paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 08:01:18

ئالىم ئەھەد تەڭلىكتە قاپتۇ

ئۇيغۇرسوفت شېركىتى ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئىشلەشتە  ئىشلەتكۈچىلەر ۋە تىل -يېزىق كومېتېتى ئوتتۇرسىدا تەڭلىكتە قالغاندەك قىلىدۇ .

تۆۋەندىكىسى ئالىم ئەھەد بلوگىدىن ئېلىنغان چاپلىما.





ناۋادا، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە ئىملا تەكشۈرۈپ، «ئەقىللىق»نى «ئەقىللىك»، «ئاۋارىچىلىق»نى «ئاۋارىچىلىك» دەپ ئۆزگەرتىۋەتسە، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پىكىرى چىقىپ قالماس، مەن مۇشۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن، ئۇنداق قىلماي دېسەم ئەسلى، ئۇنداق قىلاي دېسەم ئەسلى، ھەي!



يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 23:54


koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 08:55:08

تىلكومدىكىلەر ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى يەنە بىر قېتىم ۋايرانچىلىققا سالاي دەپتۇ-دە!

erturk يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 09:06:28

تىل-يېزىق كومىتېتىدىكىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى ئىملا ئۆزگەرتىشىدە بەزى مەسىلىلەر بار.

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 09:33:30

نىمىشقا توختىماي ئىملا ئۆزگەرتىدۇ؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 09:44:25

3- قەۋەتتىكى sansaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمىشقا توختىماي ئىملا ئۆزگەرتىدۇ؟



نىمىشقا ئۆزگەرتەتتى؟ ھازىرقى يازمىلارنى كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر شۇمتەكلەر ئوقۇيالمىسۇن، دەپ بولمامدۇ!

janipa يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 09:48:46

تىل-يېزىق كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە يېڭى ئىختىرالارغا ئاتالغۇ ئىجاد قىلغۇدەك ساپاسى، جۈرئىتى بارلاريوق تۇرسا، بۇ بىچارىلەر 8دىن 5كىچە بولغان ۋاقىتنى بۇزۇپ-تۈزەپ، تىكىپ-سۆكۈپ ئۆتكۈزمىسە مائاش بېرىدىغانلارنىڭ ئالدىدا قانداق يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ.

FinalFantasy يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 09:53:33

«ئېغىز تىلى دەۋرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆزگىرىپلا تۇرىدۇ. ھالبۇكى ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشنىڭ بىرىنچى پىرىنسىپى ئېغىز تىلى بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلاش ئىكەن، شۇڭا توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئېغىز تىلىغا ئەگىشىپ، ئىملا قائىدىمىزمۇ توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.»



مەنبە:

http://www.bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=24654&rpid=191754&ordertype=0&page=1#pid191754

alif يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 09:56:46

يا (ULY(نى ئومۇملاشتۇرمىسا (UAY) تولۇق ئومۇملاشتۇرمىسا قانداق قىلىغۇلۇق؟

تىل-يېزىق ئىشخانىسدا ئىشلەيدىغان يولداشلار (مىللىي تىل -يېزىق ) ھەممىسگە سۈكۈت بىلەن ماقۇل دەپتىما؟

يەنە نەچچلىك ۋاقىتتا «ئەقىللىق»نى «ئەقىلك» دەپ ئۆگنىدىكەنمىز؟

agah يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 10:05:00


6- قەۋەتتىكى FinalFantasyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«ئېغىز تىلى دەۋرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆزگىرىپلا تۇرىدۇ. ھالبۇكى ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشنىڭ بىرىنچى پىرىنسىپى ئېغىز تىلى بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلاش ئىكەن، شۇڭا توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئېغىز تىلىغا ئەگىشىپ، ئىملا قائىدىمىزمۇ توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.»



مەنبە:

http://www.bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=24654&rpid=191754&ordertype=0&page=1#pid191754


كىمنىڭ چىقارغان پەلپەتىش قارارى بۇ؟شۇنداق بولغاندا يەنە 20 يىلدىن كېيىن


خەنزۇۋانلارنىڭ زامانىغا كەلگەندە ئېغىز تىلى ئۆزگەردى دەپ ئۆزگەرتىدىغان


ئوخشىمامدۇ .


زادى تىل يېزىق كومىتىتىتىدا <خەلىقنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ۋە


چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش> قىلىدىغان رەھبەردىن بىرسى بار .




elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 10:23:36

توۋا خۇدايىم ‹‹ئەقىللىق›› ‹‹ئەقىللىك››    قايسىسى يېقىملىقراق تۇيۇلدى تۇغقانلار سىلەرگە ؟





ھە راس ئىنكاسقا قانداق رەسىم چاپلايدۇ باللا ؟ بۇ تىمىغا ئالاقىدار رەسىملەرنى چاپلاپ قۇياي دىسەم ھېچ بىلەلمىدىم !

elwida يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 10:25:32

تىلكومدىكىلەرنىڭ نىمىنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلمىدۇق جۇمۇ ! دائىم بىزنىڭ يېزىقىمىز بىلەنلا ئۈچەكىشىدىكەن .

RawajTap يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 10:58:51

9- قەۋەتتىكى elwidaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توۋا خۇدايىم ‹‹ئەقىللىق›› ‹‹ئەقىللىك›› قايسىسى يېقىملىقراق تۇيۇلدى تۇغقانلار سىلەرگە ؟





ھە راس ئىنكاسقا قانداق رەسىم چاپلايدۇ باللا ؟ بۇ تىمىغا ئالاقىدار رەسىملەرنى چاپلاپ قۇياي دىسەم ھېچ بىلەلمىدىم !



ئىنكاسنى تەھرىرلەش ئارقىلىق رەسىم قىستۇرسىڭىز بولىدۇ....

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 11:02:40

خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن تىلكوم(بۇنداق ئاتىساقمۇ بوپقالىدىكەن)دىكى بىرنەچچەيلەن بىلەن ئالاقىلاشقانتۇق ئەينى چاغدا.بىزنىڭ كۈتكەن يېرىمىزدىن

بەك بەك يىراقكەن،نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپالمىغانتۇق.ئېقىمغا ئەگىشىش خاھىشى بەك كۈچلۈك،«ھازىر خەق ئىشلىتىۋاتقىنى شۇ تۇرسا»دەپلا

تۇرۇۋالىدىكەن.كىتابىي تىلنى ئېغىزتىلىغا خىزمەت قىلدۇرىمىز دەيدىكەن.قاملاشمىغانلا گەپتە بۇ.كىتابىي تىلنى ئېغىز تىلىغا ئوخشاش قىلىۋەتسە،تىل بۇزۇلمامدۇ؟

مېنىڭچە كوررېكتورنى بۇرۇنقى پەدىدە تۈزۈۋەرگەن ياخشى.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 11:24:27

ئۇلىنىش ئېچىلمىدى،ماكرو بلوگىدىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېمىنى دەماللىققا تاپالمىدىم.مۇشۇ يەرگىلا يازىۋېرەي ،كىرىپ كۆرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ئىشقىلىپ مەن مەڭگۈ «ئەقىللىق»دەپ ئىشلىتىمەن،«ئەقىللىك»دەپ ئۆزگەرتىشنىڭ سەۋەبىنى قايىل قىلغۇدەك ئىلمىي ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسۇن قېنى؟

يەنە بىرگەپ،مەتبۇئاتلارغا قاراپ باقايلى،ئاشۇ «رادىئو»نى «رادىيو»غا«رادىيو»،«مۇداپىئە»نى«مۇداپىيە»لەرگە ئۆزگەرتىش دېگەندەك نۇرغۇن ئۆزگەرتىشلىرىنى مەتبۇئاتلاردا كۆرەلىدۇقمۇ ؟تىلكومنىڭ ئەمەلىي تەسىر كۈچى قانچىلىك؟گۇمانلىنىپ قالدىم بۇنىڭدىن مەن،ئۆزگەرتىۋالغىنى بىلەن،لۇغەتلەردە ئاز تولا ئۆزگەرتىلىدىكەن،لېكىن مەتبۇئاتلاردا بۇرۇنقى پەدە بويىچە كېتىۋېرىدىكەن.مەڭگۈ مۇشۇنداق بولامدۇ،بۇنى بىلمىدىم.تەرەققىياتتەكمۇ بىلىنمىدى.

ئويلىغانسېرى ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىدىكەن،قازاقلار ئەجەپ ئۆرگەرتمەيدىكەنغۇ؟ھازىرقى دەۋردىمۇ بۇرۇنقى تارىخنامىلىرىنى ھەممىسى ئوقۇپ

چۈشىنەلەيدىكەنغۇ؟بىز ئۆزگەرتمىسەك زادى بولمامدىغاندۇ...

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 11:57:12

ئىپلاس مۇناپىقلار!چوشقىنىڭ كۈچۈكى!

babur7 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 12:05:24

تىلىمىزئۆزگەرسە دىلىمىزمۇئۆزگىرەرمۇ؟تىلكومدىكىلەريەنىلائايلىقىنىڭ كويىداقالغان گەپ.ئۇلارئاكام كىمنى ئالسايەڭگەمشۇدەيدىغانلاردىن تۇرسا!

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 12:39:48

مۇناپىقلار يىغىلىپتۇ دە ئۇ يەرگە،،،

iztikin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 12:44:38

مائاشنى شۇنداق قىلىپ ئالمىسا نېمە ئىش قىلىدۇ ئۇلار، بولمىسا بىكار بولۇپ قالدى دەپ شاگاڭ قىلىۋەتمىسۇن دەپ ئەنسىرەيدۇ، دە...........

بىر چىرايلىق سۆزنى بۇزۇپ، ئويۇنچۇق كۆرەمدىكىن يا؟

iztikin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 12:47:12

ئەڭ ياخشىسى تۈزەيمەن دېمەي، قەدىمقى تىلىمىزنى كۆپرەك تەتقىق قىلىپ يۇقۇلۋاتقان سۆزلەرنى تىرىلدۈرۈپ، ئەجداتلار روھىغا يۈز كېلەلۈگىدەك ئىش قىلمىسا، ئەۋلاتلار ئالدىدا جىنايەتكار بولىدۇ ئاخىر.

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 13:30:11

نەچچە يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئەسلىدىكىسى توغرىكەن دەپ بۇ يېڭى چىقارغان ئىملا قائىدىسىنى يەنە ئۆزگەرتىدۇ. مۇشۇنداق ئۆزگەرتىپ تۇرمىسا ئۇلار دۆلەتنىڭ تەتقىقات خىراجىتىگە ئىرىشىپ يانچۇقىنى توملىيالمايدۇ، ئۇنۋان ئالالمايدۇ، پالانى مەركەز، پۇستانى تەتقىقات ئورنى دىگەندەكلەرنىڭ خىزمەت خۇلاسىلىرى ئوبدان چىقماي قالىدۇ
بەت: [1] 2 3 4
: ئالىم ئەھەد تەڭلىكتە قاپتۇ