erkek@erchin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 00:41:51

ئۇنتۇلماس سىما، ئۆلمەس مىراسلار

ئۇنتۇلماس سىما، ئۆلمەس مىراسلار



تۇنىياز ئوسمان



تاتارلار تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئۇزاق تارىخقا، يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار ئاجايىپ كەچمىشلىرى، دۇچ كەلگەن قانلىق پاجىئەلىرى ۋە سۇنماس مىللى روھى بىلەنمۇ دىققەتكە سازاۋەردۇر. ئۇزاق تارىخى جەرياندا ئۇلاردىن مەشھۇر ھۆكۈمدارلار، تالانتلىق سىياسەتچىلەر، ئەللامە-ئۆلىمالەر، شىر يۈرەك مىللى قەھرىمانلار، بۈيۈك تارىخچىلار، شائىر-يازغۇچىلار ۋە مىللەتۋەرپەر جەدىتچىلەر تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىپ تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. تارىخ 20-ئەسىرگە ئۇلاشقاندا بۇرۇنقى قان-ياشلىق ۋە ھەسرەتلىك تارىخى قىسمەتلىرىنىڭ ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەشكە ئۈلگۈرۈپ، ئىسمائىل گاسپىرالى(1851__1914)، مۇسا جارۇللاھ ( 18751939)، جامالىدىن ۋەلىدى (18871932)، زىيائىددىن كامالى (18731942) زاكىر قادىرىى، غاياز ئىسھاقى قاتارلىق زەكى_  زىيالىلارنىڭ باشچىلىقىدا  جەدىدچىلىك (مەرىپەتچىلىك) ھەركىتىنى خېلى يۇقۇرى سەۋىيىدە قانات يايدۇرۇشقا مۇۋەققەق بولغان تاتار خەلقى سىياسى، ئىقتىسات، مەدەنىيەت جۈملىدىن ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە  تۈركى مىللەتلەرنىڭ بايراقدارىغا ئايلانغان ئىدى. شۇڭا 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە مىرسەيىت سۇلتان غالىيەۋ (18921940)، ئىلياس ئاكلىن(18951937)، يۈسۈپ ئاقچۇرا(1876__1935)، سادرى مەقسۇدى (1879__1957)، فۇئات تۇقتارۇۋ (1980__1938) قاتارلىق مەشھۇر  سىياسەتچىلەر يېتىشىپ چىقىپلا قالماي غاياز ئىسھاقى،مەھمۇت غالەيۈ،مەھمۇت ھەسەنوۋ، زاكىر رەمىيەۋ (18591921)، سەغىت رەمىيەۋ (18801926)، سەغىيىت سۈنچەلەي (18891941)، تۇقاي (1886   1913)، ئالىمجان ئبراھىموۋ، فاتىخ ئەمىرخان، مىرھەيدەر فەيزى قاتارلىق مەشھۇر  يازغۇچى شائىرلارمۇ   مەيدانغا كەلدى. ئۇلا ئىجادى ئەسەرلىرىدە ئۆز خەلقىنىڭ قان-ياش، ھەسرەت، ئبرەت بىلەن تولغان  تارىخى كەچۈرمىشلىرىگە يانداشقان ھالدا شۇ دەۋىردىكى موھىم رىيالنى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، مىللەت مەنپەئەتى ۋە خەلىق تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇردى. تۇنجى يازمىلىرىندىن باشلاپ مىللەت تەقدىرىنى كۈنتەرتىپكە قويدى،ئۆز مىللىتىگە ساھىپ چىقىش،غەپلەتتە ياتقان خەلىقىنىڭ مىللى ئېڭىنى ئويغىتىش ئىستەكلىرى بىلەن ھەممىدىن ئاۋال خەلقىنىڭ مىللى مىراسلىرىغا،ئەنئەنىلىرىگە،ئەسىرلەر بۇيى شەكىلەنگەن كەلگەن كۈلتۈر مىراسلىرىغا  مۇراجەت قىلدى.بىر مىللەتنى تۇنۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى__ مىللى كۈلتۈرىنى نامايەن قىلىش،چۈنكى خەلىق كۈلتۈرى ئىنسان توپىىغا سالاھىيەت ۋە كىملىك بېرەلەيدۇ دەپ ھېساپلىغان بۇ يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە تاتاار خەلقىنىڭ تارىخى كەچمىشلىرىىنى، ياشاش ئۇدۇملىرىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئاڭلاتتى. مەسىلەن ئالىمجان ئنبراھىموۋنىڭ «تەبىئەت بالىلىرى» («سەھرا بالىلىرى»دەپمۇ ئېلىنغان) ۋە غاياز ئىسھاقىنىڭ «ئۇستاز خېنىم»ئەسەرلىرى شۇنداق يۇقۇرى ئىجتىمائى ۋە بەدىئى پەللە ياراتقانكى ئۇلارنى تاتارلارنىڭ ھايات ئېنىسكىلوپىيىسى دىيىشكە بولۇدۇ①.ئۇلار بۇ دەۋىردە ئەدەبىياتنى مەنىۋى قورال قىلىپ تۇرۇپ،مىللى ئاڭنى ئويغاتتى.گېزىتچىلىك ۋە تىياتىرچىلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلدى.تاتارچە تۇنجى تىياتىر 1900-يىلى ئوينالدى.1903-يىلى قازاندا «بەخىتسىز ياش»دىراممىسى ئوينالدى.تاتارچە گېزىت-ژورنالنىڭ تۈرى كۆپىيىپ 21خىلغا يەتتى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆرۈلگەن بۇنداق كۆلەملىك مەرىپەتچىلىك ھەركىتى مىللى ئاڭنى ئويغىتىپ خەلققە جۈملىدىن ئەۋلاتلارغا غۇرۇر،ئىشەنچ ۋە ئۈمىت بېغىشلىدى.بۇ مەرىپەتچى زىيالىلار ئىچىدە غاياز ئىسھاقى بىلەن مەھمۇت غالەيۈ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ،ئۇلار شۇ دەۋىرنىڭ بايراقدارلىرىرى جۈملىسىدىندۇر.ئۇلار ياراتقان ئەسەرلەر تاتار ئەدەبىياتىنى 19-ئەسىردىن 20-ئەسىرگە ئېلىپ كىرىپ تاتار ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىدە موھىم رول ئوينىدى.20-ئەسىر تاتار ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا بۇ ئككى يازغۇچى ھەققىدە توختالماي مۈمكىن ئەمەس.شۇ دەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان بۇ ئىككى مەشھۇر يازغۇچىنڭ ئورتاقلىقى شۇكى ھەر ئىككىلىسى ئەسەرلىرىدە مىللەت مەنپەئەتى ۋە خەلىق تەقدىرى مەسىلىسىنى تېما قىلغان.مىللەتپەرۋەرلىكى سەۋەبىدىن سابىق  سوۋېتلەر دەۋرىدە ھەر ئىككلىسىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىش ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ مەنئى قىلىنغان.ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئەسەرلىرى چەكلەنگەن.بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ تەپەككۈرىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى شۇكى ھەر ئىككىلىسى بىر مىللەتنىڭ مىللى كىملىكنى ساقلاپ قېلىش،ئەۋلاتلارنى ئەنئەنە ۋە مىللى قەدىرىيەتلەرگە سادىق قىلىپ تەربىيىلەش جەھەتتە شۇ مىللەت ئاياللىرىنىڭ رولى ۋە قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن ھەم ئەسەرلىرىدە بۇنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەنلا قالماي پىداكار ئاياللارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا تىرىشقان.ھەر ئىككىلىسى ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن ئىدىيە سەۋەبىدىن ئۇۋالچىلىققا،زەربىگە،سۇئال-سوراق،قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان.زىندانغا چۈشكەن.ھۆر پىكىر سەۋەبىدىن  بىرسى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ سەرسان بولۇشقا مەجبۇر بولغان بولسا يەنە بىرسى شۇ دەۋىرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.



1


غاياز ئىسھاقى 1878-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى تاتارىستاننىڭ قازان ۋىلايىتى چىستاي رايۇنى يائۇشىرمە يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.ئاۋال چىستاي ۋە قازان مەدرىسلىرىدە بىلىم ئالغان. 1898-يىلىدىن 1902-يىلىغىچە قازان مۇئەللىملەر مەكتىۋىدە ئۇقۇغان. 1902 يىلىدىن باشلاپ سوداگەر ئەخمەت ھۆسەيىنوۋ1890 -يىلى ئورېنبۇرگدا قۇرغان ھۈسەينىيە مەدرىسىدە دەرس بېرىپ جەدىتچىلىك ھەركىتى ئېلىپ بارغان.ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىدا باشلانغان.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تاتارلارنىڭ مىللى قەدىرىيەتلىرىگە ،ياشاش ئادەتلىرىگە ،تۇرمۇش يوسۇنلىرىغا كەڭ يەر بېرىلگەن.


ئۇنىڭ «ئىككى ئەسىردىن كېيىنكى كىرزىس»ناملىق ئەسىرى تاتار ئەدەبىياتىنى 19-ئەسىردىن كېيىن 20-ئەسىرگە ئېلىپ كىرگەن.بۇ ئەسەر 1903-يىلى يېزىلغان فانتازىيىلىك ھىكايە بولۇپ ئۇنىڭدا 20-ئەسىر باشلىرىدىكى تاتار جەمىيىتىنىڭ روھى قىياپىتى،ياشاش ئادىتى ۋە رىيال پاجىئەلىرى ئوپراتسىيە قىلىنغان.دىندارلارنىڭ ئىلغار پىكىرنى قوغدىماسلىقى، مەدرىسلەردە دۇنياۋى ئېھتىياجغا لايىق بىلىملەرنىڭ ئوقۇتۇلماسلىقى ، بايلارنىڭ ۋە زىيالىلارنىڭ خەلىق مەنپەئەتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكى ،قىلغان ئىشلىرىنىڭ پۇختا ۋە ئىزچىل بولمىغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ تەنقىتلەنگەن. شۇنداق كېتىۋەرسە ئىككى ئەسىردىن كېيىن تاتارلارنىڭ يۇقۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ زىيالىلارنى مىللەت تەقدىرى ئۈستىدە جىددى ئويلىنىشقا چاقىرغان.بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زىيالىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى زىلزىلىگە سالغان.نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۇيقۇدىن ئويغاتقان.


غاياز ئىسھاقى ئەسەرلىرىدە ئاياللارنىڭ موھىم رولىنى ۋە قىممىتىنى يورۇتۇشقا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىدۇ.ئىجادى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئاياللار تېمىسىغا بېغىشلايدۇ.ئۇ«ئاياللار__ مىللەتنىڭ ئەتىسىدۇر.مىللەتنىڭ تىلى،شىۋىسى ۋە تەلەپپۇزىنىڭ قوغدىغۇچىسىدۇر.مىللى روھنىڭمۇ قوغدىغۇچىسىدۇر.ئەتە ئانا بولۇدىغان قىزلار ۋە دادا بولۇدىغان ئوغۇللارنىڭمۇ قوغدىغۇچىلىرىدۇر» دەيدۇ.ئاياللارنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيىتىنى بۇنداق يۇقۇرى باھالىغان غاياز ئىسھاقى ئاياللار بىلەن باغلىنىشلىق «تىلەمچىنىڭ قىزى»(1908)،«ئىككى ئاشىق»(1901) ،«مۇئەللىمە»(1913)، «زۇلەيخا»(1911)،«ئۇستاز خېنىم»قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازىدۇ.بۇلار ئىچىدە ئەڭ ۋەكىلىكى «ئۇستاز خېنىم»ھىكايىسىدۇر.بۇ ئەسەر 1910-يىلى يېزىلىپ 1915-يىلى موسكىۋادا نەشىر قىلىنغان.تاتار ئاياللىرىنىڭ ئاجايىپ پىداكارلىقلىرىغا بېغىشلانغان بۇ ئەسەر تاتار جەمىيىتىدە ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.پۈتۈن دۇنياغا تارالغان 7مىليون تاتارنىڭ روھى دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىپ غىدىقلاش پەيدا قىلالىغان بۇ ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالغان.قولدىن قولغا تېگىشمەي سۆيۈپ ئوقۇلغان بۇ ئەسەر ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە قىممىتىنى يوقاتمىغان.ئاتاقلىق زىيالى مەدىنە سالى ئەھمەت «غاياز ئىسھاقى ئەسەرلىرىدە تۈرك-تاتار ئاياللىرى»ناملىق ماقالىسىدە يۇقۇرقى ھىكايە ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ«سەغىدە خانىم تىپى ھاياتىمىزدىن شۇ قەدەر توغرا ئېلىنغانكى ئۇ بىر چاغلاردا ئۆلۈپ كەتكەن ئانىمىزنى،سۆيۈملۈك ھەدىمىزنى،ئاغزىمىزغا ئىلىم سالغان خانىمىمىزنى،يەنە قانچە قانچىلىغان تونۇش ئاياللارنى ئېسىمىزگە سالىدۇ»②.


«ئۇستاز خېنىم»ھىكايىسىنىڭ باش قەھرىمانى تاتار ئاياللىرىنىڭ بارلىق گۈزەل خاراكتىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئۇستاز خېنىم __ سەغىدەدۇر.«سەغىدەنىڭ توققۇزى تەل ئىدى،ئۇ مەھەللىلەرنىڭ بىرىدە  مۇئەللىمە ئىدى»دىگەن جۈملىلەر باشلىنىدىغان بۇ ھىكايە سەغىدەنىڭ ھاياتىنى بايان قىلىپ داۋاملىشىدۇ.سەغىدە ئەلچى كېلىپ قوشنا يېزىدىكى ياش ئىمامغا ياتلىق بولۇدۇ.ئېرى ۋاھىت ئىمامنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.ئىناق ئىجىل بولۇپ 12يىلنى ئۆتكۈزىدۇ.ئەمما سەغىدەنىڭ قەلبىدە بىر جاراھەت بار ئىدىكى پەقەت ئارام تاپالمايدۇ.بۇ جاراھەت ئۇلارنىڭ بالىلىق بولالمىغانلىقى ئىدى. بالا خىيالى بىلەن كۆيۈپ يانغان سەغىدەنىڭ سەۋەپ قىلىپ بارمىغان يېرى،ئىزدىمىگەن تىۋىپ-رەمباللىرى قالمايدۇ.ئەمما ئۈنۈمى بولمايدۇ...ئارىدا ئىككى قېتىم بالا بېقىۋالىدۇ،ئەپسۇس تۇنجىسى كېسەل كۆرپىسى بوپ قالىدۇ،ئىككىنچىسى شۇنچە باياشات ياشاپ تۇرۇپمۇ ئۆيدىكى نەرسىلەرنى سېتىۋېتىدىغان چىقىپ قالىدۇ.بۇ ئىشلاردىن بىئارام بولغان سەغىدە ئېرى ۋاھىت ئىمامغا يەنە بىر خوتۇن ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىپ ئېرىگە شۇنداق دەيدۇ:«ھەزرىتىم،مەن سىلىگە بالا تۇغۇپ بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئەيىپلىكمەن.مەن سىلىنىڭ ھاياتلىرىنى رەڭلەندۈرەلمىدىم،بېزىيەلمىدىم.سىلىنىڭ تۇرمۇشلىرىغا ھەسرەت قاتتىم.سىلىنى پەرزەنت سۆيگۈسىدىن مەھرۇم قىلدىم.ھەزرەت، سىلىنى ۋاپات بولغاندا دۇئا قىلىدىغان ۋارىسى يوق ھالغا چۈشۈرۈپ قويدۇم.دادىدىن بالىغا قالغان مېھراپنى مەن ئىگىسىز قالدۇردۇم.سىلى تېخى كۈچلۈك،تەنلىرىدە ماغدۇر بار،ئاللاھتىن ئۈمىتلىرىنى ئۈزمىسىلە.ئۆيىمىزگە ۋە بايلىقىمىزغا ساھىپ ،مەسچىت ۋە مەدرىسكە ئۇستاز،بىزنىڭ ئارقىمىزدىن دۇئا قىلىدىغان بىر ۋارىس قالدۇرۇش ئۈمىدىم تېخى يۇقالمىدى.ھەزرەت سىلىنى ئۆيلەندۈرمىكىمىز كېرەك. پەيغەمبەرلەرمۇ ، ئەۋلىيالارمۇ شۇنداق قىلغان.شۇڭا سىلىنى ئۆيلەندۈرۈشنى نىيەت قىلدىم.قىزنىمۇ تېپىپ قويدۇم   كۆرگەن، ئوقۇغان گۈزەل بىر قىز.يەنى پەخرى ئانىنىڭ قىزى غالىمە.ھەزرەت،ماڭا رۇخسەت قىلسىلا،زۇلفىيە ئابىستاينىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە باراي».ۋاھىت ھەزرەت ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىگە كەسكىن قارشى چىقىدۇ.ئەمما تاتار خەلقىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىغان سەغىدە ئاخىرى ئېرىنى غالىمە بىلەن نىكاھلىنىشقا قايىل قىلدۇ.تويلۇق ھەدىيەلىرىنى ئۆزى ئېلىپ بېرىدۇ،تويلۇقلارنى ئۆز قولى بىلەن ھازىرلايدۇ.توي كۈنى تەبەسسۈم بىلەن ئېرىنى قىز ھوجرىسىغا ئۇزىتىپ قويۇپ ئۆزى ئۆيدىن كېتىدۇ. ئىچىدە قان يىغلىسىمۇ ھېچكىمگە سەزدۈرمەيدۇ.نەسلىنى داۋام ئەتتۈرۈش مەقسىدىدە ھەرقانداق ئازاپ ۋە ئېغىرچىلىققا كۈلۈپ تۇرۇپ قۇچاق ئاچىدۇ...ھىكايىنىڭ بۇ قىسمىنى ئوقۇغان ئادەم كۆز ياشلىرىنى توخـىتالمايدۇ.ئەتىسى ئۇ كېلىن ئۆيىگە كەچلىك تاماققا بارىدۇ.شۇ چاغدىكى روھى ھالىتىنى ئاپتۇر مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ؛«ئۇنىڭ ئالدىدا ئاچچىق ۋە ھەسرەت گىرەلەشكەن يول پەيدا بۇلاتتى.ئەتراپقا نەزەر سېلىشلىرى شاھانە ،مېڭىشلىرى يىگىتتەك ئىدى.سەغىدە ئىچىدىكى بۈيۈك بىر قىممەتنىڭ غايىپ بولۇشىدىن قورىققاندەك ئۈنسىز كېتىۋاتاتتى».سەغىدە غالىمەگە ئىززەت ئىكرام بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ،شەپقەت،مېھرىۋانلىق كۆرسىتىدۇ.غالىمە ئانا بولغاندا بالا بېقىشنى بىلىدىغان سەغىدە ھەقىقى ئانا سۈپىتىدە قوبۇل كۆرۈلىدۇ.غالىمەدىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ سەغىمەنى  «ئاپا»دەپ تىلى چىقىدۇ. يەنى بالىلار «ئاپا»دىگەن تۇنجى سۆزنى سەغىمەگە ئېيتىدۇ.شۇنداق قىلىپ سەغىدە تاتار مىللىتىنىڭ كېلىچىكى يولىغا ئۆزىنى پىدا قىلغان بىر ئانا بولۇش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇدۇ.


غاياز ئىسھاقىنىڭ يەنە بىر ئەسىرى «زۇلەيخا»(1911-يىلى)»مۇ تاتار تارىخىدىكى رىيال پاجىئەلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلانغانلىقى بىلەن ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر.بۇ ئەسەردە رۇسلارنىڭ تاتارلارنى مەجبۇرى خىرىستىيانلاشتۇش جىنايىتى پاش قىلىنغان. مەلۇم بولغىنىدەك 1552-يىلى 10-ئايدا چار پادىشاسى قانخور ئىۋان 15تۈمەن كىشىلىك قوشۇن توپلاپ تاتار دۆلىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھرىنى ئىشغال قىلىپ،ئەر-ئايال،قېرى-ياش دىمەي30مىڭ تاتارنى قەتلى قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ،ئەڭ قانلىق قىرغىنچىلىقنى پەيدا قىلىدۇ.قازان شەھرىنىڭ بېسىۋېلىنىشى رۇسلارنىڭ تۈرك-تاتار زىمىنلىرىغا قاراتقان ئىشغالىيەتچىلىك ،كېڭەيمىچىلىك ھەركىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ.1783-يىلى قىرىم خانلىقىنى يوقۇتۇپ   تاتار تۇپراقلىرىنى تولۇق ئىشغال قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان  رۇسلار نەزىرىنى تۈركى خەلىقلەرنىڭ قالغان زىمىنلىرىغا تىكىدۇ. دىگەندەك  كېيىنكى يۈز يىلدا ئۇلارنىڭ قارا قولى ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ئۇيغۇر تۇپراقلىرىغىچە سوزۇلىدۇ.ئەلۋەەتتە تاتار خەلقى تاجاۋۇزچىلىققا،مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ.قازان خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى سۈيۈمبىكە(سۈيۈم خانىش)نىڭ قېرىندىشى ئەلى ئەكرەم،باتۇر شاھ ۋە سالاۋات يولاي باشچىلىقىدىكى قەھرىمانلار يېتەكلىگەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركەتلىرى ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىدۇ. سىبىريە تاتارلىرىنىڭ خانى كۈچۈمخان باشلىغان ھايات-ماماتلىق ئۇرۇشلىرى رۇس ئوردىسىنى ساراسىمىگە سالىدۇ.ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان قانلىق تۇقۇشلار ئارقىلىق يالغۇز زورلۇققا، قىرغىنغا ۋە قورالغا تايىنىپ تاتارلارنى يوق قىلىشنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن رۇسلار رەزىل مىقسەتلىرى ئۈچۈن مۇستەملىكە خەلىقنى ئېتىقاتىدىن ۋاز كەچتۈرۈش،دىندىن چىقىرىش ،روھىنى گۇمران قىلىش يوللىرىىنى سىناق قىلىدۇ.شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن تاتار مۇسلمانلىرىغا قارىتا رۇسلاشتۇرۇش،خىرىستىيانلاشتۇرۇش سىياسىتىنى باشلايدۇ.بۇ خىل يۇقۇتۇش سىياسىتى 18-ئەسىردە ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىقىدۇ.تەبىئىكى تاتارلار  رۇسلارنىڭ بۇنداق سىياسىتى بىلەنمۇ قارشىلىشىدۇ. رۇسلار تاتار رايۇنلىرىدا ئاۋال قارشىلىق قىلغان ئەرلەرنى قېلىچتىن ئۆتكۈزىدۇ .ئاندىن ئايال ۋە بالىلارنى چېركاۋلارغا سولاپ،بوينىغا كىرسىت تاقاپ مەجبۇرى خىرىستىيانلاشتۇرۇدۇ.قارشىلىق قىلغانلارنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈدۇ ياكى ئوققا تۇتىدۇ.1739-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى يىكاتىرىنبۇرىگ شەھرىنىڭ چوڭ مەيدانىدا تىرىك ئوتقا تاشلانغان كېسەنبىكە بايراسوۋا ئىسىملىك 60 ياشلىق تاتار موماي ئەنە شۇ قۇربانلارنىڭ مىسالىدۇر.بۇ موماي تۇتقۇن سۈپىتىدە يىكاتىرىنبۇرىگ شەھرىگە كەلتۈرۈلۈپ بوينىغا كىرسىت ئېسىلىپ مەجبۇرى خىرىستىيانلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن بىر رۇسقا كىچىك خوتۇنلۇققا بېرىلىدۇ.ئەمما ئۇ تىز پۈكمەي تەكرار تەكرار قاچىدۇ،تەكرار مۇسۇلمانلىققا قايتىدۇ.موماينى بويسۇندۇرالمىغان رۇسلار ئاخرىدا ئۇنى ئوتقا تاشلاپ تىرىك كۆيدۈرۈدۇ.رۇسلارنىڭ بۇنداق زوراۋانلىق سىياسىتى تولۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ تاتار جەمىيىتىگە تەسۋىرلىگۈسىز ئازاپ ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدۇ.يازغۇچى غاياز ئىسھاقى تاتارلار دۇچار بولغان بۇنداق پاجىئەلىك قىسمەتلەرنى ئارقا كۆرىنىش قىلىپ «زۇلەيخا»ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ تاتار پاجىئەسىنى يەنە بىر قېتىم جامائەتچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىدۇ.


غاياز ئىسھاقى يازغۇچى بولۇپلا قالماي ژورنالىسىت ۋە سىياسەتچىدۇر.رۇسىيە ئۆتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئازاپ ئوقۇبەتلىك كۈنلىرى باشلىنىدۇ.يازغان ئەسەرلىرى ۋە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلىنىدۇ.ئەسەرلىرى چەكلىنىدۇ،ئىسمىنى تىلغا ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.ۋەتەندە تۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان يازغۇچى ئەڭ ئاخىرى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە كېتىشكە مەجبۇر بولۇدۇ.پارىز،بېرلىن،ۋارشاۋا قاتارلىق شەھەرلەردە سەرگەندار بولۇدۇ.بىر ئۆمۈر ۋەتەن،مىللەت دەپ قان يىغلىغان بۇ يازغۇچىغا ۋەتەن تۇپرىقىغا قايتا ئاياق بېسىش ۋە تۇغۇلغان تۇپراققا دەپنە قىلىنىش نېسىپ بولمايدۇ.كېيىنكى ئۆمرىنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزگەن بۇ يازغۇچى 1954-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەنقەرەدە ۋاپات بولۇدۇ. جەسىدى ئىستانبۇلدىكى ئەدىنە كاپى قەۋرىستانلىقىغا دەپىن قىلىندى.


سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتىلغان تەقىپلەش بىكار قىلىنىدۇ.1990-يىلى ئۇنىڭ مىللى روھ بىلەن تويۇنغان ئەسەرلىرى قايتا نەشىر قىلىنىپ تاتار خەلقىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلىدۇ.


2


مەھمۇت غالەيۈ(مەھمۇت غالەبەتدىن ئوغلى مارجانى) 1886-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى تاتارىستاننىڭ ئارچا رايۇنى تاشكىچۈ يېزىسىدا  ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ جەمەتى تاتار ئېلىدە چوڭ تەسىرى بار مەشھۇر جەمەتلەردىن بولۇپ تاتار مەدەنىيەتى ۋە ئىدلوگىيىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر تارىخچى،پەيلاسوپ ،ئاقىل شىھابەتدىن مەرجانى(1818__1889) ئۇنىڭغا  ئاتا تەرەپتىن يېقىن تۇققان ئىدى.شۇڭا ئۇ قويۇق ئەنئەنىۋى ۋە ئىلمى مۇھىتتا تەربىيىلىنىپ تارىخ،ئەدەبىيات،پەلسەپە ،تىل بىلىملىرىنى مۇپەسسەل ئىگىلىگەن.جۈملىدىن تۈرك-تاتار تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۈگىنىپ چىققان.كۆپ يىللىق ئىزدىنىش،ئىلىم تەھسىل قىلىش يولى ئۇنى مەشھۇر  يازغۇچىغا،  مەشھۇر تەرجىمانغا،مەشھۇر ژورنالىسىتقا ئايلاندۇرغان.


رۇسىيە ئۆتەبىر ئىنقىلاۋىغىچە مەھمۇت غالەيۈ «مارجانى»تەخەللۇسى بىلەن گېزىت-ژورناللاردا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان.ھەم يىرىك ئەسەرلەرنى يازغان.بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى  «قانلىق تامغىلار»ناملىق تارىخى رومانىدۇر.بۇ رومان«تۇمانلىق يىللار»؛ «كۆچمەنلەر»؛ «ساۋاق»؛ «قارا قۇيۇن»دىن ئبارەت 4تومدىن تەركىپ تاپقان يىرىك ئەسەردۇر.


رومانننىڭ 1-قىسمى بولغان«تۇمانلىق يىللار»دا 1877-يىللىرى تاتار ئېلىنىڭ  ئېدىل(ۋولگا) بويلىرىدا يۈز بەرگەن قەھەتچىلىك ۋە ئاقىۋەتتە كېلىپ چىققان ئاچارچىلىقتىن قىرىلىپ كېتىش پاجىەلىرى تەسۋىرلىنىپ رۇس مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى تاتار مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى،پاجىئەلىك تەقدىرى يۇرۇتۇپ بېرىلگەن. كۆز ياش ۋە قان بىلەن بۇيالغان تاتار تۇپراق لىرىنىڭ رىيال كارتىنىسى ئىنتايىن چىنلىق بىلەن سىزىپ چىقىلىپ مۇستەملەكىچىلىككە نەپرەت ياغدۇرۇلغان.روماندا يەنە تاتار ئاياللىرىنىڭ ئېغىر يىللاردىكى پىداكارلىقلىرىنى يۇرۇتۇش موھىم تېما قىلىنغان.رومان باش قەھرىمانى ساجىدە ئىسىملىك ياش ئايال بولۇپ ئېرى سافا بىلەن ئائىلىدە بىەخىتلىك ئىدى. ئەمما تۇغۇپ چۈشمىگەچكە ئېرىنى باشقا بىر ئايالغا ئۆيلىنىپ بالىلىق بولۇشقا تولىمۇ تەستە قايىل قىلىدۇ.سېلىم دادىنىڭ قىزى خاتىرەنى ئېرى ئۈچۈن خوتۇنلۇققا تاللاپ ئېرىگە ئېلىپ بېرىدۇ.روماندا تەسۋىرلەنگەن تاتار ئاياللىرىنىڭ كېلىچەك ئۈچۈن ئەۋلاتلار ئۈچۈن قىلغان مەردانىلىقلىرى ۋە قۇربان بېرىش روھى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى زىل-زىلىگە سالىدۇ...


روماننىڭ 2-قىسمى«كۆچمەنلەر»دە 1897-يىلى1-ئاينىڭ 27-كۈنى چار رۇسىيە ئېلىپ بارغان ئومۇمى تەكشۈرۈش» ھەركىتى مەزگىلىدە رۇسلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن خىرىستىيانلاشتۇرۇشىغا قارشى تاتارلار ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭلار،ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدە  تاتارلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈملەپ قەتلى قىلىنىشى، زىندانغا تاشلىنىشى،سۈرگۈن قىلىنىشى،چار پادىشانىڭ زۇلمىغا چىداشقا تاقىتى قالمىغان خەلىقنىڭ يات ئەلگە كۆچۈپ كۆچمەن بولۇپ كېتىش يولىنى تاللىشى قاتارلىق رىيال ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىدۇ.روماندا بايان قىلىنشىچە ساجىدەنىڭ ئېرى يۇقۇرقى ۋەقەدە قامچىلىنىپ زەخمە-يارا ئىچىدە ئۇزۇنغىچە ساقىيالماي يېتىپ قالىدۇ.ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان قەتلى قىلىنش،تۇتقۇن قىلىنىش، سۈرگۈن قىلىنىش،ئۆمۈرلۈك زىندانغا تاشلىنىش يىللاردىن بېرى خاتىرجەملىكى يۇقالغان،كەلگۈسىگە ئىشەنچىسى خىرەلەشكەن مەھەللە خەلقىنى جىددى ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.مىللى زۇلۇم،روھى بېسىم،سىياسى ۋە ئىقتىسادى  بېسىملارغا يەنە چىداشقا تاقىتى قالمىغان بىر تۈركۈم ئاھالە ئانادولۇغا كۆچۈپ بېرىپ بەخىتلىك ھايات كەچۈرۈشنى خىيال قىلىدۇ.بۇ خەۋەر سافانى خۇشال قىلمايدۇ.ئۇ«بۇ يەردىكى ھەممە نىمىمىزنى تاشلاپ ئۇيەرگە بېرىپ ئۇ يەردە ئىزدىگىنىمزنى تاپالماي قالساق قانداق قىلىمىز »دەپ يۇرتتىن كېتىشكە قۇشۇلمايدۇ.بەخىتلىك بىر كېلىچەك ئۈچۈن كۆرەش قىلىش لازىملىقىنى چۈشەنگەن ساجىدە كۆچۈشنى قوللايدۇ ھەم ئېرى سافانى ئاخىرى قايىل قىلىدۇ.ئاندىن بارلىق بىساتىنى سېتىپ قىيىن سەپەرگە ھازىرلىنىدۇ.ئەمما خاتىرە(سافانىڭ كىچىك خوتۇنى) دادىسى «سۇلتان تۇپراقلىرى بۇ يەردىن ياخشى ئەمەس،ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلۇقى تۆت»دەپ قىزىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە كېتىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىلەن ئۇلار ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا خاتىرەنى يېزىدا دادىسىنىڭ قېشىدا قالدۇرۇپ قۇيۇشقا مەجبۇر بولۇدۇ،ئەمما بېرىپ يەرلىشىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ ئۇنى ئەكىتىدىغان بولۇدۇ... شۇنداق قىلىپ يولغا چىقىدىغان كۈن يېتىپ كېلىدۇ.قازان تاتارلىرىنىڭ ئۈمۈت سەپىرى باشلىنىدۇ...


كىتاپتىكى كۆچ تېمىسى ھەققىدە تاتار زىيالىلىرىدىن مىناھمەت ساھاپوۋ مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ مەزگىلدە رۇسىيە تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان 20مىليون مۇسۇلمان بارلىق ئۈمۈتلىرىنى ۋە كەلگۈسىنى ئوسمانلى دۆلىتىگە باغلىغان.بۇنى سەزگەن چار رەھبەرلىرى تۈركلەر ئارىسىغا ئىغۋا پەيدا قىلىپ ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا كۈچىگەن.ئوسمانلىلار ھەققىدە تۈرلۈك غەيۋەت ۋە يالغانلارنى تارقاتقان.پۈتۈن تەتۈر تەشۋىقات ۋە توسقۇنلۇقلارغا قارىماي ئېدىل بويى مۇسۇلمانلىرى ئانادولۇغا غەلبىلىك ئۇلاشقان.كۆچكەن بارلىق تاتارلارنىڭ مال-مۈلكىنى ۋە پۇل-پىچەكلىرىنى چېگرادا رۇس ژاندارمىلىرى بۇلاپ تالىغان.ئىشچانلىقلىرى بىلەن تونۇلغان تاتارلار يېڭى يۇرتلىرىدا يۇقاپ كەتمىدى،ناھايىتى گۈزەل مەھەللىلەرنى بەرپا قىلىپ ئۇ يەرنى گۈلزارلىققا ئايلاندۇردى»③.


بۇ مۈشكۈل كۆچ سەپىرىگە ئاتلانغان تاتارلار قاراڭغۇ تونىلنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا كۆرۈنگەن كىچىككىنە يورۇقلۇق بىلەن ئۈمىتلەندى.مۇشۇ ئۈمۈت __ ئازاپ –ئوقۇبەتنى ئۇنتۇلدۇردى.مۇشۇ ئۈمىتنىڭ يېتەكلىشىدە پۇتۇن زورلۇقلارغا،دەرت-ئەلەملەرگە،ئوڭۇشسىزلىقلارغا ۋە كۆز ياشلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى.تۈركىيىگە كەلگىچە مۇۋاپىق يەر تاللاپ ماڭغان تاتارلار ئاخىرىدا ئىستانبۇلغا كېلىدۇ.كوناشەھەردىن 20كىلومېرىرچە يىراقلىقتىكى بىر جايغا جايلاشتۇرۇلىدۇ. يول ئازابى بىلەن تۇنجى كۈنى دەم ئالغان تاتارلار ئەتىسى ئەتراپنى كۆرۈش ئۈچۈن قوشنا يېزىغا بېرىپ كۆرگەن مەنزىرىدىن ئىچى ئاچچىق بولۇشىدۇ.مەھەللىدىكى كونىراپ كەتكەن  ۋەيرانە ئۆيلەر،پەژمىدۇن كىيىلىك ئادەملەردىن پەرىشان بولغان تاتار كۆچمەنلىرى سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇلار تاپقان تەرگىنىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ باژغا كېتىدىغانلىقىنى،ئۆزىگە قالغان ئازغىنە نەرسىلىرى بىلەن مۇشۇنداق غورىگۈل ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشىدۇ.كۈتكەن چوڭ ئۈمۈتلىرى ئانادولۇ تۇپرقىدا بەربات بولغان كۆچمەنلەر ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاۋى پەيدا بولۇدۇ.بىر قىسىملار دەرھال ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.يەنە بىر قىسىملار بۇ يەردە قېلىپ كۈنلۈك ئىشلەپ جان باقايلى دەيدۇ.يەنە بىر قىسىملار بولسا بۇ يەردە يەرلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.سافا بىلەن ساجىدە مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىش پىكرىگە قوشۇلىدۇ ۋە يەرلىشىپ مەھەللە بەرپا قىلىشنى قارار قىلىدۇ.ئەتىسى سەھەردە سافا بىلەن ساجىدە چىت ھويلا ياساشقا چىۋىق كەسكىلى ماڭىدۇ.ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتى مۇھاجىلارنى قوزغىتىدۇ،ھەممەيلەن يەڭ شىمايلاپ ئىشقا كىرىشىدۇ.مەھەللىگە سېلىنغان تۇنجى ئۆينىڭ قوۇزۇقىنى ساجىدە قاقىدۇ.شۇڭا بۇ مەھەللىنىڭ نامىمۇ «خوتۇن مەھەللە» بولۇدۇ.تاتارلار تىرىشچانلىقلىرى بىلەن تېزلا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.ھەممەيلەن ئۆزلىرىگە ئۆي سالىدۇ،باغچە بىنا قىلىدۇ،ئېتىز ئىگىلىرىگە ئايلىنىدۇ.بۇنىڭغا قانائەت قىلمىغان تاتار ئاياللىرىمەھەللىدە غاز باقىدۇ.بۇ خىلدىكى ئىشلارنىڭ باشلامچىسى تەبىئىكى ساجىدە بولۇدۇ.تاتار كۆچمەنلىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئوڭ بولۇۋەرمەيدۇ.ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان،ئىچى تارلىق قىلىدىغان كىشىلەرمۇ چىقىپ تۇرۇدۇ.ئەمما ئۇلار ئونۇشسىزلىق،ئىمكانسىزلىق ئىچىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ قىشقا مول ھوسۇل بىلەن كىرىپ كىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ياراتقان مۆجىزىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن قوشنا يېزىلاردىن مېھمانلار كېلىشىدۇ. كەلگەن-كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ھەۋەس قىلىشىدۇ.شۇ يىلى قىشتا ناھايىتى قاتتىق سوغۇق بولۇدۇ.ئەتراپتا كېزىك كېسىلى يامرايدۇ.بۇ كېسەللىك خوتۇن مەھەللىگىمۇ يېتىپ كېلىدۇ.پۈتۈن ياز باش كۆتۈرمەي ئېغىر ئەمگەك قىلىپ  ماغدۇرىدىن كەتكەن بەدەنلەرگە  كېزىك كېسىلى ئاسانلا چاپلىشىدۇ.بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىپ ياتقانلار قاتارىدا ساجىدەمۇ بار ئىدى.ساجىدەنىڭ كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ بارىدۇ.سافا ئۇ كېسەل بولۇپ ياقان 13كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايدۇ. 13-كۈنى ساجىدەنىڭ ئەھۋالى يامانلىشىدۇ.ساجىدە بىردىنلا كۆزىنى ئېچىپ سافاغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ سافانىڭ بوينىغا ئېسىلىدۇ،كۆزلىرىدىن ياش سىرغىپ چۈشىدۇ.سافاغا ئاخىرقى سۆزىنى ئېيتىدۇ:«خاتىرە.....».سافا ئاڭلاپلا بۇ كەلىمىنىڭ ئاخىرىنى چۈشىنىدۇ.چۈشىنىدۇ،ئۇنىڭغا دەيدۇ: «بىلىمەن، ئەقىللىقىم،خاتىرەنى ئەكىلىۋېلىشىم كېرەك».ساجىدەنىڭ قوللىرى سافانىڭ مۇرىسىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.كۆزلىرى يۇمۇلىدۇ.ساجىدە ئاخىرقى تىلىكىنى بىلدۈرۈپ بولۇپ بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىدۇ.بۇ ئۇلۇغ ئايال ئەڭ ئاخىرقى نەپسى قالغاندىمۇ نەسلىنىڭ كېلىچىكىنى ئويلايدۇ.خاتىرەنىڭ سافا بىلەن بىللە ياشىشىنى ئىستەيدۇ.ساجىدەنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن سافامۇ كېزىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇدۇ.3ئاي ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.ئۇ ئۆرە بولغاندا باھار كەلگەن ئىدى.سافا كېسەلدىن ساقىيا ساقايمايلا ساجىدەنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۆز ئېلىگە بېرىش ھازىرلىقىغا كىرىشىدۇ.بۇ ئىستىكىنى مەھەللە خەلقى بىلەن مەسلىھەت قىلىشىدۇ.ساجىدەنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش سافانىڭ مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ خوتۇن مەھەللىگە تۇنجى قوزۇقنى قېقىپ مەھەللە ئۈچۈن جان بەرگەن ساجىدەنىڭ ۋەسىيىتى پۈتۈن مەھەللە خەلقى ئۈچۈن بىر بۇيرۇق ئىدى.شۇڭا ۋەسىيەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مەھەللە خەلقى قولىدىن كەلگىنىچە سافاغا ياردەمدە بولۇدۇ.شۇنداق قىلىپ سافا يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.ئۇزاق ۋەجاپالىق سەپەردە كۆپ قەۋرىلەرنى چەككەن سافا ئاخىرى يۇرتىغا يېتىپ كېلىدۇ.ئايالى خاتىرە ۋە قىزى غالىيە چاچ ساقاللىرى ئۆسۈپ ئىسكەتىدىن كەتكەن ،كىيىملىرى جۇل-جۇل سافانى دەسلەپ تۇنۇيالمايدۇ.سافا خوتۇنى خاتىرە ۋە قىزى غالىيە بىلەن جەم بولۇپ ساجىدەنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلايدۇ.تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تۇپراقتىن يەنە بىر قېتىم ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ.ساجىدە مۇھاجىرەتتە ۋاپات بولۇپ شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان بولسىمۇ  مەيلى ئۆز مەھەللىسىدىكى خەلق بولسۇن ياكى خوتۇن مەھەللە خەلقى بولسۇن ئۇنى ھەر زامان رازىمەنلىك ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيدۇ.ئاتاقلىق تاتار زىيالىلىرىدىن رۇزا قۇربان مۇنداق دەيدۇ:«ساجىدە تاتار مىللىتىنىڭ مىللەت ئانىسى سۈپىتىدە مىللەت قەلبىدە ياشايدۇ.غاياز ئىسھاقىنىڭ <ئۇستاز خېنىم>ھىكايىسىدىكى سەغىدە بىلەن مەھمۇت غالەيۈنىڭ <كۆچمەنلەر>رومانىدىكى ساجىدەنى سېلىشتۇرساق سەغىدە نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئىستىگەن بىر ئانا بولۇپ ئالدىمىزغا چىقىدۇ.ساجىدە بولسا ئۇستاز خېنىم سەغىدەنىڭ قىلغانلىرىنى ئەينەن قىلىپلا قالماي مىللەت ئانىسى سۈپىتىدە مىللەتنىڭ بەخىتلىك كېلىچىكىنى يارىتىش يولىدا مۇھاجىرەتتىكى تاتارلارغا يېتەكچى بولۇپ رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەھمۇت غالەيۈنىڭ <كۆچمەنلەر>رومانى رىيال ھايات ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رومان بولۇپ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيىگە كۆچكەن قازان تاتارلىرى ئىستانبۇل كونا شەھرىنىڭ ئوسمانىيە يېزىسىدا بىر ئەسىردىن بۇيان مىللى كىملىكىنى يۇقاتماي ياشاپ كەلمەكتە»④.بۇ روماننىڭ 1-2-قىسىملىرى1931-يىلى ۋە 1933-يىللىرى رۇسچىغا ئۆرۈلۈپ موسكىۋادا نەشىر قىلىنغان.


ە119282 روماننىڭ 3-قىسمى «ساۋاق»  رۇس ياپۇن سوقۇشى مەزگىلىدىكى تاتارلارنىڭ قىسمەتلىرىگە،4-قىسمى «قارا قويۇن»بولسا ئۆتەبىر ئىنقىلاۋى مەزگىلىدىكى تاتار بېشىغا كەلگەن پاجىەلەرگە بېغىشلانماقچى بولغان.ئەمما يازغۇچىغا روماننىڭ كېيىنكى 2قىسمىنى يېزىش نېسىپ بولمىغان. 1937-يىلىغا كەلگەندە يازغۇچى مەھمۇت غالەيۈ قولغا ئېلىنغاندا قول يازمىلىرى ۋە ئالدىنقى ئىككى كىتاپنىڭ ئورگىنالى بۇلاپ كېتىلگەن.1938-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھمۇت غىالەيۈ سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ تاشلانغان.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تەقىپ قىلىنغان،نامىنى تىلغا ئېلىش چەكلەنگەن.بۇ ھالەت ئۇزاق داۋام قىلغان.ئۇزۇن يىلىق تەقىپلەش،مەنئى قىلىشلار يازغۇچىنىڭ تاتار خەلقى قەلبىدىكى ئوبرازىنى يۇقۇتۇشقا قادىر بۇلالمىدى. ئۇنىڭ نامىنى ئۆچىرەلمىدى.يازغۇچى قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ يىگانە مىراسلار كېيىنكى كۈنلەردە تاتار خەلقى بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشتى.20-ئەسىر تاتار ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنەلىرى سۈپىتىدە مەكتەپلەرنىڭ ۋە ئالى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ دەرسلىكلىرىدە يەر ئالدى.ئارىدىن بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ھېچبىر قىممىتىنى يوقاتماي كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىنى غىدىقلاپ تۇردى. ئۆز خەلقىنىڭ دەرت-ھەسرەتلىرىنى يۇرۇتۇپ خەلقىنىڭ قايغۇسى ۋە خۇشاللىقى بىلەن ئورتاقلىشالايدىغان،خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ھېچ يۇشۇرماي دەل يۇرۇتۇپ بېرىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى،ئۇنى ئىجات قىلغان ئاپتۇرنىڭ تېخىمۇ ئۆلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.




مەنبەلەر:


1.  1.چولپان زارىپوۋا،«ئا.ئىبراھىموۋ ئەسەرلىرىدە تاتار تۈركلىرىنىڭ كۈلتۈرەل قىممىتى».


2.  2.غاياز ئىسھاقى ۋە پائالىيەتلىرى،1979-يىل ئەنقەرە.


3.  3.مىناھمەت شاھاپوۋ،يېڭىلىق خەۋەرچىسى،ئەنقەرە 2005.


4.  4.رۇزا قۇربان،تاتار ئەدىبىياتىدىكى پىداكار ئاياللار.


Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 09:33:15

بىز ئۇيغۇرلارغا تاتار ئالىملىرى ئىچىدە مۇساجارۇللاھدىنمۇ ئۆتە تونۇشلىرى بولمىسا كېرەك، مېنىڭ رەھمەتلىك ساۋاتسىز چوڭ دادممۇ مۇساجارۇللاھنىڭ لېنېن بىلەنمۇ مۇنازىرلەشكەنلىكى، قەشقەر مەرسلىرىدىكى قالاق ئوقۇتۇش شەكلىدىن نارازى بولغانلىقى، قاۋاقخانىدىكى ئاياللارغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى،  ئۆلىمالارنىڭ مۇھىم ئىش بىلەن ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى پەرق قىلالمىغانلىقىنى تەنقىت قىلغانلىقى، ئاخرىدا ھىندىستان ئارقىلىق ياپۇنىيەگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ بېرەتتى.



رىزائىددىن پەخرۇدىننىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى شىنجاڭ مەدەنىيىتىدە كۆرۈشكە نىسىپ بولغاچ، بۇ ئالىمنىڭ ئىسمى ماڭا خىلى تونۇش بولۇپ قاپتىكەن،  بۇ ئالىمنىڭ قارا نەشىردە ئۇيغۇرچە «جەۋامىئۇل كەلىم» دەپ بىر كىتابىنى كىتاپ پۇرۇشنىڭ ئالدىدا كۆرۈپ، ئۇدۇل كەلگەن يېرىدىن ئېچىپ ئوقۇسام، «..... مۆمۈن دېگەن كىم دېگەن سۇئالغا، ئۇزۇن چاپان كەيگەن، يوغان سەللە ئورىغان، ئۇزۇن تەسۋىي سىرىگەن ئادەم دېمەستىن، دىلى، تىلى، ھەركەتلىرىدىن باشقىلار ئەمىن بولالىغان ئادەم دېگەن. ئەمما بىزنىڭ موللالىرىمىز .... » دېگەن قۇرلارنى، يەنە بىر يەردە «.... ئەسلىدە تۆمۈر يول، پويۇز، ئايرۇپىلان قاتارلىق كەشپىياتلار مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىنىش كېرەك ئىدى، ئەمما ....» دېگەندەك مەزمۇنلارنى كۆرۈپ، سېتىۋالغىم كەلگەن ئىدى، بىراق ئۇ كۈنى سېتىۋىلىشقا پۇرسەت بولماي، ئەمدە ھازىرغىچە تاپالمايۋاتىمەن، توردىن بولسىمۇ تاپقىلى بولمايۋاتىدۇ.



يۇقۇرىدا تەرىپى قىلىنغان «ئۇستاز خېنىم»نى ئوقۇغۇم كىلىۋاتىدۇ، توردىن تاپقىلى بولارمىكىن؟

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 13:12:47

رىزائىددىن ئبنى پەخرۇدىننىڭ «ئەدەپ- ئەخلاق مىزانلىرى » مەن ئەڭ كۆپ ئوقۇغان نادىر كىتابلارنىڭ بىرىسى...ھەر بىر ئائىلە قۇرغۇچى چوقۇم ئوقۇشقا تېگشىلىك مىزان دەپ قارايمەن، باھاسىمۇ شۇنداق ئەرزان چىققان، 10 يۈەن...
بەت: [1]
: ئۇنتۇلماس سىما، ئۆلمەس مىراسلار