يۇمۇرلار جەمگاھى
يۇمۇر كۆرەي دىسىە بىر - ئىككى يۇمۇر چىقىپلا تۈگەپ قالىدىكەن . كىرگىنىڭلار بىرە پارچىدىن يۇمۇر يوللاپ قۇياسىلەر ، ھېرىپ - چارچىغاندا ئارام ئالىدىغان ئارمگاھ بوپقالسۇن .
ھە راست ، ئەلا باھالاشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار .
بىر كۈنى ئەپەندىم ساۋاقداشلىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا ، پادىشاھنىڭ ئوغلى پو ئېتىپ دەپتۇ : مېنىڭ دادام ھەممىدىن كۈچلۈك ھەم ئابرويلۇق ، شۇڭا ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا باش ئىگىدۇ . ئەپەندىم بۇنى ئاڭلاپ : نەدىكىنى ، مېنىڭ دادام ھەممىدىن كۈچلۈك ھەم ئابرويلۇق ، شۇڭا پادىشاھمۇ دادامغا باش ئىگىدۇ - دەپتۇ . بۇنى ئاڭلاپ راسا ئاچچىقى كەلگەن پادىشاھنىڭ ئوغلى : سېنىڭ داداڭ نېمە ئىش قىلىدۇ ؟ دىگىنە - دەپتۇ . ئەپەندىم : دادام ساتراچ - دەپ جاۋاب بىرىپتۇ .
-دادا،دادا ھويلىمىزدىكى ھېلىقى يۇمىلاق نەرسىنى نىمە دەيدۇ؟-ماڭ چىقىپ ئۇكاڭ بىلەن ئوينا چوڭلارنىڭ گېپىگە قوشۇق سالماي!
...........
-دادا،دادا دەپ بىرە ھېلىقى يۇمىلاقنىڭ ئىسمى نىمە؟
-ھە نىمە دەيسەن ؟قۇدۇق قۇدۇق!
-ھە،ئۇكام ئابايا ئاشۇ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى ئەتتىگەندە
مەنمۇ بىرنى يوللاپ قۇياي،ئەمدى
بىر كۈنى ،دوستۇم ماڭا بىر قۇر سەپسېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن:
-يېقىندىن بۇيان سەن يەنە سەل..............-دىيىشىگە مەن ئۇنىڭ سۈزىنى تارتىۋېلىپ :
-بولدى!مىنى سەمىرىپ كىتىپسەن ،دىسەڭ بولمايدۇ جۇمۇ،-دىدىم. ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى-دە،مۇنداق دېدى؛
-ئىششىپ قاپسەن! بىر كۈنى كىچىك بوش سەيلە قىلىۋېتىپ بىر كومزەكنى تېپىۋاپتۇ ، دە ئېغىزىنى شۇنداق ئاچقانكەن ، ئىچىدىن يوغان بىر دىۋە چىقىپ : سەن مېنى قۇتقۇزۋالدىڭ . نېمە تەلىپىڭ بولسا دە ، ئورۇنداپ بىرەي _ دەپتۇ . بوش : ئوتتۇرا شەرىقنى تىنجىتىپ بەر - دەپتۇ . دىۋە : ئۇ يەردە ئۇرۇش بولىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى ، تىنجىتماق تەس . باشقا تەلىپىڭنى دە ، شۇنى ئورۇنداپ بىرەي - دەپتۇ . بوش : خوتۇنۇم بەك ھازازۇل ، ئۇرۇشقاق ، شۇنى ئۆزگەرتىپ بەر - دپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان دىۋە : بۇ تېخىمۇ تەس ئىشكەن ، خەرىتەڭنى ئال ، ئالدىنقى تەلىپىڭنى ئويلۇشۇپ كۆرەي - دەپتۇ . يۇمۇرلارنى ئەلا باھالىۋەتسەك ئەلا نىڭ دەرىجىسى چۈشۈپ كىتىدۇ
5- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4- قەۋەتتىكى hemid786نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يۇمۇرلارنى ئەلا باھالىۋەتسەك ئەلا نىڭ دەرىجىسى چۈشۈپ كىتىدۇ
يۇمۇرنىڭمۇ ياخشىسى ، ناچىرى بولىدۇ . ياخشى ، ياخشى يەنە ياخشى بولسا ئەلا دىگەن شۇ .
سىزمۇ بىرەر پارچە ياخشى يۇمۇرلاردىن يوللىۋەتمەمسىز ! بىلسىڭىز .......
باشقا مۇنبەرلەردە قانداق بىلمەيمەن لىكىن ئىزدىنىشتا تېما نادىرلەشكە بولغان تەلەپ ئۇنداق تۆۋەن ئەمەس . يەنە كىلىپ بۇنچىكى يۇمۇرلارنى نادىرلەشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى ئەمدى ؟ يۇمۇر دېگەننى زېرىككەندە ئوقۇپ قويساقلا بولدى . تېمىنى ياخشى سەھىپىگە يوللاپسىز ، بولسا ئىرىنمەي مۇشۇ سەھىپىنى ياخشى ئارىلاپ بېقىڭ كۆلدۈرۈپ ئۈچىيىڭىزنى ئۆزىۋەتكۈدەك يۇمۇرلار دېگەن كۆپ. سىز دېگەندەك
يۇمۇرلار خالتىسىمۇ يوق ئەمەس . بەك نادىرلىسەم بۇلاتتى دېسىڭىز ئاۋال شۇنىڭغا لايىق ياخشى تېمىلارنى يوللاڭ . ھەرقانچە بولسىمۇ يۇمۇرلارنى نادىرلەپ يۈرسەك سەت تۇرا!
مەن يۇمۇر بىلمەيمەن ، بىلىپ بىلمىگىلى شۇنچە مۇھىم نەرسىما ئۇ ؟ بىلسىڭىز يوللاڭ دەپ كەتكۈدەك ؟
ئىشقىلىپ مەن تېما نادىرلەشكە بولغان ھۇقۇقۇمنى بۇنداق نەرسىلەرگە ئىشلىتىپ يۈرمەيمەن ...
ئۆزۈمگە ئېلىۋالمىدىم ئىككىڭلار قۇرۇق پاراڭغا چۈشۈپسىلەرغۇيۇمۇر يوللاڭلا
يۇمۇر كەتتى :
ئۇيقۇسىزلىق
ئېرى:
ئۇيقۇم كەلمۇيۋاتىدۇ.
خوتۇنى:
مىنىڭمۇ ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ.
ئېرى:
بىر قوي، ئىككى قوي، ئۈچ قوي..............
خوتۇنى :
بىر نوركا پەلتۇ ، ئىككى نوركا پەلتۇ ، ئۈچ نوركا پەلتۇ................... مەبىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەن زىيالى مەتۇغا دىدى:
--مەتۇ ئاداش، قىزلار دىگەن زەھەرلىك ئوغا، قىزلار دىگەن ئەجەل ئەلچىسى، شۇڭا قىز بالا دىگەنگە ھەرگىز ئىشەنمە ھە، مەن قەسەم قىلدىم، بۇنىڭدىن كىيىن قىز بالا دىگەنگە ھەرگىزمۇ يېقىن يولىمايمەن.
شۇ گەپ بولۇپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن مەتۇ بىر قاۋاقخانىغا كىرسە زىيالى بىر قىزغا يېقىن ئولتۇرۇپ پاراڭ سېلىۋاتقۇدەك، شۇنىڭ بىلەن مەتۇ سورىدى:
--زىيالى، سەن تېخى يېقىندا ماڭا بىر نىمىلەرنى دەۋاتاتتىڭغۇ؟
زىيالى: شۇنداق، توغرا دەيسەن، شۇنىڭدىن بېرى ھاياتتىن ئۆمۈدۈمنى ئۈزۈپ ھاياتىمنى تېزراق ئاخىرلاشتۇراي دەپ شۇ زەھەرلىك ئوغىغا يېقىنراق تۇرۇۋاتىمەن ئىزدىنىشتىكى گۇلاخمالىق موللام سەپەرگە چىقىپتۇ.يېرىم يولغا كەلگەندە پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى بۇلۇپ قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەريا بۇيىغا بېرىپ تاھارەت ئاپتۇ.تاھارەت ئېلىپ بۇلۇپ كەشىنى كىيەي دەپ تۇرۇشىغا كەشى ئىھتىياتسىزلىقتىن دەرياغا چۈشۈپ ئېقىپ كىتىپتۇ.گۇلاخمالىق موللام دەرھال دەرياغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇرۇپ ئىككى ئۈچنى ئۇسۇرۇپتۇ دە دەرياغا قاراپ::
-ئەي دەريا،سەندىن ئالغان تاھارەتنى قايتۇرۇپ بەردىم ،كەشىمنى قايتۇرۇپ بەر،كەشىمنى قايتۇرۇپ بەر!......-دەپ ۋاقىراپتۇ. يەنە يۇمۇر كەتتى :
پارچىلاپ بەر
-مۇلازىم،بۇ يەرگە كىلىڭە ! -دەپ توۋلىدى بىر خېرىدار.
- لەببەي،-دەپ يۈگۈرۈپ كەلدى مۇلازىم.
-يىگىرمە يۇئەنلىك ئۈگرىدىن ئاران بىر پارچىلا گۆش چىقىپتۇغۇ؟-دەپ كايىدى خېرىدار.
-قانچە پارچە بولسا بۇلاتتى ، ئەپەندى؟
- ھېچ بولمىغاندا بەش، ئالتە پارچە بولمامدۇ؟
- ئاشپەز ئۇستام ، ماۋۇ ئەپەندىنىڭ قاچىسىدىكى گۆشنى بەش ،ئالتە پارچە قىلىپ پارچىلاپ بەر ، - دەپ توۋلىدى مۇلازىم. خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق
ئىزدىنىشتىكى ياۋۇزبەگ :
-مىنىڭ خېتىمنى ... ھەدەڭگە تاپشۇرۇپ بەردىڭمۇ؟
بالا :
_ ھەدەم ئۆيدە يوقتى، دادامغا بەردىم.
ياۋۇز بەگ :
- ھەي ئىسىت ! داداڭ نىمە دىدى ؟
بالا :
_ دادام بەك خاپا بولۇپ كەتتى . .. خەتنى سىزگە قايتۇرۇپ بىرىشىمنى ئېييتى .
ياۋۇزبەگ :
_ ئۇنداقتا ، خەتچۇ ؟
بالا :
_ ئاخشام ئۆيدە يوقكەنسىز ، شۇڭا دادىڭىزغا تاپشۇرۇپ بەردىم . ھەي،سىرىم پاش بۇلۇپ قاپتۇيا ئەمدى.مۇنبەردە قانداقمۇ بېشىمنى كۈتۈرۈپ يۈرەرمەن ھە رول: ئىزدىنىش ئەزاسى
دەرىجىسى: ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ
جىنسىي:ئەر
يازما سانى:25
نادىر تېما:0
تەجرىبىسى:35
بايلىقى:16 تىللا
تىزىملاتقان ۋاقتى:2012-01-12 05:18
ئاخىرقى كەلگىنى:2012-01-25 03:00
ھالىتى:ئىزدىنىشتە بار.
سىزمۇ يىڭىياچىكەنسىز غۇ مانا ئەھمىيەتسىز نىشان
دىھقان بىر ئىت بېقىۋاپتۇ .بۇ ئىت ھەمىشە يول بويىدا تۇرۇپ ، ماشىنىلارنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ تۇرىدىكەن ، بىرەر ماشىنا ئۆتكەن ھامان دەررۇ يولغا يۈگۈرۈپ چىقىپ ، ماشىنا بىلەن بەسلىشىدىكەن .
بىر كۈنى ، قوشنىسى بۇ دىھقاندىن سوراپتۇ :
_ سېنىڭ بۇ ئىتىڭ ماشىنىغا يىتىشەلەرمۇ ؟
_ ئىتىمنىڭ ماشىنىغا يېتىشىۋېلىش ياكى يېتىشەلمەسلىك مېنى ئازابلىمايدۇ ، مېنى ئازابلايدىغىنى شۇكى ، ئۇ يۈگۈرۈپ ماشىنىدىن ئېشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى . ئۇ بەرىبىر ئىت - دە . كىچىكىش
uqkun1 مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىدا ، بىر بولسا دائىم مەكتەپكە كىچىكىپ كېلىدىكەن ، بىر بولسا تاكى دەرىستىن چۈشكىچە ئۇخلايدىكەن . بىر كۈنى ئۇ ماتېماتىكا دەرىسىگە 10 مىنۇت كېچىكىپ كەپتۇ . بۇنى كۆرگەن ئۇقۇتقۇچى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ : _ ئەمدى كېچىكسەڭ بولمايدۇ ، بولمىسا ئۇيقۇڭغا قانماي قالىسەن .
{:92:} كىم يامان
taklimakan10 نىڭ تۇنجى قېتىم تاكسى توسۇشى ئىدى . ئۇ شەھەردىكى تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئۆزىنى قاقتى - سوقتى قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، بىكەتكە كېلىشتىن بورۇن ئەتۋىركىسىنى چىقىرىپ چىشىنى چوتكىلىغاچ ، تاكسى شوپۇرىدىن سوراپتۇ : - قانچە پۇل ؟ بۇچاغدا تاكسى شوپۇرى چەيدو بىلەن ساقىلىنى قىرغاچ ، مۇنداق دەپتۇ : _ ئۆزەڭ بىلىپ بىرەسەن . {:92:} antonio سىنىپىدىكى بىر قىزچاققا يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرۈپتۇ . بىر كۈنى ، تەكرار ۋاقتىدا ئۇ غەيرەتكە كېلىپ قىزچاققا خەت يېزىپتۇ . خەتكە مۇنداق يازغانكەن : ‹‹ مەن سىزگە دىققەت قىلىپ يۈرگىلى خېلى ئۇزاق بولدى ›› . بىر دەمدىن كىيىن قىزچاق antonio غا مۇنداق جاۋاپ خەت يېزىپ ئەۋەتىپتۇ : _ ‹‹ ئۆتۈنۈپ قالاي ، مۇئەللىمگە ھەرگىز دەپ قويمىسىڭىز ، مەن ئەمدى دەرىس ۋاقتىدا ھەرگىز گازىر چاقمايمەن . ››
{:92:}
باشقىلارمۇ يۇمۇر يوللاپ قويۇڭلار مۇنداق ................... ساختا پۇل ياسايدىغان بىرەيلەن بىر كۈنى ساختا پۇل ياساۋېتىپ،ئېھتىياتسىزلىقتىن 15 كويلۇق بىرنى ياساپ قويۇپتۇ، لېكىن ئۇنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماي، چەت -ياقا جايدىكى بىر كىچىك دۇكانغا كىرىپ خەجلىۋەتمەكچى بولۇپ، بىر كويلۇق نەرسە ئېلىپ، ھېلىقى 15 كوينى بېرىپتىكەن، دۇكان ئىگىسى ئۇنىڭغا يەتتە كويلۇق پۇلدىن ئىككىنى قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.