسىسى:


1) تىنچ يول بىلەن ھاكىميەتنى ئاغدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. پۈتۈن شىنجاڭ خارەكتىرلىك قوراللىق ئىسياندىن باشقا چارە يوق، بۇنىڭ ئۈچۈن رايون خارەكتىرلىك بىر ھەربىي يۇشۇرۇن تەشكىلات بۇلۇش لازىم. بىر تەشكىلات قۇرۇشنى ئېغىزدا قوللايدىغانلار خېلى كۆپ بولسىمۇ ئەمەلىي ھەركەتكە قاتنىشىدىغانلار ئانچە يوق ئىدى (غولجىدا ساۋۇت داموللام بىلەن پىكىر بىرلىكى قىلىنغان بولسىمۇ قەتئى بىر قارارغا كەلمىگەن ئىدى).


2) قوزغىلاڭنىڭ باشلىنىش ئورنى خوتەن بۇلۇشى لازىم. چۈنكى جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە خەلقنىڭ روھى ھالىتى بۇنىڭغا ئۇيغۇن.


3) قوراللىنىش ئۈچۈن قورالنى دۈشمەندىن تارتىپ ئېلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن دۈشمەن كۈچىنى پارچىلاپ ئاجىزلاشتۇرىدىغان ھەر يەردە ئىسيان چىقىش پۇرسىتىنى كۈتۈش، مۇۋاپىق بىر زاماندا يەنە بىر قېتىم رازۋېتكىغا چىقىش لازىم، دېگەن تۇنۇشقا كەلدى. م. ئى بۇغرا بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1931- يىلى 6- ئايدا قاراقاشتا بىر يۇشۇرۇن تەشكىلات قۇردى. تەشكىلاتنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئەزالىرى م. ئى. بۇغرا، نىياز ئاخۇنۇم ۋە تۇسۇممەت ئاخۇنلار ئىدى. بۇ تەشكىلات ئەزا توپلاش ۋە مەخپى رەۋىشتە ئەھۋال ئىگىلەش بىلەن باسقۇچلۇق ھالدا راۋاجلىنىدۇ. تەشكىلات قوزغىلاڭنىڭ ھازىرلىقى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇمۇمى ۋەزىيەت، قارشى تەرەپنىڭ ھەربىي ۋە باشقا ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش ئاساسىدا ھەركەت پىلانى تۈزىدۇ.


قۇمۇل قوزغىلىڭى شىنجاڭ ۋەزىيتىدە كۈتۈلگەن بىر ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلدى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاساسى كۈچى قۇمۇل تەرەپكە قارىتىلغان ئىدى. م. ئى. بۇغرا قوزغىلاڭنى خوتەن رايونىدىن باشلاپ پۈتۈن ئالتە شەھەرگە قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزىنىڭ ئۈستۈن دىنىي ئىلمى ۋە ئابرويىدىن پايدىلنىپ خەلق ئىچىدە كەڭ تۈردە دىننىي ۋەز نوقتىلار باشلاپ ئۈزىگە تەرەپدار توپلاپ، قوزغىلاڭ ئۈچۈن مەنىۋى كۈچ ھازىرلايدۇ. قاغىلىق، يەكەن ۋە قەشقەردىمۇ تەشكىلاتنى قۇرۇش مەقسىتى بىلەن كىچىك ئىنىسى نۇر ئەھمەت ۋە ئەزالاردىن قۇربان ئابدۇللانى ئەۋەتىدۇ، لېكىن ئۇلار، بۇ جايلاردا تەشكىلاتتىن سۆز ئېچىش ھازىرچە قۇلايسىزلىقىنى سىزىپ، قوزغىلاڭغا ئۈلگۈرۈپ خوتەنگە قايتىپ كېلىدۇ.


تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سانى 130 ئەتراپىغا يەكەنىدى، ئەمدى مەسىلە قورال ھازىرلاش ۋە قورال ئىشلىتىشنى ئۈگىنىش ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن قاراقاشنىڭ چەت يېزىلىرىدا، كۈرۈنۈشتە كەتمەن- سوقۇدىغان تۆمۈرچى دۇكىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا قېلىچ ۋە نەيزە سوقۇدىغان ئۇرۇن تەشكىللىدى. يەنە بىر گۇرۇپپا، م. ئى. بۇغرا باشچىلىقىدا خوتەننىڭ قاراڭغۇ تاغ ۋە ئۈژمە بازار غوجام ئەتراپلىرىدا يەرلىك ئوۋچى پالۋانلارنى يىغىپ مىلتىق ئېتىشنى ئۈگەندى ھەم بۇ مەرگەنلەردىن بىر قىسمى تەشكىلاتقا ئەزا بولدى. 1931- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى تەييارلىقلار ئاساسەن پۈتۈپ قالغانىدى. قوزغىلاڭنىڭ زامانى مەسىلىسىلا قالغانىدى.


ساۋۇت داموللام تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەب ۋە ھىندىستانلارنى ئايلىنىپ ئۇدۇل خوتەنگە كېلىدۇ ۋە خوتەندىكى تەشىكىلاتقا ئەزا بۇلۇپ كىرىدۇ. 1932- يىلى 1- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى قاراقاش ئويباغ مەدرىسىدە ئەزالاردىن غاپپار ھاجىمنىڭ ھۇجرىسىدا 130 كىشىلىك تەشكىلات ۋەكىللىرى يىغىن ئاچىدۇ. كۈن تەرتىپى: ساۋۇت داموللا ۋە قاراقاش مەمەت نىياز ئەلەم ئاخۇنۇملارنىڭ ئەزالىققا كىرىشىنى تەستىقلاش، قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرىنى سايلاش، قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغاندىن كىيىن قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت تەركىبىنى تايىن قىلىش ۋە ھەركەت كۈنىنى بەلگىلەشتىن ئىبارەت ئىدى. بىرىنچى ماددا بىر ئېغىزدىن ماقۇللىنىدۇ، قوزغىلاڭ رەھبەرلىكى ئۈچۈن مەمەت نىياز ئەلەم دۆلەت باشلىقلىقىغا، ساۋۇت داموللام باش مەسلىھەتچى ۋە دىننى ئىشلار مەسئۇللىقىغا، م. ئى. بۇغرا باش قۇماندانلىققا سايلىنىدۇ.


ساۋۇت داموللام ئۈزىنىڭ چەتئەللەردىكى ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: 1) بۈگۈنكى دۇنيا شارائىتى ئىنقىلابىمىزغا قوشنا ۋە باشقا چەت دۆلەتلەردىن ياردەم كۈتمەك مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پىكىرلەشتى. 2) ئىنقىلابنىڭ قوزغىلىش نوقتىسى خوتەندە بۇلۇشى لازىم (شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇدۇل خوتەنگە كەلدىم).


ساۋۇت داموللام رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن ۋەز ئېيتىپ، بۇلۇپمۇ جاھات توغرىسىدىكى تەلىماتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قوزغىلاڭ ئۈچۈن خەلق ئىچىدە ئۇمۇمى پىكىر ئېقىمى بەرپا قىلىپ، ماددى ۋە مەنىۋى كۈچلەرنىڭ توپلىنىشىغا چوڭ كۈچ چىقىرىدۇ.


يېتەرلىك ئادەم كۈچ ۋە باشقا كېرەكلىكلەر ھازىرلانغان بولسىمۇ، قورال يوق ھىسابتا ئىدى. زامانىۋى بەش ئاتار مىلتىقتىن تۆت- بەش دانە، پالۋانلارنىڭ ئوۋچى مىلتىقىدىن 20 گە قەدەر، نەيزە قېلىچ ۋە چوماقلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئادەملەر ھەيۋەتلىك كۆرۈنمەك ئۈچۈن ئۇزۇن چاچ قۇيۇپ، قىزىل سەللە، يېشىل تون كىيىۋالغانىدى. قوزغىلاڭ ۋاقتى 1933- يىل 2- ئاينىڭ 29- كۈنىگە قارار قىلىنىدۇ. لېكىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ يامۇلدىكى خەۋەرچىسى تۇردى بەگ كېلىپ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قوزغىلاڭدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، پالۋانلارنىڭ ھەممىسىنى يامۇلغا يىغىۋالغانلىقىنى ۋە قوشنا ۋىلايەتلەردىن قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش ۋە باشلىقلارنى جازالاش ئۈچۈن ئەسكەر چاقىرغانلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاستىدا پىلاننى ئۆزگەرتىپ دەرھال قوزغىلاڭ قىلىشقا قارا قىلىنىدۇ.



قاراقاش قوزغىلىڭى


ھەركەت پىلانى پاش بۇلۇپ قالغانلىقتىن ئەسلى پىلاندىن بەش كۈن ئىلگىرى، يەنى 1933- يىل 2- ئاينىڭ 24- كۈنى قاراقاشتا قوزغىلاڭ باشلىنىدۇ. خەۋەر قىلىپ ئۈلگۈرەلمىگەنلىكتىن يىغىلىش ئورنىغا (ئويباغ مەدرىسىگە) ئاران 68 كىشى كەلگەن بولسىمۇ، ساقلاپ تۇرماستىن كېچە سائەت بىردە يامۇلغا بېسىپ كېرىدۇ. يامۇلدا بىر قانچە ئون كۈن ئىلگىرى ئامبال تۇتىۋالغان پالۋانلار يامۇلنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇرۇش يېرىم سائەتچە داۋام قىلىدۇ. شەنجاڭ باشلىق بىر قانچە ئەمەلدارلار ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلاردىن 12 سى ئىلچىگە قاچتى. قالدىسى ئەسىرگە ئېلىندى. قوزغىلاڭچىلاردىن بىر كىشى ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن قارا قاش «پەتھى» بولدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەتراپ ۋە شەھەر خەلقىدىن 10 مىڭدەك ئادەم قولىغا نېمە چىقسا شۇنى كۆتۈرۈپ قوزغىلاڭچىلارغا قېتىلماق ئۈچۈن ئاللا- ئاللا دەپ توۋلاپ شەھەر ئىچىنى تولدۇرىدۇ. كېچە تاڭ ئاتقۇچە بۇلاردىن 1000 دەك كىشى زاۋىغا، گۇمىدىن كېلىدىغان ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ ئالدىنى توسۇشقا (م. ئى. بۇغرانىڭ چوڭ ئىنىسى ئابدۇللا مەخسۇم، ئىسمايىل داموللام ۋە غاپپار ھاجى قوماندانلىقىدا.) يوللاندى. بۇلار كېچىسى گۇمىدىن كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىمىز دەپ پىيالمىغا قاراپ ماڭىدۇ. لېكىن گۇمىدىن كەلگەن ئەسكەرلەر پىيالمىدا ياتماي چۆلدە قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا يۇشۇرۇنۇپ بەخىرامان كېلىۋاتقان قوزغىلاڭچىلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كۆپ چىقىمغا ئۇچرىتىدۇ. زاۋانىڭ تار بۇغۇز دېگەن يېرىگە قەدەر كەلگەن ئەسكەرلەرنى دىنىي ۋە مىللى شۇئارلار بىلەن ئۆزىنى ئۇنۇتقان قوزغىلاڭچىلار يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارغا قارىماي پالتا، كەتمەن، نەيزە ۋە چوماقلار بىلەن دۈشمەن ئۈستىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇلارنى تېرىپىرەن قىلىۋىتىدۇ. ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى گۇمىغا قاچىدۇ. بۇ سوقۇشتا قوزغىلاڭچىلاردىن 200 دەك كىشى ئۆلىدۇ. خوتەن شەھەر ئەتراپىغا يىغىلغان قوزغىلاڭچىلار قەشقەردىن كېلىدىغان ۋە سېپىلدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلمەي ھۇجۇمغا ئۆتمەي تۇرىدۇ.


قاراقاشتىكى قوزغىلاڭ خەۋرى خوتەنگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەتراپتىكى ناھىيىنىڭ ئامبال ۋە ئەسكەرلىرى خوتەن سېپىل ئىچىگە كىرىۋالىدۇ. قاراقاشلىقلارنى تۇتۇپ جادۇغا بېسىپ كېسىلگەن باشلىرىنى خوتەن شەھەر ئىچىدىكى تۆت دەرۋازىغا ئاسىدۇ ۋە قاراقاشلىقنى تۇتۇپ بەرگەنلەرنى مۇكاپاتلايمىز دەپ جاكارلايدۇ.


ئۈچ كۈن ئىچىدە ئوندىن ئارتۇق بىگۇناھ دېھقانلارنى ۋەھشىيلەرچە جادۇدا بېشىنى كېسىپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە قاراقاشلىق بولمىغان كىشىلەرمۇ بار ئىدى. قارامەت، تارى بەگ دېگەنگە ئوخشاش ھۆكۈمران سىنىپنىڭ يالاقچىلىرى ئۆزى بىلەن ئاداۋىتى ياكى ئۈچى بولغان خوتەنلىك كىشىلەردىن بىر قانچىسىنى قاراقاشلىق دەپ تۇتۇپ بەرگەن. خوتەن ئامبىلى خەلقنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قورقىتىپ تىنجتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئەكسىچە ھۆكۈمرانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك تېخىمۇ ئاشتى.


قوزغىلاڭچىلارغا قەشقەرنىڭ بۇ تەرپىدە قورققۇدەك ئەسكىرى قۇۋەتنىڭ يوقلىقى مەلۇم بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خوتەنگە ھۇجۇم قىلىشقا قارار قىلىندى. مۇئاپىق پەيتتە خوتەن كونا شەھەرگە ھۇجۇم قىلغان ئابدۇللا مەخسۇم قۇماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار ئۈچ سائەتلىك سۇقۇشتىن كېيىن شەھەرنى قولغا چۈشىرىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ قۇماندانى ئۆلىدۇ. ئىككى دانە توك ۋە نۇرغۇن ياراق غەنىيمەت ئېلىنىدۇ. قاچقان قىسىم يېڭىشەھەر سېپىلىغا كىرىپ مۇھاسىرە ئىچىدە قالىدۇ. ئون نەچچە كۈنلۈك مۇھاسىرىدىن كېيىن سېپىلدىكىلەر تەسلىم بۇلۇشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تەنتەن ۋەكىللىرى سېپىل ئىچىگە كىرىپ كىلىشىمگە ئىمزا قۇيۇلغاندىن كېيىن دۈشمەنلەر تەسلىم بولىدۇ (بۇ ۋەكىللەر ئىچىدە داداممۇ بار) شۇ چاغدىكى تەسلىم بۇلۇش شەرتلىرى: «ھۆكۈمەتكە ئائىت خەزىنە، قورال، ئات- ئۇلاغ ۋە جابدۇقلارنى قويماي تاپشۇرۇش، خالىغان كىشى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولسا ئۆز كىشىلىرىمىز قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ، تەسلىم بولغانلارنىڭ ھاياتىغا دەخلى قىلىنمايدۇ، شەخسى مال- مۈلۈك ئۈزىگە قالىدۇ» دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ شەرتلەر بويىچە سېپىل بوشىتىلدى. تەسلىم بولغانلار ئەركىن بولدى. غەنىيمەت ئېلىنغان قورال بىلەن قوزغىلاڭچىلار قۇراللاندى. بىر قىسىم تەشكىلى ئاپپاراتلار قۇرۇلۇپ يېرىم مۇنتىزىم ھالەتتىكى 10 مىڭدەك بىر قۇشۇن تەشكىل قىلىندى.


قوزغىلاڭ خەۋرى قەشقەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ماشاۋۋۇ شۇ دەۋىردىكى قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق ۋە گۇمىدا تۇرۇشلۇق تۇلۇق قوراللانغان ئەسكەرلىرىدىن بىر جازا قۇشۇنىنى تەشكىللەپ خوتەنگە ئەۋەتىدۇ. زاۋادا بۇنداق ئېھتىمالغا قارشى مۇداپىئەدە تۇرغان قوزغىلاڭچىلارغا خوتەندىن سۇبىتىللا مەۋلىۋى قوماندانلىقىدا 2000 كىشىلىك بىر قەدەر خىل قوراللانغان قۇشۇن ياردەمگە كېلىدۇ. بۇ جازا قوشۇنى كېچىسى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، شىددەتلىك سوقۇش ئالتە سائەت داۋام قىلىدۇ. «ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى» شۇئارى بىلەن ئۈزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىگە سەلدەك بېسىپ كېلىۋاتقان خەلقنى كۆرۈپ ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى قاچىدۇ، ئاتلىقلار قوغلاپ ئاق لەڭگەرگە قەدەر بېرىپ ئاندىن ئۆز جايىغا قايتىپ كېلىدۇ. دىمەك، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى قەشقەردىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئەڭ كۈچلۈك دۈشمەننى تار- مار قىلىپ، مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈش ۋەزىيتىگە ئىگە بولىدۇ.



گۇما قەتلىئامى


1933- يىل 3- ئاينىڭ 26- كۈنى كېچىسى گۇمىدا خەلق ئىچىدە «قۇمراۋات سۇقۇشىدا يەندوتەي باشچىلىقىدىكى ئەسكەرلەر خوتەنلىكلەر تەرىپىدىن تامامەن يوقىتىلىپتۇ، بىرسىمۇ ساق قالماپتۇ» دېگەن گەپ تارقىلىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەتراپ ۋە يېزىدىكى خەلقلەر ئابدۇلھېكىم ھاجىم ۋە ئاتاۋۇللا خانلارنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ بىر كىچىدىلا شەھەرنى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئىككىنچى كۈنى بۇ خەۋەر يالغان چىقىدۇ. قۇمراۋاتتىكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ پەرىشان ھالغا چۈشۈپ گۇمىغا قېچىپ كەلگەن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى شەھەردە دەھشەتلىك قەتلىئام يۈرگۈزىدۇ. غالجىرلاشقان ئەسكەرلەر ئالدىغا ئۇچرىغاننى ياش- قېرى، چوڭ- كىچىك دىمەستىن ھەممىنى ئۆلتۈرۈپ، بۇلاپ- تالاپ ۋە ئوت قۇيۇپ ماڭىدۇ. ئالدىن خەۋەر ئالالىغانلار شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ قەتلىئامدا 450 بىگۇناھ خەلق ئۆلتۈرۈلگەن ۋە نۇرغۇن ساراي-دەڭلەر، مەدرىسلەر ۋەيران قىلىنغان.


بۇ ئارادا قەشقەردىن ياردەم ئۈچۈن يولغا چىققان خەنزۇ، قىرغىز ئارلاش بىرلەڭزە ئەسكەر قاغىلىققا كېلىدۇ، بۇلار بىر توكچى باتارىيە قىسىم بىلەن قاغىلىقتا بىر كۈن تۇرۇپ يولغا چىقىدۇ. ئەتىسى قاغىلىق خەلقى خوتەنلىكلەرنىڭ قۇمراۋاتتىكى غەلبىسىنى ئاڭلاپ ئەبەيدۇللا ئەلەم ۋە ئاتاۋۇللا ئىشاننىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ شەھەرنى قولغا چۈشۈرىدۇ. بىر كۈن ئىلگىرى خوتەنگە قاراپ ماڭغان ھۆكۈمەت قىسىملرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بەشئېرىق سۇقۇشىدا تامامەن يۇقۇتىدۇ. گۇمىدىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قورقۇپ، چوڭ يولنى تاشلاپ ياقۇپ ئامبالنىڭ يول باشلىشى بىلەن تاغ يولى ئارقىلىق يەكەنگە قاراپ قاچىدۇ. يول ئۈستىدە قوزغالغان دېھقانلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ئاران يەكەن يېڭىشەھەر سېپىلىغا كىرىۋالىدۇ.


گۇما قەتلىئامى خەۋىرى خوتەنگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن م. ئى. بۇغرانىڭ كىچىك ئىنىسى نۇر ئەھمەد ۋە سۇبىستۇللا مەۋلىۋىي قۇماندانلىقى ئاستىدا 2000 كىشىلىك بىر قوشۇن گۇما- قاغىلىققا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇلار قاغىلىققا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى يەكەن يېڭىشەھەرگە كىرىۋالغان ۋە قەشقەردىن خېلى كۈچ ياردەمگە كېلىپ يەكەندىكى قارشى تەرەپنىڭ خېلى مۇھىم كۈچى توپلىنىپ قالغانىدى.



ھۆكۈمەتى ئىسلامىيە خوتەن


بۇ ۋاقىتقا قەدەر، قاراقاشتا بولغان قوزغىلاڭچىلار مەركىزى 1933- يىل 4- ئاينىڭ 5- كۈنى خوتەنگە يۆتكىلىپ كەلدى. مەھەممەتنىياز ئەلەم باشلىق قوزغىلاڭچىلار يىتەكچىلىرى داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئەلەم باشچىلىقىدىكى «ھۆكۈمەتى ئىسلامىيە خوتەن» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2- ئايدا قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەركىبى ئۆزگەرتىلمىدى. مىلىك (دۆلەت باشلىقى) ئۇنۋان پەرمانى جاكارلاپ م. ئى. بۇغراغا ئىمىر ھەزرەت ۋە ئىككى ئىنىسى باشلىق بىر قانچە كىشىگە «ئىمىر» (قۇماندان) دېگەن ئۇنۋانلار بېرىلدى. كېيىنچە بۇلار خەلق ئىچىدە شامەنسۇر (ئابدۇللا) ۋە ئىمىر ساھىب (نۇر ئەھمەد) دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇر بولدى. خوتەننىڭ باشقا ناھىيىسىدىكى خەلقلەر ئۆز مۆتىۋەر كىشىلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلىپ، ئۆز يەرلىرىگە ھاكىم بولغانىدى. خوتەن ئۇ تەرەپلەرگە ئەسكىرى كۈچ يوللىمىدى. چۈنكى ئۇ يەردىكى مۇھىم ئەسكىرى كۈچ ۋە ئامباللىرى قېچىپ خوتەن سېپىلى ئىچىگە كىرىۋالغانىدى. 6- ئاينىڭ 17- كۈنى يەكەن قولغا چۈشكەندىن كېيىن، چاقىلىقتىن تارتىپ يەكەن دەرياسىنىڭ يېڭىسار ياقىسىغا قەدەر بولغان رايون خوتەنلىكلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن خوتەن ھۆكۈمىتى ئۈزىنى ئەسكەر ۋە باشقا جەھەتلەردە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بەزىبىر تەدبىرلەرنى ئېلىپ باردى. قوزغىلاڭ ئەرپىسىدە ھۆكۈمرانلارغا يام بېسىپ بىگۇناھ خەلققە زىيانكەشلىك قىلغان مۇناپىقلارنى جازالىدى. بۇنىڭدا بىرىنچى بۇلۇپ باۋۇدۇن بەگنى شامەنسۇر ئۆز قۇلى بىلەن چاپتى، باۋۇدۇن بەگ دۈشمەن تەسلىم بۇلايلى دېگەندە بۇلارنى توسۇپ «بۇ بىر نەچچە نەپەر موللىلارنىڭ ئىشى، خەلق بىرقانچە كۈندىن كېيىن زىرىكىپ قايتىپ كېتىدۇ» دېگەن. يەنە خەلقلەر تاشقىرىدا ئاللا- ئاللا دەپ توۋلىسا، «بۇلار نېمە دەپ توۋلايدۇ» دەپ سورىغاندا باۋۇدۇن بەگ «نان- نان دەيدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا «قاراقاشلىق» دەپ نۇرغۇن دېھقانلارنى تۇتۇپ بەرگەن. روزىسوپى قاتارلىق ئون بىر كىشىنى يارباغ (ھازىرقى سوچاڭ) غا ئېلىپ چىقىپ چوماقلاپ ئۆلتۈرگەن. مەمۇرىي جەھەتتە پۈتۈن ناھىيىلەردىكى ئەلەم (شۇ يەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن دىنىي ئىمتىيازلىق ئادىمى) ۋالىيى بۇلۇپ تەيىنلەنگەن ۋە پۈتۈن ئىدارە قىلىش قانۇنلىرى ئىسلامنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. مەسىلەن، باج تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا يېزىلاردا ئۆشىرە (مەھسۇلاتنىڭ ئوندىن بىرى ھۆكۈمەتكە)، شەھەرلەردە بولسا زاكات (بايلارنىڭ ماللىرىدىن قىرىقتىن بىرىنى ھۆكۈمەتكە) بىرىشنى يولغا قويغان. ئوغرىلىق قىلغاننىڭ قولىنى كىسىش، زىنا قىلغانلارنى ئىشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ سازايى قىلدۇرۇش، ئاياللارنى يۈزىنى يۆگەشكە مەجبۇر قىلىش ۋە يۈزى ئۇچۇق بازارغا چىققانلارنى كۆشۈككە سېلىپ بازارنىڭ كىرىش قىسمىغا ئېگىز دەرەخكە ئېسىپ قۇيۇشلار ئېلىپ بېرىلغان. بىر خەنزۇ ئەمەلدارنىڭ تەسلىم بۇلۇش شەرتىگە خىلاپلىق قىلىپ قورال يۇشۇرىۋالغانلىقى مەلۇم بۇلۇپ قالىدۇ. ئۆيىنى ئاقتۇرغاندا بىر دانە تاپانچىدىن باشقا كېيىم- كىچەكلىرى ئارىسىغا يۇشۇرۇپ قويغان بىر قانچە نوكچا ئالتۇن چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەنزۇلار كىلىشىمگە خىيانەت قىلدى دەپ پۈتۈن خەنزۇلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، نەرسە- كېرەكلىرى بىر- بىردىن ئاقتۇرىلىدۇ. نەتىجىدە خەنزۇلارنىڭ ھەممىسىدىن يۇشۇرۇپ قويغان نۇرغۇن مىقداردىكى ئالتۇن چىقىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە خەنزۇ ئەمەلدارلار ئۆز- ئارا بۆلىشىۋالغان خەزىنىدىكى ئالتۇن، كۆمۈش ۋە قىممەت باھالىق نەرسىلەر مۇسادىرە قىلىنىپ دوتەيدىن باشقىلىرى قۇيۇپ بىرىلىدۇ. مۇسادىرە ھەيئىتىنىڭ نازارەتچىسى بولغان غاپپار ھاجىمنىڭ ئېيتىپ بىرىشىگە قارىغاندا، يىغىۋېلىنغان ئالتۇننىڭ مىقدارى 10 مىڭ سەر ئەتراپىدا. بۇ خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ۋەزىيىتىنىڭ نىسبەتەن كۈچلىنىشىگە پايدىسى بۇلۇپلا قالماستىن، خوجىنىياز ھاجىغىمۇ ئىككى قېتىمدا 1000 سەرلەپ ئالتۇن ياردەم قىلىشىغا سەۋەب بولغان ھەمدە ئەسكەرلەرگە مۇنتىزىم مائاش بەلگىلىگەن. بۇ باشقا يەردىكى ئەسكىرى كىشىلەرنىڭ خوتەن قىسمىغا ئېقىشىغىمۇ سەۋەب بولغان. خەلقتىن ئالۋاڭ سېلىق يىغىش ئىشلىرى باشقا «ھۆكۈمەت» لەرگە قارىغاندا يوق ھىسابتا ئىدى.


ئەسكەرلەر تەركىبى ئاساسەن ھېچ بىر ئەسكىرى تەلىم- تەربىيە كۆرمىگەن ساددا دېھقانلاردىن ئىبارەت ئىدى، «ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى» دېگەن شۇئارغا جان دېلى بىلەن ئىشەنگەن كىشىلەر بۇلۇپ ئۇمۇمى جەھەتتە باش- باشتاقلىق يوق ئىدى. بۇلاڭ- تالاڭ ۋە ئاياللارنى دەپسەندە قىلىشقا قەتئى يول قۇيۇلمايتتى. ئەسكەرنىڭ ئاساسى تېما شەكلى يوق، ھەرخىل- ھەر رەڭدە ئۆزى خالىغان، ئۇمۇمەن بېشىغا قىزىل دوپپا ۋە ياكى قىزىل سەللە يۆگىۋالغان، بايرىقى بولسا دەسلەپ قوزغىلاڭ ئەسناسىدا ئاق بايراق ئوتتۇرىسىغا قۇرئاننىڭ «ياردەم ئاللا تەرىپىدىن ۋە غەلىبە پات يېقىندا بولىدۇ» دېگەن ئايەت يېزىلغانىدى. رەسمى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن قۇربان ھاجىم قايماق دېگەن سودىگەر كىشى تۈركىيىدىن ئالغاچ كەلگەن ئاي يۇلتۇزلۇق ئۈستىگە يۇقۇرىقى ئايەتلەر پۈتۈلگەن ھاۋا رەڭ بىر بايراقنى كۈتۈرگەن. ئەسكەرلەرنىڭ تەلىم- تەربىيە ئىشلىرىغا ئۆز زامانىسىدا قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇغان مەھەممەت خان دېگەن كىشى مەسئۇل بولغان. تۈرك ئۇسۇلى (شۇ چاغلاردا ئىستامبۇلچى دەپ ئاتالغان) بىلەن تەربىيلەنگەن بۇ ئەسكەرلەردە يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك بەلگىلىك  بىر كىيىم شەكلى يوق ئىدى. كۆپىنچە بېشىغا قىزىل، يېشىل سەللە ئورىۋالغان، ئۇزۇن چاچ قۇيۇۋالغان قىياپەت بىلەن يۈرەتتى.


قوراللىنىشتا ئاساسەن ئۆز كۈچىگە تايانغان. چۈنكى، بىرىنچى قېتىم ئافغانىستانغا يەكەندىن 12 ئات سوۋغا- سالام ۋە كۆپ مىقداردا ئالتۇن ئېلىپ بېرىپ سېتىۋېلىنغان 2000 دانە مىلتىق فامىر تاغلىرىدىكى قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. خوجىنىياز ھاجىم ئەركەشتامغا روسلاردىن قورال ئالغىلى بارىمەن، ياردەم قىلىڭلار دېگەندە- 2000 سەر ئالتۇن ئىمىر ئابدۇللا ئارقىلىق يوللىغان بولسىمۇ كېيىنچە ھاجىم بىلەن ئوتتۇرىدا تۇغۇلغان ئىختىلاپ تۈپەيلى بۇ قوراللارغىمۇ ئىگە بولالمىغان.


خوتەن رايونىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادى مەھسۇلاتى بولغان پىلىچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يەكەندىن سوپى بەگ ھاجى ۋە غاپپار ھاجى باشچىلىقىدا بىر ھەيئەت قەشقەرگە بېرىپ، روس كونسۇلخانىسىغا 3000 سەر ئالتۇن زاكالەت قۇيۇش شەرتى ئاستىدا توختام تۈزۈم پىلە ئۇرۇقىنى ئېلىپ كىلىپ دېھقانلارغا تارقاتقان، لېكىن مەھسۇلاتنى ماخۇسەن ئالغان. خوتەن رايونىدىكى پۈتۈن ئالتۇن كانلىرىنى ھۆكۈمەت ئۆتكۈزىۋالغان. ئاق خەسىدە پۇل بېسىپ تارقاتقان.



يەكەنگە يۈرۈش


گۇما قەتلىئامنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن يەن دوتەينىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن نۇر ئەھمەد قوماندانلىقىدىكى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى پوسكامغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا پوسكام خەلقىمۇ قوزغىلىپ شەھەرنى قولغا چۈشۈرگەنىدى. سۇبىتۇللا مەلىۋى 2000 كىشىلىك بىر قۇشۇن بىلەن يەكەن كونىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. شىددەتلىك سوقۇش باشلىنىپ، خوتەن ئەسكەرلەر قوماندانى سۇبىتۇللا مەۋلىۋى ئۆلىدۇ. قومانداننىڭ «شېھىت» بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئەسكەرلەر غەزەپ بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ غەلىبە قىلىدۇ. قارشى تەرەپ قېچىپ يېڭىشەھەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالىدۇ. قاغىلىقتا قالغان نۇر ئەھمەد ئۆز قىسىملىرى بىلەن يەكەنگە كېلىپ سېپىلنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. يەكەن سېپىلى خېلى مۇستەھكەم بۇلۇپ خوتەنلىكلەردىن مەغلۇپ بولۇپ قاچقان ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ قالدۇقلىرى سېپىل ئىچىگە جايلىشىۋالغانىدى. بۇ ئەھۋال ئاسىتدا ئىمىر ئابدۇللا يەكەن قوماندانى قىلىپ تەيىنلىنىپ بىر قانچە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن يەكەنگە يېتىپ كېلىدۇ.


بۇ ئارىدا، بۇلاڭچىلىق ۋە ئولجىغا كۆنۈپ قالغان ماجۇڭيىڭنىڭ قەشقەردىكى گۇماشتىسى ماجەنساڭ قىسمىدىن مارۇلۇڭ 100 دەك ئەسكىرى بىلەن «سىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق» دەپ خوتەن ئىمىرلارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. بۇلاردىن گۇمانلانغان ئابدۇللا كۆرۈنۈشتە مېھمان قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئىچكى جەھەتتىن بۇلارنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئىمىر ئابدۇللا تۆمۈر سىجاڭنىڭ غەلبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ قەشقەرگە بىر ھەيئەت ئەۋەتكەنىدى. تۆمۈر سىجاڭمۇ يەكەنگە ھاپىز لۈيجاڭ باشلىق 600 دەك ياردەم قوشۇنى ئەۋەتكەنىدى. بۇ مۇناسىۋەت ۋە ئالاقە خوتەندىن يوليۇرۇقسىز ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم.


يەكەن مۇھاسىرىسى ئۇزۇن سوزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن خوتەن ھۆكۈمىتى ئىككى ياش ئىمىرلارنىڭ تەجرىبىسى ئاز بۇلۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، قەشقەر بىلەن بىر ئۇقۇشماسلىق بۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلغىلى باشلىغاندا ساۋۇت داموللام يەكەنگە ئۆزى بېرىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە يەكەنگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.


ساۋۇت داموللام يەكەنگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يەكەن سېپىل ئىچىدىكى قارشى تەرەپ قەشقەردىن كېلىدىغان ياردەمدىن ئۈمىد ئۈزۈپ تەسلىم بولۇشقا ماقۇل بولغانىدى. ساۋۇت داموللامنىڭ يەكەنگە كېلىشىنى ئاڭلىغان قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ قوماندانلىرى ساۋۇت داموللامنى «داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن قارشى ئالىمىز» دەپ ئەسكەرلىرىنى قوماندانسىز تاشلاپ شەھەر سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ مارۇلۇڭنىڭ 100 دەك ئەسكەرلىرى پوستتىكى ئەسكەرلەرگە ئوق ئېتىپ بىر قانچىسىنى ئۆلتۈرۈپ قوراللىرىنى ئېلىپ سېپىل ئىچىگە كىرىپ ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىۋالىدۇ. «خوتەنلىكلەرنىڭ كۈچى ئاز، بۈگۈن- ئەتە ماجەنساڭ كۈچلۈك بىر قىسىم بىلەن يەكەنگە يېتىپ كېلىدۇ. قورقماڭلار» دەپ تەسلىم بۇلۇشقا ھازىرلانغان ھۆكۈمەت قىسىملىرىنى تەسلىم بۇلۇشتىن ياندۇرىدۇ. ھەتتا ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ بىر قانچە قېتىم سېپىلدىن تاشقىرىغا چىقىپ قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ كۆرگەن بولسىمۇ، مەغلۇپ بولىدۇ. خوتەن قىسىملىرى قورشاۋنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ. 15  كۈن ئېغىر ئەھۋالغا قالغان ھۆكۈمەت قىسىملىرى مارۇلۇڭنىڭ سۆزى يالغان ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەسلىدىكى شەرتلەرگە ئاساسەن تەسلىم بولايلى دەپ ئاق بايراق چىقىرىدۇ. كېلىشىم بويىچە ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى پۈتۈن قورال- جابدۇق، ئات- ئۇلاغ ۋە ھۆكۈمەت خەزىنىسىنى تاپشۇرۇپ شەھەرنى بوشىتىپ چىقىپ كېتىش ئىدى. ئەمما ماجەنساڭنىڭ ئادەملىرىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن بىر قىسىم قورال ۋە خەزىنىنى يوشۇرۇپ ئېلىپ كېتىدىغانلىقى مەلۇم بۇلۇپ قالىدۇ. ئىمىر ئابدۇللا تۆمۈر سىجاڭغا خەۋەر بېرىپ بۇلارنى يەكەندىن چىقىپ سايغا بارغاندا يوقىتىش پىلانىنى بىلدۈرىدۇ.


6- ئاينىڭ 16- كۈنى بىرەر مىڭ كىشىلىك ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇلار چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېتىپ كەلگەندە ئارقىسىدىن 1000 كىشىلىك بىر قىسىم بىلەن قوغلاپ كەلگەن نۇر ئەھمەد ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ. ساق قالغانلىرى قىزىلغا قاراپ قاچىدۇ. قىزىلغا بارغاندا بۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن قەشقەردىن كەلگەن تۆمۈر سىجاڭنىڭ 400 ئەسكىرى يېتىپ كېلىپ ئىككى تەرەپتىن قورشاپ پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. قالغان بىرەر يۈز ئادىمى قېچىپ يېڭىسارغا كەلگەندە ئەھمەدخان لۈيجاڭ ئۆلتۈرۈلۈپ تۈگىتىدۇ.



ئىمىر ئابدۇللانىڭ قەشقەر سەپىرى ۋە ئاقىۋىتى


تۆمۈر سىجاڭدىن نارازى بۇلۇپ تۇرىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر خوتەنلىكلەرنىڭ يەكەن غەلىبىسىدىن كېيىن خوتەن بىلەن بىرلىشىش ۋە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان ساۋۇت داموللامنى خوتەننىڭ ئەسكىرىي ياردىمى بىلەن قەشقەرگە كېلىپ تەختكە چىقىشنى تەكلىپ قىلىشقا باشلىدى. م. ئى. بۇغرا دەسلەپتە بۇنىڭغا قۇشۇلمىغان بولسىمۇ، ساۋۇت داموللامنىڭ قاتتىق تۇرۇۋېلىشى بىلەن ۋە قەشقەردىكى تۆمۈر سىجاڭغا قارشى پىتنىچىلارنىڭ ئارقا- ئارقىدىن مەخپىي ئادەم يوللاپ، «قەشقەر ھازىر تاۋاقتىكى تەييار ئاشتەك» دەپ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن خوتەن ھۆكۈمىتى بۇ پىلانغا ماقۇل دەيدۇ. م. ئى. بۇغرا تۈركىيىدە نەشىر قىلغان «كۈرەش خاتىرىلىرى» (مۇجاديلە خاتىراتي) دېگەن ئەسىرىدە بۇ ھادىسە توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ. «بۇ ئىش خوتەن ھۆكۈمىتىگە تارىخ بويىچە بىر مەلۇمات ۋە غايەت چوڭ خاتالىق ئىدى. چۈنكى، بۇ ۋەقە ئىنقىلاب تولۇق غەلىبە قىلمىغان شارائىتتا ھەر ئىككى تەرەپ تېخىمۇ كۈچ توپلاپ قۇدرەتلىك بۇلۇشنىڭ ئەكسىچە، ئىككى مىللىي كۈچ بىر- بىرلىرىگە قارشى ئۇرۇشۇپ خېلى مۇنتىزىم كۈچكە ئىگە بۇلۇپ قالغان خوتەن قىسىملىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەئىپلىنىشىگە ۋە زور كۈچ چىقىرىپ تۇرغان تۆمۈر سىجاڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تامامەن پاراكەندە بۇلۇشىغا سەۋەب بولدى ۋە بەش ئايلىق بۇ ئىچكى ئۇرۇش دۈشمەن تەرەپكە ھېچ كۈتمىگەن بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى»


1933- يىل 7- ئاينىڭ 17- كۈنى ئىمىر ئابدۇللا ۋە ساۋۇت داموللام باشچىلىقىدا 2000 كىشىلىك بىر قوشۇن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. تۆمۈر سىجاڭغا: «بىز سىلەرگە ياردەم قىلىپ قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ماجەنساڭ قىسىملىرىنى يوقىتىپ، خاتىرجەم بۇلۇپ بىرلىشپ خوجىنىياز ھاجىمغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەييارلىنىشقا قەشقەرگە بارىمىز» دەپ خەۋەر يوللايدۇ. بۇ ئارىدا يەكەندە تۇرۇۋاتقان تۆمۈرنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى ھاپىزنى 500 ئەسكىرى بىلەن يەكەندە قويۇپ ماڭىدۇ. مانا بۇ تەجرىبىسىزلىك خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللاردىن بىرى بۇلۇپ قالىدۇ.


ئىمىر ئابدۇللا ۋە ساۋۇت داموللام يېڭىسارغا كەلگەندە تۆمۈر سىجاڭ قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن بۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۆمۈر سىجاڭ ساۋۇت داموللامنىڭ بۇ سەپىرىدىن كۆپ ئەندىشىلەنگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنىڭ قەشقەرگە كىرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. «ماجەنساڭنى يوقىتىشقا كۈچۈم يېتىدۇ. ئىچكى تازىلاشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىلەن تۈگۈتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن خوتەن- قەشقەر بىرلىشىش پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرساق، ھازىرچە يېڭىسارنىڭ سانىياز ئۆستىڭى ئىككى تەرەپنىڭ چېگرىسى بۇلۇپ تۇرسۇن» دېگەن تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىمىر ئابدۇللا ئىككىلىنىپ تۇرغاندا ساۋۇت داموللام بۇنى تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئاجىزلىقى دەپ تونۇپ قەشقەرگە كىرىشكە چىڭ تۇرۇۋالىدۇ.


7- ئاينىڭ 22- كۈنى قەشقەرگە كىرگەن ساۋۇت داموللام ۋە ئابدۇللالارنى قەشقەر خەلقى ۋە دىنىي كىشىلەر قىزغىن قارشى ئالىدۇ. بۇ تۆمۈر سىجاڭنىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تۆمۈر سىجاڭ ماجەنساڭغا پاسسىپ، ساۋۇت داموللام ۋە خوتەنلىكلەرگە ئاكتىپ قارشى تۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئارىدا يەكەندە قالغان ھاپىز بىلەن نۇر ئەھمەد ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر داۋام قىلماقتا ئىدى. 8- ئاينىڭ 15- كۈنى تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى تارقاق ئۇرۇنلاشقان ۋە خەۋەرسىز ياتقان خوتەن ئەسكەرلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قورالسىزلاندۇرىدۇ. ئىمىر ئابدۇللا ۋە ساۋۇت داموللامنى قولغا ئالىدۇ. ئەسكەرلىرىنى بۇلاپ- تالاپ شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. بۇلار ئاچ- يالىڭاچ ھالدا تارقىلىپ كېتىدۇ.


8- ئاينىڭ 28- كۈنى يەكەندە ھاپىز نۇر ئەھمەدنى ۋە بىر قانچە قوماندانلىرىنى تۇتۇۋېلىپ قورالسىزلاندۇرىدۇ. شۇ كۈنى ھاپىز قاغىلىققا يۈرۈش قىلىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ ۋە گۇمىغا ئەسكەر يوللايدۇ.


م. ئى. بۇغرا تۆمۈر بىلەن بۇ ئىتتىپاقسىزلىقنى تەنپەن يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش نىيىتى بىلەن قارا قاشلىق ئىشان قارى ھاجى باشچىلىقىدا بىر ھەيئەتنى گۇمىغا يوللايدۇ. زاڭگۇيغا بارغاندا بۇ ئىشان خوتەن ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ ھاپىز تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. قەشقەردىكى ئوغلى غولام قادىر تۆمۈر سىجاڭ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكىرى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خوتەن ھۆكۈمىتىگە ھاپىزنىڭ قۇۋۋىتى 3000 كىشىلىك غايەت زور بىر كۈچ دەپ يالغان خەۋەر يوللاپ قورقىتىپ چېكىنىشكە دەۋەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاپىز ھېچقانداق قارشىلىقسىز 9- ئاينىڭ 1- كۈنى قاراقاشنىڭ زاۋا دېگەن جايىغىچە قوغلاپ كېلىدۇ.


شۇ كۈنى م. ئى. بۇغرا پۈتۈن كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھاپىزنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ. ھاپىزنىڭ ئەسكەرلىرى ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلتۈرۈلگەن، يارىلانغان ۋە ئەسىرگە ئېلىنغانىدى. ھاپىز شۇ قاچقان پېتى قەشقەرگە كېلىپ توختايدۇ. بۇ دەل تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ. ھاپىزنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن م. ئى. بۇغرا قاغىلىقنى قارشلىقسىز قايتۇرىۋالىدۇ ۋە خوتەن ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ ھاپىزغا ئۆتۈپ كەتكەن ساۋۇرخان ئىشان باشلىق بىر قانچە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، پوسكامغا يېتىپ كېلىدۇ. ھاپىزنىڭ مۇئاۋىنى بۇنى ئاڭلاپ قورقۇپ كېتىپ يەكەندە قولغان ئالغان نۇر ئەھمەدنى قويۇپ بېرىدۇ. ئابدۇللامۇ تۆمۈر سىجاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلنىپ نەزەربەند قىلىنغان يەردىن قېچىپ پوسكامغا كېلىپ، ئەسكەرلىرىنى رەتلەپ، خوتەندىن كەلگەن قۇشۇن بىلەن بىرلىشىپ يەكەنگە ھوجۇم قىلىدۇ ۋە بىر سائەت ئىچىدە يەكەننى قولغا ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ 10- ئاينىڭ 13- كۈنى يەكەن ئىككىنچى قېتىم خوتەنلىكلەرنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. دېمەك، خوتەن بىلەن تۆمۈرسىجاڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قانلىق پاجىئەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى يۇقۇرىقىلاردىن ئىبارەت.


تۆمۈر سىجاڭ ئۆلگەندىن كېيىن ساۋۇت داموللام يوشۇرۇنۇپ ياتقان يېرىدىن چىقىپ يەنە ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ. بۇ قېتىم خوتەن تەرەپتىن، ماجەنساڭ قىسىملىرىغا قارشى ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان ماجۇڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرى مامۇت سىجاڭ، ساۋۇت داموللام ۋە ئىمىر ئابدۇللانىڭ بىرلەشكەن قوشۇنلىرى بىلەن سوقۇش باشلايدۇ. پىلىمۇت ۋە مىناميوتلا بىلەن قوراللانغان ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى ئۇلارنى ئېغىز زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئىمىر ئابدۇللا بىر قانچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا قەيسەرلىك بىلەن قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئاخىرى مەغلۇپ بۇلۇپ 400 دەك ئەسكىرى بىلەن شېھىت بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاستىدا مامۇت سىجاڭ ۋە ساۋۇت داموللام كۆكراۋاتقا چېكىنىدۇ. ماجۇڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرى قەشقەر يېڭىساردا قورشاۋدا قالغان نۇر ئەھمەدكە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىغا پۆتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم باشلايدۇ، لېكىن سېپىلغا يېقىنمۇ بارالمايدۇ. مامۇت سىجاڭ پۈتۈن كۈچىنى توپلاپ نۇر ئەھمەدنى قورشاۋدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېڭىسارغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنى ئارقا تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولۇپ غەلىبە قىلىشقا ئاز قالغان بىر پەيتتە ھاپىز تۇيۇقسىزلا ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ قورشاۋنى بوشىتىپ ئارقىغا چېكىنىدۇ. بۇ پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغان ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بىرلەشكەن قوشۇننى تارمار قىلىدۇ.


17 كۈنگىچە ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ توپقا تۇتىشىغا بەرداشلىق بەرگەن نۇر ئەھمەد (ئىمىر ساھىب) تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق بىلەن دۈشمەن ئۈستىگە ئېتىلىپ بېرىپ شېھىت بولىدۇ. 23 كۈنلۈك بۇ ئۇرۇشتا خوتەن قىسىملىرىدىن 4200 كىشى ئۆلىدۇ ۋە يارىدار بولىدۇ. ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىمۇ ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان چىقىمغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ شەپىسى كېلىش بىلەنلا شەھەرنى تاشلاپ قاچىدىغانلارغا كۆنۈپ قالغان ماجۇڭيىڭنىڭ قوماندانلىرى بۇ غەلىبىلەردىن بەكمۇ خوشاللىنىپ ئىككى دانە كېسىلگەن باشنى- ئىمىر ساھىب ۋە شامەنسۇرنىڭ باشلىرى دەپ قەشقەر دەرۋازىسىغا ئېسىپ خەلقنى دەھشەتكە سالىدۇ. لېكىن بۇ باشتىن بىرى خوتەن قىسىملىرىدا خىزمەت قىلغان ئاۋغانلاردىن باز مەھەممەت ۋە يەنە بىرى يۈز بېشى (ليەنجاڭ) ھاشىم شامەردان دېگەن كىشىلەرنىڭ ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. يېڭىسار مەغلۇبىيىتى ۋە بۇ ئىككى مەشھۇر قومانداننىڭ ئۆلۈمى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىغا ئېغىر بىر زەربە بولدى. خوتەن خەلقى شامەنسۇر ۋە ئىمىر ساھىبلارنى ئەسلەپ قوشاقچىلارنىڭ ئۇلارنى مەدھىيىلەپ قوشقان قوشاقلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەن ئاڭلىغان. ھەتتا بۇ ئىككىسىنىڭ غايىب بۇلۇپ كەتكەنلىكى، جەسەتلىرىنىڭمۇ تېپىلمىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان ھېكايىلەر تارقالغان، بۇلۇپمۇ ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى ئاسقان ئىككى دانە كېسىلگەن باشنىڭ باشقا كىشىلەرنىڭ بۇلۇپ چىقىشى بۇ سۆزلەرنىڭ تېخىمۇ ئاساسلىق بۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. ئەينىدىن ئىسىملىك بىر ئادەم يۈزىگە نىقاب تارتىۋېلىپ مەن «شامەنسۇر» دەپ ئادەم توپلاپ، خوتەن تاغلىرىدا بىر قانچە ۋاقىت ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى بىلەن پارتىزانلىق سوقۇشى ئېلىپ بېرىپ، كىيىنچە ھىندىستانغا ئۆتۈپ كەتكەندە سىرى پاش بۇلۇپ قالغان.



خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىلىشى


يېڭىسار مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن م. ئى. بۇغرا، مامۇت سىجاڭ ۋە خۇجىنىياز ھاجىم بىلەن بىرلىشىپ يەكەندە بۈلۈنۈپ كەتكەن قۇشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ساۋۇت داموللام بىلەن خوتەننى بازا قىلىپ ماجۇڭيەن قىسىملىرىغا قارشى مۇداپىئە پىلانىنى تۈزۈش مەقسىتىدە خوجىنىياز ھاجىم بىلەن يۈزمۇ يۈز كۆرىشىدۇ. لېكىن خوجىنىياز ھاجىنىڭ روسىيە بىلەن بىرلىشىپ شىڭ شىسەينىڭ بۇيرۇقى بىلەن ساۋۇت داموللام، م. ئى. بۇغرا ۋە باشقا بىر قانچە كىشىنى تۇتۇپ يوقىتىش پىلانى سىزىلىپ قالىدۇ. م. ئى. بۇغرا غاپپار ھاجىنى ئۆز ئورنىدا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ كېچىسى يۇشۇرۇنچە خوتەنگە قېچىپ كېتىدۇ. ساۋۇت داموللام بىلەن سۇلتان بەگنى مامۇت سىجاڭ قولغا ئالىدۇ.


1934- يىل 6- ئاينىڭ 15- كۈنى ماجۇڭيىڭنىڭ ماخۇسەن باشچىلىقىدىكى 8000 كىشىلىك قوشۇنى شىڭ شىسەي ۋە روسلارنىڭ زەربىسىدىن تارمار بۇلۇپ قېچىپ خوتەنگە باستۇرۇپ كېرىدۇ، ئەسلىدە ماخۇسەن قىسىملىرى خوتەن، چارچەن ئارقىلىق دۇڭخۇاڭ ۋە گەنسۇ تەرەپكە ئۈتۈپ كېتىش پىلانى بىلەن جەنۇبقا قاراپ چېكىنگەنىدى. خوتەن ھۆكۈمىتى بۇ چاغدا غالجىرلاشقان ۋە ئاخىرقى جان تالىشىۋاتقان ماخۇسەن ئەسكەرلىرىنىڭ كەڭ- كۈلەمدە بۇلاڭ- تالاڭ ۋە قەتلىئام يۈرگۈزۈش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ ئالدىنى توسۇپ مۇداپىئەگە ھازىرلىنىدۇ. 6-ئاينىڭ 23- كۈنى زاۋا سوقۇشىدا خوتەن قىسىملىرى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. ماخۇسەن خوتەننى ئىشغال قىلىدۇ. مىلىك ھەزرەت تەسلىم بولىدۇ. م. ئى. بۇغرا 300 دەك ئادەملىرى بىلەن قېچىپ قاراڭغۇ تاغنىڭ يەر شارائىتىدىن پايدىلنىپ قايتا ئادەم توپلاپ پارتىزانلىق ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ قارشلىق قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ماخۇن قىسىملىرى ئۇلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئارام بەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1934- يىل 7- ئاينىڭ 26- كۈنى يېنىدا قالغان 20 دەك ھەمراھلىرى بىلەن شەيدۇللا ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.



«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى» ۋە خوتەن ھۆكۈمىتى


تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئوسمان ئېلى قەشقەردىكى ھاكىميەت بېشىغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا ساۋۇت داموللام يۇشۇرۇنغان يېرىدىن چىقىپ ئوسمان ئېلىنى ھىمايە قىلىپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدۇ. قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئابرويلۇق خوتەنلىكلەرنى، قەشقەرلىق بىر قىسىم سودىگەر ۋە ئۆزبېكلەرنى يېنىغا تارتىپ خوتەن بىلەن ئالاقە باغلاش جەمئىيتى دېگەنگە ئوخشاش نام بىلەن بىر تەشكىلات قۇرىدۇ. بۇلارنىڭ مەقسىتى، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئۈستۈنلىكى ۋە بىر قەدەر مۇنتىزىم ئەسكىرىي كۈچىدىن پايدىلنىپ قەشقەر بىلەن خوتەننى بىرلەشتۈرۈپ بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىدى. بۇ جەمئىيەتنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنى خوتەن ھۆكۈمىتى مەسئۇل بۇلۇپ ياردەم قىلغان. بۇ ئارىدا ئوسمان ئېلىدىن نارازى بۇلۇپ تۇرغان بىر قىسىم ئەسكىرى ئەمەلدارلارمۇ يۇشۇرۇنچە بۇ تەشكىلاتقا ھېسداشلىق بىلدۈرمەكتە ئىدى. ئوسمان ئېلى تۇرمۇش ۋە ئىستىلدىكى چىرىكلىكى سەۋەبىدىن ئىككى ئاي ئىچىدە غۇلاپ چۈشتى. ئاندىن ئۇراز بېك ۋە ساۋۇت داموللام ئوتتۇرىغا چىقىپ خوتەن جەمئىيتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قەشقەردە ئۆز ئالدىغا «ھۆكۈمەت» قۇردى.


شۇ كۈنلەردە تۈركىيىدىن كەلگەن بەزى كىشىلەرنىڭ ھەركىتى ئاكتىپلىشىپ ساۋۇت داموللامغا مەسلىھەت كۆرسىتىپ، ھەربىي ۋە بەزى مەمۇرىي ئىشلارغا ئارلاشقىلى باشلىغانىدى. م. ئى. بۇغرا ۋە خوجىنىياز ھاجىلارنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ساۋۇت داموللام 1933- يىل 11-ئاينىڭ 12- كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئسىلام جۇمھۇرىيتى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ خوجىنىياز ھاجىنى رئىس جۇمھۇر دەپ ئېلان قىلدى. مەيلى م. ئى. بۇغرا ھۆكۈمىتى بولسۇن، مەيلى خوجىنىياز ھاجى بولسۇن، بۇ ھۆكۈمەتنى رەسمىي ئېتراپ قىلمايدۇ، ۋەزىيەت ۋە چوڭ ئىتتىپاقلىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئاشكارا قارشى چىقمايدۇ. م. ئى. بۇغرا بۇنى شۇ زاماندا مۇنداق دەپ تەھلىل قىلغان: پۈتۈن يۇرتتا تېخى بىر ئىدىۋىي بىرلىك مەيدانغا كەلمىگەن بىر زاماندا بۇنداق بىر ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇن ئەمەس. ھۆكۈمەت تەركىۋىدىكى ئۈچ كىشىدىن باشقىلىرى ئەسلىدىكى ئىنقىلابى ھەيئەتتىن بولماستىن مەجھۇل ئادەملەر بۇلۇپ، ئىشەنچىلىك كىشلەردىن ئەمەس.



خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەر بىلەن مۇناسىۋەت مەسىلىسى


شىنجاڭدا شۇ يىللاردا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلار توغرىسىدا چەتئەلدە يېزىلغان ماقالە ۋە خاتىرىلەردە خوتەن ئىنقىلابىنىڭ چەتئەلنىڭ قولى ۋە كۈشكۈرتىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ماتىرىيال يوق. م. ئى. بۇغرا چەتئەلدىكى ھايات زاماندا يازغان ئەسەرلىرىدە بۇ قوزغىلاڭنىڭ پەقەت خەلقنىڭ خەنزۇ ھۆكۈمران سىنىپقا قارشى بولغان مىللى ۋە دىننىي ھىسىياتلىرىغا تايىنىپ ئېلىپ بارغانلىقىنى يازىدۇ ۋە قىسقىچە بىر ۋاقىتتا خەلق ئىچىدىن 20- 25 مىڭدەك قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا كېلىشىنى بۇنىڭغا ئاساس قىلىپ كۆرىسىتىدۇ.


شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلارنىڭ ئاساسىي دۈيشاڭى يەرلىك خەنزۇ ھۆكۈمران سىنىپى ئىدى. مەركەز (نەنجىڭ ھۆكۈمىتى) بىلەن ئالاقىلىشىپ شىنجاڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىش ۋە مۇختارىيەتلىك بىر شەكىلنى تەكلىپ قىلىشنى ئۈمۈد قىلىپ، ئاخىرقى كۈنلەرگىچە بايراقلىرىنى جۇڭگوچە خەت ۋە شەكىلدە تۇتقان، ھۆكۈمەت ۋە ئەسكىرىي تۈزۈم- ئاتالغۇلارنىمۇ خەنزۇچە قوللانغانلارمۇ بولدى، ھەتتا باج ئېلىش مەمۇرىي تۈزۈملىرىنىمۇ ئۆزگەرتمىگەن.


م. ئى. بۇغرامۇ نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىش يوللىرىنى ئىزدەپ كۆرگەن. لېكىن شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىك ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا تۇتقان خاتا سىياسىتى بۇنىڭغا يول بەرمىگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن «خوتەن ھۆكۈمىتى»، «باشقا ھۆكۈمەتلەر» نىڭ ئەكسىنچە پۈتۈن كونا تۈزۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىسلام شەرىئىتى ئاساسى قانۇن بولدى. بايرىقى تۈرك ئىسلام بايرىقى بولۇپ، ئەسكىرىي ئۇنۋان ۋە ئاتالغۇلار تۈركچە ۋە پارسچە ئىدى. مەسىلەن: ئەسكەرلەردە يۈز بىرىشى ۋە ئىمىر ئەسكەر دېگەنلەرگە ئوخشاش. قوشنا دۆلەتلەردىن ئافغانىستان ۋە ھىندىستان (ئىنگىلىزلار) بىلەن ئالاقە باغلاپ ياردەم تەلەپ قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ھىندىستان تەرەپتىن ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغان، لېكىن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق بەزەن ئىنگىلىز پۇخرالىرىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا قۇشۇلۇشى، بەزىلەرنىڭ خېلى مۇھىم رول ئوينىشى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى (چۈنكى مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭ جىھاتقا قاتنىشىشى پەرىز) ۋە يەرلىك خەلققە ئاساسەن سىڭىپ كەتكەن تەقدىرداشلىقتىن ئىبارەت بۇلۇپ، ئۇلار ھەرقانداق دۆلەت ۋە تەشكىلاتقا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.


ئافغانىستان گەرچە خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىغا كۈتكەن ياردەمنى قىلالمىسىمۇ، دىنداشلىق ۋە سودىگەرلەرنىڭ قۇيۇق بېرىپ- كېلىشلىرى جەھەتتىن ئەخلاقى جەھەتتە بولسىمۇ بىر يېقىنلىق بار ئىدى. م. ئى. بۇغرا پوسكامدا تۇرغان كۈنلىرىدە (1933- يىلى 11- ئاي) قۇربان ئابدۇللا ۋە مىيان ھەسەنخان ئىسىملىك ئىككى كىشىنى بىر ھەيئەت سۈپىتى بىلەن ياردەم سوراپ ئافغانىستانغا يوللىغان. بۇلار ئەسلىدە ئاۋغان مىللىتىدىن بۇلۇپ يەكەندە يەرلىشىپ قالغان، ئافغانىستاندىمۇ ئۇرۇق- تۇققانلىرى بار كىشىلەر ئىدى. كېيىنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇلارنى قىزغىن قۇبۇل قىلىپ ھېسداشلىق قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئەمەلىي بىر نەتىجىگە ئېرىشكىچە خوتەن ھۆكۈمىتى يېقىلغان.


تۈركىيە بىلەن خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قوزغىلاڭ ئالدى ۋە كەينىدە ئالاقە باغلىغانلىق ھەققىدە مەيلى يۇرت ئىچى ۋە ياكى چەتئەلدىكى ماتىرىياللاردا ئاساسلىق بىر پاكىت يوق. شۇ زامانلاردا خوتەن ۋە باشقا يەرلەردە ئوتتۇرىغا چىققان تۈرك كىشىلىرى بىر شەخسى ماھىيەتكە ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مەنسۇپ كىشىلەر ئەمەسلىكى، م. ئى. بۇغرا تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئاشكارە بولغان.



ئاخىرقى سۆز


ۋەقەلىكنىڭ ئەڭ توغرا خۇلاسىسىنى دائىم تارىخلا چىقىرالايدۇ. مەن ئۈزۈمنىڭ يۇقۇرىدىكى ئەسلىمىلىرىمگە- يەنى كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە بىر ئاز بولسىمۇ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش- تەتقىقاتلىرىمغا ئاساسەن شەخسى كۆز- قارشىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن:


قۇمۇل ۋە خوتەن قوزغىلىڭىنىڭ ئەسلىي يۈنىلىشى ۋە ماھىيتىنى بىر- بىرىدىن ئايرىم خارەكتىردە تەسۋىرلەش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. يەنى بىرىنى خەلق قوزغىلىڭى ۋەتەن بىرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان، بىرىنى بولسا جاھانگىرلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ۋەتەن بىرلىكىنى پاچىلاش دەپ تەبىر بىرىش تېخىمۇ خاتا. قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق يۈنىلىش خاتالىرىغا قاراپ قوزغىلاڭنىڭ مىللى زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىككە قارشى ھەققانىي بىر ئىسيان ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ نوقتىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. م. ئى. بۇغرانىڭ سىياسى ۋە شەخسى ھاياتىدا چەتئەلگە باغلانغان ياكى شەخسى مەنپەئەت ۋە ئابرويىنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قويغان يېرى يوق. مەيلى ئۇنىڭ خوتەن قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىش جەريانىدا بولسۇن ۋە ياكى چەتئەلدىكى ھاياتى ھەم يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى سىياسى پائالىيەتلىرىدە بولسۇن بۇنى ئوچۇق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خوتەن قوزغىلىڭى ۋە ياكى م. ئى. بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان»، «چىن تۈركىستان» دەۋالىرىنى جاھانگىرلارنىڭ قولى ۋە قۇترىتىشى دەپ باھا بىرىش بىر تەرەپلىمىلىك كۆز- قاراشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.



مەنبە


: http://www.alimbiz.net/?p=1840


mehriya يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 11:39:27

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېمىكەن. ساقلىۋالدىم.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-2-16 11:59:20

ئىزدىنىش، شۇنداقلا بارلىق ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردىكى تىمىلارنى بارلىق ئىنكاسلىرى بىلەن قوشۇپ ساقلىۋېلىش ئۈچۈن، pdffactory دىگەن مەۋھۇم پرىنتىر دىتالىنى ئىشلىتىڭ. تور كۆرگۈچتىن ھازىرقى بەتنى پرىنتىلاشنى تاللاپ، چىققان كۆزنەكتىن pdffactory نامىدىكى پىرىنتىر(مەۋھۇم) نى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بۇ دىتالنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=43844 دە بار.

دىققەت: 字体 نى تاللاپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى 嵌入 قىلىشقا قوشۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بولمىسا ھەرىپ ئەمەس، سۈرەت شەكلىدە ساقلاپ قويىدۇ.



باشقا مۇنبەر سىستېمىلىرىدا ھازىرقى بەتلەرنىڭ html نۇسخىسى بىلەن پرىنتىر نۇسخىسى ئوخشىمايدۇ، پرىنتىر نۇسخىسى ئىخچام ۋە چىرايلىق. ئەمما ئىزدىنىشنىڭ  ... ھەي، بۇ ئىقتىدارى ئەڭ ناچار، ئەڭ سەت. تۈزىگەنلەر كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغانسىلەر بەلكىم.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 17:15:48

مەن ساقلاپ قوياي.

Hawthorne يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 17:47:12

شىنجاڭدىكى قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان كىتابتىن ئېلىنىپتۇغۇ، نەرى خەتەرلىك بۇنىڭ؟

izdinishezasi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 18:41:34

بۇ ماقالە شىنجاڭ تارىخ - ماتېرىياللىرى مەجمۇئەسىنىڭ 17 - كىتابىنىڭ بىر قىسمى. بۇ ماقالە بېشىدا: ‹‹1933 - يىلىدىن 1937 - يىلىغىچە قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ لاردا بولغان ۋەقەلەر››، دېگەن ماقالە بار. بۇنىڭدا تۆمۈر سىجاڭ، خۇجانىياز ھاجى، سابىت داموللا، ئوسمان قىرغىز،مەخمۇت سىجاڭ، ئابدۇنىيازسىجاڭ ... قاتارلىقلار توغرىلىق ئەڭ تەپسىلى يېزىلغان ماقالە. ماقالىنى يازغۇچى ئاتۇشلۇق (كىچىك ئاخۇن مىكى) ئاشۇ تارىخىي ۋەقەلەر شاھىدىبولۇپ، ئابدۇنىيازنىڭ ئەسكىرى. بۇ كىتابنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورگان مەتبۇئاتى --- شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئىككى قېتىم نەشر قىلغان. 1 - نەشرى باھاسى:  45 پۇڭ؛ 2. نەشرى باھاسى: 5.5 يۇەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەستىقلاپ نەشر قىلغان كىتابتىكى ماقالىنى خەتەرلىك دېيىش:

1. ئىدىيەدىكى ئېغىر مەسىلە. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە دائىر كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇغۇلۇق.چۈنكى، بۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنى خەتەرلىك، دېگەنلىك بىلەن باراۋەر.(ئاخىرىنى ئىزاھلىمىساممۇ بولا)

2. ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلار توغرۇلۇق پەقەتلا ساۋادى يوق بولغانلىق.بۇ، ئاتا - بوۋىلار ئىش - ئىزلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق.(ئاخىرىنى ئىزاھلىمىساممۇ بولا)



ھەرھالدا ئۇيغۇرچە تارىخ كىتابلىرىنىمۇ ۋاراقلاپ قۇيىلى.

@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 19:31:14

بۇ يازمىنىڭ ھىچقانداق خەتەرلىك يېرى يوق، خەتەرلىك يىرى دەل ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيەسىدە. izdinishezas ئەپەندى مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىپتۇ. مەن ئوشۇقچە سۆزمۇ قىستۇرماي. ئەمما بىر ئىشقا ئىزاھات بىرىپ قويسام: بىر قىسىم يازمىلىرىم مۇنبەرلەردە تەستىقلانمىدى ياكى تەستىقلانسىمۇ كىيىن قۇلۇپلاندى ياكى ئۆچۈرۈلدى. ئاخىر ئۆزەم بلوگ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، يازمىلارنى بلوگىمدا ئېلان قىلدىم. بلوگىمدىكى يازمىلارنىڭ قانۇنىي ئاساسى تولۇق، مەنبەلىرى ئىشەنچلىك. شۇڭا ئەنسىرەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. مەسىلە چىقسا مەن مەسئۇل.

ئۈمۈدۈم: مەسىلىگە بىر نوقتىدىن ئەمەس بەلكى كۆپ نۇقتىدىن قارىشڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

مەقسىدىم: خەلقىمىز زەررىچىلىك بىر نەرسە بولسىمۇ بىلىپ قالسىكەن دەيمەن.

izdinishezasi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 19:36:46

سالام، تۇرانتېكىن قېرىنداش.



‹‹1933 - يىلىدىن 1937 - يىلىغىچە قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ لاردا بولغان ۋەقەلەر››، دېگەن ماقالە بار بولسا يوللاپ قويسىڭىز.

izdinishezasi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 19:46:26

ھە، راست.

@TuranTekin@ قېرىندىشىم، جاپا تارتىپسىز، تەشەككۈر.

@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 20:02:25

6- قەۋەتتىكى izdinishezasiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سالام، تۇرانتېكىن قېرىنداش.



‹‹1933 - يىلىدىن 1937 - يىلىغىچە قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ لاردا بولغان ۋەقەلەر››، دېگەن ماقالە بار بولسا يوللاپ قويسىڭىز.



بۇ ھەقتىكى ماتىرىيالمۇ بار ئىدى، لېكىن ئۇنى تېخى ئۇرۇپ بولالمىدىم. پات يېقىندا پۈتىشى مۈمكىن.

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 20:45:08

ھەر ئېھتىمالغا قارشى ساقلىۋالاي

ehzann يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 20:49:58

ئەسلىمىنى يازغان ياقۇب بۇغرا دېگەن مۇشۇ كىشى ئىكەن

\"\"

ehzann يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 21:13:52

ئەسلىمىدىكى بىر قىسىم شەخىسلەرنىڭ رەسىمى

1-  م. ئى بۇغرا



\"\"


1933 -يىل خۇتەن




\"\"


1938 -يىل كابۇل



\"\"


1945 -يىل ئۈرۈمچى



\"\"


1958 -يىل ئەنقەرە



\"\"


1947-يىل ماناس



\"\"


1947-يىل نەنجىڭ



\"\"


1952-يىل تاج مەھەل



\"\"


1954-يىل ئەنقەرە



\"\"


1954 -يىل مەككە



\"\"


1950 -يىل قاھىرە



2- ئايالى بىلەن چۈشكەن سۈرەتلەر


\"\"


1947-يىل ئۈرۈمچى



\"\"


1959-يىل ئەنقەرە



3- مۇھەممەدنىياز ئەلەم ئاخۇنۇم



\"\"


1933 -يىل خۇتەن



4- م. بۇغرانىڭ ئىككى ئىنىسى



\"\"


شاھ مەنسۇر 1934 -يىل قەشقەر



\"\"


ئەمىر ساھىب 1934 -يىل يىڭىسار


tumaq يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 22:06:34

كەم كۇتسىز مىللىي قەھرىمان.

gherip يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 22:47:13

ئاجايىپ باتۇر ئىكەنتۇق شۇ دەۋردىكى قېرىنداشلىرىمىز.ھەي...ئاخىرى بىرلىككە كىلەلمەسلىك ۋە كىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ھالاك بوپتىكەن... مانا بۇ ھېلىمۇ بىزنى ئەڭ قبيناۋاتقان مەسلە...

izdinishezasi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 23:09:49

مۇشۇنداق ئىختىلاپ ۋە كېلىشەلمەسلىكلەرنى كۆپرەك ئوقۇساق، ئىتتىپاقلىق، تنچلىقنىڭ قەدرىگە يېتەلەيمىز.





تېما كۆرگۈچى قېرىنداشلار بېخىللىق قىلماي تېما ئاخىرىدىكى: تېمىنى باھالاش، دېگەن يېرىگە قالاپ قوياسىلە.

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 23:22:30

م.ئى بۇغرادەك بىر ئادەمنىڭ ئايالىنىڭ يالاڭ باشتاق رەسىمگە چۈشىشى قانداق گەپ ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 23:39:42

8- قەۋەتتىكى ansariyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەر ئېھتىمالغا قارشى ساقلىۋالاي  

تېما ساقلاش ياخشى ئادەت.

Hawthorne يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 23:41:24

14- قەۋەتتىكى ansariyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

م.ئى بۇغرادەك بىر ئادەمنىڭ ئايالىنىڭ يالاڭ باشتاق رەسىمگە چۈشىشى قانداق گەپ ؟  

بېشىدا ھېچنىمە يوق دېگەن گەپ.


ئۇلار سىزنىڭ باشقۇرۇش ۋە يول كۆرسىتىش شەرىپىڭىزگە ئېرىشەلمەيلا قازا قىلىپ كەتكەن گەپ.


سىز بەشيۈزيىل ئىلگىرى تۇغۇلغان بولسىڭىز نەقەدەر ياخشى ئىدى ھە!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-11 23:43:17

تۆمۈر سىجاڭ ئۆلتۈرۈلگەنما؟ مەن ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن دەپ ئاڭلىۋىدىم.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: خوتەن قوزغىلىڭى ھەققىدە ئەسلىمە