يۇمشاق دېتال تەرجىمىسىگە مۇھەررىر لازىم
كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرى بولغىنىدەك photoshop cs5 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋاتقان ئىدۇق. تەرجىمىسىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان. يېقىندىن بېرى ۋاقتىمنىڭ چىقماسلىقى ھەم توردىكى بەزى ناچار ئىنكاسلار تۈپەيلىدىن بۇ خىزمەتنى توختىتىپ قويغان ئىدىم. لېكىن يەنە ئاخىرغا چىقىرۋېتىش قارارىغا كەلدىم. ئۆزۈم تەھرىرلىك قىلغانغا قارىغاندا باشقا بىر ئادەم تەھرىرلىك قىلسا خاتالىقلارنى ياخشىراق تاپالايدىكەن.
شۇڭا مۇشۇ photoshop cs5 نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنىڭ ئىملا خاتالىقلىرىنى، تەرجىمە خاتالىقلىرىنى تەكشۈرۈپ، تەھرىرلەشكە ۋە چالا قالغان جۈمىللەرنى تەرجىمە قىلىشقا (چالا قالغان جۈمىللەر كۆپ ئەمەس) بىر نەپەر مۇھەررىر لازىم.
قويۇلدىغان تەلەپ: ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق، يۇمشاق دېتالدا ئانا تىلنىڭ پاساھىتىنى نامايەن قىلالايدىغان، خەنزۇچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىش تەجىربىسىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك.
تاللانغان مۇھەررىرگە ھازىرچە بەك كۆپ بېرەلمىسەكمۇ، ئالپ تورى نامىدىن ئىش ھەققى بېرىپ، رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمىز. (بۇ ئىشنى قىلماقچى بولغانلار پۇلنى دەپ قىلمايدىغۇ ھە ) ۋە photoshop cs5 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانلار قاتارىغا نامى يېزىلىدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتال خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان. مۇھەررىرگە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈكنى ئەۋەتىپ بېرىمەن. ئېنگىلىزچىدىن پايدىلىنالىسا، ئېنگىلىزچە سۆزلۈكىنىمۇ ئەۋەتىپ بېرىمەن. سۆزلۈك 26 مىڭ قۇر ئەتراپىدا.
ھۆرمەت بىلەن: ئالپ تورى
كىيۇكىيۇ: 632997108
ياخشى ئىش بوپتۇ، مەن ئىلگىرىكى تەرجىمىلىرىڭىزنى سېتىۋالغان، ھازىرمۇ مەمنۇنىيەت بىلەن ئىشلىتىۋاتىمەن، بەك ياخشىكەن، تېخىمۇ نادىر دېتاللارنى تەرجىمە قىلىپ بىرىڭ، ئالدى بىلەن مەن سېتىۋالىمەن. ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز. مۇبارەك بولسۇن. مەن ئالدىراش بولمىغان بولسام قارىشىپ بېرەركەنمەن. ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ.‹ ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى› دەپتىكەن، غەيرىتىڭىزگە بارىكاللا... alipenwer ئەپەندى ، بارىكاللا ، ياخشى ئىشتىن يەنە بىرنى قىپسىلەر، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان دېتاللىرىڭىزنى مەنمۇ ئىشلىتىپ باققان، ئەگەر ۋاقىت بەك قىس بولمىسا تەرجىمىسىگە مەن ياردەملىشەي تەقاززالىق بىلەن كۇتكەن، ئاخىرى پۇتۇدىغان بوپتۇ. ئىش ھەققىنى دەڭ، قىلىدىغانلار چىقىدۇ. تۈگەتتىڭىزمۇ؟ بولمىسا مەن خالىس قىلىپ بېرەي، ئېنگىلىزچىسىنىمۇ تەڭ كۆرسەم بولىدۇ.