koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 11:06:59

تاۋۇز يەپ زۇكامدىن ساقايدىم

ھەپتىنىڭ ئالدىدا قاتتىق زۇكام بولۇپ قالدىم. بۇرۇنقى زۇكاملىرىمغا ئوخشىمايدىغان يېرى، دىمىغىم پۈتۈش بىلەن بىرگە بېشىممۇ تەڭ قوشۇلۇپ ئاغرىيتتى. راست گەپ قىلسام، زۇكام بولۇپ بېشىم ئاغرىغىنى ئېسىمدە يوق. دۇكاندىن دورا ئېلىپ يېدىم، پەرق ئەتمىدى. باش دىگەن ئاغرىۋاتىدۇ، ماڭقا دىگەن ئاقىدىغان تۆشۈكىنى تاپالماي، نەلەردىدۇر ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ، ئىشقىلىپ بەك قىينالدىم. بىر كىشى دوختۇردىن "قايسى كېسەل ئەڭ يامان؟" دەپ سوراپتىكەن، دوختۇر "سەن گېرىپتار بولغان كېسەل ئەڭ يامان" دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەندۇق. رەھمەتلىك ئاپاممۇ دائىم "نە ئاغرىسا جان شەدە" دەيتتى. قارىغاندا، ھازىرقى زۇكىمىم ماڭا نىسبەتەن ئەڭ يامان كېسەل چاغۋا. ئادەتتە 3 كۈندە ساقىيىدىغان زۇكام، مانا 5-كۈنىگە سوزىلىپ بارماقتا ....

"دوختۇخانىغا چىقىپلا ئاسما ئاسقۇزىۋەتمەي" دەمسىز؟ كار قىلمايدۇ. ماڭىلام ئەمەس، ھەممە ئادەمگە كار قىلمايدۇ. "بىر ھەپتە ئاسما ئاسقۇزۇپمۇ ساقايمىدى بۇ زۇكام" دىگەندەك گەپلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. پېقىر كۆكتاشنى دىمىدى دەپ قالماڭلار، زۇكام ئادەتتە 5 كۈن ئەتراپىدا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. ئاسما ئوكۇل پەقەت زۇكامچىلارغا ئازراق "تەسەللىي" بولۇپ قالىدۇ خالاس. "نىمىشقا؟" دەمسىز؟! چۈنكى ئاسما ئوكۇل قىلىدىغىنى باكتېرىيەگە قارشى ئانتبىئوتىك دورىلار، لېكىن زۇكامنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۇرسا. بۇ خۇددى دۇمبىسى قىچىشسا، مەيدىسىنى تاتىلىغاندەك بىر ئىش-تە. باكتېرىيە بىلەن ۋىرۇس تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مىكرو جانلىق بولۇپ، باكتېرىيەنى دورا ئارقىلىق ئۆلتۈرىۋەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ۋىرۇسنى تامامەن ئۆلتۈرىدىغان دورا تېخى ئىجاد بولغىنى يوق، ۋىرۇسنىڭ پەقەت ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنىسىلا بار. شۇڭا، جىگەر ياللۇغى، ئەيدىز قاتارلىق ۋىرۇستىن بولىدىغان كېسەللىكلەرگە قارىتا، ئالىملار تا ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك دورا تاپالمايۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىزدىنىشى مۇناسىۋەتلىك ۋاكسىنا ھەققىدە بولماقتا.

نەزىرىيەنى قويۇپ، نەق گەپكە كەلسەك، تۇيۇقسىز كاللامغا تاۋۇز يېيىش كېلىپ قالدى. ئالدىنقى بىر قېتىممۇ ئايالىم زۇكام بولۇپ قالغاندا، تاۋۇز يىگۈزۈپ ساقايتقان ئىدىم. ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلگەن ئوخشايدۇ.

ئايالىم ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي بازاردىن تاۋۇز ئېلىپ كەلدى، تىلغان تاۋۇزدىن بىر تىلىم يەپلا، بۇرنۇمنىڭ پۈتۈكى ئېچىلىپ كەتتى. ۋاھ! ئاللاھ ئاتا قىلغان ساپ ھاۋادىن ئەركىن نەپەس ئالسا نېمە دىگەن ياخشى-ھە! لېكىن سەل تۇرۇپ يەنە پۈتۈپ قالدى. قارىغاندا تولۇق ھالدا ئەركىن نەپەس ئېلىش ۋاقتىم كەلمىگەن چېغى.... لېكىن باشقا ئالامەتلەر سەل يەڭگىللىگەندەك. ئەتىسى بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ قالدىم. ئۆگۈنى زۇكامدىن ئاساسەن ئازاد بولدۇم.

تاۋۇز يىگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى، www.sodiger.net تورىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلەن كيۇكيۇدا پاراڭلىشىپ قالدىم. چۈنكى پېقىر كۆكتاش يېقىندا سودىگەر ئەپەندىگە  ياللىنىپ ئىشلەۋاتقىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغان ئىدى. سورىسام ئۇمۇ قاتتىق زۇكامداپ، نېمە قىلارنى بىلمەي ئولتۇرۇپتىكەندۇق. ئۇنىڭغىمۇ تاۋۇز يېيىشنى تەۋسىيە قىلدىم. سودىگەر ئەپەندىمۇ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، چوقۇم سىناپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

تاۋۇز پەقەت بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرگىلا پايدا قىلماس-ھە!؟ ھەر نېمە بولسا سودىگەر ئەپەندىدىن ئەھۋالىنى سوراپ باقاي دەپ، بۈگۈن كيۇكيۇلاشسام، ئۆزىنىڭ تاۋۇز يەپ تامامەن ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى...... قارىغاندا، تاۋۇز ھەر قانداق ئادەمدىكى زۇكامغا پايدا قىلىدىغان ئوخشايدۇ. ئىشەنمىسەڭلار،
www.sodiger.net تورىغا كىرىپ، ئەڭ ئاستىغا قارىساڭلار، كيۇكيۇ ۋە تېلېفون نومۇرلىرى بار، شۇ ۋاستىلەر ئارقىلىق سودىگەر ئەپەندىدىن سوراپ باقساڭلار بولىدۇ.

بولدى، مۇشۇ يەرگىچىلىك يازاي. ھەممىڭلارنىڭ بۇ قىشتا زۇكامدىن ساق چىقىشىڭلارغا تىلەكداشمەن!!!



مەنبە: http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=170

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 14:24:14

ھا ھا ھا قىزىق گەپكەن. مىنىڭچە سىز ئىسسىقتىن بولغان زۇكام ئوخشايسىز شۇڭا تاۋۇز پايدا قىلغان گەپ. ئەگەر سوغۇق شامال تىگىپ زۇكام بولغان بولسىڭىز تاۋۇز پايدا قىلماستى ھەقىچان.

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 14:33:01

ئاخشام زۇكامداپ قالغان ئوخشايمەن  ئەتىگەندىن بېشىم  ئاغرىپ تۈگىشىپلا  كىتۋاتىمەن  قىزىتمام باكەن ،،،ماڭا  بۇ  تاۋۇز  پايدا  قىلماسمىكىن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 14:37:21

سىزمۇ سىناپ بىقىڭە. قىزىغان بولسىڭىز پايدا قىلىپ قالار تاۋۇز سوغۇق بولغاندىكىن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 14:38:55

2- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاخشام زۇكامداپ قالغان ئوخشايمەن ئەتىگەندىن بېشىم ئاغرىپ تۈگىشىپلا كىتۋاتىمەن قىزىتمام باكەن ،،،ماڭا بۇ تاۋۇز پايدا قىلماسمىكىن



تاۋۇزنى يېمەي تۇرۇپ قانداق بىلىسىز!؟


مۇشۇ سوغۇق قىشتا، تاۋۇز ھەرقانچە قىممەت بولسىمۇ، يەنىلا دورىنىڭ پۇلىدىن كۆپ ئەرزان. سىناپ بېقىڭ.

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 14:56:04

4- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاخشام زۇكامداپ قالغان ئوخشايمەن ئەتىگەندىن بېشىم ئاغرىپ تۈگىشىپلا كىتۋاتىمەن قىزىتمام باكەن ،،،ماڭا بۇ تاۋۇز پايدا قىلماسمىكىن



تاۋۇزنى يېمەي تۇرۇپ قانداق بىلىسىز!؟


مۇشۇ سوغۇق قىشتا، تاۋۇز ھەرقانچە قىممەت بولسىمۇ، يەنىلا دورىنىڭ پۇلىدىن كۆپ ئەرزان. سىناپ بېقىڭ.



ئەرزانراق بېرە   ھە ..

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 15:02:30

5- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاخشام زۇكامداپ قالغان ئوخشايمەن ئەتىگەندىن بېشىم ئاغرىپ تۈگىشىپلا كىتۋاتىمەن قىزىتمام باكەن ،،،ماڭا بۇ تاۋۇز پايدا قىلماسمىكىن



تاۋۇزنى يېمەي تۇرۇپ قانداق بىلىسىز!؟


مۇشۇ سوغۇق قىشتا، تاۋۇز ھەرقانچە قىممەت بولسىمۇ، يەنىلا دورىنىڭ پۇلىدىن كۆپ ئەرزان. سىناپ بېقىڭ.



ئەرزانراق بېرە   ھە ..




ئادەتتىكى بىر زۇكام دورىسىنى 12 يۈەنگە سېتىۋالدىم. ئالاي دىسەم، ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىرى بار ئىكەن. ئايالىم چارەك تاۋۇزنى 10 يۈەن سېتىۋاپتۇ. دورىنىڭ ئومومىي ئېغىرلىقى 100 گرام چىقمايدۇ. تاۋۇزنىڭ ئېغىرلىقى بولسا 1400 گرام ئەتراپىدا. دورىدىن ئون نەچچە ھەسسە ئېغىر. دورا تەمسىز، تاۋۇز تەملىك. دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۈزۈك كۆرمىدىم، تاۋۇزنىڭ ئۈنۈمىنى تېزلا كۆردۈم.


ئەگەر تاۋۇز يەپ زۇكامدىن ساقىيىپ كەستىڭىز، ئىنكاس سۈپىتىدە يېزىپ قويارسىز. تورداشلارغا پايدىسى بولۇپ قالار ....

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 15:03:01

ئېغىرلىقىغا بىقىپ قىممەتلىكى مۇشۇ تاۋۇزنىڭ.مۇشۇ تاپتا ئايپاتەمنىڭ تاۋۇزى بولسا زە. \"\"

qimanistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 15:37:51

تاۋۇز

تەبىئىتى :ھۆل سۇغۇق

خۇسۇسيىتى:بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش،قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش،ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش،سۈيدۈك ھەيدەش ...تەسىرىگە ئىگە.

ئىسسىقتىن بولغان كىسەللىكلەر مۇۋاپىق مىقتاردا ئىستىمال قىلسا بۇلىدۇ.

زىيانلىق تەسىرى:سۇغۇقچان كىشىلەرنىڭ ئاشقازىنىنى بۇزىدۇ.ئۇنتۇغاق قىلىپ قۇيىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى:ھەسەل بىلەن گۈلقەنت

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 16:25:03

سىز يىگەن ئاۋۇ تاۋۇزنى قۇرت چۈشمىسۇن دەپ چىڭمىسۇدا باققان ئوخشايدۇ   {:92:}   دورا بەدەنگە ۋاستىلىق تەسىر قىلغان گەپ~ خۇددى سىماپتا بېقىلغان توخۇنى راك بىمارلىرىغا يېگۈزۈپ ساقايىتقاندەك .      (چاقچاق جىما)



ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا ، بەزىدە قىززىتمىنى تېزراق چۈشۈرۈش ئۈچۈن تاۋۇزنىڭ سىقىلغان سۈيىنى سەل ئىللىتىۋىتىپ بىرىدىغان ئىش بار . سوغاقچانلار يېسە ، زۇكامغا قوشاپ ئانگىنا . كۆكيۆتەلنىمۇ تېپىۋىلىشى مۇمكىن .

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 17:08:12

كۆكتاش قارىم يىقىندا تاۋۇز سودىسى قىلىۋاتامدۇق قانداق؟  \"\"

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 18:03:20

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 19:58:59

توغرا تاۋۇز ئىسسىقنى ياندۇرۇدۇ .شۇڭا ئىسسىقتىن بولغان  زۇكام ساقىيىپ قالغان گەپ .

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 20:10:57

مەنمۇ يىڭناسقۇ چىقىپ قېلىپ يەرلىك ئۇسۇلنى قوللىنىپ ساقايدىم .

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 20:44:41

ئېلانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ باققان بالىلار دەپ بېقىڭلار، ماۋۇ تىما تاۋۇزنىڭ ئېلانىمۇ ياكى سودىگەر چىكىت كوم نىڭ مۇ ؟ \"\"



ھازىرقى تاۋۇزلارنىڭ ھەممىسى پارنىكتا ئۆستۈرگەن، تەمى ياخشى ئەمەس بولىدىغان، پايدىمۇ قىلىدىكەن-ھە.

qumluqsarkesi يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 21:48:21

مەن ئالدىنقى يىل قىشتا يىزىدىكى بىر ئاغىنەمنىڭ تويىدا سەل سوغۇق ئۆتكۈزىۋالدىم،شۇنداقلا قايتتىدىغان چاغدا 2-3 تىلىم تاۋۇز يىگەنتتىم ،1-2 سائەتتىن كىيىن قاتتىق زۇكام بولۇپ ،پۇت-قولۇمدا جان يوق ،زۇكام دورىسى ئىچىپ ساقايماي ،ئاخىرى چۈشلۈك،كەچلىك تاماققا قوي گۆشى شورپىسى ئىچىپ ساقايغانتىم ، مىنىڭچىمۇ ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا تاۋۇز يىسە پايدىسى بولىشى مومكىن .

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 21:50:29

تەجىربىدىن ئۆتتى،زۇكامدىساڭلا تاۋۇز يىسەڭلە ساقىيسىلەر  {:92:}

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 22:47:44

ئالىي مەكتەپتىكى چاغدا زۇكام بۇلۇپ قالسام گۆش پولو يەپ ساقىياتتىم.

ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 23:27:52

قىشتا ئاساسەن سوغۇقتىن زۇكام بولىدۇ.  چوڭلار بۇنىڭغا ياكى قاتتىق ئىسسىقلىق قىلىپ كاۋاپ، شورپا، زەنجىۋىل شورپىسى بىلەن ساقايتقان. يا بولمىسا قاتتىق سوغۇقلۇق قىلىپ تاۋۇز بىلەن ساقايتقان، مەنمۇ قىشتا زۇكام بولساملا مۇزدەك تاۋۇز يەپ ساقىيىمەن. ئايالممۇ بىر ھەپتىگىچە ساقايماي  تاۋۇز يەپ ساقايدى.

Hangwakti يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 23:31:02

ئا... ئاقمايدىغان گەپنى ئاز قىلىڭلار باللا،

مەنمۇ ئەمدى زۇكامدىن ساقايدىم. قانداق زۇكام بولغان دەمسىلەر؟ تاۋۇز يەپ! «مىڭ كىشنىڭ مىزاجى مىڭ خىل بۇلۇر» دەپتىكەن ئىبن سىنا ئۇستازىمىز.
بەت: [1] 2
: تاۋۇز يەپ زۇكامدىن ساقايدىم