gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 16:16:31

مەست بىلەن گېتلىر ھاجەتخانىدا (فىليەتون )

          مەست بىلەن گېتلىر ھاجەتخانىدا


                      (فىليەتون)


بىر مەست دەلدەڭشىگنىچە ھاجەتخانىغا كىرىپتۇ. ئۇ كىچىك تەرەت قىلماقچى بولغاندا ، تۇيۇقسىز ھاجەتخانا تېگىدە تۇرغان  گېزىتتىكى گېتلىرنىڭ رەسىمىگە كۆزى چۈشۈپتۇ :


     _ ھاي گېتلىر !  _ دەپ قولىنى كۆتىرىپ سالام بېرىپتۇ ئۇ .لېكىن رەسىمدىن ھېچبىر سادا كەلمەپتۇ . - ئىست ، بىچارە،  ئەمدىلىكتە ئوچۇق - ئاشكارە تاماق يىيەلمەي ھاجەتخانىغا كىرىپ سېرىق ماي يەۋېتىپتۇ _ دە . ھەي ! شۇ تاپتا قورسىقىنىڭ ئاچلىقىدا سالامىمغىمۇ جاۋاپ قايتۇرماي تۇرىۋاتىدىغۇ ...   


    _ ھاي گېتلىر ! _ يەنە بىر قېتىم ۋارقىراپ تۇرۇپ سالام بەرسىمۇ ، سالامىنىڭ جاۋاپسىز قالغىنىنى كۆرگەن مەست كۆڭلىدىكىنى يوشۇرمايلا سۆزلەشكە باشلاپتۇ :


   _ ھەي ، بىچارە زۇڭتۇڭ ئەپەندى ، ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل دۇنيانى بويسۇندۇرۇپ ئۆزۈم يالغۇز خوجايىن بولىمەن دەپ  مىليۇنلىغان بىگۇناھ پۇخرانى بىئەجەل ئۆلتۈرگەن چېغىڭىزدا ھازىرقىدەك ھاجەتخانىغا كىرىپ ئوغۇرلۇقچە سېرىق ماي يەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدىغىنىڭىزنى ئويلىمىغان بولغىيدىڭىز ؟ ئەينى ۋاقىتتا قانۇنسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇنلانغۇچىلار دەپ مىليۇنلىغان يەھۇدىلارنى تۈرمىلەرگە سولىغان چېغىڭىزدا ھازىرقىدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشىڭىزنى ئويلاپ باقمىغانمۇ ؟ ئەينى ۋاقىتتا بارچە مىللەتلەر قول ئاستىمغا يىغىلىپ ئىناق - ئىتىپاق ياشىشى ، قەتئى مىللەتچىلىك قىلماسلىقى كېرەك دەپ نېمىسلاردىن باشقا نۇرغۇنلىغان ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنى تۈرمىلەرگە سولاپ ، قىيناپ خورلىغان چاغلىرىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ مىللەتچى ئىكەنلىكىڭىزنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرمىسىڭىزمۇ ھامان بىركۈنى ھازىرقىدەك ھالغا چۈشۈپ قالىدىغىنىڭىزنى خيالىڭىزغا كەلتۈرمىگەنمۇ ؟ ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان زېمىننى ، كان بايلىقىنى ، مال - دۇنيالارنى ۋەھشىلىك بىلەن بۇلىغان چاغلىرىڭىزدا ھازىرقىدەك ھالغا قېلىشىڭىز چۈشلىرىڭىزگە بولسىمۇ ئايان بولمىغانمۇ ؟ .... نېمىلا بولمىسۇن مەن سىزگە ھېسداشلىق قېلىمەن زوڭتۇڭ جانابلىرى  . سېرىق ماينى كۆپ يەۋەتسە قورساقنى ئاغرىتىپ قويىدۇ . ... ھاي ... ھاي ... ئاۋۇ ئالدىڭىزدىكى نېمە ئۇ ؟  ئەجەپ قاپقارا ، ئۇزۇن بىر نېمە تۇرىدىغۇ . ھاڭگا ئىشەكنىڭ ... كەچۈرۈڭ زوڭتۇڭ جاناپلىرى ! ئالدىڭىزدا سەت گەپ قىلىۋەتكىلى تاسلا قالدىم . چۈنكى ، ئالدىڭىزدىكى ئۇ نەرسە سىنچىلاپ قارىسا مىكروفۇنغا ئوخشىغىنى بىلەن ، مۇنداقلا قارىسا ھەقىقەتەنمۇ ھېلىقى نەرسىگە ئوخشايدىكەن . شۇڭا ، ھازىر شۇ نەرسىنىمۇ يەۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن . بىراق ، مەن ھەر ھالدا تىلىمنى باشقۇرالايمەن . ھازىر گەرچە مەست بولساممۇ كاللام شۇنچىلىك روشەنكى ، ھازىر دېگەنلىرىم ، كېيىن دەيدىغانلىرىممۇ ھەممىسى راست گەپلەر  .  مەن راستىنلا سىزگە كۆيىنىمەن زوڭتۇڭ جانابلىرى . سېرىق ماينى كۆپ يەۋەتسە قورساقنى ئاغرىتىدۇ . مەندە ھازىرلا رېستۇراندىن ئەكەلگەن ئېسىل تاماقلاردىن بار . شۇنىڭدىن ئازراق بېرەي .


     مەست شۇنداق دېگىنىچە رەسىمنىڭ ئۈستىگە بىر مۇنچە قۇسۇق ياندۇرۇپتۇ ۋە قاقاھلاپ كۈلگىنىچە سۆزىنى باشلاپتۇ :


    _ زوڭتۇڭ جانابلىرى ، بۇ تاماقلارنى خاتىرجەم يەۋىرىڭ . ئوچۇق - ئاشكارە يېسىڭزمۇ ھېچكىم تارتىۋالمايدۇ . بۇ تاماقلار ئاشقازىنىمدا تەييارلانغان تەبى مەھسۇلات ، زىيان قىلمايدۇ . مۇنداقچە دېگەندە << يېشىل مەھسۇلات >> .  بۇ تاماقلارنىڭ ئارىسىدا پولو ، كاۋاپ ، باچكا گۆشىمۇبار ، يەنە سوغۇق سەيلەرمۇ بار . ... ھا  ... ھا ... ئالدىرماي يەڭ ، گېلىڭىزغا تۇرۇپ قالمىسۇن يەنە . بەلكىم سىز ، گېنرال پاتتون ئەسكەرلىرىڭىزنى بېرلىننىڭ يەرئاستى ئۆيلىرىگە تىقىۋەتكەندىن بۇيان بۇنداق ئېسىل تاماقلارنى تېتىپ باقمىغان بولغىيدىڭىز . ھازىر ھەممىنى يەۋېلىڭ . بۇنىڭدىن كېيىن يەنە يىيەلەمسىز ياكى يىيەلمەمسىز بۇنى بىلمەك قېيىن .


   مەست ھېق تۇتۋېلىپ بىر ئازدىن كېيىن بىر نەچچىنى كېكىرۋېتىپ ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ :


     _ زوڭتۇڭ جاناپلىرى ، قارىغاندا تاماق تۇرۇپ قالغان ئوخشايدۇ . ئۈستىبېشىڭىزمۇ تاماق يۇقى بوپكېتىپتۇ . ئازراق سۇ بېرەي . بىراق ، سوپۇن يوق .چۈنكى ، ھازىر كىشىلەر ھەر خىل مايلار بىلەن كىرلارنى يوشۇرۇپ قالالايدۇ . قەلبى بولسا ئەڭ بىخەتەر ئىشكاپ . سىز باشقىلارنىڭ قەلبىدىكىنى بېلىشكە ماھىر ئىدىڭىز . ئەينى ۋاقىتتا قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ ئۈچ قېتىملىق سۈيقەستىدىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلغان ئىدىڭىز . بىراق ، ھازىر ئۇنداق ئەمەس . سىز باشقىلارنىڭ قەلبىدىكىنى بېلىشكە قانچىلىك ماھىر بولۇڭ ، بەرىبىر . ناۋادا ھازىر زوڭتۇڭ بوپقالسىڭىز تەختىڭىزدە بىر ئايدىن ئوشۇق تۇرالمايسىز . نېمە ! ھەيران قېلىۋاتامسىز ياكى مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسىز ؟  مەن راست دەۋاتىمەن  . چۈنكى ، سىزدە بۆرىدەك ۋەھشىلىك بولغان بىلەن  تۈلكىدەك ھىلىگەرلىك يوق . ئەركەك شىردەك جاسارىتىڭىز بولسىمۇ پەرىزاتتەك ئەپسۇن ئوقۇيالمايسىز . ھەر قانچە ياخشى ھەربىي تۈزۈم ئورنىتىشنى بىلسىڭىزمۇ  تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشنى ، باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق باشقىلارنى باپلاشنى ، توخۇنى بوغۇزلاپ مايمۇننى چۆچۈتۈشنى ، ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇشنى ، چىداملىق ئۆي سېلىپ بىرىپ باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە مايىل قىلىشىنى بىلمەيسىز . شۇڭا سىز ھەرگىزمۇ تەخىتتە ئولتۇرالمايسىز ... ھەي ، گەپنى نەگە ئەكەتتىم . قىسقىسى  مەندە ھازىر سوپۇن يوق . شۇنداقتىمۇ ئازراق سۇ بېرەي . لېكىن كۆپ بېرەلمەيمەن . چۈنكى ، ھازىر كىشىلەر جىنسى ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىشىدۇ . ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام ،  كىملەردە بالام قالدى بۇنى بىلمەيمەن . شۇڭا ، مەزى بېزى كىسىلى بوپقالدىم . كىچىك تەرىتىم ناھايىتى ئاز كېلىدۇ ...


     مەست گېپىنى تۈگىتىپ ، رەسىمنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەرەت قىپتۇ . سىرتقا قاراپ مېڭىپ بولۇپ يەنە بىر ئىش ئىسىگە كېلىپ ، قايتىپ كېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ :


    _ زوڭتۇڭ جاناپلىرى ، مەن سىزنى ھۆرمەتلەيمەن . كىچىك چېغىمدا زوڭتۇڭىمىزنىڭ رەسىمىگە جىجىلاپ سالساق ، تۈكۈرۈپ سالساق جازالىناتتۇق . ھەتتا رەسىمىنى توپا قىلىپ سالساقمۇ ئوخشاشلا جازالىناتتۇق . ھازىرقىدەك كىچىك تەرەت قىلىدىغان ئىش بولسا جاندىن ئايرىلغىنىمىز شۇ . شۇڭا دائىم سىزگە ئوخشاش كاتتا زوڭتۇڭ ، ئىمپىراتور بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم . كېيىنچە ھازىرقىدەك ئاددى ئادەم بولۇشنى خالايدىغان بوپقالدىم . چۈنكى بىر پارچە ئادەم رەسىمى شۇ ئادەمنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىلىك قىلىدۇ . داڭدار شەخىسلەرنىڭ رەسىمى دەسلەپ تاملارغا ، قەغەز پۇللارغا گېزىتلەرگە چاپلانغىنى بېلەن ، كېيىن نېمە كۈنلەرنى كۆرىدۇ ، كىم بىلىدۇ ؟ جاھان چاقى توختىماي چۆرگىلەيدۇ ئەمەسمۇ !؟ مانا ھازىر سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى مىسال قىلساق ، قانچە پارچە رەسىمىڭىز ئاياغ ئاستىدا قالدى ؟ قانچە پارچە رەسىمىڭىز ئىلگىركىدەك چولپانلارنىڭ لەۋ سۇرۇخى ئەمەس سەتەڭلەرنىڭ تازلىق قەغىزى بولدى ؟ ئۆزىڭىزمۇ دەپ بېرەلمەيسىز . شۇڭا ، مەن ھەرگىزمۇ سىزدەك زوڭتۇڭ بولمايمەن . راستىنلا .


     مەست گېپىنى تۈگىتىپ قايتماقچى بوپتۇ . بىراق ، دەلدەڭشىگىنىچە بېرىپ ھاجەتخانىنىڭ تەرەت كاتىكىغا گۇپلا قىلىپ يېقىلىپتۇ .


           2005 - يىل 10-ئىيۇن ، سەھرايى گۇلاخما   







sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 17:16:04

ھتلىرنى چىلەپ تارىتتىىڭىز،

توردىكى جىنسى ئاجىزلىق كېسىلى بار زوراۋانلار  مۇستەبىتلىك خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سىزنى تىللاشقا باشلايدۇ

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 17:17:50

1- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھتلىرنى چىلەپ تارىتتىىڭىز،

توردىكى جىنسى ئاجىزلىق كېسىلى بار زوراۋانلار مۇستەبىتلىك خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سىزنى تىللاشقا باشلايدۇ





ئۇنىڭدىن قورۇقمىدۇققۇ !

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 17:39:01

2- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھتلىرنى چىلەپ تارىتتىىڭىز،

توردىكى جىنسى ئاجىزلىق كېسىلى بار زوراۋانلار مۇستەبىتلىك خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سىزنى تىللاشقا باشلايدۇ


ئۇنىڭدىن قورۇقمىدۇققۇ !



\"\"



jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 18:21:15

1- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھتلىرنى چىلەپ تارىتتىىڭىز،

توردىكى جىنسى ئاجىزلىق كېسىلى بار زوراۋانلار مۇستەبىتلىك خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سىزنى تىللاشقا باشلايدۇ



مەن    sansara   ئەپەندىنىڭ نامىدا باشقا بىرى كىرىپ  ئىنكاس يېزىۋاتامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم .  ياكى ، sansara ئەپەندى يېقىندىن بېرى ئەبەيدەك تاققا - تۇققا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىمۇ ؟ \"\"



Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 18:32:10

سانسارا ئاداش gulahmalik نى بۇ ماقالىنى يازدى دەپ ئويلاپ چوڭ خاتالىققا يول قۇيۇپسىلەر .

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 19:10:43

5- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سانسارا ئاداش gulahmalik نى بۇ ماقالىنى يازدى دەپ ئويلاپ چوڭ خاتالىققا يول قۇيۇپسىلەر .



ئادىشىم گىپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 19:16:44

شۈنچىلىك زىل مەسىللەرنى ئويلىيالايدىغان مەسنىڭ شۇ چىغىدىكى ھالتىدىن قارىغاندا ئۇ ئاخىرىدا گۆپ قىلىپ يېقىلماي چىقىپ يەنە ئىچتى . ئاندىن بىرىپ ياتىدىغان پۇختا يىرىنى تىپىپ ئاندىن گۆپ قىلىپ يېقىلدى .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 19:25:04

6- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سانسارا ئاداش gulahmalik نى بۇ ماقالىنى يازدى دەپ ئويلاپ چوڭ خاتالىققا يول قۇيۇپسىلەر .



ئادىشىم گىپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟

بۇ ئەزا ئادەتتە ھېلىغۇ تېمىكەن ، ئىنكاسىنىمۇ كۆچۈرۈۋېرىدۇ . شۇڭا بۇ يولداشنىڭ كۆچۈرۈش قىزغىنىلىقىغا سۇ سىپىپ بۇنى ئۆزى يېزىپتۇ دەپ ئويلىسىڭىز ، بۇ يولداش بىراز ئازابلىنىپ قالارمىكىن دەيمەن

ئاخىرقى مەقسىتىم ، بۇ ئەزانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئەزاسىمان بىر قانچە ئەزانىڭ  مۇنبەر پۇلى ئۈچۈن يوللىغان تېما - ئىنكاسلىرىغا زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ دىمەكچىمەن .


ھە راست ھېلىقى يېڭى ھايات توغرىسىدىكى تېما بېسىلىپ قاپتۇ ، خېلى يامان ئەمەس گەپلەر بولۇنۋاتقان ئىكەن مەن دادامنى باقىمەن دوختۇرخانىدا بولۇپ قېلىپ پىكىر قاتناشتۇرالمىغان ئىدىم . ۋاقىت چىقسا مەنمۇ بىر نەرسە  دەي دەپ ئويلىۋىدىم . ئۇنىڭغىچە سوۋۇپ قاپتۇ . ۋاقىت چىقسا چوقۇم كەڭ - كۇشادە پىكىرلىشەيلى .  

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 19:30:04

مەستلەر يامانمۇ نىمە، پىكىر دېگەنگە.

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 10:24:15

جىنسى ئاجىزلىق توغرىسىدا سۆزلەۋېرىپ بۆرەكچى دوكتۇر دەپ قالپاق كىيمەڭلا جۇمۇ  {:92:}

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 16:46:27

8- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سانسارا ئاداش gulahmalik نى بۇ ماقالىنى يازدى دەپ ئويلاپ چوڭ خاتالىققا يول قۇيۇپسىلەر .



ئادىشىم گىپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟

بۇ ئەزا ئادەتتە ھېلىغۇ تېمىكەن ، ئىنكاسىنىمۇ كۆچۈرۈۋېرىدۇ . شۇڭا بۇ يولداشنىڭ كۆچۈرۈش قىزغىنىلىقىغا سۇ سىپىپ بۇنى ئۆزى يېزىپتۇ دەپ ئويلىسىڭىز ، بۇ يولداش بىراز ئازابلىنىپ قالارمىكىن دەيمەن

ئاخىرقى مەقسىتىم ، بۇ ئەزانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئەزاسىمان بىر قانچە ئەزانىڭ  مۇنبەر پۇلى ئۈچۈن يوللىغان تېما - ئىنكاسلىرىغا زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ دىمەكچىمەن .


ھە راست ھېلىقى يېڭى ھايات توغرىسىدىكى تېما بېسىلىپ قاپتۇ ، خېلى يامان ئەمەس گەپلەر بولۇنۋاتقان ئىكەن مەن دادامنى باقىمەن دوختۇرخانىدا بولۇپ قېلىپ پىكىر قاتناشتۇرالمىغان ئىدىم . ۋاقىت چىقسا مەنمۇ بىر نەرسە  دەي دەپ ئويلىۋىدىم . ئۇنىڭغىچە سوۋۇپ قاپتۇ . ۋاقىت چىقسا چوقۇم كەڭ - كۇشادە پىكىرلىشەيلى .  






Pinhan   ئەپەندى :


1- ھوقۇقىڭىزدىن پايدىلىنىپ قالايمىقان تۆھمەت قىلماڭ !  (  مۇستەبىتلەرنىڭ  ھال -كۈنلىرىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمىز )


2- ھېچقانداق ئاساسىڭىز يوق ئەھۋالدا ئىسپاتسىز سۆزلىمەڭ ! ( بۇ فىئودال جەمىئەت ئەمەس )


3- كۆچۈرمىكەشلىك قىلمىدىم  ھەم كۆچۈرۈشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم !( ئەزەلدىن كۆچۈرمىكەشكە بەك ئۆچ )


4 - مەن مۇنبەر پۇلىغا ئىھتىياجلىق ئەمەس ! ( كەسپىم سېرىق ئالتۇننى توپ ئېلىپ ، توپ تارقىتىش )


5- مۇنبەرگە چىقىپ تىما ، ئىنكاس يوللاشتىكى مەقسەت _ ئورتاقلىشىش ! ( << بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ، سورىماسلىق ئەيىپ .>> بولغىنىدەك ، بىلمىگەنلەرنىڭ سوراپ بىلىش ، بىلگەنلەرنىڭ بىلدۈرۈش مەجبۇريىتى بار )


6- ئىسپاتىڭىز بولسا چىقىرىڭ ياكى ئۈستىدىكى ئىنكاسلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ ! ( كۆڭلىڭىزدە ئادىللىق بولسا ) . ( ئىچى قوتۇر باشلىقنىڭ قىلالايدىغىنى پەقەت چەكلەش )



بۇ ئەسەرنى تۇنجى يازغان ۋاقتىمدا  ( 2005- يىلى )  ( جۇڭگو مىللى يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ  يازغۇچىلار جەمىيىتىىنىڭ ئەزاسى ، خوتەن يازغۇچىلار جەمىيىتىىنىڭ ئەزاسى ، چىرا ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ، تونۇلغان يازغۇچى مەمتىمىن ئابدۇۋېلى كۆرۈپ پىكىر بەرگەن . _ بۇ مېنىڭ كۆچۈرمىگەنلىك ئىسپاتىم .


كونىلار << يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا  >> دىگەنىكەن . ئەزا بولغاندىن بۇيان مۇنبەردىكى قوشنىللىرىم خېلى ياخشى پىكىردە . شۇڭا ، يەنە يازمىللىرىمنى يوللىشىم مۇمكىن . پىكىرداش بولارمىز .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 17:36:35

ئاپپاق تورداش ، بۇ يەردە ۋارى ۋارى قىلماڭ ، ئەخلەتخانىدىكى كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن تېمىلىرىڭىزنى كۆزىڭىزگە تىقىپ قويماي يەنە .

پالانى يازغۇچى ، پوكۇنى داڭلىقلار بىلەن ئىشىم يوق ، خىيالىڭىزدا مېنى خەقتىن نوپوزدىن چۆچەمدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىڭىزما ؟ كۆتۈرۈڭ ئۇنداق ئۆزى بىلەن ئەتراپتىكى گۇپپاڭچىلىرىدىن باشقا ھىچكىم تونىمايدىغان يازغۇچىڭىزنى ئۆزىڭىزگە كۈنلۈك قىلىمەن دىمەي .

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 18:38:02

‹‹ ئىت قاۋاپ قالىۋېرەر ، كارۋان يولىغا ماڭىۋىرەر . ››   تامام !

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 19:17:45

مەن ئەيسا ئەمەس دەپ تۇرسا سەن ئەيسا دەپ تۇرىۋالىدىغان بىر كۆرۈنۈش بولىدىغان

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 19:44:05

ئاۋۇ جىق جىق    ئەزا..مەمتىمىن ئابدۇۋىلى  كىمۇ ؟..

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 22:59:46

15- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋۇ جىق جىق ئەزا..مەمتىمىن ئابدۇۋىلى كىمۇ ؟..






ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش گۇلاخمالىق . << ياخشىلىق ئىزدەپ >> ،<< قارا مۈشۈك >> ،<< سۇلايمان گېنرالنىڭ ھېكايىسى>> ....... قاتارلىق بىرمۇنچە ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى .

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 23:28:16

ئىتمۇ ئۆلۈكنى تالىمايدۇ .  نىمە دىگەن جىق سەت گەپلەر  بۇ ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 16:00:39

مايە يەنە دۇچېزارلىق بولۇپ كېتىپتىغۇ..  {:107:}

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 14:18:31

11- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- ھوقۇقىڭىزدىن پايدىلىنىپ قالايمىقان تۆھمەت قىلماڭ !  (  مۇستەبىتلەرنىڭ  ھال -كۈنلىرىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمىز )



بۇنداق تىز كۆرەمىز دەپ ئويلىمىغان !
بەت: [1]
: مەست بىلەن گېتلىر ھاجەتخانىدا (فىليەتون )