ئەجداتلىرىمىز 2400 يىل بۇرۇنلا لەڭمەن يىگەنمۇ[كۆچۈرۈلمە]
ئەجداتلىرىمىز 2400 يىل بۇرۇنلا لەڭمەن يىگەنمۇبۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئامېرىكا << ئارخېئولۇگىيە ئىلىمى >> ژورنىلىغا بېسىلغان << 2011-يىللىق دۇنيادىكى ئون چوڭ ئارخېئولوگىيىلىك بايقاش >> دىگەن ماقالىسىگە پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزا سۇ بېشى 3-نومۇرلۇق قەدىمىي قەبرە توپىدىن بايقالغان 2400 يىللىق تارىخقا ئىگە تېرىق ئۇنىدىن تەييارلانغان چۆپمۇ كىرگۈزۈلدى. مۇخبىر مۇناسىۋەت بىلەن 12-يانۋار تۇرپارنغا بېرىپ، سۇ بېشى 3-نومۇرلۇق قەدىمى قەبرە توپىنى قىزىشقا قاتناشقان پىشقەدەم ئارخېئولوگ لو ئىنگو ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملارنى زىيارەت قىلدى.
شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ پېنسىيىگە چىققان تەتقىقاتچىسى لو ئىنگو موخبىرغا سۇ بېشى 3-نومۇرلۇق قەبرە توپىنىڭ بايقىلىشى توغرىسىدىكى ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى.
قەبرىستانلىقتا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يادىكارلىقلار بايقالدى. ئارخېئولوگلار قايتا-قايتا ئۆلچەش، ھىساپلاش ئارقىلىق قەدىمى قەبرىستانلىقنىڭ 700 كۋادرات مېتىر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. 3-نومۇرلۇق قەبرە توپىدىن ناھايىتى كۆپ مىقتاردا ساپال، تۆمۈر، تاشتىن ياسالغان تېپىلمىلارنى تاپقان. بۇنىڭىدىن باشقا نۇرغۇن ئاشلىق، ئۇرۇق بايقالغان. ئۇلارنى ھەممىدىن بەك ھاياجانغا سالغىنى مۇكەممەل ساقلانغان 10 نەچچە قۇرۇق جەسەتنىڭ بايقىلىشى ئىدى. جەسەتلەرنىڭ ئۇچىسىدىكى كېيىم-كىچىكى ناھايىتى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، ئەينى چاغدىكى خەلقنىڭ كېيىنىش، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى توغرىسىدا نۇرغۇن يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەنگەن ئىدى. سۇ بېشى 3-نومۇرلۇق قەدىمكى قەبرە توپىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياۋرۇپا ئىرىقىدىن ئىكەن. 4-نومۇرلۇق لەھەتتە بىر دانە ئوقيا بايقالغان بولۇپ، بۇ رايۇنىمىز ئارخىئولۇگىيە ساھەسىدە ئاز كۆرۈلىدىغان بايقاش ئىكەن.
2400 يىل بۇرۇنقى تېرىق ئۇنىدىن تەييارلانغان چۆپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايەن بولدى
قېزىش خىزمىتى داۋاملىشىپ 20 نەچچە كۈندىن كېيىن 27-نومۇرلۇق ئەر-خوتۇن بىللە كۆمۈلگەن لەھەتنى تەكشۈرىۋىتىپ، لو ئىنگونىڭ ئېيتىشىچە ئەر جەسەت 40 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، 2400 يىل ئىلگىرىكى دەۋردە ياشىغان چارۋىچى ئىكەن. ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى ئۇچىسىغا قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن كىيىم، بېشىغا ئۇچلۇق باش كىيىمى كېيىۋالغان ئىكەن. لەھەتتىن يەنە جەسەت بىلەن بىللە دەپنە قىلىنغان سېغىز قاچا، ساپال ئىدىش قاتارلىق بويۇملار بايقالغان. بۇ قاچىلارنىڭ ئىچىدە تېرىق، پىشلاق قاتارلىق يىمەكلىكلەر بار ئىكەن. لو ئىنگو قاتارلىقلار بىللە دەپنە قىلىنغان تېپىلمىلارنى تازىلاش جەريانىدا ئارىسىدىكى بىر قاچىدا چۆپكە ئوخشايدىغان بويۇمنى بايقاپ قالغان، تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسەن بۇ بايقالغان نەرسىنىڭ بۇغداي، تېرىق ئۇنىدا ئېتىلگەن يىمەكلىك ئىكەنلىكى بېكىتىلدى.
ئۇلار كېيىنكى تەكشۈرۈش، قىزىش خىزمىتىدە تۈگۈر، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى بايقىدى، بىراق چۆپ تۈرىدىكى يىمەكلىكنىڭ بايقىلىشى تۇنجى قېتىم ئىدى. ئارخېئولۇگلار ئەينى ۋاقىتتا بۇنى لەڭمەن چۆپى دەپ قارىغان ئىدى. لەڭمەن چۆپىنىڭ بايقىلىشى ئارخېئولوگىيە نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئەينى چاغدىكى تۇرپان پىچاندىكى ئاھالىلەرنىڭ يىمەكلىك ئادىتىنى تەكشۈرۈشتە ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ ئاللىقاچان بۇغداي، تېرىقنىڭ ئۇنىدىن پايدىلىنىپ چۆپ ئېتىش تېخنىكىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قاچىدىن قوناق نېنى بايقالغان بولۇپ، بۇ بەلكىم بىز ھازىر يەۋاتقان نېنىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى بولۇشى مۇمكىنكەن.
لو ئىنگو موخبىرغا:
-سۇ بېشى قەدىمكى قەبرە توپىنىڭ بايقىلىشى رايۇنىمىز ئارخېئولۇگىيە تەتقىقاتىدىكى زور بۆسۈش ھىساپلىنىدۇ. شۇنداقلا بىزگە تۇرپاننىڭ تارختىن بويانقى مەدەنىيىتىنىڭ قىسقىچە كارتىسىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىللە، قەدىمكى << سۇ بېشى مەدەنىيتى >> نى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى،-دىدى.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2012-يىل 18-قەھرىتان سانىدىن ئېلىندى
ئاپتۇرى: ئەزھەر قادىر، ئابدۇرىھىم ئىسمائىل
ھەپتە يەتتە كۈن، بىر ئاي 30 كۈن، بىر يىل 365 كۈن لەغمەنگە ئامراقلىقىم ئەسلى ئەجدادلېرىمدىن ئىرسىيەت قالغانمىكىن دەيمەن. پەيشەنبە كۈنى بىر دوستۇم تۇرپاندىن تاشقا ئايلانغان لەغمەن چىقىپتۇ، cctv دا بەردى دېۋىدى.
2- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پەيشەنبە كۈنى بىر دوستۇم تۇرپاندىن تاشقا ئايلانغان لەغمەن چىقىپتۇ، cctv دا بەردى دېۋىدى.
گويىرۇ لەغمەن چىقىپتۇمۇ يا ئۆي لەغمىنى ؟.............. ئىشقىلىپ بىر نىمە يىيىشى كىرەك ئىدى
ئامىرىكا دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغىلى ئاران 240 يىل بولدى،«ئەجدادىم»2400يىل بۇرۇن لەغمەن يىگەنىكەن ،
840يىلى غەرىپكە كۆچكەنلەر كىم بولاپ كەتتى ئەمدى؟
3- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پەيشەنبە كۈنى بىر دوستۇم تۇرپاندىن تاشقا ئايلانغان لەغمەن چىقىپتۇ، cctv دا بەردى دېۋىدى.
گويىرۇ لەغمەن چىقىپتۇمۇ يا ئۆي لەغمىنى ؟..............
خاشۇ خالتىلىق تەييار چۆپ چىقىپتۇ. ئىنكاسىم غەيرى تۇيۇلدىما؟ 840-يىلى پانتېكىن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇنمۇ ئىدىقۇت دىيارىدا 9 ئۇيغۇرنىڭ بىر بۆلىكى ياشاپ كەلگەن. پانتېكىن ئەسلى بار بولغان ئەجدادلىرىمىز بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىدىقۇت دۆلىتىنى قۇرغان خالاس...
7- قەۋەتتىكى tanhaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
840-يىلى پانتېكىن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇنمۇ ئىدىقۇت دىيارىدا 9 ئۇيغۇرنىڭ بىر بۆلىكى ياشاپ كەلگەن. پانتېكىن ئەسلى بار بولغان ئەجدادلىرىمىز بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىدىقۇت دۆلىتىنى قۇرغان خالاس...
بۇ توغرىلىق گەپ ئېچىشىپ قالدۇق،ئەمدى دىيىشمەي بولمىدى،مەن سىزنىڭ ھۆكۈم جۇملىڭىزنى تۈمەنمىڭ قىتىم ئاڭلىدىم ھەم ئۆزەممۇ ئاشۇنداق بولۇشىنى ئۈمۈت قىلدىم بىراق بۇ توغرىلىق پەرەزلا ئاڭلىدىم ئەمما ھىچكىم ماتىرىيال ياكى نوپۇزلۇق تەتقىقات نەتىجىسى تەمىنلەپ بىرەلمىدى،سىزدە بولسا بىرەرنى ئەۋەتمەمسىز؟...
كەچۈرۈڭ يوليار ........... خاتالىشىپتىمەن .
قەيسەر قېيۇمنىڭ ھاراق كىرزسسى دىگەن ھىكايسىىنى يوللاپ يېرىمىغا كەلسەم ،يوقاپ كەتتىيا ؟ تېما ئۆچۈرۈلسە ئۇچۇر كېلەتتى ،ئۇچۇرمۇ يوق ؟ سانسارا، شۇ توغرىسىدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،ئەسەت سۇلايمان قاتارلىق ئونلىغان ئۆلىمالارنىڭ يىغىپ كەلسە ئىككى ئەسىرلىك ئەمگىكى بار.ھازىرلا دىيىشكە توغرا كەلسە:«قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا». لەغمەن يىگەن بولسا ئېشىپ قالغاندا سومەنمۇ قىلىپ يەيدۇ بەلكىميەنە ئىزدەپ باقماي شۇ لەغمەن چىققان يەرنىڭ ئۆپ-چۆرىسىنى لەڭمەن دىگەن قايەرچە ئاتالغۇ بولغىيدى ؟
mushu zhornal shughu deymen
bu leghmen
نىمانداق تور بەت سېستىمىسى بۇ؟
ھەر قېتىم ئىنكاس يوللىسام كۆپەيتىلىپ چىقىدىيا؟
باشقۇرغۇچىلار، ئوشۇغىنى ئۆچۈرۈۋەتسەڭلار بېسىپ سالغان لەغمەن ئىكەندە بۇ،
2011-يىللىق ئون چوڭ ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشنىڭ بىرى بۇ.
قىزىقارلىق يېرى،بۇنى دەرىجىگە تىزغان تەشكىلات ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يوللىغان «مۇھىم»بايقاشلىرىغا ئاساسلانماي،خەلقارالىق ژورناللاردىن ماتىرىيال توپلاپ تىزىپ چىقىپتىكەن.چۈشەندىڭلارمۇ؟
8- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
7- قەۋەتتىكى tanhaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
840-يىلى پانتېكىن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇنمۇ ئىدىقۇت دىيارىدا 9 ئۇيغۇرنىڭ بىر بۆلىكى ياشاپ كەلگەن. پانتېكىن ئەسلى بار بولغان ئەجدادلىرىمىز بىلەن كۆچۈپ كەلگەنلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىدىقۇت دۆلىتىنى قۇرغان خالاس...
بۇ توغرىلىق گەپ ئېچىشىپ قالدۇق،ئەمدى دىيىشمەي بولمىدى،مەن سىزنىڭ ھۆكۈم جۇملىڭىزنى تۈمەنمىڭ قىتىم ئاڭلىدىم ھەم ئۆزەممۇ ئاشۇنداق بولۇشىنى ئۈمۈت قىلدىم بىراق بۇ توغرىلىق پەرەزلا ئاڭلىدىم ئەمما ھىچكىم ماتىرىيال ياكى نوپۇزلۇق تەتقىقات نەتىجىسى تەمىنلەپ بىرەلمىدى،سىزدە بولسا بىرەرنى ئەۋەتمەمسىز؟...
ت.ئالماس \"ئۇيغۇرلار\" ناملىق ئەسىرىدە بۇ ھەقتە خېلى كۆپ دەلىل-ئىسپات كۆرسەتكەن. خېلى توم سوزۇلغان لەغمەن ئىكەنلىكىگە قارىغاندا بۇنى بويى 1.80 دىن 2.00 مېتىرغىچە بولغان قاۋۇل ۋە گەۋدىلىك ئىنسانلار يىگەن لەغمەنمىكىن . ھازىرقى جۇغى كىچىكلەردىن بۇنداق توم يوغان سوزۇلغان لەغمەن يەيدىغانلار ئاز جۇمۇ .