MEHZUN يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 00:48:46

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىنىڭ يىلنامىسى


پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام دەۋرى يىلنامىسى*



تەييارلىغۇچى:
ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزۇن



ئىسلام تارىخى ئۆگەنگۈچىلەرگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندىن ۋاپات بولغانغا قەدەر يۈز بەرگەن مۇھىم
ھادىسىلەر يىللارغا ئايرىپ تەييارلاندى. يىلنامىدە ھىجرەتتىن بۇرۇنقى دەۋىر
مىلادىيە كالىندارى بويىچە، ھىجرەتتىن كېيىنكى دەۋىر مىلادىيە ھەم ھىجرىيە
كالىندارى بويىچە ئېلىندى.



l         مەككە دەۋرى:



   571-يىلى: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن (ھىجرەتتىن 53يىل بۇرۇنقى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12-كۈنى، مىلادىيە 569-يىلى 6-ئاينىڭ
17-كۈنى دۈشەنبە  ياكى ھىجرەتتىن 51 يىل
بۇرۇنقى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 9-كۈنى، مىلادىيە 571-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
دۈشەنبە).


    571-يىلى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنىگئانىسى ھەلىمەگە بىرىلگەن.


     574-يىلى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنىگئانىسى ھەلىمە مەككە شەھىرىدىكى ئانىسى ئامىنەگە
تاپشۇرۇپ بەرگەن.


  575-يىلى: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئامىنە «ئەبۋا» دېگەن جايدا ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇممۇ ئەيمەن مەككە شەھىرىدىكى چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتتەلىپگە
تاپشۇرۇپ بەرگەن.


   577-يىلى: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتتەلىپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ،ئۇ تاغىسى
ئەبۇ تالىپنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇلغان.


  578-يىلى: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىپ بىلەن بىللە سۈرىيەگە بارغان.


  589-يىلى: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام فۇججار ئۇرۇشىغا قاتناشقان.


589-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىلفۇل فۇزۇل كېلىشىمىگە
قاتناشقان.


594-يىلى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچەنىڭ سودا
كارۋانلىرىغا غوجىدار بولۇپ، بۇسرا شەھىرىگە بارغان.


594-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىچەنى ئەمرىگە ئالغان.


605-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەجەرۇل ئەسۋەتنى كەئبىنىڭ
بىر بۇرجىكىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئىشىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.


610- يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھىرا غارىدا تۇنجى
قېتىم ۋەھىي چۈشكەن (يەنى رامىزان ئېيىنىڭ
27-كۈنى).


613 - يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى ئۇچۇق
ئاشكارا تەشۋىق قىلىشقا بۇيرۇلغاندا، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يېقىن تۇققانلىرىنى ئىسلام دىنىغا
كىرىشكە چاقىرغان.


614 -يىلى: مەككە مۇشرىكلىرى مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت قىلىشقا
باشلىغان.


614-يىلى: ھەبەشىستانغان بىرىنچى قېتىم ھىجرەت قىلىنغان.


615-يىلى: ھەبەشىستانغا ئىككىنچى قېتىم ھىجرەت قىلىنغان.


615-يىلى: ھەمزە ئىمان ئېيتقان.


615-يىلى: ھەزرىتى ئۆمەر ئىمان ئېيتقان.


615-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار بىلەن دارۇل
ئەرقەمدىن چىققان.


615-يىلى: ھاشىم جەمەتى بىلەن مۇتتەلىپ جەمەتى پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنى قوغداش ئۈچۈن ئەبۇ تالىپنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلغان. مۇشرىكلار بۇنىڭغا
قارىشى ئۇلارغا ئىجتىمائى ۋە ئىقتىسادى ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغان.


619-يىلى: ئىمبارگو بىكار قىلىنغان.


620-يىلى: ئەبۇ تالىپ ۋە خەدىچە ۋاپات بولغان .شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل «قايغۇ يىلى» دەپ ئاتالغان.


620-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىفتا دىني تەشۋىقات
ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ،يەرلىك كىشىلەرنىڭ
قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇتئىم ئىبنى ئادى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ
ياردىمىدە مەككىگە يېنىپ كەلگەن ( يەنى شەۋۋال ئېيى) .


620-يىلى:بۇ يىلنىڭ ھەج پەسلىدە ئەقەبەدە خەزرەج ئايمىقىدىدىكى بىر
تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن (يەنى زۇلھەججە
ئېيى).


621-يىلى: ئىسرا ۋە مىراج ھادىسىسى يۈز بەرگەن (يەنى رەجەپ
ئېيىنىڭ 27-كۈنى).


621- يىلى: بىرىنچى قېتىملىق ئەقەبە بەيئىتى ئېلىنغان.
كەينىدىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامىيەتنى مەدىنە خەلقىگە ئۈگۈتۈش ئۈچۈن
مۇسئەب ئىبنى ئۆمەيرنى مەدىنىگە ئەۋەتكەن(يەنى زۇلھەججە ئېيى).


622-يىلى: ئىككىنچى قېتىملىق ئەقەبە بەيئىتى ئېلىنغان ( يەنى زۇلھەججە
ئېيى).


l         مەدىنە دەۋرى:


مىلادىيە 622-يىلى، ھىجرىيە 1-يىلى: مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش
باشلانغان.


1/622 -يىلى: مۇشرىكلەر
دارۇننەدۋەدە توپلىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇيقەست قىلىش پىلاننى تۈزگەن (
يەنى سەپەر ئېيىنىڭ 26-كۈنى
/9-ئاينىڭ 9-كۈنى).


1/622-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى
ئەبۇ بەكىر بىلەن بىللە سۇر غارىغا يۇشۇرنىۋالغان (يەنى سەپەر ئېيىنىڭ 26-كۈنى
/9-ئاينىڭ 9-كۈنى).


1/622-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەزرىتى
ئەبۇ بەكىر سۇر غارىدىن چىقىپ، مەدىنىگە يول ئالغان (يەنى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ
1-كۈنى
/9-ئاينىڭ 13-كۈنى).


1/622-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەزرىتى
ئەبۇ بەكىر قۇباغا كەلگەن ( يەنى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 8-كۈنى
/9-ئاينىڭ 20كۈنى).


1/622-يىلى: قۇبا مەسجىدى بىنا قىلىنغان (
يەنى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيى
/9-ئاي).


1/622-يىلى: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام
قۇبادىن ئايرىلىپ، رەنۇنە ۋادىسىدا تۇنجى قېتىملىق جۈمە
نامىزىنى ئوقۇغان.


1/622-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە
يېتىپ كىلىپ، ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارىينىڭ ئۆيىگە چۈشكەن (يەنى رەبىئۇل ئەۋۋەل
ئېيىنىڭ 12-كۈنى
/9-ئاينىڭ 24-كۈنى).


1/622-يىلى: پەيغەمبەر مەسجىدىگە ئۇل
سېلىنغان. ( يەنى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى
/9-ئاي).


623/1-يىلى: مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ئوتتۇرىسىدا
قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇلغان. (يەنى
رەجەپ ئېيى
/1-ئاي).


623/1-يىلى: ئۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغان.


623/1-يىلى: ھەر قايسى جايلارغا قوشۇن
ئەۋەتىش باشلانغان (يەنى ھەمزىنىڭ قوشۇنى،
رامىزان ئېيى
/3-ئاي).


623/1-يىلى: پەيغەمبەر مەسجىدى پۈتكۈزۈلگەن (
يەنى شەۋۋال ئېيى
/4-ئاي).


623/1-يىلى: پەيغەمبەر مەسجىدىدە سۇففە
ئەھلى تەشكىللەنگەن.


623/2-يىلى: بىرىنچى قېتىملىق بەدر(سەفەۋان)
ئۇرۇشى يۈز بەرگەن ( يەنى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيى
/9-ئاي).


624/2-يىلى:  ئابدۇللاھ ئىبنى جەھش باشچىلىقىدىكىلەر بەتنى نەخلىگە قوشۇن ئەۋەتىلگەن ( يەنى رەجەب
ئېيى
/1-ئاي).


624/2-يىلى: قىبلە مەسجىدىن ئەقسادىن كەئبەگە
ئۆزگەرتىلگەن ( يەنى رەجەب ئېيى
/1-ئاي).


624/2-يىلى: چوڭ بەدر ئۇرۇشى بولغان. (يەنى رامىزان
ئېيىنىڭ 17-كۈنى
/3-ئاينىڭ 13-كۈنى).


624/2-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
قىزى رۇقىيە ۋاپات بولغان ( يەنى رامىزان ئېيى
/3-ئاي)


624/2-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەگە
ئۆيلەنگەن (يەنى شەۋۋال ئېيى
/4-ئاي).


624/2-يىلى: بەنۇ قەينۇقا ئۇرۇشى بولغان (يەنى
شەۋۋال ئېيى
/4-ئاي).


624/2-يىلى: ھەزرىتى ئەلى فاتىمە بىلەن توي
قىلغان ( يەنى زۇلقەئدە ئېيى
/5-ئاي ياكى زۇلھەججە ئېيى/6-ئاي).


624/2-يىلى:  سەۋىق ئۇرۇشى بولغان ( يەنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ
5-كۈنى
/5-ئاينىڭ 29-كۈنى).


624/3-يىلى: ھەزرىتى ئوسمان پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى ئۇممۇ كۇلسۇم بىلەن توي قىلغان (يەنى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى
/8-ياكى 9-ئاي).


624/3-يىلى: كەئب ئىبنى ئەشرەپ ئۆلتۈرۈلگەن
(يەنى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 14-كۈنى
/ 9-ئاينىڭ
4-كۈنى)


625/3-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەفسەگە
ئۆيلەنگەن (يەنى شەئبان ئېيى
/1-ئاي).


625/3-يىلى: ھەزرىتى ھەسەن تۇغۇلغان (يەنى شەئبان
ئېيى
/1-ياكى 2-ئاي. ياكى رامىزان ئېيىنىڭ 15- كۈنى/3-ئاينىڭ
1-كۈنى).


625/3-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەينەپ
بىنتى ھۇزەيمەگە ئۆيلەنگەن (يەنى رامىزان ئېيى
/2-ئاي).


625/3-يىلى: ئۇھۇد ئۇرۇشى بولغان ( يەنى شەۋۋال ئېيىنىڭ 7-ياكى 11-كۈنى/3-ئاينىڭ 23-ياكى 24-كۈنى).


625/4-يىلى: رەجىئ ۋەقەسى يۈز بەرگەن (يەنى مەرسەد
ئىبنى ئەبۇ مەرسەد قوشۇنى)، (يەنى سەفەر ئېيى
/7-ئاي).


625/4-يىلى: بىئرى مەئۇنە ۋەقەسى يۈز بەرگەن
( يەنى سەفەر ئېيى
/7-ئاي).


625/4-يىلى: بەنۇ نەدر ۋەقەسى يۈز بەرگەن (يەنى
رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى
/8-ئاي).


625/4-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئايالى زەينەب بىنتى ھۇزەيمە ۋاپات بولغان (يەنى رەبىئۇل ئاخىر
/10-ئاي).


626/4-يىلى: ھەزرىتى ھۈسەين تۇغۇلغان (يەنى شەئبان
ئېيىنىڭ 5-كۈنى
/1-ئاينىڭ 10-كۈنى).


626/4-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇ
سەلەمەگە ئۆيلەنگەن (يەنى شەۋۋال ئېيى
/3-ياكى 4-ئاي).


626/4-يىلى: كېيىنكى بەدر ئۇرۇشى بولغان (
يەنى زۇلقەئدە ئېيى
/4-ئاي).


626/5-يىلى: زاتۇرىقا ئۇرۇشى بولغان (يەنى مۇھەررەم
ئېيىنىڭ 10-كۈنى
/6-ئاينىڭ 11-كۈنى).


626/5-يىلى: دەۋمەتۇلجەندەل ئۇرۇشى بولغان (يەنى
رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 25-كۈنى
/8-ئاينىڭ 24-كۈنى).


626/5-يىلى: مۇسۇلمان بولغان تۆتيۈز كىشلىك
مۈزەينە ھەيئىتى مەدىنىگە كەلگەن (يەنى رەجەب ئېيى
/12-ئاي).


627/5-يىلى: بەنۇ مۇستەلىق (مۇرەيسئ) ئۇرۇشى
بولغان ( يەنى شەئبان ياكى رامىزان ئېيى
/1-ياكى2-ئاي).


627/5-يىلى: ھەزرىتى ئائىشەگە تۆھمەت
چاپلانغان.


627/5-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
جۇۋەيرىيە بىنتى ھارىسكە ئۆيلەنگەن.


627/5-يىلى: خەندەك (ئەھزاب)ئۇرۇشى يۈز
بەرگەن (يەنى زۇلقەئدە ئېيى
/4-ئاي).


627/5-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەينەب
بىنتى جەھشكە ئۆيلەنگەن (يەنى زۇلقەئدە ئېيى
/4-ئاي).


627/5-يىلى: بەنۇ قۇرەيزە ئۇرۇشى بولغان (يەنى
زۇلقەئدە ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى
/4-ئاي).


627/6-يىلى: بەنۇ لىھيان ئۇرۇشى بولغان (يەنى
رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيى
/7-ئاي).


627/6-يىلى: مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمە
باشچىلىقىدا زۇلقەسسەگە بىرىنچى قېتىم قوشۇن ئەۋەتىلگەن (يەنى رەبىئۇل ئاخىر ئېيى
/8-ئاي).


627/6-يىلى: ئەبۇ ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى جەرراھ
باشچىلىقىدا زۇلقەسسەگە ئىككىنچى قېتىم قوشۇن ئەۋەتىلگەن (يەنى رەبىئۇل ئاخىر
ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى
/9-ئاي).


627/6-يىلى: زەيد ئىبنى ھارىس باشچىلىقىدا
تەرفكە قوشۇن ئەۋەتىلگەن (يەنى جۇمادىيەل ئاخىر ئېيى
/10-ياكى 11-ئاي).


627/6-يىلى: زەيد ئىبنى ھارىس باشچىلىقىدا
ۋادى قۇراغا قوشۇن ئەۋەتىلگەن (يەنى رەجەب ئېيى
/11-ياكى 12-ئاي).


628/6-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنى دەۋمەتۇلجەندەلگە ئەۋەتكەن (يەنى شەئبان ئېيىنىڭ 6-كۈنى
/627-يىلى 12-ئاي ياكى 628-يىلى 1-ئاي)


628/6-يىلى: زەيد ئىبنى ھارىس باشچىلىقىدا
مەديەنگە قوشۇن ئەۋەتىلگەن (يەنى شەئبان ئېيىنىڭ 6-كۈنى
/627-يىلى 12-ئاي
ياكى 628-يىلى 1-ئاي).


628/6-يىلى: ھەزرىتى ئەلى باشچىلىقىدا
فەدەككە قوشۇن ئەۋەتىلگەن (يەنى شەئبان ئېيىنىڭ 6-كۈنى
/627-يىلى 12-ئاي
ياكى 628-يىلى 1-ئاي).


628/6-يىلى: زەيد ئىبنى ھارىس باشچىلىقىدا
ۋادى قۇراغا ئىككىنچى قېتىم قوشۇن ئەۋەتىلگەن (رامىزان ئېيى
/1-ياكى 2-ئاي).


628/6-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مەككىگە ئۆمرە سەپىرى قىلغان (يەنى زۇلقەئدە ئېيى
/3-ئاي).


628/6-يىلى: ھۇدەيبىيەدە قۇرەيش تەرەپكە
ئەلچى بولۇپ ئەۋەتىلگەن ھەزرىتى ئوسماننى مۇشرىكلەر قويۇۋەتمىگەن. شۇ سەۋەپدىن رىزۋان بەيئىتى ئېلىنغان (يەنى زۇلقەئدە
ئېيى
/3- ياكى 4-ئاي).


628/6-يىلى: ھۈدەيبىيە سۈلھىسى ئىمزالانغان
(يەنى زۇلھەججە ئېي
/4-ئاي).


628/6-يىلى: فەتھ سۈرىسى نازىل بولغان.


628/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ۋىزانتىيە ۋە ساسانىي ئىمپراتۇرلىرىغا، قوشنا ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىغا، قەبىلە
رەئىسلىرىگە ئەلچى ئەۋەتكەن.ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ مەكتۇپ يوللىغان (يەنى مۇھەررەم
ئېيى
/5-ئاي).


628/7-يىلى: ھەبەشىستان نەجاشسى (ھۆكۈمدارى)
ئەسھەمە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان.


628/7-يىلى: مىسىر مۇقەۋقىسى (ھۆكۈمدارى)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۈرلۈك سوۋغات ۋە مارىيەنى ھەدىيە قىلغان.


628/7-يىلى: خەيبەر ئۇرۇشى بولغان (يەنى مۇھەررەم
ياكى سەفەر ئېيى
/5-ياكى 6-ئاي).


628/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
سەفىييە بىنتى ھۇيەيگە ئۆيلەنگەن.


628/7-يىلى: يەمەن ۋالىسى بازان ئىمان
ئېيتقان (يەنى جۇمادىيەل ئەۋۋەل ئېيى
/9-ئاي).


628/7-يىلى: ۋادى قۇرا ئۇرۇشى بولغان (يەنى جۇمادىيەل
ئاخىر ئېيى
/10-ئاي).


628/7-يىلى: تەيما يەھۇدىيلىرى بىلەن سۈلھى
تۈزۈلگەن.


628/7-يىلى: ھەزرىتى ئۆمەر باشچىلىقىدا
تەرەبەگە قوشۇن ئەۋەتىلگەن (يەنى شەئبان ئېيى
/12-ئاي).


628/7-يىلى: ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر باشچىلىقىدا
نەجدگە قوشۇن ئەۋەتىلگەن (يەنى شەئبان ئېيى
/12-ئاي).


629/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرەنىڭ
قازاسىنى قىلىش ئۈچۈن مەككىگە سەپەر قىلغان (يەنى زۇلقەئدە ئېيى
/3-ئاي).


629/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممى
ھەبىبە بىنتى ئەبۇ سۈفيانغا ئۆيلەنگەن.


629/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مەيمۇنە بىنتى ھارىسكە ئۆيلەنگەن (يەنى زۇلقەئدە ئېيى
/3-ئاي).


629/8-يىلى: خالىد ئىبنى ۋەلىد، ئەمر ئىبنى
ئاس ۋە ئوسمان ئىبنى تەلھە قاتارلىقلار ئىمان ئېيتقان (يەنى سەفەر ئېيىنىڭ 1-كۈنى
/5-ئاينىڭ 31-كۈنى).


629/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
قىزى زەينەپ ۋاپات بولغان (يەنى سەفەر ئېي
/6-ئاي).


629/8-يىلى: مۇئتە ئۇرۇشى بولغان (يەنى جمادىيەل
ئەۋۋەل ئېيى
/9-ئاي).


629/8-يىلى: ئەمر ئىبنى ئاس باشچىلىقىدا
زاتۇسسەلاسىلغا قوشۇن ئەۋەتىلگەن (يەنى جمادىيەل ئاخىر ئېيى
/10-ئاي).


629/8-يىلى: سۇلەيم ۋە غىفار جەمەتى ئىمان
ئېيتقان ۋە خالىد ئىبنى ۋەلىد قۇماندانلىقىدا مەككە فەتىھىگە قاتناشقان.


630/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مەككىنى فەتھ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان (يەنى رامىزان ئېيىنىڭ 13-كۈنى
/1-ئاينىڭ 4-كۈنى).


630/8-يىلى: مەككە فەتھى قىلىنغان (يەنى رامىزان
ئېيىنىڭ 20-كۈنى
/1-ئاينىڭ 11-كۈنى).


630/8-يىلى: ھىشام ئىبنى ئاس يەلەملەم
تەرەپكە، خالىد ئىبنى سەئىد ئۇرەنە تەرەپكە، خالىد ئىبنى ۋەلىد بەتىن نەخلىدىكى
ئۇززا بۇتىنى چېقىشقا، سەئىد ئىبنى زەيد ئەشھەلى مۇشەللەلدىكى مەنات بۇتىنى
چېقىشقا، ئەمر ئىبنى ئاس رۇھاتتىكى سۇۋا بۇتىنى چېقىشقا، تۇفەيل ئىبنى ئەمر
زۇلكەففين بۇتىنى چېقىشقا ئەۋەتىلگەن (يەنى رامىزان ئېيى
/1-ئاي).


630/8-يىلى: ھۇنەين ئۇرۇشى بولغان (يەنى شەۋۋال
ئېيىنىڭ 11-كۈنى
/2-ئاينىڭ 1-كۈنى).


630/8-يىلى: تائىف ئۇرۇشى بولغان ( يەنى شەۋۋال
ئېيى
/2-ئاي).


630/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
جىئىرانە دېگەن جايدا ھۇنەيىن غەنىيمەتلىرىنى تەقسىم قىلغان (يەنى زۇلقەئدە
/2-ئاي).


630/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇزۇن
مەزگىل ئايرىلىپ كەتكەن ئىمىلدەش قىز تۇققىنى
شەيما بىلەن تۇنجى قېتىم كۈرۈشكەن.


630/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرە
قىلغان (يەنى زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 19-كۈنى
/3-ئاينىڭ 10-كۈنى).


630/8-يىلى: ئەمر ئىبنى ئاس ئۇمان
ھۆكۈمدارلىرىغا ئەلچى بولۇپ ئەۋەتىلگەن (يەنى زۇلقەئدە
/3-ئاي).


630/8-يىلى: ئەلا ئىبنى خەزرەمى ئەبۇ
ھۇرەيرە بىلەن بىللە بەھرەين ھۆكۈمدارى مۇنزىر ئىبنى سەۋاغا ئەلچى بولۇپ
ئەۋەتىلگەن.


630/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئوغلى ئىبراھىم تۇغۇلغان (يەنى زۇلھەججە ئېيى
/3-ياكى 4-ئاي).


630/8-يىلى: سەئلەبە، سۇدا، باخىلە، سۇمالە،
جەرم، ئەھابىش، ئەق ۋە ھۇزەيل قاتارلىق قەبىلە-ئايماقلارنىڭ ئەلچىلىرى مەدىنىگە
كىلىپ ئىمان ئېيتقانلىقىنى جاكارلىغان.


630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر
قىسىم شەھەر ۋە قەبىلىلەرگە زاكات يىققۇچىلارنى ئەۋەتكەن (يەنى مۇھەررەم ئېيى
/4-ياكى5-ئاي).


630/9-يىلى: ئۇيەينە ئىبنى ھىسن باشچىلىقىدا
تەمىم قەبىلىسىگە قوشۇن ئەۋەتىلگەن ۋە تەمىم قەبىلىسى مەدىنىگە كىلىپ ئىمان
ئېيتقانلىقىنى جاكارلىغان (يەنى مۇھەررەم ئېيى
/5-ئاي).


630/9-يىلى: ئەسەد قەبىلىدىن بىر تۈركۈم
كىشىلەر مەدىنىگە كىلىپ ئىمان ئېيتقانلىقىنى جاكارلىغان.


630/9-يىلى: ئەلقەمە ئىبنى مۇجەززىز
باشچىلىقىدا تۇنجى قېتىم دېڭىزغا سەپەر قىلغان (يەنى رەبىئۇل ئاخىر ئېيى
/7-ياكى8-ئاي).


630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبەش
نەجاشىسى ئەسھەمەنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ جىنازا نامىزى ئوقۇغان(يەنى
رەجەب ئېيى
/10-ئاي).


630/9-يىلى: تەبۇك ئۇرۇشى بولغان (يەنى رەجەب
ئېيى
/10-ئاي).


630/9-يىلى: خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىقىدا
دەۋمەتۇل جەندەل رەئىسى ئۇكەيدىر ئىبنى ئابدۇلمەلىككە قارشى قوشۇن ئەۋەتىلگەن ۋە
ئۇكەيدىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سۈلھى تۈزگەن.


630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ۋىزانتىيە ئېمپىراتورى ھىرەقلۇسنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ ئىككىنچى قېتىم مەكتۇپ
يوللىغان.


630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
قىزى ئۇممۇ كۇلسۇم ۋاپات بولغان.


630/9-يىلى: ئۇقەيل، كەلب، كىلاب، تۇجىب،
غەتەفان، ھەنزەلە ئىبنى مالىك، قۇدائە، بەلىي، بەھرا قاتارلىق قەبىلە-ئايماقلارنىڭ
ئەلچىلىرى مەدىنىگە كىلىپ ئىمان ئېيتقانلىقىنى جاكارلىغان.


630/9-يىلى: خىرىستىئان تەغلىپ قەبىلىسى
مەدىنىگە كىلىپ كىلىشىم تۈزگەن.


630/9-يىلى: شائىر كەئب ئىبنى زۇھەيىر ئىمان
ئېيتقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تونىنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلغان.


630/9-يىلى: جۇزام قەبىلىسى ئەلچىلىرى
مەدىنىگە كىلىپ ئىمان ئېيتقانلىقىنى جاكارلىغان.


630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مۇناپىقلارنىڭ باشقۇرىشىدىكى مەسجىدى زىرارىنى چېقىۋەتكەن.


630/9-يىلى: ھىميەر ھۆكۈمدارلىرى ئىسلامغا
دەۋەت قىلىنغان ھەمدە ئىسلامنى قوبۇل قىلغان.


630/9-يىلى: ھەمەدان، فۇزارە، مۇررە
قەبىلىلىرى ۋە تائىفتىكى سەقىف قەبىلە ئەلچىلىرى مەدىنىگە كىلىپ ئىمان
ئېيتقانلىقىنى جاكارلىغان.


630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ
سۇفيان بىلەن مۇغىيرە ئىبنى شۇئبەنى لات بۇتىنى چېقىشقا ئەۋەتكەن.


631/9-يىلى: مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋىشى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل ئۆلگەن (يەنى زۇلقەئدە ئېيى
/2-ئاي).


631/9-يىلى: ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ھەج
تەشكىللىگۈچىسى بولغان( يەنى زۇلقەئدە ياكى زۇلھەججە ئېيى
/3-ئاي).


631/9-يىلى: تەۋبە سۈرىسىنىڭ ئەھكاملىرىنى
ئۆگۈتۈش ئۈچۈن ،ھەزرىتى ئەلى مەككىگە ئەۋەتىلگەن (يەنى زۇلھەججە ئېيى
/3-ئاي).


631/9-يىلى: نەجران خىرىستىئانلىرىدىن بىر
تۈركۈم ئەلچىلەر مەدىنىگە كەلگەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كىلىشىم تۈزگەن
(يەنى زۇلھەججە ئېيى
/4-ئاي).


631/10-يىلى: خالىد ئىبنى ۋەلىد باشچىلىقىدا
نەجرانغا قوشۇن ئەۋەتىلگەن . ھارىس قەبىلىسى ئەلچىلىرى مەدىنىگە كىلىپ ئىمان
ئېيتقانلىقىنى جاكارلىغان ( يەنى رەبىئۇل ئاخىر ئېيى
/7-ئاي).


631/10-يىلى: ھەزرىتى ئەلى باشچىلىقىدا
يەمەنگە قوشۇن ئەۋەتىلگەن ۋە مەزھىج قەبىلىسى ئىمان ئېيتقان ( يەنى رامىزان ئېيى
/12-ئاي).


631/10-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
قۇرئان كەرىمنى پەرىشتە جىبرائىل ئالدىدا ئىككى قېتىم ئوقۇغان ۋە يىگىرمە كۈن ئېتىكاپتا
ئولتۇرغان (يەنى رامىزان ئېيى
/12-ئاي) .


631/10-يىلى: ئەزد، ئەبنا، تەي، ئامىر ئىبنى
سائسائە، كىند، تۇجىب، غەفىق، مەھرە، ھەنىيفە، ئەنس، مۇراد، ئابدۇلقەيس، ھىلال،
رۇھا، زۇبەيدە قاتارلىق
قەبىلە-ئايماقلاردىن مەدىنىگە كەلگەن ئەلچىلەر ئىمان ئېيتقانلىقىنى جاكارلىغان.


632/10-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئوغلى ئىبراھىم ۋاپات بولغان (يەنى شەۋۋال ئېيىنىڭ 29-كۈنى
/1-ئاينىڭ
28-كۈنى).


632/10-يىلى: ۋىدالىشىش ھەجى ئۈچۈن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدىن ئايرىلغان (يەنى زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 26-كۈنى
/2-ئاينىڭ 23-كۈنى).


632/10-يىلى: ۋىدالىشىش نۇتقىنى سۆزلىگەن (يەنى
زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى
/3-ئاينىڭ 7-كۈنى).


632/10-يىلى: نەسر سۈرىسى نازىل بولغان (يەنى
زۇلھەججە ئېيى
/3-ئاي).


632/11-يىلى: مەدىنىگە ئەڭ ئاخىردا كەلگەن
نەھا قەبىلىسى ئەلچىلىرى ئىمان ئېيتقان.


632/11-يىلى: ئۇسامە ئىبنى زەيد سۈرىيەگە
يولغا چىقماقچى بولغان قوشۇننىڭ قۇماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن (5-ئاي).


632/11-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەل
بولۇپ قالغان (يەنى سەفەر ئېيىنىڭ 27-كۈنى
/5-ئاينىڭ
24-كۈنى يەكشەنبە).


632/11-يىلى: پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلغان
ئەسۋەد ئۆلتۈرۈلگەن (يەنى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 8-كۈنى
/6-ئاينىڭ
3-كۈنى).


632/11-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات

بولغان (يەنى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 13-كۈنى
/6-ئاينىڭ 8-كۈنى
دۈشەنبە).


632/11-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن (يەنى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 14-كۈنى
/6-ئاينىڭ 9-كۈنى سەيشەنبە).



*بۇ
يىلنامە ئاساسلىق ئىسلام تارىخى مەنبەلىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ
تەرجىمھالىغا مۇناسىۋەتلىك ماۋزۇلاردىن، تۈركىيە دىيانەت ئسىلام
ئېنسىكلوپىدىسىدىكى «مۇھەممەد» ماددىسىدىن ۋە دوتسېنت، دوكتور ئادەم ئاپاق نىڭ
«ئاساسى لېنىيەلەر بويىچە ئىسلام تارىخى» ناملىق كىتاۋى بىرىنچى تومىغا بىرىلگەن
يىلنامىدىن پايدىلنىپ تۈزۈلدى. ئۇيغۇرچە ئىسلام تارىخى ئاتالغۇلىرى مۇھەممەد سالىھ
داموللا ھاجىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان مۇھەممەد خۇزەرىنىڭ«مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» ناملىق كىتابقا ئاساسلنىپ ئېلىندى.














nuris يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 05:40:51



خۇرسەنلىك بىلىملەر .

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 09:38:49

قىممەتلىك ئەمگەك.

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 12:04:22

قولىڭزغا دەرد كەلمىسۇن   {:92:}

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 12:12:04

ئىزدىنىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن!

ubaydulla يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 12:46:42

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 14:55:37

ئەجرىڭىزگە باراكاللا..............



\"\"  \"\"

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 15:18:16

ئەلا قېلىپ باھالىدىم،كۆپرەك ئادەم كۆرسە،كۆپرەك بېلىمگە ئىرىشەر.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 18:55:54

قايسى تىلدىن تەرجىمە قىلىنغان؟


باشقىچە چۈشۈنۈپ قالماڭ. خېلى جىق جايلاردا سۆز- ئىبارە راۋان بولماپتۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 18:58:54

ئىنكاس يوللىسام

字符串的长度不能为零。

参数名: oldValue


چىقىۋاتىدۇ، بىرمۇنچە خەت يازغان تۇرسام. ؟


MEHZUN يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 19:10:08

8- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قايسى تىلدىن تەرجىمە قىلىنغان؟


باشقىچە چۈشۈنۈپ قالماڭ. خېلى جىق جايلاردا سۆز- ئىبارە راۋان بولماپتۇ.



ئەرەپچە، تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن.  جۈملىدە راۋان بولمىغان جايلارغا پىكىر بىرىڭ تۈزۈتۈۋالاي. رەھمەت سىزگە.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 20:13:12

رەھمەت سىزگە:


مەن دەپ باقاي، بۇ پەقەت شەخسىي قارىشىم، باشقىلارمۇ دەپ باقسۇن، بىرلىكتە جۈملىلەرنمى راۋان قىلايلى.





571-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنىگانا ھەلىمەگە بىرىلگەن.


ئىنىگ ئانىسى ھەلىمەگە بېرىلگەن


574-يىلى: ئىنىگانا تەرىپىدىن مەككە شەھرىگە ئېلىپ كىلىنىپ ئانىسى ئامىنەگە تاپشۇرۇلغان.


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىنىگ ئانىسى مەككە شەھرىگە ئېلىپ كىلىپ ئانىسى ئامىنەگە تاپشۇرغان.


575-يىلى: ئاپىسى ئامىنە «ئەبۋا» دېگەن جايدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇممۇ ئەيمەن تەرىپىدىن مەككە شەھرىگە ئېلىپ كىلىنىپ چوڭ دادىسى



ئابدۇلمۇتتەلىپگە تاپشۇرۇلغان.


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  ئانىسى ئامىنە «ئەبۋا» دېگەن جايدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇممۇ ئەيمەن  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەككە شەھرىگە



ئېلىپ كىلىپ چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتتەلىپگە تاپشۇرغان.


578-يىلى: تاغىسى ئەبۇ تالىپ بىلەن سۈرىيە سەپىرىگە چىققان.


تاغىسى ئەبۇ تالىپ بىلەن سۈرىيەگە بارغان. (بارغان بولسا بارغان دەيلى)


594-يىلى: خەدىجە بىلەن ئۆيلەنگەن.


توي قىلغان ياكى خەدىچەگە ئۆيلەنگەن دەيلى.


605-يىلى: ھەجەرۇل ئەسۋەتنىڭ جايىغا قۇيۇلۇش ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ قويىدىغان كىشى بولۇپ تاللانغان.


قۇيۇلۇشمۇ؟ قويۇلۇشمۇ؟


610- يىلى: ھىرا غارىدا تۇنجى قېتىم ۋەھىي تاپشۇرۋالغان. (رامىزان ئېيىنىڭ 27-كۈنى).


ۋەھى قوبۇل قىلغان، ۋەھى چۈشكەن؟؟؟


613-يىلى: ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا ئىسلام دىننى تەشۋىق قىلىشقا بۇيرۇلغاندا تۇنجى بولۇپ يېقىن تۇققانلىرىنى ئىسلامغا چاقىرغان.


ئىسلامغا دەۋەت قىلىش دەيمىز.


614-يىلى: مەككە مۇشرىكلىرى مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت قىلىشقا باشلىغان.


مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئەرزىيەت قىلغانمۇ؟ مۇسۇلمانلارغا ئەرزىيەت قىلغانمۇ؟



615-يىلى: ھەمزە مۇسۇلمان بولغان.


615-يىلى: ھەزرىتى ئۆمەر مۇسۇلمان بولغان.


ئىمان ئېيتقان دەمدۇقكى؟


620-يىلى: ھەج پەسلىدە ئەقەبەدە خەزرەج ئايمىقىدىن بىر تۈركۈم كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن.(زۇلھەججە ئېيى)


621-يىلى: ئىسرا ۋە مىراج ھادىسىسى يۈز بەرگەن.(رەجەپ ئېيىنىڭ 27-كۈنى)


ئۇ چاغدا ئايماق دېگەن سۆز ئىشلىتىلمەسمىكىن ؟




 مەدىنە دەۋرى:


1/622-يىلى: مۇشرىكلەر دارۇننەدۋەدە يىغىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇيقەست قىلىش قارارىنى ماقۇللىغان. (سەپەر ئېيىنىڭ 26-كۈنى/9-ئاينىڭ



9-كۈنى)


ماقۇللىغاننىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق سۆز تاپىلى(سۈيىقەست قىلىشنى پىلانلىغان دېسەكچۇ؟)


1/622-يىلى: سۇر غارىدىن چىقىپ مەدىنىگە قاراپ يول ئالغان. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 1-كۈنى/9-ئاينىڭ 13-كۈنى)


قاراپ ئارتۇقچە


1/622-يىلى: قۇباغا يىتىپ كەلگەن. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 8-كۈنى/9-ئاينىڭ 20كۈنى)


يىتىپ ئارتۇقچە


1/622-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇبادىن ئايرىلىپ رەنۇنە ۋادىسىدا تۇنجى جۇمە نامىزىنى قىلغان.


قىلغان ئەمەس ئوقۇغان


1/622-يىلى: پەيغەمبەر مەسجىدى سېلىنىشقا باشلىغان. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى/9-ئاي).


ئۇل سېلىنغان دېسەكچۇ؟


623/1-يىلى: مۇھاجىرلەر بىلەن ئەنسارلار قېرىنداش ئېلان قىلىنغان. (رەجەپ ئېيى/1-ئاي)


قېرىنداش بولغان.


623/1-يىلى: پەيغەمبەر مەسجىدى پۇتكۈزۈلگەن.(شەۋۋال ئېيى/4-ئاي)


پۈتكەن


623/2-يىلى: بىرىنچى قېتىملىق بەدر(سەفەۋان) ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيى/9-ئاي).


ئۇرۇشى بولغان


624/2-يىلى: قىبلە قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقسادىن مەككىدىكى مەسجىدى ھەرام (كەئبە)گە ئۆزگەرتىلگەن. (رەجەب ئېيى/1-ئاي)


سەل مۈجىمەل بولۇپ قاپتۇ


624/2-يىلى: چوڭ بەدر ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (رامىزان ئېيىنىڭ 17-كۈنى/3-ئاينىڭ 13-كۈنى)


ئۇرۇشى بولغان


624/2-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە بىلەن ئۆيلەنگەن. (شەۋۋال ئېيى/4-ئاي)


يۇقارقىدەك


624/2-يىلى: بەنۇ قەينۇقا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (شەۋۋال ئېيى/4-ئاي)


يۇقارقىدەك


624/2-يىلى: ھەزرىتى ئەلى بىلەن فاتىمە ئۆيلەنگەن. (زۇلقەئدە ئېيى/5-ئاي ياكى زۇلھەججە ئېيى/6-ئاي.


توي قىلغان (ئۆيلىنىش دېگەن ئەرلەرگىلا قارىتىلىدۇ)


624/2-يىلى: سەۋىق ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (زۇلھەججە ئېيىنىڭ 5-كۈنى/5-ئاينىڭ 29-كۈنى)


يۇقارقىدەك


624/3-يىلى: ھەزرىتى ئوسمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى ئۇممۇ كۇلسۇم بىلەن ئۆيلەنگەن. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى/8-ياكى 9-ئاي)


يۇقارقىدەك


624/3-يىلى: كەئب ئىبنى ئەشرەپ ئۆلتۈرۈلگەن. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 14-كۈنى/ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى)


قەتلى قىلىنغان


625/3-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەفسە بىلەن ئۆيلەنگەن. (شەئبان ئېيى/1-ئاي)


يۇقارقىدەك


625/3-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەينەپ بىنتى ھۇزەيمە بىلەن ئۆيلەنگەن. (رامىزان ئېيى/2-ياكى 2-ئاي)


يۇقارقىدەك


625/3-يىلى: ئۇھۇد ئۇرۇشى يۈز بەرگەن.(شەۋۋال ئېيىنىڭ 7-ياكى 11-كۈنى/3-ئاينىڭ 23-ياكى 24-كۈنى)


يۇقارقىدەك


625/4-يىلى: رەجىئ ۋەقەسى يۈز بەرگەن (مەرسەد ئىبنى ئەبۇ مەرسەد قۇشۇنى). (سەفەر ئېيى/7-ئاي)


يۇقارقىدەك


625/4-يىلى: بىئرى مەئۇنە ۋەقەسى يۈز بەرگەن.(سەفەر ئېيى/7-ئاي)


625/4-يىلى: بەنۇ نەدر ۋەقەسى يۈز بەرگەن. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى/8-ئاي)


يۇقارقىدەك


626/4-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇ سەلەمە بىلەن ئۆيلەنگەن. (شەۋۋال ئېيى/3-ياكى 4-ئاي)


626/4-يىلى: كېيىنكى بەدر ئۇرۇشى يۈز بەرگەن.(زۇلقەئدە ئېيى/4-ئاي)


626/5-يىلى: زاتۇرىقا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10-كۈنى/6-ئاينىڭ 11-كۈنى)


626/5-يىلى: دەۋمەتۇلجەندەل ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 25-كۈنى/8-ئاينىڭ 24-كۈنى)


يۇقارقىدەك


627/5-يىلى: بەنۇ مۇستەلىق (مۇرەيسئ) ئۇرۇشى يۈز بەرگەن.(شەئبان ياكى رامىزان ئېيى/1-ياكى2-ئاي)


يۇقارقىدەك


627/5-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇۋەيرىيە بىنتى ھارىس بىلەن ئۆيلەنگەن.


627/5-يىلى: خەندەك (ئەھزاب)ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (زۇلقەئدە ئېيى/4-ئاي)


627/5-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەينەب بىنتى جەھش بىلەن ئۆيلەنگەن. (زۇلقەئدە ئېيى/4-ئاي)


627/5-يىلى: بەنۇ قۇرەيزە ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (زۇلقەئدە ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى/4-ئاي)


627/6-يىلى: بەنۇ لىھيان ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيى/7-ئاي)


يۇقارقىدەك


627/6-يىلى: ئەبۇ ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى جەرراھ باشچىلىقىدا زۇلقەسسە ئىككىنچى قېتىم قۇشۇن ئەۋەتىلگەن. (رەبىئۇل ئاخىر ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى/9



-ئاي)


628/6-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرە سەپىرى. (زۇلقەئدە ئېيى/3-ئاي)


ئۆمۈر


628/6-يىلى: ھۇدەيبىيەدە قۇرەيش تەرەپكە ئەلچى بولۇپ ئەۋەتىلگەن ھەزرىتى ئوسماننى مۇشرىكلەر قۇيۇۋەتىمىگەن. بۇ سەۋەپلەردىن رىزۋان بەيئىتى



ئېلىنغان. (زۇلقەئدە ئېيى/3- ياكى 4-ئاي)


قويۇۋەتمىگەن.     (بەيئەت دېگەن سۆزنى باشقا جايلاردىمۇ مۇۋاپىق كەلسە ئىشلىتىڭ)


628/7-يىلى: ھەبەشىستان نەجاشسى (ھۆكۈمدارى) ئەسھەمە مۇسۇلمان بولغان.


ئىمان ئېيتقان دېيىلەمدۇ قانداق؟


628/7-يىلى: خەيبەر ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (مۇھەررەم ياكى سەفەر ئېيى/5-ياكى 6-ئاي)


628/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەفىييە بىنتى ھۇيەي بىلەن ئۆيلەنگەن.


628/7-يىلى: يەمەن ۋالىسى بازان مۇسۇلمان بولغان. (جۇمادىيەل ئەۋۋەل ئېيى/9-ئاي)


628/7-يىلى: ۋادى قۇرا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (جۇمادىيەل ئاخىر ئېيى/10-ئاي)


629/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممى ھەبىبە بىنتى ئەبۇ سۈفيان بىلەن ئۆيلەنگەن.


629/7-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيمۇنە بىنتى ھارىس بىلەن ئۆيلەنگەن. (زۇلقەئدە ئېيى/3-ئاي)


629/8-يىلى: خالىد ئىبنى ۋەلىد، ئەمر ئىبنى ئاس ۋە ئوسمان ئىبنى تەلھەلەر مۇسۇلمان بولغان. (سەفەر ئېيىنىڭ 1-كۈنى/5-ئاينىڭ 31-كۈنى)


629/8-يىلى: مۇئتە ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (جمادىيەل ئەۋۋەل ئېيى/9-ئاي)


629/8-يىلى: سۇلەيم ۋە غىفار جەمەتى مۇسۇلمان بولغان ۋە خالىد ئىبنى ۋەلىد قۇماندانلىقىدا مەككە فەتىھىگە قاتناشقان.


630/8-يىلى: ھۇنەين ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (شەۋۋال ئېيىنىڭ 11-كۈنى/2-ئاينىڭ 1-كۈنى)


630/8-يىلى: تائىف ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (شەۋۋال ئېيى/2-ئاي)


630/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇرۇن يېنىدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئىمىلدەش قىز بىر تۇققىنى شەيما بىلەن تۇنجى قېتىم كۈرۈشكەن.


630/8-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرە قىلغان.(زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 19-كۈنى/3-ئاينىڭ 10-كۈنى)


630/8-يىلى: ئەمر ئىبنى ئاس ئۇمان ھۆكۈمدارلىرىغا ئەلچى بولۇپ ئەۋەتىلگەن. (زۇلقەئدە/3-ئاي)


630/9-يىلى: ئۇيەينە ئىبنى ھىسن باشچىلىقىدا تەمىم قەبىلىسىگە قۇشۇن ئەۋەتىلگەن ۋە تەمىم قەبىلىسى مەدىنىگە كىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان



قىلغان. (مۇھەررەم ئېيى/5-ئاي)


630/9-يىلى: ئەسەد قەبىلىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر مەدىنىگە كىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.


يۇقارقىدەك


630/9-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبەش نەجاشىسى ئەسھەمەنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاتاپ جىنازا نامىزى قىلغان.(رەجەب



ئېيى/10-ئاي)


مىيىت نامىزى ئوقۇلغان


630/9-يىلى: تەبۇك ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. (رەجەب ئېيى/10-ئاي)


630/9-يىلى: شائىر كەئب ئىبنى زۇھەيىر مۇسۇلمان بولغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تونىنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىپ بەرگەن.


630/9-يىلى: جۇزام قەبىلىسى ئەلچىلىرى مەدىنىگە كىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.


يۇقارقىدەك


630/9-يىلى: ھىميەر ھۆكۈمدارلىرى ئىسلامغا دەۋەت قىلىنغان ۋە ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان.


قوبۇل


630/9-يىلى: ھەمەدان، فۇزارە، مۇررە قەبىلىلىرى ۋە تائىفتىكى سەقىف قەبىلە ئەلچىلىرى مەدىنىگە كىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.


631/10-يىلى: ھەزرىتى ئەلى باشچىلىقىدا يەمەنگە قۇشۇن ئەۋەتىلگەن ۋە مەزھىج قەبىلىسى مۇسۇلمان بولغان.(رامىزان ئېيى/12-ئاي)


631/10-يىلى: ئەزد، ئەبنا، تەي، ئامىر ئىبنى سائسائە، كىند، تۇجىب، غەفىق، مەھرە، ھەنىيفە، ئەنس، مۇراد، ئابدۇلقەيس، ھىلال، رۇھا، زۇبەيدە،



قاتارلىق قەبىلە-ئايماقلاردىن مەدىنىگە كەلگەن ئەلچىلەر مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.


632/11-يىلى: مەدىنىگە ئەڭ ئاخىردا كەلگەن نەھا قەبىلىسى ئەلچىلىرى مۇسۇلمان بولغان.


632/11-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەل بولۇپ قالغان.(سەفەر ئېيىنىڭ 27-كۈنى/5-ئاينىڭ 24-كۈنى يەكشەنبە)


بىتاپ بولغان


632/11-يىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 14-كۈنى/6-ئاينىڭ 9-كۈنى سەيشەنبە)


نامىزى چۈشۈرۈلگەن، يەرلىكىگە قويۇلغان.




ئاخىرقى تەكلىپ:  بۇ كۈندۈلۈك خاتىرىدەك بەك تەپسىلىي بولۇپ كېتىپتۇ. مېنىڭچە تارىخىي ئەھمىيىتى زور بولغانلىرىنىلا قالدۇرۇپ بەك ئۇششاق ئۇچۇرنى چىقىرىۋەتسىڭىز.


يەنە، ئىملانى تەكشۈرۈۋىتىڭ.


http://www.yolyar.com/html/qoral دا تور قوراللىرى بار.  


umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 21:16:02

بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەر!!!! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!!

sarvynaz يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 21:36:55

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. كۈن: (رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 14-كۈنى/6-ئاينىڭ 9-كۈنى سەيشەنبە) بۇنى بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان 6-ئاينىڭ 9-كۈنى يەنى 9-ئىيۇن دېسەك بولامدۇ؟ ياكى ...ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ھازىرقى قايسى ئاي دېيىشكە بولىدۇ؟

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-2-9 08:11:18

ئىنىك ئانىسى دېمەيمىزما؟ \"\"

xamxar111 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-9 10:44:08

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :  





                              مەھزۇن ئەپەندىم ئەجرىڭىزنى رەببىم زىيادە قىلسۇن ..........                                                  



                                                                                                                                        كۈچۈم يەتكەن بولسا جەۋھەر لەپ قۇياركەنمە ...  {:106:}

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-9 12:49:18

بۇ تېمىنى 10 قېتىم تەھرىرلەپ پىشقەدەملەردىن 5 كىشىگە كۆرسۈتۈپ ئاندىن يوللاڭ.

MEHZUN يوللانغان ۋاقتى 2012-2-9 14:31:47

رەھمەت سىزگە يوليار. قايتا تەھرىرلەپ تۈزۈتىۋالدىم.

MEHZUN يوللانغان ۋاقتى 2012-2-9 14:37:24

16- قەۋەتتىكى tahir17نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ تېمىنى 10 قېتىم تەھرىرلەپ پىشقەدەملەردىن 5 كىشىگە كۆرسۈتۈپ ئاندىن يوللاڭ.  

دېگەنلىرى بەرھەق. ئالدىراقسانلىق قىلىپ قۇيۇپتىمەن. كەچۈرگەيلا.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-10 22:33:04

14- قەۋەتتىكى berna0نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىنىك ئانىسى دېمەيمىزما؟ \"\"  

ئىنىگ دېسىمۇ خاتا ئەمەس.
بەت: [1] 2
: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىنىڭ يىلنامىسى