hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 09:54:24

ئۈچلەمچى كېسەللىك

ئۈچلەمچى كېسەللىك


باش ئاغرىقى دېگەندە، باشنىڭ ئاغرىشى، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ئورتاق ئالامەت بولۇپ، ئۇ كېسەللىكنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى بەدەننىڭ مەلۇم جايى كېسەللەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بىرلا مەنبەلىك كېسەللىك- يالغۇز مەنبەلىك كېسەللىك دېيىلىدۇ، بىر قانچە خىل سەۋەبنىڭ تەسىرىدىن بولغان كېسەللىك- شىركى كېسەللىك دېيىلىدۇ. باشقا بىر ئەزانىڭ سەۋەبىدىن مەلۇم ئەزا كېسەللەنسە ۋە ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە بۇ مەرەزى مۇتەئەددى يەنى ئىككىلەمچى كېسەللىك دېيىلىدۇ. بەلكى ئۈچۈنچى خىل ئەزانىڭ سەۋەبىدىن بولىدىغان كېسەللىكلەرمۇ داۋالاش ئەمەلىيىتىدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن مەلۇم بىمار يۈرەك كېسەللىكى بىلەن داۋالىنىۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشقان، نۇرغۇن جايلارغا، داڭلىق دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنۈپ داۋالانغان بولسىمۇ، داۋالاشنىڭ ئانچە زور رولى بولمىغان، مەلۇم بىر تىۋىپكە كۆرۈنگەندە، بىماردا يۈرەك كېسەللىكى بولماي، بەلكى كۆكرەك بېزى ياللۇغى بولۇپ چىققان، تىۋىپنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئىششىغان كۆكرەك بېزى يۈرەك بىلەن مېڭىگە قان ئۆتۈشىدىغان چوڭ تومۇرىنى مەلۇم دەرىجىدە توسۇۋالغاچقا، بىماردا روشەن يۈرەك كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى بايقالغان، شۇنىڭ بىلەن كۆكرەك بېزىنىڭ ئىششىقىنى ياندۇرىدىغان يەرلىك دورا ئىچكەندىن كېيىن، بىمار سەللىمىزا ساقايغان. ئەمما يۈرەككە قارىتا داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان، دوختۇرلار بۇنى نېرۋا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكى دەپ دىئاگنۇز قويغان. بۇنى بىز ئىككىلەمچى كېسەللىك ياكى ساختا كېسەللىك دەپ قارىساق توغرا بولىدۇ.


يەنە بىر مىسال : پىنسىيىگە چىققان مەلۇم بىر دوختۇر ئالتە ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت يۈرەك كېسەللىكى بىلەن داۋالانغان، داۋالانغانسېرى كېسەللىك ئالامىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بىمار ئورنىدىن تۇرالماس بولۇپ قالغان، نەتىجىدە ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ چوڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالاتقان بولسىمۇ كېسەللىك ئالامىتى تېخىمۇ يامانلاشقان، بەدەن ئىششىپ، سۈيدۈك توختىغان، مەزكۇر بىمار نەپەس ئېلىش قېيىنلىشىپ، ئادەم تونىيالمىغۇدەك بولغاندا دوختۇرلار ئۇنى ئۆلۈپ كېتىدۇ-دەپ، ھۆكۈم چىقارغان ھەمدە بىر خالتا ئوكسىگىن بىلەن يۇرتىغا قايتۇرىۋەتكەن. بىز تونۇشتۇرىۋاتقان بۇ بىمار مەلۇم بىر دوستۇمنىڭ ئانىسى بولۇپ، دوستۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆلۈم ئۇزۇتۇش تەييارلىقىنى قىلىش بىلەن تىنچسىز ئۆتىۋاتاتتى. يۇرتىمىزدىكى مەلۇم بىر قولى شىپالىق پىشقەدەم تىۋىپقا  كۆرسۈتۈپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم، كېسەلگە داۋا، ئۆلۈمگە چارە دېگەندەك تېۋىپنى ئەكىلىپ بىمارنى كۆرسەتتۇق، ئۇ بىر دەم تەكشۈرگەندىن، بىمارنى يۈرەك كېسەللىكى دېگەن قاراش بىلەن داۋالاتتىڭلارمۇ؟ دەپ سورىدى، بىز، ھەئە! دەپ جاۋاب بەردۇق. تىۋىپ بىر دەم قاپىقىنى سېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ يۈرىكىدە ھېچقانداق كېسەللىك يوق، يۈرەك كېسىلى دەپ ئاتىغان بىلەن، قىلغان دورىلار قىلچىلىك مەنپەئەت قىلماپتۇ ئەمەسمۇ؟ ئۆت خالتىسى ئىچىدە بىرەر تىمىمىۇ ئۆت سۇيۇقلۇقى قالماپتۇ. ئۆت سۇيۇقلۇقى بولمىسا، تاماق ھەزىم بولمايدۇ، تاماق ھەزىم بولمىغان ئىكەن، ئاشقازان ئېسىلىدۇ، ئادەم ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش، ئاچلىق سېزىمىنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا (ئاز بولسىمۇ) تاماق يەيدۇ. ھەزىم بولمىغان تاماق قورساقتا ئېسىلىپ ئاشقازاننى يوغىنىتىدۇ، ئاشقازان بولسا يۈرەكنى قىستايدۇ. قىسىلچىقتا قالغان يۈرەكتە، دەرۋەقە يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەستە! دېدى. ھەمدە نەخ مەيداندا قارا قوينىڭ بىر تال ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئەكەلدۈرۈپ، تىللىرى ئىششىپ ئادەم تونۇمىغۇدەك بولۇپ قالغان بىمارنىڭ ئاغزىغا سېلىپ خالتىسى بىلەنلا يۇتقۇزىۋەتتى. مەن تىۋىپنىڭ كارامىتىگە قايىل بولساممۇ، جان تالىشىۋاتقان بىمارنىڭ ئېغىر ھالىتىگە قاراپ، ئانچە چوڭ ئۇمىد كۈتكىلى بولمايتتى. ئالىمىھادىس بىرە ئىككى كۈنى ئىچىدە ئۆلۈم تارتىپ قالسا، بىمارنىڭ ئائىسىلىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا خىجالەتكە قالارمەنمۇ، دېگەندەك، مەيۇسلىك ئىچىدە ئۇزىدۇق. تىۋىپ بولسا، مىنىڭ بۇ ئەندىشەمنى ئاڭلاپ، مەغۇرۇرانە قىياپەتتە، ئۆزىنىڭ ئىشەنچىسى بارلىقىنى سۆزلەپ مېنى قايىل قىلىشقا تىرىشتى. ئەمەلىيەت ئالدىدا قايىل بولماي تۇرالمايمىزغۇ؟ ئادەتتە ئۆز ئىشلىرىم بىلەن مەشغۇل بولساممۇ، كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە شۇ بىمارنىڭ ھالىتى ئەگىپ يۈرەتتى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە دوستۇم خۇشال ھالدا مېنى ئىزدەپ كېلىپ، ئانىسىنىڭ ھالى خېلى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، يەرگە چۈشۈپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالىغۇدەك بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ماڭا رەھمىتىنى بىلدۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. مەن بۇ ئەمەلىيەتتىن ھەيران قالدىم. تېببى ئىلىم-پەن تەرەققى قىلىپ، زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ ياردىمىدە ھەر-ھەر ئېغىر كېسەللەر ساقىيىۋاتقان، ئادەم ئاغرىپ قالسىمۇ، دوختۇر بىلەن پۇل بولغاندىكىن، ھامىنى داۋالىنىۋالىمەن دەپ ئىشەنچ بىلەن مەيدىسىگە مۇشتلاپ يۈرگەن بۇ كۈنلەرىمۇ. غوجامنىڭ غوجىسى بار دېگەندەك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى، نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇل، ئالتە ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت، ئادەم كۈچى، يۈرەك قېنى سەرپ قىلىپ ساقايماي جاننى قىستاۋاتقان "يامان كېسەلنىڭ"  بىر قاچا لەغمەننىڭ پۇلىغىمۇ يارىمايدىغان ئانچىكى چارە بىلەن ساقايغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ رولىغا، خەلق ئىچىدىكى رىتسىپلارنىڭ رولىغا بولغان قارىشىمدا زور بۇرۇلۇشلار يۈز بەردى. ئەسلىدىمۇ "تېبابەتخۇمارى" مەندەك كىتاب خالىتىسىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىگە بولغان ئىشتىياقىم ھەسسىلەپ ئاشتى.


مەنبەسى: پەقىر.


بۇ توقۇلما بولماستىن پەقىر شاھىد بولغان ئىشلارنىڭ ئەينەن خاتىرىسىدۇر.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 10:34:25

يارايسىز!مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي، كىشىگە پاكىت بولغۇدەك مىساللارنى يەنىمۇ جىق بارلىققا كەلتۈرسەك نەچچە ئەسىر يېشىغا ئىگە تېبابىتىمىزنىڭ يۈزلىرى تېخىمۇ يورۇق بولاتتى...ماۋۇ ئاتالمىش خەلقئارانىڭ ئۆلچەملىرىنى سېلىپ ئۇيغۇر تېبابىتىنى كەمسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقان خۇراپاتلارغىمۇ ئوبدان سەگىتىش بوپ قالاتتى.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 10:54:12

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 11:22:34

2- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆزلە تىۋىپما ؟  



سورايدىغان ئىش بار ئىدى.





  مۇشۇ يىقىندىن بىرى ئىككى تارغىقىم بەك تاتلىق قىچىشىدىغان بولۇپ قالدى ، ئۆت نىڭ مەسىلىسىمۇ بۇ ؟

ئاغزىمغا بىر گەپ كىلىۋىدى .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 11:23:30

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 11:27:14

مازشۇم ...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 11:36:06

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 11:51:52

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ruslan007 ئەپەندىم!

سىز چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟

چاقچاق قىلىپ سورىغان بولسىڭىز بىزدە ئەڭ ئۈنۈملىك دورا بار، ئۇ بولسىمۇ دۈمبەڭ قىچىشسا تۈگمەن قېشىغا بار دېگەن ماقال تەمسىلنى سىزگە ھەديە قىلاي.

ئەگەر راستىنلا تارغىقىڭىز قىچىشقان بولسا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئادەم تېپىپ قاشلاتقۇزۇڭ. ئەمما لازا يۆگەلگەن قەغەزنى ھاجەتخانىدا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا ئاۋارىچىلىققا قالىسىز. بەزىدە ئادەمنىڭ كېيىمى پىتلاپ قالغاندىمۇ ئۇيەر- بۇيەرلىرى قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىز ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا بىزنى خېلى كۆپ پىتلار چىقىۋالاتتى، شۇڭا بەزىدە ئاچچىقىم تۇتۇپ قالغاندا «چاشقان بىلەن نان تالىشىپ، پىت بىلەن جان تالىشىپ ئوقۇغاندا سەن نەدە ئىدىڭ\" دېگەندەك گەپلەرنى دەپ قالاتتۇق.

Kekinus يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 11:55:35

مۇشۇ بانادا بىر سورىۋالايچۇ، ئۆتتە گۆش ئۈسۈپ قالغانلارغا ئۇيغۇر تىبابىتىدە بىرەر ئامال بارمۇ؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 12:01:05

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 14:37:09

ئىنكاسلار قىززىق  \"\"

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 14:40:34

يەللىك يېمەك-ئىچمەكنى ئاز يەڭ. مەسىلەن، كۈدە، مۇچ، ئاچچىقسۇ، ئات گۆشى، قوتاز گۆشى، كاۋا مانتىسى، سۈت، قېتىق قايماق...قاتارلىقلارنى ئامال بار ئاز يەڭ ياكى يېمەڭ.ئۆت ياكى جىگەردە مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 17:07:47

ئامرىكىنىڭ بىر تېلۋىزىيە تىياتىرى بار 豪斯医生 House  مۇشۇ كەسىپ توغىرلىق ئىشلەنگەن.

شۇنىڭدىمۇ بەزى بىر ئالامەتلىرى شۇ كېسەلدە بۇلۇشقا تېگىشلىك ئالامەتلەرگە شۇنچە ماس كېىپ قالسا شۇ كېسەل دەپ قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىپ ،ئاخرى بېرىپ ئەكىسچە تېخىمۇ ئېغىرلاپ،يەنە قايتا تەكشۈرۈپ كېسەلنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ دېگەندەك.

گەپنىڭ قىسقىسى كېسەلنىڭ يىلتىزنى تېپىپ چىقىش. \"\"

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 21:26:39

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، ھەزرەت ئەپەندىم.

مەنمۇ شۇ باھانىدا سورىۋالسام. كىچىك سىڭلىم يىقىندىن بېرى مەيدەم ئاغرىۋاتىدۇ دەيدىغان بولۇۋالدى... بولۇپمۇ  ئەتتىگىنى تۇرغاندا  ئىككى كۆكسىنىڭ ئوتتۇرىسى قاتتىق ئاغرىيدىكەن.. ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرۇشكە يېقىن شۇنداق ئاغرىپ ، دوختۇرغا بېرىپ تەكشۇرتسەك، يۈرەك كىلاپانىنىڭ ئېچىلىش- يىپىلىشى نورمال  ئەمەس. ئۇپرىغان. بۇ ئەنسىرگۈدەك ئىش ئەمەس دەپتىكەن. بەك ھەددىدىن زىيادە ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانمىسۇن دەپتىكەن...



بۇ دۆلەتنىڭ ھاۋاسى خىللىدىمىكىن دەي دېسەم. ئۆزى سەمرىپ ئوبدانلا بولۇپ قالدى.. بەزى كۈنلىرى بەك جانسىز تۇرىدۇ ئورنىدىن. ئۆگۈنۈش قىلىشتىن باشقا ئىشىمۇ يوق بولمىسا. شۇڭا ئەنسىرەپ قالدىم..

نېمە سەۋەبتىن شۇنداق بولىدۇ.

Kekinus يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 08:41:08

مەن سورىغان سۇئالغا جاۋاپ بېرىدىغان بىرمۇ ھەكىم چىقماپتۇ، قارىغاندا ئۆتۈمدىن ۋاز كېچىشتىن باشقا تاللاش يولى يوق ئوخشايدۇ. \"\"

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 22:44:45

مېنىڭمۇ   ئوڭ  تەرەپ تارغاق  سۆڭىكىمنىڭ ئاستى بەك  تېلىپ ئاغرىيدۇ بۇلۇپمۇ كەچلىكى  يىللار  بوپ كەتتى،،،،نەچچە  تەكشۈرتتۇم ..ئۆتۈمنى ،،تاش يوق  دەيدۇ،،

نىمە  ئالامەتتۇ بۇ

ikbalem يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 14:03:42

ئۆتىدە مەسىلە بارلارنىڭ ئوڭ تەرەپ تارغاق سۆڭەڭ ئىچىشىپ ئاغىرىيدۇ، يەنى مايلىق تائاملارنى، تۇخۇم، گۆشلەرنى يېگەندە بەكىرەك تىلىپ ئاغىرىيدۇ.

  دادامدىن ئاڭلىشىمچە بىر تۇققىنىمىزنىڭ بۇرنىغا بىر مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ قاپتىكەن، قارىماققا پوتلىسى ئېقىپ قالغاندەك تۇرىدىكەن. دوختۇرخانىغا بارسا دوختۇرلار كېسىپ ئېلۋېتىشتىن قورقۇپتۇ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىمۇ نىمىلىكىنى بىلەلمەي، ئۇ 70 - يىللار بولغاچقا تېخنىكىمۇ تۆۋەن. بىر تېۋىپ ئەركەك قۇشقاچنىڭ پوقى بىلەن ئانىنىڭ سۈتىنى سۈركۈپ قويساڭلار مانچە كۈندە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپتىكەن. راستلا ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ چۈشۈپ كېتىپتۇ. ھازىر شەخسىي دوختۇرخانىلاردا بىر دورا بار دەيدۇ، سۈركەپ قويسا بولىدىكەن. بولمىسا سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ.

ikbalem يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 14:11:13


13- قەۋەتتىكى Ay^Tughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، ھەزرەت ئەپەندىم.

مەنمۇ شۇ باھانىدا سورىۋالسام. كىچىك سىڭلىم يىقىندىن بېرى مەيدەم ئاغرىۋاتىدۇ دەيدىغان بولۇۋالدى... بولۇپمۇ ئەتتىگىنى تۇرغاندا ئىككى كۆكسىنىڭ ئوتتۇرىسى قاتتىق ئاغرىيدىكەن.. ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرۇشكە يېقىن شۇنداق ئاغرىپ ، دوختۇرغا بېرىپ تەكشۇرتسەك، يۈرەك كىلاپانىنىڭ ئېچىلىش- يىپىلىشى نورمال ئەمەس. ئۇپرىغان. بۇ ئەنسىرگۈدەك ئىش ئەمەس دەپتىكەن. بەك ھەددىدىن زىيادە ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانمىسۇن دەپتىكەن...


       مېنىڭ تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا،   بەلكىم كىلاپاننىڭ ئېچىلىش - يېپىلىشى نورمال بولماسلىقى مۈمكىن. بۇنى كەرىم شىپاخانىسىدىكى ئابدۇراخمان دېگەن بالىغا كۆرسىتىپ بېقىڭلار. ئورنى: دابازانىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تار كوچىدا، \" كەرىم شىپاخانىسى \" شۇ بالا يۈرەك كېسەللىرىنى خېلى ياخشى بىلەلەيدۇ. مېنىڭكىنىمۇ دوختۇرلار تاپالماي، شۇ بالا تاپقان. ئەگەر شۇنداق بولسا، پات - پات ئىچىگە ئېغىر تىنىپ بەرسە ، كىلاپاننىڭ ئېچىلىپ - يېپىلىشىغا پايدىسى باركەن.


   


katang يوللانغان ۋاقتى 2012-2-28 15:08:49

كېسەل باشقا ، شىپا باشقا ،ئەجەل باشقا ..................

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 14:51:23

نەپەس مەشقى ئىشلەپ بەرسە بولغىدەك.
بەت: [1]
: ئۈچلەمچى كېسەللىك