ئۇيغۇر كاتىپ پروگراممىسى
ۋاقىت ئەسكەرتىدىغان پروگرامما ئېھتىياجى بىلەن
تۈۋەندىكى پروگراممىنى تۈزۈپ چىققان ئىدىم !
پروگرامما ئىقتىدارلىرى :
1_
ئۈستەل يۈزىدە سائەت ۋە كالىندارنى كۆرسىتىدۇ ، تورغا ئۇلانغان كومپيوتېرلاردا
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تورى تەمىللىگەن ھاۋارايى ئۇچۇرىنى كۆرسىتىدۇ ، كالىنداردىكى
ئاي ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇدا كۆرسىتىدۇ .
2_ 5 ۋاق ناماز ۋاقتىنى ئەزان
ئاۋازىدا ئەسكەرتىدۇ .
3_ ھەركۈنى ئەسكەرتىشكە توغرا كەلگەن مۇھىم ئىشلارنى
ئاۋازلىق ئەسكەرتىدۇ (ئىشقا چىقىش ۋاقتى ، بالىڭىزنى يەسلىدىن ئەپكىلىش ۋاقتى
....)
4_ مەلۇم يىل_ئاي_ كۈندىكى ئىشلارنى ئەسكەرتىدۇ (نۇۋرۇز كۈنى ، مەلۇم
ۋاقىتتىكى يىغىن ، زىياپەت ، ئۇچرىشىشلارنى .....).
5 _ كومپيوتېرنى ۋاقىت
بەلگىلەپ ئۆزلىگىدىن ئۆچۈرۈشكە بۇلىدۇ .
ئەلۋەتتە ئىشلەتكۈچىلەر بۇ
ۋاقىتلارنى خالىغانچە بەلگىلىۋالالايدۇ !
پروگرامما كۆرۈنمە يۈزى .
چۈشۈرۈش مەنزىلى http://www.xjyeza.cn/soft/Uy_katip.exe



ھاۋارايىدا پەقەتلا ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايىنىلا كۆرسىتىدىكەن ، باشقا شەھەرنىڭكىگە تەڭشىگىلى بولمايدىكەن .

تور بەتتىكى كودىنى قانداق قوشىدۇ؟ قايسىسىنىڭ كودىنى قوشسا شۇ يەرنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالى كۆرسىتىش جەدۋىلى كۆرۈنەمدۇ ياكى؟؟؟؟
ھاۋارايى ئۇچۇرى تورغا چىققۇچى نىڭ ip سىغا قارىتا تۇرۇشلۇق ئورنىنى ھۆكۈم قىلىدۇ !بۇ ip ئورۇن ئۇچۇرىنى http://www.ip138.com/ تەمىنلىگەن ئامبار ئۇچۇرىدىن پايدىلانغان ئىدىم .
بەزى ئورۇنلارنىڭ بۇلۇپمۇ تۇرپاننىڭ بەزى جايلىرىدا تورغا ئۇلانغان ip نىڭ ئورنىنى قۇمۇل ياكى ئۈرۈمچى بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋال بار . شۇ سەۋەبتىن بەزى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھاۋارايى ئۇچۇرى توغرا چىقماي قېلىشى مۇمكىن ! بۇنداق ئەھۋال كۆپ ئۇچرىمايدۇ !
تۇمارىس قا :
ئۇ بەتتىكى ‹تورغا چىققان ئابونىت تۇرۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ھاۋارايى كودى› نىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى كۆچۈرۈش خېتىنى باسسىڭىز ئۇ كود كۆچىرىلىدۇ ياكى رامكىنىڭ ئىچىدىكى كودلارنى كۆچۈرۈپ توربېتىڭىزنىڭ خالىغان ئورنىغا قىستۇرىۋالسىڭىز بۇلىدۇ .
يەنە ئۇنىڭدىن باشقا دىيارىمىزدىكى بەزى شەھەرلەرنىڭ ئايرىم ئايرىم ئۇيغۇرچە ھاۋارايى كودى بېرىلدى . كوزنەكنىڭ ئوڭ تەرەپىگە ھەرقايسى ھاۋارايى كودلىرىنىڭ كۆرۈنىش شەكلى تەمىنلەندى .
9- قەۋەتتىكى imtiyazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۇمارىس قا :
ئۇ بەتتىكى ‹تورغا چىققان ئابونىت تۇرۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ھاۋارايى كودى› نىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى كۆچۈرۈش خېتىنى باسسىڭىز ئۇ كود كۆچىرىلىدۇ ياكى رامكىنىڭ ئىچىدىكى كودلارنى كۆچۈرۈپ توربېتىڭىزنىڭ خالىغان ئورنىغا قىستۇرىۋالسىڭىز بۇلىدۇ .
يەنە ئۇنىڭدىن باشقا دىيارىمىزدىكى بەزى شەھەرلەرنىڭ ئايرىم ئايرىم ئۇيغۇرچە ھاۋارايى كودى بېرىلدى . كوزنەكنىڭ ئوڭ تەرەپىگە ھەرقايسى ھاۋارايى كودلىرىنىڭ كۆرۈنىش شەكلى تەمىنلەندى .
مەنغۇ كۆچۈرۈشنى چەككەن ئىدىم، لېكىن نەگە قىستۇرۇشنى بىلمەي قالدىميا...


Nortonخەتەرلىك دەپ ئۆچۈرۋېتىپ بارىدىغۇ؟ مەن چۇشۇرۇۋالدىم،رەھمەت.ئەمما ھەرقانچە ھەپىلەشسەممۇ،ئېكراننىڭ ئوڭ ئاستى بولىكىدە تۇرىدۇ،ئوڭنى بېسىپ تەڭشىگىلى بولدى.ئەمما پەقەتلا ئۇستەل يۇزىگە چىقمىدى. كاتىپنىڭ ئېكراندىكى ئورنىنى تەڭشىگىلى بولمايدىكەن .
10- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنغۇ كۆچۈرۈشنى چەككەن ئىدىم، لېكىن نەگە قىستۇرۇشنى بىلمەي قالدىميا...تور بېتىڭىزنىڭ خالىغان ئورنى دېگىنىڭىز قايسى يىرىنى كۆرسىتىدۇ؟ رەسىم تۇتۇپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىزمۇ بوپتىكەن...
ئەمدى سىناب بېقىڭ !
ئۇنىڭ ئېكىران ئورنىنى تەڭشەشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ تەكلىپ پىكىرىڭلەر بولسا ئايىماڭلار !
مەن ناماز ۋاقتىنى ئاقسۇنىڭكىگە تەڭشەپ بولۇپ جەزملىۋەتسەم يوقاپ كەتتى. قايتا قوزغىتاي دېسەم ئىجرا بولۋاتىدۇ دەيدۇ. win7 دا نورمال ئەمەسمۇ ياكى مەن مەشغۇلاتنى خاتا قىلدىممۇ؟ مەن ھازىر ئايفوندا تورغا چىقىۋاتىمەن.كومپىيۇتېر ئارقىلىق تورغا چىققاندا چوقۇم چۈشۈرۋالىمەن... مىنىڭكىدە ھاۋارايىنى كۆرسەتمىدى.بۇ قانداق گەپتۇ؟ يۇقارقى چۈشۈرۈش ئادرىسى نورمال بولمىغاندا بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭلار http://www.yolyar.com/soft/Uy_katip.rar
بەت:
[1]
2