لوقمان ھەكىم نەسھەتلىرىدىن
لوقمان ھەكىم نەسھەتلىرىدىن
خەلق رېۋايەتلىرىگە قارىغاندا لوقمان
ھەكىم تېبابەت پىشۋاسى نامى بىلەن مەشھۇردۇر! قۇرئان كەرىمدە
بولسا ئىلىم -ھېكمەتتە كامالەتكە يەتكەن ئالىم، پەزىلەتلىك
ئىنسان سۈپىتىدە ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئىلىنىدۇ ھەمدە مەخسۇس بىر سۈرىنىڭ
ئىسمى « لوقمان» نامى بىلەن ئاتالغان. مەزكۇر «لوقمان» سۈرىسىدە لوقمان ھەكىم ھەققىدە قىسقىچە
ئۇچۇرلار بىرىلىپ ئۇندىن كىيىن ئوغلىغا قىلغان ئىلىم-ھېكمەت
بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر قىسىم نەسىھەتلىرى بايان قىلىنغان. (
قۇرئان كەرىم ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، 31-سۈرە لوقمان، 412 - بەتتىن
كۆرۈۋىلىڭ!)
لوقمان ھەكىمنىڭ كىملىكى ھەققىدە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە قەدىمكى يۇناندا سوقرات، ئارستوتىللاردىن كىيىنرەك ياشاپ ئۆتكەن
ئەپلاتون -دەل بىز دەۋاتقان لوقمان ھەكىم شۇدۇر. ( لىكىن
ئەپلاتوننىڭ لوقمان ھەكىم ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە يىتەرلىك
دەلىل - ئىسپات يوق).
تۆۋەندىكىسى خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ، «ئەشيالار خاسىيتى»نامىلىق رىسالىنىڭ
مۇئەللىپى نەجمۇددىن خوجا ھاجىنىڭ مەزكۇر رىسالىسىدە بايان
قىلىنغان لوقمان ھەكىمنىڭ 100 نەسھىتى:
1 .
ئەي پەرزەنتىم، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇغىن.
2 . كىمگە
پەند- نەسىھەت قىلساڭ ئاۋال ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل.
3 . سۆزنى
ئۆز قەدرىڭگە لايىق قىل.
4 . ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل.
5 . ھەممىنىڭ
ھەققى- ھوقوقىنى چۈشەن.
6 . سىرىڭنى
مەخپىي تۇت.
7 . دوستۇڭنى
قېيىن كۈندە سىنا.
8 . دوستتىن
پايدا- زىياندا ئىمتىھان ئال.
9 . ئەخمەق
ۋە نادان ئادەملەردىن قاچ.
10 . دانا
ۋە زېرەك دوستنى دوست تۇت.
11 . ياخشى
ئىشقا مەھكەم كىرىش.
12 . ئايال
كىشىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنمە.
13 . ساپ
دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىل.
14 . سۆزنى ئىسپاتى بىلەن سۆزلە.
15 . ياشلىقنى
غەنىيمەت بىل.
16 . ياشلىقتا
ئىككى دۇنيا ئىشلىرىنى قىلىۋال.
17 . دوست-
يارەنلىرىڭنى ئەزىز بىل.
18 . دوست-
دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت.
19 . ئاتا- ئاناڭنى غەنىيمەت بىل.
20 .ئۇستازنى
ئاتىدىن ئەزىز بىل.
21 . خەجنى
كىرىمگە قاراپ قىل.
22 . ھەممە
ئىشتا ئورتاھال يول تۇت.
23 . ئالىيجانابلىقنى
ئۆزۈڭگە شۇئار قىل.
24 . مېھماننىڭ
خىزمىتىنى قائىدىدەك قىل.
25 . بىراۋنىڭ
ئۆيىگە كىرگىنىڭدە كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل.
26 . كىيىم-
كېچەك ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت.
27 . جامائەت
بىلەن بىللە بول.
28 . پەرزەنتىڭگە
ئىلىم ۋە ئەدەپ ئۆگەت.
29 . ئىلاج
بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت.
30 . ئۆتۈك
ۋە كەش كىيىشنى ئوڭ پۇتۇڭدىن، سېلىشنى سول پۇتۇڭدىن باشلا.
31 . بىراۋ
بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل.
32 . كېچىدە سۆزلىسەڭ ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە، كۈندۈزى سۆزلىسەڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە.
33 . ئاز
يېيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل.
34 . ئۆزۈڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگە زورلىما.
35 . ھەر
ئىشنى ئاۋۋال ئويلاپ چارە- تەدبىر بىلەن قىل.
36 . ئۇقماي
ئۇستازلىق قىلما.
37 . خوتۇن(خاتۇن)
ۋە بالىغا سىر ئېيتما.
38 . باشقىلارنىڭ
ياخشىلىقىنى تەمە قىلما.
39 . پەسكەشتىن
ۋاپا كۈتمە.
40 . ھەرقانداق
ئىشنى كەم- كوتسىز دېمە.
41 . قىلمىغان
ئىشنى ھېسابقا ئالما.
42 . بۈگۈنكى
ئىشنى ئەتىگە قويما.
43 . ئۆزۈڭدىن
چوڭغا چاقچاق قىلما.
44 . ئۆزۈڭدىن چوڭغا ئارتۇق سۆزلىمە.
45 . كىشىلەرگە
يامان كۆرۈنمەسلىككە تېرىش.
46 . ھاجەتمەن
كىشىلەرنى نائۈمىد قايتۇرما.
47 . ئۆتكەن جاڭجالنى ئەسلىمە.
48 . باشقىلارنىڭ
ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارىلاشتۇرما.
49 . بايلىقىڭنىڭ
مىقدارىنى دوست- دۈشمىنىڭگە بىلدۈرمە.
50 . قېرىنداشنى
قېرىنداشتىن ئايرىما.
51 . ياخشى
ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلما.
52 . پەقەت
ئۆزەڭنىلا ئويلىما.
53 . كۆپچىلىك
قوزغالسا سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش.
54 . بارماقلىرىڭنى
ئېغىز ۋە بۇرنۇڭغا تەگكۈزمە.
55 . ئادەملەرنىڭ
ئالدىدا چىش كولىما.
56 . تۈكۈرۈك(خەپۈرۈك)
ۋە بۇرنۇڭنى يۇقۇرى ئاۋازدا تاشلىما.
57 . ئەسنىسەڭ
ئېغىزىڭنى قولۇڭ بىلەن توس.
58 . ئادەملەرگە
قاراپ كېرىلمە.
59 . بارمىقىڭنى
بۇرنۇڭغا تىقما.
60 . بىراۋنى
بىراۋ ئالدىدا خېجىل قىلما.
61 . جىددىي
سۆزنى چاخچاققا ئايلاندۇرما.
62 . قاش- كۆزۈڭ بىلەن ئىملاپ،
چېقىمچىلىق قىلما.
63 . ئېيتقان
سۆزۈڭنى تەكرارلىما.
64 . بىراۋنى
مەنىسىز كۈلدۈرۈشتىن ساقلان.
65 . ئۆزۈڭنى
ۋە يېقىنلىرىڭنى باشقىلار ئالدىدا ماختىما.
66 . ئۆزۈڭنى ئاياللاردەك
پەردازلىما.
67 . بالىلىرىڭ
نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىۋەرمە.
68 . تىلنى
ئايا.
69 . سۆزلەۋاتقاندا
قولۇڭنى سىلكىمە.
70 . ھەممە
ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇما.
71 . ئېغىۋاگەر
ئادەم بىلەن ھەمسۆھبەت بولما.
72 . ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاپ
تىلغا ئالما.
73 . ئىلاجنىڭ
بارىچە بىراۋ بىلەن ئۇرۇشما ۋە خۇسۇمەت ساقلىما.
74 . بىراۋنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى
سىناپ يۈرمە.
75 . چوڭلارنىڭ ساۋاقلىرىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت، گۇمانخور بولما.
76 . ئۆز
نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە.
77 . ئىشتا
ئالدىراقسانلىققا يول قويما.
78 . مال-
دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىينىما.
79 . بىراۋ
ئۆزىنى بىلمىسە، سەن ئۇنى بىل.
80 . غەزىپىڭ
كەلگەندە سۆزنى تاللاپ سۆزلە.
81 . ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى سۈرتمە.
82 . قۇياش
چىققۇچە ئۇخلاپ ياتما.
83 . باشقىلارنىڭ
ئالدىدا نەرسە- كېرەك يېمە.
84 . چوڭلارنىڭ ئالدىدا ماڭما.
85 . باشقىلار
سۆزلىگەندە سۆزىگە قوشۇق سالما.
86 . بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما.
87 . كوچىدا ئوڭ- سولغا قاراۋەرمە، ئالدىڭغا قاراپ ماڭ.
88 . ئىمكان
بار يايتاق ئۇلاغقا مىنمە.
89 . مېھماننىڭ ھوزۇرىدا بىراۋغا
غەزىپىڭنى چاچما.
90 . مېھماننى ئىشقا بۇيرىما.
91 . دىۋانە
ۋە مەس بىلەن سۆزلەشمە.
92 . كوچىلاردا بىكارچى ۋە گەپ ئاڭلىمايدىغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرما.
93 . پايدا-
زىيانغا ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ ئابرويۇڭنى تۆكمە.
94 . مەمەدان
ۋە تەكەببۇر بولما.
95 . باشقىلارنىڭ
ساڭا خۇسۇمەت قىلىشىدىن قاچ.
96 . جېدەل
ۋە پىتنىدىن قاچ.
97 . پىچاقسىز،
ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە.
98 . ئۆزۈڭنى
خارلىماسلىققا ئىنتىل.
99 . ئاددىي-
ساددا، كەمتەر بول.
100 . ئاللاھتىن
قورقۇش، خەلققە ئىنساپ قىلىش، چوڭلارغا خىزمەت قىلىش، كىچىكلەرگە شەپقەت
قىلىش، دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت قىلىش، دوست- يارانلەرگە نەسىھەت قىلىش، دۈشمىنىڭگىمۇ
سىلىق مۇئامىلە قىلىش، جاھىللارغا سۈكۈت قىلىش، ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا. بىراۋنىڭ
مېلىغا تەمە كۆزى بىلەن قارىما.
97 . پىچاقسىز، ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە.
ئو!!!!!!!! مەن ماۋۇ ئۈچىلىسىگە خىلاپلىق قىلىپتىمەن جۇمۇ! ماۋۇ تېمىنى بىر ۋاقىتلاردا مەن تەييارلاپ بىلوگىمغىمۇ، ئىزدىنىشقىمۇ ئەيتاۋۇر بىر يەرگە يوللىغان ئىدىم. بۇ يەردە قايتا ئۇچراتقىنىمغا مۇبارەك بولسۇن!