DedeCms بىكەت سېستىمىسىنى بىلدىغانلارنى مېھمان قىلاي
نەق گەپنى قىلاي!تور بىكەت سېستىمىسىدىن (织梦内容管理系统(DedeCms پايدىلىنىپ ياسىتىلغان مائارىپقا ئائىت تور بىكەت بارئىدى.DedeCms بىكەت سېستىمىسىنى بىلدىغانلار بولسا بىر ياردەم قىلىڭلار. ياردىمىڭىزدىن ئارتۇق تارتۇقلايمەن(يالغان گەپ ئەمەس ھە--).
تور بەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە :
1. تور بىكەت بىر ئاي بولىدى ئىچىلمايدۇ. لىكىن بوشلۇقتا تۇرۇپ تور بىكەت سېستىمىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
2. بوشلۇقنى بىكەت ياسىغۇچى(ھازىر يۇقاپ كەتتى) تەرەپ تەمىنلىگەن. بوشلۇق چەت ئەلنىڭ بوشلىقىدەك تۇرىدۇ.
3. تور بىكەت بۇرۇن نورمال ئىچىلاتتى .ئارقا سۇپىسىدا مەزمۇننى گەپ يۇق ئەۋەتكىلى بۇلاتتى.
4. تور بەتكە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكا، فونتېكا،سېنتاكىس قىسىمى تۇلۇق يوللىنىپ بولغان ئىدى.
ئەمدى سىزنىڭ ياردىمىڭىز :
1. ئەسىلدىكى بىكەت سېىتىمىسىنى ئۆزىڭىز ياخشى بىلدىغان سۈرئىتى تىز، مۇقىم(جۇڭگو ياكى شىنجاڭ) بۇشلۇققا يۇتكەپ بېرىڭ .
2 . icp بېجىرىشكە يول كۆرسىتىپ بېرىڭ.
باشقا ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى كوت كوتتا دىيىشەيلى! 1987675764چ چ
ئىزدىنىشتا قىسقا ئۇچۇر قىلسىڭىز سىزگە تور بەتنىڭ ۋاقىتىلىق ئىچىلدىغان ئۇلىنىشىنى دەپ بېرەي!
خەت يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.assilam@126.com
مەن ئازتولا يول كۆرسىتەي
تور ئادىرېسى:http://.www.izchilar.com مەن بىر سۆزلەي ھە ، ماۋۇ تازا مەن سۆزلەيدىغان تېمىكەن .
ئەڭ ئاۋال ICP دېن كېلەيلى چۈنكى ھازىر دۆلىتىمىزدە ICP دۆلەت ئىچى بوشلۇقلىرىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ ، ICP كەتمەيدىغان دۆلەت ئىچى بوشلۇقى دېگەن بىلەنمۇ لېكىن تۇراقلىق ئەمەس ، ئۇمداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ICP بېجىرىش كېرەكمۇ؟ ھازىر بوشلۇق ئالسىڭىز رايونىمىزنىڭ كىملكىگە ICP بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ ، ئۇنداقتا ICP نى قەتئىي بېجىرگىلى بولمامدۇ ؟ بولىدۇ ۋاكالىتەن بېجىردىغانلارغا 200~500 يۈەنگىچە پۇل بەرسىڭىز 1~7 كۈن ئىچىدە بېجىرىپ بېرىدۇ ، لېكىن بىر مەسىلە ھازىر ICP لارنى مۇددەتلىك تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ ۋە سەۋبسىز - سەۋەبلىك دېگەندەك ICP نى بىكار قىلىۋېتىدۇ ، تەليىڭىز كەلسە بىرەر يىل پايلاپ قېلىشى مۇمكىن ، تەلىيىڭىز كەلمىسە 1~2 ئايدىلا بىكار قىلىنىشى مۇمكىن ، ھازىر ICP لارنىڭ ئۆمرى ناھايتى قىسقا بولماقتا 4~5 ئايدىلا بىكار قىلىنىش خەۋىپى ناھايتى چوڭ ، ICP بىكار قىلىنسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ ؟ ICP بىكار قىلىنغاندىن كېيىن بوشلۇق ساتقۇچى تەرەپ ئىچىمنىڭ بوشلۇققا بولغان باغلىنىشىنى مەجبۇرىي بىكار قىلىۋېتىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن بېكىتىڭىزنى يەنە نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بېكەت ھەپتە تاقاق تۇرىدۇ ئاندىن سىز ۋاكالىتەن بېجىرىدغانلارغا پۇل بېرىپ بېجىرتكۈزسىز ، يەنە شۇ دەككە دۈككىدە ICP توختاپ كېتەرمۇ دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرسىز .
ئۇنداقتا زادى مۇقىم ICP بېجىرگىلى بولمامدۇ ؟
بولىدۇ رايونىمىزنىڭ قايسىز بىر تېلگىراف شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ شۇلارنىڭ مۇلازىمىتىرلىرىدىن ئىجارە ئالسىڭىز ئۇلار سىزنى يۇيۇپ - تاراپ ئوسما قويۇپ رەسىمگە چۈشۈرۈپ دېگەندەك قىلىپ ICP بېجىرىپ بېرىدۇ ، بۇ ICP نىڭ مۇقىملىقى ياخشى سىز يىلدا تۆلەيدىغان 6000~7000 يۈەننى(بۇ ئەرزان باھا جۇمۇ) تولەپ تۇرسىڭىز بۇ ICP لار ئاساسەن توختىمايدۇ (ئىچكىرنىڭ مۇلازىمىترلىرىمۇ رايونىمىز تور بېكەتلىرىگە ICP بېجىرىپ بېرەلىشى ناتايىن). شۇنداق قىلغاندا مۇقىم بولىدۇ .
ھازىر دۆلىتىمىزدە ئاۋارچىلىكتىن خالىي تەننەرخى تۆۋەن تور بېكەت قۇرۇش ئۇسۇلى ئاساسەن ICP كەتمەيدىغان چېگرا سىرتىدىكى بوشلۇقلار ياخشى تاللاش بولماقتا ھەتتا 新网 مۇ شىياڭگاڭ بوشلۇقى ساتماقتا {:92:}
ھازىر تور بەت ئاچقانلار ئارىسىدا چېگرا سىرتى بوشلۇقى ئىشلەتسە چاتاق چىقارمۇ ، ياكى تور ئىسمى چەكلىنىپ كېتەرمۇ دېگەندەك ئەندىشىلەر بار ،
لېكىن خاتىرجەم بولۇڭكى دۆلىتىمىز تاشقى تورنى تاقاپلا دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ 局域网 نى مەيدانغا كەلتۈرمىسىلا چېگرا سىرتى بوشلۇقلىرىنى تاقىمايدۇ ، ئېھتىماللىقى 0%.
ھەر قانداق ئىسىم سەزگۈر مەسىللەرگە چېتىلىپ چوڭ چاتاق چىقارمسىلا DNS چەكلىنىش خەۋىپى يوق ھەم چەكلەنمەيدۇ .
مەندە ئامرىكا ، كورىيە ، شىياڭگاڭ ، دۆلەت ئىچى ، دۆلەت ئىچى VIP , كورىيە VIP بوشلۇقلىرى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچى ، دۆلەت ئىچى VIP لارنىڭ سۈرئىتى ئەڭ تېز لېكىن ICP دىن ئىبارەت چەكلىمە بىزنى توسۇپ قويىدۇ ، ئەگەر چېگرا سىرتى ئەڭ ياخشى ئەڭ تېز بوشلۇقنى تەۋسىيە قىلىڭ دېسە مەن كورىيە VIP بوشلۇقىنى تەۋسىيە قىلىمەن سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز شىياڭگاڭ بوشلۇقىدىنمۇ تېز بولۇپ كىشىنى تولىمۇ رازى قىلىدۇ ، ئابونتلار بۇ بوشلۇقتىن رازى بولماقتا ، قېنى ئەمەليەتتىن كۆرۈپ باقايلى .
http://www.ablizsattar.com/
http://www.baydu.biz/
http://www.amqi.net/
http://www.aqkuz.com/
http://www.pasiban.biz/
http://www.yaruq.net/
http://www.yumtal.com/
مانا بۇلار كورىيە VIP بوشلۇقىنى ئىشلەتكەن تور بېكەتلەر
ئەگر بۇ جەھەتتىكى مۇلازىمەت لازىم بولۇپ قالسا 18963888544 غا تېلېفون قىلىڭ ياكى 83598663 نى QQ قوشىۋېلىپ ئالاقلىشىڭ .