ئابدىمىلىك
خەنزۇچە نامى :蓖麻
ئىلمى نامى :Ricinus communis
بەلكىم يادىڭىزدا بولسا كېرەك. بۇرۇنلاردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھويلىسىدا ئابدىمىلىك تېرىلاتتى . ھەممىمىز ئابدۇملىك ئۇرۇغنى يىيىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ياسىلىپ چىققان ماينىڭ ئايرۇپىلانلارنىڭ ئالى دەرجىلىك سىلىقلاش مېيى ئىكەنلىكىنى ئۇ بۇ يەردىن ئاڭلاپ قالاتتۇق. ھازىر تارقاق ھالەتتە ئابدۇمىلىك ئۆستۈردىغان ئىشلار ئانچە قالمىدى،نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۆسۈملۈكنى تونىمايدۇ ، بەزى ئەھۋاللاردا بۇنىڭ مىۋىسىنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەي يەپ قويۇپ،زەھەرلىنش كىلىپ چىقىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئاندۇ-ساندا ئۇچراپ تۇرىدۇ .
ئابدۇمىلىكنىڭ ئەسلى ئۆستۈرۈلدىغان يېرى ئافرىقىنىڭ شەرقى قىسمى بولۇپ، ئاستا-ئاستا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تارقالغان .ھازىر تروپىك بەلباغ، مۆتىدىل بەلبەغدا كەڭ ئۆستۈرۈلمەكتە .دۆلىتىمىزگە بولسا بۇنىڭدىن1400يىل بۇرۇن ھېندىستاندىن تارقىلىپ كىرگەن. ئابدۇمىلىك ئىقتىسادى قىممىتى ناھايىتى يۇقرى مايلىق ئۆسۈملۈك بولۇپ،ئاندىنقى ئەسىرنىڭ ئاخرغىچە بىرازىليە،ھېندىستان ۋە جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان ئابدۇمىلىك دۇنيا ئابدۇمىلىك مىقدارىنىڭ80%نى تەشكىل قىلغان .
ئابدۇمىلىك تەركىبىدىكى ماي مىقدارى50%ئەتراپىدا بولۇپ، ئابدۇمىلىك مېيى -18سېلسىيە گرادۇس تىمپۇراتۇردىمۇ قېتپ قالمايدۇ، 500-600سېلسىيە گىرادۇس تىمپۇراتۇردا شەكلى ئۆزگەرمەيدۇ،كۆيمەيدۇ . شۇڭلاشقا ئابدۇمىلىك مېيى سىلىقلاش مېيى قىلىپ ئىشلىتىدۇ. خېمىيە سانائىتى،توقۇمچىلىق،بوياش سانائىتى، مەتبەچىلىك، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەتلەردە ئابدۇمىلىك مېيى رەڭ بەرگۈچى،سىلىقلاش مېيى،پلاستىكلاشتۇرغۇچى(增塑刑)،ئېمۇلسىيىلەشتۈرگۈچى(乳化刑)،مىنېرال بوياق قاتارلىق ئوخشىمىغان ئىشلاردا ئىشلىتىدۇ.
ئابدۇمىلىك ئۇرۇقىلا ئەمەس،ھەممە يېرىدىن‹پۇل تېمىپ تۇرىدۇ›. ئابدۇمىلىك غولىدىن ئارغامچا،تانا ئىشلەشكە بولىدۇ.ئابدۇمىلىكنىڭ شاخلىرىدا زەھەرلىك ئاقسىل بولۇپ، ئۇ يەردە پارازىت قۇرۇتلار ياشىيالمايدۇ.شۇڭلاشىقا ئابدۇمىلىكنى ماتېريال قىلىپ ئىشلەنگەن ئوراش مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن دۇنيادا تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان مەھسۇلاتلار تىپىغا كىرىدۇ.تببى ساھەدا بولسا ئابدۇمىلىك دورىلىق ئۆسۈملۈك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،ئەمما ئۇنىڭ زەھىرى بولغانلىقى ئۈچۈن،پەقەت سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ .
ئابدۇمىلىك زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇرۇن تەتقىقاتچىلار ئابدۇمىلىك ئۇرۇقىنىڭ پوستىنى ئېلىۋىتىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرنى ئايرىپ ئېلىپ، ئاق قان كىسىلىK562ھۈجەيرىسى،چوڭ ئۈچەي راكى SW480ھۈجەيرىسى قاتارلىق ھۆجەيرىلەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ كۈزەتكەندە،ئابدۇمىلىك زەھىرىنىڭ قويۇقلىقى ناھايىتى تۆۋەن ئەھۋالدىمۇ،ئۇنىڭ زەھەرلىك خۇسۇسىيتىنىڭ يوقالمايدىغانلىقىنى بايقىغان .بۇ نۇقتىلار ئالىملارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ،ئابدۇمىلىك زەھىرى ئارقىلىق ئۆسمە كىسەللىكلىرىنى كونتىرول قىلىش ئارزۇسىدا بولماقتا.
ئابدۇمىلىك تەركىبىدىكى زەھەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى زەھەرلىك ئاقسىل ۋە ئابدۇمىلىك زەھەر ماددىسى بولۇپ، ئۇ زەھەر رەڭسىز،پۇراقسىز.ئادەم بەدىنىدە ئاقسىلنىڭ سىنتىزلىنىشىنى توسۇپ، قىزىل قان ھۆجەيرىسىنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .70-100مىكروگىرام ئابدۇمىلىك زەھىرى ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىشقا يىتىدۇ.ئۇنىڭ زەھىرى ئورگانىڭ فوسفۇر نېرۋا زەھىرىنىڭ 300ھەسسىسىگە،سيانىدلارتۈرىدىكى(氰化物) زەھەرنىڭ6000ھەسسىسىگە،كۆزئەينەكلىك يىلان زەھىرىنىڭ 2-3ھەسسىگە توغرا كىلىدۇ . بەزى ماقالىلەردە دىيشچە،كىچىك بالىلار 2-6تالغىچە، قۇرامىغا يەتكەنلار20تال ئەتراپىدا ئابدۇمىلىك ئۇرۇقىنى يەپ سالسا جېنىنى ئالىدۇ .
ئابدۇمىلىكنى ئۇقۇشماستىن يەپ قالغاندا مىقدارى ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئادەم بەدىنىدە1-5سائەتكىچە يوشۇرۇن مەزگىلى بولىدۇ. زەھەر ئادەم بەدىنى تەرپىدىن سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن،قۇسۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، باش قېيىش،ئىچى سۈرۈش،تەرەتتىن قان كىلىش، كىچىك تەرىتى ئازلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، زەھەرلىنىش خاراكتىردىكى جىگەر ياكى بۆرەك كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئېغىر بولغاندا بولسا نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش،بەدىنى سۇسىزلىنىش،قان بېسىمى تۆۋەنلەش،شۇك بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ،ئاخىردا ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە ئابدۇمىلىك ئۇرۇقىنىڭ پوىستى ساق ھالەتتە ئۇقۇشماستىن يەپ سالسا،ئادەم بەدىنىگە ئانچە تەسىرى بولمايدىكەن .ئەگەر پوستىنى ئېلىۋىتپ يەپ سالسا يۇقارقىدەك ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن .
مىدىتسىنادا ھازىرغا قەدەر ئابدۇمىلىك زەھىرىنى يىشىدىغان دورا يوق . ئەگەر ئابدۇمىلىكتىن زەھەرلەنگەندە ئالدى بىلەن سۇ ياكى سۇيۇقلاشتۇرۇلغان كالىي مانگانات بىلەن ئاشقازان يۇيۇلىدۇ. ئاندىن ئاكتىپ كاربون بىلەن زەھەر سۈمۈرىتىلىدۇ.ئەگەر ئەھۋالى بەك ئېغىر بولسا قان ئالماشتۇرۇش قاتارلىق قان تازلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ .
مەنبە:http://songshuhui.net/archives/63081

ئاشۇنداق تەييارلانغان ئابدىمىلىككە يەنە بىر-ئىككى خىل دورىنى ئارلاشتۇرۇپ تۇغۇت چەكلەش دورىسىمۇ ياسايدۇ . ئەكىس تەسىرسىز بولغاچقا بازار ئىستىقبالى چوڭ . لېكىن بىلىدىغانلاركىشىلەر تايىنلىق بالا ئالدۇرمايلا قويمىسۇن....دەپ بازارغا سالمىغان . بىز بۇنى «ئىنەك پىتى» دەيتتۇق.{:92:} راست كىچىك ۋاقتىمىزدە بەك تولا تېرىلاتتى بۇ نەرسە. ئابدىمىلىك ( ئېنەك پىتى ) نىڭ يەنە بىر پايدىلىق رولى :قۇرۇت يىگەن چىش قاتتىق ئاغرىپ كەتكەندە ، ئابدىمىلىكنىڭ پوستىنى ئاقلىۋىتىپ ، يىڭنىدەك ( ئىنچىكە ، ئۇزۇنراق سىمئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ )بىر نەرسىگە ئۆتكۈزىمىز ، ئاندىن ، چاقماق ياكى شام ئوتىدا قارىداپ ئوت ئالغۇچە قىزدۇرىمىز . ئاندىن ، ئابدىمىلىك ئۇرۇغىدىكى ئوتنى پۈھلەپ ئۆچۈرۈپ ، ئاغرىۋاتقان چىشنىڭ ئۈستىگە بېسىپ تۇرىمىز ( دىققەت ، تىل ۋە چىش مىلىكىڭىزنى كۆيدۈرىۋىلىشتىن ساقلىنىڭ ) ، بۇ ۋاقىتتا چىش ئىچىدە بىر نەرسە گىژژىلدىغاندەك بىلىنىدۇ ، چىش ئاغرىقىمۇ شۇ گىژژىلدىغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا بېسىلىدۇ . كۆپىنچە ئەھۋالدا ، مۇشۇنداق بىر قېتىملىق داۋالاش بىلەن ، شۇ چىشمەڭگۈ قايتا ئاغرىمايدۇ . ئاپامدىنسورىسامئىنەكپىشتىمادەيدۇ{:92:}
ئايروپىلانغاقۇيىدىغان ماي ياسايمىز دەپجىق تېرىتقان ،،،ھەتتائۆزى ماي تارتىپ يەپ باققانلارمۇ باتىماي جىق چىقىپتۇ ئەمماپۇراقنىڭ سېسىقلىقىدىن يىيەلمەپتىكەن....
كىچىكۋاقتىمدا ھويلىمىزدابارتى يۇپۇرمىقى چىرايلىق كۆرۈنۈپ تېرىپ قويغان بولسا كىرەك ،،كەڭيۇپۇرماقلىرىنىيەلپۈگۈچ قىلىپ ئوينىغىنىم ئېسىمدە
9- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاپامدىن سورىسام ئىنەكپىشتىما دەيدۇ![]()
ئايروپىلانغا قۇيىدىغان ماي ياسايمىز دەپ جىق تېرىتقان ،،،ھەتتا ئۆزى ماي تارتىپ يەپ باققانلارمۇ باتى ماي جىق چىقىپتۇ ئەمما پۇراقنىڭ سېسىقلىقىدىن يىيەلمەپتىكەن....
كىچىك ۋاقتىمدا ھويلىمىزدا بارتى يۇپۇرمىقى چىرايلىق كۆرۈنۈپ تېرىپ قويغان بولسا كىرەك ،،كەڭ يۇپۇرماقلىرىنى يەلپۈگۈچ قىلىپ ئوينىغىنىم ئېسىمدە
ھېلىمۇ ياخشى سېسېقكەنتۇق

ئۇدۇل دۇكاندىكىخۇشناممىكى دەپتىمەن ماۋزۇغا قاراپ

بەت:
[1]