ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىشتىن ياردەم سورايمەن
چىشى چىققاندىن تارتىپ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان بىر ئاسپىرانت تونۇشۇم بارئىدى، بىز ئادەتتە "مىنكاۋخەن" دەيمىزغۇ، "خەنزۇۋان" دىگەن ئاتالغۇنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. ئۆزى ئۇيغۇرچىنى خېلى راۋان سۆزلەيدۇ، ھازىر يەنىمۇ پىششىقلاپ ئۆگىنىشنى نىيەت قىپتۇ. ئەتراپىدا ئۇنىڭچىلىك سۆزلىيەلمەيدىغانلاردىن خېلى بار ئىكەن، مۇشۇ ھەقتە مەندىن ياردەم سورىدى. ئۇلارغا مەخسۇس ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىدىغان تور بەت، ئاۋاز-سۈرەتلىك دەرسلىكلەر لازىمكەن. توردىن ئىزدەپ باقتىم، لېكىن ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقالىغۇدەك نەرسىلەر بەكلا ئازكەن.
مۇمكىن بولسا، مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار بولسا ياردەم قىلىۋەتسەڭلار.
بالىلار ئېلىپبە ئۆگىنىدىغان بىر دىسكا بولىدىغان، خېلى ئەتراپلىق، كارتون شەكلىدە، شۇنى ئىزدەپ بېقىڭ، بىزدە بىرى بار ئىدى، بەك سىزىلىپ، بولالماي قاپتۇ....
1- قەۋەتتىكى umidwar99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بالىلار ئېلىپبە ئۆگىنىدىغان بىر دىسكا بولىدىغان، خېلى ئەتراپلىق، كارتون شەكلىدە، شۇنى ئىزدەپ بېقىڭ، ....
تۆۋەندىكى گەپكە دىققەت قىلماپسىزدە؟
_Imkanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
ئۆزى ئۇيغۇرچىنى خېلى راۋان سۆزلەيدۇ، ھازىر يەنىمۇ پىششىقلاپ ئۆگىنىشنى نىيەت قىپتۇ. ............
مۇشۇنداق ماڭغىلى تۇرساق بىر كۈنلەردە بالىلىرىمىزغىمۇ ئۇيغۇرچىنى پىلاستىنكىلاردىن ئۈگىتىدىغان ئوخشايمىز. رومان ئۇقۇسۇن.بىر قازاق ساۋاقدىشىم ئۇيغۇرچە رومان ئۇقۇپ ئۆگەنگەن. راۋان سۆزلىيەلىسە، كۆپلەپ كىتاب ئوقۇشتىنمۇ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولمىسا كېرەك. قارىغاندا، مۇشۇنداق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرەي دىگەندە ئانا تىلىنى ئۆگىنىشنى ئويلاۋاتقان بالىلار خېلى بار ئوخشايدۇ. تور بەت ياسايدىغانلار مۇشۇلارغىمۇ ئاتاپ بىرەر تور بەت ياساپ قويساڭلار بەلەن بولاتتى. توغرا، ئانا يۇرت رومانىنى 3 قېتىم باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقىپمۇ ئۈگىنەلمىسە پۇلى قايتۇرۇلىدۇ.

8- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ تونۇشۇم سۆزلەشكە راۋان بولغان بىلەن ھەجىلەپ ئاران ئوقۇيدۇ. بۇنداق سەۋىيىدىكى باللاغا رومان ئوقۇش تەس كېلەرمىكىن، يېڭىچە، ياشلارنى ئاسان زېرىكتۈرمەيدىغان ئۇسۇللار بولسا ئوبدان بولاتتى. ئويۇن ئارقىلىق ئۆگىنىش دىگەندەك.
ئۇنداقتا دوستىڭىزغا ئالدى بىلەن http://www.xjtsnews.com/normal/content/lading دەك توربەتلەرنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىڭ، ئۇنىڭ بەلگىلىك ئۈنىمى بولۇپ قالسا ئاندىن رۇمان ئوقۇشقا كۆچسىمۇ بولىدۇ. رۇمان ئوقۇشنى ئالدى بىلەن \"سۇ بويىدا\"نى ئوقۇشتىن باشلىغىنى تۈزۈك، ھەرقانداق رۇمان ئوقۇشقا رايىشلىقى يوق ئادەمنى رۇمان ئوقۇيدىغان ئادەم قىلىپ ئۆزگەرتىشتە \"سۇ بويىدا\" ياخشى دورا. ئانا يۇرت،ئويغانغان زىمىن ،باھادىرنامە دىگەندەك شۇنچە ياخشى رۇمانلار تۇرسا ئەمدى بىرىپ كىلىپ سۇ بۇيدىنى ئۇقۇمدۇم بىدار قۇتلان ئەپەندىم ئۇقۇغىلى رۇمان چىقمىغاندەك ،مىكاۋخەنلەر دىگەن ئۇ سۇ بۇيدا رۇماننى مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ ئۇقۇش پۈتتۈرگىچە كىلاسسىك ئەدەبىيات قىسمىدا ئۈزۈندە شەكىلىدۇ يادىلاپ مىڭسىگە قۇيۇۋىتىدۇ............ {:92:}

8- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ تونۇشۇم سۆزلەشكە راۋان بولغان بىلەن ھەجىلەپ ئاران ئوقۇيدۇ. بۇنداق سەۋىيىدىكى باللاغا رومان ئوقۇش تەس كېلەرمىكىن، يېڭىچە، ياشلارنى ئاسان زېرىكتۈرمەيدىغان ئۇسۇللار بولسا ئوبدان بولاتتى. ئويۇن ئارقىلىق ئۆگىنىش دىگەندەك.
خەنزۇچە 5000 خەتنى ئۆگىنىۋالغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئۇيغۇرچە 32 ھەرپنى ئۆگىنىۋىلىش ئانچە قېيىن مەسىلە ئەمەس . ئۆگەنگىسى بولسا سەۋەپ كۆرسەتمەي ئۇيغۇرچە رومانلارنى كۆپرەك ئوقۇغاي . بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئۆگىنىش ئۇسۇلى يوق .
ئۇيغۇرچە رومان ئوقۇش بىلەن بىرگە ، ئۇيغۇرچە كىنولارنى كۆپرەك كۆرسۇن .
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئۇقۇسۇن بارىكاللا ، بۇ بىر ياخشى نىيەت ئىكەن. تەكلىۋىم، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ساھەدىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى، گېزىت-ژۇرناللارنى، يۇمۇر كىتابلارنى، ئېتوت، چاقچاقلىق ئولتۇرۇش، رادىيو، ئېلكىتاب، ئاۋازلىق ئەسەرلەر... قاتارلىقلارنى كۆپرەك كۆرۈپ، ئاڭلاپ قۇلاققا سىڭىۋەرسىمۇ ئۆزلۈكىدىن راۋان سۆزلەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. مىنىڭچە ئەڭ ياخشى ئۇيغۇرچە مۇنبەرگە كۆپ كىرسۇن،ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى كۆپ ئاڭلىسۇ. بۇنىڭدىن ياخشى ئۇسۇل ھازىرچە يوق،چۈنكى زىرىكمەيدىغىنى.
11- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ تونۇشۇم سۆزلەشكە راۋان بولغان بىلەن ھەجىلەپ ئاران ئوقۇيدۇ. بۇنداق سەۋىيىدىكى باللاغا رومان ئوقۇش تەس كېلەرمىكىن، يېڭىچە، ياشلارنى ئاسان زېرىكتۈرمەيدىغان ئۇسۇللار بولسا ئوبدان بولاتتى. ئويۇن ئارقىلىق ئۆگىنىش دىگەندەك.
خەنزۇچە 5000 خەتنى ئۆگىنىۋالغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئۇيغۇرچە 32 ھەرپنى ئۆگىنىۋىلىش ئانچە قېيىن مەسىلە ئەمەس . ئۆگەنگىسى بولسا سەۋەپ كۆرسەتمەي ئۇيغۇرچە رومانلارنى كۆپرەك ئوقۇغاي . بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئۆگىنىش ئۇسۇلى يوق .
ئۇيغۇرچە رومان ئوقۇش بىلەن بىرگە ، ئۇيغۇرچە كىنولارنى كۆپرەك كۆرسۇن .
خېتىنى ئۈگىنىش تەس كەلمەيدۇ. مەنمۇ بۇلتۇربالامغا ئۇيغۇرچە خەت ئۈگەتسەم بەك ئاسانكەن دەپ ئۈگەنگەن. لىكىن تىل بايلىقى كەمچىل بۇلاردا. ئىپادىلەش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس شۇ.
15- قەۋەتتىكى@ sumbula888نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خېتىنى ئۆگۈنۈش تەس كەلمىگەچكە ، ھەجىلەپ ئاران ئوقۇيدۇ دەيدۇ .
شۇڭا باللىرىمىزنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بېرەيلى.
ئىڭىكىگە ساقال چىققاندا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسۇن!
17- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇڭا باللىرىمىزنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بېرەيلى.
ئىڭىكىگە ساقال چىققاندا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسۇن!
ئاللاھ خالىسا بىز بالىلىق بولۇپ، بالىلىرىمىز مەكتەپكە كىرگۈچە يۇرتلاردا ئۇيغۇرچە مەكتەپ قالارمۇ؟
18- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
17- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇڭا باللىرىمىزنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بېرەيلى.
ئىڭىكىگە ساقال چىققاندا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسۇن!
ئاللاھ خالىسا بىز بالىلىق بولۇپ، بالىلىرىمىز مەكتەپكە كىرگۈچە يۇرتلاردا ئۇيغۇرچە مەكتەپ قالارمۇ؟
ئۇيغۇرچە مەكتەپنىڭ قېلىش -قالماسلىقى سىز بىلەن بىزگە باغلىق. ھەممىمىز باللىرىمىزنى ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بەرسەك، ئۇيغۇرچە مەكتەپ ئامان قالىدۇ. ھەمىمىز خەنزۇچە مەكتەپكە ياكى قوشتىلغا تەجرىبە ماتېرىيالى قىلىپ بەرسەك، ئۇيغۇرچە مەكتەپلەر چۆلدەرەپ، ھۆكۈمەت \"ئامالسىز\" تاقىۋېتىدۇ. بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭمۇ پىكىرى چىقمايدۇ.