hazritili يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 18:00:27

«ئاننا كارېننا » رومانىنى ئوقۇغانمۇ ؟ مەن ئوقۇدىم




بۇ رۇماننى ئاخىرى ئوقۇپ بولدۇم .


كىتابنى شۇنداق بىر خىل ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم .راستىنى دېسەم بەزى تەسۋىرلەر ۋە ئىنچىكە تەپسىلاتلار مەززىسىز تۇيۇلۇپ زىرىكىپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بار . ئەمما ئوقۇش جەرياندا كىتابتىكى ئاشۇنداق ئىنچىكە تەپسىلاتلارنىڭ ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئىچكى ھېسياتىنى ئىپادىلەپ بىرىشتە ( بۇلۇپمۇ مۇرەككەپ تۇيغۇلارنى) ئاجايىپ رولغا ئىگە ئىكەنلىكنى ھېس قىلىدىم.


كىتابنى ئوقۇش جەرياندا تۆۋەندىكى تەرەپلەر مىنى ئالاھىدە قىزىقتۇردى.



لىۋىننىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بىېرىشقا كۈچىشى.


لىۋىن ئەسلىدىنلا قەلبى ئاقىققا ۋە پاكلىققا تولغان بىر ئىنسان . شۇڭا دەسلەپتىلا ئۆز قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنى باراۋەر تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارماقچى بۇلىدۇ. ئەمما ئۇ ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىسلاھات بىرى ، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى تەرىپىدىن ، يەنە بىرى كىشىلەرنىڭ ئادەتلىنىپ كەتكەن تەپەككۇرى ۋە يېڭىلىقنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلمايدىغان مۇتەسسىپلىكى سەۋەبىدىن مەغلۇپ بۇلىدۇ. بۇ جەرياندا لىۋىن ئاخرى ئۆزىنىڭ ئاجىز كەلگەنلىكىگە تەن بىرىدۇ.


لىۋىنغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر تەرەپ ، لىۋىننىڭ رۇھىي جەھەتتىن ئۆزگىرىشى . ئۇ ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھەققىي يوسۇندا بىلىش ۋە ئۆز ياشىشىنڭ نېمە ئۈچۈنلىگىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىدۇ. ئىقتىدار، مۇھەببەت، ھايات ھەققىدىكى تەپەككۇرلار ئاراچلىرىدا قىسىلىدۇ. ھەتتا ھاياتنىڭ ماھىيتى ، ياشاشنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ تاپالمىسا ئولىۋالماقچىمۇ بۇلىدۇ. نۇرغۇن پەلسەپىۋى كىتابلارنى ، مۇتەپەككۇرلارنىڭ يازمىللىرىنى ئوقۇيدۇ. ئەمما ئاخىردا ئۇنىڭ ھاياتىنى ۋە قارشىنى ئۆزگەرتكىنى مۇتەپەككۇر ، پەيلاسوپلارنىڭ پىكىرلىرى ئەمەس ، بەلكى ئۆز ئۆيىدە ئىشلەۋەتقان بىر ئىشلەمچىنىڭ باشقا بىراۋنى تەرىپلەپ :« ھەق ياشايدۇ ، خۇدانىڭ يولىنى تۇتىدۇ » (1562-بەت) دېگەن بىر جۈملە سۆزى بولىدۇ. ئۇ ئاشۇ دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئاشۇ بىر جۈملە سۆز پىلىك بولغان خىياللىرى ئارقىلىق ھەرھالدا ياشاشنىڭ ئەھمىيتى ، ئۆز ھاياتى ھەققىدە تولۇق تۇنۇشقا كىلىدۇ ۋە ئۆزى ئىزدەپ يۈرگەن نەرسىنىڭ ئۆزىدە ئەزەلدىنلا بارلىغىنى ( قانداقتۇر كىتابلاردا، مەھشۇر كىشىلەرنىڭ يازمىللىرىدا ئەمەس) ھېس قىلىپ ئاخىردا :«پۇتكۇل ھاياتىمغا كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشنى سىڭدۇرۇپ مېڭىشقا ھەقلىقمەن» (1609-بەت) دېگەن خۇلاسىگە كىلىدۇ.


لىۋىننىڭ تىلىدىكى مۇلاھىزىلەر ئارقىلىق ئاپتۇر ئادەمنىڭ ئەسلى تەبئىتىنىڭ ياخشىلىق ئىكەنلىكىنى ، ھاياتتا توغرا يول تۇتۇشتىن ئىبارەت ئىنتايىن ئاددى  پەلسەپىۋى قائىدىنىڭ بىلىمنىڭ ئاز – كۆپلىكى ، ئورۇننىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىگى بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىگىنى چۈشەندۇرۇپ بەرگەن. خۇلاسىلىگەندە ھاياتنىڭ ئەسلى قانۇنىيتى ، ئادەمنىڭ ئەسلى ماھىيتىنىڭ ياخشىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ( بۇ خۇلاسىگە كەلگىنىمدە ئۆزۈم شۇنداق بىر خۇشاللىققا چۈمدۈم. چۈنكى مىنىڭ ئىددىيەمدىكى ھايات قارىشى ، تولستوينىڭ ئىددىيسىدىكى ھايات قارىشى بىلەن بىردەك ئىكەن. ئۆزۈمنىڭ مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھايات قارىشى بىلەن پاراللېل ياشاپ كىتىۋاتقىنىمدىن ئۆزۈمگە زوقۇم كەلدى ۋە ئۆزۈمنى تەبرىكلىدىم.)



ئاننا :                                                                                      


كىتابنىڭ ئىسمىمۇ مۇشۇ پىرسۇناژنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان .ئاننانىڭ كەچۇرمىشلىرى مۇھەببەت بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت . مۇقەددەس نىكاھ بىلەن كۆڭۈل ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگەن. ئۇ باشقىلارنىڭ شاللاقلىقلىرىدىن زىرىكىدۇ ، ئەمما يەنە نىمىشقىدۇر باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماقچى بۇلىدۇ. . نىكاھ قەسرىدىكى پاجىئەلىك تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولۇپ ، مۇقەددەس قەسەمنى بۇزىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىرىشكىنى شادلىق بولماستىن ، ئايىغى چىقماس قايغۇ بۇلىدۇ. كىيىنكى پۇتكۇل ھاياتىدا ئۇنىڭ يۈرىكىنى بىر قارا قول مىجىپ تۇرىدۇ .تېخىمۇ ئېغىر بولغان پاجىئەگە سەۋەپ بۇلىدۇ ۋە ئاخىردا ئۇنى ئۆلۈمگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئېلىپ بارىدۇ. چۈشەنچەمچە ئاننانىڭ ئازاپلىرى ئۇنىڭ نىكاھقا قىلغان بىھۆرمەتلىكىگە بىرىلگەن جازا . روماننى ئوقۇۋېتىپ ئەڭ دەسلەپ كارېىن ئەپەندىگە ئىچىم ئاغرىغان ئىدى. ئەمما ئەڭ ئاخىردا ئەڭ ئېچىنغىنىم ئاننا بولدى .



دوللى :                                                                                    


دوللى ئانناغا يۈكلەنگەن خاراكتىرنى تېخىمۇ يورىتىپ بىرىش مەقسىتىدە ئوتتۇرغا چىققانمىكىن دەيمەن. ئۇنىڭ يولدىشى ئۇنىڭغا يۈزسىزلىك قىلىدۇ.  تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتىدۇ ، ھەتتا يىرتىق كىيىملىرىدىن مۇراسىملاردا خىجىل بۇلىدۇ. ئۇ ئانناغا ھەۋەسلىنىدۇ. كىملەرنىدۇر ( ئىرىدىن باشقا ) ياخشى كۆرۈپ قېلىشنى ئىستەيدۇ. ئەمما باشتىن – ئاخىر ئائىلە چەمبىرىكى ئىچىدە تىپىرلايدۇ ۋە ئەڭ ئاخىردا قانچىلىك خاپىلىق كىلىشىدىن قەتئىنەزەر باللىرى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تەسەللىيسى ۋە خۇشاللىقى ئىكەنلىكىنى قەلبىدە تەستىقلايدۇ.



ۋرونىسكىي :


ۋرونىسكىينىڭ كىتابتىكى ھاياتى خەلق قوشاقلىرىدىكى مۇنۇ بايانلارغا تۇلىمۇ ماس كىلدۇ :« كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ ، كۆڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ. سەمەرقەنتنىڭ ئالمىسىدەك ، ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ.» ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۈچۈن قىلغان پىداكارلىقى بەلكىم ھۆرمەتلىنىشكە ئەرزىىيدىغاندۇ. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ھايات يولىدىكى بىر مەغلۇبىيەتچى.



كارېنىن :


كىتابلا ئۇ ئۇچرىسىلا ، ئۆزۈمنى بىر ماشىنا ئادەمنى ئۇچراتقاندەك ھېس قىلىپلا يۇردۇم. ئۇ ئۆزىنىڭ مېھر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ناتوغرىلىقى سەۋەبىدىن ئازاپقا قالغان بەندە . ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى كىشىگە تۇرمۇشتا ئائىلە بىلەن خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلىگىنى ئەسكەرتىدۇ .



كىتابتىكى يەنە بىر دىققىتىمنى تارتقان نوقتا ، كىتابتىكى پىرسۇناژلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇنداق كىتابخۇمارلىقى  . لىۋىن، ئاننا ، كارېنىن ، ۋرونىسكىي ، كىتى بۇلارنىڭ ھەممىسىگە كىتاب ئوقۇش تاماق يىگەندەكلا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلار مەسىلىگە يولۇقسىمۇ كىتاب ئوقۇيدۇ. ئارام ئېلىش ئۈچۈنمۇ كىتاب ئوقۇيدۇ. كىتاب ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ،تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.



كىتاب ئۆزىنىڭ زور ھەجىمى بىلەن يۇقىرى قاتلام روس جەمئىيتىنىڭ ھەربىر ئىنچىكە ھالقىللىرىنى – مەنىسىز تۇرمۇش، ساختا تەكەللۇپ ، ئايىغى چىقماس چار بازار مۇنازىرىسى ، زىددىيەتلەر ، شۆھرەتپەرەسلىكلەر ، سايلام ، رەسمىيەتچىلىك – ئىشقىلىپ ئاپتۇر قەلەمگە ئالمىغان ھېچنىمە قالمىغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ كىشىگە.



يەنە بىر نوقتا –ئاپتۇر ئاددىي ئوي- خياللار ، زىددىيەتلىك مونولوگلار ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىچكى تۇيغۇللىرىنى ئىنتايىن ئىنچىكە ھەم قايىل قىلارلىق قىلىپ ئىپادىلەپ بەرگەن.



خۇلاسە قىلغاندا ، رۇماننى ئوقۇپ مەشھۇر رۇمان ئوقۇشنىڭ ھۇزۇرىنى ھەققىي ھېس قىلىدىم.




كىتابتىكى مەن ئاستىغا سىزىپ قويغان قۇرلار :


ھەممە بەخىتلىك ئائىلەر بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ، بەخىتسىز ئائىلىلەر ئۆز ئالدىغا بەخىتسىز (5-بەت . پۇتكۇل كىتابنىڭ تۈنجى باشلانما جۈملىسى )



بىز روسىيلىكلەر شۇنداق خەق. ئۆزىمىزدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى كۆرەلىشىمىز بىزنىڭ ئارتوقچىلىقىمىزدۇر بەلكىم. ئەمما، ئىشلارنى چوڭايتىپ سۆزلەش ، باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشلار ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى خوش قىلىدىغان ئىشلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. (52-بەت)



مەن سىلەرنىڭ مېنى ئاۋارە قىلماسلىقىڭلارنى سورايمەن. شۇنداق قىلساڭلار ، بۇنى مەن سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىمنىڭ ماڭا قىلغان بىردىنبىر شەپقىتى ، دەپ بىلگەن بولاتتى. (56-بەت)



-مەدەنىيەتنىڭ مەقسىتىمۇ شۇ : ھەممە نەرسىدىن لەززەت ئېلىشنى بىلىش كېرەك .


-ئەگەر مەدەنىيەتنىڭ مەقسىتى مۇشۇلا بولىدىغان بولسا ،مەن ياۋايى ئادەم بولۇپ كىتىشكە رازى .(75)



ئەگەر ئەيسا پەيغەمبەر كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى بۇزۇپ ئىشلىتىدىغانلىغىنى بىلگەن بولسا ، گەپ قىلمايلا قويغان بولاتتى (85)



بۇ يەردە بولسا كىشىلەر سىنىڭ قەدىر – قىممىتىڭنى تارازىغا سېلىپ كۆرۈپ باقىدۇ(122)



گۇناھ قىلغان ئادەمنىڭ ئازابى گۇناھ قىلمىغان ئادەمنىڭ ئازابىغا قارىغاندا تېخمۇ ئېغىر بۇلىدۇ(139)



- ياق بۇ كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟-بۇياق***ئەپەندى بۇلىدۇ.مەشھۇر شەخىس. ئۇ يامان ئادەم بولمىغانلىغى ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.(174)



ئۇنى خىيالىغا كەلتۇرسىلا يۈرىكى ئويناپ ، بىر خىل جىنايى خۇشاللىقا پاتاتتى (296)



-ئايال دېگەن بۇ نەرسىنى سەن قانچىلىك تەتقىق قىلساڭمۇ ، ئۇ بەرىبىر يېڭى نەرسە بۇلۇپ قېلىۋىرىدۇ


-ياق ، لەززەت ھەقىقەتنى تېپىشتا ئەمەس، ئۇنى ئىزدەشتە(323)



بىز ھەرقانداق ئىشنى ۋىجدانىمىز بىلەن قىلىشىمىز لازىمدۇر(337)



ياخشى ئىش قىلغان ئادەمنى كىمدىنلا سورىساڭ بىلمەيدىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغىنى (461)



ئىنسانلارغا قوياشنى خۇدا بەرگەن، كۈچ – قۇۋۋەتنىمۇ خۇدا بەرگەن. قوياش بىلەن كۈچ –قۇۋۋەت ئەمگەككە بېغىشلانغان، ئەمگەك شۇلارنىڭ ئىنسانلارغا بېغىشلىغان سوۋغىسى (545)



ئۆلۈم توغرىسىدا ئويلىساڭ ھاياتنىڭ قىزىقى قالمايدىكەن ، ئەمما كۆڭلۈڭ خاتىرجەم بولىدىكەن(741)



دۆلتىمىزنىڭ بەخىتسىزلىكى قەغەز ئۈستىدىكى مەمۇرىيەتچىلىكتە.(748)



ئۆزىنى ھالاك قىلىشنى خالىمايدىغان ئادەملەرنىلا قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى بۇلىدىكەن، ئەمما ، ماھىيەتتىن بۇزۇلغان، چۈشكۈنلەشكەن ، ھالاك بولغانلىغىنى ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغانلىق دەپ بىلىدىغان ئادەملەرگە ئامال يوق ئىكەن(774)



مەن ئىشلار كۆپىيىپ كىتىپ ، ھەممىسىلا قەغەز يۈزىدىكى نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالارمىكىن ، دەپ ئەنسىرەيمەن.(1245)



ئەگەر دىنغا تايانمىسىڭىز بارغۇ ، دادىنىڭ كۈچى بىلەن بالىلارنى تەربىيلەپ كىتىشكە ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ(1340)



دۇنيادا مىنى تونۇيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ،ھەتتا ئۆزۈمنى ئۆزۈممۇ تونىمايمەن (1491)



ئەگەر خەيىرلىك ئىش مەقسەت-سەۋەپ بىلەن قىلىنسا ، ئۇ خەيىرلىك ئىش بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ خەيىرلىك ئىشقا ئىنئام – مۇكاپات بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇلسا ، ئۇنىڭدىمۇ ئۇ خەيىرلىك ئىش سانالمايدۇ . دېمەك ، خەيىرلىك ئىش مەقسەت – سەۋەب ۋە ئاقىۋەت دائىرىسىدىن تاشقىرى نەرسە .


مەن مىنى قايىل قىلىدىغان مۆجىزىنى تاپالمىدىم ، دەپ ئەپسۇس چىكىپ، مۆجىزە ئىزدەپ يۈرۈپتىمەن. ئەسلىدە دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىردىنبىر مۆجىزە ئەتراپىمدا ، كۆز ئالدىمدا ئىكەن ، ئۇنى كۆرمەپتىمەن.(1564)



خەلقنىڭ قۇربان بىرىشلىرى ياكى قۇربان بىرىشكە تەييار تۇرۇشلىرى ئۆزلىرىنىڭ رۇھىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن ، ئادەم ئۆلتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس (1592)



پۇتكۇل ھاياتىمغا كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشنى سىڭدۇرۇپ مېڭىشقا ھەقلىقمەن (1609-بەت . رۇماننىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسى)


2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈش




باشقا تاققۇ - تۇققۇ يازمىللىرىم بۇ يەردە

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 21:32:50

بۇ روماننى ئوقۇپ باقمىدىم. تىرىلىش بىلەن ئۇرۇش ۋە تېنچلىقنى ئازراق ئوقۇپ باققان ئاخىرىنى چىقىرىپ بولالمىدىم. مەنزىرە تەسۋىرى دىگەننى دەھشەت كۆپ يازىدىكەن بۇ تولىستوي بوۋاي.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 23:59:12

ئۇزۇدىن ئۇزۇنغا يېزىلغان تەسۋىرلەرنى ئوقۇغۇم كەلمەس بوپ قاپتۇ . قايسى كۈنى بىر كىتاب يايمىسىدا تۈركچىسى تۇرۇپتىكەن  ،بىرنى ئېلىپ ئوقۇپ قوياي دېسەم تولىستوي ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى (شۇ يەردىكى ئالتىسىنى )قوشۇپ ساتىدىكەن ،ئايرىم ساتمايدىكەن  ، قارىسام بىر-بىرىدىن توم كىتابلار . بۇ سەۋىيەرىمدە ئۇنى ئوقۇيمەن دەپ ئالسام چۈشىنىپ بولالماي زېرىكىپ ئەكس ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ ئالمىغانتىم .

ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ھەممىمىزگە بىر رۇس رومانى ئوقۇپ تەسىرات يېزىش تاپشۇرۇقى بەرگەن ،شۇ چاغدا بىرى ئانناكارىنىنا يېزىپتىكەن ،ئاننا  ئوبرازىنى تەھلىل قىلىپ . يىغىنچاقلاپ ئاننا  پۈتكۈل ھاياتىدا پاك مۇھەببەتكە  ئىنتىلدى ، ئەمما ئېرىشكىنى نىكاھنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان شاللاق مۇھەببەت بولدى ، ئاشىقى ئۈچۈن ھەممىدىن كېچىپ ئازاپ ئوقۇبەتتە ئۆلدى ...دەپ .

شۇنداق قىلىپ ئاننانى شۇ كۈنگە قويغان ھېلىقىسى سىز  يازغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدىكى قايسىسى بوپكەتتى ؟

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 08:53:20

2- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنداق قىلىپ ئاننانى شۇ كۈنگە قويغان ھېلىقىسى سىز يازغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدىكى قايسىسى بوپكەتتى ؟



ۋرونىسكىي دېگىنى شۇ

muqeddes يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 10:25:30

بۇ روماننى قولۇمغا نەچچە رەت ئېلىپ تېخىچىلا ئوقۇمىغانتىم . قارىسام بەك توم كىتاپكەن ، ھەم ئۇزۇن ئۇزۇن تەسۋىرلەر باركەن . تېمىڭىزدىن مەن بۇ رومانغا نىسبەتەن ئازراق چۈشەنچە پەيدا بولدى .

كىتاپتىن ئېلىنغان ئاۋۇ ئەقلىيە سۆزلەردىن ئىككىسىنى بەك ياقتۇردۇم :



ئەگەر ئەيسا پەيغەمبەر كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى بۇزۇپ ئىشلىتىدىغانلىغىنى بىلگەن بولسا ، گەپ قىلمايلا قويغان بولاتتى (85)

ئەگەر دىنغا تايانمىسىڭىز بارغۇ ، دادىنىڭ كۈچى بىلەن بالىلارنى تەربىيلەپ كىتىشكە ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ(1340

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 11:47:08

رىتا ئەگەر مۇمكىن بولسا ئورخان فامۇكنىڭ قار ناملىق رومانىنىڭ تۇكچىسىنى يۇللاپ بىرىڭ بۇلامدۇ سىڭلىم ،ئىستانبول يىڭى ھايات نەشىرياتىنىڭغۇ دەيمەن بۇرۇنقى ئاككارتال ئەكەپ بەرگىنىنى يۇتتۇرۇپ قۇيدۇم . \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 12:45:05

تولىستوينى ئىسلام دىنىغا كىرمەكچى بولغانتى دىگەن گەپلەر بولغانتىغۇ...

otuken37 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 15:04:08

مەنمۇ بۇ روماننى ئوقۇغان، كىنوسىنىمۇ كۆرگەنتىم بىر چاغلاردا.

  بىراق، مەن يەنىلا ئاننانى بىر بۇزۇق ئورنىدا كۆرىمەن. ئاننا ئوبرازى بىر تىپىكلەشتۈرۈلگەن دۇنياۋى ئوبراز بولسىمۇ، ئۇيغۇر كۈلتۇرىغا ماس كەلمەيدۇ. نىكاھ ئۇلۇغلۇقى مۇھەببەتكە تەڭ ئەمەس. نىكاھقا بۇرنىنىڭ ئۇچىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئاتالمىش مۇھەببەتنىڭ، ئاياللار ئەركىنلىكىنىڭ خام چوتىنى سوققان ئاننا ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكىنى پاجىئەلا بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ چىن مۇھەببەتكە ئېرىشىش ھوقۇقى بار، لېكىن، بىر ئاياللىق، بىر ئانىلىق سالاھىيىتى ئالدىدا بۇ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى ئارتۇقچە، خالاس!  

   بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم.~~~

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 20:50:35

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 21:43:49

كورىيەنىڭ كىنولىرى بىلەن ئەزەلىدىن ئانچە خوشام يوق ئىدى،يەنە بىر كۆرسەمنىمۇ چالا-بۇلا كۆرۈپ قويغاندىن باشقا قالغان كىنولىرىنى مۇندالا قاراپ قوياتتىم.

ئالدىنقى ھەپتە بىر دوستۇم بەك ماختاپ كېتىۋىدى رىۋايەتتىكى يەتتە مەلىكە (传说中的七公主 ) دېگەن تېلۋىزىيە تىياتىرىنى،بوپتۇ دەپ كۆرسەم راس تۇرمۇش چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن ئىكەن .

بۇنىڭدىمۇ چوڭ ئاچىسى ئەسما 0999 نىڭ دوستى دېگەندەك قىسمەتكە ئۇچرايدىكەن.

ئېرى سىرتتا ئاشنا ئويناپ يۈرسە ئايالى چىداپ،ئاخىرى بىر كۈن كەلگەندە ئېرىنىڭ يېقىن بىر دوستى بىلەن چىقىشىپ قالدىكەن،ئېرى بايقاپ قېلىپ دوستىنى چاقىرىپ بۇندىن كېيىن ئۇنى ئىزدىمە دەپ بىر مۇنچە پۇل بېرىپ يولغا سېلىپ قويدىكەن.ئايالىغا شۇ كۈندىن باشلاپ بەك ياخشى مۇئامىلە قىلدىكەن.دوستى راس دېگەندەك ئىزدىمەيدىكەن.ئەمما  ئايالىنىڭ تەڭ كېچىدە ئۆينىڭ بۇلۇڭغا كىرىۋىلىپ ئاشنىسىغا تېلفۇندا مۇھاببەت ئىزھار قىلىپ تۇرغىننى ئاڭلاپ قېلىپ ،بىر كۈنى قەستەن كەچتە ئۆيگە قايتمايمەن دەپ قۇيۇپ كەينىگە چۈشۈپ ئىككىسىنى تۇتۋالدىكەن،ئا دوستى ھەممە گۇناھنى ئايالىغا ئارتىپ قۇيىدىكەن،،،،

ئاندىن ئا ئەر ئايالىغا مۇنداق بىر گەپنى قالدۇرۇپ قۇيۇپ ئاجىرشىپ كېتىدىكەن‹‹گەرچە مەن سىرتتا شاللاقلىق قىلىپ يۈرگەن بولساممۇ ،ئەمما كۆڭلۈمنى سەندىن باشقىسىغا بېرىپ باقمىغان،نىمىشقا بۇ ئىشلارنى قىلىپ ماڭا تۇتۇلۇپ قالسەن؟قىلغانكىن يۇشۇرۇن قىلساڭ بولمامدۇ؟.....................................................

ئۇ ئايالمۇ بەك ياخشى ئىدى،شۇ ئەمما بىردەملىك شېرىن شېكەر گەپلەرگە ئىشىنىپ كېتىپ،،، \"\"

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 23:16:58


5- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رىتا ئەگەر مۇمكىن بولسا ئورخان فامۇكنىڭ قار ناملىق رومانىنىڭ تۇكچىسىنى يۇللاپ بىرىڭ بۇلامدۇ سىڭلىم ،ئىستانبول يىڭى ھايات نەشىرياتىنىڭغۇ دەيمەن بۇرۇنقى ئاككارتال ئەكەپ بەرگىنىنى يۇتتۇرۇپ قۇيدۇم . \"\"


بولىدۇ، يوللاپ بېرەي ، ئەمما  سىز ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى دەۋاتامدىغانسىز  ياكى ئەسلى نۇسخىسىنىمۇ ؟


ھە راست ، سىز  ، ي.ن.ئەلقۇت شۇمۇ ياكى ئىككىڭلار ئايرىم ئايرىممۇ ؟


eskandar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 00:07:33

مەنغۇ بۇ كىتاپنى ئۇقۇمىغان ..لىكىن ئاڭلىشىمچە لىف  تولىستۇي بۇ ئەسەرنى يىزىپ بۇلاپ ئاخىرىدا باش پىرسۇناژ ئاننا ئۈلىدىغان  چاغدا  قەلىمىنى يەرگە  ئىتىپ ئاننا ئۈلمەسلىك كىرەك دەپ شۇنداق قاتتىق يىغلاپ كىتىپتىكەن.....

مەنمۇ بىشىدا ئۇيلاپ بۇ ئاپتۇرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى پىرسۇناژ  بۇلغاندىن كىيىن ئۈزىنى ئازاپلىغىچە ئاننانى ئۈلمەيدىغان قىلىپ يازسا بۇلمامدۇ دەپ ئۇيلىغانتىم...

كىيىن  بۇ كىتاپنى ئۇقۇغانلاردىن سۇرسام ئاننا شۇ دەۋرىدىكى رۇس خەلقىنىڭ ئىچىنىشلىق تۇرمۇشىغا ۋەككلىلىك قىلدىغان باش پىرسۇناژ بۇلغاچقا، لىف  تولىستۇي ئاننا ئارقىلىق چىرىكلەشكەن چارۇسىيە ھاكىميىتىنىڭ زاۋالىققا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەپ بىرىپتىكەن...شۇڭا ئەسەردە ئاننا ئاخىرى لىف تولىستۇي قۇلىدا قەلەم تۇتقان ھالەتتە   تۇلىستۇينىڭ كۈزىدن ئاققان تارام تارام ياشلىرىدا ئۈلۈپتىكەن.....

شۇڭا لىف  تولىستۇينى پۈتۈن رۇس خەلقى مەبۇدە دەپ بىلەتتى..ھەمدە دۇنياغا  داڭلىق بۇ ئەسەرنى شۇنداقلام لىف  تولىستۇينى پۈتۈن دۇنيا ھۈرمەت قىلاتتى...



ئەمما سىتالىن بەك قوقاتتىكەن لىف  تولىستۇيدىن....چۈنكى ئۇنىڭ قەلمىنىڭ ئۈتكۈرلىكىدىن لىف  تولىستۇيدا پۈتۈن سۇۋىت ئىتتىپاقىنى ئوڭتەي توڭتەي قىلۋەتكىدەك قابىليەت باتىتىكەن..



شۇ ۋاقىتتا  رۇسلارنىڭ ئاغزىدا  تارقىلىپ يۈرگەن مۇنداق بىر گەپ باتتىكەن...

سىتالىن ئۈستەلنى بىر مۇشىتلىسا پۈتۈن سۇۋىت ئىتتىپاقى تەۋرەيدۇ.لىف  تۇلىستۇي ئۈستەلنى بىر مۇشىتلىسا سىتالننىڭ  يۈرىكى تەۋرەيدۇ دەپ..

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 00:19:13

نىمىشقىكىنتاڭ ، مۇشۇ ئورۇسلارنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇغۇم كەلمەيدۇ .   \"\"

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 08:45:14

رىتا مەن كىچىك ي.ن.ئەلقۇت  {:90:}

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-1-20 08:47:16

ماڭا ئىلخەت نۇسخىسى ئەمەس رەسمى نەشىر قىلىنغان كىتاپ نۇسخىسى لازىم تۇركچە سەۋىيە يىنىكلەپ كىتىۋاتىدۇ ئازراق ئىغىرلىتىۋالاي  \"\"  \"\"
بەت: [1]
: «ئاننا كارېننا » رومانىنى ئوقۇغانمۇ ؟ مەن ئوقۇدىم