noshirwan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 14:00:27

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(1)

ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(1)



باشلىقنىڭ دۇدۇقلىشى



چېرىكلىكنى چەكلىگەنسىرى، چېرىك ئۇنسۇرلار قاتارلىشىپ
ئۇچقان غازلاردەك ئايىغى ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرىدۇ. چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە
يىغىن-لېكسىيەلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بىر قېتىملىق يىغىندا مەلۇم بىر باشلىق نۇتۇق سۆزلىدى.
دەي دېسە، بار-يوقى بەش مىنۇتلۇقلا قىسقا سۆز ئىكەن. لېكىن، نۇتۇق ئارگىنالىنى
كاتىپ يېزىپ بېرىپمىدىكىن ياكى قوش تىلدا ئوقۇپمىدىكىن، باشلىق نۇتۇقنى ئىككى
قوللاپ تۇتۇپ تۇرۇپ خېلى ئۇزاق دۇدۇقلاپ ئوقۇدى. ئارىلىقتا ھەتتا «مەركەز» دېگەن
بىر سۆزنى «مەرەز» دەپ ئوقۇپ ساپتى، زال ئىچىنى پىچىر-پىچىر قاپلاپ كەتتى.




باشلىق، كاتىپ، شوپۇر



بىرقانچە باشلىقنى تونۇيمەن، ئالامەت سادىق كاتىپلىرى
ۋە شوپۇرلىرى بار، بۇ ئۈچى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغاندەكلا ھېس قىلدىم. باشلىقلار
قانچىكى بەگ-غوجاملاردەك ئىش قىلسا، كاتىپلارنىڭ خورىكى شۇنچە ئۆسۈپ كېتىدىكەن،
كاتىپ «مۇئاۋىن باشلىق»تەك چوڭ غوجىدار بولۇپ قالىدىكەن. كاتىپ ئىمتىيازلىق
بولۇپلا قالماي، شوپۇرلىرىمۇ ھال پەيدا قىلىۋالىدىكەن.




ياخشى دېھقان



يىراقتىن كېلىپ، يۇرتىمىزدا ئەمەلدار بولغان بىر
باشلىق بار ئىدى. «بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بەك ياخشىكەن» دېگەن گەپنى بىر قانچە
سورۇندا، يىغىندا دەپ قالدى. مەلۇم بىر پۇرسەتتە:


-«بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بەك ياخشىكەن» دەيسىز، قانداق
ياخشىكەن، دەپ سورىدىم گەپ كوچىلاپ.


- بۇ يەرنىڭ دېھقانلىرى بۇيرىغان ئىشنى كەم-كۈتىسىز
قىلىدىكەن، چاتاق چىقارمايدىكەن، ئۇۋالچىلىققا قالسىمۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ،
خوش-خوش دەپ، قول باغلاپ تۇرىدىكەن، ھەرگىزمۇ يۇقۇرىغا ئەرز قىلىپ يۈرمەيدىكەن.
«بۇنداق دېھقانلارنى بەك ياخشىكەن» دېمەي، نېمە دەيمەن،- دېدى باشلىق.


(ئابلاجان
تۇردى تەييارلىغان)


tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 14:20:53

ئاچچىق چۈچۈك ئەمەس  سۇدەك پاراڭكەن .................

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 14:45:25

ھەق گەپكە سۈكۈت

Atom430 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 15:01:00

بەزى ئاز قسىم باشلىقلار باشلىق ئەمەس باشسىز (مېڭىسز) مىكىن دەيمەن، قولىدىن كىلىدىغان ۋاقتىدا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغۇلۇق! ھەممە ئادەمدىن قالىدۇ بۇ دۇنيا.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-3 10:39:46

ئەپەندىمنىڭ بىر لەتىپىسى يادىمغا كەلدى :

ئەپەندىم تىۋىپلىق قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىدا يۇرت قازىسىنىڭ بېشى قاتتىق ئاغرىپ كېتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشىپتۇ ، ئەپەندىم ئۇنىڭ مېڭە قېپىنى ئاۋايلاپ ئېچىپ مېڭىسىنى ئەملىمەك  بۇلۇپ قاچىغا سېلىپ قويۇپتۇ ،شۇ ئەسنادا ئەپەندىمنىڭ مۆشۈكى كېلىپ ھېلىقى مېڭىنى يەپ قويۇپتۇ ،ئەپەندىم ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي مېڭىنى قېپىنى ياپماق بولۇپتۇ ،  قازىنىڭ چاپارمەنلىرى :

- ئەپەندىم ،قازى كالاننىڭ  مېڭىسىنى مۈشۈك يەپ كەتتى ، ئەمدى ئۇ قانداق قازىلىق قىلىدۇ ؟

ئەپەندىم تەمىتىرىمەي تۇرۇپ :

- قازىلىققا سەللە بولسىلا بولغىنى ، سەللىنى ئوراڭ -دە ،باشقا گەپنى قويۇڭ....
بەت: [1]
: ئاچچىق-چۈچۈك پاراڭلار(1)