خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ ساختا ئەمەسلىكىنى ...(ياردەم)
كەسىپ ئەھىللىرىدىن خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ راست ۋە ساختىسىنى پەرىقلەندۈرۈشدىن تەلىم سورىماقچى .
بىر تونۇشۇمغا TOSHIBA Satellite C655-S5052 ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋالغان ئىدۇق ، لەپتوپنىڭ راس - ساختىلىقىغا بىرقانچە تەرەپتىن گۇمان قىلىپ قالدىم .
1. لەپتوبنىڭ سىرتقى كۆرنىشى ( ماركا خەتى ، كونۇپكا تاختىسىدىكى ئېنگىلىزچە خەتنىڭ ئاستىلىرىغا يېزىلغان ئەرەپچە خەت ، ئوپتىك دېسكا قوزغاتقۇچنىڭ ئۈستىدە ھېچقانداق خەت يوق. .. ) دە مۈجمەللىك ھېس قىلدىم .
2. Everest ياردىمىدە قاتتىق دېتاللىرىنى تەكشۈرتسەم ، ئاساسىي تاختا ، BIOS نامى " بەلگىسىز " چىقتى .
3 . E9 تور كۆركۈدە توربەتلەر كۆپ ( سەككىز ، توققۇز كۆزنەك ) ئېچىلغان ۋاقىتتا i3 CPU بولىشىغا قارىماي قېتىۋالىدۇ .
4. ئورگان توربېكىتىدىن تىزىم نومۇرى ئارقىلىق تەكشۈرسەم ،سېتىلغان ۋاقتى ۋە تىزىملىتىلغان ۋاقتى بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدىكى ۋاقىتنى كۆرسەتتى . كاپالەت ۋاقتىنىڭ توشىشىغا 8 قاپتۇ .
توردىن بۇ توغۇرلۇق ئىزدىسەم ، TOSHIBA ماركىسىدىكى بەزى لەپتوپلارنىڭ ئاساسىي تاختىسىنىڭ نامى" بەلگىسىز " ئىكەن .
دىگىنىڭز توغرىلام بولسا سىز خەنلەر قۇراشتۇرغان ساختا مەسھۇلات سىتىۋاپسىز ،ئاستا قولدىن چىقىرىۋىتپ قايتىدىن سىتىۋىلىڭ. مەنچە بۇ ئىچىكى سەپلىملىرى ئالماشتۇرۇلغان كوپىيۇتىردەك قىلىدۇ. بۇ ساختا كومپيۇتېر ، ماڭىمۇ بىرى ساختىمۇ ياكى ھەقىمۇ ئايرىپ بىرىڭ دەپ ئەكىپتىكەن، بىر قاراپلا بىلگەن بولساممۇ بىراق ئىسپاتلاشقا بىر سائەت ۋاقتىم كەتكەن،
دەسلەپتە مەن كۆرۈپ بەك ھەيران قالغان ، چۈنكى بۇنداق ساختا كوپىيۇتېر ياساش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇنلىغان مەبلەغ ۋە تىخنىكا تەلەپ قىلاتتى، ئىشلىنىشى شۇنداق سىپتا سىرتىدىن قاراپ پەرىق ئەتمەك تەس.
ئايرىشنىڭ ئەڭ ئاددي ئۇسۇلى ، ئەسلى قاتتىق دىسكا 500G ياكى 120دىن چوڭ كۆرىنىدۇ، لىكىن 3GBتىن يۇقىرى نەرسىنى كۆچۈرگلىلى بولمايدۇ،
سىسىتما قاچىلىغىلى بولمايدۇ، ئىشقىلىپ نورمال مەشغۇلات قىلغىلى بولمايدۇ، خاتالىق ئۇچۇرى بەك كۆپ چىقىۋالىدۇ. بەك يىنىك، ئاساسەن بۇ توشىبا ماركىلىق بولىدۇ،
كىيىن ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ئىسپاتىلغاندىن كىيىن 500G قاتتىق دىسكا 5G ئەسلىدىكى ئىچكى2G ساقلىغۇچ 64MB ئەسلىدىكى T7250 CPU تۆۋەن يوقلا بىر نەرسە چىققان ، ھازىرقى يانفوندىنمۇ تۆۋەن
مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بىر قانچە سەۋەب لەپتوپنى قايتۇرۇش ياكى يېڭىسىغا ئالماشۇرۇشقا يەتەرلىكمىدۇ ؟ دۇككاندارنى قايىل قىلالارمۇ ؟
TOSHIBA ماركىلىق لەپتوپنىڭ ئاساسىي تاختىسىغا ، باشقا شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ ئىشلىتىلەمدۇ ؟
بۇندىن باشقا يانا ئۆنۈملۈك ئسپاتلاش چارىلىرى بارمۇ ؟
3- قەۋەتتىكى antonioنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ئىسپاتىلغاندىن كىيىن 500G قاتتىق دىسكا 5G ئەسلىدىكى ئىچكى2G ساقلىغۇچ 64MB ئەسلىدىكى T7250 CPU تۆۋەن يوقلا بىر نەرسە چىققان ، ھازىرقى يانفوندىنمۇ تۆۋەن
ئسپاتلاشتا قايسى يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكەنتىدىڭىز ؟
ئەگەر سىز مەخسۇس سىتىش دۇكىنىدىن ئالغان بولسىڭز ساختا ئەمەس،لىكىن سۈپىتى تازا ياخشى ئەمەسDELL HP دەك ئەمەس، بۇ ماركا ئىمپورت قىلىغان (چەتنىڭ ماركىلىرى ئىچىدە) ئەڭ ناچار ھىسابلىنىدۇ، شۇڭا باشقا لەپتوپلاردىن ئەرزان ، ئەگەر رىمۇنت كاپالىتى بولسا ئالماشتۇرۇپ بىقىڭ ، ئەلۋەتتە ساتقۇچىلارغا يىتەرلىك باھانە بولمىسا بولمايدۇ.
بۇ ئۇسۇل توغرا بولمىسىمۇ، بوپتۇ دەپ بىرەي پەقەت بولمىسا شۇنداق قىلىڭ، ئەگەر رىمۇىت كاپالىتى بولمىسا ھەرگىز بۇنداق قلماڭ،
1- ئەگەر سىز دە توك كالتەك بولسا لەپتونى قوزغۇتۇپ ، توك سوقتۇرۋەتسىڭز بولىدۇ، بۇ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل
2-توڭلىتىش لەپتوپنى توڭلاتقۇغا سىلىپ 24سائەت توڭلاتسىڭز بولىدۇ، ئەلۋەتتە بىۋاستە سىلىشقا بولمايدۇ، سۇلىياۋدەك نەرسىلەرگە ياخشى ئوراپ سىلىڭ ، كىيىن قوزغاتسىڭزلا بولىدۇ، بىراق بۇ ئۇسۇل ياخشى ئەمەس ، تەسساددىبي ئىچدە سۇ يىغىلىپ قالسا ، ئالماشتۇرۇپ بىرىشكە ئۇنىمايدۇ، ياكى زاۋۇتتىن قايتۇرۋىتىدۇ،
باشقا ئۇسۇللارنى دىمەي ئۇلارنى كەسسىپ ئەھلى قىلمىسا بولمايدۇ،
ئىسپاتلاشقا كەلسەك
بىر ئامالنى قىلىپ سىز ئوپتىك دىسكا ياكى بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇپ، رايونغا ئايرىش دىتالىرى بىلەن رايونغا ئايرىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭدا قاتتىق دىسكىنى ئىنىقلىيالايسىز، بىر ئامالنى قىلىپ باشقا مەشغۇلات سىسىتمىسى قاچىلاش كىرەك ئەسلىدە بار بولغان سىسىتىمىسدىن باشقا قانداق بىر سىتىمىنى قاچىلىسىڭز بولىدۇ، لىكىن بەك ئاۋارچىلىق، سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئىسپاتلاپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتېر ئۆزىدە بولغان سىسىتمىنى ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولمايدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىسىڭىز كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش مومكىن ئەمەس، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرغا پىششىق بولمىسىڭز سىنىمايلا قويۇڭ. ئىمكان بولسا يىڭسىنىلا سىتىۋىلىڭ ،،،
6- قەۋەتتىكى antonioنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەگەر سىز مەخسۇس سىتىش دۇكىنىدىن ئالغان بولسىڭز ساختا ئەمەس،لىكىن سۈپىتى تازا ياخشى ئەمەسDELL HP دەك ئەمەس، بۇ ماركا ئىمپورت قىلىغان (چەتنىڭ ماركىلىرى ئىچىدە) ئەڭ ناچار ھىسابلىنىدۇ، شۇڭا باشقا لەپتوپلاردىن ئەرزان ، ئەگەر رىمۇنت كاپالىتى بولسا ئالماشتۇرۇپ بىقىڭ ، ئەلۋەتتە ساتقۇچىلارغا يىتەرلىك باھانە بولمىسا بولمايدۇ.
بۇ ئۇسۇل توغرا بولمىسىمۇ، بوپتۇ دەپ بىرەي پەقەت بولمىسا شۇنداق قىلىڭ، ئەگەر رىمۇىت كاپالىتى بولمىسا ھەرگىز بۇنداق قلماڭ،
1- ئەگەر سىز دە توك كالتەك بولسا لەپتونى قوزغۇتۇپ ، توك سوقتۇرۋەتسىڭز بولىدۇ، بۇ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل
2-توڭلىتىش لەپتوپنى توڭلاتقۇغا سىلىپ 24سائەت توڭلاتسىڭز بولىدۇ، ئەلۋەتتە بىۋاستە سىلىشقا بولمايدۇ، سۇلىياۋدەك نەرسىلەرگە ياخشى ئوراپ سىلىڭ ، كىيىن قوزغاتسىڭزلا بولىدۇ، بىراق بۇ ئۇسۇل ياخشى ئەمەس ، تەسساددىبي ئىچدە سۇ يىغىلىپ قالسا ، ئالماشتۇرۇپ بىرىشكە ئۇنىمايدۇ، ياكى زاۋۇتتىن قايتۇرۋىتىدۇ،
باشقا ئۇسۇللارنى دىمەي ئۇلارنى كەسسىپ ئەھلى قىلمىسا بولمايدۇ،
ئىسپاتلاشقا كەلسەك
بىر ئامالنى قىلىپ سىز ئوپتىك دىسكا ياكى بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇپ، رايونغا ئايرىش دىتالىرى بىلەن رايونغا ئايرىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭدا قاتتىق دىسكىنى ئىنىقلىيالايسىز، بىر ئامالنى قىلىپ باشقا مەشغۇلات سىسىتمىسى قاچىلاش كىرەك ئەسلىدە بار بولغان سىسىتىمىسدىن باشقا قانداق بىر سىتىمىنى قاچىلىسىڭز بولىدۇ، لىكىن بەك ئاۋارچىلىق، سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئىسپاتلاپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتېر ئۆزىدە بولغان سىسىتمىنى ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولمايدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىسىڭىز كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش مومكىن ئەمەس، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرغا پىششىق بولمىسىڭز سىنىمايلا قويۇڭ.
نىمىگە ئاساسەن توشىبانى ئەڭ ناچارغا چىقىرۋەتتىڭىز،ئەرزان بولسىلام ئەڭ ناچىرى بولامدىكەن،مەن ئىشلىتۋاتقىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى شۇنداق نورمال گەرچە كەسپى خادىم بولمىساممۇhp، dell دىن ياخشى دەپ قارايمەن،بەزى ۋەتەنپەرۋەر جوڭگۇلىقلار نەزىرىدە ياپۇن ماركىسى ناچا شۇڭا تور بەتلەتدە ياپۇن ماركىسىنى سۆكۈش كۆپ،،،،
ھەمنەزەر بولغىنىڭىزلارغا تەشەككۈر .
بۈگۈن خاتىرە كومپيۇتېر سېتىش ئورنىغا باردۇق . مۇلازىمەت مەركىزىدىكى مەسئۇل خادىم لەپتوپنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ، مەن سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بەردى .
* ئاساسىي تاختا ۋە بىيوس نامىنىڭ چىقماسلىقى نورمال ئەھۋال . زاۋۇتتىن شۇنداق كەلگەن . بىز قۇراشتۇرالمايمىز .
* بۇ مودەل ئامېرىكا مودىلى بولغانلىقتىن كونۇپكا تاختىسىدىكى ئەرەپچە خەتلەر ئەسلى زاۋۇتتىن بىللە بېسىلىپ چىقمىغان ، دۇبەيگە كەلگەندىن كېين شىركەت تەرىپىدىن لازىر نۇر ئارقىلىق بېسىلغان .
* لەپتوپنىڭ كاپالەت ۋاقتى توشىبا تورىدىكى كاپالەت ۋاقتى بىلەن ئەمەس ، سېتىلغان ۋاقتىدىكى ( تالوندىكى ) ۋاقىت بويىچە بولىدۇ . بىر يىل جەريانىدا لەپتوپدا قانداق مەسىلە كۆرىلسە ئۆزىمىز مەسئۇل بولىمىز .
سۆزلىشىش جەريانىدا يېنىمىزغا شىركەتنىڭ مەسئۇل خادىمى كىلىپ ، شىركىتنىڭ 30 - يىللىق تىجارەت يولىنى باسقان ، تەقلىدىي ( ساختا ) مەھسۇلاتتىن يىراق ، ئىناۋەتنى ئەلا بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،بىزنىڭ بىھۇدە ئەندىشىدە بولماسلىقىمىزنى تەۋسىيە قىلدى .
‹‹ مەرتنى مەيداندا سىنا ›› دىگەندەك ئەندى راست - يالغانلىقىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىلىنىدىغان بولدى .
مەنمۇ بىر سونىي ماركىلىق لەپتوپ سېتىۋالغان ئىدىم ،لىكىن ئوپتىك دېسكا ئوقۇغۇچتىن سېستىما قاچىلغىلى بولمايۋاتىدۇ.
تىپى vpsek-111t