hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 08:45:13

بالىلاردىكى بالدۇر مۇببەتلىشىشنىڭ بەلگىلىرى[كۆچۈرۈلمە]




بالىلاردىكى بالدۇر مۇببەتلىشىشنىڭ بەلگىلىرى





بالىلار مۇھەببەتلىشىشنى ئويلىغاندا ياكى مۇھەببەتلەشكەندە ئۇلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار روشەن ئىپادىلىنىدۇ.


بالا تۇرۇپلا ناھايىتى ياسانچۇق؛ كىيىم-كىچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دائىم ئەينەككە ئۆرۈلۈپ- چۆرۈلۈپ قارايدىغان، ئاتا- ئانىسىدىن مودا كىيىم-كىچەكلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان، كىيىم كېيگەندە «ماڭا ياراشتىمۇ؟» دەپ ئاتا- ئانىسىدىن ۋە دوستلىرىدىن سورايدىغان بولۇپ قالىدۇ.


ئەسلىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۇيۇقسىزلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، دەرس ۋاقتىدا ياكى تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە دىققىتى ئوڭاي مەركەزلەشمەيدۇ، ئۆگىنىشكە كۆڭۈل بۆلمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.


تېتىك ۋە ھەرىكەتچانبالا تۇرۇپلا جىغۇرلىشىپ قالىدۇ، بەزىدە بىرەر ئىشنى قىلىۋېتىپ توختاپ قالىدۇ، ئاتا- ئانىسى بىلەن پاراڭلېشىشنى خالىمايدۇ، خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلىدۇ، بىريەردە ئولتۇرسا ئىچى تىتىلدايدۇ، سەۋرچانلىقى ئاجىز بولىدۇ، ئائىلىدىكىلەرگە بولغان پوزىتسىيىسى قوپاللىشىدۇ.


ئۆيدە جىم ئولتۇرمايدۇ ھەمدە قولى تۈزۈك ئىشقا بارمايدۇ، تالاغا چىقىپ- كىرىشلىرى كۆپىيىپ قالىدۇ، دائىم سەۋەپ كۆرسىتىپ تالاغا چىقىدۇ، بەزىدە يالغان ئېيتىدۇ، بەزىدە ئۆيگە خۇشال كىرسە، بەزىدە دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ، ھەتا تاماقمۇ يىمەي يىتىۋالىدۇ.


مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئايرىم ئۆيگە كىرىۋېلىپ ياكى بىر بۇلۇڭغا بېرىۋېلىپ خىيال سۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھاڭۋېقىپ يۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.


كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى تېز، بەزىدە خۇشال بولۇپ كۈلكىسى جىقلاپ كەتسە، بەزىدە غەمكىنلىشىپ، گېپىمۇ يوق سولىشىپ قالىدۇ، بەزىدە تىت- تىت بولۇپ خاتىرجەمسىز لىنىدۇ.


مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن كىتاپ، كىنو ۋە تېلېۋىزور پىلىملىرىگە ئادەتتىن تاشقىرى قىزىقىدۇ.


ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ قىز- ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىش ۋەقەلىرىگە قىزىقىدۇ.


ئاتا- ئانىسىدىن يوشۇرۇن خەت يازىدۇ، خاتىرە دەپتەرلىرىگە مەنىسى بار شەرتلىك بەلگىلەرنى سېزىپ قويىدۇ. مەخپى خاتىرە تۇتۇپ بەزى ئىشلارنى خاتىرلەيدۇ. مۇھەببەت ھەققىدىكى، ياشلىق ھەققىدىكى سۆزلەرنى خاتىرە قالدۇرۇشقا قىزىقىدۇ.


بالىلاردا يۇقىرقىدەك مۇببەتلىشىشنىڭ سېگىناللىرى كۆرۈلگەن ھامان ئاتا- ئانىلار بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماستىن ھۇشيار بولۇپ، ئۇنىڭ تەرەققى قىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى لازىم.


بالدۇر مۇھەببەتلىشىشىنى تۈزۈتۈشنىڭ ئۇسۇللىرى:


بالىلارغا ئامراقلىق قىلىپ، كۆيۈنگەنلىك دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئورۇنسىز ۋە مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسىگە ماقۇل بولۇپ، بالىلارنى بەك ئەركە نايناق قىلىپ تەبىيىلىمەسلىك، كىيىم-كىچەكلەرنى لايىقىدا ئېلىپ بېرىش، كۆپ پۇل بېرىپ بەدخەجلىككە ئۈگەتمەسلىك لازىم.


ئەخلاقى ياخشى بولمىغان بالىلار ياكى ئۆزىدىن چوڭ بالىلار بىلەن دوست بولۇشىنى توسۇش، بالىلار بار يەردە چوڭلار گەپ- سۆز ۋە ئىش- ھەرىكەتلەردە پەردىشەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، بالىلارنىڭ مەزمۇنى ساغلام بولمىغان تېلېۋىزور ياكى سىنئالغۇلارنى، مۇھەببەت مەزمۇنى تەسۋىرلەنگەن كىتابلارنى كۆرۈشىنى توسۇش لازىم.


بالىلارغا بالدۇر مۇھەببەتلىشىشنىڭ ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ۋە بەزى گىگېنىۋى ساۋاتلارنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈش، بالىلارنىڭ بۇئىشقا بولغان چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش لازىم. ئەگەر بالىلاردا توغرا تونۇش پەيدا قىلماي، بالىلارنى ئۇرۇپ تىللاپ، ئەگەر ئىككىنچى قېتىم بۇئىش بايقىلىپ قالسا ياكى تۈزەتمىسەڭ پۇتۇڭنى چاقىمەن، ئۆيگە كىرگۈزمەيمەن دەپ پوپوزا قىلغاندا بالىلار بۇئىشنى تۈزەتمەستىن ئەكسىچە تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋىتىدۇ.


بالىلاردىكى مۇھەببەتلىشىش ھادىسىسىنى بايقىغاندىن كېيىن، بىرتەرەپتىن ئۇلارغا توغرا ئۇسۇلدا تەربىيە بېرىپ قايىل قىلىش، يەنە بىرتەرەپتىن شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى بازاغا ياكى سەيلە - ساياھەتكە ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ ئۇ ئىشنى تەدرىجى ئۇنتۇلدۇرۇش لازىم.


بالىلارنى بالدۇر مۇھەببەتلىشىشتىن توسقاندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئارقىدا قالغان دەرسلىرىگە يېتىشىۋىلىشىغا ياردەم قىلىش ۋە چوقۇم ياخشى ئوقۇغۇچى بولالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بالىلاردا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، ئوقۇتقۇچىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىلىق ئۆگىنىش ۋە ئەخلاقتا ياخشى ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەر جەھەتىن ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بالىلارنى تەسىرلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئەخمەقلىق ۋە نادانلىق قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىش لازىم.


ئوقۇتقۇچىلار بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم تەربىيە ئېلىپ بېرىشى لازىم. ياشلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانى ۋە پىسخىك تەرەققىياتىدىكى ئايرىم پەرقلەر چوڭ بولغاچقا، بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن پايدىسىز بولغان كولېكتىپ ئالدىدىكى ئوچۇق- ئاشكارا تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىتىن ساقلىنىپ، ئايرىم تەربىيە ئېلىپ بېرىش، سوغۇق ۋە قوپال پۇزىتسىيىدە بولماستىن، باراۋەر ھالەتتە تۇرۇپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ھەقىقى كۆيۈنۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇۋاپىق پەيت تاللاشقا ۋە سۆزگە دىققەت قىلىش لازىم.


ئۇلارغا كۆيۈنۈش، قايىل قىلىش ۋە تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش لازىم. ئوقۇتقۇچىلار فىزىئۇلۇگىيىلىك جەھەتتىن يېتىلىپ، بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىنى توغرا چۈشىنىشى، ئۇلارغا يامان كۆز بىلەن قارىماسلىقى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئاسراش نۇقتىسىدا تۇرۇپ تەربىيە ئېلىپ بېرىشى لازىم. ئۇلارغا ياشلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى جىسمانى ۋە پىسخىك تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يات جىنىسلىقلارغا بولغان قىزىقىشى ۋە سىرلىق ھېسسىياتلىرىنى تۈگىتىشىكە ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە، بالدۇر مۇھەببەتلىشىشنىڭ زىيىنىنى ھەرتەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى تۈزىتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك. بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن ياش- ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن كۆيۈنۈش، قائىدە سۆزلەپ قايىل قىلىش ۋەتەربىيە ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنى بىرلەشتۈرۈپ تەربىيە ئېلىپ بارغاندىلا، ئاندىن ئۇلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.


بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھازىرمەملىكىتىمىزدە ساپا مائارىپى بەس- بەس بىلەن تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ ۋە يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. ئەۋلادلارنىڭ يۇقىرى ساپالىق ئىزباسارلاردىن بولۇپ چىقىشىغا ھەقىقى تۈردە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيىسى ئۇسۇللىرى قوللىنىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ھادىسىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىز لازىم.


خاراكتېرى ياخشى بالا تەربىيلەشتىكى ئون ئۇسۇل


ئۇچۇردىن پايدىلىنىش: بالا تەربىيلەشتە تېلېۋۇزۇر، رادىيۇ، گېزىت، ژۇرنال، قاتارلىق زامانىۋى ۋاسىتىلەردىكى مۇناسىپ ئۇچۇرلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىلسا، ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.


ئاتا ئانىلار مەكتەپكە بېرىپ تۇرۇش:ئاتا ئانىلار مەكتەپكە پات- پات بېرىپ تۇرسا، بالىنىڭ ئائىلېدە ئاسان بىلىنمەيدىغان يىتەرسىزلىكلىرىنى ۋاقتىدا سېزىۋىلىپ ، ئۈنۈملۈك چارە- ئۇسۇللار بىلەن نۇقتىلىق تەربىيلەشكە پايدىلىق.


نىشانغا ئىنتىلدۈرۈش:بالىنىڭ ئۆسۈش باسقۇچىغا ئاساسەن، بالىنىڭ ئىنتىلىدىغان نىشانىنى بەلگىلەپ بېرىش بالىنىڭ ئۆسۈشىدە خىلى مۇھىم.


ماھارەت يېتىلدۈرۈش: بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە جىسمانى جەھەتتىن يېتىلىش مەزگىلىدە، بالىدا ئەمگەك ماھارېتىنى پىلانلىق چېنىقتۇرۇپ، بالىنى ئىشچان, قولى ئەپچىل قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك.


گۈزەللىك بىلەن سەتلىكنى پەرق ئەتتۈرۈش:ئاتا- ئانىنىڭ بالىغا كۆيۈنىشى تەبىئىي ئىش، ئەمما بالىنىڭئارتۇقچىلىقلىرىنى ياخشى كۆرۈش، كەمچىلىكلىرىنى تۈگۈتۈش بىلەن بىرگە، بالىنى گۈزەللىك بىلەن سەتلىكنى پەرق ئېتەلەيدىغان، غۇرۇرنى ۋە نۇمۇسنىبىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك.


ئۆلگە ئارقىلىق باشلاش: جەمئىيەتتىكى قەھرىمانلار ۋە مەكتەپتىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ئۆلگىلىك ئىش ئىزلىرى ئارقىلىق بالىنى تەربىيلەشكە ماھىر بولۇش، بالىدا ئۇلۇغۋار ئىستەكنى كىچىكىدىنلا يېتىشتۈرۈش كېرەك.


پۇرسەتنى تۇتۇش: بالىغا تەربىيە بېرىشكە پايدىلىق ھەرقانداق پۇرسەتنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.


بىر نىيەتتە ھەمكارلېشىش: ئائىلېنىڭ ھەربىر ئەزاسى بالىغا تەربىيە بېرىشتە بىر نىيەتتە ھەمكدرلېشىشى، بالىغا بىللە تەربىيە بېرىشى لازىم ، ئۇنداق قىلمىغاندا، بالا ماسلىشالماي قالىدۇ ھەمدە بالىدا ناچار ئادەتنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ.


ۋاقتىدا تەقدىرلەش:بالا نەتىجە قازانسا ۋە ئالغا باسسا، ئۇنى ۋاقتىدا تەقدىرلەش لازىم، بولۇپمۇ ئارقىدا قالغان بالىنىڭ كىچىككىنە ئارتۇقچىلىقىنىمۇ تۇتۇپ تۇرۇپ ، ئۇنى تېخىمۇ ۋاقتىدا تەقدىرلەش لازىم، بۇئارقىلىق بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ۋە غەلبە قازىنىش ئىرادىسىنى چىڭىتىش كېرەك.


ئىلھاملاندۇرۇش: بالىنى كاللا ئىشلېتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش لازىم،ئاتا- ئانا بىر سۇئال سوراپ، بالىدىن جاۋاپ ئېلىش، ئاندىن بالا سۇئال سوراپ ،ئاتا- ئانا جاۋاپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


مەنبەسى: پەقىر تۈزگەن "مىزاج ۋە خاراكتېر" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

qimanistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 09:08:22

بالىلار چۈشۈنىشىمىزگە ئۇلار بىلەن سىردىشىمىزغا مۆھتاج . تور ، تېلۋىزور، ھەر خىل ئىلانلار بالىلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يىتىلىشىگە سەلبى تەسىر كۆرسەتمەكتە........

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 09:11:09

مەن 10 يېشىمدا مابەتلەشكەن بالدۇر مەبەتلىشىشكە كىرەمتا \"\"

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 09:13:47

مەن بالدۇر مۇھەببەتلىشىكەن تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگىلىمۇ 20يىل بوپ قالاي دەپتۇ .....مەكتەپتە باللىلارنى يەنەشۇنداق تەربىيلەۋاتامدا{:136:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 09:16:55

ئىپادىلىرى بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن بالىغا ئەمەس، پىسخىكىسىدىن ئېغىر مەسىلە چىققان بالىغا ئوخشاپ قاپتۇ. بالدۇر مۇھەببەتلىشىۋالغان ئۇ شۇملار مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمتى، ئۇلار ئۈچۈن ئويۇن، ھەۋەس ئۇ.

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 09:29:59

ئۇ چاغدىكى ھىسىياتنى دىمىسىمۇ مۇھەببەتكە ئاپىرىش ئاقىلانىلىك ئەمەس !

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 10:57:13

مەنمۇ باشلانغۇچنىڭ 5 -يىللىقىدا مەھەببەتلەشكەن. ..{:92:}سىنىپ مۇدىرىبىلىپ قىلىپ ، ئايرىۋەتكەن\"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 10:58:18

تىمىدىكى بەلگىلەر بالدۇر مۇھەببەتلەشكەنىڭ بەلگىسى ئەمەس ، خىيال كىرىپ قالغان ياكى پىسخىكىسى توسالغۇغا ئۇچىرىغان بالىلارنىڭ بەلگىلىرى بولۇپ قاپتۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 11:34:12

7- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىمىدىكى بەلگىلەر بالدۇر مۇھەببەتلەشكەنىڭ بەلگىسى ئەمەس ، خىيال كىرىپ قالغان ياكى پىسخىكىسى توسالغۇغا ئۇچىرىغان بالىلارنىڭ بەلگىلىرى بولۇپ قاپتۇ.

ھەرقانچە بولسىمۇ ئىنكاسنىمۇ كۆچۈرەمسىلە باللا\"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 11:37:23

8- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىمىدىكى بەلگىلەر بالدۇر مۇھەببەتلەشكەنىڭ بەلگىسى ئەمەس ، خىيال كىرىپ قالغان ياكى پىسخىكىسى توسالغۇغا ئۇچىرىغان بالىلارنىڭ بەلگىلىرى بولۇپ قاپتۇ.

ھەرقانچە بولسىمۇ ئىنكاسنىمۇ كۆچۈرەمسىلە باللا\"\"


\"\"

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 12:26:10

مەن 12 ياش ۋاقتىمدا مەبەتلەشكەن، سەل كېچىكىپ قاپتىكەنمەن \"\"

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 12:43:07

4- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىپادىلىرى بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن بالىغا ئەمەس، پىسخىكىسىدىن ئېغىر مەسىلە چىققان بالىغا ئوخشاپ قاپتۇ. بالدۇر مۇھەببەتلىشىۋالغان ئۇ شۇملار مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمتى، ئۇلار ئۈچۈن ئويۇن، ھەۋەس ئۇ.



ساڭا ئوخشاش ھازىرغىچە مۇھەبەتلىشەلمىگەنلەرنىڭ بەلگىسىنى دەپ بەرسە بولاتتى ھە!

boytaq يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 15:07:56

مەن كېيىن قاپتىمەن،ھازىرغىچە قۇتۇلالمىدىم بۇ بويتاقچىلىقتىن دىسە ...{:92:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 16:08:35

11- قەۋەتتىكى tvmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىپادىلىرى بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن بالىغا ئەمەس، پىسخىكىسىدىن ئېغىر مەسىلە چىققان بالىغا ئوخشاپ قاپتۇ. بالدۇر مۇھەببەتلىشىۋالغان ئۇ شۇملار مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمتى، ئۇلار ئۈچۈن ئويۇن، ھەۋەس ئۇ.



ساڭا ئوخشاش ھازىرغىچە مۇھەبەتلىشەلمىگەنلەرنىڭ بەلگىسىنى دەپ بەرسە بولاتتى ھە!

كىم دېدى ساڭا؟ مىنى مەبەتلەشمىگەن دەپ؟\"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 16:12:41

يىتىلىش دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ يات جىنىسقا بولغان قىزىقىش بولىدىغان تۇرسا،قانداق بولسا بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن بولىدىكىنتاڭ؟



ئەمما ئاۋۇ باشلانغۇچتىن باشلاپ مۇھەببەت تۇتىۋالغان ماڭقىلار ھاشىرغىچە مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ بەلكىم \"\"

karkat يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 07:45:58

يەنىلابويتاقلاغاگەپيوق ..مەن دەشششەتكىچكىپمابەتلىشىدىكەنمەندە \"\"

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 21:06:08

باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ6-يىللىقىدا سىنىپ مەسئۇلى دوستۇمغائوقۇغۇچىلىرىتەلەپ قۇيۇپ{:107:}


yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-1 21:25:42

ماۋۇ دەششەت يۇمۇركەن... \"\"
بەت: [1]
: بالىلاردىكى بالدۇر مۇببەتلىشىشنىڭ بەلگىلىرى[كۆچۈرۈلمە]