erdewil يوللانغان ۋاقتى 2012-2-7 18:42:07

قىسقارتىپ ئاتالغان تېببىي ئاتالغۇلار...

كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھەم قىسقارتىپ ئاتالغان تېببىي ئاتالغۇلارنىڭ


ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە سېلىشتۇرمىسى






简称                        全称

白分 白细胞计数及分类ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ساناش ۋە تۈرگە ئايرىش

暴肝             暴发性肝炎 پارتلاش خاراكتىرلىك جىگەر ياللۇغى

丙肝   丙型病毒性肝炎س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ياللۇغى

布病             布鲁氏菌病بىرۇتسېلليوز كېسىلى

传单症 传染性单核细胞增多症 يۇقۇملۇق يەككە يادرولۇق ھۈجەيرە كۆپۈيۈش كېسىلى

丁肝   丁型病毒性肝炎 د تىپلىق جىگەر ياللۇغى

恶组   恶性组织细胞病 يامان سۈپەتلىك توقۇلما ھۈجەيرە كېسىلى

房颤         心房纤维颤动 دالانچە تىتىرەش

房扑                心房扑动 دالانچە تەۋرەش

房缺   (心)房间隔缺损يۈرەك دالانچە پاسىلى كەمتۈكلۈك

室缺   (心)室间隔缺损يۈرەك قىېرىنچە پاسىلى كەمتۈكلۈك

房速      房性心动过速دالانچە مەنبەلىك يۈرەك ھەركىتى زىيادە تېزلىشىش

房早            房性早搏دالانچە مەنبەلىك يۈرەك بالدۇر سوقۇش

放免   放射免疫分析رادىئاتسىيەلىك ئىممۇنتېتلىق ئانالىز قىلىش

肺癌          支气管肺癌 ئۆپكە راكى

肺心病   肺原性心脏病 ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

风心病   风湿性心脏病 رىماتىزىم مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

腹穿         腹腔穿刺术 قورساق( بوشلۇقىغا)قا پۇنكسىيە قىلىش

腹透             腹膜透析 قورساق پەردىسىدىن دىئالىز قىلىش

肝穿      肝脏穿刺术 جىگەرگە پۇنكسىيە قىلىش

高心病 高血压性心脏病 يۇقىرى قان بېسىم مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

钩体病   钩端螺旋体病 ئىلمەك ئۇچلۇق بۇرغىسىمان تەنچە كېسىلى

骨穿      骨髓穿刺术 سۆڭەككە پۇنكسىيە قىلىش

固放   固相放射免疫测定 قاتتىق فازا رادىئاتسىيىلىك ئىممۇنتېتلىق ئۆلچەش

冠心病冠状动脉粥样硬化性心脏病

تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى ياكى(تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى)

灰髓炎            脊髓灰质炎 يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى

活检 活体组织(病理)检查 تىرىك توقۇلما (نى پاتولوگىيەلىك) تەكشۈرۈش

肌注                   肌内注射 مۇسكۇلغا ئۇكۇل قىلىش

急肝                   急性肝炎 ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغى

急粒 急性粒细胞性白血病 ئۆتكۈر دانىچە ھۈجەيرە مەنبەلىك ئاق قان كېسىلى

急淋 急性淋巴细胞性白血病 ئۆتكۈر لىمفا ھۈجەيرىسى مەنبەلىك ئاق قان كېسىلى

急性肾炎 急性肾小球肾炎 ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى

甲肝 甲型病毒性肝炎تىپلىق جىگەر ياللۇغى A

甲减 甲状腺功能减退 قالقانبەز ئىقتىدارى چېكىنىش

甲亢 甲状腺功能亢进 قالقانبەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش

甲旁减 甲状旁腺功能减退症   يان قالقانبەز ئىقتىدارى چېكىنىش

甲旁亢 甲状旁腺功能亢进症 يان قالقانبەز ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش

精分 精神分裂症 ئېلىشىپ قېلىش كېسەللكى

静滴 静脉滴注 ۋىناغا تېمىتىپ ئوكۇل قىلىش

静注 静脉注射 ۋىناغا ئوكۇل قىلىش

菌痢 细菌性痢疾 باكتېرىيىلىك تولغاق

抗HBc乙型肝炎病毒核心抗体، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى يادرو ئانتېتىلاسى HBcئانتى

抗HBe乙型肝炎病毒e抗体، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئې ئانتېتىلاسى HBeئانتى

抗HBs乙型肝炎病毒表面抗体، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى سىرتقى يۈز ئانتېتىلاسى HBsئانتى

溃疡病 胃及十二指肠溃疡 ئاشقازان ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى( ياكى يارا كېسىلى)

类风关 类风湿性关节炎 رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى

淋转 淋巴细胞转化试验 لىمفا ھۈجەيرىلىرى ئۆزگىرىش سىنىقى

流感 流行性感冒 تارقىلىشچان زۇكام

流脑 流行性脑脊髓膜炎 تارقىلىشچان مېڭە - يۇلۇن پەردىسى ياللۇغى

流腮 流行性腮腺炎 تارقىلىشچان گۈرەن بەز ياللۇغى

慢肝 慢性肝炎 سوزۇلما جىگەر ياللۇغى

慢活肝 慢性活动性肝炎 سوزۇلما ھەرىكەتچان(قوزغالما)جىگەر ياللۇغى

慢粒 慢性粒细胞性白血病 سوزۇلما دانىچە ھۈجەيرە مەنبەلىك ئاق قان كېسىلى

慢淋 慢性淋巴细胞性白血病 سوزۇلما لىمفا ھۈجەيرىسى مەنبەلىك ئاق قان كېسىلى

慢迁肝 慢性迁延性肝炎 سوزۇلما سۆرەلمە جىگەر ياللۇغى

慢性肾炎 慢性肾小球肾炎 سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى

慢支 慢性支气管炎 سوزۇلما كانايچە ياللۇغى

慢阻肺 慢性阻塞性肺疾病سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتىرلىك ئۆپكە كېسەللىكى

脾亢 脾功能亢进 تال ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش(ئارتىش)

绒癌 绒毛膜上皮癌 تىۋىتلىق پەردە ئۈستۈنكى تېرە راكى

上感 上呼吸道感染 يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش

肾穿 肾脏穿刺术 بۆرەككە پۇنكسىيە قىلىش

肾衰 肾功能衰竭 بۆرەك زەئىپلىشىش

室颤 心室颤动 يۈرەك قېرىنچىسى تىتىرەش

室扑 心室扑动 يۈرەك قېرىنچىسى تەۋرىنىش

室缺 心室间隔缺损 يۈرەك قېرىنچىسى پاسىلى كەمتۈكلۈك

室速 室性心动过速 قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش

室早 室性早搏 قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك بالدۇر سوقۇش

体检   体格检查 بەدەن تەكشۈرۈش

健检健康检查سالامەتلىك تەكشۈرۈش

晚幼 晚幼粒细胞 ئاخىرقى مەزگىلدىكى گۆدەك دانىچە ھۈجەيرە

网红 网织红细胞 تورسىمان قىزىل قان ھۈجەيرىسى

戊肝 戊型病毒性肝炎 تىپلىق جىگەر ياللۇغىE

先心病 先天性心脏病 تۇغما يۈرەك كېسىلى

纤溶 纤维蛋白溶解 تالا ئاقسىلى ئېرىش

心衰 心力衰竭 يۈرەك زەئىپلىشىش

胸穿 胸腔穿刺术 كۆكرەككە پۇنكسىيە قىلىش

血沉 红细胞沉降率 قاننىڭ چۆكۈشى( قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ چۆكۈش نىسبىتى)

血透 血液透析 قاننى دىئالىزلاش

亚甲         亚急性甲状腺炎 سۇس ئۆتكۈر قالقانبەز ياللۇغى

腰穿                   腰椎穿刺术بەل ئومۇرتقىسىغا پۇنكسىيە قىلىش تېخنىكىسى(ئوپېراتسىيەسى)

乙肝            乙型病毒性肝炎ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى

乙脑            流行性乙型脑炎 ب تىپلىق تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى

原醛原发性醛固酮增多症 بىرلەمچى ئالدوستېرون كۆپۈيۈش كېسىلى

再障         再生障碍性贫血 قايتا ئىشلىنىشى توسالغۇغا ئۇچراش خاراكتىرلىك قان كەملىك

早幼                   早幼粒细胞 دەسلەپكى گۆدەك دانچە ھۈجەيرە

支扩               支气管扩张 كانايچە كېڭىيىش

中幼               中幼粒细胞ئوتتۇرا مەزگىلدىكى گۆدەك دانىچە ھۈجەيرە



يۇقىرىقى ئاتالغۇلارنىڭ ۋورد ھۆججىتىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ:http://115.com/file/dp7zou2o#



يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلارنى خىزمەت داۋامىدا يىغقان؛ بۇ ئاتالغۇلارنىڭ قىسمەنلىرى ئۆتمۈشتە بەزى كىتابلار ھەتتا لۇغەتلەردە مۇتلەق خاتا تەرجىمە قىلىنغان، ئەمما سىز ماۋۇلىرىدىن دادىل پايدىلانسىڭىز ھەم ئەتراپتىكىلەرگە كەڭ تەشۋىق قىلسىڭىز شۇنداقلا ئىلمى يۇسۇندا پىكىر-تەكلىپ بەرسىڭىز تامامەن بولىدۇ.بەزى تورداشلار ئاتالغۇلارنى قىسقارتىش تەكلىپى بەرگەن بىراق بىز يات مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىدىن ئۆرنەك ئېلىپ بارچە ئاتالغۇلارنى ئۆز مەيلىمىزچە قىسقارتساق بولماسمىكىن.ئاتالغۇلار گەرچە ئۇزۇن بولسىمۇ بىراق بۇنى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز چۈشىنەلەيدۇ. ئاتالغۇلارنى قىسقارتساق ھېچقانداق مەنىسى يوق بىر سۆزگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن يەنە ئىزدىنىپ باقساق تامامەن بولىدۇ.ئاتالغۇ خىزمىتى بەك ئېغىر ،ئىنچە خىزمەت...



توپلاپ رەتلىگۈچى:ئەردەۋىل

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-7 19:57:44

ئەجرىڭىزگە رەھمەت، جاپا تارتىپسىز. بىر قىسىملىرى يەنىلا كاللامدىن ئۆتمىدى. مەسىلەن بۆرەكنى پونكىتسىيە قىلىش؟ نېمە گەپ ئۇ؟ ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپلا بۆرەكنى تىشىپ ئەۋرىشكە ئېلىش دېسىلا تۈگىمىدىمۇ؟

肾穿 肾脏穿刺术 بۆرەككە پۇنكىسىيە قىلىش

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-2-7 20:49:49

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن بۇ مۇنبەرگە بۈگۈن ئەزا بولدۇم،ھەممە مۇنبەردىكى ئىسمىم ئوخشاش مارشال ئىدى،ئەمما،ئۇ ئىسىمدا كىرەلمىدىم،ئامال يوق مۇشۇ ئىسىمدا كىردىم،

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىپ قويدۇم،سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.مەن بۇ مۇنبەرگە كىرىمەن دەپ يۈرگىلى 1ئاي بولدى،ئاخىرى تىزىملاتتىم،ئەزالىق نامى بەك ئۇزۇن دەپ چىقىۋالغان ئىدى.

مۇشۇ تىبابەتتە ئىشلىتىلدىغان ئاتالغۇلارنى تىل تەتقىق قىلدىغان ئورگان بىر تەتقىق قىپ،بىر ئىسلاھ قىپ باقسىمۇ بوپتىكەن؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-2-7 21:02:02

بوپ قالىدىكەن!

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-2-7 21:49:45

مۇتلەق كۆپ قىسمى ياخشى ئېلىنغانكەن. بۇرۇن «فونكىسسىيە» دېيىلەتتى، ئەمدى يېڭى ئىملا قائىدىسىدە «پۇنكسىيە» بولۇپ ئۆزگەرگەن ئوخشىمامدۇ!

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-7 22:06:39

4- قەۋەتتىكى tursunnنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇتلەق كۆپ قىسمى ياخشى ئېلىنغانكەن. بۇرۇن «فونكىسسىيە» دېيىلەتتى، ئەمدى يېڭى ئىملا قائىدىسىدە «پۇنكسىيە» بولۇپ ئۆزگەرگەن ئوخشىمامدۇ!



مەنمۇ ئۆزگەرگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، بەلكىم خاتا يېزىلىپ قالغاندۇ . ئۆزىمىز توغرىلاپ ئوقۇيلى ئەمدى .

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-7 22:36:07

Kidney punctureئېنگىلىزچە مۇشنىڭغا قاراپ شۇنداق پۇنكىسيە دېيىلگەن بولۇشى مۇمكىن.



سىز دېگەن فۇنكىتسىيە职能 Function بۇ بولۇشى مۇمكىن




hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-2-7 22:50:45

传单症 يۇقۇملۇق يەككە يادرولۇق ھۈجەيرە كۆپۈيۈش كېسىلى

慢淋 سوزۇلما لىمفا ھۈجەيرىسى مەنبەلىك ئاق قان كېسىلى

腰穿 بەل ئومۇرتقىسىغا پۇنكسىيە قىلىش تېخنىكىسى             ....شۇڭا خەنچە ئاتىلىشى ئاغزىمىزغا ئىتتىك كىلىدۇ-دە .

يۇقارقىلارنىڭ تەرجىمىسى توغرىدەك قىلغان بىلەن شۇ ئومۇملاشتۇرغىلى بولمايدۇ . «كۆۋرۈك سالدۇرۇش» نى قوبۇل قىلغان خەلق «ئۇمۇرىتقا / بۆرەك تەشتۈرۈش» نىمۇ بىرخىل تىببىي ئاتالغۇ مەنىسىدە قوبۇل قىلار بولغىيتى.ئىنگىلىزلارمۇ ئىسمى ئۇزۇن كېسەللىكلەرنى ھەربىر سۆزنىڭ باش ھەرپىنى ئىلىپلا قىسقارتىپ قوللىنىۋاتىدۇ .مەسىلەن :PTSD ،OCD، AIDS

ما خەقمۇ ئوبدانلا قىسقارتىپتۇ .بىزمۇ ئۆزىمىزگە خاس ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىپ يۇقارقىدەك ئاتالغۇلارنى ئىسلاھ قىلىپ باققان بولساق ...

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-2-8 07:48:26

شۇنىسى ئۇيغۇرچەنى قىسقارتماپتۇ!

بۇنداق ئۇزۇن ئاتالغۇنى دەپ بولالماي، ئۇيغۇر تېببىي خادىملارمۇ ئامالسىز خەنزۇچە قىسقارتىلمىسىنى ئىشلىتىدۇ-دە



بۇنى ئۇيغۇرچە قىسقارتىپ:

白分 白细胞计数及分类ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ساناش ۋە تۈرگە ئايرىش

بۇنى «ئاق ئايرىق» دەۋەتسە بولماسمۇ؟
بەت: [1]
: قىسقارتىپ ئاتالغان تېببىي ئاتالغۇلار...