zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 11:01:50

ياتساملا چىشىم ئاغرىيدۇ،نېمە ئۈچۈن؟

كۈندۈزى ئاغرىمايدۇ،ئۆرە يۈرسەم ئاغرىمايدۇ،كەچتە يېتىشىمغا ئاغرىپ كېتىدۇ،


ئېگىر چىشلەپ يېتىپ باقتىم،بارا بارا ئۈنۈم بەرمەس بولۇۋالدى.توردىن تەكشۈرسەم


بۇنى چىش يىلىكى ياللۇغى دەيدىكەن،ھەم ساقايمايدۇ دەپتۇ. سوغۇق سۇدا چىش


چوتكىلىغاننىڭ دەردى دەپتۇ تېخى.


ھەكىملەر بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار،ئۇيقۇ يوق بىر ئىش بولدى بۇ.


بۇنى قانداق داۋالاش كېرەك؟زاماسكىلاتسام بولامدۇ؟قانداق چارە قىلىمەن؟

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 12:53:00

ئۈچ كۈن بولدى خا بو( خالمۇرات غوپۇر)چىكاڭ غار غار سۈيدە ئېغىز چايقاۋاتىمەن...ئۈنۈمى بولۋاتىدۇ...

ئانار شۆپكنى شۈمۈپ بەرسىمۇ بولدىكەن...ئاچچىقىغا چىدىسا.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 13:40:24

ۋاقىتلىق چارە-

   ئاغرىغان چىشىڭىز ئوڭ تەرەپتىمۇ ياكى سول تەرەپتىمۇ، سول تەرەپتە بولسا ئوڭ ئالقان باشبارمىغى بىلەن بىگىز بارماق ئارىلىقىغا مۇز قويۇڭ(ئويمانچاققا)، ئۇزۇن بولغاندا 2 مىنۇتتا بولمىسا 1 مىنۇتتا ئاغرىق توختايدۇ،

  ئۇزۇننى كۇزلىگەندە -

   ئەتكەنچاينى كۇپ ئىچىڭ،ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ،سىزنىڭ قېنىڭىز قويۇقلىشىپ كىتىپتۇ، سويۇلدۇرۇش كىرەك.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 13:44:19

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 13:57:03

چىش مىلىكى ياللۇغلانغان ،كۇندۇزى ۋە ئۇرە تۇرسىڭىز ئاغىرماسلىقنىڭ سەۋەبى ،چىش مىلىكى يىرىڭغا تۇلغان بۇلسا ئۇرە تۇرغاندا قان بىسمى زىيادە ئىغىر كەلمەيدۇ شۇڭا چىشىڭىز ئاغىرىيدۇ ھەم كۇندۇزى سەزگۇلىرىڭىز يەنى نىرۋىلىرىڭىز ئىشلەش ھالىتىدە بۇلغاچقا ئاغىرىقىنى سىزەلمەيسىز ،كەچلىكى ئارام ئىلىش ھالىتىدە بۇلغاچقا ئاغرىش سىزىمى كۇچلۇك بۇلىدۇ ھەم ياقان ۋاقتىڭىزدا قاننىڭ چىش مىلىكىگە بۇلغان بىسىمى كۇچلۇك بۇلغاچقا چىشىڭىز چىڭقىلىپ ئاغىرىيدۇ ياخشىسى چىشىڭىزنى تەشتۇرۇپ زاماسكا قىلدۇرۇڭ تەشكەن ۋاقىتتا مىلىكىگە كىرىۋالغان يىرىڭلار چىقىپ كىتىپ چىشىڭىز ئازراق ئارام بىرىدۇ چىش مىلىكىنىڭ سەزگۇسىنى ئۇلتۇرگەندىن كىيىن زاماسكا قىلۋەتسە ئاغىرىق تۇختايدۇ ياللۇغ قايتۇرىدىغان دۇرىلاردىن ئاموشىلىن، سىزىم تۇۋەنلىتىدىغان دۇرىلاردىن جىيا شاۋزۇ،ئاغرىق پەسەيتدىغاندىن چۇتۇڭپىيەن يەپ بىقىڭ چىشىڭىزنىڭ ئاغرىقى ئەمدى باشلانغان چىغىۋا نەچچە كۇن مۇشۇنداق داۋالاتمىسىڭىز ئاغىرىق تىخىمۇ كۇچىيىدۇ

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 14:11:42

بىر تونۇشۇمنىڭ چىشى سىزنىڭكىدەك ئاغرىپ توختىماي دوختۇرغا بېرىپتىكەن.ئاغرىغان چىشنىڭ نېرىپلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئاغرىق توختاپتۇ بىراق نەچچە ھەپتىگە قالمايلا چىشلار ئۇۋۇلىنىپ چۈشۈپ كىتىپتۇ.نورمالدا يېرىم يىللاردا شۇنداق ئۇۋۇلىنىپ كىتىدىكەن ئاندىن يالغان چىش سەپ قويۇپتۇ.چوڭلاردا سوغۇق   يەل تۇتۇپ ئاغرىيدۇ دەيدىغان گەپلەرمۇ بار،ئالدى بىلەن مىللى تىبابەتكە كۆرۈنۈپ پەقەت بولمىسا ئاندىن باشقا ئامال قىلسىڭىز ياخشى بولامدىكىن مەنچە. 

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 14:22:57

ھەببە قوقىيانى بىر ھەپتە مىقدارى يەپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ،بەك ئاغرىپ كەتكەندە بەرشىشا دېگەن دورىدىن نۇقۇتتەك ئېلىپ چىشلەڭ ۋە نۇقۇتتەكنى يەڭ. يەنە ئاقىرقەرھا ھىندى، قارىمۇچ،كاۋاۋىچىن،پىلپىل، قەلەمپۇرلارنى تەڭ نبىسپەتتە ئېلىپ قاينىتىپ ئېغىزىڭىزنى چايقاڭ. ئەل ئارىسىدا كۆپ قوللىنىدىغان چارىلەردىن قىچىنى سوقۇپ ئاغرىق چىشىڭىزغا ئېلىپ چىشلەڭ، قارا تېرەكنىڭ يىلىمىنى چىشلەڭ، سوغۇق يەلدىن بولسا بۇلار پايدا قىلىدۇ .يەللىك نەرسىلەرنى ۋە كەچلىك تاماقنى ئاز يەڭ.مۇشۇ بويىچە سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 14:24:29

elqut:

ئىككى قېتىم زاماسكىلاپ كولىۋەتكەن.تېگى چوڭ.زاماسكىلاتقان بىلەن تۇرمامدىكەن دەيمەن.سول تەرەپتىكى  ئېغىز چىش،23 ياشتا چىققان.

atella:

خابو غەرغەر سۈيىدە چايقاپ باققانتىم بۇرۇن،پەقەت كۆنەلمىدىم.ئانار شۆپىكىنى سىناب باقۇرمەن،رەھمەت سىزگە.

urdek:

كۈندە ناشتىدا ئەتكەن چاي ئىچىپ تۇرۇۋاتقان بولمىسا.

لېكىن قان قويۇق دېگەن گەپكە ئۆزەممۇ ئىشىنىمەن.بەكرەك مۇشۇسەۋەبمىكىن دەيمەن.

esma0999:

رەھمەت سىزگە،ئۇ دورىنى ئىزدەپ باقاي.

BATURKORXAT يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 14:29:30

مىنىڭ چىشىم كىچىك ۋاقتىمدا بەك ئاغرىيتى ،بىر كۈنى ئاغرىپ  بولالماي بىر ھەدەشكە دەت تۆكسەم مىنى تۈمۈرنى قىزىتىپ ئاغىرغان يەرگە قىزتىپ يېقىڭ دىگەنتى.دىگىنىدەك قىلسام توختىغان ،لىكىن نەچە يىل چىش ئاغىرقىنىڭ دەردىنى تارتقان كىچىك ۋاقتىمدا.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 14:30:37

nusrat،kokyal:

رەھمەت سىلەرگە.

شىپاخانىلارغا كۆرۈنۈپ باقاي.

بەك بولمىسا بىر تال چىش دېگەننى تارتقۇزۇپلىۋېتەرمەن.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 14:32:32

8- قەۋەتتىكى BATURKORXATنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنىڭ چىشىم كىچىك ۋاقتىمدا بەك ئاغرىيتى ،بىر كۈنى ئاغرىپ بولالماي بىر ھەدەشكە دەت تۆكسەم مىنى تۈمۈرنى قىزىتىپ ئاغىرغان يەرگە قىزتىپ يېقىڭ دىگەنتى.دىگىنىدەك قىلسام توختىغان ،لىكىن نەچە يىل چىش ئاغىرقىنىڭ دەردىنى تارتقان كىچىك ۋاقتىمدا.



ھازىر ئاغرىمىغاي، جان بەك قاخشاپ كېتەر ئۇنىڭدە.

otuken37 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 14:43:17

ئەھۋالدىن قارىغاندا سىزنىڭ چىشىڭىزنىڭ ئاغرىقىمۇ مېنىڭكىگە ئوخشاشتەك تۇرىدۇ. كۈندۈزى سەل-پەل ئاغرىسا ئاغرىيدۇ، بولمىسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك بەخىرامان يۈرىمەن. لېكىن، كەچ بولدىمۇ بىر ئاغرىغىلى تۇرسا تاس قالىمەن ئۆلۈپ قالغىلى.  \"\"

  مەنمۇ يېقىندىلا بىلدىم، نېمىشقا چىشىم ئاغرىيدىغانلىقىنى. مەن سوغاق مىزاجلىق. شۇڭا، ئىسسىق دورىلارنى چاي دەملەپ ئىچىشكە ئامراقتىم. دەل ئاشۇ ئىسسىق چايلار قانغا تەسىر قىلىپ، چىش ئاغرىقىمنى پەيدا قىلغانىكەن. ئادەتتە، ئاشۇنداق، ئىسسىق چاي ئىچكەن كۈنلىرىم، تۈزۈك تاماق يېمەي، پېچىنە-پىرەنىكلەرنى يېگەن كۈنلىرىم، پولو يېگەن چاغلىرىم، تەركىبىدە قارا شېكەر ماددىسى بار يېمەكلىكلەرنى يېگەن ۋاقىتلىرىمدا ئاخشىمى چىشىم ئاغرىشى باشلىنىدۇ. ھەم ئىككى-ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ.  

  بۇنىڭ دورىسىنىمۇ بىلىۋالدىم. ئىككى-ئۈچ كۈن ئەتىگەندە تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى، راڭپىزا ياكى لەڭپۇڭنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ يەپ بېرىڭ ياكى قارىقات سۈيىنى ئىچىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. (بۇلار قوساقنى سوۋۇتىدۇ) ئاندىن ھەقىقەتەن ئۈنۈمىنى  كۆرىسىز.

  بۇ مېنىڭ ئەمەلىي تەجرىبەم.

  ئىنشائاللاھ، سىزنىڭمۇ بۇ ئاغرىقتىن تېزلا خالاس بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 15:21:23

كۈندۈزى ئۇخلاڭ   {:92:}

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 15:46:27

ئەھۋالدىن قارىغاندا چىش يىلدىز ئۇچى ياللۇغى بۇلۇپ قاپسىز بۇنداق چىشلارنى رىنتىگىن نۇرىدا تەكشۈرگەندە يىلدىز ئۇچىدا قاپقارا سايە پەيدا بۇلىدۇ . بۇ دەل يىلدىز ئۇچىغا يىغىلىپ قالغان يىرىڭ .

بۇنداق چىشلار ئاساسەن كەچقۇرۇن قوزغىلىدۇ . ئاغىرىغاندا قۇلاق ، يۈزنىڭ يېرىمى ۋە باش قىسمىڭىزنىڭ يېرىمى قۇشۇلۇپ بىللە ئاغرىيدۇ . بۇنداق بۇلىشىدىكى سەۋەپ كەچقۇرۇن ئادەمنىڭ بەدەن كۈچى تۆۋەنلەيدۇ ھەم چىش ئۇچىدىكى يىرىڭ قان بېسىمنىڭ تەسىرىدىن كۈپۈپ ئەتىراپىدىكى نېرۋىلارنى بېسىپ ئاغرىق باشلىنىدۇ .

بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى يېقىن ئەتىراپتىكى چىش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ دىئاگىنۇز قويدۇرۇپ مۇۋاپىق داۋالىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك . بۇنداق چىشلارنى ئاساسەن تارتىۋېتىش كېرەك بولمىسا چىش يىلدىز ئۇچىدىكى يىرىڭ (ياللۇغ) كىيىنكى كۈنلەردە سوغاق يەل (غىدىقلىغۇچى) كىلىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىگەندە قايتا قوزغىلىدۇ .

پەرىز تۇتىدىغان يىمەكلىكلەر : لازا - ئاچچىقسۇ ، كالا گۈشى ، ياڭيو ، ئالما ۋە ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەر .

ئىستىمال قىلىدىغان دۇرا : ياللۇغ قايتۇرىدىغان دۇرىلار 阿莫西林 , 头孢拉定 , 甲硝唑, 牙周康, 头孢克肟

يەرلىك دۇرىلاردىن : كوكيال ھەكىم دىگەندەك قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .

ئاغرىق بەك قوزغىلىپ كەتسە ئاغرىغان چىشنىڭ سىرتى تەرىپىدىن مۇز پارچىسى تەككۈزۈپ بەرسىڭىزمۇ ئاغرىق توختۇتۇش ئۈنىمىگە يەتكىلى بۇلىدۇ . لىكىن ھەرگىز تۇخۇم چاپىدىغان ، سىرتىدىن ئىسسىق ئۆتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ بولمىسا چىش يىلدىز ئۇچىدىكى ياللۇغ كۈچىيىپ چىشى مىلىكى ئىشىپ كىتىشى مۇمكىن .

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 16:11:50

ئادەتتە تاماقنى ئىلمىي يېيەلمەيدىكەنمىز،مۇنداقراق ئاغرىق پەيدا بولسا،ئېرەنشىمەيدىكەنمىز،ئاغرىپمۇ قالمامدۇ دەپ.

قاتتىق تەكشۈرتۈپ،راۋۇرۇس ئىلاجىنى قىلمىسام بولماپتۇ...

كۆپ رەھمەت سىلەرگە.

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 16:24:31

چىشنى زاماسكىلاپ بۇلغاندىن كىيىن قاپلىتىۋىتىڭ زاماسكىسى چىقىپ كەتمەيدۇ

qimanistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 17:23:49

بەك سوغۇق ،بەك قىززىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ!

ئاقىر قەرھا،توغرىغۇ،زەنجىۋىل،پىلپىللارنى سىركە بىلەن قاينىتىپ ئېغىزىڭىزنى چايقاپ بىرىڭ.

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 18:17:52

كىلىنكىدا سىزنىڭ چىش كىسەللىكىڭىزنى ئۆتكۈر چىش يىلىك ياللۇغى دەپ ئاتايدۇ ،كۈندۈزى ئاغرىمايدۇ ،كىچىدىلا ئارام ئىلىش ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ ئاغرىيدۇ ،ئادەتتە ئاغرىغاندا شۇ كامار چىشىڭىزدىن بەلكىم سەل سۇ چىقىدىغاندۇ ،ئاغرىغاندا سوغۇق نەرسە ئىغىزىڭىزغا ئالسىڭىز سەل ئارام بىرىدۇ ،

چىش دوختۇرىغا بىرىپ داۋالىتىڭ ، ساقايمايدۇ دىگەن قۇرۇق گەپ ، ئادەتتە چىش دوختۇرلىرى بۇنىڭغا 2خىل تەدبىر قوللىنىدۇ ،1.سى يىرىڭدىغان چىشنىڭ يىلىك بوشلۇقىنى بۇرغىلىۋىتىش ئارقىلىق ئاغرىق توختىتىپ داۋالاش ،

2.ناركوز قىلغان ھالەتتە ،كىسەل چىشنىڭ ياللۇغلانغان چىش يىلىكىنى سۇغۇرۇپ ئىلىۋىتىش ،



بۇنىڭ 2.سى بەكرەك ئۈنۈم بىرىدۇ ،



ئەلۋەتتە زاماسكىلىتىسىز ، چىشىڭىز كامىرىدا زاماسكا ئۇزۇن تۇرالمايدىغان ھالەتتە بولسا ،چىشىڭىزنى داۋالىغان كىشى ،چىش قاپلىتىۋىلىش تەكلىپىنى بىرىدۇ ، زاماسكىسى ياخشى تۇردىغان ھالەتتە بولسا زاماسكىلا قىلىش تەكلىپىنى بىرىدۇ .....زاماسكىنىڭ ئۇزۇن تۇرالاش تۇرالماسلىقى كامارنىڭ ئورنىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ ، ناۋادا چىشىڭىزنىڭ ئەتراپى ساق چىرىمىگەن ئوتتۇرىلا چىرىگەن ھالەتتە بولسا زاماسكىلا قىلدۇرسىڭىز ياخشى تۇرىدۇ ،ناۋادا چىشىڭىزدىكى كامار ئورنى سىزنىڭ ئىىككى چىشنىڭ ئارلىقىدىن چىرىگەن بولسا بۇنى سىز چىشىڭىز تولۇق ساقايغاندىن كىيىن چوقۇم قاپلاتمىسىڭىز زاماسكا تولا چىكىتىپ ئاۋارە قىلىدۇ ....



خاتالشمىساملا سىزنىڭ چىشىڭىز تۆۋەنكى رەسىمدىكىدەك تۇرىدۇ ...


\"\"

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 18:25:19

12- قەۋەتتىكى owqi312نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەھۋالدىن قارىغاندا چىش يىلدىز ئۇچى ياللۇغى بۇلۇپ قاپسىز بۇنداق چىشلارنى رىنتىگىن نۇرىدا تەكشۈرگەندە يىلدىز ئۇچىدا قاپقارا سايە پەيدا بۇلىدۇ . بۇ دەل يىلدىز ئۇچىغا يىغىلىپ قالغان يىرىڭ .

بۇنداق چىشلار ئاساسەن كەچقۇرۇن قوزغىلىدۇ . ئاغىرىغاندا قۇلاق ، يۈزنىڭ يېرىمى ۋە باش قىسمىڭىزنىڭ يېرىمى قۇشۇلۇپ بىللە ئاغرىيدۇ . بۇنداق بۇلىشىدىكى سەۋەپ كەچقۇرۇن ئادەمنىڭ بەدەن كۈچى تۆۋەنلەيدۇ ھەم چىش ئۇچىدىكى يىرىڭ قان بېسىمنىڭ تەسىرىدىن كۈپۈپ ئەتىراپىدىكى نېرۋىلارنى بېسىپ ئاغرىق باشلىنىدۇ .

بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى يېقىن ئەتىراپتىكى چىش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ دىئاگىنۇز قويدۇرۇپ مۇۋاپىق داۋالىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك . بۇنداق چىشلارنى ئاساسەن تارتىۋېتىش كېرەك بولمىسا چىش يىلدىز ئۇچىدىكى يىرىڭ (ياللۇغ) كىيىنكى كۈنلەردە سوغاق يەل (غىدىقلىغۇچى) كىلىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىگەندە قايتا قوزغىلىدۇ .

پەرىز تۇتىدىغان يىمەكلىكلەر : لازا - ئاچچىقسۇ ، كالا گۈشى ، ياڭيو ، ئالما ۋە ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەر .

ئىستىمال قىلىدىغان دۇرا : ياللۇغ قايتۇرىدىغان دۇرىلار 阿莫西林 , 头孢拉定 , 甲硝唑, 牙周康, 头孢克肟

يەرلىك دۇرىلاردىن : كوكيال ھەكىم دىگەندەك قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .

ئاغرىق بەك قوزغىلىپ كەتسە ئاغرىغان چىشنىڭ سىرتى تەرىپىدىن مۇز پارچىسى تەككۈزۈپ بەرسىڭىزمۇ ئاغرىق توختۇتۇش ئۈنىمىگە يەتكىلى بۇلىدۇ . لىكىن ھەرگىز تۇخۇم چاپىدىغان ، سىرتىدىن ئىسسىق ئۆتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ بولمىسا چىش يىلدىز ئۇچىدىكى ياللۇغ كۈچىيىپ چىشى مىلىكى ئىشىپ كىتىشى مۇمكىن .

مىلتىقى بار موللام (لوخۇڭمىسۇ جاۋناڭ )  نى قىتىپ قويماپلا .............\"\"

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 18:26:34

3- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يازدا روزا ئايلىرىدا مەنمۇ تاۋۇزنى توڭلاتقۇغا سېلىپ مۇزلىتىپ يەپ شۇنداق چىش ئاغرىقى تىپىۋالغان.چىش ئاغرىقىم 4،5سائەتتە بىر تۇتۇپ كەتسە، بىر يەردە ئولتۇرالماي قالاتتىم. باش سۆڭىكىمنىڭ يىرىمى قۇشۇلۇپ چىدىغۇسىز ئاغرىيتى. ئاستى- ئۈستى چىش مىلىكى ئىششىپ كېتىپ ، چىشلىرىم كىرىشىپ قېلىپ، ئېغىزىمنى ئاچالماي قالغان. غەرپچە دوختۇرخانىغا بارسام بالنىتسىدا يىتىپ داۋالىنىڭ دىگەن. مەن چىش ئاغرىقىغىمۇ بالنىتسىدە يىتىش كېتەمدۇ دەپ ئۇنىماي، ياللۇق قايتۇرىدىغان ئۇكول ئېلىپ قايتىپ چىققانتىم. ئوكۇلنى بىر سالغۇزسام تىخىمۇ ئاغرىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىبابەت دۇكىنىغا بارسام، سوغۇق يەل نىرىپلارنى چىرماپ كىتىپتۇ دەپ، «ھەببى قۇقىيا»دىگەن دورا بىلەن يەنە بىر ئۇششاق قارا كۇمىلاچ دورىنى بەرگەن. بۇ دورىلارنى يەپ، 3كۈندىن كېيىن ئېغىزىم ئېچىلدى. ھەم چىش ئاغرىقىمۇ يوق بولدى. مۈمكىن بولسا ئاشۇ «ھەببى قۇقىيا»نى ئۇزۇنغىچە ئىچىپ بىرىڭ.بەك ياخشى دورىىكەن بۇ.ئىچىدىكى زەھەرنى ھەيدىگەندەك ھەيدەيدىكەن زادى؟ يەپ -يەڭگىل بولۇپ ، ھازىرغىچە بىرەر كىسەل بولۇپ قالمىدىم خۇدا بۇيرۇسا.

سىزنى بالنىستا يىتىڭ دىگەن قايسى شەھەردىكى قايسى ئامبولاتورىيە دۇ ؟
بەت: [1] 2
: ياتساملا چىشىم ئاغرىيدۇ،نېمە ئۈچۈن؟