بارماق دىسكام نىرۋا كىسىلگە گىرىپتا بوپ قالدى
ئىشلەتكىلى بىر يىل بولاي دىگەن بارماق دىسكام بار .ئىدى،يىقىندا بىر ھۇججەتنى توردىن چۇشرۇپ ئۇيگە ئەكىلىپ كومپىيوتىرغا سىلىپ .ئىچىدىكى ماتىرياللانى كۇپەيتىۋىلىپ يۇيۋىتەي دەپ يۇيسام پەقەپ ئۆچۇرۇلمىدى،نەچچە ئەسلىگە كەلتۇرۇش،،يۇيۇش،ۋىروس تازلايدىغان سىستىمىلادىن پايدىلنىپ باقتىم . پەقەت بولمىدى، ئاچچىقىمدا تاس قالدىم، داسقا سۇ قۇيۇپ سوپۇن پارشۇكى ،،باشقا داغ چىقىرىش سۇيۇقلىقى بىلەن يۇيۋەتكىلى،،يەنە بارماق دىسكامغا امراقلىقىمدىن توختاپ قالدىم..شۇڭا تورداشلادىن ياردەم سورايمەن..بۇنى ئوڭشاشقا ياخشىراڭ سىستىما بولسا ئايمىغايسىلەر ئەگەر بارماق دېسكىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۋالغان بولسىڭىز، فورماتلاپلا قۇتۇلۇڭ.ئەگەر فورماتلاشنىمۇ رەت قىلسا، Ghost پىلاستىنكىسىنى سېلىپ، پىلاستىنكىدىن قوزغاتسىڭىز،WinPE دا قوزغىتىش دەپ بىر تۈر بار، شۇ ھالەتتە قوزغىتىپ، فورماتلىسىڭىز بولىدۇ. WinPE دا قوزغاتقاندىن كېيىن، بارماق دېسكىنى چېتىپلا فورماتلاڭ، ئىچىنى ئېچىپ يۈرمەڭ، ئەگەر ۋىرۇس بولۇپ قالسا، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ باشقا دېسكا رايونلىرىنى يۇقۇملاندۇرۇپ يۈرمىسۇن، بەلكىم ئاللا بۇرۇن يۇقۇملىنىپمۇ بولغاندۇ.
WinPE ھالەتتە ھەر قايسى قاتتىق دېسكا رايونلىرىغا قاراپ، ناتونۇش ھۆججەت، ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ. بۇ ۋىرۇس تازلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا تەۋە بولدى دەيلى بۇ تېمىنى... ۋاي مەنمۇ سەھىپىسىگە دېققەت قىلماپتىمەن دېسە، ئەگەر ئاۋۇ بارماق دېسكىڭىز راستلا قەدىمقى زامان ئۇيغۇرلىرىغا تەۋە بولسا ئوبدان ساقلاڭ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونىتىدۇ. ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى مانچىنچى يىلدىن باشلاپلا بارماق دېسكا ئىشلىتىشنى باشلىغان دەپ {:92:} تىمامدا ئۇنداق جقەدىمى ئاتالغۇ يوقتەك قىلغانتىغۇ ،،
WinPE،،بۇنىمۇ قوزغۇتۇپ باقتىم كومپىيوتىر قىتىپ قالدى،،،، قىلاممىدىممۇ يە مۇنداق قىلىڭ، unlocker نى چۈشۈرۈپ، دېسكىنى (ياكى مۇندەرىجىنى) باغلاقتىن يېشىۋېتىڭ. ئادەتتە، ئېچىلغان ھالەتتىكى office ھۆججەتلىرى ياكى ۋىرۇس ئىگىلىۋېلىش سەۋەبىدىن مۇشۇنداق بولىدۇ.
مەندىمۇ شۇنداق كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىپ، ھەر خىل ئاماللار بىلەنمۇ داۋالاپ ساقايتالمىغان بىر 4 جى لىق بىر بارماق دىسكام تارتمامدا ئارام ئېلۋاتقىلى يېرىم يىلچە بۇپ قالدى، تاشلىۋىتەي دىسەم 3يىل ئىشلەتكەن نەرسەم ئىدى......
-----------------------------------------------------------------
ئاۋال تىما ئېگىسىدىن ئۆزىرە سورايمەن، ما تىمىغا ئۆزەمىنىڭ بىر تىمىسىنى قۇشۇمچە قىلىپ قويماقچى، تورداشلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
كومپيوتېرغا سېستىما قاچىلاشتىن ياردەم
مىنىڭ ھازىر ئىشلىتۋاتقان خاتىرە كومپىيوتېرىم سېستىما دەينى ئۇقۇيالماس بۇپ قالدى.(باشقا كىنو-فىلىم پىلاستىنكىسىنى يېڭى بولسىلا ئۇقۇيدۇ، سېستىما دەينى يېڭى سېتۋىلىپ ئەكلىپ سالساممۇ ئۇقۇمايدۇ). شوڭا توردىن سېستىما چۈشۈرۈپ ئاندىن ئۇنى بىۋاستە كومپيوتېرغا قاچىلاشقا ئىمكانىيەت بارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلغىلى بولسا،ياخشىراق سېستىما چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى ۋە ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار، كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم.
قايتا يوللىنىپ كىتىپتۇ(خىجىلمەن)
قايتا يوللىنىپ كىتىپتۇ
8- قەۋەتتىكى UQKUN28نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەندىمۇ شۇنداق كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىپ، ھەر خىل ئاماللار بىلەنمۇ داۋالاپ ساقايتالمىغان بىر 4 جى لىق بىر بارماق دىسكام تارتمامدا ئارام ئېلۋاتقىلى يېرىم يىلچە بۇپ قالدى، تاشلىۋىتەي دىسەم 3يىل ئىشلەتكەن نەرسەم ئىدى......
-----------------------------------------------------------------
ئاۋال تىما ئېگىسىدىن ئۆزىرە سورايمەن، ما تىمىغا ئۆزەمىنىڭ بىر تىمىسىنى قۇشۇمچە قىلىپ قويماقچى، تورداشلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
كومپيوتېرغا سېستىما قاچىلاشتىن ياردەم
مىنىڭ ھازىر ئىشلىتۋاتقان خاتىرە كومپىيوتېرىم سېستىما دەينى ئۇقۇيالماس بۇپ قالدى.(باشقا كىنو-فىلىم پىلاستىنكىسىنى يېڭى بولسىلا ئۇقۇيدۇ، سېستىما دەينى يېڭى سېتۋىلىپ ئەكلىپ سالساممۇ ئۇقۇمايدۇ). شوڭا توردىن سېستىما چۈشۈرۈپ ئاندىن ئۇنى بىۋاستە كومپيوتېرغا قاچىلاشقا ئىمكانىيەت بارمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلغىلى ياخشىراق سېستىما چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى ۋە ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار، كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم.
http://www.crsky.com/soft/14378.html
ماۋۇ يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، Ghost سىستېمىدىن بىرنى خالىغان رايونغا قويۇپ، (C رايونغا ئەمەس)، ئاۋۇ يۇمشاق دېتالنى ئاچقاندىن كېيىن، بايامقى Ghost نى كۆرسىتىپ بېرىڭ. قايتا قوزغىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ماقۇل دەڭ. شۇنىڭ بىلەن سىستېما قاچىلاش باشلىنىدۇ. قاچىلاش تامام بولغاندىن كېيىن تونىمىغان ساپچاسلارنى(Ghost نىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، بىر قىسىم زاپچاسلارنى تونىماسلىقى مۇمكىن، كۆپىنچە خاتىر كومپيۇتېرلارنىڭ سىمسىز تور كارتىسىنى تاپالمايدىكەن) تونىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
زاپچاسلارنىڭ قوزغاتقۇچلىرىنى تاپالماي قالسىڭىز: http://www.drivergenius.com/ ماۋۇ ئادرېستىكى قوزغىتىش دېتالىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىزدىكى تونىمىغان زاپچاسلارنى تېپىپ، قوزغاتقۇچلىرىنى قاچىلاپ بېرىدۇ. قالغىنى ئۆزىڭىزگە ئامانەت.
رەخمەت دوسلۇرۇم ،،،،،،