noshirwan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-25 19:26:01

ھاكىم، بۇرۇت ۋە پەتە(ھەجۋىي)

ھاكىم، بۇرۇت ۋە پەتە

(ھەجۋىي)





1




-ھەي، ئاچا توختاڭ، نەگە بارىسىز، بۇ يەردە تىزىملىتىڭ،- چاقىردى ئامانلىق ساقلىغۇچى.


- ھاكىم بىلەن كۆرۈشىمەن، خەلق سايلىغان ھاكىم بىلەن،- كېتىۋەردى ئايال


-توختاڭ-توختاڭ، كۆرۈشىمەن دەپلا كۆرۈشىدىغان چوڭ دادىڭىز ئەمەس ھاكىم دېگەن، رۇخسەت قىلسا كۆرۈشىسىز،- ئالدىنى توستى ئامانلىق ساقلىغۇچى.


ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى، ئادەملەر توپلاشتى.


-ئەرزىيەت ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار،- بۇيرۇق قىلدى ئىشخانا مۇدىرى.


-ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بىرەر يۈز قېتىم باردىم، نېمىنى ھەل قىلدى، ئۆيۈمنى چېقىۋېتىپ، تالادا قالسام، ھاكىم ئىگە بولمامدىكەن، كونا زاماندىكى ھاكىم-ئامباللارمۇ دەۋاگەر ناغرا چالغان ھامان تەق بولۇپ دەۋا سورايدىكەن، ئەجىبا بۇ ھاكىم بىلەن كۆرۈشمەك شۇنچە تەسمۇ، ئۇ موشۇ ھويلىغا ياكى بىر پىكاپقىلا ھاكىممۇ، ئېسىت، ئېسىت شۇنداق ھاكىملىقىغا، دەپ قويۇڭلار، ھاكىملىقىدىن ئېلىۋېتىمەن ئۇنداق ھاكىمنى،- ئايال سۆزلەيتتى، يۇلقىناتتى.


ئايال ئەرزىيەت ئىدارىسىگە ھەر كۈنى باردى. قانچىلىك ۋاقت ئۆتتىكىن، بىر كۈنى:


-بۈگۈن يېڭى ھاكىم كېلىدىكەن،- دېيىشتى شۇ ئىدارىدىكىلەر.


- ئاۋۇ ھويلىدىكى ھاكىمچۇ؟


- ۋىلايەتكە مۇئاۋىن ۋالىي بولۇپ ئۆسۈپتۇ.


چەكچىيىپ قاراپ قالدى ئايال.









2



-30 يىل خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىدا بۇنچىلىك ئاڭ بولمىسا، قانداق بولغىنى، چۈشەندۈرۈڭلار، بۇرۇتىنى چۈشۈرىۋەتسۇن دېدى،- دەپ باشلىقنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزدى مۇئاۋىن باشلىق.


- يېشىم 60 كە تاقاپ قالدى، قۇدا-باجىلىق، نەۋرىلىك بولۇپ قالدىم، بۇ ياشقا يەتكەندە، بۇرۇتۇمنى چۈشىرېۋىتىپ يۈرسەم، سەت ئەمەسمۇ؟،-دېدى مۇئەللىم.


- باشلىق شۇنداق دېگەندىكىن چۈشۈرىۋەتمەمسىز، قاراڭ، بىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز سوراپ چۈشۈرىۋەتتۇققۇ مانا، نەچچە يىل بولدى،- دېيىشتى بىرنەچچە خىزمەتدىشى.


- ئەگەر يەنە جاھىللىق قىلسىڭىز، يىللىق مۇكاپات پۇلىڭىزنى ئالىمەن، دەپ خام-خىيال قىلماڭ،- قوشۇپ قويدى مۇئاۋىن باشلىق.


- توۋا، مېنىڭ بۇرۇتۇم نېمىگە تاقاشقان بولغىيدى، سىلەرمۇ نىمانچە مېنىڭ بۇرۇتۇم بىلەن قالىسىلەر، قېتىقىڭلار ئۇيۇيدىغان ئىش بولسا، بۇرۇتۇمنى چۈشۈرۈپ ئاۋارە بولغىچە، چىراي ئۆزگەرتىش ئوپىراتسىيىسىلا قىلدۇراي، - زەردە بىلەن چىقىپ كەتتى مۇئەللىم.











3



-ھوي، داۋۇت سېكرتار، بۈگۈن نېمە كۈنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىلە؟


- ياق، ئۇنتۇپ قالامدىغان، مەن جابدۇنغىلى نەچچە كۈن بولدى.


- يەنە كىملەر كەلمىدى؟


- رېشىت داۋىخور كەلمەپتۇ.


- بۇلتۇر كۆتەرمە كەنتنىڭ سېكرتارى مىجەزىم يوق دەپ پەتىگە بارماي نېمە كۈننى كۆرگىنىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ-دە ئۇ داۋىخور.



- باشلىق مەن جىق ئىچەلمەيمەن.


- ھاراق ئىچەلمىگەن جېنىڭغا سېكرتار بولۇپ نېمە قىلاتتىڭ، كېچىكىپ كەلگەننىڭ جازاسى، ئىچە. چاغانلىق پەتىلەپ كېلىپ ھاراق ئىچمەي كەتسەڭ ماڭا سەت ئەمەسمۇ؟


- ئەمىسە، ماۋۇ كىچىككىنە كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلىڭ، ھېلى تەڭشىلىپ قالسام، ئېسىمدە يوق كېتىپ قالماي يەنە.


-باشلىق، مائارىپتىكىلەر پەتىلەپ كەپتۇ.


- بىردەم ساقلاپ تۇرسۇن، ئۆي بىكار بولغاندا، 15-20 دىن بۆلۈنۈپ كىرسۇن، بولمىسا ئۆيگە پاتمايدۇ...


(ئابلاجان تۇردى)

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-26 07:58:18

تۆردە ئوقۇۋالدۇق... \"\"

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-26 09:43:04

بۇرۇت-ساقال......

ھە..........ي

بۇلارنىڭ بۇرۇت ساقال قويۇۋالغانلىرى سەنئەتكار، ئېنژىنىر، ئالىم، پىراففىسور، رېژىسسور.............

بىزنىڭ ئىچىمىزدە قويۇۋالغانلىرى چاتاق ئادەملەر.......

ئەگەر بىزدە بۇرۇت-ساقال بولماي، مۇشۇلاردا بولغان بولسا ئۇ چاغدا تېخىمۇ ئىش چاتاقتى. يالغان بۇرۇت-ساقاللارنى تاقاپ يۈرگەن ۋاقتىمىز بولىشى مۇمكىن......

ئەممما بەزى كىشىلىرىمىز بۇرۇت-ساقالنى پاكىز، رەتلىك قويمايدۇ. تاماق يېگەندە بۇرۇتلىرى تەڭ يەۋاتقان، چاي ئىچكەندە بۇرۇتلىرى تەڭ ئىچىۋاتقان..... 

tursunxayar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-26 09:45:15

ئاجايىپ، ئالامەت!!!

ناھايىتى ئېسىل ئەسەرلەركەنيا بۇ چاغانلىق!!!

qimanistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-26 09:47:56

راست ئۈزىڭىز سىزدىڭىزما \"\"

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-1-26 09:48:35

چاغان مۇبارەك !!!!!!!!

noshirwan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-26 11:38:23

4- قەۋەتتىكى qimanistanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

راست ئۈزىڭىز سىزدىڭىزما \"\"



رەسىملەر توردىن ئۇلىنىش قىلىنغان. رەسساملارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن.


قوشۇمچە رەسىملەر نورمال كۆرۈنمىسە، مۇنۇ ئادرېستا نورمال كۆرۈنىشى مۇمكىن.


http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=514

sayahatqi0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-26 17:12:14

ئاماليوق   جۇمۇ ھازىر.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-26 21:45:18

پىچاق ئىتتىك، سۈپۈرگە قاتتىق \"\" .

karkat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-27 10:54:30

چاغانبايرىمىڭلاغامۇبارەكبولسۇن ،،،،،،،چىقىپپوجاڭزائاتايلى......گومگوم،،،،،پوڭپوڭ ....{:134:}

tamqa510 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-28 10:12:38

مۇشۇنداق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خەلقلەرنىڭ كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى تۇرمۇش كارتىنىلىرى داۋاملىق يېزىلىپ تۇرسا بەك ياخشى بولاتتى، شۇنداق بولغاندا باشقا جايدىكى قېرىنداشلار ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتەتتى

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2012-1-28 19:21:38

قارىغاندا بۇرۇت ماجىراسى ھەممە يەردە بەر ئىكەن ھە ؟! بىزنىڭ يەردىمۇ ئوقۇتقۇچىلار خام قاپاقتەكلا بۇلۇپ كەتكىلى خېلى بولدى .

مۇشۇنداق ناماز، روزا، ساقال بۇرۇت باش كىيىم دىگەندەك ‹‹ شىنجاڭ سىياسەتلىرى›› بولسىلا ئەڭ ئاۋۋال ئوقۇتقۇچىلارغا ئاۋال كىلىدىكەن دىسە\"\"

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-2-7 09:51:48

مۇشۇنىڭغا قاراپ مەمتىمىن ھوشۇرنى قاتتىق يىراقنى كۆرەركەن دەپ قالدىم جۇمۇ
بەت: [1]
: ھاكىم، بۇرۇت ۋە پەتە(ھەجۋىي)