يالغانچى بالىلارنىڭ قانداق ئەدىپىنى بەرگۈلۈك؟
ئەسسالام تورداشلار، مەن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىم بۇيىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدۇ، سىنىپىمدا شۇنداق بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىم باركى يالغانچىلىقتا جىنس رېكورتى يارىتىدىغان، قاراپ تۇرۇپ يالغان ئېيتىدۇ، خۇددى ئىككىنچى يۈز كۆرۈشمەيدىغاندەك،مەكتەپكە كەلمىسە، تازلىق قىلمىسا، ئۆگۈنۈش قىلمىسا، كىچىكسە، مۇئەللىملەر بىلەن ئېيتىشسا داۋاملىق ئۇنىڭغا ماس بىر باھانە چىقىدۇ، تەنقىدلىسىڭىز ماقۇللا دەيدۇ، ئۆزگەرتمەيدۇ، يا دەرس خۇشياقمايدۇ، يا باشقا ئالاھىدە بىرەر قىزىقىشى يوق.
تولا ئېيتىشىپ، نەق مەيداندا تۇتىۋىلىپ، ياخشى گەپ قىلىپ، يامان گەپ قىلىپ، مەكتپتىن قوغلايمەن دەپ قورقىتىپ، ئاتا- ئانىسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يىغلىتىپ....ئىشقىلىپ بارلىق بىلىدىغانلىرىمنى ئىشقا سىلىپ ئۆزگەرتەلمىدىم!ئاتا-ئانىسى يۇۋاش خەقلەر،ئىقتسادىي ئەھۋالى ئادەتتىكىدەك، تېخمۇ يامىنى ئۇ ھازىر ئېلىكتۇرۇنلۇق ئۇيۇنچۇقخانىدىن بېرى كەلمەيدىغان بوپتۇ، ئاتا- ئانىسى بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭ يازلىق تەتىلدە ئىشلەپ پۇل تاپىمەن دەپ تونۇشقان ئاغىنىلېرىدىن كۆرۇپ ئولتۇرىشىدۇ، ئەڭ يامىنى ئائىلىسىنى شۇ نەرسىنى ئويناپ ئىككى تۇمەندەك قەرز قىلىپ قويۇپتۇ...ئەھۋال شۇنداق، پىكرىڭلارنى بەرسەڭلەر...
بۇ بالىنىڭ بىر ياخشى يېرى سىز تەنقىد قىلسىڭىز ھەرگىز تىل قايتۇرمايدۇ، جىم ئولتۇرۇپ ، گەپ قىلماي ئاڭلايدۇ، ھە لا دەيدۇ ، لىكىن ئىشىكتىن چىقىپ بولغۇچە نەسىھەتلەر قولىقىدىن چىقىپ بولىدۇ....
ruslan007 {:92:} ئاللا! بىشىدىكى سۈپەتلەرنى ئوقۇپ چوڭ مەسىلە ئەمەسكەنغۇ دېسەم قىمار ئوينايدىغاننىڭ گىپىكىنا ماۋۇ!! ئاكىسى ياكى تاغىسى تاناۋىسىنى تارتمىسا چىرايلىق تەربىيە بېكا! قىمار،ھاراقنىڭ ئىشىغا سەل كەسكىن بولماي بولمايدۇ! بۇ بالىنى جەمىيەت ئۆزى ئوڭشايدۇ،قان بىلەن كىرگەن خۇينى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. بۇبالىنىڭ يالغانچىلىقى كىچىكىدە شەكىللەندۈرگەن يامان ئادەت، شۇڭا بالا دىگەننى قەتئىي ئارتۇقچە ئازىلاپ باقماسلىق كېرەك. پۇتىقىنى بايقىغاندىلا چاتاپ تۇرۇش كېرەك،چۈنكى بالا تەربىيەسىنى پەقەت بىر قېتىملا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ بالا ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەنمۇ قانداق؟ ئاتا- ئانىسى ھۇشيار بولمىسا بولماپتۇ، ئەمدى...
قەشقەردىكى ‹‹ شىياۋ گەن سو ›› - ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىلەش مەكتىۋى - دەمدۇ ، بىر يەر باركەن . شۇ يەردە ئۈچ يېرىم يىل يېتىپ چىقىپ ئۆزگەردى . يالغانچىلىق بىر روھىي كېسەلمىكىن دەيمەن، بەزىلەر زۆزۈرىيتى بولمىسىمۇ يالغان گەپ قىلىدىكەن، ئىشقىلىپ بەك يامان ئەيىپ يالغان ئېيتىش بەلكىم ئەڭ ناچار ئىللەت بولسا كېرەك.
ئاۋال قىلغىنىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئۆگەنسۇن.
يالغان ئېيىتماي،راستىنى دىسىمۇ ھېچنىمە بولمايدىغانلىقىنى ،ئەكسىنچە يالغان ئېىيتقاندا ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ چاتاق ئىكەنكىنى ھېس قىلدۇرسا بەلكىم ئوڭشىلىشى مومكىن. ئەدىپىنى بېرىپ نىمە قىلىسىز؟
ئەگەر سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز بۇنداق سۆزنى ئىشلەتمەڭ!
ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئەدەپلەش ئەمەس، تەربىيەلەش. شۇنداقكەن «يالغانچى بالىلارنىڭ ئەدىپىنى قانداق بەرگۈلۈك» ئەمەس «يالغانچى بالىلارنىڭ يالغان سۆزلەش ئادىتىنى قانداق تۈزەتكۈلۈك؟» بولسا ئاندىن مۇئاپىق بولىدۇ! يالغان گەپ قىلىش ئۈچۈن ئەقىل ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.ئۇ كەلگۈسىدە ئادۋوكات ياكى چوقۇم رەھبەر بولىدۇ. {:90:} ،بۇ بالىنىڭ قىمار ئوينىغىنى قەتئى بولماپتۇ.
10- قەۋەتتىكى Qarabegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەدىپىنى بېرىپ نىمە قىلىسىز؟
ئەگەر سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز بۇنداق سۆزنى ئىشلەتمەڭ!
ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئەدەپلەش ئەمەس، تەربىيەلەش. شۇنداقكەن «يالغانچى بالىلارنىڭ ئەدىپىنى قانداق بەرگۈلۈك» ئەمەس «يالغانچى بالىلارنىڭ يالغان سۆزلەش ئادىتىنى قانداق تۈزەتكۈلۈك؟» بولسا ئاندىن مۇئاپىق بولىدۇ!
دېگىنىڭىزغۇ توغرا، مەن بۇ تېمىنى يىزىپ بولۇپ چوقۇم بىرىنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەنتى. تازا ئاچچىقىمدا يازغان ئوخشايمەن، لىكىن ھازىر ئويلىساممۇ ئۆز ئىنىم بولغان بولسا ئاچچىقىم يانغۇچە ئۇراتتىم دەپ كېتىمەن....ئەمما بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، ئوقۇتقۇچىلار ئۇرۇش تۈگۈل، تىللىساق، غورورىغا تەككۈدەك ئىلمەك گەپلەرنى قىلساقمۇ بولمايدىغان تۇرسا....

