بوۋاق تىلى[كۆچۈرۈلمە]
بوۋاق تىلى
بوۋاقلار سۆزلىيەلمەيدۇ، ئەمما خىلمۇ ـ خىل يېغلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەلەپ ـ ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، بوۋاقلارنىڭ يېغىسى ئۇلارنىڭ تىلىدۇر.
بوۋاقلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان «تىل» لار تۆۋەدىكىلەردىن ئىبارەت.
كۆزىنى يۇمىۋېلىپ يېغلاش: بۇ قوسىقى ئېچىپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى.
بارمىقىنى شوراپ تىپىرلاپ يېغلاش: بۇ، قورسىقى ئاچقانلىقنىڭ ۋە ئۇسسىغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
قىقىراپ يېغلاش: بۇ، چۆچىگەنلىكنىڭ، بىرەر نەرسىدىن قورقۇپ ئانىسىنىڭ ئۆزىنى باغرىغا بېسىشىنى تەلەپ قىلغانلىقنىڭ ياكى قارا باسقانلىقنىڭ ئىپادىسى.
كۆزىدىن ياش چىقارماي يېغلاش ۋە پۇت ـ قولىنى قالايمىقان ھەرىكەتلەندۈرۈش: بۇ، زېرىكىش ھېس قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ھەمرا بولۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
غىڭشىپ يىغلاپ ئۇخلىغىلى ئۇنىماسلىق: بۇ، سۈيدۈك لاتىسى ياكى ئىشتىنى ھۆل بولۇپ قالغانلىقنىڭ ياكى ئۇيقۇسى كەلمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.
بىر دەم يىغلاپ، بىر دەم توختاش: بۇ، بەدىنىنىڭ بىرەر يېرى تۇرۇپ ـ تۇرۇپ ئاغرىغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېغلاش: بۇ، تۇتۇ قۇرت غىدىقلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
ئېمىۋېتىپ توساتتىن يىغلاپ كېتىش: بۇ، بىرەر ئېغىر كېسەللىكنىڭ بېشارىتى.
باش ۋە پۇت ـ قوللىرىنى قالايمىقان ھەرىكەتلەندۈرۈپ يېغلاش: بۇ، ھۆل تەمرەتكە پەيدا بولغانلىقنىڭ، سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتكەنلىكنىڭ ياكى كىيىم بەدىنىنى غىدىقلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
ئېمىۋېتىپ توساتتىن چىشلىۋېلىش: بۇ، چىش چىقىشقا باشلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
مەنبەسى: پەقىر تۈزگەن "مىزاج ۋە خاراكتېر" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
ياخشى تېما ئىكەن! مېنىڭ بالامغۇ بۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتىم،شۇنداقتىمۇ تېمىنى ساقلىۋالاي ئىككىنچى بالامغا لازىم بولۇپ قالار. مەنمۇ ساقلىۋالاي. تىما ئىگىسىگە رەھمەت
3- قەۋەتتىكى Ay^Tughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ ساقلىۋالاي. تىما ئىگىسىگە رەھمەت
اللا خالىسا سىزگە قوشماقلار نىممەت بولسا، سىز مىنىڭچە تىخىمۇ بەكىراق لازىم قىلىسىز بۇنى،شۇڭا ياخشىراق ساقلىۋىلىڭ،سىزگىلا ئاتاپ يىزىپتىغۇ بۇنى.اللا پانايىدا ساقلىسۇن...