tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-1-22 15:15:21

قەدىمكى ۋەسىقىلەردە ئۆپكە كېسەللىكىگە دائىر بايانلار

قەدىمكى ۋەسىقىلەردە ئۆپكە كېسەللىكىگە دائىر بايانلار



كۇچادىن تېپىلغان سانسىكرىت يېزىقىدىكى تېبابەتچىلىككە دائىر ئۈچ قىسىملىق ۋەسىقە ھەققىدە


ئابلىز مۇھەممەت سايرامى



‹‹باۋېر قوليازما نۇسخىسى››نىڭ ئىككىنچى قىسىم 160-161 –بەتلىرىدە مۇنداق خاتىرىلەنگەن:پاكىز قاچىغا سېرىق مېۋىلىك پېدىگەننى سىقىپ ،سۈيىنى چىقىرىپ تۆرت لىتىر پېدىگەن سۈيىگە بىر لېتىر سېرىقماينى ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىلىدۇ، ئاندىن ئۈچ خىل ئىسسىقلىق دورا ،چۈرۈك كەترەن، ئوغرىتىكەن،جۇخارگۈلىنى يۇقىرىقى قايناتمىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم دورا ياسىلىدۇ. بۇ رېتسىپ بەش خىل يۆتەلگە شىپا بولۇپ ، دەرھال ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.



يۇقىرىقى قوليازمىنىڭ 476-477- بەتلىرىدە مۇنداق بىر رېتسىپ  خاتىرىلەنگەن: ئۈچ خىل ئىسسىقلىق دورا ،ئۈچ قۇلاق ئوت،شۇمۇرت(ئاق چېچەكلەيدىغان بىر خىل خۇشبۇي دەرەخ) ، كېدىر قارىغىيى، سېرىق چىچەك باشىقى ۋە چۈچۈمەل پىلەك قاتارلىق دورىلىق ئەشيالار بىرلىكتە سوقۇپ تالقانلىنىدۇ، ئاندىن دورىلار باراۋىرىدە شىكەر ، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ۋە ئاچچىق ياغ قوشۇلۇپ بىر خىل شىكەر قىيامى تەييارلىنىدۇ. بۇنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە بەش خىل يۆتەلگە ئۈنۈملۈك شىپا بولىدۇ.



يۇقىرىقى تېببىي قوليازمىنىڭ 482-483- قەسىدىلىرىدە يۆتەل داۋالايدىغان يەنە مۇنداق ئۈچ رېتسىپ خاتىرىلەنگەن:


بىرىنچى-ھىندىستان بەرخۇت دەرىخى، تاتلىق مېۋە، ئۈزۈم، قورۇلغان گۈرۈچ، قارامۇچ، تاش ھەسىلى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ؛



ئىككىنچى- ئۈزۈم-پىستە دەرىخى، ئۈچ خىل ئىسسىقلىق دورا، ئۈچ مېۋە ، قارا كۆز بەدىيان ئۇرۇقى ۋە ئاق چېچەكلەيدىغان مودەن يىلتىزى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ تەييارلىنىدۇ؛



ئۈچىنچى- ئۈچ خىل ئىسسىقلىق دورا ، كېدىر قارغىيى، ئۈچ مېۋە، شېكەر ۋە سېرىغچىچەك باشىقى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.


يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ گۇرۇپپا دورىلارغا ئايرىم-ئايرم ھالدا ماي ۋە ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ قىيام ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ.بۇلار مەخسۇس يۆتەلگە شىپا بولىدىغان تەڭشەلمىلەردۇر.



ئىككىنچى قىسىم 451- قەسىدىسىدە ‹‹ مۇۋاپىق مىقداردىكى ياۋا دېڭىز چىلىنى، ئۇزۇن قارىمۇچ،ئۈزۈم قېقى (كىشمىش) ۋە قورۇلغان گۈرۈچ ئۇنى قاتارلىقلارنى ھەسەل ۋە سېرىقمايغا ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن تەييارلانغان دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە سەپرادىن بولغان يۆتەلنى ساقايتىشقا ئاساسلىق شىپا بولىدۇ ›› دەپ خاتىرىلەنگەن.



بىرىنچى قىسىم 124- قەسىدىدە ‹‹ زەنجىۋىل، يىڭنە يۇپۇرماقلىق ئەمەن، ئۈزۈم قېقى، ياۋا سىر دەرىخى، ئۇزۇن قارىمۇچ ۋە زەيتۇن قاتارلىقلارغا شېكەر، ھەسەل ۋە ماينى ئارىلاشتۇرۇپ ، دورىلىق شېكەر قىيامى تەييارلاپ ئۇنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىپ بەرسە شامال تېگىشتىن بولغان يۆتەلگە ئۈنۈملۈك شىپا بولىدۇ›› دەپ خاتىرىلەنگەن.


‹‹باۋېر قوليازما نۇسخىسى›› دەپ ئاتالغان ھەم قەدىمكى كۈسەن تېۋىپلىرى ئۇزۇن يىللىق تېببىي ئەمەلىيىتى جەريانىدا سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ قوللىنىپ كەلگەن بۇ قەدىمىي رېتسىپلار توپلىمىدا يۆتەلگە دائىر رېتسىپلار 70 خىلدىن ئاشقان.


ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ژۇرنىلى 2003-يىللىق 6-ساندىن ئېلىندى.



ئۇيغۇرلاردا تېبابەت


دوكتور ئا. سۇھەيل ئۈنۋەر



ئۈنى پۈتۈپ قېلىشقا قارشى:


ئادەملەرنىڭ ئۈنى پۈتۈپ قالسا بىر سۇڭچە ئۈزۈم شېخىنى دەل ئوتتۇرىدىن ئىككىگە يېرىپ ، ئازراق ئۇيۇپ ئۇنىڭ ئىچىگە كىدان سىمىقىنى سوقۇپ، ئۈچ- تۆرت تال قارىمۇچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سېلىش كېرەك، ئاندىن ئۈزۈم شېخىنى جىپسىلاشتۇرۇپ ، يىپ بىلەن بوغۇپ ، ئۇنىڭ سىرتىغا قەغەز يۆگەپ  ئىسسىق كۈلگە كۆمۈش كېرەك. يېرىق تۇتاشقاندىن كېيىن ،قەغەزنى سويۇۋېتىپ ئوتتۇر چىش بىلەن چىشلەپ، سۈيىنى شوراش كېرەك. ئىككى-ئۈچ قېتىم شورىسىلا ئۈنى ئېچىلىپ كېتىدۇ.



ئەگەر ئۈنى چىقماس بولۇپ قېلىپ ، كۆكسى چىڭقىلىپ كەتسە ، كەكەترۈن ۋە ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ھەر ئەتىگەندە ئىچسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.


نەپەس قالايمىقانلىشىشقا قارشى:


تۆگىنىڭ ئۆپكىسىنى قۇرۇتۇپ ، سۇقۇپ،تاسقاپ،كاپ ئەتسە دېمى سىققان ئاغرىق ئوڭشىلىدۇ، سۈيىنى ئىچسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


ئىككى مىسقال قارا تۇبىن يۇمغاقى ۋە ئىككى مىسقال پىشقان سىڭىز تاش(گەج) سوقۇلۇپ ، پاراشوك ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە مۇسەللەس بىلەن ئىچسە ، دەم سىقىش كېسىلى ساقىيىپ كېتىدۇ.


قان تۈكۈرۈشكە قارشى : ئاق قۇرۇق ئۈزۈم ۋە سېرىق ماي، ئۆچكە سۈتى بىلەن قاينىتىلغاندىن كېيىن ئىچسە دەرھال قان توختايدۇ.


دەم سىقىلىشقا قارشى:


ئانار دانىسى ، قارا تۇز* ، پىشقان گەج ۋە سېرىق چاكاندىدىن ئوخشاش مىقداردا ئېلىنىپ ، ئۇندەك سوقۇپ ، گۆش سۈيى بىلەن ئىچسە پايدا قىلىدۇ.


* قارا تۇز-(تۇز+قارا ھېلىلە+سودا)


ئۇيغۇرلاردا تېبابەت ناملىق كىتابتىن. تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بلوگى


تۇلۇق بولمىغان يەرلەرنى قالدۇرۇپ قويدۇم.

qimanistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-22 15:29:32

دەم سىقىلىشقا قارىتا يېزىلغان رىسالىلەر بەك ياخشىكەن...... \"\"

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-1-22 17:14:27

دەم سىقىلىشقا قارىتا يېزىلغان رىسالىلەر بەك ياخشىكەن

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-22 18:30:21

تاماكا تاشلىغانلارنىڭ قارداپ كەتكەن ئۆپكىسىنى پاكىزلايدىغان رىتسىپلاريوقما  {:92:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-1-22 19:10:30

بىرسى بار ، چوڭراق تاۋۇزنىڭ بىر تەرىپىدىن كىسىپ، ئىچىنى ئويۇۋېتىپ، توخۇ گۆشىنى چاقماق قەنتتەك توغراپ ئىچىگە سېلىپ ئاغزىنى بىكىتىپ قىززىق تونۇردا بىر كېچە دۈملەپ ئەتىسى يەڭ. (بەڭگىلەردىن تاپقان رېتسىپ   {:92:}  )

qimanistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-22 19:22:38

\"\"  \"\"

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 12:55:09

داڭلىق ھەكىم تۇرۇپ، چىكىپ پاڭ بولاپ كەتكەن بەڭگىنىڭمۇ گىپىگە ئىشىنەمدۇ ھەي \"\"
بەت: [1]
: قەدىمكى ۋەسىقىلەردە ئۆپكە كېسەللىكىگە دائىر بايانلار