atom430 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-6 04:02:27

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

1. ئايال:--- جېنىم ئېرىم، ھازىر خەۋەردە يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بىر ماشىنىنى قارشى يۆنىلىشتە ماڭدى دەپ ئۇقتۇردى، ماشىنىنى ئېھتىيات قىلىپ ھەيدەڭ!


ئەر:--- خوتۇن بىرلا ئەمەسكەن، قارىسام ھەممە ماشىنا قارشى يۆنىلىشتە مېڭىۋاتىدۇ.



2. بىر باشلىق مەس بولۇپ قىلىپ كاتىپىنى ئىلىپ بىر مىھمانخانىغا كىتىپتۇ،  باشلىقنىڭ يانفونى سايرىشىغىلا كاتىپ قىز تېلفوننى ئىلىپ:--- كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان ئابونىت مەس بولۇپ قالدى، سەل ساقلاپ ئەتە ئۇرۇڭ، دەپلا قويۇۋىتىپتۇ. باشىق ئەتىسى ئۆيىگە كەلسە ئايالى:---ئاخشاش بەك جىق ئىچىۋالغان ئوخشىمامسىز؟ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ خەۋەر تىپىپتۇ.



3بىرەيلەن ئاشخانىغا كىرىپ لەغمەن بۇيرۇتۇپ، ئەمدى چوكا سىلىپ تۇرۇشىغا بىر تال ئۇزۇن چاچ چىقىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم چاچنى چوكىدا قىسىپ ئىلىپ تاڭجاڭنى چاقىرىپ:--- ئۈكەم! مانى قايدا قىلىمىز؟    تاڭجاڭ:---ئىھ(ئىچىگە بىژنى تاتىپ)! ۋە باللا! ما ئاكاڭلىغا چوكا ئالماشتۇرۇپ بىرىڭلا!



4 بىر تەنھەركەتچى ۋاسكىتبولنى گارغا 5 قېتىم ئىتىپ چۈشۈرەلمەپتۇ. تېرنىر ئاچچىقلاپ:---دۆت بىر نىمىكەنسەن، ئەكىلە مەن كۆرسىتىپ قوياي، دەپ توپنى گارغا 5 قېتىم ئىتىپ چۈشۈرەلمەپتۇ، ۋە كەينىدىنلا چاندۇرماي:--- كۆردىڭمۇ، بايا مۇشۇنداق ئاتتىڭ.



5بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى:--- ئات گۆشىنىڭ تەركىۋىدە قايسى خىل ۋېتامىن كۆپ؟


ئوقۇغۇچى:---ۋېتامىن ئا.


ئوقۇتقۇچى:--- بېلىق گۆشىنىڭ تەركىۋىدە قايسى خىل ۋېتامىن كۆپ؟


ئوقۇغۇچى:---ۋېتامىن ب.


ئوقۇتقۇچى:--- غاز گۆشىنىڭ تەركىۋىدىچۇ؟


ئوقۇغۇچى:---ۋېتامىن غ.



6 دوختۇر:--- چوڭ تەرىتىڭىز تەرتىپلىك كىلەمدۇ؟


بېمار:--- ھەئە، ھەر كۈنى ئەتتىگەن سائەت 8 دە كىلىدۇ.


دوختۇر:--- ئەمسە يەنە نىمە مەسلە بار؟


بېمار:--- مەن ھەر كۈنى سائەت 9 دا ئويغىنىمەن.



7.قىز:--- سىز مىنىڭ  مۇشۇ پەرىشتىدەك ھۆسنىمنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى قاملاشقان فىگۇرۇمنىمۇ؟


يىگىت؛ مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق يۇمۇرىستىك تۇيغۇڭىزنى ياخشى كۆرىمەن.



8بىر يىگىت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزغا سۆيگۈ خىتى يىزىپتۇ، ۋە ئۇ قىزنىڭ مەھەللىسىگە بىرىپ قىزنىڭ 7 ياشلىق ئۇكىسىنى چاقىرىپ دەپتۇ:--- ئۇكام ساڭا 2 كوي بىرەي، بۇ خەتنى ئاچاڭغا بىرىپ قوي....


ئەتىسى يىگىت قانداق بولغاندۇ دەپ بىرىپ قىزنىڭ ئۇكىسىدىن سوراپتۇ:---خەتنى بەردىڭمۇ؟ قىزنىڭ ئۇكىسى:--- ئۆيدە ھەدەم يوقكەن شۇڭا دادامغا بەرگەنتىم. يىگىت:---ئاپلا ، داداڭ نىمە دىدى؟ قىزنىڭ ئۇكىسى:---  دادام بەكمۇ ئاچچىقلىدى،ۋە بۇ خەتنى ئۇ لالمىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر دەپ ماڭا بەردى. يىگىت:--- خەت قېنى؟ قىزنىڭ ئۇكىسى:---  بايىلا سىزگە قايتۇرۇپ بىرەي دەپ ئۆيىڭىزگە بارسام يوقكەنسىز، شۇڭا خەتنى داداڭىزغا بىرىپ قويدۇم.



9 بىرەيلەن قاتناش ۋەقەسى بولغان توپقا كىرەلمەي، دەرھال بىر ئامال ئويلاپتۇدە، ۋاي دادام، ۋاي دادام دەپ يىغلاپ توپقا قىستىلىپتۇ، خەقلەر يول ئىچىپ بەرگەندىن كىيىن قارىسا يەردە بىر ئېشەك ياتقان، شۇنىڭ بىلەن ئوڭايسىزلىنىپ كەينىگە قايتاي دەپ تۇرۇشىغا، بىرەيلەن: ---  توختاپ تۇسىلا ئوغاۋالا، دەپ كەينىدىنلا ئېشەكنىڭ قۇيرىقىنى قايرىپ قاراپ بىقىپ:--- ما دادىللىرى ئەمەسكىن، ئانىللىرىكىنغۇ!!!  



12. بىر مىنكاۋخەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بىرىنجى يىللىقنىڭ ئۇيغۇرتىلى مۇئەللىمىلىككە تەقسىملىنىپتۇ. تۇنجى كۈنى ئۆتىدىغان دەرسى ئىلىپبە بولۇپ، ئىلىپبەكىتابنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرلىشىدە ئا ھەرپىگە ئالما، ب ھەرپىگە بانان، س ھەرپىگە سائەت سىزىپ مىسال كەلتۈرۈگلۈك ئىكەن. مىنكاۋخەن ئوقۇتقۇچى بالىلارغا:---ساۋاقداشلار، مەن نىمە دىسەم شۇنى دەڭلار، دەپ دەرسنى باشلاپتۇ.


ئوقۇتقۇچى:--- (پىڭگو) دىكى ئا


ئوقوغۇچىلار:--- (پىڭگو) دىكى ئا


ئوقۇتقۇچى:--- (شىياڭجىياۋ) دىكى ب


ئوقوغۇچىلار:--- (شىياڭجىياۋ) دىكى ب


ئوقۇتقۇچى:--- (شوۋبىياۋ) دىكى س


ئوقوغۇچىلار:--- (شوۋبىياۋ) دىكى س


ئوقۇتقۇچى ئويلاپ باقسا تازا قاملاشمىغاندەك، شۇنىڭ بىلەن باشقا ئۇسۇلدا ئۆگىتەي دەپ بالىلارغا دەپتۇ:---مەن نىمە دىسەم شۇنى دەڭلار


ئوقۇتقۇچى:--- ئا دەڭلار!


ئوقوغۇچىلار:--- ئا دەڭلار!


ئوقۇتقۇچى:--- (دەڭلار) دىگەننى دىمەي دەڭلار!


ئوقوغۇچىلار:---  (دەڭلار) دىگەننى دىمەي دەڭلار!


ئوقۇتقۇچى:--- تاۋيەن!!!!


ئوقوغۇچىلار:---................



13.يىگىت: ئايرىلىپ كىتەيلى.


قىز:نىمىشقا؟ سەۋەبىنى دەپ بىرىڭ.


يىگىت: ئىككىمىز ماس كەلمەيدىكەنمىز.


قىز: نەرىمىز ماس كەلمەيدىكەن؟


يىگىت: جىنىسىمىز ماس كەلمەيدىكەن.



مەنبە: تور + ئۆزۈم توقىغان+ خەقتىن ئاڭلىغان

Atom430 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-6 19:05:52

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

مۇنۇسى مۇنبىرىمىزدىكى ئالماسخاننىڭ كەچۈرمىشى ئىدىغۇ . توردا تارقىلىپ يۇمۇر بولۇپ كېتىپتۇما ئەمدى .



         ئالە شەنى!!!!!!. كەچۈرمىشى ئوخشاشلار باركەندە (بىر مۇنبەرنىڭ بولغاچقىمۇ يا). قارىغاندا ئالماسخان بىلەن مېنىڭ ئاغېنەم ئوخشاش بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايدۇ. ئا ئوغاۋالىغا دەپ قوياي، ماۋۇ ۋەقەگە پاتېنت ئىلتىماس قىلىۋالسا بولغۇدەك.

dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-6 19:06:53

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

بىرىنچى يومۇر بوپ قويىدىكەن.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-2-24 01:29:38

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

بىر خوجايىن شىر كەيىپ  ھالدا تۇلپار 600  تىپلىق ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىۋىتىپ ، يول بويىدا توختېتىغلىق بىر تراكتورنى كۆرۈپ قاپتۇ ، تراكتور بۇزۇلۇپ قالغان بولۇپ ، پەقەتلا سۆرىتىپ مېڭىشقا بولىدىكەن .  خوجايىننىڭ كەيپى چاغ ئىكەن ، ئۇ بۇ تراكتۇر ئېگىسىگە بىر ياخشىلىق قىلىپ قويماقچى بولۇپ ، ماشىنىسىنى توخـىتىپ تاكتورنىڭ يېنىغا كەپتۇ ، ۋە تراكتورنىڭ ئېگىسىگە ؛ - تراكتورىڭنى مەن سۆرىتىپ ئاپىرىپ بېرەي ، پۇل ئالمايمەن - دەپتۇ .  تراكتورى بۇزۇلۇپ ، قانداق ئەكىتىشنى ئويلاپ ، بېشى قېتىپ تۇرغان ئۇ كىشىگە خوجايىننىڭ گېپى ئوبدان خوشيېقىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى تراكتورنىڭ ئوڭ تەرەپ چىرىقىنى يورۇتسا ماشىنا بىلەن داۋاملىق سۆرەۋېرىدىغان ، سول تەرەپ چىرىقى يورۇتۇلسا ، ماشىنا دەرھال توختايدىغانغا دىيىشىۋىلىپ ، ئا تراكتۇرنى ماۋۇ تولپار 600  تىپلىق ماشىنىغا سىم ئارقاندا چېتىپتۇ .

  شۇنداق قىلىپ ئۇلار يولغا چىقىپتۇ ، ئەلۋەتتە سۇرئەتمۇ ئاستا ئىكەن . شۇ تەرىقىدە بىراز ماڭغاندىن كېيىن ، كەينىدىن بىر سانتانا ماركىلىق ماشىنا ئۇلارنى يانداپ ئالدىغا ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىپتۇ . چاتاق شۇنىڭ بىلەن باشلىنىپتۇ . ئا شىر كەيپ خوجايىن ئادەتتىكى بىر سانتانانىڭ ئۆزىنى ( ئەمىلىيەتتە تۇلپار 600 تىپلىق ماشىنىسىنى ) ئارقىدا قالدۇرۇپ ، ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىشىگە چىدىماپتۇ - دە ، خوتنى يۆتكەپ ، ماي پىدالىغا غەزەپ بىلەن دەسسەپتۇ ...

  ھەش - پەش دىگۈچە بايىقى سانتاناغا يېتىشىۋاپتۇ . دەل شۇ چاغدا قاتناش ساقچىسى بۇلارنى كۆرۈپ قاپتۇ .

قاتناش ساقچىسى قارىغۇدەك بولسا ، ئەييۇھەنناس ! ئاۋۇ تۇلپار 600  سانتانانى ياندايمەن دەپ چىراق يورىتىۋاتقان ، تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى يەنە بىر  تراكتورمۇ  تولپار 600  نىڭ كەينىدىن ئاتتەك چېپىپ ، تېخى يەنە ئۇنى ياندايمەن دەپ چىراق يورىتىۋاتقان .

  شۇنىڭ بىلەن بۇ قاتناش ساقچىسى ئالدىدىكى قاتناش ئەترىتىگە دۇيجاڭجى بىلەن ئەھۋال دوكلات قىلىشقا باشلاپتۇ .

  ۋەي ۋەي ، قاتناش ئەترىتىما ؟ دىققەت ...  \"\"

  

   خەنزۇچە ئۆگىنىۋاتقان ئىدىم ، ماۋۇ يۇمۇرمۇ ئىشقىلىپ ھىكايىمۇ بىلمىدىم ، قىززىق ئىكەن . شۇڭا ، تەرجىمە قىلىپ ،  يۇمۇرلار قاتارىغا يوللاۋاتىمەن . بۇندامۇ ئۇزۇن يۇمۇر بولامدۇ ؟ دەپ رەنجىپ كەتمەي ، كۈلمىسەڭلارمۇ يىغلىۋەتمەي ئوقۇپ قوياڭلار   {:92:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-6 11:36:37

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

تېمىدىكى قاتىل دېگەن گەپنى چىقىرۋەتسەك بولغۇدەك مېنىڭچە

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-6 12:23:57

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

ئەتىسى يىگىت قانداق بولغاندۇ دەپ بىرىپ قىزنىڭ ئۇكىسىدىن سوراپتۇ:---خەتنى بەردىڭمۇ؟ قىزنىڭ ئۇكىسى:--- ئۆيدە ھەدەم يوقكەن شۇڭا دادامغا بەرگەنتىم. يىگىت:---ئاپلا ، داداڭ نىمە دىدى؟ قىزنىڭ ئۇكىسى:---  دادام بەكمۇ ئاچچىقلىدى،ۋە بۇ خەتنى ئۇ لالمىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەر دەپ ماڭا بەردى. يىگىت:--- خەت قېنى؟ قىزنىڭ ئۇكىسى:---  بايىلا سىزگە قايتۇرۇپ بىرەي دەپ ئۆيىڭىزگە بارسام يوقكەنسىز، شۇڭا خەتنى داداڭىزغا بىرىپ قويدۇم.



مۇنۇسى مۇنبىرىمىزدىكى ئالماسخاننىڭ كەچۈرمىشى ئىدىغۇ . توردا تارقىلىپ يۇمۇر بولۇپ كېتىپتۇما ئەمدى .

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-2-6 14:20:56

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

يۇمۇرنىڭ 3- ۋە 4-سى ئەشەددىي ئىكەن!

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-2-6 14:39:58

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

بۇ يۇمۇرلارنىڭ 5-سىدىن 10-سىگىچىنى بەك ياقتۇردۇم.  \"\"

Almihri يوللانغان ۋاقتى 2012-2-6 19:59:17

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

مىنكاۋخەننىڭ يامان قىززىقكەن. \"\" رەخمەت سىزگە.

ubaydulla يوللانغان ۋاقتى 2012-2-7 14:52:43

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

چىۋىنلەر ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭ

خوتەن، قەشقەر، ئاتۇشلۇق چىۋىنلەر بىر يەرگە يېغىلىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ دە، خوتەنلىك چىۋىن بەك سىمىزكەن. قەشقەرلىك، ئاتۇشلۇق چىۋىن سوراپتۇ : سەن نىمانداق سىمىز ئاداش، دەپتۇ. خوتەنلىك چىۋىن دەپتۇ : بىزنىڭ خوتەندە مەن تاماققا چۈشۈپ قالسام، تاماقنى قاچىسى بىلەنلا تاشلىۋېتىدۇ، مەن شۇ تاماقلارنى يەپ سىمىرىپ كەتتىم، دەپتۇ. قەشقەرلىك چىۋىن شۇنداق نورمال كەندە سىمىزمۇ ئەمەس، ئورۇقمۇ ئەمەسكەن. قەشقەرلىك چىۋىن : بىزنىڭ قەشقەردە مەن تاماققا چۈشۈپ قالسام بىر قوشۇق يىرىنى ئېلىپ تاشلىۋېتىدۇ. مەن شۇنى يەپ مۇشۇنداق نورمال تۇردۇم دەپتۇ. ئاتۇشلۇق چىۋىن بەكلا ئورۇقكەندە، قاقشاپ سۆزلەپلا كېتىپتۇ : بىزنىڭ ئاتۇشتا مەن تاماققا چۈشۈپ قالسام، مېنى ئېلىپ بىرنى شوراپ تاشلىۋېتىدۇ، شۇڭا مەن بەكلا ئورۇق دېگۈدەك! \"\"

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-2-7 14:57:54

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

مىنكوخەن ئوقۇتقۇچىنىڭ يۇمۇرىنى قىسقا فىلىم قىلىپ ئىشلىسە، ھەم يۇمۇر ھەم ساۋاق بولامدىكىن دەيمەن!

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-15 14:57:53

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

تازا كۈلۈپتىمەن   {:92:}    {:92:}    {:92:}    {:92:}    {:92:}  يامان قىزىككەن .ھادۇقلىرىم چىقىپ قالدى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-10-18 22:07:19

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

ماۋۇ يۇمۇرنىڭ ئاخىرى قېنى ئەمدى.  \"\"

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-10-19 09:50:58

يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى

11- قەۋەتتىكى jaziyraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر خوجايىن شىر كەيىپ ھالدا تۇلپار 600 تىپلىق ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىۋىتىپ ، يول بويىدا توختېتىغلىق بىر تراكتورنى كۆرۈپ قاپتۇ ، تراكتور بۇزۇلۇپ قالغان بولۇپ ، پەقەتلا سۆرىتىپ مېڭىشقا بولىدىكەن . خوجايىننىڭ كەيپى چاغ ئىكەن ، ئۇ بۇ تراكتۇر ئېگىسىگە بىر ياخشىلىق قىلىپ قويماقچى بولۇپ ، ماشىنىسىنى توخـىتىپ تاكتورنىڭ يېنىغا كەپتۇ ، ۋە تراكتورنىڭ ئېگىسىگە ؛ - تراكتورىڭنى مەن سۆرىتىپ ئاپىرىپ بېرەي ، پۇل ئالمايمەن - دەپتۇ . تراكتورى بۇزۇلۇپ ، قانداق ئەكىتىشنى ئويلاپ ، بېشى قېتىپ تۇرغان ئۇ كىشىگە خوجايىننىڭ گېپى ئوبدان خوشيېقىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى تراكتورنىڭ ئوڭ تەرەپ چىرىقىنى يورۇتسا ماشىنا بىلەن داۋاملىق سۆرەۋېرىدىغان ، سول تەرەپ چىرىقى يورۇتۇلسا ، ماشىنا دەرھال توختايدىغانغا دىيىشىۋىلىپ ، ئا تراكتۇرنى ماۋۇ تولپار 600 تىپلىق ماشىنىغا سىم ئارقاندا چېتىپتۇ .

شۇنداق قىلىپ ئۇلار يولغا چىقىپتۇ ، ئەلۋەتتە سۇرئەتمۇ ئاستا ئىكەن . شۇ تەرىقىدە بىراز ماڭغاندىن كېيىن ، كەينىدىن بىر سانتانا ماركىلىق ماشىنا ئۇلارنى يانداپ ئالدىغا ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىپتۇ . چاتاق شۇنىڭ بىلەن باشلىنىپتۇ . ئا شىر كەيپ خوجايىن ئادەتتىكى بىر سانتانانىڭ ئۆزىنى ( ئەمىلىيەتتە تۇلپار 600 تىپلىق ماشىنىسىنى ) ئارقىدا قالدۇرۇپ ، ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىشىگە چىدىماپتۇ - دە ، خوتنى يۆتكەپ ، ماي پىدالىغا غەزەپ بىلەن دەسسەپتۇ ...

ھەش - پەش دىگۈچە بايىقى سانتاناغا يېتىشىۋاپتۇ . دەل شۇ چاغدا قاتناش ساقچىسى بۇلارنى كۆرۈپ قاپتۇ .

قاتناش ساقچىسى قارىغۇدەك بولسا ، ئەييۇھەنناس ! ئاۋۇ تۇلپار 600 سانتانانى ياندايمەن دەپ چىراق يورىتىۋاتقان ، تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى يەنە بىر تراكتورمۇ تولپار 600 نىڭ كەينىدىن ئاتتەك چېپىپ ، تېخى يەنە ئۇنى ياندايمەن دەپ چىراق يورىتىۋاتقان .

شۇنىڭ بىلەن بۇ قاتناش ساقچىسى ئالدىدىكى قاتناش ئەترىتىگە دۇيجاڭجى بىلەن ئەھۋال دوكلات قىلىشقا باشلاپتۇ .

ۋەي ۋەي ، قاتناش ئەترىتىما ؟ دىققەت ... \"\"



  خەنزۇچە ئۆگىنىۋاتقان ئىدىم ، ماۋۇ يۇمۇرمۇ ئىشقىلىپ ھىكايىمۇ بىلمىدىم ، قىززىق ئىكەن . شۇڭا ، تەرجىمە قىلىپ ، يۇمۇرلار قاتارىغا يوللاۋاتىمەن . بۇندامۇ ئۇزۇن يۇمۇر بولامدۇ ؟ دەپ رەنجىپ كەتمەي ، كۈلمىسەڭلارمۇ يىغلىۋەتمەي ئوقۇپ قوياڭلار \"\"

Axirichu ?
بەت: [1]
: يۇمۇرنىڭ قاتىللىرى