atella يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 19:43:29

باللارغا خەنزۇتىلى ئۆگتىشتىن ياردەم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى


تەتىل باشلىنشى بلەن ئاچام بۇ يىل قوشتىل 4-سىنپتا ئوقۇۋاتقان ئوغلىنى ئۇكام مۇشۇ بالىغا بىر خەنزۇتلى ئۆگتىپ قويغىن دەپ ئەكلىپ بەردى.


كىتاۋىغا قارىسام بىز ئوقۇغان چاغلاردىكىگە قەتئى ئوخشىمايدىكەن،دەرسلىكى ھازىرقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ خەنزۇتلى كىتابى بلەن تەڭ باراۋەر كىلدىغان ئوخشايدۇ..


دەسلەپتە يىتەكلەش ئۇسۇلۇم مۇنداق بولدى.


ئاۋال تېكست ئوقۇتتۇم، تېكست ئوقۇش جەريانىدا بىلمىگەن، خاتا ئوقۇغان سۆزلەرنى باشقا بىر دەپتەرگە كۆچۈرۈتىپ ماڭدىم.ئاندىن سۆزلۈككە سېلشتۇرۇپ بايا كۆچۈرۋالغان سۆزلەر ئىچىدىن بار بولغانلىرىنى ئايرىتقۇزدۇم.ئاندىن سۈزلۈكتە يوق يېڭى سۆزلەرنى ئىرپان لۇغىتى، ۋە شىنخۇا لۇغىتىن پايدىلنىپ ئۆزىگە ئىزدىتىش ئېلىپ باردىم.ئاندىن كۆچۈرۋالغان خام سۆزلەرنى مەنسى،ئوقۇلىشى بويچە يادلاتقۇزدۇم. دەم ئېلش ھېسابىغا خەنزۇچە باللار كارتونى قويۇپ بەردىم.


ئاندىن يەنە بىر قېتىم تېكست ئوقۇتتۇم. مەشقى شۇنداق قىين ئىكەن.ئۇكام ھازىرقى بۇ سەۋىيەسى بىلەن ئۇ مەشىقلەرنى ئىشلەش تۈگۈل، تەلەپنمۇ تۈزۈك ئۇقالماي تۇرىدۇ.  ئەڭ ئاددى پېئللارنىمۇ بىلمەيدىكەن.شۇنىڭ بلەن ھازىر ئۇنىڭغا تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلتلدىغان ئەڭ ئاددى سۆزلەردىن باشلاپ  تۇرمۇش،يېمەك ئىچمەك،سالام ساھەتلەردىكى سۆزلەرنى ئۆگتىۋاتىمەن.ھازىر ئۆگەنگەنى ھېلى تۇرۇپ سورىسام ئۇنتۇپ قېلۋاتقان،تۈنۈگۈن ئۆگەنگەننى بۈگۈنگە باغلاپ سورىسام خاتا جاۋاپ بېرىۋاتقان....完نى 元 دەپ،吃نى 饭 دەپ ئوقۇپ بەك ئاچچىقىمنى كەلتۈرىۋەتتى...


تەجىربىسى بارلار بىرە ياخشىراق ئامال كۆرسەتسەڭلار...

alshir يوللانغان ۋاقتى 2012-1-22 14:53:01

http://www.alshir.com/index.php/2011/12/01/dutizi/



http://www.alshir.com/index.php/2011/12/01/shengpangyuxingpang/



بۇ تېمىلارنىڭ سىزگە ياردىمى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن.

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2012-1-22 16:10:39

سەۋىرچانلىق كېرەك. غورۇرىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلماڭ، نېمانداق دۆت سەن، تۈنۈگۈن دېگەننى ئۇنتۇپسەنغۇ دېگەندەك.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2012-1-22 20:59:02

تىل دىگەننى مەكتەپتە ئۈگۈتۈپ بولالمىغاننى سىز ئۈگۈتۈپ بولالمايسىز،تەبىئى پەن بولسا باشقا گەپ.تەتىل بولغاندىكىن ئوينىسۇن دەپ مەسلىھەت بېرىڭە ئاچىڭىزغا.

مېنىڭ قىزىممۇ باشلانغۇچنى ئۇيغۇر ئادەتتىكى سىنىپتا ئوقۇپ،تۇلۇقسىزدىن باشلاپ ئۇيغۇر قوش تىل سىنىپتا ئوقۇپ،3 يىلدا خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى بوپ قالىدۇ ھازىر.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-22 21:32:22

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-22 22:51:33

qirchin يوللانغان ۋاقتى 2012-1-23 09:20:04

4- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنىڭ قىلغىنىمنىڭ ئەكسىچە ئىش بولۇپتۇ. مىنىڭ بالام خەنزۇچە ئوقۇيدۇ. ئەتىگەندە «ئەييا »دەپ قوپوپ خەنزۇچە گەپ قىلسا بىنادىن تاشلىۋالاي دەپ قالىمەن ئۆزەمنى. يا ئۇيغۇرچە كىنو كۆرمەيدۇ. ئۇيغۇرچە كىنو كۆرسەڭ بولمامدۇ دىسەم، ھەممىسى مەن بۇرۇن كۆرۈپ بولغان كىنولاركەن، خەنزۇچە كانالدا ئەڭ يىڭىسىنى قويۋاتسا دەيدۇ. بىر قىتىم خەنزۇچە گەپ قىلىۋەرگەنتى تازا تىللاپتىمەن ھارغۇچە، يەنە نىمە دەيدۇ دىسەڭلار -كىم سىنى مىنى ئىككى ياشتىن تارتىپ خەنزۇچە يەسلىگە بەرسۇن دەپتۇ»دەپ خەنزۇچە كۇتۇلداۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەۋسۈمدە ئۇيغۇرچە سىنىپقا ئالماشتۇرۋېتەي دىسەم، مەن تۇرۇۋاتقان رايۇندا ئۇيغۇرچە مەكتەپ يوق. يەنە بىر ئىش بۇ مەۋسۈملۈك نەتىجىسى بەك ياخشىكەن. 60تەك بالىنىڭ ئىچىدە 3-بولۇپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە ئۇيغۇرچە ئۈگىتەي دەپ كىتاپ يايمىسىدىن ئاران بىر پارچە رەسىملىك ئېلىپبەنى تىپىپ ئەكىلىپ تامغا چاپلاتقۇزدۇم. ئوقۇتسام، رەسىمىگەقاراپلا بىرنىمىلەرنى دەيدۇ. -ناندىكى نا، پارخوتتىكى پا ...دەپ . پەقەت ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ دىسە. ئۆيدىكىلىرى بىر نەرسە ئۈگەتسە ئۈنۈمى بولمايدىكەن. مىنىڭمۇ بىشىم تازا قىتىۋاتىدۇ. قانداق قىلسام بولار؟



......................................................................................................................


قانداق قىلىش ئۆزىڭىزگە باغلىق،


مىنىڭ بالاممۇ  يەسلىدىن باشلاپ 9-سىنىپقىچە خەنزۇچە ئۇقىغان (نېيچۇ بەندە) ئۆتكەن يىل ئۆرلەش ئىنتاھانىغا قاتنىشىپ ئەلا نەتىنجە بىلەن ئۇتۈپ شاڭخەيدىكى بىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى، بىز ئائىلىدە ئويلۇشۇپ كۈرۈپ ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلدۇق، چۈنكى تۇلۇق ئوتتۇرنىمۇ خەنچىدە ئۇقىسا كىيىنكى نەتىنجىسى ياخشى بولمايدىغاندەك سىزىلدى،شۇنداق قىلىپ بالامنى ئادەتتىكى قوش تىل سىنىپىغا ئاچىقىپ بەردىم،بالام نەمدىن بەكلا نارازى بولدى بىز قايتا-قايتا تەربىيە ئىشلەش ئارقىلىق ھازىر ئاساسەن ئۆزلۈشۈپ قالدى،ئويغۇر تىلىغا مەن ئۆيدە ئۆزەم يىتەكچىلىك قىلۋاتىمەن،ئۆتكەن بىر مەۋسۈمدە ئۇمىمى نەتىنجىدە سىنىپ بۇيچە ئىككىنچى بۇلۇپ چىقىپتۇ، ئويغۇر تىلدىن 85 نۇمۇر بىلەن ئۈتۈپتۇ.بالامنىڭ نەتىنجىسىگگ قاراپ ئىچىمدىن سۈيۈندۈم،ئەمدى ھازىر بالامنى تەتىلدىن پايدىلنىپ ئويغۇرچە تارىخى رومانلاردىن ئوقۇتىۋاتىمەن، ئۈنۈمى شۇنداق ياخشى بولدى،ئۈزىما ئىشتىياق بىلەن ئۇقىۋاتىدۇ،


بەت: [1]
: باللارغا خەنزۇتىلى ئۆگتىشتىن ياردەم