danko يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 00:05:12

قانچىلىك باج تاپشۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟[كۆچۈرۈلمە]

ھەر ئاينىڭ 5 - كۈنى مائاش تارقىتىدىغان كۈن ئىدى، فۇرقەتنىڭ مائاشى 4285 يۈەن بولسىمۇ، «ئىككى فوند، ئۈچ سۇغۇرتا» تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قولىغا 3800 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تەگدى، بۇنىڭ ئىچىدە 208 يۈەن شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئىدى.

32 ياشلىق فۇرقەتنىڭ توي قىلغىنىغا ئالتە يىل بولدى، بالىسىمۇ ئىككى ياشقا كىرىپ قالدى، ئۆيىمۇ، پىكاپىمۇ بار بولۇپ، ئۈرۈمچىدە «ئاق ياقىلىقلار» ھېسابلىناتتى. ئۇ ئىلگىرى شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى توغرىسىدا ئويلاپ باقمىغانىدى، شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش تۆۋەن چېكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپ تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇ بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ باج تاپشۇرۇش ھېساباتىنى ھېسابلاشقا باشلىدى، فۇرقەت ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ھەر بىرىمىز ئايدا 200 يۈەندىن ئارتۇق شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدىكەنمىز، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، يىلدا ئىككىمىزنىڭ تاپشۇرىدىغان بېجى 5000 يۈەندىن ئاشىدىكەن، دەپ كۆڭلىدە ھېساب قىلدى.

ئەگەر شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش تۆۋەن چېكى 3000 يۈەنگە تەڭشەلسە، فۇرقەت ئايدا 75 يۈەن ئاز باج تاپشۇراتتى، ئەگەر شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش تۆۋەن چېكى 5000 يۈەنگە تەڭشەلسە، فۇرقەت شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرمايتتى.
شەخسىي باج تاپشۇرغۇچى

فۇرقەت ئۆزىنىڭ باج تاپشۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم توققۇز يىل ئىلگىرى ھېس قىلغانىدى. 2002 - يىلى فۇرقەت خىزمەتكە قاتنىشىپ تۇنجى مائاشىنى ئالغاندا، مائاش قەغىزىدە «شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى» تۈرىنىڭ بارلىقىنى كۆرگەندە، ئۆزىنىڭ «باج تاپشۇرغۇچى» غا ئايلانغانلىقىنى بىلگەنىدى.

ھايت - ھۇيت دېگۈچە توققۇز يىل ئۆتۈپ كەتتى، فۇرقەتنىڭ مائاشى ئىلگىرىكى 2000 يۈەندىن ئۆسۈپ، ھازىر 4000 يۈەندىن ھالقىدى، تاپشۇرىدىغان شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئۆسۈپ، ھازىر 200 يۈەندىن ئاشتى.

فۇرقەتنىڭ نەزەرىدە شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇش نورمال ئىش ئىدى، بولۇپمۇ مۇنتىزىم ئىدارە - ئورۇنلاردا شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىنى مالىيە بۆلۈمى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ، يۇقىرىغا تاپشۇراتتى، ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن ئىشقا كىشى بەك ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ، شۇنداق بولغاچقا، فۇرقەتمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ھەر ئايدا مائاشى چىققاندا، مائاش قەغىزىدىنلا شۇ ئايدا قانچىلىك شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغانلىقىغىلا قاراپ قويۇپ، ئارتۇق ئويلاپ كەتمەيتتى، بولۇپمۇ شۇ باجنى ئىنچىكە ھېسابلاشنى ئەسلا بىلمەيتتى. ئۇ توردىن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرۈپ، بۇنىڭ ھەقىقەتەن بىر ئىنچىكە ھېساب ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

فۇرقەت توردىن ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى جۇغلانما باج نىسبىتى بويىچە شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش تۆۋەن چېكى 2000 يۈەن بولسا، 2000 يۈەندىن ئاشقان سوممىدىن 2500 يۈەنگىچە بولغان قىسمىنىڭ باج نىسبىتى %5، 2500 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە بولغان قىسمىنىڭ %10، 4000 يۈەندىن 7000 يۈەنگىچە بولغان قىسمىنىڭ %15 بولىدىغانلىقىنى بىلدى. فۇرقەت بۇلارنى بىلگەندىن كېيىن، خىزمەتداشلىرىنىڭ شېرىنكانە ئالغاندا، بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىنى ئاندىن چۈشەندى. ئەسلىدە ئۇلار يۇقىرى سوممىلىق تاپاۋەت بېجىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپتىكەن - دە؟!

باج ئېلىش تۇرمۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

فۇرقەت ئېلىمىزدە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باج تۈرىدە ئوبوروت بېجى ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى، ئوبوروت بېجى دېگىنىمىز، قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى، تىجارەت بېجى قاتارلىق باجلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇ باجلارنىڭ تاۋار ئوبوروت ھالقىلىرىدا ئېلىنىدىغانلىقىنى، يەنى ھەر بىر باج تاپشۇرغۇچى تاۋار سېتىۋالغاندا ياكى مۇلازىمەت قوبۇل قىلغاندا، باج تاپشۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندى.

مەسىلەن، فۇرقەت ئەتىگەندە ناشتىلىق ئۈچۈن بىر يۈەنلىك نان ۋە 1.5 يۈەنلىك خالتىلىق سۈت سېتىۋالسا، ئۇ تاپشۇرىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجى 2.5 × %17 = 0.425 يۈەن بولىدۇ. ئىككى يۈەنلىك خالتىلىق ئاش تۇزى تەخمىنەن0.29 يۈەن قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە 0.03 يۈەن شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئۈچ يۈەنلىك «شىخۇ» پىۋىسى تەخمىنەن 44. 0 يۈەن قوشۇلما قىممەت بېجى، 0.12 يۈەن ئىستېمال بېجى ۋە 0.06 يۈەن شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەگەر فۇرقەتنىڭ ئىككى ياشلىق بالىسى كۈندە 1.5يۈەنلىك «غەربىي يۇرتتا باھار» سۈتىدىن ئىككىنى ئىچسە ھەمدە بەش يۈەنلىك ئۇششاق يېمەكلىك يېسە، بۇنىڭغىمۇ باج تۆلەيدۇ، باج سوممىسى (5 + 3) × %17 = 1.36 يۈەن بولىدۇ.

فۇرقەتنىڭ چۈشلۈك غىزاسى بولغان 12 يۈەنلىك لەڭمەننىڭمۇ %5.5 تىجارەت بېجى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى بېجى بولۇپ، باج سوممىسى تەخمىنەن 0.66 يۈەن بولىدۇ؛ ئەگەر چاچ ياساتسا، %5.5 تىجارەت بېجى ۋە شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى تاپشۇرىدۇ. ئەگەر فۇرقەت بىر كۈندە باھاسى ئون يۈەنلىك تاماكا چەكسە، بۇنىڭ تەخمىنەن 5.8 يۈەنى دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان ئىستېمال بېجى، قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى بولۇپ، تاماكىنىڭ پارچە سېتىش باھاسىنىڭ %50 ىدىن يۇقىرى بولىدۇ. بىر يىلدا تاماكا چېكىشتىنلا2117 يۈەن باج تاپشۇرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، فۇرقەت يەنە مۇنداق بىر ھېسابنى قىلدى: ئەگەر 100 يۈەنلىك پەرداز بۇيۇمى سېتىۋېلىنسا، 14.53 يۈەن قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرغاندىن باشقا، يەنە 25.64 يۈەن ئىستېمال بېجى ۋە 4.02 يۈەن شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى تاپشۇرىدۇ؛ ئەگەر 100 يۈەنلىك كىيىم - كېچەك سېتىۋېلىنسا، 14.53 يۈەن قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە 1.45 يۈەن شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى تاپشۇرىدۇ.

بۇنداق ئىنچىكە ھېساب كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچۈتىدۇ، ئەلۋەتتە.

فۇرقەتنىڭ خوتۇنىنىڭ يىللىق پەرداز بۇيۇمى چىقىمىلا 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭغا 635 يۈەن باج تاپشۇرىدۇ، ئون يىلدا تاپشۇرغان بېجى 6000 يۈەندىن ئاشىدۇ، كىيىم - كېچەكنىڭ بېجىنى ھېسابلىمىساقمۇ بۇنىسى كۆڭلىمىزگە ئايان بولۇپ، پەرداز بۇيۇمى بېجىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. فۇرقەتنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى، مىنۇتىغا 0.3 يۈەن ئالىدىغان يانفون سۆزلىشىش ھەققىنىڭ تەخمىنەن 0.01 يۈەنى تىجارەت بېجى ۋە قوشۇلما قىممەت بېجى بولغىنى ئىدى، ئەگەر فۇرقەتنىڭ ئايلىق سۆزلىشىش ھەققى 100 يۈەن بولسا، بۇنىڭ 3.3 يۈەنى تاپشۇرىدىغان بېجى ئىدى. بانكا ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈمى قانچىلىك بولۇشتىن قەتئىينەزەر %20 باج ئېلىنىدۇ، مەيلى 0.05 يۈەن ئۆسۈم چىقسىمۇ، 0.01 يۈەن باج ئېلىنىدۇ.

فۇرقەت پۇل تاپسىمۇ، پۇل خەجلىسىمۇ باج تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغانىدى.

ئۆي - جاي بېجى، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى چوڭ سان ھېسابلىنىدۇ

فۇرقەت مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدىكى ھېسابلار كىچىك ساندۇر، ھەممىسى جۇغلانسا، كىشىگە كۆپ بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئۆي - جاي بېجى، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى چوڭ سان ھېسابلىنىدۇ.

2005-يىلى فۇرقەت 160 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئۆي سېتىۋالدى، بۇنىڭغا 2400 يۈەن يەر خېتى بېجى تاپشۇردى. 160 مىڭ يۈەنلىك ئۆيگە نىسبەتەن 2400 يۈەن يەر خېتى بېجى كۆپ ئەمەس ئىدى، ئەمما فۇرقەتنىڭ خىزمەتدىشى فەرۇقنى ئۆي - جاي سودىسى بېجى خېلىلا تەرلىتىۋەتكەنىدى.

فەرۇق 2008 - يىلى ئىيۇلدا 250 مىڭ يۈەنگە بىر نىمكەش ئۆي سېتىۋالدى، ئۆي ساتقۇچى تەرەپ بارلىق باجنى فەرۇقنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى، فەرۇق سېتىۋالغان نىمكەش ئۆينىڭ سېلىنغىنىغا بەش يىل بولمىغاچقا، %5 تىجارەت بېجى تاپشۇرۇلاتتى، شۇنداق قىلىپ فەرۇق تىجارەت بېجى، ۋاسىتىچى ھەققى، يەر خېتى بېجى قاتارلىق ھەقلەر بولۇپ، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق باج تاپشۇردى.
ھازىرغىچە فۇرقەتنىڭ ئۆي سېتىۋالغاندا قانچىلىك باج تاپشۇرغانلىقى ئېنىق ئېسىدە بولمىسىمۇ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەرلىرىدىن ئۆي - زېمىنغا چېتىلىدىغان باج تۈرىنىڭ 12 خىلدىن ئاشىدىغانلىقىنى، ھەق ئېلىش تۈرلىرىنىڭ 50 خىلغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدى.

فۇرقەت بىر قېتىم تاكسىدا شوپۇر بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆزلىشىپ قالدى، شوپۇر ئۇنىڭغا: ئەمەلىيەتتە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى ھەممە يەردە ئوخشاش، نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ئۆينىڭ باھاسى شىخەنزىدىن يۇقىرى بولىدۇ؟ گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلساق، ئۈرۈمچىدە يەر قىممەت، شۇنداق بولغانىكەن، ئۆينىڭ باھاسى تەبىئىيلا يۇقىرى بولىدۇ - دە! دېدى.

فۇرقەت ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، توردىن ئاختۇرۇپ كۆرۈپ، تاكسى شوپۇرى سۆزىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. جۇڭگو يەر تەكشۈرۈپ ئۆلچەش - پىلانلاش ئورنىنىڭ ئېلان قىلغان يەر باھاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى 29 نۇقتىلىق شەھەرنىڭ يەر باھاسى بىلەن ئۆي باھاسىنىڭ سېلىشتۇرما ئوتتۇرىچە نىسبىتى %31.8 ئىكەن. %30 چە يەر باھاسىنى، ئۆي - زېمىن تەرەققىيات سودىگىرى تاپشۇرىدىغان %13 چە تىجارەت بېجى، يەر قوشۇلما قىممەت بېجى، تاپاۋەت بېجى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئۈستىگە ئالىدىكەن.

2011-يىلى چاغاندىن كېيىن فۇرقەت 120 مىڭ يۈەنگە بىر پىكاپ سېتىۋالدى، پىكاپ سېتىۋالغاندا، فۇرقەت 6500 يۈەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرغاندىن كېيىنلا، ئاندىن نومۇر تاختىسى رەسمىيىتىنى بېجىرەلىدى. فۇرقەت رەسمىيەت بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە 14 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قوشۇلما قىممەت بېجى، 3000 يۈەنچە ئىستېمال بېجى ۋە 1800 يۈەن شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى، يەنى پىكاپ باھاسىنىڭ %20 ىگە يېقىن باج تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدى. فۇرقەت تاپشۇرىدىغان بۇ باج سوممىسىدىنلا نىمكەش «چىرۈي «QQماركىلىق پىكاپتىن بىرنى سېتىۋالغىلى بولاتتى.

فۇرقەت كۈندىلىك بېنزىن بېجىنى ھېسابلاپ كۆردى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 7 - ئاپرېل يېقىلغۇنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن، ھەر بىر لىتىر 93 - نومۇرلۇق بېنزىننى 7.43 يۈەن بويىچە ھېسابلىساق، بۇ 1.04 يۈەن قوشۇلما قىممەت بېجى، 0.3 يۈەن ئىستېمال بېجى ۋە 0.13 يۈەن شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئۈچىسى بېنزىن باھاسىنىڭ %20 ىنى ئىگىلەيدۇ، ھازىر مېنىڭ ئايلىق بېنزىن چىقىمىملا 500 يۈەنگە يېتىدۇ، يۇقىرىدىكى ھېسابلاش بويىچە 100 يۈەنى باج بولىدۇ، يىللىق بېنزىن بېجى 1200 يۈەنگە يېتىدۇ، يەنە تېخى نەچچە يۈز يۈەن قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجىمۇ بار.


فۇرقەت مۇنداق دېدى: ھېسابلاپ باقسام خېلى كۆپ باج تاپشۇرۇپتىمەن، ئەمما ئىنچىكە ئويلاپ باقسام، ئەگەر بۇ باجلار بولمىسا، دۆلەت قايسى پۇلغا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قىلىدۇ؟

فۇرقەتنىڭ ئويلىغىنى توغرا ئىدى، ئاشۇ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلار ۋۇجۇدقا كەلگەنىدى.

دۆلەت باج ئېلىش ئارقىلىق مالىيە كىرىمىنى غەملەيدۇ، خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق مالىيە چىقىمى قىلىدۇ، جەمئىيەتنى ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىلم - پەن، تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، مۇھىت ئاسراش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئىشلارنى راۋاجلاندۇرىدۇ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كۈچلۈك ماددىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئېلىمىزنىڭ باج ئېلىشتىكى »ئاۋامدىن ئېلىپ، ئاۋامغا قايتۇرۇش« ماھىيىتى ھەقىقىي ئىپادىلەنگەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 - يىلى شىنجاڭنىڭ مالىيە كىرىمى 119 مىليارد 70 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ %70 ىدىن ئارتۇقراقى خەلق تۇرمۇشى چىقىمىغا ئىشلىتىلگەن.

بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن» دا مالىيە مىنىستىرى شيې شۈرېن مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەركەز مالىيەسى خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى يەنىمۇ زورايتتى، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن چىقىم مەركەز مالىيەسى چىقىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغان فۇرقەتنىڭ كاللىسىغا ناشتىلىققا يەنە قانچىلىك باج تۆلىگەنلىكى كەلدى، ئەمما ئۇ ھېسابلاپ گادىرماش بولۇپ كەتكەن كاللىسىنى ئارام ئالدۇرۇش، خۇشاللىق بىر كۈننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ھېچنېمىنى ئويلىماسلىق قارارىغا كەلدى.



مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى





sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 00:49:45

بۇ يىل ھەممە يەردە باجنىڭ گېپى يا؟


snake يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 08:00:01

بىزنىڭ ما ئاقسۇدا باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ غەرب ئەللىرىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلاردەك بەھىرلىنىدىغان قانۇنلۇق ئىمتىيازلىرى يوق .

Erkinqush يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 10:04:15

ئاقسۇدا يىلدا 50-60 مىڭ باج تۈلەيدىكەنمەن .

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 10:44:54

ئاقسۇدا مال باھاسى بىلەن باجنىڭ يۇقىرىلىقى ئادەمنى چۆچىتىدۇ.

پۇلنىڭ بەركتى يوق يەر بۇ .

samanda_8 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 11:41:19

موئاشنىڭ مىڭدىن بىرىنى توتسا بولىدۇ ئەسلى

pistek يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 12:38:00

مەنغۇ بىلمەيلا خەجلەۋېرىدىكەنمەن.  {:106:}

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 16:04:09

لاڭ شىيەنپىڭنىڭ بىر ماقالىسىدە، ئىلىمىز مالىيە-باج تارماقلىرى ھازىرقى باج سوممىسى ۋە تۈرى يەنىلا ئاز دەپ قاراپ، يەنىمۇ كۆپەيىتىش تەكلىۋى بەرگەنلىكىدەك بىر گەپنى ئۇچۇراتقان ئىدىم.



بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن» دا مالىيە مىنىستىرى شيې شۈرېن مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەركەز مالىيەسى خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىنى يەنىمۇ زورايتتى، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن چىقىم مەركەز مالىيەسى چىقىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.



ما گەپتىن يالغانچلىقىنڭ پۇرىقى كىلۋاتامدۇ قانداق؟
بەت: [1]
: قانچىلىك باج تاپشۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟[كۆچۈرۈلمە]