noshirwan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 12:53:18

ئۈچ فېليەتون

ئەرزخورنى ئەدەپلەش تەدبىرلىرى


(فېليەتون)

111.jpg











-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرادەر، كەم دىدار بولۇپ
كەتتىڭغۇ؟


-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خىزمەتچىلىك، بۇرادەر.
ئەرزخورلار ئارام بەرمەي، بېشىمىزنىڭ ئىچىمۇ-تېشىمۇ قېتىپ كەتتى.


-سىلەرنىڭ ئىدارە ئەرزىيەت ئىدارىسى تۇرۇپ
بېشىڭلار قاتسا، ئەرزخورلارنىڭ ئەرزىنى كىم سورايدۇ؟


-بۇرادەر، سەن بىلمەيسەن، ئەرزىنى سورايمىز دەپ
نەچچە ئون قېتىم دېدۇق، لېكىن، ئەرزخورلار يەنىلا ئۈرۈمچى، بېيجىڭغا بېرىۋېلىپ،
بىزنى ئوسال قىلىۋاتىدۇ.


-ئەمىسە، مەن ساڭا ئەرزخورلارنى ئەدەپلەشنىڭ
بىرنەچچە ئۈنۈملۈك تەدبىرىنى دەپ بېرەي، سىناپ باققىن.


-قۇلىقىم سەندە، ئاداش.


-بىرىنچى تەدبىر، تەشۋىقات جېڭىگە كۈچەڭلار،
لوزۇنكا-پلاكاتلارنى ھەممە يەرگە ئېسىڭلار، لوزۇنكىغا «ئەرزخورلۇق قانۇنسىزلىق،
ھاكىم بىلەن قارشىلاشقانلىق، كىمكى قانۇن بىلەن ئويناشسا، دىكتاتۇرانىڭ تەمىنى
تېتىيدۇ» دەپ يېزىڭلار.


-يەنە «قانۇنسىز ئەرز قىلغانلارغا تۇنجى قېتىم
تەنبىھ بېرىلىدۇ، ئىككىنچى رەت سولاپ قويىلىدۇ، ئۈچىنچى مەرتەم قاماققا ئېلىنىدۇ»
دەپ يازساق، چوقۇم يۈرىكى پوكۇلدايدۇ.


-ئىككىنچى تەدبىر، ئىزىغا چۈشۈپ نازارەت
قىلىڭلار، نەگە بارسا، ئايرىلىپ قالماي، بىرگە بېرىڭلار.


-ئۈچىنچى تەدبىر، ئەرزخورلارنى سېسىتىڭلار،
تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ھورۇن، چاتاقچى، تەييارتاپ دەپ چاۋىسىنى چىتقا
يېيىڭلار.


-بەزىلىرىنى مېڭىسىنىڭ دەردى بار، ئېلىشىپ
قالغان، دېسەكمۇ بولغىدەك.


-تۆتىنچى تەدبىر، ئەرز قىلماسلىق كاپالەت پۇلى
ئېلىش يولى بىلەن ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈڭلار.


-بۇ تەدبىرنى كەنت ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈپ،
كەنتنىڭ قولى بىلەن قىلساق بولىدىكەن.


-بەشىنچى تەدبىر، يولدا توسۇپ، ناھىيە، ھېچ
بولمىغاندا ۋىلايەت چېگرىسىدىن چىقارماڭلار.


-توغرا، ئايرودروم، پويىز ئىستانسىلىرىدا
مەخسۇس ئادەم قويساق بولىدۇ.


- ئالتىنچى تەدبىر، ئۈرۈمچى، بېيجىڭدىكى مەلۇم
شىركەتلەر بىلەن توختام تۈزۈپ، ئەرزخور پويىزدىن چۈشكەندە مەخسۇس ئادەم ئالدىغا
چىقسۇن.


-ئېلىپ كېلىپ بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسە، ئادەم
سانىغا قاراپ ھەق بەرسەك بولىدۇ.


-يەتتىنچى تەدبىر، روھىي كېسەللەر
دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىڭلار.


-سەككىزىنچى تەدبىر، قەلەمنىمۇ، ئەلەمنىمۇ
ئىشقا سېلىڭلار، گەپ يېمىگەنلەر ئانچە-مۇنچە دۇمبا يېسىمۇ بولىدۇ.


-توققۇزىنچى تەدبىر، تاياق يەپمۇ ئەرزنى
توختاتمىسا، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە
تاشلاڭلار.


-ئونىنچى تەدبىر، رادىيو-تېلېۋىزوردا ياكى
بازارلاردا سازايى قىلىڭلار.


-بۇ چارە بولىدىكەن، ئوغرى-قىمارۋاز،
پاھىشىۋازلار قاتارىدا سازايى قىلىپ پەندىيات دېگۈزىۋېتىمىز. ناھىيىمىزنىڭ
«ئەرزخوردىن خالىي ناھىيە» بولىشىغا گەپ كەتمەيدىغان بولدى، يۈرە ئاداش، رېستوراندا
تازا بىر مېھمان قىلاي سېنى.

http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=507








خىزمەت ئىزدەش
ئېلانى


(فېليەتون)


20110911014856818.jpg






كەمىنە 25 ياشلىق يىگىت مەن،
مۇشتۇم بازغاندەك، چېچەن قاپلاندەك، بىر ئەمەس، بەش نوچى تەڭ كەلسىمۇ
تېتىيمەن.


غېمى يوق بويتاق مەن، بالام-كالام
دېمەي، كېچە-كۈندۈز خىزمەتكە تەييارمەن.


تۆگىدەك بويۇم بار، ھۆركىرەش
خۇيۇم بار، چاتاقچىنى ئەدەپلەيدىغان 36 تەدبىر-ئويۇم بار.


«ئاقىلغا ئىشارەت» دېگەننى
بىلىمەن، خوجايىننىڭ كۆزىگە قاراپ مۇددىئاسىنى ئۇقىمەن، بىرەرى تاياق يەپ ئۆلۈپ
قالسىمۇ، ھەممىگە ئىگە بولىمەن.


ئادىمەتچىلىكنى بىلىمەن،
سوۋغا-سالامنى ياق دېمەي، تەلەپ قىلىپ ئالىمەن، تاپاۋەتنىڭ يېرىمىنى باش خوجايىنغا
، يېرىمىنىڭ يېرىمىنى ئورۇنباسارغا سۇڭگۇتىمەن، قالغىنى ئۆزۈمگە.


ياردەمچى قاتناش ساقچىسى ياكى
بىرلەشمە مۇداپىئە خادىمى بولۇشقا بەكرەك ھەۋەس قىلىمەن.


يانفۇن
نومۇرۇم:138ⅹⅹⅹⅹⅹⅹⅹⅹ


http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=506








مۇدىرنى ئېتىۋەتكەن مۇئەللىمگە
نەسىھەت


(فېليەتون)


«مۇئەللىم مەكتەپ مۇدىرىنى ئېتىۋېتىپتۇ» دېدىڭىزمۇ؟
قانداق ئېتىپتۇ؟ مىلتىق بىلەن. توۋا، نىمىشقا ئەمدى؟...


ھەي، مۇئەللىم، سىزنىڭ مۇدىر
بىلەن ھەرقانچە ئاغرىق-ئاداۋىتىڭىز بولسىمۇ، مەكتەپكە نارازىلىقىڭىز بولسىمۇ، بۇنچە
قىلىش كەتمەس.


مەكتەپ سىزنىڭلا مەكتىپىڭىزمىدى،
نىشانلىق ئوقۇتۇش دەمدۇ، ساپا مائارىپى دەمدۇ، ئېمتىھان مائارىپى دەمدۇ، نېمە دېسە
مەيلى ئەمەسمۇ. دەرسلىك كىتابلار كۆپىيىپ كەتسە، ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا،
تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمىسا، نېمە كارىڭىز. مۇئەللىمدىن باشلىق كۆپەيسە، 8-10
نەپەر مۇدىر، بۆلۈم، گۇرۇپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر ... دېگەنلەرنى
قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40-50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلسا ياخشى ئەمەسمۇ،
ئىشلار سۇدەك راۋان يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.


ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى
ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئېنگلىز تىلى ياكى دۇنيا تىلىدا دەرس
ئۆتسە، ئۇلارنىڭ سەۋىيىسى ئاشماي قالارمۇ؟


مەكتەپ مۇدىرى «ئىسلاھات» دېگەن
ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش، كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشەنگەن بولسا، ماقۇل
دېسىڭىزلا بولمىدىمۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش
كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىپ، مۇشۇ توغرىلۇق باش
قاتۇرغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرىپ، يېڭىدىن-يېڭى ئۈنۈمسىز
ۋەزىپىلەرنى ئارتقان بولسا، مۇدىرنىڭ ئىقتىدارىغا قايىل بولسىڭىز بولاتتى. مۇدىر
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنى قايسى ئۇسۇلدا
ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى
جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس چارە تۈزۈپ چىققان بولسا، ئۇنى بىمەنلىك دەپ
ئويلاپ قالسىڭىز بولماس.


كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك
ئەھمىيەتسىز جەدۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىڭىزدىن كەتسىڭىزمۇ، ئارام خۇدا
دەرس تەييارلىغۇدەك ۋاقت بېرىلمىسىمۇ، دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، بۇلتۇرقى
كونسىپىكنى بۇ يىل ئىشلىتىشكە بولمىسىمۇ غىڭ قىلماسلىقىڭىز
كېرەكتى.


«گۇرۇپپا باشلىقى»ڭىز دۇنيادىكى
ئەڭ كىچىك ئەمەلدار بولسىمۇ، كونسىپىكنى قايتا-قايتا كۆچۈرتۈپ، ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت
خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالسا، مۇشۇ ئىش بىلەن ئۆسۈۋالسا، سىزنىڭ كۈنىڭىز
دەرسلىكتىن كونسىپىككە، پايدىلىنىش ماتىرىيالىدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە،
دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتسە، ھەر ھالدا بىكار قالمىدىم، مائاشىمغا
يۈز كەلگىدەك ئىش قىلدىم دەپ ئويلىسىڭىز بولماسمىدى.


تەتىللىك دەم ئېلىشنى ئۇنتۇپ،
قىشۇ-ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالسا، شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ
ئىشلەتسە، كاردىن چىقىپ كەتمەستىڭىز. ئوقۇغۇچىلىرىڭىز گومۇش، يىراقنى
كۆرەلمەس...قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، سىلەر ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك...دېگەندەك رەئىس
ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىپمۇ قالماس بولغىيدىڭلار.


ھەي، مۇئەللىم، سىلەرنىڭ يۈكىڭلار
قانچە ئېغىر بولسا، مەكتەپ مۇدىرى دەل مۇشۇ ئىشتىن پەخىرلەنسە، ئوقۇتقۇچىلارنى
قانچىكى كۆپ قاقشاتسا، قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇنى ئىسلاھات
قىلدىم دېسە، سىز ھەرقانچە دوكتور، بولسىڭىزمۇ شۇنداق شەكىلۋازلىقلىرىغا كۆنسىڭىز
بولماسمىدى.


سىز مۇدىردىن قورقماي، ئۇنى
قانداقمۇ ئاتقانسىز؟ مۇدىر «قورقۇتۇش»نى ئۆز نوپۇزىنىڭ ئاشقانلىقى دەپ بىلىپ،
ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك قورقىتىۋالسا، ئۇلارغا قانچە زور تەھدىت سالالىسا، «ئىش
ئورنۇڭدىن قالىسەن» - دەپ ئۈستەلگە مۇشتلىۋالغان بولسا، بۇنىڭغا غۇم ساقلاپ نېمە
قىلار ئىدىڭىز.


«ئىش ئورنىنى
بىكارلا» دېسە، دەرستىن توختاتسا، يىراق مەكتەپلەرگە پالىۋەتسە، ئاچچىقىڭىزنى
ئىچىڭىزگە يۇتۇپ يۈرىۋەرسىڭىز بولماسمىدى.
تەربىيەلەپ چىققان ئادىمىڭىز ئىلىمگەر بولۇپ چىقامدۇ، غالچا بولۇپ چىقامدۇ،
بۇلارغا باش قاتۇرۇپ نېمە قىلاتتىڭىز.


بۇنداق ئىشلار سىزنىڭ كۈلكىڭىزنى
قىستىماي، غەزەبلەندۈرگىنى نېمىسى؟


http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=503







koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 16:39:12

بۇلارنى خەنزۇچەدىن تەرجىمە قىلغانمۇ قانداق!؟

خېلى قىززىق بولغان بىلەن، ئۇيغۇرلار جەمئىيتىگە ئانچە ماس كەلمەيدىكەن.

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 23:23:50

بىرىنجىسىدە ھەقىقەت يېزىلىپتۇ. \"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-24 00:30:00

1- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇلارنى خەنزۇچەدىن تەرجىمە قىلغانمۇ قانداق!؟


خېلى قىززىق بولغان بىلەن، ئۇيغۇرلار جەمئىيتىگە ئانچە ماس كەلمەيدىكەن.



ئانچە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قاپسىز ھە؟

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-24 09:20:37

تەرجىمە ئەمەسكەن، ھەممىسىدىلا ئاپتورى ئابلاجان تۇردى دەپ ئەسكەرتىپتۇ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-24 17:44:16

ھەممىسى جۇڭگۇنىڭ ھەممە يېرىگە نەق چۈشىدىكەن ،بولۇپمۇ دىيارىمىزغا....
بەت: [1]
: ئۈچ فېليەتون