motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-5 16:19:07

كىرەك

<<يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نىكاھ  قانۇنى>> كىرەك .


2011 يىلى نىكاھ قانۇنىغا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزىلىپ ئېلان قىلىنغاندەك ئىدى.
لىكىن تا ھازىرغىچە بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇننىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئۇچراتقىلى بولمايۋاتىدۇ.جۈملىدىن مەن
ئۇچۇرتالمىدىم. دوسىتلار بىلەمدىغاندۇ دەپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.


گۇاڭشى تېلىۋىزىيە
ئىستانسىسىدىكى جوۋ لى بو ئىسىملىك بىر رىياسەتچى بىر پىروگراممىدا : ھازىرقى قىزلارنىڭ ئەڭ بەك كۆڭۈك بۈلىدىغىنى نىكاھ قانىنىدۇر. قىزلار بۇ
قانۇننى ئاساسەن يادقا بىلىدۇ ،- دىگەنىكەن. بۇ قانۇنننىڭ شاراپىتىدىن ياش قىزلار
مال دۇنياغا ئېرىششىنىڭ مەقسىتىدە پۇلدارلار ياكى پۇلدار قېرىلارغا بىر ئامالنى
قىلىپ تىگىپ ، كىيىن ئاجىرىشىپ (ئەلۋەتتە ياش بىلەن قېرى ئاسانلىقچە
كىلىشەلمەيدۇدە)  مال دۇنياسىنىڭ مەلۇم
قىسىمىغا ئىگە بولۇدىغان نىكاھ ئۇيۇنى كۆپ بولۇپ كەتكەن .


بۇ قېتىمقى تۈزىتىش
كىرگۈزۈلگەن قانۇندا قىزلارنىڭ قارا نىيىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەنگەندەك تۇرىدۇ.ھازىر
ئەتراپىمىزدا نىكاھقا تولىمۇ سۇس مۇئامىلە قىلىۋاتقان ۋە نىكاھ مۇناسىۋىتىدە مەسلە
كۆرۈلگەنلەر كۆپەيمەكتە.شۇڭا مۇشۇ يېڭى قانۇن توغرىسىدا بىلدىغانلار بىر نەرسە
دىسە بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسا ۋە شۇ ئارقىلىق ئەنئەنە، ئەخلاق، دىن
شەرىئەت كار قىلمىغاندا  بۇ قانۇن
ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى يوللۇق قوغدىسا دىمەكچىمەن.


قېنى
بىلىدىغانلار  تەلىم بەرگەيسىلەر.


(سەمىمى
ئەسكەرتىش: بۇ تېما بارلىق قىزلارغا قارىتىلمىدى،.ۇنداق ئەمەسلەر ئۆزۈڭلەرگە ئېلىپ
كەتمەڭلار.)


gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-5 17:48:14

بۇ بەتلەردىكىسى پايدىلىنىشىڭىزغا ئەسقېتىپ قالسا ئەجەب ئەمەس:

http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=42173#Inkas

http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=42148

http://www.anamakan.cn/html/News/shehuixinwen/2011-8-31-23-822.html

erdewil يوللانغان ۋاقتى 2012-2-5 20:57:21

مۇشۇ ئۆي-زېمىن مەسىلىسى بولۇپمۇ ئاجرىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان (ئىلگىرى بىر-بىرىگە ئامراق) ئەر-خوتۇنلارنى‹‹بەت-بەشىرە مەخلۇققا ئايلاندۇرۋېتەلەيدۇ››

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-5 22:02:41

خەنزۇچە تور بەتلەردە  جەڭ بوپ كەتتىغۇ دەيمەن بۇ يېڭى نىكاھ  قانۇنى   {:92:}

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-5 22:08:44

خەنزۇچە تور بەتلەردە  جەڭ بوپ كەتتىغۇ دەيمەن بۇ يېڭى نىكاھ  قانۇنى   {:92:}

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-2-6 06:39:54

ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خوشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار.ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۈتۈنۈپ بەرسە،ئۇنى مەززىلىك،سىڭىشلىق(يەنى ھالا،پاك بىلىپ يەڭلار).نىسا سۈرىسى 4-ئايەت.

ئى مۆمىنلەر!ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ،ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق(يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان مال ئورنىدا قىلۋالماق)سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ:ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۋىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياتقۇرمىساڭلار (سەۋىر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

سۈرە نىسا 19-ئايەت.

ئەگەر بىر خۇتۇننى قۇيۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار،ئۇلارنىڭ بىرىگە(مەھرى قىلىپ)كۆپ مال بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرۋالماڭلار.ئۇنى(ئايالغا) قارا چاپلاپ ۋە ئۇچۇق زۇلۇم قىلىپ ئالامسىلەر؟ئۆز-ئارا خىلۋەتتە بۇلۇشقان تۇرساڭلار ۋە سىلەردىن(نىكاھ ئەقىدىدىن ئىبارەت)مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۋالسىلەر؟  نىسا سۈرىسى 20،21 -ئايەت

ئەرلىك ئايالنى ئېلىشمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى. پەقەت سىلەرنىڭ باشقۇرشىڭلار ئاستىدىكى ھۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرىز قىلغان ھۆكىمىدۇر، بۇلاردىن(يۇقىردىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن)باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ھالدا،ماللىرىڭلارنى سەرىپ قىلىپ(يەنى مەھىرنى بېرىپ)نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى.قايسى ئاياللارنى(نىكاھلاپ ئېلىپ)پايدىلانساڭلار،ئۇلارغا(نىكاھ ۋاقتىدا)بېكىتىلگەن مەھىرىلىرىنى بېرىڭلار،مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆز-ئارا پۈتۈشكەن نەرسەڭلار توغرسىدا(يەنى ئايالنىڭ رازىلىقى بىلەن ساقىت قىلىنغان مەھرى ئۈچۈن)سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. نىسا سۈرىسى 23-ئايەت.



مەھرى بېكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن نىكاھ ئۇقۇلماستىن بۇرۇن توي بۇزۇلسا مەھرى كىمگە تەۋە بۇلۇش توغرلىق يەنە بىر قانچە ئايەت بار ئىدى،دەماللققا قايسى ئايەتتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم.

motiwarlar يوللانغان ۋاقتى 2012-2-6 12:36:03

1- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ بەتلەردىكىسى پايدىلىنىشىڭىزغا ئەسقېتىپ قالسا ئەجەب ئەمەس:

http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=42173#Inkas

http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=42148

http://www.anamakan.cn/html/News/shehuixinwen/2011-8-31-23-822.html



ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ، دوستۇم.

sumbula888 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-6 20:37:47

سىزگە قايسى مەزمۇنلار كىرەككىن؟ مەن يىڭى ئەدلىيەلىك ئىزاھاتنى  تەدبىقلاپ ئاچقان ھەق تەلەپ دېلۇلىرى توغرىلىق بىر نەچچە تىما تەرجىمە قىلغان . ئاساسلىقى ئۆي كىنىشكىسىگە ئايالنىڭ ئىسمى يىزىلمىغان بولسا ئورتاق مۈلۈكتىن بەھىرلىنەممەيدۇ، يەنە ئاتا بالىلىق مۇناسىۋەتنى بىكىتىشتە ئايال تەرەپ د ن ئا تەكشۈرتۈشنى رەت قىلسا، ئاتا بالىلىق مۇناسىۋەت يوق دەپ بىكىتىلىدۇ ، دىگەندەك مەزمۇنلار بار ئىدى. يەنە كىچىك خوتۇنلارغا بىرىلگەن مال-مۈلۈكلەردىن قانۇنلۇق ئايالى خەۋەر تاپمىسا، سوتقا ئەرز قىىلپ يىرىمىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىك توغرىلىق دېلۇ مىساللىرى بار. يەنە قىز يىگىت مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا قىز تەرەپ كۆپ قىتىم بالا ئالغۇزۇپ تۇغماس بولۇپ قالغاندىن كىيىن ئوغۇل تەرەپ ئايرىلىپ كىتىشتە چىڭ تۇرۋالسا ، تارتقان جىسمانى زىيىنى ئۈچۈن بىر قىتىملىق تولىقلىما بىرىش توغرىلىق دېلۇ مىساللىرى بار. ئىچكىردە پۇل دىگەن پاخالمۇ مۇشۇنداق بىر دېلۇ قىزغا 200مىڭ يۈەن بەرگەن.
بەت: [1]
: كىرەك