TellMeWhy يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 10:34:59

ئايالىم سېزىك !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت!


گەپنى قىسقىلا ئېيتاي.ئايالىم ئېغىر ئاياغ ،ئىككى ئاي بولمىدى،سېزىكى بەك قاتتىق تۇتۇۋاتىدۇ،ئىچى ئېلىشىپ،قوسىقى كۆپۈپ چىدىماي قېلىۋاتىدۇ.بۇنىڭغا نىمە داۋا بار؟


بىلىدىغىنىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

pistek يوللانغان ۋاقتى 2012-2-3 20:06:36

يوپۇرماق كېسلاتاسى تابلېتكىسى دەپ بىر دورا بار، خەنزۇچە 叶酸 دەيدۇ. مۇشۇ دورىنى قورساق كۆتۈرۈشنى خىيال قىلغان كۈندىن باشلاپ ھامىلە ئۈچ ئايلىق بولغىچە ئارىلىقتا كۈندە بىر تالدىن يەپ بەرسە، ھەزىم ئىقتىدارى ياخشىلىنىپ سېزىك ئازابى ئۇنچە كۈچلۈك بىلىنىپ كەتمەيدۇ. سىناقتىن ئۆتكەن.

pidayi يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 10:53:45

سىزىكلىككە ئامال يوق، مىنىڭمۇ دەھشەت بولغان، ئېشەك گۆشى دېگەن ۋىۋىسكىنى كۆرۈپ قېلىپمۇ ياندۇرۇپ كەتكىنىم ئىسىمدە .

سىزىكلىك تەخمىنەن ئۈچ يېرىم ئايلاردىن كېيىن توختاپ قالىدۇ.  ئايالىڭىزغا جىقراق ھەمرا بولۇڭ، ئەگەر بەك تاماق يېيەلمەي، ئاجىزلاپ كەتسە دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ، ئوزۇقلۇق ئۇكۇلى بار.  ماڭا باشقىلار تەۋسىيە قىلغان، لېكىن مەن ئالمىغان،  كۈندە شوۋىگۈرۈچ بىلەن جىگەر كاۋاپ يەيتتىم.  ...... نىمە يىگۈسى بولسا، گېلىدىن نېمە ئۆتسە شۇنى يىسۇن،  ئارامنى ياخشى ئالسۇن، گۆش يىيەلمىسە سۈيىنى ئىچىپ باقسۇن (مېنىڭ ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە گۆش يىيەلمەس بولۇپ قالغانلار، بولۇپمۇ سۇدا پۇشۇرغاننىڭ، مەنمۇ پۇرىقىنى پۇرىساملا ئايلىنىپ قالاي دەيتتىم. ئەمما شورپىسىنى ئانچە-مۇنچە ئىچەتتىم ).    ئاياللارغا جاپاكەن .... \"\"

tellmewhy يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 11:03:33

كاۋاپ دىگەنلەر مۇمكىن ئەمەس،بىرمۇنچە قارا ئاشلىقنى سوقۇۋاپتۇ،شۇنى قاينىتىپ ئىچىمەن دەپ.

ئەتىگەندىن بېرى نەچچە ياندۇردى.

function يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 11:17:11

مېنىڭ ئايالىمنىڭ سېزىكىمۇ دەھشەت ئىدى، ھېچنىمە يىگىلى ئۇنىمايتتى، يېسىمۇ قۇساتتى. چوڭلار قۇسىۋەتسەڭمۇ مەيلى، قۇۋۋىتى ئازراقمۇ بولسا قالىدۇ، چىداپ يە دەپ يىگۈزەتتى.

anakux يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 11:20:47

«بىھى شەربىتى» ئىچىپ بەرسۇن، مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىللىرى ياكى دورىخانىللىرىدا سېتىلىدۇ، ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى، ئۆزىمۇ بەك ئىچىشلىك ، ئامال بار ئىللىتىپ ئىچكەن تۈزۈك ..مۇشۇ يېقىندىن بۇيان ئىچىپ پايدىسىنى كۆرگەنلەرنى خېلى كۆپ كۆردۈم ...راستىنلا بەك ئۈنۈملىك ...قۇسۇش ئېغىر ھەم كۆپ بولسا ھامىلىنىڭ ئۆسىشىگە ھەم ئورۇنلىشىشىغا ناچار تەسىرى بولىدۇ .....ئاۋۇ شەربەت دورا سىزىك تەسىرىنى خېلى بەك ئاجىزلاشتۇرىدۇ .

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 11:24:58

پىدايىنىڭ دېگىنى توغرا، سېزىكلىككە ئامال قىلماق تەس، مەنمۇ بۇ دەرتتىن قۇتۇلغىنى تېخى ئەمدى 3 ئايدىن ئاشتى، خەققە دېسىڭىز تۈرلۈك- تۈمەن ئاماللارنى، ئۇسۇللارنى كۆرستىدۇ، بىراق راست گەپنى قىلغاندا بۇ ئاماللار ئەينى ۋاقىتتا شۇ ئادەملەرگە ئەسقاتقان بولسىمۇ سىزنىڭ ئايالىڭىزغا ئەسقېتىشى ناتايىن، مېنىڭ سىزگە دەپ بېرەلەيدىغىنىم ئەگەر ئايالىڭىز پەقەت تاماق يېيەلمىسە بەك ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ، قۇۋۋەت ئوكۇل سالغۇزۇشمۇ بەك ياخشى چارە ئەمەس، بولسا ئەمۋاينىڭ ئاقسىل تالقىنى بىلەن ۋىتامىن B تابلىتىنى ئېلىپ بېرىڭ، مېنىڭ بىر دوستۇمغا ھېچنېمە سىڭمىگەندە مۇشۇ سىڭگەن، ھەم بىر ھەپتە يېگەندىن كىيىن تاماق يېيەلەيدىغان بولغان، مەن دەسلەپكى 4-5 ئايدا زادىلا گۆش يېيەلمىگەن ۋاقتىمدا ئاقسىل دېگەننى دەھشەت ئىچىۋەتكەنتىم، شۇڭا ھازىرغىچە ھېچقانداق يېرىم ئىششىماي ناھايىتى ياخشى تۇرىۋاتىمەن.

tellmewhy يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 11:51:22

تۈنجىسىدا ئۇنداق بولمىغان،نىمانداق چوڭ پەرق بۇ؟قېنى ئوزۇقلۇقشۇناسلار_يەرلىكچە« ئاچپاقىلار»_ياخشى مەسلىھەتىڭلارنى ئاڭلايلى.

پىكىر بەرگەن قېرىنداشلىرىمغا تەشەككۈرلەر! \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 12:18:58

بىر ئاغىنەممۇ ئايالىنى موما، شوۋىگۈرۈچتەك ئەرزانراق نەرسىگە سىزىك بولمىدىڭ دەپ قەستەن جىلە قىلىپ قوياتتى. ئايالى ياڭاق بىلەن كاۋاپقا سىزىك بوپقاپتىكەن. كۈندە كاۋاپ يەپ. ھازىر بالىسى ئۈچ ياشقا كىرگەن بىلەن بەش ياشلىق بالىلاردەك چوڭ كۆرۈنىدۇ. ئايالى بولسا ئورۇقلايمەن دەپ ئاۋارە.

atom430 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 12:21:24

ئاسان ھەزىم بولمايدىغان نەرسىلەر،مەسلەن، لەڭپۇڭ، راڭپىزا...ۋە قاتتىقراق مېۋىلەر (ئالما دىگەندەك) نى يىمىسۇن.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 12:36:23

مۇبارەك بولسۇن . كۆپلەپ ھەمدۇ سانا ئىيتىشنى ئۇنۇتماڭلار ...

مېنىڭ ئايالىمنىڭمۇ سېزىكى بەك قاتتىق ئېدى . بىھى شەربىتى ، بىھى مۇرابباسى دېگەنلەرنى سوقۇشۇپ ، تىللاپ تۇرۇپ يىگۇزگەن  ، خىلى پايدىسى بولغان . يەنە نار پىننە گۇلقەنتى يىگۇزسىمۇ بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان ، لېكىن سىناپ باقمىدىم ...

يۇپۇرماق كىسلاتاسى (叶酸片)  يىگۇزۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ، ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئورۇنلىرىدا بېرىدۇ .

رادىئىاتسىيەدىن دالدىلاڭلار ، مەسىلەن : يان تېلېفۇن ، دۇمباق ئېكران تېلېۋۇزۇر (CRT)، چوڭ قۇۋۋەتلىك رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىستانسىللىرى ، قاتارلىقلار ،

ئامال بار دورا بولۇپمۇ خىمىيىۋىيلىك دورىلارنى ، غەرىپ تىبابەت دورىللىلىنى ئىستىمال قىلماڭلار . زۇكام دورىسىمۇ شۇنىڭ ئچىدە .

ئايالىڭلار گۇزەل نەرسىلەرنى خىيال قىلسۇن ، گۇزەل ،ئۈز نەرسىلەرگە قارىسۇن ، يىنىك مۇۋاپىق ھەركەت قىلىپ بەرسۇن ، كۇندۇزى مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ بىللە ھاۋالىق ، مەنزىرىلىك جايلارنى ئايلىنىشىپ بېرىڭلار ،

ئاللاھ ئىگەم ئشلىرىڭلارنى ئاسان قىلغاي ...

karkat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 12:53:07

مەن  بىلمەدىكەنمەن  لىكىن تىمىنى  كۇرۇپ  دەرىس ئۇگنىۋاتىمەن ،،، \"\"

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 13:22:03

ئايالىم ھامىلدار بولغاندىمۇ سېزىكى بەك قاتتىقتى،دائىملا ئىچىم ئېلىشتى دەپلا يۈرەتتى،ھېچنىمە يىيەلمەس بوپ قالغان،دوختۇرخانىغا ئاپارسام بىر پىشقەدەم تونۇش دوختۇر سېزىككە ئامال يوق،ئايالىڭىزنى كەچلىك بازاردا ئايلاندۇرۇپ بېقىڭ،تاساددىبىي بىر نەرسىگە كۆزى چۈشۈپ قېلىپ يىگىسى كەپ قالسا،سېزىك ئوڭشىلىپ كېتىدۇ دىگەن.كەچلىك بازاردىمۇ ئايلاندۇرۇپ باقتىم،ئەمما ھېچنىمىگە قارار كۆزى يوق،شۇنداق قىلىپ 3-4كۈندىن كىيىن بىر ئاز ياخشىلانغان،ئەمما نېمىگە سېزىك بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن.

ئاشۇ ۋاقىتتا چوڭ ئانام قازانغا يۇغۇچنى سېلىپ ئوتتا قىزدۇرۇپ پۇرىسا سېزىك ياخشىلىنىدۇ دەپ شۇنداقمۇ قىلىپ باققان،ئەمما ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان.

غەم قىلماڭ3-4كۈنگىچە ياكى ھېچبولمىسا بىر ھەپتىگىچە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 14:41:51

ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرىدا يۇقىرىدىكى تورداشلار دېگەندەك بېھى شەربىتى بىلەن نار پىننە شەربىتى بار، شۇلارنى دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىچىپ باقسا بولىدۇ. ئامال بار مەيلى ئۇ ئاي شارىنىڭ ئاقسىلى بوپ كەتسىمۇ ئۆزىنى دورىغا زورلىمىسۇن ، يېمىسۇن...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 15:31:37

سېزىك توغرىسىدا جىق ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ كەتتىم، ئاجايىپكەن. بەزىلىرى ئېرىغا سېزىكمۇ بولىدىكەن، پوققا سېزىك بولغاننىمۇ ئاڭلىغانتىم(سەت گەپ قىلىپ سالدىم، لېكىن ئەھۋال شۇ)، سېزىك بولغۇچى شۇ نەرسىنى قۇرۇتۇپ، ياغلىققا يۆگەپ بېلىكىگە تېڭىۋېلىپ پۇراپلا يۈرەتتىكەن. ئايال كىشىنىڭ ھەرقانداق نەرسىگە سېزىك بولۇش مۇمكىنچىلىكى باركەن.

نېمىگە سېزىك بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغانمۇ ئىش بولىدىكەن ھە؟!

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 15:39:16

13- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سېزىك توغرىسىدا جىق ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ كەتتىم، ئاجايىپكەن. بەزىلىرى ئېرىغا سېزىكمۇ بولىدىكەن، پوققا سېزىك بولغاننىمۇ ئاڭلىغانتىم(سەت گەپ قىلىپ سالدىم، لېكىن ئەھۋال شۇ)، سېزىك بولغۇچى شۇ نەرسىنى قۇرۇتۇپ، ياغلىققا يۆگەپ بېلىكىگە تېڭىۋېلىپ پۇراپلا يۈرەتتىكەن. ئايال كىشىنىڭ ھەرقانداق نەرسىگە سېزىك بولۇش مۇمكىنچىلىكى باركەن.

نېمىگە سېزىك بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغانمۇ ئىش بولىدىكەن ھە؟!



سەن نېمە بۇنىڭغا باش قاتۇرۇپ كەتتىڭ\"\"

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 15:49:55

سېزىكلىك يېرىمدىن كۆپ نىسبەتتىكى ھامىلدار ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ھادىسە، نورمالدا ھامىلە ئالتە ھەپتىلىك بولغاندا باشلىنىپ، 12 ھەپتىلىك بولغاندا ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ. ئاساسلىق بەلگىسى ئىچى ئېلىشىش ۋە ياندۇرۇش. بۇ سەۋەبلىك ئىشتىھاسىزلىق ۋە سۇسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. «كۆڭلۈم تارتمىدى» دەپ ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلمىسا ئانىنىڭ ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا روشەن تەسىرى بولىدۇ. قۇسۇش ۋە ئىشتىھاسىزلىق ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولسا، ياندۇرۇش ئاغرىق ياكى قىزىتما بىلەن بىللە كەلسە، ھېچنىمە سىڭمىسە، ھەم 13- ھەپتىدىن كېيىنمۇ سېزىكلىك شۇ تەرىزدە داۋاملىشىۋەرسە دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، دوختۇر بەلكى ياتاققا ئېلىپ بىر مەزگىل داۋالىشى مۈمكىن.  بەك ئېغىر بولمىغاندا بىر مەزگىل ( سىزنىڭ ئايالىڭىزغا يەنە بىر ئاي ئەتراپىدا ۋاقت بولۇشى مۇمكىن) كۆڭلى تارتقاننىلا يېگۈزۈپ تۇرۇڭلار، ئەمما چوقۇم ساغلام يېمەكلىك بولۇشى كېرەك، قارا ئاشلىقمۇ ياخشى.

سېزىكلىكتىكى ئىچى ئېلىشىش بولسا بەدەندىكى ھورمۇنلارنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن بولىدۇ، ساغلاملىقشۇناسلار بۇنى ياخشى ئىش، يەنى 胎盘 نىڭ ئوبدان تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارايدۇ. بۇنى دېيىشىمدىكى مەقسەت، سېزىك ئايال ۋە ئەتراپىدىكىلەر بۇ ئۆزگىرىشلەردىن زىيادە خاتىرجەمسىزلىنىپ، جىددىلەشمىسۇن، ئارام ئېلىشقا ۋە كەيپىياتقا تەسىر يېتىدۇ.

سېزىكلىكتىن بىئارام بولۇۋاتقانلارغا ئائىلىدە كۈتۈنۈش ئۇسۇلى:

1. مۇھىت ئازادە، پاكىز بولۇشى كېرەك، بولۇپمۇ ئىس- بۇس، مەينەتچىلىكتىن يىراق بولسۇن.

2. تاماق كۆپ يېيىلمىسىمۇ سۇ ئىچىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇمىسۇن. لېكىن تاماققا قوشۇپ كۆپ سۇ ئىچىش يەنە ئىچى ئېلىشىپ ياندۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇسسۇزلۇققا لېموناتمۇ ياخشى.

3. ئەتىگەن ناشتىلىققا سودالىق پېچىنە يېيىش ئىچى ئېلىشىشنى پەسەيتىدۇ. مېۋە- چېۋىدىن تاۋۇز، قوشۇمچە يېمەكلىككە ئازراق تۇز چاچقان ياڭيۇ قەلەمچىسى ياخشى، دەيدىكەن ماۋۇ چەتئەللىكلەر.

4. ئاچچىق نەرسە يېمەسلىك، تاماقتىن قاچماسلىق يەنى گالدىن ئۆتكەننى يەپ تۇرۇش، تاماقتىن كېيىن دەرھال يېتىۋالماسلىق كېرەك.

ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىدىن مۇنۇلار:

زەنجىۋىل، ۋىتامىن B6 ياكىB12 ئىچى ئېلىشىش ۋە ياندۇرۇشنى زور دەرىجىدە پەسەيتىدۇ.

ئاندىن دوختۇرنىڭ رېتسىپىسىزمۇ ئالغىلى بولىدىغان Doxylamine 丁二酸盐 دەيدىغان دورىنىڭ بارلىقىنى بىلىدىكەنمەن. مەخسۇس مۇشۇ ھامىلدارلىقتا ياندۇرۇپ ھالىدىن كەتكەنلەر ئىچىدۇ. جوڭگۇدىكى ئۆلچىمى قانداق، توردىن ئاختۇرۇشقا ئېرىندىم. شۇڭا سىز بىرەر دوختۇردىن سوراپ كۆرۈڭ ياكى توردىن.

ھەممەيلەنگە ئامان- ئېسەنلىك يار بولغاي.


xatmen يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 15:59:13

خوتۇن كىشى سىزىك بولسا ئەركىشىگە بەك جاپاكەن جۇما .

مىنىڭ ئايالىمغىمۇ 4 ئاي بولۇپ قالدى ، ھازىر خېلى يامان ئەمەس . لىكىن تاماقنى پەقەت يىگىلى ئۇنىمايدۇ .

بىركۈنى كەچتە ئايالىم تىلىۋۇزۇر كۆرەپ ئولتۇرغان ، مەن ياتاق ئۆيدە كارۋاتقا يانپاشلاپ ئىزىلەڭگۈلۈك بىلەن توركۆرەپ ئولتۇرغان بىرچاغدا پالاقشىپ كىرىپتۇ ، - نىم بولدى دىسەم ؟؟

نەدە سۈەنبەسەي ( دورا دەرمەنغا چىلىغان بەسەي ) بادۇ . بەك يىگىگىم كەپكەتتى دەپ چاكىلداپ كىتىپتۇ .

نەچچە ئاينىڭ ياقى ھېچنىمە يىگىگىسى كەلمىگەن ئادەمنىڭ ، چىلىغان بەسەيگە بۇنداق ئېچىرقاپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قاپتىمەن .

قاندا بولۇپ بۇكىچىدە بەسەي يىگىڭىز كەپ قالدى دەپ سورىسام ، تىلىۋوزوردا كورىيەنىڭ قىسىملىق بىر كىنوسىدا تاماق يەۋاتقان كۆرۈنۈش چىقىپ بىرسى چىلىغان بەسەينى مەززە قىلىپ يەپتىكەن . شۇنىڭغا ئېچى چۈپتىكەن .

بۇكىچىدە نەدىن تاپامەن دەپ ئەتە ئىزدەپ تېپىپ بىرەي دىسەم ھازىر يىگىگىم كەلدى ھازىر تېپىپ بەرسىلە دەپ تۇرۇۋالدى .

ئامال يوق كىچىدە موتونى ئۇياندىن بۇيانغا چاپتۇرۇپ دۇكاننى تاقاشقا تەمشىلىۋاتقان بىر تۇڭگاننىڭ كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىدىن تاپتىم .

بىر خالتىغا قاچىلىتىپ ئۆيگە ئەكەلسەم كۆرۈپ خوش بوپكەتتى ،  بۇنى قاندا بىر يېۋىتەكى دەپ چوكىنى ئېچىقىپ ئالدىغا قويۇپ بەرسەم بىر چوكا يەپ ، چوكىنى شۈمۈپ ئولتۇرىدا ،ئاچچىقىمدا -

يېرىم كىىچىدە ئەدەمنى موتورولا قىلىپ يىگىنىڭىز مۇشۇما دىسەم ، ئەمدە يىگىم كەممەۋەتىدا دەپ قاراپ ئولتۇرىدۇ .

يانا بىر كۈنىسى يانا كەچلىكى ، بېلىق بىلەن توخو قانىتى شورپىسى ئىچكىم كەلدى دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى .

كومپىيوتىرنى ئۆچىرەپ يانا تالاغا چاپتىم . ئەكەلسەم يىگىنى 2 تال قانات ..............

باشقىلاردىن پىننە مۇرابباسى يىسە كۆڭلى ئاينىشنى توختىتىدۇ دەپ ئاڭلاپ 2 شىشە ئەكەلسەم يىيىشى بىرقوشۇق ، ھازىر ئۆزەم يەۋەتىمەن قالغىنىنى .


Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 16:54:17

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.  ئالدى بىلەن ئايالىڭىزغا سالامەتلىك تىلەيمەن...



ئايال كىشى ھامىلدار بولسا ، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇن شىددەت بىلەن  ئاشقانلىقى ئۈچۈن ئاشقازاننىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ سىزىك( ئىشتىھاسىزلىق) بولىدۇ دەيدىكەن...

بۇنىڭ ھېچ داۋاسى يوق. بەزىلەر بار 9 ئاي سىزىكتىن چىقمايدۇ. بۇنداقلار 100 نىڭ ئىچىدىن 4 تى چىقىدىكەن.   ئاپاممۇ ماڭا ھامىلدار بولغاندا  9 ئاي  ياندۇرۇپ، سىزىكىدىن چىقماپتىكەن.. \"\"

نورمالدا  3  ئايدا سىزىكىدىن چىقىپ بولىدۇ. بەزىلەر مەلۇم بىر نەرسىنى بەكلا يەپ، يىمىسە تۇرالماي قالىدىكەن. يەنە بەزىلەر ھېچنەرسىگە كۆڭلى تارتماي.. ئەتىدىن كەچكىچە  كۆڭلى غىل- غىل ، غىل - غىل  ،ئېلىشىپلا تۇرىدىكەن..  \"\" ،. شۇنداق بولسىمۇ ئايالىڭىزغا  زورلاپ بىر نەرسە يىگۈزۈڭ. يىمىسە تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.ئىشقىلىپ  سىزىكلىك ئاجايىپ تەس ئىشكەن. اللە ئايالىڭىزغا كۆپ ئەجىر بەرسۇن..

لىمۇننى  سىقىپ ،سۈيىنى ئېچسىمۇ، كۆڭلى ئېلىشىشىنى پەسەيتىشكە ئاز-پاز ياردىمى بولىدىكەن.

بەزى مىللەتلەردە  سىزىكلىككە ئوخشىمىغان نەرسىلەر بىلەن تاقابىل تۇرىدىكەن.. سىرىلانكىلىقلار  ئەنبەھ ( ماڭگۇ)نى بەك  باسىدۇ دەپ قاراپ شۇنى يەيدىكەن. ماۋۇ ياۋرۇپالىقلارمۇ لىمۇنات سۈيى ئېچىشنى ، قۇرۇتۇلغان، تۇزلانغان ياڭيۇ  ياپراقچىسىنى  يىېيىشنى ،سەل تۇزلۇقراق بولسا ياخشى -دەپ ،تەۋسىيە قىلىدىكەن...

مومام بولسا ، ھېچنىمە ئۆتمىسىمۇ نان چاي  ئۆتىدۇ.. ئەتكەنچايغا نان چىلاپ ئىچسۇن-  دەپ شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇ. \"\" ( بۇمۇ خېلى سىناقتىن ئۆتكەن ، سىڭلىم سىزىكچىلىكتە ھېچنىمە يىمەي، ئاپام زورلاپ ئەتكەنچاي ئىچكۈزسە ، شۇ ئۆتۈپتىكەن.) بۇنىمۇ سىناپ بېقىڭ....

سىزىكلىكتە  ئاياللاردا  بەدەن تىمپىراتۇرىسى سەل ئارتىش، ئاغزى قۇرۇش. ھالسىزلىنىش، كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش،ئۇيقۇچان بولۇش. كۆڭلى بەكلا نازۇك بولۇش دېگەندەك بىر قىسىم  ئالامەتلەر بولىدىكەن.. بولۇپمۇ بۇنداق ۋاقىتتا ئايالىڭىزنىڭ مىجەزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا چۈشۈنۈپ ، ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەك كۆيۈنمىسىڭىز بولمايدۇ. \"\" .

ئاسانلا يىغلايدىغان بولۇپ قالىدىكەن بەزىدە. كىچككىنە نەرسىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ..ئەمما  يىغلىسا  ھامىلىگە ئىنتايىن پايدىسىز، ھەرگىز  يىغلىمىسۇن...

سىڭلىم بىرىنجى بالسىدا ، كۆڭلى ئېلىشىپلا، بىراق ئېلىشسىمۇ يەپتىكەن. ماۋۇ ئىككىنچىسىدە بولسا ئەتىدىن كەچكىچە ياندۇرۇپلا  يۇرگۈدەك. بەزىدە ئايال كېشىنىڭ سىزىكلىك ھالىتىمۇ ئوخشىمايدىغان ئوخشايدۇ..

بۇ يەردە  سىزىكلىتە ھېچقانداق  دورا ، ياكى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش تابلىتلىرىنى تەۋسىيە قىلمايدۇ.  4 -ئېيىدىن باشلاپ ، ئايال كىشىنىڭ بەدىنىدىن 15 پىرۇبىركا قان ئېلىپ،   \"\" ، نەچچە  قېتىم ئالىدىكەن. ئانىنىڭ بەدىنىدىكى ھەرقايسى تەركىبلەرنى تەكشۇرۇپ، بالىغا يىتىشەمدۇ. نىمىنى تولۇقلاش لازىم، ئاقسىلمۇ، كالتىسىيمۇ. ماگىنىيمۇ دەپ شۇنىڭغا قارىتا  سىزگە  يىمەكلىك ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بارىدىكەن..ۋېتامىنلىق نەرسىلەرنى شۇ ۋاقىتتا بېرىدىكەن.



يەنە بىرسىگە ئايالىڭىز ھەرقانداق چاينى ئستىمال قىلمىسۇن. سۇنى كۆپ ئېچسۇن. چاي تۆمۈر ماددىسىنى كىېسىۋېتىدۇ دەپ ، بۇلار بەك چەكلەيدىكەن. قېتىق ، سۈتلەرنى كۆپ ئېچىپ بەرسۇن.

ھامىلە 4-ئايلىق بولغاندىن باشلاپ. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ياڭاق. سۇت ھەسەل لەرنى كۈندە مەلۇم مىقداردا يەپ بەرسە. بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە بەك پايدىلىق دەيدىكەن....

ھازىرغىچە ئېسىمگە كەلگىنى مۇشۇنچىلىككەن..



مۇبارەك بولسۇن.اللە ساغلام، سالىھ ، پەرزەنت  ئاتا قىلسۇن.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 16:58:49

ئاپام ماڭا قورساق كۆتۈرگەندە داڭگال يەۋالاتتىكەن. تامنىڭ كاكىلىنى  قومۇرۇپلا....
بەت: [1] 2 3 4
: ئايالىم سېزىك !