ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ خوراش ئەھۋالى
كومپيۇتېرىمغا win7 قاچىلانغان، كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ ھېچقانداق پروگراممىنى ئىجرا قىلماستىلا قارىسام، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ يېرىمى ئىشلىتىلگەن ھالەتتىكەن(ئىچكى ساقلىغۇچىم 4G) ، بىراق ئىجرا بولىۋاتقان پروگراممىلارغا قارىسام، ئۇلار ئىگىلىگەن ئىچكى ساقلىغۇچ سېغىمىنىڭ يېغىندىسى، ئىشلىتىلگىنىدىن خېلىلا ئاز(تۆتتىن بىرىگىمۇ تورغا كەلمەيدۇ). دىمەكچى، ئىچكى ساقلىغۇچنى خورىتىپ تۇرۇپ، ئىجرا بولىۋاتقان پروگراممىلار تۈرىگە كىرمەيدىغان پروگراممىلارمۇ بارمۇ؟ (كومپيۇتېرىمدا ۋىرۇس بولۇش ئېھتىماللىقى يوق). كومپيۇتېرنىڭ زاپچاسلىرىنى(كۆرسىتىش كارتىسى قاتارلىق) تونۇتۇش پروگراممىلىرى ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگىلىگەن ھالەتتە تۇرمايدىغاندۇ؟
ئىگەللىۋېلىنغان ئىچكى ساقلىغۇچ زادى قەيەردە بولىشى مۇمكىن؟ دىئاگنوز قويۇشۇپ بەرسەڭلار.
ئادەتتە 1GB ئىچكى ساقلىغۇچلۇق كومپيۇتېردا Win7 نى ئىشلەتسەكمۇ باشقا پروگرامما ئىجرا قىلىنمىغان ئەھۋالدا تەخمىنەن يېرىمىدىن سەل كۆپرەكى ئىشلىتىلگەن دەپ كۆرۈنىدۇ. 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچتىمۇ بۇنداق بولىدىغىنىنى بىلمەيدىكەنمەن.
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ، يەنە يوللاپ تۇرارسىز
سىزنىڭ كۆرسىتىش كارتىڭىز توپلاشتۇرۇلغانمۇ ياكى مۇستەقىلمۇ؟ئەگەر توپلاشتۇرۇلغان سىنكارتا بولسا سىز تېمىدا دىگەندەك ئەھۋال كېلىپ چىقىشىمۇ مومكىن،ئەمما چوقۇم شۇنداق بولىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن. 4G لىق ئەسلەك(ئىچكى ساقلىغۇچ)نى سىستېما ئۆزى قوللىغانمۇ؟ چارە ئىشلەتكەنمۇ؟ ئەسلەك----بۇ قىلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇما؟..............لېكىن كۆنگەن يامان دەپ ئىچكى ساقلىغۇچ قا كۆنۈپتىمىز....
4- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4G لىق ئەسلەك(ئىچكى ساقلىغۇچ)نى سىستېما ئۆزى قوللىغانمۇ؟ چارە ئىشلەتكەنمۇ؟
زاۋۇتتىن 4G لىق ئىچى ساقلىغۇچ بىلەن چىققان ماشىنا.
3- قەۋەتتىكى taklimakan10نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىزنىڭ كۆرسىتىش كارتىڭىز توپلاشتۇرۇلغانمۇ ياكى مۇستەقىلمۇ؟
ئەگەر توپلاشتۇرۇلغان سىنكارتا بولسا سىز تېمىدا دىگەندەك ئەھۋال كېلىپ چىقىشىمۇ مومكىن،ئەمما چوقۇم شۇنداق بولىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن.
توپلاشتۇرۇلغان كۆرسىتىش كارتىسىمۇ بار،1G مۇستەقىل كارتىمۇ بار، قوش كارتىلىق. زاۋۇتتىن شۇنداق چىققان goodluck ئەپەندىم كومپىيوتورۇم يەنىلا ئوڭشالمىدى.ئۇيغۇرچە خەت يازسام يەنىلا تەتۈر چىقىدۇ
8- قەۋەتتىكى berna0نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
goodluck ئەپەندىم كومپىيوتورۇم يەنىلا ئوڭشالمىدى.ئۇيغۇرچە خەت يازسام يەنىلا تەتۈر چىقىدۇ
توۋا، بېيجىڭدىكى كومپيۇتېرلارمۇ بۇزۇلۇپ قالامدۇ دەيمەندە . تەتىلدە قايتىشىڭىزدا ئالغاچ كېلىڭ ئۆزۈم بىر قوللۇق تۈزىۋىتەي. @ goodluck قايسى كۈنى ئۇستازىم ساپ ھەسەلنى نەچچە مىڭ يىلغىچە ساقلىغىلى بولدۇ،بۇزۇلۇپ قالمايدۇ دېگەنتى.
ئەمدى شۇ ھەسەل بولمىغاندىكىن بۇزىلدىكەن،يا تۈزۈك-مۈزۈك ياساپ بەرمىدىڭز 4G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ بار بولسا 64 بىتلىق سېستىما ئىشلىتىڭ. 32 بىتلىق سېستىمىدا 3G دىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى تونۇمايدۇ. سېستىمىغا ياماق سېلىپ 3G دىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى تونۇتقىلى بولسىمۇ، سېستىما باشقىچىلا بوپ قالدىكەن
11- قەۋەتتىكى buluttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ بار بولسا 64 بىتلىق سېستىما ئىشلىتىڭ. 32 بىتلىق سېستىمىدا 3G دىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى تونۇمايدۇ. سېستىمىغا ياماق سېلىپ 3G دىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى تونۇتقىلى بولسىمۇ، سېستىما باشقىچىلا بوپ قالدىكەن
بۇغۇ بولىدىغان گەپكەن، 32 بىتلىق سىستېمىدا ئىشىتىلىۋاتقان يۇمشاق دېتاللارنىڭ 64 بىتلىق نۇسخىسىنى تېپىش ئاۋارچىلىق بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئاستىلاپ كەتمىگەندۇ؟ نورمال ئىشلىسە بوغىنى. 4G لىق RAM تۇرۇپ پىخسىغلىق قىلماڭلا ئانداق {:92:}
8- قەۋەتتىكى berna0نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
goodluck ئەپەندىم كومپىيوتورۇم يەنىلا ئوڭشالمىدى.ئۇيغۇرچە خەت يازسام يەنىلا تەتۈر چىقىدۇ
ئەرەپچە يامىقىنى قاچىلاپ بىقىڭ.ئەلكاتىپنىڭ 5.7 نى قاچىلسىڭىز بۇلىدۇ.
12- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
11- قەۋەتتىكى buluttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ بار بولسا 64 بىتلىق سېستىما ئىشلىتىڭ. 32 بىتلىق سېستىمىدا 3G دىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى تونۇمايدۇ. سېستىمىغا ياماق سېلىپ 3G دىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى تونۇتقىلى بولسىمۇ، سېستىما باشقىچىلا بوپ قالدىكەن
بۇغۇ بولىدىغان گەپكەن، 32 بىتلىق سىستېمىدا ئىشىتىلىۋاتقان يۇمشاق دېتاللارنىڭ 64 بىتلىق نۇسخىسىنى تېپىش ئاۋارچىلىق بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
64 بىتلىك دىتال قاچىلغىلى بولماسمىكى32 بىتلىك سىستىمىدا. چوڭ شىركەتلەرنىڭ دىتاللىرى خىلى بار،لىكىن يەنىلا ئاز.
14- قەۋەتتىكى yulhunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى berna0نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
goodluck ئەپەندىم كومپىيوتورۇم يەنىلا ئوڭشالمىدى.ئۇيغۇرچە خەت يازسام يەنىلا تەتۈر چىقىدۇ
ئەرەپچە يامىقىنى قاچىلاپ بىقىڭ.ئەلكاتىپنىڭ 5.7 نى قاچىلسىڭىز بۇلىدۇ.
windows7 گە offi2003 نى قاچىلىسا ئۇيغۇرچە خەت نورمال چىقمايدۇ. بۇ تېمىدىن پايدىلىق گەپلەر چىقىۋېتىپتۇ. بىر كىشلىك ئۇرۇن ئەپ قۇياي.
16- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
14- قەۋەتتىكى yulhunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى berna0نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
goodluck ئەپەندىم كومپىيوتورۇم يەنىلا ئوڭشالمىدى.ئۇيغۇرچە خەت يازسام يەنىلا تەتۈر چىقىدۇ
ئەرەپچە يامىقىنى قاچىلاپ بىقىڭ.ئەلكاتىپنىڭ 5.7 نى قاچىلسىڭىز بۇلىدۇ.
windows7 گە offi2003 نى قاچىلىسا ئۇيغۇرچە خەت نورمال چىقمايدۇ.
office2010 toolkitدىن پايدىلىنىپ 2003 نى پاكىز يۇيۇپ قايتا قاچىلاپ بىقىڭ.يۇغاندا 2003 دەپ تاللاپ يۇيۇڭ.ئەگەر قاچىلغان سىستىما ghost بولسا ئەلكاتىپ 5.7 نى ياكى ئالىپ 8.1 نى قاچىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
بەت:
[1]