atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 10:49:37

ئۆيىڭىزگە يەنە تور سىمى تارتىپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز.

ئالدى بىلەن  رەسىمنى كۆرۈڭ.




ئۆينى بېزىگەندە كۆپ ھالدا مۇشۇ سىم تارتىش ئىشلىرىنى تۇلۇق ئويلىشىپ بولالمايدىكەنمىز.پىلانىمىزدا بىر ئۆينى كومپىيوتېر قويىدىغان قىلىپ لايھەلەيدىكەنمىز.ئەمما كېيىنچە يەنە باشقا ئۆيگە كومپىيوتېر قۇيۇش خىيالى كېلىپ قالىدىكەن.ۋە ياكى تور ئىشلىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدىكەن.سىمسىز تور قىلىشقۇ بولىدىغان ئىش.ئەمما باشقىلار تورىڭىزنى ئىشلىتىۋېلىش ياكى تور سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئاۋارىچىلىقتىن خالى بولالمايدىكەنمىز.


مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ قۇيۇڭ.ئالاھىدىلىكى:


1.سىم تارتىش ھاجەتسىز


2.توك سىمى ئۇلانغان ۋە تور ئورنىتىلغانلا بولسا 电力猫دېگەن بۇ ئۈسكىنە بىلەن ھەممە ئۆيىڭىزدە توك چاتقۇچقا چېتىپلا تورغا چىقالايسىز.


3.يوللاش سۈرئىتى تېز.


4.ھېچقانداق قوزغىتىش پىروگىراممىسى قاچىلىمايسىز.


ئىشلىتىش ئۇسۇلى:نەچچە ئۇرۇندا تورغا چىقماقچى بولسىڭىز 电力猫دىن شۇنچىنى ئالىسىز.سىرتتىن كىرگەن 宽带سىمىنى 路由器غا چاتىسىز ۋە مۇناسىۋەتلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ شۇ 路由器غا كومپىيوتېرنى چېتىپ تورغا چىققۇدەك ھالەتكە ئەكىلىسز.


ئاندىن 路由器دىن چىققان بىر سىمنى 电力猫غا چېتىپ 电力猫دىن چىققان سىمنى ئۆيىڭىزنىڭ خالىغان جايىدىكى توك چاتقۇچقا چېتىپ قويىسىز.ئەمدى ئۆيىڭىزدىكى خالىغان ئورۇندىكى توك چاتقۇچقا 电力猫دىن يەنە بىرنى چېتىپ ئۇنىڭدىن چىققان تور سىمىنى كومپىيوتېرىڭىزغا ياكى تور ئىقتىدارىنى قوللايدىغان تېلۋۇزۇرىڭىزغا چېتىپ خالىغانچە ئىشلىتەلەيسىز.


路由器نى تۇنۇشتۇرمىساممۇ بولار.电力猫دېگەن بۇ نەرسە تاۋباۋدا تولا گەپ.ئىزدەشكە ھۇرۇنلۇق قىلىپ قالسىڭىز مانا http://search.taobao.com/search?q=%B5%E7%C1%A6%C3%A8+  مۇشۇ يەردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.


kahxal يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 12:02:57

نىمە؟ ما ئىش بولامدۇ نىمە؟

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 12:06:46

ماۋۇ بولدىغان چارىكەن جۇمۇ

iztikin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 12:39:07

ۋاھ، رەھمەت، جانغا ئەسقاتقۇدەك چارە ئىكەن.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 12:48:16

ئەجەپ قىممەت نەرسە ئىكەن.

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 12:57:02

بولىدىغان ئامال ئىكەن. ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي. رەھمەت.

lutun يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 13:05:44

راستىنلا بولدىغان چارىكەن  ساقلاپ قوياي

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 13:16:02

ماۋۇ ياخشى نەرسىكەن جۇمۇ،200نەچچە يۈەن ئەتراپىدا خەجلىسەكلا سىم تارتىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلىدىكەنمىز.بۇرۇن سىمسىز يول باشلىغۇچىم يوق ۋاقىتلاردا مەنمۇ سىم تارتىپ تولا جاپا تارتقان.سىمسىز يول  باشلىغۇچمۇ ياخشى ئەمما ئارلىقى سەل يىراق ئىككى ياتاق ئۆي ئارىسىدا سىگنالى ئازراق ئاجىزلايدىكەن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 13:19:13

بۇلارنىڭ تۈرى خىلى كۆپكەن، سىزچە قايسىسى بىرقەدەر مۇۋاپىقراق، تايىنلىق بۇنىمۇ كونكىرتراق تونۇشتۇرىۋەتسىڭىز بولاتتىكەن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 13:25:56

بىربىنادا قوشنا ئوتۇرىدىغانلار بۇ ئۈسكىنىدىن بىرقانچىنى سېتىۋىلىپ ئورتاق پايدىلانغىلى بولامدۇ نېمە؟

begtash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 13:50:00

ساقلىۋالاي، نان تىگىدىغان تىمىكەن.

marjan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 15:03:50

9- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىربىنادا قوشنا ئوتۇرىدىغانلار بۇ ئۈسكىنىدىن بىرقانچىنى سېتىۋىلىپ ئورتاق پايدىلانغىلى بولامدۇ نېمە؟

مەنمۇ شۇنداقتەك چۇشەندىمغۇ  تەپسىلاتىنى بىلىدىغانلار تېخىمۇ ئىنىق دېۋەتكەن بولسڭلار!

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 16:10:16

8- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇلارنىڭ تۈرى خىلى كۆپكەن، سىزچە قايسىسى بىرقەدەر مۇۋاپىقراق، تايىنلىق بۇنىمۇ كونكىرتراق تونۇشتۇرىۋەتسىڭىز بولاتتىكەن.



بولمايدىكەن قۇتلانكا.چوقۇم بىر توك سائىتى دائىرىسىدىكى لىنىيە بولسا ئاندىن تورلاشتۇرغىلى بولىدىكەن.توك سائىتى ياكى بېسىم ئۆزگەرتكۈچ قاتارلىق نەرسىلەرگە يۇلۇققاندىن كېيىنلا ئۇچۇر يوقايدىكەن.ئەگەر سىز دىگەن قوشنىلىرىڭىز ۋە دوسلىرىڭىز بىر توك سائىتى دائىرىسىدە بولسا ئەك كۆپ بولغاندا 64كومپىيوتېرنى تورلاشتۇغىلى بولارمىش.

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 17:34:21

مەنمۇ ساقلىۋالاي  \"\"

bulutt يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 18:13:55

سىم تارتقاندىن قىممەتمۇ قانداق؟ يەنە تېخى توك يەيدىكەن بۇ نەرسە.

ئۆي زىننەتلەشتىن بۇرۇن 50 مېتىر سىم بىلەن PVC تۇرۇبا (مەخسۇس توك سىمى تارتىشقا ئىشلىتىلىدىغىنى بار) ئېلىپ، ھەممە ئۆيگە ئەكىرىۋەتكەنتىم تور سىمىنى .

ھازىر تور، تېلېفون، USB توك مەنبەسى قاتارلىقلارنى چېتىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

pigan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 21:00:49


  بۇ يەردە  بىر بىنادا بىرلا توك سائەتى بار . باشقا خوشنىلار توكمۈشۈكبارلىقىنى   بىلىپ قالسا ھەمبەھىر بولغۇدەك .



قولايلىق ئىكەن .

pigan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 21:01:03


  بۇ يەردە  بىر بىنادا بىرلا توك سائەتى بار . باشقا خوشنىلار توكمۈشۈكبارلىقىنى   بىلىپ قالسا ھەمبەھىر بولغۇدەك .



قولايلىق ئىكەن .

hemid786 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 23:06:45

نان تېگىدىغان تېمىنى ھەممەيلەننىڭ ساقلىۋالغۇسى كەپتۇدە

rasheed يوللانغان ۋاقتى 2012-1-24 11:45:10

بۇ نەرسىمىغۇ بولىدىكەن. ئەمما يەنىلا سىملىرىنى توكقا چېتىپ سۆرۈپ يەرىدىكەنمىز. ئۆي ئىچىگە ئىلىپ كىرگەن كەڭ بەلۋاغلىق تورنى سىمسىزلاشتۇرۇپ شۇ ئۆيدىكى ھە رقايسى ھۇجرىلاردا تەقسىملەپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۈسكىنە بارمۇ بۇرادەرلەر؟ مەنمۇ يېڭىلا تور ئەكىرگەن. دەل مۇشۇ مەسىلىگە باش قاتۇرىۋاتاتتىم...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-1-24 12:53:08

18- قەۋەتتىكى rasheedنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ نەرسىمىغۇ بولىدىكەن. ئەمما يەنىلا سىملىرىنى توكقا چېتىپ سۆرۈپ يەرىدىكەنمىز. ئۆي ئىچىگە ئىلىپ كىرگەن كەڭ بەلۋاغلىق تورنى سىمسىزلاشتۇرۇپ شۇ ئۆيدىكى ھە رقايسى ھۇجرىلاردا تەقسىملەپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۈسكىنە بارمۇ بۇرادەرلەر؟ مەنمۇ يېڭىلا تور ئەكىرگەن. دەل مۇشۇ مەسىلىگە باش قاتۇرىۋاتاتتىم...

بۇ بەك ئاسان ئىش، سىمسىز روتېر(无线路由器 )  دىن بىرنى ئالىسىز، 300MBs لىكى 150 يۈەن ئەتراپىدا(ئۈرۈمچىدە)، ھازىرقى ئادەتتىكى كومپيۇتېرلارنىڭ تور كارتىسىنىڭ ئۇزىتىش تىزلىكى، قاتتىق دېسكىنىڭ يېزىش تىزلىكى قاتارلىقلار بۇنىڭدىن تېز بولۇپ بولالمايدۇ. شۇڭا ئائىلىلەردە ئىشلىتىشكە مۇشۇ يىتەرلىك. بۇنى ئالغاندىن كېيىن، مودېمدىن چىققان سىمنى، كومپيۇتېرغا چاتماستىن، مۇشۇ سىمسىز روتېرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا چاتىمىز (بۇ ئېغىزنىڭ رەڭگى باشقا ئېغىزلارغا ئوخشىمايدۇ)، شۇنىڭ بىلەن بۇ روتېر مودېمدىن قوبۇل قىلغان سىملىق سىگنالنى سىمسىز سىگنالغا ئايالندۇرۇپ تارقىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىز خاتىرە كومپيۇتېرى بولسا ئۆزىنىڭ سىمسىز تور كارتىسى ئارقىلىقلا بايىقى، سېگنالنى قوبۇل قىلالايدۇ.


ئەگەر ئۈستەل كومپيۇتېرى بولسا، 70-80 كوي ئەتراپىدا، سىرىتتىن چاتىدىغان تور كارتىسدىن(外置无线网卡) بىرنى ئالىسىز، بۇنى كومپيۇتېرنىڭ USB ئېغىزىغا چاتقاندىن كېيىن، بايىقى سىگنالنى قوبۇل قىلالايدۇ.


ئۇلانغاندىن كېيىن 192.168.1.1 دېگەن ئادرېس ئارقىلىق روتېرغا كىرىپ، تور ھېساباتى ئارقىلىق، كەڭ بەلباغقا ئۇلىۋەتسەك تامام، شۇنىڭ بىلەن روتېر توردىن ئۈزۈلۈپ قالمىسىلا، ھەر قېتىم كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا تىزىملتىشنىڭ ھاجىتى يوق.


قىلالمىسىڭىز يەنە سوراڭ .

بەت: [1] 2 3
: ئۆيىڭىزگە يەنە تور سىمى تارتىپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز.