ئۆزۈم سوقماق ياسىدىم
قايسى كۈنى بىر دوستىمىز سوقماقنى قانداق ياساش ھەققىدە ياردەم سوراپتىكەن، مېنىڭمۇ ئاڭلىغىنىملا بولغاچقا قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ بېرەلمىگەنتىم، بۈگۈن ئازراق ۋاقت چىقىرىپ سوقماقنى قانداق ياسىغىنىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
ئائىلە بويىچە ئەمگەك قىلىپ خوشاللىق ۋە لەززەت تاپتۇق
ئۆتكەندە بالىلىرىمغا يەرلىك مەھسۇلاتتتىن مۇشۇ سوقماقنى ئېلىپ بەرمەكچى بولدۇم، مەھەللىمىزدىكى دۇككانلاردا يوقكەن، تازا قار يېغىۋاتقان بولغاچقا ھېيتگاھ تەرەپكە ئۆتۈش خوشياقماي باشقىلاردىن سورىسام «زاۋۇتنىڭ نەرسىسىدىن بىردسەمدە زېرىكىدۇ. ھېيتگاھتا تەييار ياساپ بېرىدىغانلار بار، قانچىلىك دېسىلىرى ياساپ بېرىدۇ» دېدى.
شۇنىڭ بىلەن شۇ ياساپ بېرىدىغانلاردىن بىر جىڭ ئالدىم، بۇنى يۇمشاق نان بىلەن يىسەك تازا قاملاشتى.
سوقماق ياساپ ساتقۇچىنىڭ رېتسىپى ( كۆرۈپ سوراپ بىلگىنىم):
ياڭاق، بادام مېغىزى، ئۇرۇقسىز قىزىل يىمىش، ھەسەل.
تەييارلار: بۇنى گۆش قىيما ماشىنىسىدا ئەزدى.
ئۆتكەن ھەپتە بۇنى ئۆزەم بىر ياساپ باقمايمۇ دەپ 2 كىلو ياڭاق، 2 كىلو بادام، 1 كىلو ئۈرۈك مېغىزى، 1 كىلو قىزشىل يىمىش، 4 كىلو ئادەتتىكى ھەسەل ئالدىم، ئۆيدىكىلەر بىركۈن ئولتۇرۇپ قىزغىنلىق بىلەن ياڭاق بىلەن بادام چاقتۇق، يىمىشنى قايناقسۇدا چايقىۋەتتىم.
ئەمدى بۇلارنى(ھەسەلدىن باشقىسىنى) ئارىلاشتۇرۇپ مىۋە شىرنىسى قىلىدىغان ماشىنىچاقنىڭ قىيما قىلغۇچىسىغا بىر پىيالىدىن سېلىپ ئەزدىم.
ئاخىرىدا ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ پەشمەكچىنىڭ ھالۋىسىدىن قويۇقراق ناھايىتى تەملىك يىمەكلىكتىن بىر داس بوپتۇ.
ئەسلىدىكى ئارزۇيۇم بويىچە ئۇرۇق-تۇققان، دوستلىرىمغا « ئۆززۈمىز ياسىغان مەھسۇلات، تېتىپ بېقىڭلار» دەپ بىر پىيالە كەلگۈدەكتىن سوۋغا قىلدىم.
بۇ بازاردىن ئالغىنىمدىنمۇ تاتلىق بولدى. يەنە بىر خوش بولغان يىرىم ئائىلە بويىچە ئەمگەك قىلىپ خوشاللىق ۋە لەززەت تاپتۇق.
بىر دوستۇمنىڭ بۇنى ياساش ھەققىدىكى تەۋسىيەسى مۇنداق بولدى:
مېغىزلارنى قورۇپ نەملىكىنى يوقۇتۇپ، قايناقسۇغا چىلىۋىتىپ پوستىنى سويۇۋىتىپ ئاندىن ئىزىپ ئالىي ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇش.
كېيىنكى قېتىمدا دوستۇم دېگەندەك ياسىماقچى.
----
بۇ قايسى مىۋە؟ ئاڭلىسام ئاۋۇ سوقماق دىگنىڭىزنى ياشتا چوڭراقلا ، يۈرىكىدە دەرت بارلار ئىستىمال قىلسا خەتەرلىكمىش . بىر شىركەتنىڭ سوقماق دەپ مەھسۇلاتى بارتىغۇ؟ ماتاڭ شۇما ؟ سوقماقنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ئىسمىدىن چىقىپ تۇرمامدۇ؟ @weyrani قىزىل يىمىش دېگەن قۇرۇتۇلغان ئۈ زۈم شۇدۇ. بىز كىشمىش دەيمىزغۇ... {:92:}
4- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماتاڭ شۇما ؟
ماتاڭ ئەمەس، بۇ ئايرىم يىمەكلىك، «ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم بىلەن ياڭاق مېغىزىنى سوقۇپ ، ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدىغان بىر خىل تاتلىق يېمەكلىك . »
تالقان، سوقماق دېگەنلەرنى قانداق ياسايمىز؟
2- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاڭلىسام ئاۋۇ سوقماق دىگنىڭىزنى ياشتا چوڭراقلا ، يۈرىكىدە دەرت بارلار ئىستىمال قىلسا خەتەرلىكمىش .
قۇۋۋەتلىك ئەمەسمۇ؟ بۇنى تەييارلاپلا قىزغىنلىقتا سەل جىق يەۋاپتىمەن، قوساق ئاچماي بىر ۋاخلىق تاماقنى كەم يىدىم.
شۇڭا بۇنى بىر قېتىمدا جىق بولسا ياڭاقتەك ئىستىمال قىلسا بولغۇدەك.
3- قەۋەتتىكى sal_manنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىر شىركەتنىڭ سوقماق دەپ مەھسۇلاتى بارتىغۇ؟
شۇنداق بىر شىركەت بارتى ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
Ay^Tugh@
بىزلەر يىمىش دىسە ھەممە قۇرتۇلغان مىۋە كۆزئالدىمغا كېلىدۇ..شۇڭا دەيمەن..
10- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
Ay^Tugh@
بىزلەر يىمىش دىسە ھەممە قۇرتۇلغان مىۋە كۆزئالدىمغا كېلىدۇ..شۇڭا دەيمەن..
قۇرۇتۇلغان مېۋىنىڭ ئۆز ئالدىغا نامى بار. بىز مۇنداق ئاتايمىز.
ئۈرۈك- گۈلە
شاپتۇل- قاق
ئۈزۈم- يىمىش
پەلەمما دەپ سېتىۋاتقىنى شۇمۇ نىمە؟خام ئەشيالىرى ئوخشاشكەن
مەھسۇلات نامى: ئاتا مىراس قۇۋۋەت جەۋھىرى.
ماتىرىيالى: ياڭاق مېغىزى،بادام مېغىزى،ئۆرۈك مېغىزى،گازىر مېغىزى،ئورمان ياڭىقى،ساپ ھەسەل.
مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلىشى: ...................
ئىشلەپچىقارغان ئورۇن:شىنجاڭ يېڭى پورت خەلقارا سودا چەكلىك شىركىتى.
زاۋۇت ئادىرىسى: ئۈرۈمچى سايباغ رايونى ساڭفاڭگۇجەنوبى يۇلى 183-نۇمۇر
سوقماق دىگەن ياڭاق ماتاڭ شۇما ؟ ئۇزۇن ساقلىماي يىۋىتىڭلار . ھەسەلنى قاينىتىپ كۆپۈكىنى سۈزۈپ قىززىق پىتى مېغىزلارنىڭ ئۈستىگە تۆكمىسەڭلار ئاسانلا قۇرۇتلىۋالىدۇ .
12- قەۋەتتىكى puhraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پەلەمما دەپ سېتىۋاتقىنى شۇمۇ نىمە؟خام ئەشيالىرى ئوخشاشكەن
![]()
مەھسۇلات نامى: ئاتا مىراس قۇۋۋەت جەۋھىرى.
ماتىرىيالى: ياڭاق مېغىزى،بادام مېغىزى،ئۆرۈك مېغىزى،گازىر مېغىزى،ئورمان ياڭىقى،ساپ ھەسەل.
مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلىشى: ...................
ئىشلەپچىقارغان ئورۇن:شىنجاڭ يېڭى پورت خەلقارا سودا چەكلىك شىركىتى.
زاۋۇت ئادىرىسى: ئۈرۈمچى سايباغ رايونى ساڭفاڭگۇجەنوبى يۇلى 183-نۇمۇر
بىر تۇققىنىممۇ سىز دېگەندەك دېگەنتى، شۇ بولسا كېرەك.
13- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سوقماق دىگەن ياڭاق ماتاڭ شۇما ؟
بىز ياڭاق ھالۋىسى دەيمىز. ئۇنى ياڭاق مېغىزى ۋە شىكەر قىيامىدا ياسايدۇ.
14- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇزۇن ساقلىماي يىۋىتىڭلار . ھەسەلنى قاينىتىپ كۆپۈكىنى سۈزۈپ قىززىق پىتى مېغىزلارنىڭ ئۈستىگە تۆكمىسەڭلار ئاسانلا قۇرۇتلىۋالىدۇ .
ھەسەلنىڭ ئۆزىنى قايناتماي، سۇغا چىلاپ قىزىتىپ كۆپۈكىنى سۈزدۇق. yolyar@
كىشمىش دەيمىز بىر قۇرتۇلغان ئۈزۈمنى بەك كەسپىغۇ ؟(قايىل بولغان ئىموۋشىن) . سىرىتتىن سۇ ئارقىلىق قىززىتساڭلار ،ئەلۋەتتە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .