heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2012-2-9 12:05:57

C پروگراممېرى تەكلىپ قىلىمىز

شىركەتنىڭ كەسپىي ئھتىياجىنىڭ جىددىي ئېشىشى سەۋەبىدىن #C پروگراممېرى تەكلىپ قىلماقچى بولىۋاتىمىز، قىزىقىدىغانلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشساڭلا.

شەرتلەرنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەي.(ئەمىلىيەتتە شەرت دېگۈدەكمۇ شەرت يوق...).



1. #C تىلىدا پروگرامما يازالايدىغان بولۇش، بەك چىڭ ئۇستا بولمىسىمۇ ئاساسىي ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىلسە بولىدۇ، بولۇپمۇ Windows Forms ئۈستەل يۈزى پروگراممىسى لايھىلەشكە پىشىقراق بولسا ياخشى.

      2. مەلۇم ئالي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى مەلۇم دېپلوم دېگەندەكلەر بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ.

      3. خەنزۇ تىلىنى بىلسە تېخىمۇ ياخشى. ئەلۋەتتە بىلمىسىڭىزمۇ مەيلى...

      4. سىرتلاردا تولاراق بولۇپ قالىمىز، يەنى ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلەردە بىر مەزگىلدىن تۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئىشلار چىقىدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق شارائىتقا ماس كېلەلىشىڭىز كېرەك.



قالدى تەپسىلاتلارنى يۈزتۇرانە دېيىشسەك بولىدۇ.

ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 15309978533

شىنجاڭ ئىنتىل ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ( ئىنتىل سەيناسىدىكى ئىنتىل ئەمەس جۇمۇ، ئىسىمنىڭ ئوخشاپ قالغىنىدىن مەنمۇ بەك ئوڭايسىزلىنىمەن...)

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-9 14:01:20

شەرتلەر چىڭ ئەمەسكەن بولمىسا،قارىسا ھەممە ئادەم كومپيۇتېر ئۆگىنىپ كەتكەندەك، ئەمەلى ئىشلىتىمىز دېگەندە ئادەم تاپماق بەكلا تەسكەن. ئۇنى ئۈگەنگەن بۇنى ئۆگەنگەن دەيدۇ، نىمە ئىش قىلالايسىز دېسە ئەمەسلا گەپ قىلىپ يۈرگەن.

ئۆتكەندە بىرەيلەن، مەن ASP دېگەنگە پىشىپ كەتكەن، يازغان پروگرامملىرىمنى كۆرۈپ بېقىڭ دەيدۇ، ماقۇل دېسەم، ASP.Net تا خەق يېزىپ قويغان پروگراممىدىن بىرنى يوللاپتۇ ماڭا. شۇنىڭ بىلەن ASP بىلەن ASP.Net نىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوبدان ئۆگىنىش توغىرلىق تەربىيە بېرىپ يولغا سالدىم.

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-9 14:07:03

ئېلان بولا مۇشۇنداق سەمىمى، راسچىل بولا ،بۇلارغا ئۈنۋان ياكى دىپلوم لازىم ئەمەسكەن ، قورسىقىدا ئومچى بار پارتىزان پروگراممىر بولسىمۇ بولىدىكەن.

uyghurnisa54 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-9 17:50:42

راس دەيسىز ،تېما ئىگىسى راسلا كەم ئۇچرايدىغان سەمىمىي ئادەملەردىن ،ئىشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-9 21:35:04

تور بەت تەرجىمە قىلالايدىغانلار بەك جىق، كارغا كېلىدىغانلار ئاز، بارلىرى ھەممىسى ئىشلەۋاتقان، سىزگە ئامەت تىلەيمەن، مەنمۇ ئادەم تاپالماي يۈرىمەن مۇشۇ چاغقىچە.قولۇڭلاردىن ئىش كېلىدىغان، پەقەت بولمىغاندا ئۆگىنىدىغانغا ئىشتىياقىڭلار بارلار بىر تىزىملىتىپ قوياڭلا مۇشۇ تېمىغا.

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2012-2-10 10:11:47

كۆپچىلىكنىڭ قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت.

پروگرمما يازالايدىغانلار مەنچە بىزدە ئاز ئەمەس، ئەمما مۇشۇنى كەسىپ قىلىپ ئىشلىيەلەيدىغانلارنى تېپىش بەك تەسكە توختاۋاتىدۇ.

يا بۇ پروگرامما دېگەننى بولۇپمۇ سەللا چوڭراق سىستېمىنى ئۈچ تۆت ئادەم بىلەن قىلىپ پۈتتۈرگىلى بولمىسا....

مۇشۇنداق ئىشلىيەلەيدىغانلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلا ياكى مۇشۇنداقلارنى بىلىدىغانلار بولسا خەۋەرلەندۈرۈپ قويساڭلارمۇ كۆپ مەمنۇن بولاردىم.

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-2-10 13:43:17

4- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تور بەت تەرجىمە قىلالايدىغانلار بەك جىق، كارغا كېلىدىغانلار ئاز، بارلىرى ھەممىسى ئىشلەۋاتقان، سىزگە ئامەت تىلەيمەن، مەنمۇ ئادەم تاپالماي يۈرىمەن مۇشۇ چاغقىچە. قولۇڭلاردىن ئىش كېلىدىغان، پەقەت بولمىغاندا ئۆگىنىدىغانغا ئىشتىياقىڭلار بارلار بىر تىزىملىتىپ قوياڭلا مۇشۇ تېمىغا.





ئۈگىنەي دەيمەن . ئەمما خەنچە بىلمەيمەن !

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-10 22:32:02

5- قەۋەتتىكى heqteyurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۆپچىلىكنىڭ قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت.

پروگرمما يازالايدىغانلار مەنچە بىزدە ئاز ئەمەس، ئەمما مۇشۇنى كەسىپ قىلىپ ئىشلىيەلەيدىغانلارنى تېپىش بەك تەسكە توختاۋاتىدۇ.

يا بۇ پروگرامما دېگەننى بولۇپمۇ سەللا چوڭراق سىستېمىنى ئۈچ تۆت ئادەم بىلەن قىلىپ پۈتتۈرگىلى بولمىسا....

مۇشۇنداق ئىشلىيەلەيدىغانلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلا ياكى مۇشۇنداقلارنى بىلىدىغانلار بولسا خەۋەرلەندۈرۈپ قويساڭلارمۇ كۆپ مەمنۇن بولاردىم.

ۋاقتىڭىز بولسا ماڭا ئۇچۇر قىلىڭە، ئۆزەم يىزىپ بىرەمدىم تېخى پروگراممىڭىزنى.QQ:1374769597
بەت: [1]
: C پروگراممېرى تەكلىپ قىلىمىز