turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-1-26 14:59:48

چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركى خەلىقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى

چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركى خەلىقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى



1. روسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئالتۇن ئوردا ئەۋلادلىرى




روسىيە تېررىتورىيسىدىكى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ۋارىسى بولغان دۆلەتلەردىن قازان خانلىقى، ئاستراخان خانلىقى ۋە قىرىم خانلىقىلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1552-،1554-،ۋە 1783- يىللىرى بويسۇندۇرۇلۇپ روسىيىگە قوشۇۋېلىندى. كېيىن سابىق ئاستىراخان خانلىقىدىكى خان ئەۋلادلىرى تۈركىستاندا يەنە بىر ئاستراخان خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ دۆلەت XVII ئەسىرىگە كەلگەندە بۇخاراغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بىراق بۇ دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئاستراخان خاندانلىقىنىڭ خان ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ خانلىقنىڭ سابىق ئاستراخان خانلىقى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەندىكى ئېقىمىدىكى رايونلارغىمۇ ئاندا- مۇندا مۇسۇلمانلار تارقالغان بولسىمۇ، ئۇلارمۇ تېزلا زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ تىلغا ئالغۇچىلىكى قالمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۆز تارىخىنىمۇ قالدۇرالمىدى. بىراق ئاستراخان شەھىرى مۇسۇلمانچە ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، 1905- يىلىدىن كېيىن ھەتتا ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم مەركىزى سۈپىتىدە قايتا گۈللەنگەن. يەنە بىر ياقتىن، قازان ۋە قىرىمدىكى تاتارلار روسىيە ئىستىلاسىدىن كېيىن بىر مەيدان ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى، بۇ ئۆزگىرىش بولسا پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.



2.  روسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى قازان تاتارلىرى




1552- يىل 10- ئاينىڭ 2- كۈنى قورقۇنچلۇق ئىۋاننىڭ قوشۇنى قازانغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. قازان خانلىقنىڭ پايتەختى ۋە ئىلگىرىكى بۈيۈك بولغار پادىشاھلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ مىراس يېرى ئىدى. ئەمدىلىكتە مۇڭغۇللارغا بېقىندى بولۇشتن قۇتۇلغان رۇسلار ئۆزلىرىنىڭ سابىق خوجايىنلىرىنىڭ بۇ ئەۋلادلىرىدىن قەبىھلىك بىلەن قىساس ئېلىشقا باشلىدى. روسيىنىڭ شەرقىدىكى بۇ مۇسۇلمانلار بۇ «دىنسىز» ھۆكۈمراننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۆت ئەسىردىن كۆپرەك ياشىدى.

قانلىق قىرغىنچىلىق بىلەن تولغان بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن رۇسلار قەدەم باسقۇچلار بويىچە قازان خانلىقىنىڭ زېمىنى «قازان خانلىقى» دېگەن نام ئاستىدا رۇسلا تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىندى. قازان رايونىدا رۇسلار ئەسلىدىكى قازان خانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل رۇسلاشتۇۋېلىش ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ توپىنى ئۆز جەمئىيىتىگە قوشۇۋېلىش مەقسىتىدە نادانلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئىقىنىدىكى رايونلاردا رۇسلار «تاتارسىزلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ 1- قەدىمىنى ئىجرا قىلىپ، تاتارلارنى بارلىق ئاساسىي شەھەرلەردىن، بولۇپمۇ قازان شەھىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. ھازىرغا قەدەر قازان شەھىرىنىڭ نوپۇسىدا رۇسلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. رۇسلار يەنە چوڭ دەريا ياقىسىدىكى مۇنبەت يەرلەرنى يېڭىۋاشتىن رۇس ئاقسۇڭەكلىرى ۋە چىركاۋغا تەقسىم قىلىپ بەردى ھەمدە ئىستىراتېگىيلىك جايلارغا قورغان سېلىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن روسىيە دېھقانلىرى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى رايونلارغا كەلكۈندەك يامراپ كەلدى. بۇيەردىكى يەرلىك مۇسۇلمانلار ۋە باشقا خەلقلەر ناھايتى تېزلا ئازسانلىق مىللەت بولۇپ قالدى. بۇ خىل يەر سىياسىتىنىڭ يۈگۈزۈلۈشى ئەمەلىيەتتە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ خىرىستيان دىنىغا ئىتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلىنىشى ئىدى. ئارقىدىنلا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ تۈرلۈك ئىمتىيازلىرى بىكار قىلىندى. ۋەخپە يەر تاتىۋېلىندى، مەسچىت-مەدرىسلەر بۇزۇپ تاشلاندى ياكى تارقىتىۋېتىلدى. يەرلىك ئاھالىنى خىرىستىيان دىنىغا چۇقۇندۇرۇشنى 1555-يىلى قازاندىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئېچىسكوپ گورى باشلاپ بەردى. يەرلىك ئاھالىنىڭ خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى روسيىدىكى پراۋىسلاۋىيە دىنى مۇرتلىرىغا ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان تاتارلار ۋە تۈرك روھ-ئەرۋاھلارغا چۇقۇنىدىغان فىنلاندلارنى يېڭى بىر مۇھىم تەركىب سۈپىتىدە ئېلىپ كىردى. ئەڭ ئاخىرىدا رۇسلار ئۆز نەزىرىدە خەتەرلىك دەپ قارىغان تاتار فىنلاندلار قاتلىمىنى يوقىتىشقا كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن تاتار فىئودال ئاقسۈڭەكلىرى يا خىرىستىيان دىنىغا ئىتىقاد قىلىش، يا پەۋقۇلئاددە ئىمتىيازدىن ئايرىلىشتىن بىرنى تاللاشقا توغرا كەلدى.

تاتارلار ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. بۇ خىل قارشىلىق 1552- يىلى 11- ئايدىكى چوڭ قوزغىلاڭدىلا نامايەن بولدى. فىئودال ئاقسۈڭەكلەر رەھبەرلىك قىلغان بۇ قېتىمكى قوزغىلاڭ 1610-يىلىغا قەدەر داۋاملاشتى. بۇ ۋاقىتتا قىرىم خانلىقى قۇدرەت تېپىۋالغان بولغاچقا تاتار ئاقسۇڭەكلىرى قېرىم خانلىقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەسلىدىكى قازان خانلىقىنى قايتىن قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. مۇشۇ 50 يىل مابەينىدە بىز ئاز دېگەندە 10 قېتىملىق قوزغىلاڭنى ساناپ بېرەلەيمىز. بۇ قۇزغىلاڭلاردىن ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى 1552- يىلىدىكى خۇسەيىن سېيىت قوزغىلىڭى، 1556-، 1557- يىللاردىكى مامىش بېردى قوزغىلىڭى، قېرىم خانى دۆلەت گېرەيىنىڭ مۇسكۇۋاغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن بىرگە ئۆزى شەخسەن رەھبەرلىك قىلغان 1572- 1574- يىللاردىكى چوڭ قوزغىلىڭى، يەنە 1608- يىلىدىكى ۋە 1610- يىلىدىكى قوزغىلاڭلار بولدى. بۇ قۇزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى بەكمۇ ۋەھشىيانە رەۋىشتە باستۇرۇۋېتىلىدى. مانا مۇشۇ جەرياندا تاتار ئاقسۈڭەكلەر قاتلىمى ئاساسەن دېگۈدەك يوقىتىلدى.

XVII ئەسىرنىڭ باشلىرى دېھقانلار قوزغىلىڭى دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. 1608- يىلىدىن تارتىپ ئارقا - ئارقىدىن دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ 1615- يىلىغىچە داۋاملاشتى. ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلار يېڭى- يېڭى چوڭ قىرغىنچلىقلارغا سەۋەپ بولدى. تاتارلار يەنە 1670- 1671-يىللىرىدىكى سىتېفان رازىن باشچىلىقىدىكى كازاكلارنىڭ مۇسكۋا ھاكىمىيتىگە قارشى ئىچىكى ئۇرۇشىغا قاتناشتى.

رومانوۋ خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت سورىشى ۋولگا ۋادىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمىدى. 1731- يىلى قازان ئېپىسكوپى لۇكاكوناشېۋىچ يېڭىباشتىن مەجبۇرىي خاراكتېردىكى دىنىي ئىتقادىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى، بۇ قېتىمقى ھەرىكەت ئىلگىرىكى چاغلاردىكى ھەرقانداق بىرىدىن قاتتىق بولدى. تاتار دېھقانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى ئۇلارنى يېڭىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدا داغدۇسى ئەڭ چوڭ بولغىنى باتۇر شاھنىڭ 1775- يىلىدىكى دىنسىزلارغا قارشى «غازات» بايراق قىلىنغان قوزغىلىڭى بولسا، ئەڭ ئاساسلىقى 1773- 1774- يىللاردىكى پۇگاچىۋ رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭ بولدى. پۇگاچېۋنىڭ قۇزغىلاڭچى قوشۇنىدا تاتارلار، باشقىرتلار، ۋولگا بويىدىكى فېنلاندلار ۋە قازاقلار قاتارلىق زور تۈركۈمىدىكى يات مىللەتلەر بار ئىدى. تاتارلارنىڭ ئۈمىدسىز قارشىلىقىنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە تاتار مىللىتىمۇ چوڭقۇر ئىجتىمائى قۇرۇلما ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈردى. شەھەرلەردىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئاقسۆڭەكلەر ۋە قول ھۆنەرۋەنلەر يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، ئەڭ ئاخىرى يېڭى بىر سودا قاتلىمى بولۇپ شەكىللەندى. بۇ قاتلام پۇختا قەدەملەر بىلەن شەرققە سىلجىپ، ھەرقايسى جايلادا ئاۋات سودا نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. تاتارلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى مۇھىم ئورنىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ تەدرىجى يۇسۇندا يېڭى سودا ئوتتۇرا قاتلىمىدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى سەرگەردان قەۋم بولۇپ قالدى.

يېكاتېرىناII نىڭ تەختىگە چىقشى بىلەن روسيىنىڭ تاتارلارغا قاراتقان سىياستىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. يېكاتېرىنا بىر تەرەپتىن پۇ گاچېۋ قوزغىلىڭىغا ئوخشاش ئاۋارچىلىقنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشقانىدى، يەنە كېلىپ ئۇ تاتار سودىگەرلەر توپىنىڭ روسىيە چېگىرسىدىكى پايدىلىق ئورنىنى تولۇق تۇنۇپ يەتكەنىدى. شۇڭا بۇ ئايال پادىشاھ تاتارلارنىڭ ئىجتىمائى ئورنىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئورۇنبۇرگتا «دىنىي ئۇيۇشما» تەسىس قىلدى. يېكاتېرىناII يەنە قالدۇق تاتار ئاقسۆڭەكلىرى ۋە روسىيە ئاقسۆڭەكلىرىگە باراۋەر ئىمتىياز بېرىپ، تاتار سودىگەرلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېگەبولغان، تىزدىن راۋاجلىنىۋاتقان رۇسىيە سانائىتى بىلەن تۈركىستان بازىرى ئوتتۇرسىدىكى سودىغا ۋاستىچى بولۇپ بېرىشىگە ئىجازەت بەردى (بۇ ۋاقىتتىكى تۈركىستان بازىرى مۇسۇلمان بولمىغانلار ئۈچۈن يەنىلا تاقاق ئىدى). مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئوتتۇرا قاتلام تاتار تەبىقىسى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىقتىسادىي گۈللىنىش ۋەزىيىتىگە قەدەم قويدى ھەمدە بۇ ھالەت بىر ئەسىردىن ئۇزاقراق داۋاملاشتى. تاتارلار چاروسىيە ئىمپېرىيسى سىياسىتىنىڭ «ھەمكارلاشقۇچىلىرى» بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭۈل رىشتىسى يەنىلا ئىسلامغا چىڭ باغلانغانىدى. ئۇلار ئاڭلىق رەۋىشتە ئۆز مىللىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ سودىگەرلەر بىر تەرەپلىمە ھالدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئىشىنى ئاللىقاياقلاغا چۆرۈۋەتكەنىدى. ئەگەر ئاشۇ سودىگەرلەر بولمىغان بولسا ئىسلاھات ھەرىكىتى ۋە XIX ئەسىردىكى «تاتار ئەدەبىيات- سەنئىتىنىڭ ئويغىنىش دەۋرى» يۈز بەرمىگەن بولاتتى.

روسىيە قوشۇنلىرى 1806- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانى مەڭگۈلۈك ئىستىلا قىلىشى بىلەن روسىيە ۋە تاتار كاپىتالىزمى ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقمۇ ئاخىرقى پەللىگە يېقىنلىشىشقا باشلىدى. روسىيە سانائىتىگە ئىشىكنى داغدام ئېچىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا تاتارلارنىڭ ۋاستىچىلىرىمۇ ئاخىرلاشتى. ئالىكىساندىرII ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە روسىيە ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېغىر بېسىمنى ئەسلىگە كەلتۈردى. يېكاتېرىناII ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان خېرىستىيانغا ئېتىقاد قىلدۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ چىۋەرلىك بىلەن ئۈنۈملۈك ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئىستاتسىتىكىلق مەلۇماتلارغا قارىغاندا XIX ئەسىردە 200مىڭغا يېقىن تاتار خىرىستيان بولۇپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇرال، قازاق يايلىقى ۋە تۈركىستاندىكى تاتارلارغا ئوخشاشلا ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان خەلقلەر ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تاتارلارنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا تۇراتتى. تاتارلارنىڭ بۇ خىل رولىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن روسىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ناھايتى قاتتىق قانۇن تۇرغۇزۇش ۋاستىلىرىنى قوللاندى.

تاتار مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئۇلارنىڭ ماددىي مەنپەئەتىگە قوشلاپ زەربە بېرىدىغان تەھدىت تاتارلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىدى. بۇ ئىنكاسنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى تاتارلاردىكى ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى بولدى. مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قالاق مەدەنىيىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىسلام دىنى بىەن مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشقا ئىنتىلدى. مەدەنىيەت جەھەتتىكى بۇ ئويغىنىش ھەرىكىتىنى بىر تۈركۈم تالانتلىق دىنىي مۇتەپەككۇرلار ئورۇنلىدى. بۇلار ئەبۇ ناسىر كۇساۋى (1783- 1814)، شىھابىددىن مارجانى(1818- 1889)، رىزائۇددىن ئىبنى فەخىرىددىن(1959- 1936) ۋە مۇسا جارۇللايوف(1875-؟19) قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ قەيسەر كىشىلىرى ئىدى. تاتارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قالاق مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشمۇ ناھايتى زۆرۈر ئىدى. شۇڭا مائارىپ تۈزۈمى مەسىلىسىگە ئەڭ دەسلەپ تىل ئىسلاھاتچىسى ئابدۇقەييۇم ناسىرى ئۇل سالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن زور بىر تۈكۈم يازغۇچىلار مۇشۇ خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولدى. كىشىلەر ھېلىھەم ئۇلارنى XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى «تاتار ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرگۈچىلەر دەپ قاراپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسمائىل بەي غاسپىرالى («روسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى قىرىم» دېگەن ماۋزۇغا قاراڭ) نىڭ بەزى مۇخلىسلىرىمۇ يېڭىچە مائارىپنى تاتارلار ئارىسىغا ئېلىپ كېلىپ تونۇشتۇردى.  XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قازان ۋە باشقا تاتار شەھەرلىرى (ئورېنبۇرگ، ترويىسكى، ئاستراخان قاتارلىقلار) مەدرىسە نەشىر بويۇملىرى ۋە تاتار تىلىدىكى نەشىر بويۇملىرى ئارقىلىق بۇ شەھەرلەرنىڭ پارلاق مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولۇشتەك ئورنىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ شەھەرلەرنىڭ داڭقى تاتارلار رايونىدا ئەمەس، ھەتتا روسىيە چېگرىسىدىنمۇ ھالقىپ كەتتى.

بىراق تاتارلار باشقا بىر ئەۋزەللىككە تايىنىپ روسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىدى. ئۇ بولسىمۇ تاتارلارنىڭ روسىيە تەۋەلىكىدىكى باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن بولغان تىل جەھەتتىكى تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا تاتارلار ئۆز تەسىرىنى ھەر تەرەپكە كېڭەيتىپ، پانتۈركىزىم ۋە پانئىسلامزىملىق ئىدىيىلەرنى تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقىنى ئۈچۈن مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تاتارلار روسلار بىلەن بىۋاستە تىركىشىدىغان ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ مىللەتچىلىك ھەرىكىتىگە روسىيىدىكى بارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىشتىراك قىلغانىدى.

بىرىنچى قېتىملىق روسىيە ئىنقىلابى تاتار مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق پۇرسەت بولدى. ئۇلار 1905- ۋە 1906- يىللىرى ئاستىن نوۋىگورود ۋە سانكىت پېتىربورگدا ئۈچ قېتىم ئىسلام قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەلىپىنى ئاشكارا جاكارلىدى. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ تەلىپى ناھايىتى چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇلار پەقەت سىياسىي جەھەتتىكى ئەركىنلىك قاتارلىقلارنىلا تەلەپ قىلغان بولۇپ، ھەتتا مۇستەقىللىق تەلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويمىغانىدى.



3. رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىستان رايونى




ئەمدىلىكتە ھېچقانداق كۈچ رۇسلارنىڭ تۈركىستانغا بېسىپ كىرىشىنى توسۇپ قالالمايدىغاندەك قىلاتتى. بۇ ۋاقىتتىكى تۈركىستان رايونى، خىۋا،بۇخارا، قوقان قاتارلىق ئۈچ خانلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئىچكى ئۇرۇش ۋە چارۋىچىلار قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە ھالىدىن كەتكەنىدى. تېخىمۇ يامىنى تۈركىستان ئىقتىسادىنىڭ قالاقلىقى ۋە زامانىۋى قوشۇننىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن رۇسلارنىڭ ئىستىلاسىغا قارشى تەشكىللىك قارشىلىق كۆرسىتىش مۇمكىن بولماي قالدى. ئەمما، قىرىم ئۇرۇشى، قازان قەبىلىلىرىنىڭ ئىسيانى ۋە كاۋكاز ئۇرۇشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىدىن، رۇسلارنىڭ بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى جىق ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى. تاكى ئىمام شامىل قوشۇنلىرىنى ئۈزۈل- كېسىل مەغلۇپ قىلىپ، داغىستاندىكى قوشۇنلارنىڭ قولى بىكار قالغاندىن كېيىنلا رۇسلارنىڭ تۈركىستاننى يوتۇۋېلىشى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا داۋاملاشتى. 1864- يىلى گېنېرال چېرنيايېف قومانلىقىدىكى قوشۇن ۋېرنىدىن يولغان چىقىپ، تۈركىستان شەھەرلىرىدىن يەسىسىنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى، ئاندىن چىمكەنتنى ئىشغال قىلدى. 1865-يىلى قوقان خانلىقىغا تەۋە تاشكەنتنى ئىگىلىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن رۇسلار بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى. 1868- يىلى 5- ئايدا سەمەرقەنتنى ئالدى. شۇ يىلى 6- ئايدا زېرابۇلاقتىكى جەڭدە بۇخارا قوشۇنلىرى يېڭىلدى. 1868- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى بۇخارا ئەمىرى رۇسلار بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، رۇسلار ھامىيلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. 8- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى بىر شەرتنامە بىلەن خىۋا خانلىقىنىڭ مۇستەقىلىق ئورنىغا خاتىمە بېرىلدى.


1875- يىلى رۇسلار ئاخىرى قوقان خاندانلىقىغا بېسىپ كىردى، 8- ئاينىڭ 29- كۈنى پايتەخت قولدىن كەتتى. 1876- يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنى رۇسلار ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ خەتەرلىك رەقىبى بولغان قوقان خانلىقىنى يوقاتتى، ئارقىدىنلا قوقان تۈركىستان گوبىناتورلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. گېنېرال سىكوبېلېف كۆكتۆپە ۋادىسىنى ئىشغال قىلدى (1873-يىلى) ۋە 1884- يىلى تۈكمەنىستاننى بويسۇندۇرۇش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن رۇسلار تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنى ئاخىرلاشتۇردى.

بۇخارا ۋە خىۋادىن ئىبارەت بۇ ئىككى ھامىيلىقتىكى دۆلەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رۇسلار تۈركسىتاننى ھەربىي ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە تۈركىستان گوبىرناتورىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. گوبىرناتور بولسا قورۇقلۇق ئارمىيە شىتابىغا بويسۇناتتى. رۇسلار مۇسۇلمانلارغا مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيىسىدە بولدى. رۇسلار ئىستىلا قىلغان باشقا مۇسۇلمانلار رايونغا سېلىشتۇرغاندا، رۇسلارنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان تەدبىر- سىياسەتلىرى سەل باشقىچە بولدى: ئۇلار تۈركىستان يەرلىك ئاھالىسىنىڭ روسلىشىشى ياكى يەرلىك ئاھالىنىڭ ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى قەتئىي خالىمىدى. تۈركىستان خەلقى روسىيە ئىمپېرىيسىنىڭ پۇقراسى دەپ قارالمىدى. شۇنداقلا ھەربىي مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىمىدى. تۈركىستان خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام شەرىئىتى ئاساسىدىكى قانۇن- تۈزۈمىنى ساقلاپ قالدى، يەنە ئاز بىر قىسىملىرىنىڭ يەرلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىمۇ ساقلاپ قالدى. روسىيە دائىرىلىرى تۈركىستاندا ئەنئەنە ئەڭ كۈچلۈك ساقلىنىپ قالغان بىر جەمئىيەت قورۇپ چىققان بولۇپ،  بۇ جەمئىيەت ئىسلام مۇتەئەسسىپلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. بۇ يەرلىك ھۆكۈمرانلار ۋولگا دەريا ۋادىسىدىكى ئۆز خەلقى بىلەن ئورتاق ئېتىقادقا ئىگە، شۇنداقلا يۈكسەك مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تۈركىستان خەلقى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا قارشى تۇراتتى. ئۇلار يەنە تاتارلارنىڭ ئورېنبۇرگدىكى ئىسلام ئۇيۇشمىسىنىڭ تەسىرىنى تۈركىستانغا كېڭەيتىش تەلەپلىرىگىمۇ قارشى ئىدى. مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى روسىيىدىكى باشقا تۈركىي خەلقلەردىن جىق ئاستا بولدى.

تۈركىستان بوستانلىق رايونلارغا تەۋە بولۇپ، قازاق يايلىقى ۋە قىزغىز دالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆچمەنلەرنىڭ كۆچۈپ كېلىشىگە مۇۋاپىق كەلمەيتتى، ئەقەللىسى بۇ يەردىكى دېھقانچىلىق قىلىغىلى بولىدىغان تېرىلغۇ يەرلەر تولىمۇ ئاز ئىدى، ھەتتا ئاشۇ ئازغىنە ئولتۇراق ئاھالىنىڭ كىرىپ كېلىشىمۇ ئاللىقاچان رۇسلار بىلەن تۈركىستان دېھقانلىرى ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇشقا سەۋەپ بولالايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روسىيە ئىشچىلىرى تۈركىستانغا كېلىپ تۆمۈر يول ۋە توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى قورۇلۇشقا ياردەملەشتى. كېيىنچە، تۈركىستان مۇستەملىكە شەھەرلىرى ناھايىتى تېزلا مۇستەملىكە شەھەرلىرىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدى. ياركەنتلىكلەرنىڭ كونا شەھەرلىرىگە يانداشتۇرۇلۇپ، «ياۋرۇپاچە» ئولتۇراق رايونلار ئارقا - ئارقىدىن قورۇلدى.

روسىيە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى كۈرەش XIX ئەسىرىنىڭ 80- يىللىرى دىنىي ئالاھىدىلىك ئاساسىدا كۆتۈرۈلدى. كاپىرلارغا قارشى بۇ خىل «غازات» ئۇرۇشى، سابىق قوقان خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قوماندانلىرى ئاساسەن دېگۈدەك دىنىي ساھەدىكىلەر بولۇپ، دېھقانلار ۋە شەھەر قول- ھۆنەرۋەنلىرى ئۇلارنى قوللاپ- قۇۋەتلىدى. بۇ كۈرەشلەر ئىستىخىيلىك ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىدە بولغانلىقى، يەنە كېلىپ تاشقى دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەمىشە ئوڭايلا باستۇرۇلۇپ كېتەتتى.

ئەڭ دەسلەپكى قوزغىلاڭ 1885- يىلى پەرغانىدىكى سوپىلارنىڭ داھىسى خانتۆرە باشچىلىقىدا كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا 1891- يىلى نەمەنگان رايونىدا ۋە 1892- يىلى تاشكەنت ۋە قوقان رايونىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. 1898- يىلى كۈنسىرى ئۇلغىيىۋاتقان نارازىلىق ئارقىسىدا نەقشىبەندىيە تەرقىپتىكى سوپىلار ئىشان مەدەلىخان باشچىلىقىدا تېخىمۇ زور كۆلەملىك قوزغىلاڭنى تەشكىللىدى. مەدەلىخان 2000دىن ئارتۇق كىشىنى توپلاپ، غازاتقا ئاتلانغانلىقىنى جاكارلىدى. قوزغىلاڭچىلار ئەنجاندىكى رۇس قوشۇنىغا ھوجۇم قىلىپ ئانچە- مۇنچە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئاخىرى يەنىلا مەغلۇب بولدى ۋە ئېچىنىشلىق تۈردە باستۇرۇپ تاشلاندى.

XX  ئەسىرنىڭ باشلىرى روسىيە دائىرىلىرى تەدبىر قوللىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشتىن قاتتىق ساقلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش پەقەت جەدىتچىلىك نامى ئاستىدىلا ئېلىپ بېرىلدى.

قاتتىق تەقىب مەۋجۇت بولسىمۇ، جەدىتىزم ۋە پانتۈركىزملىق ئىدىيىلەر XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىغا كەلگەندە يەنىلا تۈركىستانغا كىرىپ كەلدى. دەسلەپ ئىسمائىل بەي غاسپىرالى ۋە ئۇنىڭ قىرىمدىكى شاگىرىتلىرى بۇ ئىدىيىلەرنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىشتى. 1905- يىلىدىن كېيىن تازا جانلىنىشقا باشلىدى. 1908- يىلىدىن كېيىن بولسا ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى «ياش تۈركچىلەر» پارتىيىسىنىڭ تەسىر ئاستىغا ئۆتۈشكە باشلىدى. ياپونىيىنىڭ روسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشى رۇسلار بىلەن تۈركىستان خەلقلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتە يېڭى بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. رۇسلارنىڭ يېڭىلمەسلىك ھەققىدىكى ئەپسانە مەۋجۇتلىقىدىن قالدى. تۈركىسىتاندىكى كۈرەش بولسا تەدرىجىي سىياسىي تەلەپ قويۇش يۆلۈنىشىگە قاراپ يۈزلەندى. تۈركىستاندا مەخپىي ياكى يېرىم ئاشكارا جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، مىللەتچىلىك مەزمۇنىغا ياتىدىغان ئەسەرلەر نەشىرى قىلىپ تارقىتىلىدى. «ياش بۇخارا» پارتىيىسى ۋە «ياش خىۋا» پارتىيسى قاتارلىق بىر قىسىم سىياسىي تەشكىلاتلار بولسا ئاشكارا ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە ئاتلاندى.



4. سوۋىت ھۆكۈمرالىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تۈركىستان رايونى




1917-يىلىدىكى فىۋرال ئىنقىلابى تۈركىستان خەلقىگە ئۆز تەلەپلىرىنى ئاشكارا بايان قىلىش پۇرسىتىنى ئاتا قىلدى. 1917- يىلى 5- ئايدا ئۇلار تۈركىستاندا ئىسلام قورۇلتىيى چاقىرىپ، تۇنجى قارارلىق مىللىي ھۆكۈمەت- مىللىي ھەيئىتىنى تەسس قىلىپ چىقتى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغان مەزگىلدە مىللىي ھەيئەت ھاكىمىيەت ئىگىلەش ئۈچۈن قۇقاندا تۈركىستان مۇسۇلمانلار ھۆكۈمىتىنى قۇردى. ئەمما بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆمرى بەكمۇ كالتە بولۇپ قالدى. قوقان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆدىسىدىن چىقالىغۇدەك بىر غول مەمۇرىي ئەمەلدارلار قاتلىمى ياكى قوقان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدىغان ھەمدە ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداپ قالالايدىغان قوشۇنى يوق ئىدى. 1918- يىلى 1- ئايدا تاشكەنتىكى روسىيە سوۋېتى روسىيە ئىشچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇننى قوقانغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. 2- ئاينىڭ 19- كۈنى قوقان شەھىرى ئىشغال قىلىنىپ، قاتتىق بولاڭ-تالاڭ قىلىندى.

تۈركىستاندا تاشكەنتتىكى سوۋېت كوممۇنىسىتلىرى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا مەھكەم دەسسىۋاتقان بولۇپ، كونتۇرۇللۇق ھوقۇقى تامامەن ئۇلارنىڭ قولىدا ئىدى. بۇ بولسا سوۋېت ھاكىمىيتىنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلدىكى بىر ئالاھىدىلىك ئىدى. بۇ ۋاقىتتا «ئاقلار ئارمىيىسى» تۈركىستاننى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئايرىپ تاشلىغانلىقتىن ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارىتا سوۋېت ھۆكۈمىتى قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ئەمما، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى يالغۇز ئەكسىلئىنقىلابچىلار بىلەن كۈرەش قىلىشلا ئەمەس ئىدى. خۇددى تاشكەنت سوۋېتىنىڭ بىر رەھبىرى ئېيقاندەك: «ئىنقىلابنى رۇسلار قوزغىغانىكەن، ئىنقىلابدىن مەنپەئەت ئالىدىغانلارمۇ شۇلار» بۇلاتتى. 1919- يىلنىڭ ئاخىرى ۋولگا ۋادىسىدىن كەلگەن بىر تارماق قىزىل ئارمىيە ئوتتۇرا ئاسىياغا يېتىپ كېلىپ، خىۋا خانلىقى (1919-يىلى 11-ئاي) ۋە بۇخارا خانلىقى (1920- يىلى 2-ئاي) نى يوقىتىشقا كىرشتى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى خانلىق خارەزىم ۋە بۇخارا جومھۇرىيىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.

سوۋېت ھاكىمىيىتى غەلبىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتلەردىن كېلىۋاتقان قوش بېسىملىق تەھدىت ئاستىدا، تۈركىستان سوۋىت ھاكىمىيتىنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى چاتاق بولۇۋاتاتتى. بىر تەرەپدىن ئۇلار سانى 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە شەرقىي بۇخارا تاغلىق رايونى (ھازىرقى تاجىكىستان) نى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان «باسمىچىلار» قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمان پارتىزانلىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇ دېھقانلار قوزغىغان ۋە ئۇمۇمىيلىق خاراكتىرىنى ئالغان، روسلارغا ۋە كوممۇنىزىمغا ئوخشاشلا قارشى تۇرىدىغان كۈرەشنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. 1925- يىلغا كەلگەندە خىل قوراللانغان سوۋىت قىزىل ئارمىيسىنىڭ قول تىقىشى بىلەن بۇ كۈرەش تىنجىتىلىشقا باشلىدى. بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلار ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما يەككە-يىگانە قالغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ بەزى توپلىرى تاغلىق رايونلاردا 1936- يىلىغىچە تىركەشتى. يەنە بىر ياقتىن كېلىۋاتقىنى جەدىتچىلەرنىڭ خەتىرى بولدى. 1920- يىلىدىن كېيىن ئەسلىدىكى جەدىتچىلەرنىڭ ھەممىسى كومپارتىيىگە ئەزا بولدى. بۇ كىشىلەر كوممۇنىزمچى بولغىنى بىلەن يەنىلا مىللەتچى ۋە پانتۈركىست ئىدى. بۇ كىشىلەر تۈركىستاننىڭ سىياسىي ھاياتىدا بىر مەھەل رول ئوينىدى. ئۇلار رۇسلارغا قارشى بولۇپ، مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كوممۇنىزمنى ۋە تۈركىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، باشقىرتىستان، تاتارىستان قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور تۈركلەر دۆلىتىنى قۇرۇش كويىدا ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇران دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا يېقىنلاپ قالدى. بۇ نىشاننى شۇ ۋاقىتتىكى قازان تاتارلىرىدىن سۇلتان غەلىيېف كۆڭۈل قويۇپ لاھىيىلەپ چىققانىدى.

1921-يىلىدىن كېيىن رۇسلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇھىم ئۇرۇنلاردىكى يەرلىك كوممۇنىستلارنى يوقىتىشقا كىرىشتى. بۇ ئىش گەرچە يەرلىك كوممۇنىستلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇرچىغان بولسىمۇ، 1924- يىلى تۈركىستان يەنىلا ئۆزبېكىستان تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق بىر نەچچە مىللىي جومھۇرىيەتكە ئايرىۋېتىلىدى. بۇ بىر نەچچە مىللىي جومھۇرىيەتنىڭ قورۇلۇشى بىرلىككە كەلگەن تۈرك دۆلىتىنى قۇرۇش چۈشىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 1930- يىلىدىن تارتىپ ئاخىرى چوڭ تازىلاش باشلاندى. بۇ قېتىمقى تازىلاش 1938- يىلىغىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى. تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا يەرلىك زىيالىيلارنىڭ كۆپ قىسمى يۇقىتىلىدى، بۇ كىشىلەر بولسا 1919- يىلىدىن كېيىن كوممۇنىزىم ھاكىمىيتىگە شىلتىڭ ئېتىپ كەلگەنلەر ئىدى.

ھالبۇكى، مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى بىت-چىت قىلىپ تاشلانغان، تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئارمانلىرى كۆپۈككە ئايلانغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيلىك قۇرۇلما مۇناسىۋېتى تۈپەيلىدىن (چۆللۈكلەر ۋە بوستانلىقلار) روسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەملىكىسى يەنىلا ناھايىتى ئاجىز بولدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشچە، ئۆزبىكىستان ۋە تاجىكىستاندىكى غەيرى مۇسۇلمانلار سانى 1959- يىلى %15 تىن تۆۋەن بولغان، تۈركمەنىستاندىكى غەيرى مۇسۇلمانلار بولسا %20 تىن تۆۋەن بولغان. بىر مەھەل مۇڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ بىر قىسىمى بولغان تۈركىستان كەلگۈسىدە يەنىلا تۈركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ بولۇپ قالسا كېرەك...




مەنبە: ساقلىۋالغان خاتىرەم

iztikin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-26 19:31:00

يازغان ئىنكاسىم قېنى؟  {:107:}

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-26 19:46:41

قانلىق تارىخ  



بىر مەھەل مۇڭغۇل ئىمپېرىيسىنىڭ بىر قىسىمى بولغان تۈركىستان كەلگۈسىدە يەنىلا تۈركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ بولۇپ قالسا كېرەك

ئەلۋەتتە قايتۇرۋېلىش كېرەك

ئېسىل تېما ئىكەن رەھمەت

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-26 22:34:42

مېنىڭ تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ۋە ئەڭ ئەقىللىق سانايدىغىنىم تاتارلار ئىدى.

تاتار دوستلىرىمىزنىڭ تاجاۋۇزچى گىتلىرغا ئەگىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدە چۈشەندىم.

ھادى تاقتاش، غادىل كوتايلار ھەققىدە مەلۇماتلار يوقمۇ نېمە،  

«تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر» دېگەن ئەسەرنى پەقەت تاپالمىدىم، تورغا بىر يوللاپ قويغۇم بارئىدى، بۇ بەك ياخشى ئەسەر ئىدى، «بوتا كۆز» دەپ قازاقچىدىنمىكىن ياكى تاتارچىدىنمۇ بىلمىدىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر ئەسەرمۇ باركەنمىش، ئوقۇشقا بىر نىسىپ بولمىدى.

nopano يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 01:13:12

قىرىم تاتارلىرى قىرىمغا يېنىپ كېلىپ اتالارىدىن قالغان توپراقلىرىغا ىگە چىقىۋاتىدۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 01:50:53

رۇسلار يەنە چوڭ دەريا ياقىسىدىكى مۇنبەت يەرلەرنى يېڭىۋاشتىن رۇس ئاقسۇڭەكلىرى ۋە چىركاۋغا تەقسىم قىلىپ بەردى ھەمدە ئىستىراتېگىيلىك جايلارغا قورغان سېلىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن روسىيە دېھقانلىرى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى رايونلارغا كەلكۈندەك يامراپ كەلدى. بۇيەردىكى يەرلىك مۇسۇلمانلار ۋە باشقا خەلقلەر ناھايتى تېزلا ئازسانلىق مىللەت بولۇپ قالدى.

......................................................

تۈركزاتنىڭ بۇ تېمىسىغا رەھمەت .

رۇس ئىتتىلىرىنىڭ سانى 10مىڭغا يەتمەيدىغان ،لېكىن شۇ زاماندىكى ئەڭ ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان قىسىملىرىنىڭ شۇنچە كەڭ تۈرك زىمىنىنى بېسىۋېلىشى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدۇ . ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك خانلىقلىرىنىڭ نەچچە يۈزمىڭلىغان‹قىلىچ-قالقانلىق›چەۋەنداز ئەزىمەتلىرى شۇ زاماندىكى ئەڭ ۋەھشى قورال زەمبىرەكنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەتتى .


turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 07:17:28

3- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ۋە ئەڭ ئەقىللىق سانايدىغىنىم تاتارلار ئىدى.

تاتار دوستلىرىمىزنىڭ تاجاۋۇزچى گىتلىرغا ئەگىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدە چۈشەندىم.

ھادى تاقتاش، غادىل كوتايلار ھەققىدە مەلۇماتلار يوقمۇ نېمە،  

«تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر» دېگەن ئەسەرنى پەقەت تاپالمىدىم، تورغا بىر يوللاپ قويغۇم بارئىدى، بۇ بەك ياخشى ئەسەر ئىدى، «بوتا كۆز» دەپ قازاقچىدىنمىكىن ياكى تاتارچىدىنمۇ بىلمىدىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر ئەسەرمۇ باركەنمىش، ئوقۇشقا بىر نىسىپ بولمىدى.


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم Bidar-Qutlan ئاكا. بولسا ھادى تاقتاش، غادىل كوتايلار ھەققىدە قىسقىچە بولسىمۇ مەلۇمات بىرىۋەتمەمسىز...

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 09:54:39

6- قەۋەتتىكى turkzadنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم Bidar-Qutlan ئاكا. بولسا ھادى تاقتاش، غادىل كوتايلار ھەققىدە قىسقىچە بولسىمۇ مەلۇمات بىرىۋەتمەمسىز...


ۋەئەلەيكۇم ۋەسسالام تۈركزاد ئۇكام، مەنمۇ بۇلار ھەققىدە كۆپ
بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، يۇقۇارقى سۇئالنى قويغان
.


ھادى تاقتاش نەچچە
ئون يىللىق مەدرس دەسلىرى(ئاساسلىقى كىلاسسىك ئەرەپ تىلى ئۆگىنىش دەرسى)نى
ئاسانلاشتۇرۇپ، \"شىپاھ\" دەپ بىر دەرسلىك تۈزگەنلىكىنى ئاڭلىغان، بۇ
ماتېرىيال بىزنىڭ كىتاپ پۇرۇشلىرىمىزدا مۇشۇ يېقىنلاغىچە باردەك قىلغان. بىزنىڭ
بۇرۇنقى كىلاسسىك مەدرس دەرسلىكى ھەققىدە
كونىلاردىن مۇنداق ئېيتمىنى ئاڭلايتىم:
\"سەرىپتە سارىدۇق مۆزىدە مۆرىدۇق، زەنجانىدا ئالتىمىزتۇق يەتتەمىز
گاچا
بولدۇق(بۇ يەردىكى سەرپ، زەنجانى، مۆزى دېگەنلەر كىلاسسىك ئەرەپ تىلىنىڭ
تىلقۇرمىسىغا مۇناسىبەتلىك كىتاپلىرىنىڭ نامى)\". مانا بۇ ئېيتمىدىن ئاۋۇ \"شىپاھ\"نىڭ
تەرىپىنىڭ قىلىنىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس
.


غادىل كوتاينىڭ \"تاپشۇرۇلمىغان
خەتلەر\"دىكى باش پىرسۇناژمۇ ياكى شۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرىمۇ تازا ئېنىق ئىسىمدە
يوق، بۇ كىتاپنى ئۇنۋېرسىتىتنىڭ تەييارلىقىدىكى ۋاقتىم(1981- يىلى)دا مەكتەپ
كۈتۈپخانىسىدىن ئارىيەت ئېلىپ پەقەت بىر قېتىملا ئوقۇغان ئىدىم، سېتىۋالاي دېسەم 30
يىلدىن بىرى ھىچ يەردىن تاپالمىدىم، ھازىر ئېسىمدە پەقەت كىتاپنىڭ ئومومىي
ۋەقەلىكى بىلەن كىتاپنىڭ ئەڭ بېشىدىكى \"يوشۇرۇن كۆيۈش، مەخپىي ئازاپ، شۇنچە
تاتلىق لەززىتى؛ بارمىكىن مەندىن بىلەك شۇنداق چۈشەنگەن بىر كىشى.\" دېگەن
شېئىرلام قاپتۇ.
بۇ كىتاپ مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ھازىرمۇ
بارمىكىن تاڭ
.




turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 11:04:28

«تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر» دەپ ئۇيغۇرچە باشقا كىتابمۇ بارمۇ نىمە؟ مىللەتلەر ئۇنۋېرىستېتىدا شۇنداق بىر كىتاب بار ئىدى، تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر دەيدىغان. يا ئۇ باشقىسىمۇ؟

karahan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 12:32:48


3- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ۋە ئەڭ ئەقىللىق سانايدىغىنىم تاتارلار ئىدى.

تاتار دوستلىرىمىزنىڭ تاجاۋۇزچى گىتلىرغا ئەگىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدە چۈشەندىم.

ھادى تاقتاش، غادىل كوتايلار ھەققىدە مەلۇماتلار يوقمۇ نېمە،

«تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر» دېگەن ئەسەرنى پەقەت تاپالمىدىم، تورغا بىر يوللاپ قويغۇم بارئىدى، بۇ بەك ياخشى ئەسەر ئىدى، «بوتا كۆز» دەپ قازاقچىدىنمىكىن ياكى تاتارچىدىنمۇ بىلمىدىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر ئەسەرمۇ باركەنمىش، ئوقۇشقا بىر نىسىپ بولمىدى.



----------------------------------


تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر مۇنۇ ئادرىستا بار ئكەن


http://ishare.iask.sina.com.cn/f/21903102.html?from=like




turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 13:39:11

9- قەۋەتتىكى karahan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


3- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ۋە ئەڭ ئەقىللىق سانايدىغىنىم تاتارلار ئىدى.

تاتار دوستلىرىمىزنىڭ تاجاۋۇزچى گىتلىرغا ئەگىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدە چۈشەندىم.

ھادى تاقتاش، غادىل كوتايلار ھەققىدە مەلۇماتلار يوقمۇ نېمە،

«تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر» دېگەن ئەسەرنى پەقەت تاپالمىدىم، تورغا بىر يوللاپ قويغۇم بارئىدى، بۇ بەك ياخشى ئەسەر ئىدى، «بوتا كۆز» دەپ قازاقچىدىنمىكىن ياكى تاتارچىدىنمۇ بىلمىدىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر ئەسەرمۇ باركەنمىش، ئوقۇشقا بىر نىسىپ بولمىدى.



----------------------------------


تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر مۇنۇ ئادرىستا بار ئكەن


http://ishare.iask.sina.com.cn/f/21903102.html?from=like






رەھمەت karahan0998


ئەپسۇس، بۇ سىز قالدۇرغان ئادرىستىكىسى بىداركام ئېيتقان \"تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر\" ئەمەسكەن، شۇ كىتابنى ئوقۇغان بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تەسىرات خاتىرىسى ئىكەن...

75URUMQI يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 15:13:50

بۇرادەر باشقا مۇنبەركە يوللىساق بولامدۇ،،،تېخىمۇ كۆپ كىشلىرىمىز بۇ تارىقنى بىلىپ قالسۇن روخسەت بەرسىڭىز  باشقا مۇنبەرلەكىمۇ  يوللاي

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 15:22:53

شىپاھىيە دىگەن كىتاپنىڭ ئاپتۇرى ئەھمەد ھادى مەقسۇدى ئىكەن،شۇ ھادى تاختاش بۇلۇشى مۇمكىن

kichikoghul يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 16:27:50

تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر دېگەن بۇ كىتاپتا غادىل كوتۇي،ساندۇر فىتوفىي...قاتارلىق تۆت يازغۇچىنىڭ

تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر، چىپار بىلەن ئالا...قاتارلىق تۆت پارچە پوۋست بار.تاپشۇرۇلمىغان خەتتىكى ئەر

پىرسۇناژنىڭ ئىسمى ئىسكەندەرغۇ دەيمەن.

kichikoghul يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 16:43:45

بۇ ماقالىدىن  بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋىرى(1678-1514)دىن 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللارغىچە بولغان تەقدىر-قىسمىتىمىز بىلەن قىرىم ۋە غەربىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قازان خانلىقى،ئاستراخان خانلىقى ۋە قىرىم خانلىقىلىرى  دەۋىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە  بېشىغا كەلگەن تەقدىر قىسمەتلىرى ئوخشايدىغاندەكلا تەسىراتقا كەلدىم.

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 20:52:17

11- قەۋەتتىكى 75URUMQIنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇرادەر باشقا مۇنبەركە يوللىساق بولامدۇ،،،تېخىمۇ كۆپ كىشلىرىمىز بۇ تارىقنى بىلىپ قالسۇن روخسەت بەرسىڭىز  باشقا مۇنبەرلەكىمۇ  يوللاي  



ئەلۋەتتە بولىدۇ. مەنمۇ بۇ يازمىنى شۇ باشقىلار يازغان جايدىن ساقلىۋالغان...


مەنبەسىنى ۋاقتىنچە ئىزدىنىش دەپ ئەسكەرتىپ قويغايسىز...

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 23:01:30

بىر چاغلاردا بىلىۋال تورىدا لالە دېگەن توردىشىمىزمۇ «تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر» دەپ بىر ئەسەر ئېلان قىلغان ئىكەن(ئەپسۇس، مەن ئۇ ئەسەرنى تولۇق پۈتكەندە ئوقۇياي دەپ، خام تامادا يۈرۈپ، بىرمۇنچە نادىر يازمىلار قاتارى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ. قويغانكەنمەن)، لالەخانىمنىڭ بۇنداق ئىسىم قويىشىمۇ ئاشۇ مەن تىلغا ئالغان ئەسەردىن ئۆرنەك ئالغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىكەن.

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-1-28 07:26:06

16- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر چاغلاردا بىلىۋال تورىدا لالە دېگەن توردىشىمىزمۇ «تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر» دەپ بىر ئەسەر ئېلان قىلغان ئىكەن(ئەپسۇس، مەن ئۇ ئەسەرنى تولۇق پۈتكەندە ئوقۇياي دەپ، خام تامادا يۈرۈپ، بىرمۇنچە نادىر يازمىلار قاتارى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ. قويغانكەنمەن)، لالەخانىمنىڭ بۇنداق ئىسىم قويىشىمۇ ئاشۇ مەن تىلغا ئالغان ئەسەردىن ئۆرنەك ئالغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىكەن.




karahan0998 قالدۇرغان ئادرىستىكى ئەسەر لالە خانىمنىڭ ئەسىرى شۇمۇ نىمە؟ ئۇ ئەسەردىمۇ \"تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر\"دىن ئۆرنەك ئالغانلىقىنى يېزىپتىكەن...

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 06:42:54

ھە  ياخشى! \"\"

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 08:45:10

كيېۋرۇس كېنەزلىگىنىڭ كېنەزى ۋلادىمىر ئۆز ۋاقتىدا « ھاراق رۇسلارنىڭ  خوشاللىغى ۋە قىزىقىشى ، ھاراقسىز رۇسلار ياشىيالمايدۇ » دەپتىكەن ، ھازىر  مانا  بۇ بەختسىز مىللەتنىڭ ئەدىۋىنى ئاشۇ  ھاراق  بېرىۋاتىدۇ ، خۇددى  بەزى  بەختسىز مىللەتداشلىرىمىزنىڭ ئەدىۋىنىمۇ ھاراق  بېرىۋاتقاندەك . ئۆز ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاننى بېسىۋالغان 10 يىل ئىچىدە 14مىڭ رۇس ئۇرۇشتا ئۆلۈپتىكەن ، ھازىر يىلىغا 50مىڭ رۇس ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئۆمرى دۇنيا رەت تەرتىۋىدە 136- ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ كىشىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 50 ياشتىن سەل ھالقىغان ، ئەرلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى ، ئاياللىرىنىڭ يەتتىدىن بىرىگە « زابوي » دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ...



  رۇسلار ئەمىلىيەتتە ياۋروئاسىيادىكى ئۆتكۈنچى مىللەت دەپ قارىلىدۇ ، مەسىلەن ياۋروپالىقلار ئۇلارنى « تېرىسى  سويىۋېلىنغان  تاتار » دەيدىكەن ، گەرچە تاتارلاردىنمۇ ئانچە مۇنچە زابويلار چىقىپ قالسىمۇ لېكىن ئۇلار دىنىي ئېتىقادىنىڭ تەسىرىدە بەختكە  قاراپ يول ئالغان بولسا ، رۇسلار ھاراققا بولغان قىزىقىشىنىڭ تەسىرىدە بۇرۇنقى قىلغان- ئەتكەنلىرىنىڭ قاتتىق جازاسىنى تارتىپ بەختسىزلىك تەرەپكە قاراپ يول ئېلىۋاتىدۇ . تارىخنىڭ تەرەقىياتى ئاجايىپ ، توۋا دىمىسە ...  

  رۇسلار نىڭ تىلىدىمۇ تۈركچە ئېلېمېنتلار خېلى جىق . قېنىغا تاتار قېنى جىق ئارىلاشقان ، ھەتتا ھازىرغىچە موسكۋانىڭ 40% ئاھالىسى تاتار نەسەپلىك دەپ قارىلىدۇ ، موسكۋادىكى ئەڭ قەدىمىي كوچىنىڭ ئىسمى ئارباتىسكىي كوچىسى تۈرك- مۇسۇلمانچە ئىسىم ، ئەڭ بۇرۇنقى مەزگىللەردە تۈركىيلەر بۇ كوچىدا تىجارەت قىلىپ موسكۋانىڭ بىنا بولىشىغا ئاساس سالغانمىش ...
بەت: [1] 2
: چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركى خەلىقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى