سىز ۋە مەن
سىز دۇتتار،مەن راۋاپ،
سىز زىق،مەن كاۋاپ.
سىز ئوت مەن پىراق،
سىز پەرۋانە مەن چىراق.
سىز ئىلھام،مەن شېئىر.
سىز سۆيگۈ،مەن مېھىر.
سىز ساما مەن پەرۋاز،
سىز ناخشا مەن ئاۋاز.
سىز ئېقىن مەن سۈزۈك،
سىز ياقۇت مەن ئۈزۈك.
مەن خالىسخان سىز ئالما،
مەن ئالدىراش سىزلالما.
مەن ماشىنا سىز رول،
مەن بودى سىز دول.
مەن تۇرپان سىز كارىز،
مەن زۇكام سىز سارىس.
مەن چەيدو سىز ئەمبەل،
مەن تۈز سىزىق سىز چەمبەر.
مەن ئۈزۈم سىز باراڭ،
مەن ئوڭ سىز ساراڭ.
مەن باش سىز تۇماق،
مەن چىرايلىق سىز ئۇماق.
مەن كۆرگۈ سىز تاغاق،
مەن سىمىز سىز ياغاق.
قالغىنى سىلەرگە قالدى ئەمسە ھە باللار
سىز چەيزە ،
مەن سەۋزە .
سىز يۆتەل ،
مەن كىسەل .
سىز مايماق ،
مەن ئامراق .
قىزىقچى داۋانچى ئەجەپ پەيزى قوشاقتىن بىرنى يوللىۋېتىپسىزغۇ ؟
(قوشاق تەرتىۋىنى سەل ئۆزگەرتتىم)
مەن پۇل سىز چۈكۈەنجى ،
باشقىلار غەيۋەتچى .
سىز ئاچچىق ،
مەن تاتلىق .
مەن سىزنى ئالماقچى ،
پۇل يوق ، سىز بىلەن قاچماقچى ،
كېرەك ئەمەس ئەلچى دىگەن گۇپپاڭچى .
سىز گېلەم ، مەن توڭلاتقۇ ،
سىز گېتار ، مەن ياڭراتقۇ .
بۇ نەرسىلەر بىزگە كېرەكقۇ ؟
سىز جىدەل ، مەن ئۇرۇش ،
مىزانىم چىداپ تۇرۇش .
مەن خوتەن ، سىز قاشتاش ،
ماس كېلەمدۇ جېنىم دەپ ئاتاش؟
مەن دەيكۈەن ، سىز گاۋسىڭ ،
پۇل يوق چاغدا يەيلى خاسىڭ .
مەن غۇلجا ، سىز سايرام ،
پۇل بولمىسا بولارمۇ بايرام ؟
مەن توي ، سىز سېلىق ،
مەن كۆلچەك سىز بېلىق .
سىز ئاسمان مەن يامغۇر،
سىز ئورا، مەن چامغۇر.
سىز ئوتۇن مەن پالتا،
مەن ئۇزۇن سىز كالتا. سىز تېما مەن ئىنكاس ،
سىز دىڭىز مەن غەۋۋاس . {:90:} سىز ئىزدىنىش ،
مەندە بار قىزغىنىش ،
سىز كاۋاپ ، مەن راۋاپ .
سىز كاۋا ، مەن ھاۋا .
بىللە يەيمىز جۇۋاۋا .
سىز توخۇ ، مەن خوگۇ ،
مەن ئىنكاسچى سىز داپەنچى ،
ماقۇلمۇ سىز ؟ قاچايلى .
مەن ئاقسۇ ، سىز كاۋا ،
قاچان يەيمىز پېتىر مانتا .
‹‹ قالۇن قاپىيە ›› ئويناپ كىتىپسىلەرغۇ باللا .... ‹‹ سىز ئىران ، مەن ئىراق ››

مەن رەگەتكە سان سالما
........................
سەن ئۇرۇق مەن سىمىز
سەن بوز مەن قىمىز
....................
مەن ئارچا سەن غالچا
مەن بىلىق سان سالجا
.........................
مەن نەسىر سەن قەسىر
مەن غالىپ سەن ئەسىر،،، {:90:} توۋا، يامان قىزىق باللا باركەن جۇمۇ... تولا كۈلۈپ يۈزلىرىمگە ئون يىل بالدۇر قورۇق چۈشۈپ كەتتى دېسە... ماڭا ئوخشاش قاپىيە ھۈجەيرىسى يوقلار ھوزۇرلىنىپ ئولتاساق بولغۇدەك...


سىز توپا مەن دۆڭ
سىز ياغاچ،مەن پالتا
مەن تىراكتور ،سز ھارۋا
سىز ئالتۇن مەن كۈمۈش
مەن قازان سىز چۆمۈچ
سىز ئىشىك مەن قۇلۇپ
سىزنى ساقلاپ دوقمۇشتا تۇرۇپ.........................ۋاي دەۋەرسە چىقىدىكەن بۇ سىز مەن ،،،،،
مەن ئوق
سىز پوق
مەن بار
سىز يوق
مەن سوئال
سىز جاۋاب
مەن ئاۋات
سىز خاراب
راست، ئەجەپ قىزىق قاپىيە ئويۇنىكەن بۇ ، كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى.بىر چاغلاردا ئابلىكىم كەلكۈننىڭ بىر ئىپزوتى بولىدىغان ،مۇشۇنداق قاپىيە كەلتۈرۈپ بىر مۇنچە گەپ قىلىدىغان بىر يېرى بارتى. مەنمۇ دوراپ بىر قانچىنى كەلتۈرەي دېسەم پەقەت كاللامغا كەلمەيۋاتىدۇ. {:106:}hoopeelover @ كارامەت كەلتۈرۈپ قويۇپسىزغۇ ~! سىز تىمىچى ،مەن ئىنكاسچى،
سىز ئەلاچى ، مەن چاتاقچى.
سىز ئۇسۇلچى، مەن گىتتارچى،
سىز توشقان ،مەن ئىيىق.
سىز مۈرەن، مەن قىيىق،
سىز شارپا ، مەن ماڭقا،
سىز گۈل، مەن تىزەك
مەن قامچا ،سىز ئىشەك
سىز تاشپاقا، مەن ئاشپاققا.....ھى ھى ~ ~ ~ ~
قاپىيە دېگەن بۇ يەردىكەنغۇ،تولا كۈلۈپ يېتىپ قالدىم ...

سىزمەجنۇن،مەن دىۋانى
سىز تارىم ،مەن قۇم
سىز تاش ،مەن موم
سىز رىۋايەت،مەن چۆچەك
سىز دېڭىز،مەن كۆلچەك
مەن ئەر ،سىز خۇتۇن
مەن ئوت،سىز ئۇتۇن
مەن قاۋان،سىز مېكىجىن
مەن ئالۋاستى.سىز جىن.
بەت:
[1]
2