arkakman يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 10:13:13

ئەسھابۇلكەيف ھەققىدە

ئاللاھ ئەزىز كىتانى بولغان قۇرئان كەرىمدە سۈرە كەھبنىڭ 9-26ئايەتلىرگىچە ئەسھابۇلكەيىف ھەققىدە ئىنىق توختالغان:


ئەسھابۇلكەھفنى ۋە رەقىم (يەنى ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان تاختا) نى (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ قىزىقى دەپ قارىدىڭمۇ؟(9)
ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت غارنى پاناھ جاي قىلىۋالدى، ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن» دېدى(10)
ئۇلارنى بىز غاردا ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق(11)
ئاندىن ئىككى گۇرۇھ (يەنى ئەسھابۇلكەھف ئىچىدىكى قانچىلىك ئۇخلىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشقان ئىككى گۇرۇھ) تىن قايسىسىنىڭ غاردا قانچىلىك ئۇزاق تۇرۇشقانلىرىنى ئىنچىكە ھېسابلايدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتتۇق(12)
بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى راستلىقى بىلەن ئېيتىپ بېرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان، بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر(13)
ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (يەنى ئىرادىسىنى) مۇستەھكەم قىلدۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ئىمانسىز زالىم پادىشاھ ئالدىدا) دەس تۇرۇپ ئېيتتى: «بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، بىز ئۇنى قويۇپ ھەرگىزمۇ باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلمايمىز، ئەگەر بىز) اللەنىڭ شېرىكى بار) دەيدىغان بولساق، بۇ چاغدا ھەقىقەتەنمۇ تولىمۇ يىراقلاشقان بولىمىز(14)
بىزنىڭ قەۋمىمىز اللە نى قويۇپ (بۇتلارنى) ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە نېمىشقا ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ، اللەقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىم بار؟»(15)
(ئى يىگىتلەر!) سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ اللە تىن باشقا ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، غارنى پاناھ جاي قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە كەڭ رەھمەت قىلىدۇ، اللە سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ(16)
كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسەن (يەنى غارنىڭ ئىشكى شىمال تەرەپتە بولغانلىقتىن كۈننىڭ نۇرى غارنىڭ ئىككى تەرىپىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، اللە ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، كۈن چىققاندىمۇ، پاتقاندىمۇ ئۇنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەيدۇ)، ئۇلار بولسا غارنىڭ (ئوتتۇرىسىدىكى) بوشلۇقتۇر، بۇ اللە نىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلەردىندۇر، كىمنىكى اللە ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ (ھەقىقىي) ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنىكى (قىلغان يامان ئەمەلى تۈپەيلىدىن) اللە ئازدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى دوستنى ھەرگىز تاپالمايسەن(17)

(مۇبادا ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، كۆزلىرىنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە ئۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقتىن) ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدىدۇر، ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى (غار) نىڭ بوسۇغىسىغا ئىككى پۇتنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ، يۈز ئۆرۈپ چوقۇم قاچقان بولاتتىڭ(18)
ئۇلارنى ئۇخلاتقىنىمىزدەك، (غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقلىرىنى) ئۆز - ئارا سوراشسۇن دەپ (ئۆلۈمگە ئوخشاش ئۇزاق ئويقۇدىن) ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ بىرى «(بۇ غاردا) قانچە ئۇزۇن تۇردۇڭلار؟» دېدى. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ (بەزىسى) دېدىكى، «قانچە ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ (بۇنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ پايدىسى يوق، بىز ھازىر ئاچ)، بىرىڭلارنى بۇيرۇڭلار، بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، كىمنىڭ تامىقى ئەڭ پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ (شەھەرگە كىرىشتە ۋە تاماق سېتىۋېلىشتا) ئېھتىيات قىلسۇن سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرمىسۇن(19)
ئەگەر شەھەردىكى كىشلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، مۇنداقتا ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر»(20)
ئۇلارنى ئۇخلىتىپ ئويغاتقىنىمىزدەك، كىشىلەرگە اللە نىڭ (قايتا تىرىلدۈرۈش توغرىسىدىكى) ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىدا شەك - شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ئەسھابۇلكەھف قەبزى روھ قىلىنغاندىن كېيىن) ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىشى ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، بەزى كىشلەر: «(ئۇلارنىڭ يېنىغا ھېچ كىشىنىڭ كىرمەسلىكى ئۈچۈن) ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشىكىگە) بىر تام ئېتىڭلار» دېدى، اللە ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، گېپى ئۆتىدىغان باشلىقلار (يەنى پادىشاھ ۋە شەھەر كاتتىباشلىرى): «غارنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشكى ئالدىغا) ئەلۋەتتە بىر مەسجىد سالايلى» دېدى(21)
ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ناسارالار): «ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا (ئېيتىلغان سۆزدۇر)، يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى پەرۋەردىگارىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ.» ئۇلار توغرىسىدا (ناسارالار بىلەن) پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن (يەنى بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى تەستىقمۇ قىلمايدىغان، يالغانغىمۇ چىقارمايدىغان دەرىجىدە مۇنازىرىلەشكىن). ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسىسىنى سورىمىغىن(22)
سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە شۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي،(23)
«خۇدا خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن (يەنى خۇدا خالىسا قىلىمەن دېگىن)، (خۇدا خالىسا دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالساڭ، پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالغىن (يەنى «خۇدا خالىسا» نى ئېسىڭگە كەلگەندە ئېيتقىن) ھەمدە: «پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى (يەنى دىنىم، دۇنيايىمدا مېنى ئەڭ تۈزۈك ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى) ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن24
ئۇلار ئۆز غارىدا ئۈچيۈز توققۇز يىل تۇردى(25)
ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقتىنى اللە ئوبدان بىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى (بىلىش) اللە قا خاستۇر. اللە نىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! اللە نىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا اللە تىن بۆلەك ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ، اللە ئۆز ھۆكمىدە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ»(26)

يۇقىردىكى ئايەتلەردىن بىز ئۇلارنىڭ ئۇخلىىغان يىلىنىڭ puhraدېگەن توردىشمىزنىڭ ئيتقىندەك 300بولمساستىن بەلكى309يىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ سانىنى 6ئادەم ۋە بىر ئىت بولماستىن بەلكى ئۇرلانىڭ سانىنى ئۇلۇغ ئاللانىڭ بىر ئۆزى بۈلدىغانلىقىنى بىلۋالالايمىز،شۇڭا بىز بۇ توغۇرسىدا يەنە ئاتا-بۇۋىلىرمىزنىڭ يولدا ماڭساق دىندىن چىققان بولىمىز،ئىماندىن ئاجىرغان بولمىز،قۇرئاننى ھەم ئىنكار قىلغان بولمىز،مازار-ماشايىخلار بولسا ئاپپاق خوجا دەۋىردە بارىققا كەلگەن ۋە گۈللەنگەن پۈتۈنلەي سوپىمىزملىق ئىدىيسى بولۇپ ئۇنىڭ تەسىرى پۈتۈن شىنجاڭغا تارايغان ھەم ئاپپاق خوجىنىڭ مۇرتلىرى تەرپىدىن ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە،سوپىمىزمنىڭ ئاساسلىق مەخسىتى دىننىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ھەمدە كىشلەرنى نادانلىقتا قالدۇرۇشتۇر،ھەمدە ئاللاھنى قويۇپ روھلاردىن مەدەت تىلەشتۇر،بۇ ئاللاھقا ئەڭ چوڭ شېرىك كەلتۈرشتۇر ھەمدە كەچۈرۈلمەيدىغان گۇناھتۇر،

puhraتوردىشمىزنىڭ تېمسىمۇ زېدىيەتلىك تېمما بوپتۇ، ئەگەر ئۇ يەر ھەقىقەتەن ئەسھابۇلكەيف بولغان بولسا ئۇنداقتا ئۇ يەردە يەنە نىمشقا بۇددا دىنىنىڭ رەسىملىرى تېپلدۇ؟ مۇشۇنچىلىك ئىشلارغىمۇ ئەقلى تەپەككۇر يۈرگۈزۈزمەي قارقۇياق ئەگشىپ كېتىپ بارغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟
















ansariy يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 15:29:17

كەيپ ئەمەس، كەھپە .

qimanistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 15:32:36

ئاالاھنىڭ ھۆكۈمى ئەڭ توغرا.  

ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ناسارالار): «ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا (ئېيتىلغان سۆزدۇر)، يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى پەرۋەردىگارىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ.» ئۇلار توغرىسىدا (ناسارالار بىلەن) پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن (يەنى بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى تەستىقمۇ قىلمايدىغان، يالغانغىمۇ چىقارمايدىغان دەرىجىدە مۇنازىرىلەشكىن). ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسىسىنى سورىمىغىن(22)



ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن.مۇنازىرىگە ئەمدى ئورۇن يوق.

بۇ تىمىنى ئەلا باھالىۋەتتىم.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 17:37:30

بۇددا دىنىنىڭ رەسىمى قەشقەر ،خوتەن، مەككىلەردىن تىپىلماپتۇمىكەن؟ كۇچادا كوماراجىۋانىڭ ھەيكىلىدىن سىرت مەسچىتلەرمۇ باردۇ ھە.   \"\"

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 15:39:25

ئەسھابۇل كاھفنىڭ ئۆڭكۈرىنى بەزەنلەر يەمەندە، دىسە، بەزەنلەر تۈركىيەدە دەيدىكەن، يەنە بەزەنلەر تۇرپاندا دەيدىكەن.

تارىخىي ھەمىدىي دىگەن كىتاپتا بۇھەقتە تەپسىلىي بايانلار بار، كۆرۈپ بېقىڭلار.

تۇرپان تۇيۇقتا دەيدىكەن بەزى كىشىلەر. ئۇ يەردە بىر مۇنچە ئارشاڭلار بولۇپ، ھەر بىر ئارشاڭ بىر خىل كېسەلگە شىپا بولىدىكەن. بەزى كىشىلەرنىڭ ئاشۇ ئارشاڭغا چۈشۈپ، مۇناسىۋەتلىك كېسەلدىن خالاس بولغانلىقىنى ئۆز ئېغىزلىرىدىنمۇ ئاڭلىغان ئىدىم. لېكىن بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلگەن يوق.

يېقىن تۇققانلىرىمدىن بىرسى ئەسھەبۇل كاھف بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى، توغرىسى مەن ئۇنىڭدىن گەپ كوچىلىغان ئىدىم، ئۇ ماڭا شۇ گەپنى ئېيتتى. ئادەتتە ئەسھابۇل كەھفلەر بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشكىلى بولمايدىكەن، پەقەت چۈشىدە كۆرۈشىدىكەن. يەنە ئەسھابۇل كەھفنىڭ سانىنىمۇ ئېيتىپ بەردى، لېكىن بۇنى بۇ يەردە دىگۈم يوق.

ئاللاھ خالىسا، مۇشۇ ئەتىيازلاردا تۇيۇققا بېرىپ كېلەيمىكىن دەيمەن. ئەلۋەتتە ئۇ يەرگە چوقۇنغىلى بارمايمەن، پەقەت ئىلمىي ئاساستا كۆرۈپ باققىلى بارىمەن خالاس، ئىزدىنىشتا بارىدىغانلار بولسا تەڭ ئېلىۋالسام بولىدۇ. باردىغانلار بارمۇ؟

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 07:53:01

بۇ تېما چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىكەن!

كەھف ئەرەبچىدە «الكھف» (ئەلكەھف)دەپ ئوقۇلىدۇ. غار، ئۆڭكۈر دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، ئىپتىدائىيلىق، قاراڭغۇلۇق، يوشۇرۇن، تۇيۇق، پىنھان، سىر- ئەسرارلار يوشۇرۇنغان كۆچمە مەنىلەردىمۇ قوللىنىلىدۇ.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 09:58:06

پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن رايۇنى، بازار مەدرىس ئالدى مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ ۋاڭلىق ئوردىسىدا مۇدەررىسلىك، تۇرپان رايۇنىنىڭ ئەلەملىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن ئالىم ۋە شائىر موللا ئەخمەت قۇسۇرى\"رەۋزەتۇز زوھرا\" ناملىق ئەسىرىدە ئەسھابۇلكەھف غارى توغرىلىق مۇنداق يازىدۇ:



ئەسھابۇلكەھف ھەققىدە مۇخەممەس



خۇدا ھەمدىنى دەرمەن مەخزەنى دۇررى گۆھەردۇر بۇ،

قىلۇردا خۇشناۋالىق تۇتىيى جانغا شېكەردۇر بۇ،

تۆكۈلگەن قۇدۇسى باغ شاخى سارىدىن سەھەردۇر بۇ،

ئەزەل ئىقلىمىدىن شان شاھان قىلغان سەپەردۇر بۇ،

ھەمە ئەشيادا جارى تا ئەبەد بەھرى دۇرەردۇر بۇ.



خۇدايىكىم تەئەققۇل مۇمتەنىئدۇر پاك زاتىدىن،

تەسەۋۋۇر نەقسى ھەيرەت ھەم كالاماتى سۇپاتىدىن،

نە مىسلى زېھنى يا خارىجدادۇر ئىلىمى ھاياتىدىن،

تېپىپدۇر ۋاجىبى ئاسارىنى ئۆز مۇمكىناتىدىن،

مۇسەررىپ زاھىرۇ باتىن مۇدەببىر بەھرى بەردۇر بۇ.



تەپەككۇر قىل نە ئىشلار ئول شەھى زۇل كىبرىيا قىلمىش،

زۇھۇرى رەھمىتى كۇففار ئىچىدىن ئەنبىيا قىلمىش،

يېشىل ئوتتىن قىزىل ئوت ياندۇرۇپ گۈل ئوت ئارا قىلمىش،

بېلىق سۇدا، سەمەندەر ئوتتا، قەقنۇس گۈلدە جا قىلمىش،

ۋۇجۇدىڭ تۆت زىددىن ھېكمىتى قىلغان بەشەردۇر بۇ.



كامالى قۇدرىتىنى كۆر، ئاڭا تۈز قىلى تەۋەككۇلنى،

پەلەك ئەيۋانىدا ئەنجۈمنى، يەر مەيدانىدا گۈلنى،

تەزەللۇل شاھلاردا، ھەم گادالاردا تەھەممۇلنى،

چۈمەندە كۈلدۈرۈپ لالە، نېچۈك يىغلاتتى بۇلبۇلنى،

ئېغىزدە پارەئى تىل _ دەپتەرى ئېلىم ھۈنەردۇر بۇ.



زەمىنۇ ئاسىمان قۇدرىتىغا دائەنى خەردىل،

نىزامى كارىگاھى ۋەھدەتىغە شاھىدى ئادىل،

ئەمەسدۇر كۆرمەكىگە زەررىنى توققۇز پەلەك ھايىل،

ھەزارى، زەئىفى سەۋتىنى ئاڭلاردىن ئەمەس غاپىل،

تەئالاللاھۇ نە يەڭلىغ قۇدرىتى سەمئى بەسەردۇر بۇ.



جانابى ھەق تەنەززۇھ، ھەم تەئەززۇزدا ئىدى ئەئلا،

ۋەسىلە ئەنبىيانى قىلدى ئالەم ئەھلىگە ئەھۋا،

خۇسۇسەن ئول ھەبىبى ساھىبى قەۋسەينى ئەۋ ئەدنا،

ماقامى \"لى مەئەللاھ\" مەھرەمى ئەسرارى \"ما ئەۋھا\"،

رىسالەت خىلى سۇلتانى جاھانىغا زىبى پەردۇر بۇ.



تۈپەيلىدىن ياراتتى جۈملە مەۋجۇداتىنى مەئبۇد،

زەمىنۇ ئاسىمان، خەلقىدىن ئول مۇھەممەد ئىدى مەقسۇد،

مۇھىببىغا بېھىشتۇ، مۇنكىرغا دەۋزەخ ئەيلىدى مەۋجۇد،

شاپائەتتىن ئىككى ئالەم ئەھلى تاپتىلەر بەھبۇد،

سىپاتى زاتى مىرئاتى زەھى ئالى نەزەردۇر بۇ.



ۋىسالى تالىبى سۇبھان شېبىستانى بولۇپ مېئراج،

بۇراقى نەئلىنى سەييارىلەر باشىغە قىلدى تاج،

يولىدا ھاجىبى پەيگى مالائىك ئېردىلەر ئەفۋاج،

گۇرۇھى ئەنبىيا ھەم بىر قىيا باقماقغا ئىدى مۇھتاج،

زىيائى گۈلشەنى ئەپلاكى ھەم شەمسۇ قەمەردۇر بۇ.



مەشامى ئەھلى دىل سەندىن مۇئەتتەر ياراسۇلەللاھ،

زىلالى ئابى گىل سەندىن مۇنەۋۋەر ياراسۇلەللاھ،

كالامى خەلقى نەئتىڭدىن مۇقەسسەر ياراسۇلەللاھ،

تامامى تىل دۇرۇرىڭدىن مۇتەھھەر ياراسۇلاللاھ،

ھۇمامى ئەرش، ئىمامى پەرشىغە زىكرى سەھەردۇر بۇ.



خۇدايا بىنەھايەت رەھمىتى تەسلىمى بىغايەت،

ھەبىبىڭ روھى پاكى جىسمى ئەزاسىغە قىل ۋەسلەت،

ھەم ئالى ساھابىكىم جان نىسار ئەتتى قىلىپ ھىجرەت،

خۇدايى خانىمان ئەيلەپ ئۇلاركىم قىلدىلەر نۇسرەت،

سىيادەت مەشئىلىدۇر ئول نۇجۇمى راھىبەردۇر بۇ.



خۇسۇسەن يار ئەۋۋەلكىم رەپىقى غار ھەم سىددىق،

زىيادە ئېردى بۇ مەجمۇئى ئۇممەتدىن ئاڭا تەسدىق،

ئىككىنچى نايىبى پارۇق ئەئزەم ئېردى بىتەھقىق

يورۇتتى دەھرىنى شەرئى ئادالەتتە قىلىپ تەدقىق،

خەلىفە تاجىۋەردۇر ۋە شەھىنشاھى دادىگەردۇر بۇ.



ئۈچۈنچى جا نەشىنى مەنبەئى ھىلمۇ ھەيا ئېھسان،

ئىسمى ئوسمانى زىننۇرەيندۇر ھەم جامىئىل قۇرئان،

يانا قائىم ماقامى مۇرتېزا ئېردى شەھى مەردان،

مەدىنە ئىلمى بابى رازدانى مۇسھەفى ئىفان،

ساخاۋەت مەئدەنىدۇر ئۇ، غەزاتتا شىر نەردۇر بۇ.



دېيىلدى چۈن سىپاتى كىردىكارى نەئتى ھەم ئەلقاب،

قىلاي تەۋپىقى بىرلە نەزمى مەدھى ھەزرىتى ئەسھاب،

جەھان ئارايىشدۇر ھەم زامان ئاسايىشى ئەفتاب،

رىيازى جانىدىل ئابىھاياتى پەيزىدىن سىيراب،

خەۋاسى ئەتقىيا ۋە ئەۋلىياغە تاجى سەردۇر بۇ.



ئۇلۇسغە كەئبە يەڭلىغ قىبلەئى ھاجاتى بۇ دەرگاھ،

شۇھۇد ئىچرە نىچۈككىم تۇر تاغىدا كەلىمۇللاھ

تەنى پانىدا، روھى باقى ئەرمىش بارچىدىن ئاگاھ،

نەكىم مەقسۇدىدۇر ھاسىل بولۇر مۇھتاجىغا دىلخاھ،

تۈشۈپ خىزمەت ئۈچۈن دائىم مەلائىكغە مەقەردۇر بۇ.



كېلىپ شەئىدە \"زىدناھۇم ھۇدەن\" ئاياتى قۇرئانى ،

يېتىپ غەمكىنۇ ئاجىزلەرغە دائىم لۇتفى ئېھسانى،

ئىنايەت بەسكى قىلمىش ئەلگە بۇ ئىلتاف رەببانى،

مۇبارەك ئىسمى دەرلەر ۋىلايەت ئەھلى سۇلتانى،

پەناھى خاسۇ ئامۇ پادىشاھى خۇشكى تەردۇر بۇ.



ئەلەستۇ بەزمىدە ئەقدا پەرھى نۇش ئەيلىگەن ئۇششاق،

نىيازى مەسكەنەت غارغە يۈز قويمىش ئىدى مۇشتاق،

ۋەلى جامى مۇھەببەت مەستلىكىدىن قوپمىدى ئويغاق،

ۋىسال ئۇيقۇسىدە ئۇششاقغە تۇپراق ئېرۇر ئۇچماق،

نە ئۇيقۇ تەنغە روھى قۇدس شېكەرىدىن ئەسەردۇر بۇ.



كالامى ھەقدە مىن ئاياتى \"فەزكۇرۇنى\" ئىزافەتدۇر،

بۇ تەخسىس ئەيلىگەندىن زاتى پاكىغە ئىشارەتدۇر،

نىشانۇ بى نىشانىنى مۇندىن ئىستەرگە دەلالەتدۇر،

قىلۇرغا مەدھىنى ھەم مەندەك ئەسفەلغە خىجالەتدۇر،

نەدىنكىم ۋەسفىدە ئايات بەس بەس ئەئلا خەبەردۇر بۇ.



كەراماتى غىرىب ئىشكىدە زاھىر بەلكى ئەئجازى،

مەتابىئ \"كەلبۇھۇم باستۇن زىرائەيھى\" بولدى ھەم ئازى،

كەرەمدىن ھەقتەئالانىڭ كەمەندى ئىشقى ئەندازى،

تەنى خاكىنى قىلدى روھى مەھۋەش ھۆسنى پەردازى،

ئېتى قىتمىر، ئىشى نادىر ئەجايىب نامىۋەردۇر بۇ.



بىرەۋكىم باتىنىدۇر ماھى ئىرفان نۇرىدىن تابان،

بەسىرەت ئەھلى زاھىر زۇلمىدىن بولماس ئاڭا نۇقسان،

جەمالى جان پەزاسىنى مەگەر ئەيلەرمىش پىنھان،

كەمالى ھۆسنى روھىنى نە بىلگەي مەن كەبى نادان،

بەلەند ئۇچماقغە ھەر بىر مويى گۇيا بالۇ پەردۇر بۇ.



يەپىبدۇر ئاسمانىن بىر مۇزەييەن گۈمبەزى خۇزرا،

مۇنەققەش سەقپى فۇسھەت نۇزھەتىدۇر مەسجىدى ئەقسا،

ھەمە ئەتراپى تاكۇ، ئابى پاكۇ ساب دىل ئارا،

لەزىز ئەسمارى بىرلە باغراغى جەننەتۇل مەئۋا،

زىيارەت ئەھلىغە لۇتفىدىن ئولغان ما ھەزەردۇر بۇ.



جەنابىڭدىن ئۇمىدى رەھمىتى كۆپ ۋاجىداتى ھەق،

ئىنابەت ياقىسىنى چاك قىلغان ئاشىقانى ھەق،

بۇدۇر ئەھمەد قۇسۇرى ھاجىتى ئى ئارىفانى ھەق،

كۆتۈرسەن رىشتىئى ئىمدادى بىرلە دوستانى ھەق،

يېقىلغان بىر سەگى كۆرگىن گۈرۈسىنە دەربەدەردۇر بۇ.


hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 10:00:53

تۇيۇق ئەسھابۇلكەھف مازىرىنىڭ بىنا قىلىنىش ۋاقتى

تۈركى تىللار دىۋانىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۇيۇق ئەسھابۇلكەھف مازىرىنىڭ بىنا قىلىنىش ۋاقتىنى مۇسا بۇغراخان ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئىلىگە قوشۇن تارتىپ نۇرغۇن بۇتلارنى كۆيدۈرگەن ۋاقىت (مىلادى 961- يىلى)  ياكى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىسلام دىنىنىغا كىرىش بىلەن 160 مىڭ موڭغۇل مۇسۇلمان بولۇپ تۇرپان رايۇنى ئىسلاملاشقان (مىلادى 1353 – يىلى ياكى 1400- يىللارنىڭ ئالدى- كەينى) دەۋىرلىرىنىڭ بىرىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ.

تۇيۇق مازىرى بىلەن ئەسھابۇلكەھف غارىنىڭ بىنا بولۇشىنى بىر ۋاقىتقا مۇقىملاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولمىسا كېرەك، ئەسھابۇلكەھف غارىدىن مازارنىڭ بىنا بۇلۇشى مۇقەددەم بولۇشى مۇمكىن

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 10:07:18

تۇيۇق غارى راستىنلا قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئەسھابۇلكەھفمۇ ؟

تۇيۇق غارىنىڭ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان \"ئەسھابۇلكەھف\" شۇمۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ توغرىلىق تالاش تارتىشلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادا 10 دىن ئارتۇق جاي بۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر تۇيۇق غوجام مازىرى توغرۇلۇق ئۆز كۆز قاراشلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ، \"ھەر خوراز ئۆزى بىلگىنچە چىللايدۇ\" دېگەندەك بىزمۇ ئۆز كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمىز:

شىنجاڭدىكى مازارلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، جۇغراپىيلىك ئورنى، ئېجتىمائى ئالاھىدىلىكى ياقلىرىدىن كۈزەتسەك تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى بايقايمىز:

(1) شىنجاڭدىكى مازارلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىسلام دىنىنىڭ شىنجاڭغا تارقىلىش، ئومۇملىشىشى ۋە يىلتىز تارتىش جەريانىدىكى تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

شىنجاڭدىكى مازارلارنىڭ كۆپىنچىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام ئاچقۇچى باتۇر سەركەردىلىرى ۋە ياردەمگە كەلگەن ئىماملاردىن ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلار، دىنى ئالىملار ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قەۋرىلىرى جايلاشقان ئورۇنلاردۇر. خەلق، ئەجدادلىرى، ئۇستازلىرىغا بولغان ھۆرمىتى ئىپادىلەپ ھەشەمەتلىك قەۋرە گۈمبەزلەرنى قاتۇرغان. ئۇلارغا بولغان سىغىنىشلىرىنى ئىپادىلەپ ھەر يىلى مەلۇم مەزگىللەردە قەۋرىلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر چىراقلارنى ئۆتكۈزگەن. خانلىق تەرەپتىن مەخسۇس خادىملار بەلگىلىنىپ، قەۋرە گۈمبەزلەر مۇھاپىزەت قىلىنغان، مەخسۇس ۋەقپە تېرىلغۇ يەر ئاجرىتىلىپ، مازار قوغدىغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مازار زىيارەت قىلىش ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە پائالىيەتكە ئايلانغان. ھەمدە ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن.

كىشى بىرەر ئېغىر مۇشكۇلاتقا ئۇچرىغاندا ياكى كۈچلۈك ئىنتىلگەن بىرەر نەرسىسىگە ئېرىشمەكچى بولغاندا تىرىشىپ، تىرمىشىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كويىدا بولىدۇ، قولىدىن كەلگەنلىكى چارە- تەدبىرلەرنى قىلىپ كۆرىدۇ. چارە تەدبىرلىرى ئۈنۈم بەرمىگەندە بولسا تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىش ئارقىلىق ئارزۇسىغا يېتىشنى ئويلايدۇ. بۇ مەقسەتتە مەخسۇس ئورۇنلار، خىلۋەتگاھلارغا، خاسىيەتلىك ئىشلار، مۆجىزلىك، كارامەتلىك ئىشلار يۈز بەرگەن ئورۇنلار، ئۇلۇقلارنىڭ جەدەم جايلىرى، ھاۋاسى ساپ، ۋاراڭ – چۇرۇڭدىن خالى، ئېقىپ تۇرىدىغان پاك سۈيى بار جايلارغا بارىدۇ. ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكىدىن بىر مەزگىللىك بولسىمۇ قۇتۇلۇپ، مەلۇم ئىبادەت شەكىللىرىنى قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن دىققەت ئىتىبارى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ ئىلتىجا قىلىدۇ. مانا بۇ مازار زىيارەت قىلىشنىڭ ئىككىنچى مەزمۇنى. بۇ خىل ھادىسە دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەت ۋە ھەر قايسى دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان خەلقلەردە ئۇچرايدۇ. ئىسلام دىنىدا بۇنى ئېتىكاف ياكى ئىستىقامەت دېيلىدۇ.

ئۈچۈنچى مەزمۇنى: مازار زىيارىتى تەسەۋۋۇف ئېقىمىدىكىلەر ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئېتىكاپ قىلىش ئادىتى روھىي تەسىرچىلىك ئىددىيىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تېخىمۇ كەڭ مەنىگە ئىگە بولغان. ئۇلار ئادەتتىكى چاغلاردا ئۆز ئۆيىدە ئىبادەت قىلغاندىن سىرت مەلۇم ئايلارنى خاس ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئايلاردا ئېتىكاف- ئىستىقامەت، تۈنەك، دەھ (رامىزان ئېيىنىڭ ئون كۈنلۈك پائالىيىتى دېگەن مەنىدە) ۋە مازار زىيارەت قىلىش، دالىلاردا تۈنەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

رېۋايەتلەرگە قارىغاندا، كامالەتلىك ئۇستازلار ياراملىق مۇرىدلىرى ئىچىدىن كېرەكلىك دەپ قارىغانلىرى ئىچىدىن بىر قانچىنى رامزان ئېيىدا مەخسۇس ئېتىكافتا ئولتۇرغۇزىدىكەن، ھەر بىر ئون كۈننى بىرلىك قىلىپ ئىستىقامەتكە سېلىش- نەپەس تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئىسمى زات، نەفى ئىسبات قىلدۇرۇپ ئىرادىنى چىنىقتۇرۇش، روھنى تاۋلاش ئارقىلىق تەربىيلەش ئېلىپ بارىدىكەن، شاگىرد ھەر بىر باسقۇچلۇق دەھ (ئون كۈن) دە ئوخشىمىغان روھى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچ بولۇپ، دەھ پائالىيىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، كاتتا يېىغىلىش بولىدىكەن، بۇ چاغنى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان شەرەپلىك پەيتلەر دەپ قاراپ تەرەپ- تەرەپتىن كىشىلەر توپلىشىپ دۇئا تەلەپ، يىغا- زارە قىلىشىدىكەن، گۇناھىمىزدىن ساقىت بولۇپ روھىمىز پاكلىنىدۇ دەپ قارايدىكەن، مازار زىيارىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ ئائىلىسىگە قايتقاندا بولسا، كۆڭۈلدىكى غەملىرى تاراپ ئۆزىنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىدىكەن. ھەج سەپىرىگە چىقىش ئىمكانىيىتى يوق كىشىلەر بۇ خىل ھېسسىياتىنى \"يېرىم ھەج قىلغانلىق\" بىلەن تەڭ ئورۇندا قويۇپ ئىپادىلەيدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا رەجەب ئېيىنى ئۇيغۇرلار دۇئا ئېيى دەپ ئاتايدۇ، بۇ ئايدا نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ خەتمە قۇرئان ئوقۇشۇپ، داش قاينىتىشىپ نەزىر چىراقلارنى ئۆتكۈزۈپ دۇئا تەلەپ قىلىشىدۇ. بۇنداق زور كۆلەملىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە قۇلايلىق بولغان ئورۇن بۇرۇنقى زامانلاردا يېزا شەھەرلەردىكى مەسچىت خانىقالار بولغان بولسا، ھازىر چۆل جەزىرىلەردىكى كەڭ دالىلار مۇۋاپىق بولغانلىقتىن مازارلاردا كۆپرەك ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ماشايىخلارنىڭ مازارى- قەبرىگاھى،  ئۇلار ھاياتلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغىدىغان جاي، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان جاي، يەنى \"مەھەللى ئىجابەت\" دەپ قارايدۇ.

بەزىلەر ئۇلۇق ئۇستازلارنىڭ روھى مەڭگۈ ھايات، ئۇلار ھاياتلىقىدا خەيرىلىك ئىشلارنى كۆپ قىلغان، دۇئاغا قول كۆتەرسە  دۇئاسى شەكسىز ئىجابەت بولۇش سەۋەبلىك بالا قازالارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە، خەيرىلىك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغان كىشىلەردۇر. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ھەرگىزمۇ تەننىڭ ئىقتىدارى ئەمەس، بەلكى روھنىڭ ئىقتىدارىدۇر. روھ ھايات بولغان ئىكەن ئۇلاردا چوقۇم شۇخىل روھى تەسىر ھىلىمۇ مەۋجۇد. ئۇلار ھەققىدە دۇئا قىلساق، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلساق، ئۇلارنى سىغىنىپ ياد ئەتسەك چوقۇم دۇئايىمىز ئىجابەت بولۇپ، تىلىكىمىز ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەققىدە خەتمە قۇرئان ئوقۇيدۇ، نەزىر ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قىلىش مەقسىتىدە، قەبرىگاھلىرىغا يوپۇق ياپىدۇ، تۇغ ئەلەملەرنى قادايدۇ. يېراق- يېراق يوللارنى بېسىپ، چۆل جەزىرىلەرنى كىزىپ ئۆتۈپ، دۇئا تەكبىر ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئەھلى تەرىقەتلەر – سوفىلار ئەھلى مۇھەببەت كىشىلىرى بولغانلىقتىن ئاللاھقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، چاھاريارلارغا، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۇستازلارغا، ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتا- ئانا، ئەجدادلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئۇلارنى چىن دىلىدىن سىغىنىپ ياد ئېتىش ئادىتى بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بۇيان خاسىيەتلىك ئەنئەنىگە ئايلانغان.

پىشىۋالار بۇ قىلمىشىنى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئاللاھقا ۋە رەسۇلىغا بولغان مۇھەببەت، ۋە پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئالىملارغا، زاھىرى ۋە باتىنى ئىلىمدە ۋايىغا يەتكەن پىر ئۇستازلارغا بولغان مۇھەببەت، ئۇرۇق ئەجدادلىرىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ نەتىجىسى، ئۇلارنىڭ قەۋرىسىنى يوقلىغانلىق، ئۇلار ھەققىدە خەيرى سەدىقات، دۇئا تەكبىر قىلغانلىق، ئۇلارنىڭ روھى تەسىرىدىن قوبۇل قىلغانلىق ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ئىبادەت قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا بولغان ئۆتكۈر دەرىجىدىكى سىغىنىش ھېسسىياتىدۇر، ۋاپادارلىق ئەنئەنىسىدۇر، مەنىۋى جەھەتتىكى ئۆز ئارا باغلىنىش مۇناسىۋىتىدۇر. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى روھى جەھەتتىن تەربىيلەش خاھىشىدۇر، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق سورۇنلاردا ئاممىغا يېمەكلىك تەييارلاش ئۈچۈن داش قاينىتىلىدۇ.

(2) مازارلارنىڭ بەزىلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرسەك، جۇغراپىيلىك ئورنى جەھەتتە ئەتراپتىكى نەچچە ئون ھەتتاكى نەچچە يۈز كىلو مېتىر دائىرىدىكى زېمىندا كۆرۈلمىگەن مۆجىزىلىك ئالاھىدىلىك كۆرۈلىدىغان ئورۇنلار.

جۇغراپىيلىك ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكى جەھەتتە ئەتراپتىكى جايلاردىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. چەكسىز باياۋان، چۆل جەزىرىلەردە ئۇقچۇپ چىققان سىرلىق بۇلاقلار. كۆپكۆك تاش، تاغ قاپتاللىرىدىن تامچىپ مارجاندەك تۆكۈلۇۋاتقان ئابى ھايات كەبى سۇلار، ئەتراپىدىكى مۇھىيتتىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىچە سىرلىق مەنزىرىلەر قاتارلىقلار كىشىدە مۆجىزىلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر، مۆجىزىلىك سىرلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ئورۇنلاردا تىلەك ئىجابەت بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

(3) ئۇلۇغ كىشىلەر ئىستىقامەت قىلىپ ئۆتكەن غارلار، پائالىيەت ئېلىپ بارغان سورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ قەۋرىلىرى جايلاشقان ئورۇنلار.

ئالىملارنىڭ، ھەقىقى زاھىدلارنىڭ قەلبى نۇرلۇق چىراققا ئوخشايدۇ. بىلىمى ۋە قەلبىدىكى نۇرى ئارقىلىق ئالەمنى، ئىنسانلار قەلبىنى يورۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇدۇنيالىق ھاياتى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ھەقىقى ھاياتلىقى تېخى ئاخىرلاشمىدى. ئۇلار پەقەت پانى ئالەمدىن باقى ئالەمگە كۆچتى. بۇ ئالەمدە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلغان كىشىلەرنىڭ روھى ھاياتى كۈچكە تولۇپ تاشقان بولىدۇ، روھ بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقىنى بىلەن، روھ بىلەن روھنىڭ مۇناسىۋىتى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ. پاك روھلار بىلەن بىر ئورۇندا تۇرۇپ تىلەك تىلىگەندە چوقۇم تىلەك ئىجابەت بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.






hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 10:28:04

ئەسھابۇلكەھف

تۇرپاندا تۇرپاندا ئەسھابۇلكەھف تۇيۇق غوجام،

قىر ئارا باغلىق ئارام يوللىرى تۇيۇق غوجام،

ئۆيلىرى كېمىر قىيا، تاملىرى ئويۇق غوجام،

گۈمبىزىدە يېتىشار يەتتە شەيخ تونلۇق غوجام.



جۇۋانلىرى شاھۇ ناز بال ھەسەل سۆزلۈك غوجام،

ئەركەكلىرى قاشقارا گەپلىرى تۈزلۈك غوجام،

مۇيسىپىتلەر زەپمۇ پاك پېرىشتىدەك ئۇزلۇق غوجام،

ئاتەش ھاۋا يازلىرى بار، غارلىرى مۇزلۇق غوجام.





تۇيۇق غوجام مازىرى _ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەسھابۇلكەھف غارى

__ د. ئابدۇقادىر

تۇيۇق غوجام مازىرى پىچان ناھىيە تۇيۇق يېزىسى تۇيۇق مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى يالقۇنتاغ تىزمىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان سۇ بېشى ئېقىنى جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە بۇددا دىنى مەدەنىيىتىگە تەۋە بۇددا مىڭ ئۆيلىرى ۋە ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىگە تەۋە ئەسھابۇلكەھف غارى بار.

ئەسھابۇلكەھف غارى جىلغىغا كېرىش ئېغىزىنىڭ غەربى شىمال تەرىپىدىكى تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەتتە \"ئەسھابۇلكەھف\" مازىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل نام ھازىر دۇنيادىكى 10دىن ئارتۇق جايدا تەكرارلىنىپ كەلمەكتە. ئېقىننىڭ قارشىسىغا 500 مېتىرچە ئىچكىرلەپ كىرگەندە   جىلغىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تىك تاغنىڭ قاپتىلىغا جايلاشقان غارلاردا مىلادى 4~7- ئەسىرلەردە بىنا قىلىنغان بۇددا دىنىغا ئائىت تاشكېمىر تەسۋىرىي سەنئەت خەزىنىلىرى ساقلانغان، بۇ يەر ھازىر مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنى يادىگارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن. دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ۋە بۇددا دىنى مۇخلىسىلىرى بۇ يەرنى زىيارەت ۋە تاۋاپ قىلىپ كەتكەندىن باشقا ھەر جاي _ ھەر جايدىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، سالار قاتارلىق كۆپلىگەن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىگە تەۋە غارنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە خىلىۋەتتە ئولتۇرۇپ ئېتىكاف قىلىپ، نەزىر چىراقلارنى ئۆتكۈزۈپ بۇ يەرنى ماكان تۇتقان يەتتە ئەۋلىياغا ساۋابىنى ھەديە قىلىپ قايتىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تىلىكىنىڭ ئىجابەت بولۇشىنى ئۇمىد قىلىدۇ.



.......

پايدىلانغان ماترىياللار



قۇرئان كەرىم (مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى)

ئىسلام دىنى ئىزاھلىق لوغىتى (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)

ئۇيغۇر مازارلىرى (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام مەزھەبلىرى (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)

مۇسۇلمانلار دۇنياسى (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)

رەۋزەتۇز زۇھرا (قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)

تەزكىرە ئەسھابۇلكەھف

قاغىلىق تارىخى ماترىياللىرى

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-30 10:34:58



(4) بۇددا دىنى خارابىلىرى جايلاشقان ئورۇنلار.

بۇ نۇقتىدىن تەھلىل قىلساق بۇ خىل مازارلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى مۇنداق سەۋەپلەر بىلەن باغلاپ چۈشۈنىشكە بولىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئۇزۇن مەزگىل بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلىپ كۆنگەن بۇ خەلق كۆرۈنۈشتە ئېتىقادىنى ئۆزگەرتكەندەك قىلغان بىلەن ماھىيەتتە ئۆزگەرتمەيلا قالماستىن، بەلكى تارىم ۋادىسىغا يۈرۈش قىلغان ئەرەبلەرنىڭ ئىستېلاسى دەپ قاراپ قايتا- قايتا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن _ ئىسلام دىنىدىن يېنىۋالغان. ئۆتكۈر قىلىچنىڭ بېسىمى ئاستىدا روھى جەھەتتىن باش ئەگكەن بولسىمۇ _ 100 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتەلىگەن بولسىمۇ، بۇددىستلارغا خاس ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. ئازراقلا مۇشكۇلاتقا ئۇچرىسا، قەدىمقى بۇددا خارابىلىرىغا، ۋە مۇسۇلمان لەشكەرلىرى چىقىۋىتەلمىگەن تەبىئى – ئىبادەتخانىلار _ غارلارغا بىكىنىۋېلىپ ئىلگىرىكى ئۇسۇللىرى بويىچە ئىلتىجا قىلىشقا باشلىغان. كونا خامانلىرىغا تۇتاشقان ئوت ئۇچقۇن بولۇپ ئەتراپقا يامرىغان. يۈرەكنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا سىڭىپ كىرىپ بولالمىغان ئاساى تېخى مۇستەھملىنىپ بولالمىغان يېڭى ئېتىقاد ھۇلى بوش ساتما بىر دەملىك بورانغا بەرداشلىق بېرەلمىگەندەك يېمىرىلىپ، ئەسلىگە يېنىۋالغان.

1400 يىلدىن بىرى ئۆزگەرتەلمەيۋاتقان قىسىم شامان دىنى ۋە بۇددا دىنىغا تەۋە بىر قىسىم قالدۇق ئادەتلەرنىڭ بىز ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىپ قېلىۋاتقىنىغا قارىغاندا، ئادەتنى ئۆزگەرتىش ئۈنچىلىك ئاسان بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئادەت بىلەن ئېتىقاد ئىككى خىل قانۇنىيەتكە بويسۇنىدىغان ھادىسە. مەسىلەن، ئىتىقاد جوغراپىيىلىك ئورۇن ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. ئەمما ئادەت بولسا ئۇنداق ئەمەس، ئۇ مۇھىتنىڭ، كىلىماتنىڭ، جۇغراپىيىلىك ئورۇننىڭ تەسىرىگە مۇناسىپ ھالدا شەكىللىنىدۇ.

بالايى ئاپەتنىڭ مەنبەسىنى يوقۇتۇشنى ئويلىغان ئالىملار ئېتىقاد بىلەن ئادەتنى ئايرىپ قاراشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن. كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش، كونىنى يېڭى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەسلىدىكى بۇددا دىنى ئىبادەتخانىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئورنىغا يېڭىدىن ئىسلام دىنى ئەقىدىسىگە ماس كېلىدىغان ئىستىقامەتخانىلارنى قۇرۇپ بەرگەن. بەزى جايلاردا بولسا ئەسلىدىكىنى چىقىۋەتمەستىن ئىبادەتخانىغا كىرىپ چىقىدىغان يول ئېغىزىغا يېڭى ئىستىقامەتخانىلارنى قۇرۇپ، يېراق – يېراق جايلاردىكى مازارلارنى ۋە ئۇلارنىڭ روھىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىسلام دىنى ئۈچۈن شەخسىيەتسىز ھالدا جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىش ئارزۇسى مۇستەھكەم، روھى تەسىرىگە ئىگە، ئىستېقامىتى كۈچلۈك كىشىلەردىن شەيخلەرنى بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ مول تەسەۋۋۇر كۈچى ئارقىلىق يېڭى – يېڭى ئوبرازلارنى تىكلەپ بېرىپ، ئىسلام دىنىغا زىيانلىق بولغان بۇددا دىنى ئادەتلىرىنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي يوقۇلۇشىغا شارائىت ھازىرلىغان. دەرۋەقە بۇ چارىلەر كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىپ، ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا سىڭىپ غايەت زور رول ئويناپ كەلمەكتە.

مەشھۇر تارىخچى موللا مۇسا سايرامى (1836 __ 1917)  \"تارىخى ھەمىدى\" ۋە \"دەربايانى ئەسھابۇلكەھف\" ئەسەرلىرىدە تۇيۇق خوجام مازىرىنىڭ ئەسھابۇلكەھف مازىرى ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەقىقى ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرمىگەن، ئەسابۇلكەھف غارى \"پەقەت بىرلا يەردە بولىدۇ\"غانلىقى بىرەر ئەسەردە قەيت قىلىنمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ:

ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ناسارالار): «ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا (ئېيتىلغان سۆزدۇر)، يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى پەرۋەردىگارىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ.» ئۇلار توغرىسىدا (ناسارالار بىلەن) پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن (يەنى بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى تەستىقمۇ قىلمايدىغان، يالغانغىمۇ چىقارمايدىغان دەرىجىدە مۇنازىرىلەشكىن). ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسىسىنى سورىمىغىن .

ئىنسانلارنىڭ قايسىلىرىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق .
بەت: [1]
: ئەسھابۇلكەيف ھەققىدە