Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 16:03:29

بالامدىكى كۈچەپ يىغلاش نېمىدىندۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

تۇغۇلغىنىغا 9 كۈن بولغان بالام ،دەسلەپكى نەچچە كۈندە كۆپ يىغلىمايتى . ئەمما ئىككى كۈننىڭياقى كېچىدە كۈچەپ يىغلايدىغان بولىۋالدى. تىلىغا قارىسام ئاپپاق سۈت قالدۇقلىرىدەك ئاقىرىپ كېتىپتۇ . كالپۇكلىرى قۇرغاقشىمال تۇرىدۇ.

بۇنىڭغا قانداق ئەنئەنىۋى بىخەتەر داۋالاش ئۇسۇللىرى بار ؟ دوختۇرلار كۆرۈپ قايناقسۇنى كۆپ ئىچىرىپ بېرىشنى ئېيتتى .


بالا بېقىشتا تەجىربىسى ۋە تىببى بىلىمى بارلار بۇ ھەقتە دېيىشىپ باقساق بوپتىكەن.

1.بالىدىكى كۆپ يىغلاش ،كۈچەپ يىغلاش نېمىدىندۇ؟

2. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا نىسبەتەن نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟

3. ئانا سۈتىدىن باشقا قايسى خىل يىمەكلىكلەر بوۋاققا ياخشى؟

...

ehsan99 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 16:10:01

مۇبارەك بولسۇن !!!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 16:10:09

بالىڭىز ئاغرىپ قالغىنىدا مۇبارەكلەپ ئىنكاس يازسام بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن

شۇنداق بولسىمۇ بالىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.

بالىڭىزغا سالامەتلىك تىلەيمەن.

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 16:20:03

مۇبارەك بولسۇن  \"\"

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 16:22:34

تورداشلارغا كۆپ رەھمەت ! سەمىمىيەتكە تولغان بۇ مۇبارەكلەشلەر مېنى شاتلاندۇردى...

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 16:32:13

ئوماق پەرزەنتىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.. اللە  سالامەت قىلسۇن.

\"\"

مومامنىڭ رىتسىپلىرى دەپ بىر كىتاب بار ئىدى.. شۇنىڭدىمۇ پايدىلىق ئۇچۇرلار باردەك قىلغان.بەك بۇرۇن ئوقۇپتىكەنمەن. ئېسىمدە قالماپتۇ... \"\"



ئاندىن قارىقات ھەدەم   بالىسى يېڭى تۇغۇلغاندا، مۇشۇ مۇنبەرگە ‹ ئانىلار مۇڭدىشايلى› دەپ بىر تىما يازغان ، ئاساسەن بالىسى بۇۋاق ۋاقتىدا ئۇچرىغان ئىشلاردىن مەسلىھەت ، دېگەندەك. شۇنى تاپقان بولسىڭىزمىغۇ بەكلا ئوبدان ئىش بولاتتى....

مۇنبەردىمۇ ئانىلار جىق. بىر  سۆزلەپ باقسا . بىزمۇ شۇ بانىدا بىر نەرسىلەرنى بىلىۋالساق

  {:92:}  

چۈچۈك بوپ قالمىغاندۇ.- ھە. چۈچۈكدەپ باقسا قانداق بولار....

tarim99 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 16:34:53

ئالدى بىلەن مۇبارەك بولسۇن!

بالىنىڭ يىغلىشىدىكى سەۋەبلەر كۆپ،مەسلەن ،چوڭ تەرىتى كەلمىسە،قوسىقى ئاغرىسا.بالىڭىزنىڭ ئاغزىغا ئاق سۈتتەك نەرسە چىقىپ قاپتۇ دەپسىز،بۇ نۇرغۇن بالىلاردا بولىدۇ،شەخسەن مېنىڭ قىزىمغىمۇ چىققان،بۇنى 霉菌感染دەيمىز،دورىخانىدا 制霉菌素片دەپ بىر دورا بار،بەك ئەرزان،نەچچە موچەنغۇ دەيمەن،ئۇنى ئېزىپ  鱼肝油دىگەن مايغا(بۇنىمۇ دورىخانىدا ساتىدۇ) ئىلەشتۈرۈپ،ئاق چىققان يەرگە سۈرۈپ بەرسىڭىز ئىككى - ئۈچ كۈندە ئوڭشىلىدۇ.ئەگەر ئوڭشالمىسا،دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 16:48:35

مۇبارەك بولسۇن .

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 17:20:05

يەرلىك ئۇسۇلدىن بىرنى دەپ بېرەي خالىسىڭىز سىناپ بېقىڭ. مېنىڭ بالام كىچىك ۋاقتىدىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ ياخشى ئۈنۈمى بولغانىدى:  مېغىزى سېسىمىغان بىر تال ياڭاقنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ يېرىپ ئىچىدىكى مېغىزى ۋە نېپىز ياپراقلىرىنى كولاپ پاكىزە چىقىرىۋېلىپ ، ئۇنى يۇيۇپ قۇرۇتىمىز. ئاندىن ئانىسىنىڭ سۈتىنى بىرەر قوشۇق سېغىپ شۇ تەييارلىۋالغان يېرىم ياڭاق شاكىلىنىڭ ئىچىگە ئانا سۈتىنى قۇيۇپ شۇ ياڭاقنى ئۇچلۇق ئامبۇر ياكى قىسقۇچتا قىسىپ تۇتۇپ تۇرۇپ شام يېقىپ ئاستىدىن قىزىتىمىز. سۈت قاينىشىغا تارتىۋالىمىز. مۇشۇنداقتىن ئىككى-ئۈچ رەت قىلىپ، قاينىغان سۈتنى پۈۋلەپ سوۋۇتۇپ ئىلمان بولغاندا پاختا پەلكۈچ بىلەن بالىنىڭ ئاغزىدىكى ئاق تىۋىتتەك ئۇرۇنلارغا ھېلىقى ئۇسۇلدا قاينىتىپ تەييار قىلىنغان ئانا سۈتىنى سۈركەپ قويسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلنى كۈندە بىر قانچە قېتىم تەكرارلىسىڭىز بالا ئىككى-ئۈچ كۈندىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى ئايالىڭىز بالىنى ئېمىتىشتىن بۇرۇن كۆكسىنى ئىسسىق سۇغا چىلىنىپ سىقىپ يۆل قىلىنغان پاختا لۈڭگە بىلەن كۆكسىنى يۇيۇپ بەرسۇن! ئېمىتىشتە تازىلىققا دىققەت قىلىنمىسىمۇ شۇنداق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. يەنە ئايالىڭىز نەپسىنى يىغسۇن. ئامال بار بەك يەللىك يېمەك-ئىچمەكتىن، زىيادە ئىسسىق، مايلىق، قورۇغان يېمەكلىكنى كۆپلەپ يېۋىلىشتىن ئۆزىنى تارتسۇن. ئۈگرە، چۆچۈرە، نارىن، خولۇپ ئاش، كېسىپ لەغمەن، خام شويلا، توخۇ شورپىسى، سەۋزە، چامغۇر سېلىنغان، مايسىزراق پاقلان گۆشى شورپىسى ...قاتارلىق يەڭگىل، سىڭىشلىك تاماقنى يېسە بولدى. بولمىسا يېگەن يېمەكلىكلەر سۈتتىن بالىغا بېرىپ بالىنى تۈرلۈك تېرە كېسىلى، قەۋزىيەت... دېگەنگە ئوخشاش كېسەللىككە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بالا ئوغۇل بالا بولسا تولا يىغلىسا سېرىق ئېتى چىقىپ قالىدىغان ئەھۋالنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ... ئەگەر  ئاغزىنىڭ ئەھۋالى سەل ئېغىرراق بولسا ۋاقىتنى سوزماي دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىڭلار. ئېغىرلاپ كەتسە بالا ئانىسىنى ئېمەلمەي قىينىلىپ قالىدۇ.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 17:32:29

يەنە بوۋاقلارنىڭ پەرۋىشى ھەققىدىكى بۇ ماتېرىياللارنىمۇ ئوقۇپ قويۇڭ، پايدىسى بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس. رەھمىتى ئۈچۈن بالامنىڭ تېچ-ئامانلىقى ۋە بەخت-سائادىتىنى تىلەپ دۇئا قىلىپ قويارسىز. ئىسمى ئاتىللا، رەھمەت.

http://bbs.misranim.com/thread-6201-1-1.html

http://www.torqi.net/bbs/archiver/?tid-2805.html

http://zamanimiz.com/showart.asp?art_id=626

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 18:03:45

پەرزەنتىڭىزنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە مۇبارەك بولسۇن! سالامەت چوڭ بولغىلى نېسىپ قىلسۇن!

گەرچە ئانا بولۇپ باقمىغان بولساممۇ بىر دوستۇمنىڭ بالىسىنى بېقىشىپ بەرگەندىكى تەجىرىبەمنى دەپ باقاي:

1. يېڭى توغۇلغان بوۋاقلارغا سېرىق چۈشۈپ قېلىش دەيدىغان بىر گەپ باركەن، تۇغۇلغىلى بىر ھەپتە بولغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىكەن. كىندىكى ئاجراپ بولغان بولسا، ھەر كۈنى ياكى ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئىسسق سودا بالىڭىزنى يۇيۇپ بەرسىڭىز، بالىڭىز كۆپ سىيىپ سېرىقلىقتىن ساقىيىدىكەن. يەنە ئازىراق شىكەر سېلىپ قايناقسۇ ئىچكۈزسىمۇ بالىنىڭ سۈيدۈكى راۋان كەلسىلا سېرىق كېسەلدىن ئوڭشىلىپ كېتىدىكەن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كۆپ سىيىشى سالامەتلىكىگە بەك پايدىلىقكەن.

2. يەل تۈرۈپ قالغان بولسىمۇ بالىنىڭ قۇرسىقى ئېسىلىپ قېلىپ يىغلايدىكەن. مەخسۇس بۇۋاقلار ئۈچۈن ئىچكۈزۈلىدىغان بىر چاي بار ئىدى، بۇ چايغا روم بەدىيان، تۈركچە rezene tohumu ئارىلاشتۇرۇلغانكەن. مۇشۇ چاينى ئىچسە بالا ئۇسۇرۇپ بەرسە، يەل يۈرۈشۈپ ئوڭشىلىدىكەن.

بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا، خالىغان نەرسىنى يەپ، دورا ئىچكۈزۈپ يۈرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر بوۋاقلارغا مەخسۇس تەييارلانغان رۇم بەدىيانلىق چاينى تاپالمىسىڭىز، ئايالىڭىز سىڭىشلىق غىزالارنى يېيىش بىلەن بىلەن بىرگە رۇم بەدىيان سېلىپ چاي دەملەپ ئىچسە، بۇ سۈت ئارقىلىق بالىڭىزغا بارسىمۇ بالا ئوڭشىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

3. ئايالىڭىزغا ياڭيۇ، لازا سېلىنغان يەللىك تائاملارنى بەرمەڭ. بولمىسا، بۇ يەل سۈت ئارقىلىق بېرىپ بالىغا تۈرۈپ قالىدۇ. زەيتۇن يېغى تائاملىرىمۇ ياخشى ئىدى.

ئاخىرىدا بالىڭىزغا ئاللاھتىن شىپالىق، سالامەتلىك، ئائىلەڭلارغا خۇشاللىق تىلەيمەن.

function يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 18:24:01

مېنىڭ بالام كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ قويدى. كېچىسى ئوت تۇتۇپ قالسا يىغلايدۇ، تۈتۈ قۇرت چاقسا يىغلايدۇ، ئۇسساپ قورسىقى ئاچسا يىغلايدۇ.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 19:31:02

aktilak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 20:17:25

بالىڭىز  بالدۇر تۇغۇلۇپ قالمىغاندۇ؟ ئانامدىن سورىسام  ‹‹بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالىلاردا كۆپ كۆرۇلدۇ›› دەيدۇ@. سۈت پاراشوكى بەرگەندە ئىمىزگىنى قايناقسۇدا دېزىنفكسىيەلەپ ئاندىن بالىغا بېرىڭ.بالىغا ھەركۈنى بىر قۇشۇق مۇزلىتىلغان قايناق سۇ بېرىشنى ئۇنۇتماڭ! بەيدۇدىن 宝宝舌头上长了小白点 ئىزدەپ بېقىڭ.  ياردىمى تىگىپ قالا.


uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 20:36:49

ئاغزىغا (ئىچىگە)ئاق رەڭلىك نەرسىلەر  چىقپ قالغان بولسا بالىڭىزنىڭ يىغلىشى تەبىئى ...يود سۇۋاپ بېرىڭ ...ئېغىز تازلىقىنى ياخشى قىلىڭ...

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 21:16:01

خالىس تەبرىك ،تەكلىپ پىكىر ياردەملەرنى قىلغان بارلىق قېرىنداشلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

بۇ ئىنكاسلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.

گۈلھېكىمگە كۆپ رەھمەت ، ئاللاھ سىزگە ،باللىرىڭىزغا ،ئائىلىڭىزگە بەرىكەت ،ساقلىق ۋە ئامانلىق بەرسۇن!

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 23:20:23

مۇبارەك بولسۇن!

بالىڭىز يىغلىغاندا قىزىرىپ چىڭقىلىپ يىغلىسا بۇنى چۈچۈك بوپتۇ دەپ قويىمىز ، تەرەنجىۋىل ،يانتاق شېكىرى دىگەندەكلەرنىڭ سۈيىنى ئىچكۈزسىمۇ ياكى سوپۇن يالاڭدىسىدا چۈچۈكدىسىمۇ بولىدۇ .ياكى بولمىسا دورىخانىدا بىر خىل پاراشۇك دورىسى بار ،شۇنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ ،بىراق ئۇ دورىنىڭ ئىسمى تازا ئېسىمدە يوق ،ئايالىڭىز ئاچچىق -چۈچۈككە يەللىك تاماقلارغا يىقىن كەلمىسۇن!

ئاغزىدىكى ئاپپاقلاردىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ،چۈنكى يىڭى ھاياتلىق بىلەن ئانا بولغۇچى ئاساسەن مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتىدۇ،بالا سۈت ئەمگۈچە يۇمران تىلى ھەم كالپۇكلىرى سۈت ئىمىشكە كۈنىۋالغىچە مۇشۇنداق پىشىلىدۇ ،ئانىدىمۇ كۆكسى يېرىلىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ،بەك ئالدىراپ دورا ئىشلىتىپ يۈرمەي ،ئىسسىق سۇدا كۈنىگە نەچچە ۋاق تازلاپ لۇڭگىنى ئىسسىق نەمدەپ ئۇۋىلاپ بەرسە، كۈنىۋالسا ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ.

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 02:36:38

كىچىك بالا دىگەن يىغلايدۇ شۇ.

ئاساسى جەھەتتىن ئاستى ھۆل بولسا، قورسىقى ئاچسا، يەل قورسىقىنى ئاغرىتسا يىغلايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يىغلىغان بالىنىڭ زادى نېمىشقا يىغلايدىغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ تېخى. ئەگەر كۈچەپ چىڭقىلىپ يىغلىسا يەل قورسىقىنى ئاغرىتقان بۇلىشى مۈمكىن. ئاپىسى يەللىك نەرسە يىگەن بولسا سۈتىدىن ئۇدۇل بالىغا ئۆتۈپ قورسىقىنى ئاغرىتىدۇ. شۇڭا ئاپىسى يەللىك نەرسىنى ئاز يېسۇن. ئەمدۈرۈپ بولۇپ دۈمبىسىگە نەچچىنى ئۇرۇپ كارررت قىلغۇزىۋېتىپ ئاندىن ياتقۇزسۇن. يەنە يىغلىسا ئامال يوق بالىنىڭ ئىتتىكراق چوڭ بۇلىشىنى تىلەپ كېچىچە جېلى بولۇپ چىقىسىلەر شۇ. ئادەتتە قىرقى چىققاندا ئاساسى جەھەتتىن نورماللىشىدۇ. نورماللاشمىسا خېلى يىغلاپ باقىدۇ ئىشقىلىپ.



ئاغزدىكى ئاق نەرسە نورمال نەرسە ئۇ. پاكىز داكىنى بارماققا يۆگەپ ھىلمان سۇغا چىلاپ ئاستا-ئاستا كۈندە 2-3 ۋاخ ئېيتىپ بەرسەڭلەر بۇلىدۇ. ئالدىرىماي يوقىلىدۇ.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 03:54:17

مۇبارەك بولسۇن.

تۇنجى بالىڭىزمىدى؟ تۇنجى بالىنى باققاندا مانا مۇشۇنداق ھەممىلا ئىش بىنورمال تۇيۇلۇپ، باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىغىسىلا كېلىدۇ ئادەمنىڭ، شۇڭىمۇ تۇنجى بالا بەك تەستە، بەك ئۇزۇندا چوڭ بولغاندەك ھېس قىلىپ كېتىمىز. ئىككىنچىسى ئاسانراق چوڭ بولىدۇ، تەجرىبىلىك بولۇپ قالىمىز ئەمەسمۇ.

بالىڭىزنىڭ ئاغزىدىكى ئاق نەرسە پەقەت بىر ياكى ئىككىلا دانىمۇ ياكى تىلى بىر قەۋەت ئاقمۇ؟ ئالدىنقىسى بولسا 口腔溃疡، ئېغىز بوشلۇقى مىكروپلىنىشتىن كېلىپ چىققان بولىدۇ. ئەمگەندە ئاغزى ئاغرىپ بەك يىغلايدۇ. دوختۇرغا كۆرسىتىشىڭىز كېرەك.  ئەگەر كېيىنكى ئەھۋال بولسا ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ تىلى ئاقىرىشى نورمال ئەھۋال.

بالىنى پاكىز، بىخەتەر مۇھىتتا بېقىۋاتقان بولسىڭىز، ئانا قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىپ، ئوبدان كۈتۈنۈۋاتقان بولسا، بالىنى ئوبدان ئېمىتەلىسە (ياكى باقالىسا) باشقا ئىشلاردىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كونىلاردىمۇ بىر گەپ بارغۇ: «بالا دېگەن يىغلاپ چوڭ بولىدۇ، قاپاق دېگەن ساڭگىلاپ».

ئاتا- ئانا بولغۇچى چوقۇم يېڭى تۇغۇلغان بالا ھەققىدە چۈشەنچە- بىلىمگە ئىگە بولۇشى،  ۋاقت چىقىرىپ ماتېرىيال كۆرۈپ، بالىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئېھتىياجىنى بىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

بەزى ئاتا- ئانىلار بوۋاقلارنىڭ چوڭ ئادەملەردەك تۇرمۇش قانۇنىيىتى بولۇشىنى، يەنى كېچىدە ئويغانماي ئۇخلىشىنى، نەچچە كۈنلۈك بولغاندىن باشلاپلا ئۈچ ۋاق تاماق يېيىشىنى ئۈمىد قىلىشىدىكەن ۋە بالىنى شۇنىڭغا كۆندۈرۈشكە تىرىشىدىكەن.

ئاراڭلاردا ھازىرقى زامان دوختۇر، ئوزۇقلۇقشۇناس، مۇتەخەسىسلىرى  تەتقىق قىلىپ، تەشۋىق قىلىۋاتقان «بالىنى ھېچ بولمىسا 4 ئايلىق بولغۇچە ئانا سۈتىدىن باشقىنى بەرمەي بېقىش» دېگەنگە قوشۇلىدىغانلار ھەم شۇنداق قىلغانلاردىن قانچىڭلار بار، بىلمەيمەن. ھازىر بالىلار ئاساسەن دوختۇرخانىلاردا تۇغۇلىدۇ، دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ تاملىرىغا مۇشۇ ھەقتىكى بىلىم- تەشۋىقاتلار چاپلانغان. چوڭراق دوختۇرخانىلارتۇغۇتتىن بۇرۇنلا ئاتا- ئانىلارغا كىتاپلارنى تارقىتىدۇ،  بوۋاقلارنى قانداق بېقىش- تەربىيىلەش ھەققىدە تەربىيە- لېكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بولغۇسى ئاتا- ئانىلارنى چاقىرىدۇ. لېكىن بەزى ئاتا- ئانىلار بۇ خىل تەربىيىلىنىش، ماتېرىيال كۆرۈشلەردىن شۇنداق قاچىدىكەن، «بالىنى چوڭلار بېقىشىپ بېرىدۇ» دەپ.

«بالىغا تۇغۇلۇپ نەچچە كۈنگىچە تاماق بەرمىسە گېلىغا تۈك ئۈنۈپ قالىدۇ» دەيدىغانلار باركەن، مۇشۇ قاراشنىڭ تۈرتكىسىدە ھەزىم قىلىش ئەزالىرى قويۇق تاماقنى يۈتۈش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بىچارە بوۋاقلارنىڭ ئاغزىغا ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ھازىرلىمىغان بۇلماقلارنى، ۋە ياكى تۈكۈرۈكلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئادەم ئويلىسىمۇ كۆڭلى ئېلىشكۈدەك دەرىجىدە چاينىۋەتكەن تاماقلارنى زورلاپ تىقىشىدىكەن.

قايناپ قالدىم- يا... ئىشقىلىپ دوختۇرخانىلاردا ئوكۇل يىڭنىسىنى تىققۇدەك تومۇر تېپىلماي، پېشانىلىرىگە يىڭنىلەرنى سانجىشىپ، يىغلاپ تېلىقىپ ياتقان، ئانىلىرى بىپەرۋالىقتىن خوش ياققۇدەك ئېمىتمەي، دوختۇرخانىنىڭ ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقلىرىغا تاشلاپ بەرگەن ئۇيغۇر بوۋاقلارنى ئويلىسام يۈرىگىم ئاغرىيدۇ. بالىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىسىڭىز ئاتا- ئانىلارنىڭ نومۇسنى بىلىدىغانراقلىرى دېمەيدۇ، بىلمىگەنلىرىنىڭ كارى يوق، كانىيىنى كېرىپ تۇرۇپ دەپ بېرىدۇ: «ئوزۇقلۇق يېتىشمەپتۇ، دەيدۇ  دوختۇر...»

ياراتقۇچى ئىگىمىز ئانىلارنى بالىلىرىنى توققۇز ئاي قورسىقىدا، تۇغۇلغاندىن كېيىن سۈتى بىلەن قۇچىقىدا پەرۋىش قىلىپ باقالىغۇدەك ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىپ يارىتىپتىكەن، 99 پىرسەنت ئايال كىشىنىڭ 4-6 ئايغىچە بالىسىنى قىيىنچىلىقسىز، قوشۇمچە تاماقلارنىڭ ياردىمىسىز تويغۇدەك ئېمىتەلىگۈدەك بەدەن ساپاسىنى ھازىرلىغان ئىكەنلىكىمۇ مېدىتسىنادا ئىسپاتلانغان، لېكىن ياش ئانىلار ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن، بالىنىڭ تېگىشلىك ھەققىنى بېرىشتىن باش تارتىۋاتىدۇ. ئۆز بالىلىرىمىزنىمۇ چىن مۇھەببىتىمىز بىلەن بېرىلىپ باقمىساق، بۇ دۇنيادا باشقا يەنە نېمىگە كۆڭۈل بېرىشىمىز، نېمىنى سۆيۈشىمىز مۈمكىن؟

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 07:36:16

ئاغزى پىشلاق بۇلۇپ قاپتۇدە..
بەت: [1] 2
: بالامدىكى كۈچەپ يىغلاش نېمىدىندۇ؟