بىھىدە خاسىيەتلەر كۆپتۇر
بىھىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
ﺑﯘ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﯧﮭﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ.
ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ: ﮬﯚﻝ ﺳﻮﻏﯘﻕ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ-ﭼﯜﭼﯜﻛﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ.
ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ: ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﺧﻮﺷﻠﯘﻕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ، ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ، ﺋﯩﭻ ﺳﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﮬﻪﻳﺪﻩﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ: ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺭﯦﺘﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﻣﯧﯖﻪ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺸﺘﺎﮬﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯧﺰﯨﻜﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﺶ، ﻗﯘﺳﯘﺵ ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺳﯧﯖﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ( ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ) ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ - ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻰ: ﺑﯧﮭﻰ ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ( ﺷﻪﺭﺑﯩﺘﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺟﺎﻝ) ﯞﻩ ﻣﯘﺭﺍﺑﺒﺎﺳﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻣﯩﺠﻪﺯﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﻳﯚﺗﻪﻝ، ﮬﯧﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ، ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺴﻰ: ﮬﻪﺳﻪﻝ، ﺭﯗﻡ ﺑﻪﺩﯨﻴﺎﻥ
ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﺳﺎﺭﻯ: ﺋﺎﻟﻤﺎ
ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ:ﺳﻪﻓﻪﺭﺟﺎﻝ
ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: ﺑﯧﮭﻰ
ﺋﻮﺭﺩﻭﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: ﺑﯧﮭﻰ
ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ: Quince
ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ:
wen po 温勃
بېھى ئادەتتە بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، قان كۆپەيتىش ، ماغدۇرسىزلىق ۋە روھسىزلىقنى تۈگىتىش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇلۇپ ئېچىتىلغاندىن كېيىن ، تاشقى ئەزالارنىڭ ئىشىقىغا چېپىپ بېرىلسە ، مەنپەئەت قىلىدۇ . جىگەر كېسىلىگە يېڭىدىن گىرىپتار بولغانلار ، ئاشقازان – ئۈچەي كېسەللىكى ۋە ئىچى سۈرۈش ، ئىشتىھاسىزلىق كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشلەر مۇۋاپىق مىقداردا بېھى ئېستىمال قىلسا پايدىلىق . بولۇپمۇ بالىلاردا كۆرۈلگەن ئۈچەي – ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە بېھى ئالاھىدە شىپا بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئون گرام بېھى بىلەن ئون گرام بەھمەن 500 گرام ئەتراپىدىكى سۇدا 200 گرام قالغۇچە قاينىتىلىپ ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بەش – ئالتە گرامدىن ئىچىپ بېرىلسە ، قان ئازلىق كېسەللىكى ، قان ئازلىق تۈپەيلىدىن بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە رېماتىزم خاراكتېرىنى ئالغان شامال دارىش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ . - لېكىن يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان سوغۇق مىجەزلىك كىشلەر بېھى ئېستىمال قىلسا بولمايدۇ . بىراق بېھىنى شېكەرگە ئارلاشتۇرۇپ مۇراببا ياساپ ياكى ھەسل ، ئارپىبەدىيان ۋە ئەنسون قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ .
بېھى.بېھى تەركىبىدىكى ۋىتامىنcئاپلېسىنغا قارىغاندا، ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، بۇ خىل مېۋىنى داۋاملىق ئېستىمال قىلىپ بەرسە، ئۆت خالتىسى كېسەللىكىلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بىھى شەربىتى
بىھىنى سېقىپ سۈيى ئىلىنىپ تەييارلانغان بۇ دورىلىق ئىچىملىك يۈرەك-ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ. يۈرەك، ئاشقازان-ئۈچەي ئاجىزلىقلىرى، نېرۋا، جىگەر كېسەللىكلىرىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋائىي ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئىشتىھاسىزلىق، كۆڭۈل ئىلىشىش، سېزىكنى پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئىچىش ئۇسۇلى:تاماقتىن بۇرۇن 1~2قۇشۇق ئىچىدۇ.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (بىرزات)
مەنبە: 80خالتا بلوگى
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
ئالمىنىڭ شىپالىق رولىنى تونۇشتۇرۇش
لىموننىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە
جىگدە ۋە جىگدە چېچىگىنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە
ﺧﻮﺭﻣﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ [شىپالىق گىياھلار]
80خالتا بلوگىدىكى گىياھلارنىڭ شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرى سەھىپىسى
يۇقۇرقىدەك تىمىللىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز . كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان يىمەكلىكلەردىن پايدىلىنىشنى بىلىۋالساق ھەممىمىزگە پايدىسى تەككۈسى .
بېھى مۇرابباسىنىڭ ئاشقازىنى سوغۇق يەل سەۋەپلىك ئاغرىيدىغان كىشىلەرگە زىيىنى بارمۇ؟ پولوغا بېھى باسىدىغان ئىشلار بار ئىدى ھە راست؟

ئىنكاسلار ئوبدان چۈشىۋېتىپتۇ. مۇشۇنداق بولسا ئاندىن بىرەر يېرىم تېما ئوينىغىسى كىلىدۇ ئادەمنىڭ.

5- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەگەر ئاشقازاندا سوغۇق يەل بارلىقى ئېنىق بولغان بولسا ئارپىبەدىيان بىر چىمدىم، زەنجىۋىل تىرناقتەك، قوۋزاق دارچىننى بىر كىچىك چىمدىم(بۇ سەل ئازىراق مىقداردا بولسۇن بولمىسا ئاچچىق بوپ قالىدۇ دەملىگەن چېيىڭىز)، لىچىندانىدىن ئىككى ياكى ئۈچ تال، قەلەمپۇردىن بىر ياكى ئىككى تالنى چالا سوقۇۋېتىپ قارا چايدىن سەل جىقراق بىر چىمدىم ئېلىپ بىر چەينەك قايناقسۇغا ياڭاقتەك چوڭلۇقتىكى ناۋاتتىن2-5 كاللەك سېلىپ( ئۆزىڭىزنىڭ تاتلىق تەمنى ياقتۇرىشىغا بېقىپ ئاز ياكى جىق سالىسىز ناۋاتنى) سېلىپ دەملەپ، ئوتىقا بىر ئىككى مىنۇت قويۇپ بىرەر-ئىككى قېتىم پۇررىدە ئۆرلىتىپ ئېلىپ ئىچسىڭىز يەل ھەيدەپ، كېكىرىپ ياخشى بوپ قالىسىز، تەمىمۇ بەك مېزىلىك چىقىدۇ. سىناپ بېقىڭ.
ئاپام دائىم زەنجىۋىل تالقىنى دەملەپ ئىچىدۇ .شۇنداق ئاچچىق ..تۈزۈك پايدا قىلغىنىنى بىلمىدىم ..ئۇنىڭ ئەكىس تەسىرى يوقتۇ ھە..
سىز دىگەن دورىلارنىڭ ئىسمىنى دورا دۇكىنىغا بارغۇچە چوقۇم ئۇنتۇپ قالىمەن
8- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەگەر ئاشقازاندا سوغۇق يەل بارلىقى ئېنىق بولغان بولسا ئارپىبەدىيان بىر چىمدىم، زەنجىۋىل تىرناقتەك، قوۋزاق دارچىننى بىر كىچىك چىمدىم(بۇ سەل ئازىراق مىقداردا بولسۇن بولمىسا ئاچچىق بوپ قالىدۇ دەملىگەن چېيىڭىز)، لىچىندانىدىن ئىككى ياكى ئۈچ تال، قەلەمپۇردىن بىر ياكى ئىككى تالنى چالا سوقۇۋېتىپ قارا چايدىن سەل جىقراق بىر چىمدىم ئېلىپ بىر چەينەك قايناقسۇغا ياڭاقتەك چوڭلۇقتىكى ناۋاتتىن2-5 كاللەك سېلىپ( ئۆزىڭىزنىڭ تاتلىق تەمنى ياقتۇرىشىغا بېقىپ ئاز ياكى جىق سالىسىز ناۋاتنى) سېلىپ دەملەپ، ئوتىقا بىر ئىككى مىنۇت قويۇپ بىرەر-ئىككى قېتىم پۇررىدە ئۆرلىتىپ ئېلىپ ئىچسىڭىز يەل ھەيدەپ، كېكىرىپ ياخشى بوپ قالىسىز، تەمىمۇ بەك مېزىلىك چىقىدۇ. سىناپ بېقىڭ.
ئاپام دائىم زەنجىۋىل تالقىنى دەملەپ ئىچىدۇ . شۇنداق ئاچچىق ..تۈزۈك پايدا قىلغىنىنى بىلمىدىم ..ئۇنىڭ ئەكىس تەسىرى يوقتۇ ھە..
سىز دىگەن دورىلارنىڭ ئىسمىنى دورا دۇكىنىغا بارغۇچە چوقۇم ئۇنتۇپ قالىمەن
قۇرۇق زەنجىۋىلنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، يۆلىنىڭ يۆل ئىسسىق بولىدۇ. ئەگەر ھەزىم قىلىشى ياخشى بولمىسا، ئۆپكە ياكى ئاشقازىنىدا سوغۇق بەلغەم بولسا زەنجىۋىل كېكىرىك ھەيدەش، يەل ماڭدۇرۇش، ھەزىمنى ياخشىلاش، بەلغەم بوشىتىش قوشۇمچە يەنە يۆتەل پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت يېسە بەدەندىكى ھارارەتنى نىسبىي كۆپەيتىپ قەۋزىيەت قىلىپ قويۇش،كالپۇكنى يېرىش ئېھتىمالىمۇ كۆرۈلىدۇ.
4- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پولوغا بېھى باسىدىغان ئىشلار بار ئىدى ھە راست؟![]()
مەنمۇ شۇنى سورىماقچى،پولۇغا باسسا ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتمەس-ھە؟ بېھىنى پولۇغا بېىسشتىكى مەقسەت دەل پولۇ يېگەندىن كېيىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك زىيانلىق تەسىرىنى ئازايتىش!بېھىنىڭ يۆل، يېڭى ۋاقتىدىكى ئۈنۈمى يېڭىلىققا، خاملىقىغا يارىشا ھەم تەبىئىي ھەم مول بولىدۇ ئەمما خام خېلىت پەيدا قىلىش ئېھتىمالىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. دۈملەپ پىشۇرغاننىڭ سىڭىشلىك بولىدۇ، قوقاستا كۆمۈپ پىشۇرغاننىڭ تەبىئىتى ۋە تەسىرى ئىچىنى بوشىتىش، ئۈچەينى يۆللەشتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش...بولىدۇ. ئۇزۇقلۇق قىممىتى يېگۈچىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بولىدۇ.
كوچا خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا بىر قىسىم ئىسسىق بەلباغ رايۇنلىرىدا ئۆستۈرۈلىدىغان بېھى شۇنداق يۇمشاق، ۋايىغا يېتىپ تاتلىق پىشارمىش، كىشىلەر ئۇنى خۇددى ئۈرۈك-شاپتولنى يېگەندەك شۆپۈكداپ( كۇچادا كۇپۇكداپ دەپمۇ قويامدۇق ھە؟)يەرمىش دەپ ئاڭلىغانىدىم.بەلكىم بۇ مېۋە ئەسلى شۇ يەردە بولۇپ كېيىن بىزگەكەلگەن بولسا ئېھتىمال بىز ئۇنى شۇ خىل ئۇسۇلدا يېدۇقمۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.بۇ پەقەت پەرەز، يەنە باشقا يەرگە ئېلىپ كەتمەڭلار پاراڭنى... ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﻳﯚﺗﻪﻝ، ﮬﯧﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ، ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ماۋۇ گەپ تۈپتىن خاتا بوپتۇ، بىيە ھۆل ئىسسىق،يۇقىرىقىنىڭ دەل ئەكسىچە بىيە يۆتەل،كاناي ۋە كانايچە ياللۇغىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى جۇمۇ بىر زات ئەپەندى بھى مۇرابباسىمۇ بارغۇ مەن دەششەت يەپ قويمەن،..تەملىك....مۇراببا ئىشلەيدىغان شىركەتلەرمۇ كۇپلەپ كىتىپتۇ ،،ھازىر ...
12- قەۋەتتىكى elbilgeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ: ﻛﯚﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﻳﯚﺗﻪﻝ، ﮬﯧﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ، ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ماۋۇ گەپ تۈپتىن خاتا بوپتۇ، بىيە ھۆل ئىسسىق،يۇقىرىقىنىڭ دەل ئەكسىچە بىيە يۆتەل،كاناي ۋە كانايچە ياللۇغىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى جۇمۇ بىر زات ئەپەندى
شۇ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغاچقا زىيان قىلامدىكىن. مەن سەل كۆپ يېسەم مېنى ھېق تۇتۇپ يەنە ئاز تولا يۆتەلمۇ قىلىپ قويىدۇ. پولوغا بېسىپ پۇشۇرۇپ يېگەنگە مەنمۇ ئامراق، ئۇ ئۇنداق ئەكىس تەسىر بەرمەيدۇ. تېخى ئىككى-ئۈچ كۈن بۇرۇن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ساۋاقدىشىمنىڭ تەجىربىخانىسىغا كىرسەم بىھى دىگەننى يالپاقلاپ تىزىۋىتىپتۇ . قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش،مىڭە قان-تومۇرلىرىدىكى نوكچىلارنى ئېرىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەجىربە ئىشلەپ باقماقچى بولدۇق دەيدۇ .
------------------
بىرزاتكا ، ئالدىنقى قېتىم دىيىشكەن بويىچە بىلوگلىرىغا بىرقانچە پارچە ماقالە يازماقچىتىم ، ئىككى ھەپتىدىن كىيىن بىرىدىغان ئايىلتىس ئىمتاھانى سەل ئالدىرىتىپ قويدى . قولام سەل بوشىسا ، ئىنشائاللا ، يازىدىن تېما جىق. بىيىنى يۆتەل،كاناي ۋە كانايچە ياللۇغىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى دىگىنىم بىيە يۆتەل پەيدا قىلماستىن مۇشۇ كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك شىپا بولىدۇ دىگىنىم. شۇنداق بولغاندىكىن بىيە مۇشۇ كېسەللەرنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولمامدۇ؟
بىيىنى خوتەندە مۇنداق ئىشلىتىدۇ:
كاناي،كانايچە ياللۇغى،نەزلە،يۆتەل،كۆكيۆتەل بولغان ئادەملەرگە بىيىنى ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ئىچىگە ناۋات سېلىپ ئاندىن يەنە ھىملاپ قوقاسقا كۆمۈپ ( سىرتى پىياز پوستى بىلەن ئورىلىدۇ)پىشقاندا ئېلىپ ئىچىدىكى شەربەت ۋە ناۋاتلىرى بىلەن قوشۇپ يىيىلىدۇ. بۇمۇ ئۈنۈملۈك رېتسىپ،ئەگەر مەقبۇل كۆرسىڭىز پايدىلىنارسىز.........
بىيىنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق،مۇشۇ توغرىدا يەنىمۇ ئىزدىنىپ باقارسىز،مەنغۇ تىۋىپ ئەمەس،لېكىن خوتەندە تۇغۇلۇپ خوتەندە چوڭ بولغاچقا قۇلاق كۆپرەك ئاڭلايدىكەن،ئېتىۋالساقمۇ بىكار،ئۆي-ئۆيدە تىبابەت كىتاپلىرىدىن بولمسىمۇ بىر ئىككىسى چىقىدۇ.......

بېھى ئالما ۋە نەشپۈتلەر بىلەن تۇققانچىلىقى بار بولغان، چۈچۈمەل تەملىك مېۋە بولۇپ، بەزىدە تروپىك بەلباغ مېۋىلىرىدەك پۇرايدۇ. سېتىۋالغاندا قاتتىق، تولۇق سارغايغانلىرىنى تاللاش، لېكىن ئېھتىيات بىلەن تۇتۇش لازىم، چۈنكى بېھى ئاسان زېدە بولىدۇ. سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ توڭلاتقۇدا ئىككى ئايغا قەدەر ساقلىغىلى بولىدۇ.
ئوزۇقلۇق تەركىبى: بېھىنىڭ ۋىتامىن C ماددىسى يۇقىرى بولۇپ، نورمال چوڭلۇقتىكى ھەر بىر بېھىدە 14 مىللىگرام، (纤维fibre نى «تالا» دەپ ئالامدۇق؟) ئۇنىڭدىكى تالا تەركىبى نەۋرە تۇققانلىرى بولغان ئالما ۋە نەشپۈتلەردىن يۇقىرى، يەنى نورمال چوڭلۇقتىكى ھەر بىر بېھىدە ئىككى گرام.
بېھى يەنە ئالما ۋە نەشپۈتلەر بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك تەركىبلەرگە ئىگە بولۇپ، quercetin 槲皮素 دىن ئىبارەت ئوكسىدلىنىشقا (قېرىشقا)، راكقا ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىگە قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بار.
ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: بېھىدە pectin 果胶 ماددىسى يۇقىرى بولغاچقا، مۇراببا، مېۋە ئۇيۇتمىسى، مېۋە جەۋھىرى قاتارلىقلارنى ياساشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
تاماق رىسالىلىرىدە پىشۇرۇلغان بېھىنى ئالما ۋە نەشپۈتنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. سۇدا ئاستا قاينىتىپ، دۈملەپ ياكى قاقلاپ پىشۇرۇپ يېيىشكە بولىدۇ.
*******************
مېۋىنىڭ ئېنگلىزچە ئىسمى سىز يازغىنىڭىزغا ئوخشاشكەن، يەنە سۈرىتىمۇ باركەن، بولمىسا نېمىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ھەرگىز بىلمەسكەنمەن. چۈنكى مەن نەچچە يىلدىن بېرى بۇ يەردە زادىلا بېھى كۆرۈپ باقمىغان، توردىمۇ ھېچبىر تۈزۈك ئۇچۇر يوق.