Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 19:10:55

مومىڭىزنىڭ رېتسىپلىرىنى بىزگىمۇ دەپ بىرەسىز!

سەمىمىي تەكلىپ: بۇ تېمىنى ئەستايدىل ئوقۇپ چىقىپ ئەھمىيىتى بار ئىكەن دەپ قارىسىڭىز، ئەلا دېگەننى بىر چىكىپ قويۇڭ، كۆپرەك ئەل ئىچى رېتسىپلىرى توپلىنىشقا پايدىسى بولىدۇ.

_____________________________________________________

ئائىلىدە كېسەل داۋالىغۇدەك رېتسىپتىن قانچىنى بىلىسىز

مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)



ئائىلىدە كېسەل داۋالاش ئەنئەنىمىز مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىز ئىچىدىكى ئېسىل نامايەندىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ بۈگۈنگىچە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ھەم ئىقتىسادىي يۈكىنى ينىكلىتىشتە ئىجابىي رول ئويناپ كەلمەكتە. زۇكام، قىزىتما، يۆتەل، ئىچى سۈرۈش، بەل چىم بولۇش، سۆگەل، كۆڭلى ئىلىشىش، قەۋزىيەت، چىش ئاغرىقى،  قورساق ئاغرىقى، قوقاق، سىيگەكلىك، ئىسسىق ئۆتۈش، كىچىك باللاردىكى كۆزىنى چاپاق بىسىپ كېتىش،  قان ئازلىق دېگەندەك ساقسىزلىقلار ئانىلىرىمىز، مومىلىرىمىزنىڭ شىپالىق كۆرسەتمىلىرى، ئاددىي ئۇسۇل چارىلىرى بىلەن ساقىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق ساقسىزلىقلارغا ئىشلىتىدىغان دورىلار شۇنداق ئاددىي ئىكەنكى شۇنچە ئېغىر بىلىنگەن ساقسىزلىققا شىپا بەرگەنلىكىگە ئىشەنگىڭىز كەلمەي قالىدۇ. تۈكۈرۈك، شۆلگەي، قازان قارىسى، ئېسرىق ، ئايەت ئوقۇپ ھۈرۈپ كېسەللىك ئورۇننى ئۇۋلاپ بىرىش دېگەندەكلەر بەلكىم ئىنتايىن خوراپىي، كونا زاماننىڭ قالدۇقلىرى سۈپىتىدە كۆزىمىزگە سىغماسلىقى مومكىن. لىكىن بۇلارنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە داۋالاش ئۈنۈمى بىرىدىغانلىقى ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈم بىرىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندە كۆزىمىزنى ئىچىپ پارقىرتىپ قاراپلا قالىمىز.

ئانامنىڭ دەپ بىرىشىچە كىچىكىمدە بىر قېتىم كۆزۈمنى ئاچالمىغۇدەك چاپاق بېسىپ كەتكەن ئىكەن. كۈندە ئەتتىگىنى بىر ئۇزۇنغىچە پاكىز رەخىتتە سۈرتۈپ قايناق سۇدا يۇيۇپمۇ چاپاقنى پەقەتلا تۈگۈتەلمەپتۇ. ئۇخلىساملا كۆزۈمنى سېرىق چاپاق بىسىپ كۆزۈمنى پەقەتلا ئاجرىتالماي يىغلاپ كېتەتتىمكەن. بۇنىڭغا ھېچ بىر ئامال تاپالماي يۈرگەن كۈنلەردە چوڭ ئانامنىڭ ئېسىگە ئانىسىدىن ئاڭلىغان بىر چارە كەپتۇ: ئەتتىگىنى تاھارەت بىلەن ئولتۇرۇپ چاپاق بېسىپ كەتكەن كۆزلۈرۈمنى شۈمۈپ شوراپ سىرتقا تۈكۈرۈپ تازىلاپ مۇشۇ تەرىقىدە بىر نەچچە قېتىم داۋام قىلىپ بەرگەندە سەللىمازا ساقىيىپ كەتكەن ئىكەنمەن.

مۇشۇ تۈكۈرۈك-شۆلگەينىڭ يەنە بىر شىپالىق رولى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەن ئىدى. 5-6 يىلنىڭ ئالدىدا ئانامنىڭ بارمىقىنىڭ ئۇچىغا بىر جاراھەت چىقىپ يېرىڭداپلا تۇردى. يېرىڭ تازىلايدىغان، جاراھەتكە ئۈنۈم بىرىدىغان دورىلاردىن ئىشلىتىپ باقتىم ئۈنۈمسىز بولدى. دوختۇردا 4-5 كۈن ئوكۇل ئاستۇرۇپ باقتى پەقەتلا پايدىسى بولمىدى. ئاغرىق تۇتقاندا چىداپ بولغىلى بولمايدىكەن. بولۇپمۇ كېچىسى ئاغرىپ پەقەتلا ئۇيقۇ كەلمەيدىكەن. بىر كۈنى ئولتۇرۇپ مۇشۇنداق كېسەلگە ئوقۇپ قويىدىغان بىر ئادەمنىڭ گېپىنى قىلىپ قالدى. بۇرۇندىنلا داخان-جىنكەشلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلىسام ئاچچىقىم كىلەتتى. گەپ قىلماي سىرتقا چىقىپ تاھارەت ئىلىپ كىرىپ ئانامنىڭ ينىدا ئولتۇرۇپ قولىنى سىيلاپ تۇرۇپ سۈرە فاتىھەنى بىر-قانچە مەرتە ئوقۇپ جاراھەتكە تۈكۈرۈپ بىردەم سىيلاپ بەردىم. ئانامنىڭ ئاغرىق دەستىدىن ئۇيقۇسىز كۆزلىرى يەنىلا بىر خىل ئۈمۈتسىز ھالەتتە قاراپ تۇراتتى. خۇدا شىپالىق بەرسە بۈگۈن ياخشى ئۇخلايسەن، دېدىم چوڭ بىر ئىشەنچ بىلەن. ئەتتىگىنى كىرسەم كۈلۈمسىرەپ ئولتۇردۇ. قانداق دەپ سۇئال نەزىرىدە قارىدىم. ۋايتاڭ بالام، بۈگۈن ئاغرىمىغىسى كىلىپ قاپتىكەنمە دەيمە، كېچىدىن ئوبدان ئۇخلىدىم دېدى. شۇ تەرىقىدە كۈندە بىر سوراپ قويىمەن ھەم ھىلىقى چارىنى بىر قېتىم تەكرارلايمەن. ئاغرىق يوق، جاراھەتمۇ ئىككى-ئۈچ كۈندە سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى. ئەلھەمدۇلىللا، دېدىم.

بۇ گەپنى سىرتتا دەپ يۈرمەڭلار، كېسىلىنى ساقايتالمىغان خەقلەر مېنى<<ئوقۇيدىكەن>> دەپ ئۆيگە كىلىۋېلىپ ئاۋارە قىلىۋەتمىسۇن دەپ چاخچاق قىىشتۇق. نېمىلا بولمىسۇن ئانام ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلۇپ ساقىيىپ كەتتى. ھەممىمىز خۇرسەن بولۇشتۇق.

ئۇندىن باشقا ئېغىر جاراھەتلەرگە سۈيدۈك بولۇپمۇ كىچىك باللارنىڭ سۈيدۈكى ئاجايىپ ئىسىل دورا ئىكەنلىكىنى مومامدىن ئاڭلىغان.

كىچىك باللاردىكى ئورنىغا سىيىپ يېتىشقا قارىتا ياۋا توشقان گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ يىگۈزۈپ داۋالاش، زۇكام بولۇپ قالسا ئىسسىق - سوغۇقتىن بولغانلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان رېتسىپتىكى شۆگۈرۈچ ئىتىپ ئىچكۈزۈپ داۋالاش، تەپ بولغان سەۋەبتىن كېچىلىرى پۇت، قول ئالقانلىرى قىززىپ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالسا ئۈزۈم سىركىسى سۈرۈپ بىرىش ياكى غورىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ شۇنى سۈرۈپ برىش ئارقىلىق داۋالاش، قورسىقى ئاغرىپ قالسا ھەسەل ئىچكۈزۈش، ئىچى سۈرۈپ تولغاق بولسا گۈلقەنت، جىگدە يېگۈزۈش دېگەندەكلەرنى ھەر قانداق ئۇيغۇر ئائىللىرىدە چوڭلاردىن بىلمەيدىغانلىرى يوق دېيەرلىك.

ئانارنىڭ دانچىسىنى يەپ بولغاندا پوستىنى (شۆپىگىنى ) ساقلاپ قويۇڭ! ئىرىق بويىدىكى پاقا يوپۇرمىقىنى بىلىدىغانسىز ؟ ،خوتەنلىك تۇققانلار قۇمچاق يوپۇمىقى دەيدىغان، بۇمۇ بەلەن دورا

بىر چاغدا 60 ياشلارغا كىرىىپ قالغان يىزىلىق دىھقان ئايال پۇل كەتمەيدىغان ئۇسسۇل بىلەن قىزىدىكى بىر ئايدىن بىرى توختىمايۋاتقان ئادەتنى قانداق توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپ كىرىپتۇ. گېپىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەك قىينىلىپ قالغاندەك ئىدى.

- بىر دانە ئانارنىڭ يېرىم پوستى، پاقا يۇپۇرمىقىدىن ئىككى تال ئىلىپ قاينىتىپ ئاندىن ئۇنىڭغا 3 قوشۇق شىكەر سىلىپ كۈندە بىر قېتىم، ئۇدا 5 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسۇن دەپ يولغا سالدىم. 15 كۈندىن كىيىن قىزى بىلەن كىرىپ رەھمەت ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.

ئانار پوستى بىلەن پاقا يوپۇرمىقى يەنە ئىچى سۈرۈش، بۇرنى قاناش، ئاق خۇن كۆپ كىلىش قاتارلىقلارغىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇنى قاينىتىپ ئىچىش قولايسىز بولسا بۇ رېتسىپنى سەل مۇرەككەپلەشتۈرىمىز:

ئانار پوستى، پاقا يوپۇرمىقىنىڭ ئۇرۇقى، موزا بۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ يۇمشاق ئىزىپ تاپالىساق ئانار چېچىگى گۈلقەنتى بولمىسا قىزىلگۈل گۈلقەنتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ بىر قوشۇقتىن كۈندە ئۈچ قېتىم يەپ بەرسە يۇقۇردىكى كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئەگەر قورساق ئاغرىپ قالسا، ئىچى سۈرۈپ قالسا باشقا دورا تاپالمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىزىلگۈلقەنت بولسىمۇ يەپ قويسىڭىز خىلىلا مەنپەئىتىنى كۆرىسىز. ئۆپكە سىلى(تېبۇركۇليۇز) كېسىلىدىمۇ قىزلگۈلقەنتنى داۋاملىق ئىستىمال قىلسا ئوپكىنى قۇۋۋەتلەپ يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.

زەھەرلىك ھاشارەت - چايان، ئۆمۈچۈك، يىلان دېگەندەكلەر چىقىۋالغان چاغدا ئۈزۈم سىركىسى بولسا زەھەر قايتۇرۇشتا ئۈنۈمى قالتىس بولىدۇ. زەھەرلىنىشنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە، ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ مۇۋاپىق ئىچىلىدۇ. تەخمىنەن يىرىم پىيالە ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. ئەگەر سىركە تاپالماي قالساق ھايۋاناتلارنىڭ خام سۈتى بولسىمۇ زەھەر قايتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىدۇ.

قېنى ، ئۇيغۇر مەدەنىيتنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ ۋارىسى بولغۇچى تورداش دەپ بىقىڭچۇ؟!! سىزمۇ ئاڭلىغان ياكى كۆز ئالدىڭىزدا كۆرگەن خەلق ئىچى رېتسىپلىرى، مومىڭىزنىڭ دەپ بەرگەنلىرىدىن قانچە رېتسىپ بىلىسىزكىن؟!!

بىز تورداشلار ئىچىدىكى ئەل ئىچى رېتسىپلىرىنى يېغىش، توپلاش ئۈچۈن بلوگىمىزدا << ئەل ئىچى رېتسىپلىرى>> نامىدىكى بۇ سەھىپىنى تەسىس قىلدۇق. بۇ سەھىپىدە ئاددىي ، ئىشلىتىش قولاي، ئۈنۈمى ياخشى، ئەكىس تەسىرى بولمايدىغان رېتسىپ ، ئۇسۇل -چارىلەردىن كۈندە ئۈچتىن بەشكىچە تەييارلاپ يوللىماقچىمىز. ئىنشائاللا.

تورداشلارنىڭ ئۆزى بىلىدىغان رېتسىپ- داۋالاش چارىلىرىنى 80خالتا بلوگىمىزغا يوللاپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. شۇندىلا بلوگىمىز ئىسمى-جىسمىغا لايىق نېمە ئىزدىسە قولغا چىققۇدەك << 80خالتا>> بولۇپ قالغۇسى.

80خالتا بلوگىدىكى ئەل ئىچى رېتسىپلىرى سەھىپىسىدىن  ئۈزۈندە:


1.رېتسىپ: ئېغىز ئىچىگە يارا چىقىپ قالسا شۇ يارىنىڭ ئۈستىگە قەلەمپۇر ياكى پىلپىل دارازا سىلىپ تۇرغۇزۇپ شۈمۈپ بەرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

2. رېتسىپ: چېشى ئاغرىپ ئاغرىققا چىدىيالمىسا زەمچە ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئىلىپ (ياكى بۇلارنىڭ قايسى بىرىنى تاپقىلى بولسا شۇنى ئىشلەتسىمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ) قاينىتىپ ئېغىزدا تۇرغۇزۇپ بەرسە چىش مىلىكى ياللۇقلىنىش ھەم باشقا سەۋەبلەردىن بولغان چىش ئاغرىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ. بۇ ھەم ئېغىز بوشلۇقىدىكى جاراھەتلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

3.رېتسىپ: كىچىك باللادىكى ئىچ سۈرۈكتە پاقا يوپۇرمىقىدىن 2-3 تالنى تازىلاپ شويلا ئىتىپ بەرسىمۇ ياكى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچكۈزۈپ بەرسىمۇ شىپا بولىدۇ.

4.رېتسىپ: قوقاق تېگىپ ئومومىي بەدەن يېقىمسىز بولسا ياكى قىزتمىسى ئۆرلەپ كەتسە سېمىز ئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ تۈگرە (جۇۋاۋا) ئىتىپ يېسە شىپا بولىدۇ.

5.رېتسىپ: چايان ياكى ئۆمۈچۈك چاقسا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نەشتەر ئۇرۇلغان جاينى كۈچەپ شوراپ تۈكۈرۈش كېرەك. ئاندىن سىركە ياكى كالا سۈتىنىڭ قايسى بىرى تېپىلسا شۇنىڭدىن ئىچىش كېرەك. سىركە بولسا 2-3 قۇشۇق ئىچسە كۇپا. بۇنڭدا زەھەر تىزلا تارقاپ ئاغرىق بىرەر سائەتكە قالماي قويۇپ بىرىدۇ. سىركىنى ئىچىپ ھەم نەشتەر ئۇرۇلغان جاينى چىلاپ بەرسىمۇ ئاغرىق تىز توختايدۇ. چايان چاققاندا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسا دوختۇرغا بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئۆمۈچۈك چىقىۋالسا دوختۇرغا ئاپىرىپ بولغۇچە يۇقۇرقى چارىلەرنى قوللانغاچ تۇرسا زەھەرلەنگۈچىنىڭ تېز ساقىيىشىغا پايدىلىق ھەم ھاياتىغا خەۋپ يېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

سەمىمى ئەسكەرتىش: ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز. 80خالتا بلوگ ئەسەرلىرىنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ. ئەگەر بۇ تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشقايسىز!!

مەنبە: 80خالتا بلوگى http://www.80halta.com

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-3 19:58:21

بوغۇزى كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ، بويى يەنە ئوسىدىكەن- دەپ قويىدۇ چوڭلار.ئىڭەكنىڭ ئاستىنى تۇتسا بەزدەك بىر نەرسە ئۇرۇلۇپ ئىششىپ كىتىدۇ. بۇنىڭغا  ياپىلاق كاكتۇس  گۈلىنى(تىكەن گۈل، قۇمچاق گۈلمۇ-دەپ قويىدۇ بىز تەرەپلەردە) ئوتتۇرسىدىن بۆلۈپ تىڭىپ بەرگەندە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى، يەنە ئىت ياڭىقى- دەپ بىر نەرسە بولىدىغان ئۇنى سوقۇپ چىپىپ بەرسىمۇ ئىششىق يىنىپ تىز ئەسلىگە كىلىدۇ. سۆگەلنى  سۇت ئوتنىڭ سۇتى بىلەن چۈشۈرۋەتكىلى بولدىكەن. ئاشخانىدا ھور، سۇدا كۆيۈپ قالغان ئورۇنغا دەرھال  ئۇن سۇرتىۋەتسە ئاغىرىقنى پەسەيتىپ  جىق پايدىسى بولىدۇ. يەنە ئىسىمگە كەلسە يوللاپ قويىمەن

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 19:22:25

ئەلا كەتتى !

تۇرمىشىمىزدا تۇلا ئۇچرايدىغان كىسەللىك ئانگىنا ( بادامسىمان بەز ياللۇغى ) غا پوستى قاتمىغان ياڭاقنى سوقۇپ يىسە ياكى سىقىپ سۈيىنى ئىچسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشىكەن .   لېكىن بەك ئاچچىق . زەھەر    زەھەر   

  {:92:}

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 19:22:49

ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، ئەمما دەل شۇنداق رېتسىپتىن خەۋىرى بار مالچى، چارۋىچى، دېھقان، تۇزچى...دېگەندەك ئادەملەر كىرەلمەيدۇ-دە تورغا...

totem يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 19:53:54

شوپۇر بىر ئاغىنەم بار دىيدى.پاراڭ سۇقۇشۇپ ئولتاغاندا قەۋزىيىتىنى يامان قاقشايدۇ.قەۋزىيەتنىڭ قانداق يەرلىك مەخپى رېتسىپى بار؟ئۇسولى قانچە جىق بولسا شۇنچە ياخشى. \"\"

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 20:17:39

3- قەۋەتتىكى totemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شوپۇر بىر ئاغىنەم بار دىيدى.پاراڭ سۇقۇشۇپ ئولتاغاندا قەۋزىيىتىنى يامان قاقشايدۇ.قەۋزىيەتنىڭ قانداق يەرلىك مەخپى رېتسىپى بار؟ئۇسولى قانچە جىق بولسا شۇنچە ياخشى. \"\"




ئانامنىڭ دەپ بىرىشىچە : ھېچنەرسە پايدا قىلمىغان قەۋزىيەتكە شاپتۇل چىچىكىدە چۆچۈرە ئېتىپ يىگۈزسە مەنپەئەت قىلىدىكەن .



شاتۇت كونسۇرۋاسىدىن مۇۋاپىق ئىستىمال قىلسىمۇ بولىدۇ .



<< مۇلەييىن ئۈچەي راۋانلاشتۇرۇش كاپسۇلى >> نىڭ ئۈنۈمى دەھشەت ... غەرىپچە دورىخانىلاردىمۇ بولىشى مۇمكىن .



gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 20:21:28

3- قەۋەتتىكى totemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شوپۇر بىر ئاغىنەم بار دىيدى.پاراڭ سۇقۇشۇپ ئولتاغاندا قەۋزىيىتىنى يامان قاقشايدۇ.قەۋزىيەتنىڭ قانداق يەرلىك مەخپى رېتسىپى بار؟ئۇسولى قانچە جىق بولسا شۇنچە ياخشى. \"\"



شوپۇرلۇقنىڭ ئۆزى ئۈچەي تولا قاقمىغا چۈشىدىغانلىقتىن ئاسان قەۋزىيەت قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن شوپۇرلار ماشىنا ئىسسىق بولغاندىن كېيىن دەپ نېپىز كىيىنىدۇ، ماي قاچىلاش، سىرتقا چىقىش، ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىش... قاتارلىقلاردا تولا توڭۇپ كىچىك تەرەت جىقلاپ، ئۈچەي قۇرغاقداپ قەۋزىيەت بولۇشى ئېغىرلىشىدۇ. شوپۇرلاردا گىمروي كېسەللىكلىرىنىڭ نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.


نەشپۈت، قارا ئۈجمە، ئاق ئۈجمە،سەۋزە، قوتۇر ئامۇت،تەرەنجىۋىل(يانتاق شېكىرى)، توخۇ گۆشى ياكى شورپىسى، قارىئۆرۈك قاتارلىقلارنىڭ ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 20:29:55

كىچىكىمدە بىر ژورنالدىن ئوقۇغان‹مومامنىڭ شىپالىق رىستىپلىرى›دەپ.شۇنىڭدىمۇ بىرزات ئەپەندىمنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدىغان رىستىپلار بارئىدى.بولسا مۇشۇنى داۋاملاشتۇرۇپ كەتسەككەن.

totem يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 20:31:34

كۆپچىلىككە رەھمەت.<< مۇلەييىن ئۈچەي راۋانلاشتۇرۇش كاپسۇلى >> نىڭ خەنچىسىنى نىمە دەپ ئاتايدۇ؟

farwana يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 21:10:24


6- قەۋەتتىكى ulastayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كىچىكىمدە بىر ژورنالدىن ئوقۇغان‹مومامنىڭ شىپالىق رىستىپلىرى›دەپ.شۇنىڭدىمۇ بىرزات ئەپەندىمنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدىغان رىستىپلار بارئىدى.بولسا مۇشۇنى داۋاملاشتۇرۇپ كەتسەككەن.



============


كامالىدىن ھېسامىدىنوفنىڭ << مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى >>  دەپ بىر كىتابمۇ بار ، سىز ئۇ ژۇرنالدىن ئوقۇغىنىڭىز بەلكىم مۇشۇ كىتابتىن ئۈزۈندە بولۇشى مۇمكىن




gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 21:17:21

شاپتۇل چېچىكىنىڭ ئۈچەي راۋانلاشتۇرۇش رولىنىڭ بارلىقى راس. چاي دەملەپ ئىچسىمۇ بولىدۇ، بىراق چوقۇم دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغىنى بىر قەدەر مۇۋاپىق. ئىچىنى سۈرىمەن دەپلا سۈرگەن بىلەن ئويلىمىغان ئەھۋاللارنى چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.

ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 21:51:11

8- قەۋەتتىكى farwanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


6- قەۋەتتىكى ulastayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كىچىكىمدە بىر ژورنالدىن ئوقۇغان‹مومامنىڭ شىپالىق رىستىپلىرى›دەپ.شۇنىڭدىمۇ بىرزات ئەپەندىمنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدىغان رىستىپلار بارئىدى.بولسا مۇشۇنى داۋاملاشتۇرۇپ كەتسەككەن.



============


كامالىدىن ھېسامىدىنوفنىڭ << مومامنىڭ شىپالىق دورىلىرى >>  دەپ بىر كىتابمۇ بار ، سىز ئۇ ژۇرنالدىن ئوقۇغىنىڭىز بەلكىم مۇشۇ كىتابتىن ئۈزۈندە بولۇشى مۇمكىن

دەل ئۆزى شۇ،شۇ كىتابتىمۇ نۇرغۇن .ىسىل رېستىپلار بار.





Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 22:18:16

قەۋزىيەتكە پايدىلىق ئاددىي رېتسىپلار


كۈندە 5 رېتسىپ (1) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]


كۈندە 5 رېتسىپ (2) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]


كۈندە 5 رېتسىپ (3) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]


كۈندە 5 رېتسىپ (4) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]


كۈندە 5 رېتسىپ (7) [ئەل ئىچى رېتسىپلىرى]


كۈندە 5 رېتسىپ (10) Five Medical Prescriptions Every Day


كۈندە بەش رېتسىپ(12) (ئەل ئىچى رېتسىپلىرى)


..................................................................


مۇشۇ تېمىغا چۈشكەن ئاددىي، خەتىرى يوق، ئۈنۈمى ياخشى، تاپماق ئاسان، تەنەرقى ئەرزان بەلكى پۇل كەتمەيدىغان رېتسىپ، داۋالاشتىكى ئاددىي ئۇسۇللار بولسا رەتلەپ ئاۋۇ ئەل ئىچى رېتسىپلىرىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە توپلاپ قوياي. قېنى تورداشلار غەيرەت قىلىڭلار!!!

totem يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 22:23:50

11- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قەۋزىيەتكە پايدىلىق ئاددىي رېتسىپلار



پۇللۇقما ھاجىم؟\"\"

totem يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 22:24:54

تەھرىرلەشتىن بۇرۇن يوللاپ ساپتىمەن.ئۈزۈرلۈكمەن. \"\"

totem يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 22:33:44

دورىلاردىن : قۇرسى تەنىكار، ھەببى رەۋەن، مەجۈنى سانا دېگەنلەرنىڭ قايسىسى بولسا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

ما دورىلاردىن تەۋىسىيە قىپ باقاي.رەھمەت ھاجىم.

uzchi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-3 01:32:06

مومام  ئەمەس ئانام  مۇشۇ تاساددى بىر ھادىسە تۇپەيلى دوختۇردا بىر ئاي يىتپ چىققاندىن بىرى  توخۇمنى يىلتىپ ئىچسەڭ پايدا قىلدۇ دەپ  توخۇمدىن سەسكەندۇرۋەتتى ...  تۇخۇم  سۇنۇققا پايدا قىلدۇ . بۇ سىناقتىن ئوتكەن رىتسىپ

ablajan5 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-3 05:39:44

ئاپتاپ ئۆتۈپ قالسا :

مومام كىچىكىمدە ئاپتاپ ئۆتۈپ قالسا يۇمغاق سۈتنى قاينىتىپ ئاپتاپقا قويۇپ 1-2ساەت تۇرغۇزۇپ قۇمشېكەر سېلىپ ئىچكۈزەتتى.

ablajan5 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-3 05:48:24

ئېغىز ئالمىغان جاراھەتكە خېمىر تۇرۇشقا قىزىل مىس كۈكۈنىنى ئارلاشتۇرۇپ ياقسا (چاپسا) ئېغىز ئالىدۇ.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-3 08:20:14

ئاغرىپ توختىمىغان چىشقا(چىرىگەن،قۇرىت يىگەن چىش)ئاق ئاتنىڭ(چۇقۇم ئاق ئات بۇلىشى كېرەك)قۇيرۇق قىلىنى تۇتسا ئۇۋۇلغىدەك قىلىپ چالا كۆيدۈرۈپ،سېرىق ھاراققا چىلاپ چىشنىڭ كامىرىغا باسسا شۇ چىش بىر ئۆمۈر ئاغىرمايدۇ.

دىققەت:باشقا چىش يىلتىزلىرغا تىگىپ كىتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ:(ماۋۇ بىزنىڭ جىڭ يەرلىك رېتسىپ جۇما)
بەت: [1] 2
: مومىڭىزنىڭ رېتسىپلىرىنى بىزگىمۇ دەپ بىرەسىز!