پۇتبول كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئارقا مۇزىكىلىرى
1. if i could fly
Joe Satrianiدىگەن كىم بولۇپ كەتتى ئەمدى؟پۇتبول كۆرىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمىسىمۇ ئۇنىڭ مۇزىكىسىنى تالاي قېتىم ئاڭلىغان. بەلكىم پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان مۇزىكىسى دەل مۇشۇ ئامرىكىلىق مۇزىكانتجو ساترىئانىنىڭ if i could fly «ئەگەر مەن ئۇچالىسام» ناملىق مۇزىكىسى بولىشى مومكىن. چۈنكى توردىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسابىقە تاللانما كۆرۈنۈشلىرىگە مۇشۇ مۇزىكىنى ئارقا مۇزىكا قىلىنغان.
2. Crushing Day
جو ساترىئانىنىڭ يەنە بىر مۇزىكىسى ئىسىمگە كەلدى تولا ئاڭلاپ كەتكەن. مۇزىكىنىڭ ئىسمىCrushing Day
3. Into the Battlefield
ئۈستىدىكى مۇزىكا ياپۇننىڭ مەن ئامراقبىرفىلىمى Crows Zeroنىڭ ئىچىگە كىرىشتۇرگەن مۇزىكىتى. ئىسمى Into the Battlefield .يېقىندىن بۇيان سىنادىكىلەرجىق كىرىشتۈرىدىغان بولىۋالدى بۇ مۇزىكىنىمۇ.
4. atraction
پۇتبول ئارقا مۇزىكىلىرى دىسە ئۈستىدىكى ماۋۇ مۇزىكا كەم قالسا بەك سەت تۇرۇپ قالىدىكەن. بۇ مۇزىكىغا سىنادىن بەكرەك 天下足球 دىكىلەر بەكرەك ئامراق. 10 ئىسل توپ دىگەنلەرگە كىرىشتۈرىۋاتقىنى ئىسىمنى بىلسەم 10 نەچچە يىل بولۇپ قالدى.
小泽正澄 ئوزاۋا ماسازۇمى دىگەن ياپۇنلۇق مۇزىكانتنىڭ atraction ناملىق مۇزىكىسى.
5. bloody tears
ياپۇننىڭ Castlevania دىگەن داڭلىق ئويۇنىغا كىرىشتۇرگەنbloody tearsدىگەن مۇزىكىمۇ خېلى كۆپ كۆرۈنۈشلەردەئاڭلىنىپ قالىدۇ.
6. she is my sin
يەنە بىر مۇزىكا ئىسمگە كەلدى، ئانچە مۇنچە پۇتبول كۆرۈنۈشلىرىگە قىستۇرۇپ قويىدۇNight Wish نىڭ بۇ ناخشىسىنى،ئىسمى she is my sin.
7. Final Victory
但丁之舟 نىڭ Final Victory دىگەن ناخشىسىنىمۇ خېلى كۆپ ئۇچرىتىپتىكەنمەن.
8. Eagleheart
Eagleheart ناملىق بۇ ناخشىنىمۇ ئاۋال شۇ توپ خەۋەرلىرىنى كۆرگىچە ئاڭلاپتىكەنمەن.
9. With A Spirit
ئامرىكىنىڭ 009 Sound System دىگەن مۇزىكا ئەترىتىنىڭ With A Spirit ناملىق مۇزىكىسىنىمۇ جىق ئىشلىتىدۇ.
10. Dreamscape
ئامرىكىنىڭ 009 Sound System دىگەن مۇزىكا ئەترىتىنىڭ مۇزىكىسى ،مۇزىكا ئىسمى -Dreamscape
Kyau & Albertنىڭ Hide & Seek ناملىق مۇزىكىسى
fatboy slim نىڭ right here right now ناملىق مۇزىكىسى
cuoraazzurro ناملىق بۇ مۇزىكىنى ۋارتارلارنىڭ 10 ياخشى توساش كۆرۈنۈشىگە كىرىشتۈرىۋالغىنى نەچچە يىل بولدىكىن تاڭ.
Castlevania دىگەن ياپۇننىڭ ئويۇننىڭcrossafearدىگەن مۇزىكىسىمۇ خېلى ئۇچرايدۇ، توپ خەۋىرى كۆرگۈچە.
if i cold fly, beautiful tonight, you raise me upدېگەن مۇزىكىلارنى تېلېفۇنۇمدا shazam ئارقىلىق تېپىپ كومپيۇتېرىمغا چۈشۈرىۋالدىم.
پۇتبول توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تولا كۆرۈپ مۇزىكىلىرىمۇ بىر خىل يېقىشلىق ئاڭلىدىغان بولۇپ قاپتۇ
پۇتبول خەۋىرى كۆرگىچە قۇلىقىمغا يېقىپ قالغان بىر مۇزىكىنىڭ ئىسمىنى ئىزدىگەن باھانە بىلەن ماۋۇ تىما پۈتۈپ قالدى دىسەممۇ بولىدۇ.بۇرۇن تالاي قېتىم قۇلىقىمغا كىرىپ تۇرسىمۇ كىمنىڭ قايسى مۇزىكىسى دىگەنلەرنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. گۈللۈكتە ئازراق مۇلاھىزە يازغانتىم مۇشۇ يەرگىمۇ چاپلاپ قوياي.
ئويلاپ باقسام ئۈچ خىل ئادەمنىڭ مىتال مۇزىكىلىرىغا ئامراق بولۇش ئىھتىماللىقى ئادەتتىكى ئادەملەردىن چوڭراق بولىدىكەن.
بىرىنجىسى، كومپيوتىر ئويۇن ھەۋەسكارلىرى. ئىككىنجىسى، ياپۇنيە كارتۇن فىلىم ھەۋەسكارلىرى، ئۈچنجىسى، پۇتبول مەستانىلرى.
نۇرغۇن ئويۇنلارنىڭ ۋە ياپۇنيە كارتۇن فىلىملىرىنىڭ ئارقا مۇزىكىسىغا مىتال مۇزىكىلىرىنى ئشىلىتىدۇ.ھەۋەس بىلەنئويۇن ئويناۋاتقاندا،قىزىقىپ پۇتبول كۆرۈنۈشلىرىنى ياكى كارتۇن فىلىملەرنى كۆرۈۋاتقاندا ئارقا مۇزىكا قىلىپ قويغان ئېغىر مىتال مۇزىكىلىرىبىلىپ-بىلمەي قۇلاققا سىڭىپ قالىدۇ دە ، مىتال مۇزىكىلىرىغا ئامراق بولغىنىنى سەزمەيلا قالىدۇ.
مەن ئويۇننى ئانچە ئوينىمايدىكەنمەن. ئەمما كىيىنكى ئىككى قىزىقىشىم تۈپەيلىدىن ئۆزۈممۇ بىلمەيلامىتال مۇزىكىلىرى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلارنىڭبىرىكەنمەن.
ۋاسكىتبول كۆرۈنۈشلىرىگە كۆپرەك خىپ-خوپ ناخشا-مۇزىكىلىرى كىرىشتۈرىلىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن ۋاسكىتبول مەستانىلىرىنىڭ ئارىسىدا خىپ-خوپ مەستانىلىرى چىقىش ئىھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىشى مومكىن.
يەنە بىر قىزىقارلىق سوئال كاللامغا كەپ قالدى. توپ تۈرىنىڭ ئوموملىشىشى، قاتنىشىدىغان ئادەم سانى بويىچە ھىسابلىغاندا ۋاسكىتبول جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ توپ تۈرى ھىسابلىنىدۇ.خەنلەرنىڭ ئىچىدە ۋاسكىتبول ئوينايدىغانلارپۇتبول ئوينايدىغانلاردىن خېلى-خېلىلا كۆپ. ئەمما كۆرىدىغان مەستانىلەر سانى بويىچە ھىسابلىغاندا پۇتبول ۋاسكىتبولدىن زور دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ نىمە سەۋەبتىن ئەمدى؟ بۇنىڭ شۇ توپ تۈرىنى تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن مەلۇم باغلىنىشى بارمۇ يوق؟
نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىلىدىغان مۇسابىقە سانى چەكلىك،جۇڭگۇداپۇتبول مەستانىلىرى مۇتلەق كۆپ قىسىم پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ پەقەت تاللانغان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرىدۇ. ئەلۋەتتە ۋاسكىتبولدىمۇ ئوخشاش. ئەمما ۋاسكىتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ تاللانغان كۆرۈنۈشلەرنى تارقىتىش سانى ۋە سۈپىتى پۇتبولنىڭكىگە ھەرگىز يەتمەيدۇ.ھىچ بولمىدى دىگەندىمۇ مۇسابىقە كۆرۈنۈشلىرىگە قىستۇرغان ناخشا-مۇزىكىنىڭ كۆپلىكى ۋە خىلمۇ-خىللىقى جەھەتتە ۋاسكىتبول پۇتبولغا يەتمەيدۇ. تاللانغان مۇسابىقە كۆرۈنۈشلىرىگە نوچى كىرىشتۈرۈلگەن ئارقا مۇزىكا شۇ مۇسابىقە كۆرۈنۈشىنىڭ جەلپ قىلىش زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتىرىۋىتىدۇ. ھىس قىلىشىمچە جۇڭگۇدىكى خېلى زور سالماقتىكى پۇتبول مەستانىلىرى مۇسابىقە كۆرۈپ ئەمەس بەلكى بىرەر كۇلۇب ياكى چولپاننىڭ ئىسىل مۇزىكا كىرىشتۈرۈلگەن مۇسابىقە كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن ئاندىن شۇ كۇلۇب ياكى چولپاننى قوغلىشىپ مۇسابىقە كۆرۈپ رەسمىي توپ مەستانىسى بولغان بولىشى مومكىن.شۇنداقلابۇنى ئۈستىدە قويغان مەسىلىنىڭ بىر سەۋەبى دەپ ئويلايمەن.
ئۈستىدىكى مۇلاھىزىنى خۇلاسىلىسەك پۇتبول بىلەن مۇزىكىنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە پۇتبولنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ئاشقان،ئوخشاش ۋاقىتتامۇزىكىنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئەسلىدىكىدىن زور دەرىجىدە كىڭەيگەن.