hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 11:37:40

ئەرلىك ئاجىزلىقنىڭ بايانى

ئەرلىك ئاجىزلىقنىڭ بايانى

(زەئفى باھ)



سەۋەبى: ئاساسلىقى مېڭە، يۇرەك، جىگەر، ئۇرۇقدان (جىنسى ئەزالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ__ت) قاتارلىق ئەزالارنىڭ نورمالسىزلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. چۇنكى مەزكۇر ئەزالار نورمال بولسا جىما ئىشى ياخشى بولىدۇ، ئۇلاردا نوقسان كۆرۇلسە جىمادىمۇ نوقسان كۆۇرۇلىدۇ.


مەلۇم بولغايكى، جىما قىلىش پۇتۇن جانلىقلارغا ئورتاق بولغان خۇسۇسىيەت بولۇپ كۆپىيش ئۇنىڭغا باغلىق بولىدۇ. بۇ مەنادىن ئېيتقاندا زەكەر بىلەن ئۇرۇقدان ئۇلۇق ئەزالاردىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.


ئۇلۇق ئەزالار تۆت بولىدۇ. ئۇلار مېڭە، يۇرەك، جىگەر، ئۇرۇقداندىن ئىبارەت. چۇنكى جانلىقلارنىڭ كۆپىيشىدە ئۇرۇقدان مۇھىم رول ئوينىسا ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھايات كۆچۇرۇشىدە قالغان ئەزالار مۇھىم رول ئوينايدۇ.


ئالامىتى: مېڭە زەئىپلەشكەن بولسا ئادەمنىڭ جىما خاھىشى تۇۋەن بولىدۇ، جىمانى خاھلىغان تەقدىردىمۇ لەززەت تاپالمايدۇ، زەكەر بوش، كۇچسىز بولىدۇ. بەدەندىكى پەي_نېرىپلار ئاجىز بولسىمۇ زەكەردە سۇسلۇق كۆرۇلىدۇ. مېڭىنىڭ ھىس_ھەركەت سىزىمى تۇۋەن بولسىمۇ ئەرلىكتە جىزلىق كۆرۇلىدۇ.


بەزىدە ئىگىز يەردىن يېقىلىشقا ئوخشاش تاسادىپى ھادىسىلەر بىلەن پەي زەخمىلەنسىمۇ باھ ئاجىزلايدۇ، بۇ چاغدا زەخمىلىنىش تارىخى ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۇنكى ئۇمۇمى بەدەننىڭ پەي_نېرىپلىرىنىڭ بىر_بىرى بىلەن ئالاقىسى بولىدۇ.


باھ ئاجىزلىق پەيلەرگە سوغۇق ئۆتكەنلىكتىن بولسا بىمار قىش كۇنلىرى ۋە ھاۋا سوغۇق كۇنلەردە جىما قىلىشقا قادىر بۇلالمايدۇ، سوغۇقلۇق نەرسىلەر زەرەر قىلىدۇ.


ئاجىزلىق بەدەندىكى ھۆللۇك سەۋەبىدىن بولسا مۇنچىغا چۇشكەندىن كېيىن جىما قۇۋىتىدە سۇسلۇق مەلۇم بولىدۇ. سوغۇق سۇ ۋە باشقا ھۆل نەرسىلەر زەرەر قىلىدۇ.


باھ زەئىپلىكى ئىسسىقلىقدىن بولسا قىش پەسلىدە جىما ئىقتىدارى ياخشى بولىدۇ. ئىسسىق نەرسىلەر زەرەر قىلىدۇ.


قۇرۇقلۇقتىن پەيدا بولغان بولسا، قۇرۇقلۇقتىن مىزاجى بۇزۇلغانلىققا ئالاقىدار بولغان ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ. ھۆللۇكنى ئاشۇرۇدىغان نەرسىلەر مەنپەئەت قىلىدۇ. جىما قىلمىسا ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ.


مېڭە قۇۋەتلىك بولسا بىمار جىمانى كۆپ ئارزۇ قىلىدۇ، جىمادىن لەززەت تاپىدۇ، زەكىرى قاتتىق بولىدۇ، سوغۇقلۇق، ئىسسىقلىق، ھۆللۇك ياكى قۇرۇقلۇق قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھېچ زەرەرى بولمايدۇ.


ئەرلىك ئاجىزلىق بۆرەك زەئىپلىكىدىن پەيدا بولغان بولسا، بىمار جىمانى ئاز ئارزۇ قىلىدۇ، جىمادىن خوشاللىق تاپالمايدۇ ياكى ئاز تاپىدۇ، كېچىدە ئالىتى قوزغۇلىدۇ. ئەمما جىمادا بوشاپ قالىدۇ، قورقۇش، ئەنسىرەشكە ئوخشاش روھى ئامىللار بولىدۇ.


بىمارنىڭ يۇرىكى كۇچلۇك بولسا روھلۇق بولىدۇ، ئىسسىق، سوغۇقلۇق، ھۆللۇك، قۇرۇقلۇققا ئوخشاش ئامىللار جىماغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.


بىمارنىڭ جىگىرى ئاجىز بولسا مەنىنىڭ مىقدارى ئاز بولىدۇ، جىمانى ئارزۇ قىلمايدۇ، جىمادا ماغدۇرسىزلىنىدۇ، جىگەر زەئىپلىكى ۋە جىگەر مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشىغا ئالاقىدار بولغان ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ. جىگەر قۇۋەتلىك بولسا بىمارنىڭ جىما ئەھۋالى يۇقۇرىدىكىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.


ئاشقازان بىلەن بۆرەك قۇۋەتلىك بولسا جىگەرنىڭ يالغۇز قۇۋەتلىك بولىشى كۇپايە قىلمايدۇ، چۇنكى ئاشقازان بىلەن بۆرەك جىگەر ئۇچۇن خىزمەت قىلىدۇ، ئاشقازان يىمەكلىكنى پۇشۇرۇپ كەيلۇسقا ئايلاندۇرۇدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن جىگەر ئۇنى شۇمۇرۇپ ھەزىم قىلىپ قان ھالىتىگە كەلتۇرۇدۇ، بۆرەك قاننىڭ بۇزۇق سۇيۇقلۇقلىرىنى ئايرىپ تازىلاپ چىقىرىدۇ، ئاشقازان بىلەن جىگەر زەئىپ بولسا بۆرەككە ئۇنىڭ يامان تەسىرى بولىدۇ. جىگەرمۇ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى بىجىرەلمەيدۇ. ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتىقاندا بۇ ئەزالارنىڭ خىزمىتى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قايسى بىرىدە كېسەللىك كۆرۇلسە ئۇمۇمى بەدەندە مەلۇم كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.


ئۇرۇقدان مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولسا ئۇرۇقدان چوڭ، تومۇرلىرى توم بولىدۇ، تۇتۇلسا قولغا ئىسسق سىزىلىدۇ، بۇنداق مىزاجىلىق كىشى جىمادا كۇچلۇك بولىدۇ، جىمانى كۆپ ئارزۇ قىلىدۇ، مەنىسى كۆپ بولىدۇ. بالىلارنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولسا بالدۇر بالاغەتكە يىتىدۇ، دوسۇن مويلىرى قويۇق بولىدۇ، ئوغۇل پەرزەنتى كۆپ بولىدۇ.


ئۇرۇقدان مىزاجى سوغۇق بولسا ئابى مەنى ئاز بولىدۇ، ئاسان بۇزۇلىدۇ، بىمارنىڭ زەكىرى ۋە ئۇرۇقدىنى كىچىك، جىمادا سۇس بولىدۇ. پۇتۇن ئەھۋالى ئىسسىق مىزاجىلىق كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.


ئۇرۇقدان مىزاجى ھۆل بولسا ئابى مەنى كۆپ، سۇيۇق بولىدۇ، زەكەر ئاسان قوزغالمايدۇ، جىنسى ئەزالارنىڭ تۇمۇرلىرى توم، يۇمشاق بولىدۇ، قول بىلەن تۇتۇپ كۆرۇلسە سوغۇق مەلۇم بولىدۇ. جىما كۆڭۇلدىكىدەك بولمايدۇ.


ئۇرۇقدان مىزاجى قۇرۇق بولسا، ئابى مەنى ئاز، قويۇق بولىدۇ، كىچىكىپ قوغۇلىدۇ، ئەمما بىمار جىمادا كۇچلۇك بولىدۇ.


ئۇرۇقدان مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولسا، مەنى ئاز، قويۇق، رەڭگى سېرىق بولىدۇ، بىمارنىڭ دوۇسۇنىغا موي كۆپ ئۇنىدۇ، ئۇمۇمەن پۇتۇن بەدىنى مويلۇق بولىدۇ، جىمانى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما كۆپ قىلالمايدۇ، كۆپ جىما قىلىسا زەرەر قىلىدۇ.


ئۇرۇقداننىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولسا، ئابى مەنى كۆپ، قويۇق_سۇيۇقلۇقى نورمال، رەڭگى ئاققا مايىل بولىدۇ. بىمارنىڭ دوۇسۇنى مويلۇق بولىدۇ. جىماغا مايىل بولىدۇ. كۆپ جىما قىلىسىمۇ ئۇنىڭ زەرەرى كۆپ بولمايدۇ.


ئۇرۇقداننىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولسا، بىمارنىڭ دوۇسۇن مويى ئاز بولىدۇ. جىمانى كەم ئارزۇ قىلىدۇ، مەنىسى سۇيۇق بولىدۇ. مەنى رەڭگى كۆككە مايىل، زەكىرى بوش، قوزغۇلىشى ناچار بولىدۇ، كۆپ جىما قىلالمايدۇ.


پەي سۇس بولسا زەكەرنىڭ قايىم بولشى سۇس بولىدۇ، زەكەر كۇچسىز، كىچىك بولىدۇ، كۆپ ھاللاردا زەكەر قايىم بولماي تۇرۇپ مەنى مېڭىپ كېتىدۇ. بۇنداق بىمار «ئەنىين» دىيلىدۇ. جىماغا قادىر بۇلالمايدۇ. بۇ كېسەللىك كىين پەيدا بولغان بولسا داۋالاشقا بولىدۇ، تۇغما بولسا، داۋانى قۇبۇل قىلمايدۇ.


سابىت بىن قۇررىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كېسەللىككە گىرىپتا بولغان بىمار سوغۇق سۇغا چۆمۇلگەندە زەكىرى يېغىلسا ساقىيشتىن ئۇمىت بار ئىكەن، ئەگەر زەكەر يېغىلماي ئۆزىنى تاشلاپ تۇرسا فالەجنىڭ تۇرىدىن بولۇپ، داۋانى قۇبۇل قىلمايدىكەن.


زەئىپلىك ئۇزۇن مۇددەت جىما قىلماسلىقتىن بولغان بولسا، بىمار دەسلەپتە جىمادا ئاجىز بولىدۇ، تەدرىجى ھالدا جىنسى قۇۋىتى ئەسلىگە كېلىدۇ.


زەكەرنىڭ قايىم بولشى بەدەندىكى يەلدىن بولىدۇ. يەل ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى بەدەنگە ئورۇنلاشقان ۋە پىشقان يەل بولۇپ زەكەرنىڭ قايىم بولىشى ۋە جىمانىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا تۇرتكىلىك رول ئوينايدۇ، مەنى كەلمىگۇچە زەكەر بوشىمايدۇ. يەنە بىرى كىچىدە پەيدا بولغان يەل بولۇپ، كېچىدە ئۇيقۇلۇقتا زەكەرنىڭ قايىم بولىشى ئۇنىڭدىن بولىدۇ، ئۇ ساختا يەل بولۇپ جىمانىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا تۇرتكىلىك رول ئوينىيالمايدۇ، كىچىك بالىلار ئۇخلىغاندا گەرچە ئۇلاردا جىما ھەۋىسى قوزغالمىغان بولسىمۇ زەكىرىنىڭ قايىم بولىشى ئۇنىڭدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا جىما قىلىنسا زەكەر جىما جەريانىدا سۇسلاپ قالىدۇ.


ئەرلىك ئاجىزلىقنىڭ ھەممە تۇرىدە مېڭە قۇۋىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.


راھەت_پاراغەتتە ئۆتۇشكە دەۋەت قىلىنىدۇ. غەم_ئەندىشىلىك ئىشلار ۋە سەۋدانى قوزغىغۇچى نەرسىلەردىن پەرھىز قىلدۇرلىدۇ.


جىگەر، ئاشقازان، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ زەئىپلىكى ياكى مىزاجنىڭ بۇزۇلىشىدىن پەيدا بولغان بولۇپ، بىماردا شۇنىڭغا ئالاقىدار كۆرۇلسە شۇ كېسەللىكلەرنىڭ بابىدا سۆزلەنگەن مۇناسىپ ئىلاجلار بىمارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ قوللىنىلىدۇ.


ئەرلىك ئاجىزلىق زەكەر ياكى ئۇرۇقداننىڭ ئاجىزلىقدىن پەيدا بولغان بولسا، ئۇنىڭ فالەجنىڭ تۇرىدىن ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىنىدۇ. فالەجنىڭ تۇرىدىن بولسا داۋانى قۇبۇل قىلمايدۇ، فالەجنىڭ تۇرىدىن بولمىسا دەسلەپتە قەي قىلدۇرلىدۇ.


دورىلار بىلەن بەدەندىكى شىلمىشلىق خىلىت تازىلاپ چىقىرىلىدۇ. ئۆتكۇر تەبىئەتلىك كىلىزمىلار ئىشلىتىلىدۇ. يەرلىك ئورۇن ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلار بىلەن ياغلىنىدۇ.


ئەرلىك ئاجىزلىق ئابى مەنىنىڭ ۋە زەكەرنىڭ قايىم بولشىغا سەۋەپ بولىدىغان يەلنىڭ كەملىكىدىن پەيدا بولغان بولسا، مەنى كۆپەيتكۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى يىمەك_ئىچمەكلەر ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ.


مەلۇم بولغايكى، يەل ھارارەتنىڭ بەدەندىكى ھۆللۇككە تەسىر قىلىشىدىن بولىدۇ. بۇ خۇددى ھارارەت تەسىرىدە سۇدىن بۇس ئۆرلىگەنگە ئوخشايدۇ. ئەمما ھارارەت كۆپ بولۇپ كەتسە ھۆللۇكلەر خوراپ يەلنىڭ ھاسىل بولىشغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.


تۇرمۇشنىڭ قىينچىلىقدىن پەيدا بولغان بولسا پاراۋانلىققا كۆڭۇل بۆلۇنىدۇ.


مەنبەسى: شەيخۇررەئىس ئىبنىسىنا ھەزرەتلىرىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر تېبابەت ئەسىرى «ئەلقانۇن فىتتىب»نىڭ قولۇمدىكى ئەرەبچە نۇسخىسىدىن پەقىر تەرجىمە قىلىپ يوللىدى.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 15:08:27

بىرنى باھالىۋەتتىم . تىلۋىزوردىكىدىن قۇتۇلالمايۋاتسام ، ئەمدى مۇنبەرگە چىقىپتۇ . بىلىۋېلىڭ! مۇنبەردىكىلەر خېلى راۋرۇس ئەركەكلەر ! \"\"

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 16:11:06

ئەلقانۇننىڭئەرەبچە نۇسخىسىدىنتەرجىمە قىلىپ يوللىدىم-دەڭ. قالتىسقۇ ! نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتاپلار رېتسىپلار بىلەن تولۇپ كەتتى . تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەسلى ئىشنى نەزەرىيىۋى تەتقىقاتتىن باشلايتۇق .    ئەلا باھالاپ قويدۇم .

(مەندە ھەمەدانلىق رامتىن پاكزاد دېگەن بىرىنىڭ ئەلقانۇندىكى دورىلارنىڭ پارىسچە ئىسمى بىلەن ئەرەپچە،لاتىنچىلىرى قوشۇلۇپ جەدۋەللەشتۈرۈلگەن بىر پارچە ماقالىسى بار ، PDFنۇسخىسى ، گىياھلارنىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلىشتا قىيىنچىلىق بولسا ياردىمى تىگىدۇ . داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان نۇسخىسىدا كەرەپشە ئۇرىغىنى پىترۇشكا دەپ ئەپ قوياپتىكەن ، خىلىغىچە بىلەلمەي يۈرگەن ، شۇڭا دەيمەن )

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 16:23:08

1- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرنى باھالىۋەتتىم . تىلۋىزوردىكىدىن قۇتۇلالمايۋاتسام ، ئەمدى مۇنبەرگە چىقىپتۇ . بىلىۋېلىڭ ! مۇنبەردىكىلەر خېلى راۋرۇس ئەركەكلەر ! \"\"

ئۆزىڭىزگە ئەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولاتتى ، نىمىنداچېچىلىسىز .

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 16:36:40

3- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرنى باھالىۋەتتىم . تىلۋىزوردىكىدىن قۇتۇلالمايۋاتسام ، ئەمدى مۇنبەرگە چىقىپتۇ . بىلىۋېلىڭ ! مۇنبەردىكىلەر خېلى راۋرۇس ئەركەكلەر ! \"\"

ئۆزىڭىزگە ئەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولاتتى ، نىمىنداچېچىلىسىز .






ئاشۇنداق دورىلاردىن سوۋغا قىلايمۇ ؟ئۆيىڭىزدە بالا چاقىللىرىڭىز بىلەن ئولتۇرۇپ چۈشەندۈرىشىنى ئوقۇپ باقارسىز !!!

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 17:01:22

بەك خوشىڭىز بولمىسا باشقا تىمىلارنى ئارىلاپ چىقسىڭىز بولىدىغۇ ، سىزنى تىلۋىزوردا چىققان ئىلانغائوخشاش چوقۇم كۆرىسەن ، كۆرمىسەڭمۇ كۆرىسەن دىمىگەندىكىن ئەگىپ ئۆتۈپكەتسىڭىز بولىدىغۇ بۇ تىمىنى پىتىغداپ يۈرمەي .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 17:51:36

دورا تالىشىپ سوقۇشۋاتامسىلەر ؟

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 18:03:54

ئىزدىنىشتىكى ئىسىم ۋە باش سۆرەتلەرگە كىلونلايدىغان ۋېرۇس چاپلىشۋالدىمۇ نىمە ؟ زادى پىنھاننىڭ ئۆتكەندە قىلغىنى توغرىكەن ، سولىمىساقمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قويساق بولىتى . كۆڭۈلچەكنىڭ ئوچۇق قالغاندەك ، ئاخىرى كۆڭۈل ئاغرىقى چىقىدىغان بولدى ئىسىمنى خاتا ئوقىۋىلىپ .

karkat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 19:02:42

تالشىشنىڭنىمەھاجىتى،،ھازىرمۇھىت ۋە باشقاسەۋەپلەردىن ،،ئەرلەدىكى كىسەللىكلەرمۇئازئەمەس.،دىمسىمۇبۇتىلۋىزۇرئەمەس كۇرمىسەكمۇبولدۇ،،كۇرگىمىزبولساكۇرسەكبولدۇ،كۇرگىمىزبولمىساكۇرمىسەكبولدىغۇ ،،،ياكىتىماياقمىغانبولسائىنكاسيازسەدەيدىغانمەجبۇرىيەتيوققۇ   دوسلۇرۇم \"\"

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 19:17:23


2- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەلقانۇننىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىپ يوللىدىم-دەڭ. قالتىسقۇ ! نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتاپلار رېتسىپلار بىلەن تولۇپ كەتتى . تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەسلى ئىشنى نەزەرىيىۋى تەتقىقاتتىن باشلايتۇق . ئەلا باھالاپ قويدۇم .

(مەندە ھەمەدانلىق رامتىن پاكزاد دېگەن بىرىنىڭ ئەلقانۇندىكى دورىلارنىڭ پارىسچە ئىسمى بىلەن ئەرەپچە،لاتىنچىلىرى قوشۇلۇپ جەدۋەللەشتۈرۈلگەن بىر پارچە ماقالىسى بار ، PDFنۇسخىسى ، گىياھلارنىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلىشتا قىيىنچىلىق بولسا ياردىمى تىگىدۇ . داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان نۇسخىسىدا كەرەپشە ئۇرىغىنى پىترۇشكا دەپ ئەپ قوياپتىكەن ، خىلىغىچە بىلەلمەي يۈرگەن ، شۇڭا دەيمەن )



شۇ ماقالىنىڭ پ د ف نۇسقىسىنى مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز مۇنبەرگە يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن، ئەگەر يوللاشنى خالىمىسىڭىز ماڭا يوللاپ بېرەلەمسىزكىن؟چچ:1980441533




dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 20:02:13

مەنمۇ ئەلا باھالىۋەتتىم.



ھەركىمنىڭ تېمىنى ياختۇرۇش ياختۇرماسلىقى ئۆز ئىختىيارلىقىدىكى ئىش،ئۇنى باشقىلارغا تېڭىشقا بولمايدۇ.شەخسەن ئۆزۈم تېمىنى ياختۇردۇم.بىلىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.



ھازىرقى كۆپۈنچە ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىنىڭ قىلچە ئۈنىمى كۆرىلمەي كۆرىلسىمۇ ئۇزاققا سوزۇلۇپ ئۈنىمى كۆرىلىۋاتقانلىقى،دورىلارنىڭ خام ئەشيالىرى پارنىكتا چوڭ بولغانلىقىدىنمۇ؟

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 20:29:55

سەككىز يىللار ئىلگىرى ئىزدىنشىتا ھەزرەت ئىسىملىك بىر تورداش بولىدىغان.ئۆزلىرى شۇمۇ يا...؟

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 22:26:34


10- قەۋەتتىكى dunyajanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ ئەلا باھالىۋەتتىم.



ھەركىمنىڭ تېمىنى ياختۇرۇش ياختۇرماسلىقى ئۆز ئىختىيارلىقىدىكى ئىش،ئۇنى باشقىلارغا تېڭىشقا بولمايدۇ.شەخسەن ئۆزۈم تېمىنى ياختۇردۇم.بىلىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.



ھازىرقى كۆپۈنچە ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىنىڭ قىلچە ئۈنىمى كۆرىلمەي كۆرىلسىمۇ ئۇزاققا سوزۇلۇپ ئۈنىمى كۆرىلىۋاتقانلىقى،دورىلارنىڭ خام ئەشيالىرى پارنىكتا چوڭ بولغانلىقىدىنمۇ؟


ئۇمۇ بار ئەمما ئاساسلىقى تېۋىپلارنىڭ تەتقىقاتقا كۈچەپ بولالماسلىقى،كۆپرەك كىتاپ كۆرۈپ، ئىزدىنىپ مەخسۇس ساھە بويىچە ئۆزىنى داۋاملىق يۈكسەلدۈرمەسلىكى شۇنداقلا بۈگۈنكى زاماندىكى يېمەك-ئىچمەك، كىلىمات، يېڭى دورىلار بىلەن ئۇچرىشىش، چۈشىنىش ئىستىكىنىڭ ئاجىز بولۇشى، دورىنىڭ مىقدارىنى تازا تولۇق ئىگەللەپ كېتەلمىگەنلىكى، پايدىلىنالايدىغان دورا خام ئەشيالىرىنىڭ تۈرلىرىنىڭ ئازلىقى، كۆلەملىشىش دائىرىسىنىڭ تولىمۇ ئاز بولۇشى،ئاز بىر قىسىم تېۋىپلارنىڭ بىر قىسىم دورىلارنىڭ ئورنىغا بىلىپ تۇرۇپ ساختا ياكى ئۈنۈمى تۆۋەن تىپلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشى، ئازىراق بىلىپلا قانائەت ھېس قىلىپ باشقا قوشنا تېبابەتلەردىن خەۋەردار بولۇشقا ئانچە قىزىقىپ كەتمەسلىكى ...دېگەندەك بىر قاتار سەۋەبلەرمۇ بار!ئومۇمەن تېۋىپنىڭ كەسپىي ساپاسىغا، ئەقىدىسىگە باغلىق ئىش...




gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 22:34:04

بىراق يەنە كۆپ قىسىم ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى! بىر قىسىم دورىلارنىڭ ئازىراق ئۈنۈمسىز تەرەپلىرىنى كۆرۈپلا بىر پۈتۈن تېبابەتكە باھا بەرسەك توغرا بولمايدۇ...

eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 22:48:33

مەنمۇ ئەلا باھالىۋەتتىم . ناھايىتى ياخشى بىلىملەركەن . مەنمۇ بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىككەن دەپ قارىدىم . بولۇپمۇ ھەرخىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ناھايىتى تەپسىلى چۈشەنچە بېرىلگەنكەن .

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 08:21:06



(مەندە ھەمەدانلىق رامتىن پاكزاد دېگەن بىرىنىڭ ئەلقانۇندىكى دورىلارنىڭ پارىسچە ئىسمى بىلەن ئەرەپچە،لاتىنچىلىرى قوشۇلۇپ جەدۋەللەشتۈرۈلگەن بىر پارچە ماقالىسى بار ، PDFنۇسخىسى ، گىياھلارنىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلىشتا قىيىنچىلىق بولسا ياردىمى تىگىدۇ . داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان نۇسخىسىدا كەرەپشە ئۇرىغىنى پىترۇشكا دەپ ئەپ قوياپتىكەن ، خىلىغىچە بىلەلمەي يۈرگەن ، شۇڭا دەيمەن )

سىزگە كۆپ رەھمەت ھەبىب ئەپەندىم!


مۇمكىن بولسا سىز دېگەن ئاشۇ ماترىياللارغا تولىمۇ ئىھتىياجلىق ئىدىم، ياردەم قىلارسىزمىكىن؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 09:14:55

11- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سەككىز يىللار ئىلگىرى ئىزدىنشىتا ھەزرەت ئىسىملىك بىر تورداش بولىدىغان.ئۆزلىرى شۇمۇ يا...؟



مەنمۇ شۇنداقمىكىن دەپ ئويلىغان. ھەزرەت ئەپەندى قايسىدۇر بىر يازمىسىدا دادىسىنىڭ ھەزرەت ئەپەندىگە توي قىلىش ھەققىدەپاراڭ قىلغاندا، ئىزا تارتىپ قىزىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى ھېلىھەم ئېسىمدە، قارىغاندا بۈگۈنكى كۈنلەردە بۇ جەھەتتىكى سەۋىيە ئۆسۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ.


ھەزرەت ئەپەندى بۇرۇن يەنە كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا قتاناشقانمۇ قانداق!؟

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 10:27:06

@gulhekim

خالىمايدىغان ئىش يوق ، بىۋاستە يوللىغىلى بولمىدى ، باشقا توربەتلەر ئارقىلىق ۋاستىلىك يوللاش بەك ئاۋارىچىلىقكەن . كىيۇكىيۇغا قوشىۋىلىپ ئاندىن خەت ساندۇقىڭلارغىلا يوللاپ بىرەي .شۇنچە تاللاپ، كىچىكلىرىنى يىغساممۇ50mb چە كەلدى . ئەلقانۇننىڭ بۇرۇنقى نۇسخىلىرىنىڭ رەسىملىرى ، بەزى كىلاسسىك كىتاپلارنىڭ كاتالوگى، ئىبىن سىنانىڭ «كىتابۇننەجات» دېگەن ئەسىرى، باشقا يەنە پارسچە،ئىنگىلىزچە ئەسەرلەر، ئاناتومىيىلىك 3Dسۈرەتلەر بار . كۆپ قىسمى ئۇيغۇر تىبابىتى ياكى يۇنان تىبابىتىگە ئائىت .ئەششىفا ، زەخىيرە خارەزىمشاھ دېگەندەك ئەسەرلەرنىڭ ئېلكىتاپ نۇسخىسىمۇ بارتى ، ئىزدىگەندە تاپقىلى بولمىدى . ئۈگىنىمەنلا دېسەك توردا ماتېريال كۆپ . بىللە پايدىلانساق بولىدۇ . پاكىستان ، ھەتتا ئەزەربەيجانلارنىڭ «ئۇيغۇر تىبابىتى ؟» توغرىسىدىكى يىقىنقى تەتقىقاتلىرى بىزنىڭكىنى نەچچە قاتلايدۇ . بىرلەشمە تەتقىقات يوق .



@hezret2011

يۇقارقى ماتېرياللارغا جۇڭگو فارماكوپىيەسىنىڭ 2010 يىللىق نەشىرىدىكى دورا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قىلىپلاشتۇرۇلغان لاتىنچە-خەنچە ئاتالغۇلىرىنى قوشۇپ تەييار قىپ قويدۇم .

لازىم بولغانلارغا ئەۋەتىپ بىرىمەن .

kamandaz يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 10:40:55

بولسا مانداق تىمىلارنى ئىنكاس يوللىغاندىن كېيىن ئاندىن كۆرگىلى بولىدىغان قىلىۋەتسەك بەك ئەۋزەلتى!

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-1-31 12:32:34

ناھايىتى بەك ساغلاپ تېمىكەن ، زەكەرنىڭ قايىم بۇلۇش بومماسلىغى تاماقنىڭ ھەزىم بۇلۇش بولماسلىغىدىنمۇ مۇھىم ....
بەت: [1]
: ئەرلىك ئاجىزلىقنىڭ بايانى