puhra يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 20:36:55

جامائەت سورۇنى ئەخلاقى (1)[كۆچۈرۈلمە]

                      جامائەت سورۇنى ئەخلاقى

           بىز ئۆز ھاياتىمىزدا تۇرمۇش،ئۈگىنىش ، خىزمەت، سەيلى-ساياھەت قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن تۈرلۈك جامائەت سورۇنلىرىغا قاتنىشىمىز.جامائەت سورۇنىمىزدىكى ئەخلاقىمىزنىڭ قانداق بۇلۇشى، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش – ئېرىشەلمەسلىكىمىزگە بىۋاستە سەۋەپ بۇلىدۇ. مۇبادا ئۆز ئشى – ھەركىتىمىز ئارقىلىق ئىززەت - ئابرويغا ئىگە بۇلىمەن دەيدىكەنمىز، تۈۋەندىكى جامائەت سورۇنى ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشىمىز زۆرۈر .

       1 .   جامائەت سورۇنلىرىدا ئۆزىڭىزدىن چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ياكى تۆرىگە چىقىپ ئولتۇرماڭ. چوڭلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەڭ. ئورنىڭىزنى تىپىپ ئولتۇرۇڭ . چوڭلار تۆرىگە تەكلىپ قىلسا چىرايلىقچە رەت قىلىڭ . چوڭلارنىڭ ئالدىدا پۇتىڭىزنى مىنگەشتۈرۈپ ياكى سۇنۇپ ئولتۇرماڭ . ئولتۇرغان ئورنىڭىزنى باشقىلارغا ئۈتۈنۈپ بېرىۋەرمەڭ ، ئۈتۈنۈپ بېرىۋەرسىڭىز پەگاغا بېرىپ قالىسىز-دە ،  ھۈرمىتىڭىزنى تۈكىۋالىسىز.

      2 .  يىنىڭىزدىكىلەر بىلەن كۇسۇرلىشىپ ، قۇلاقنى قۇلاققا يىقىپ پاراڭلاشماڭ . باشقىلار بىلمەيدىغان تىلدا سۆزلەشمەڭ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئەگەر ئۈچ كىشى بولساڭلار ، ئىككىڭلار بىرلىشىپ ، ئۈچىنچى كىشىگە ئاڭلاتماي، پىچىرلاپ گەپلەشمەڭلار، چۈنكى،بۇ .ئۇنى غەم – ئەندىشىگە سېلىپ قۇيىدۇ . » دىگەن.

      3 .  سورۇنغا كىچىكىپ كەلگەن بولسىڭىز ، سورۇندىكىلەرگە ئەدەپ بىلەن ئوڭ قۇلۇڭىزنى كۆكسىڭىزگە قۇيۇپ :  « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»  دەپ سالام بېرىپ كىرىڭدە –دە ، ئازادىرەك بىر جاينى تېپىپ ئولتۇرۇڭ . سالام بەرمەي كىرىپ غىپپىدە ئولتۇرۇۋالماڭ ، بۇنداق قىلسىڭىز ئەدەپسىزلىك بۇلىدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« سالام بېرىپ كىرمىگەن ئادەمنى ھۇزۇرۇڭلاردا تۇتماڭلار » دىگەن . بۇ ، سالامنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ . سورۇنغا كىرگەندە ، باشقىلارنىڭ ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ ئولتۇرىۋالماڭ ، بۇنداق قىلسىڭىز، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كىشىنىڭ نەپرىتىگە ئۇچىرايسىز . بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى رۇخسەتسىز ئايرىۋېتىش تۇغرا ئەمەس .» دىگەن.

      4 .  ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكمەڭ ، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرمەڭ ، ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمەڭ ، بۇرنىڭىزنى قاشلىماڭ ، چىشىڭىزنى ، بۇرنىڭىزنى كولىماڭ ، چۈشكۈرۈك كەلسە ، ئەسنەك تۇتسا ، قۇلىڭىز ياكى قولياغلىقىڭىز بىلەن ئېغىزىڭىزنى تۇسۇۋېلىڭ . ئېتىكىڭىز ياكى چاپان، كۆينىكىڭىزنىڭ يېڭى ، پېشى بىلەن يۈزىڭىزنى . بۇرنىڭىزنى سۈرۈتمەڭ.

     5  .  ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن باشقىلارنى چاقىرماڭ ، قاقاھلاپ كۈلمەڭ ، بىراۋنى زورمۇ - زور كۈلدۈرمەڭ ، باشقىلارغا تىكىلىپ قاراۋەرمەڭ ، ئۇنداق قىلسىڭىز ، باشقىلارنى ئۇيۇلدۇرۇپ قۇيۇسىز . ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر ئەلىشىر ناۋائى«ئەدەپسىزلىكنىڭ بىر بەلگىسى ئورۇنسىز كۈلكىدۇر ، قارا ، كەكلىك ئۆز كۈلكىسىدە بېشىغا بالا كەلتۈرىدۇ ، غۇنچە كۈلۈپ ئېچىلىپ ، ئارقىدىن توزۇيدۇ. » دىگەن.

ئەدەپ ئىخلاقتىن تەۋسىيىلەر دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 22:22:55

خەتلەر  قازاقچىدەك  چىقىۋالدى  ..تەھرىرلەپ قويساڭلا

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 22:34:23

نان يىسىڭىز قورساق تويىدۇ. ئۇسساپ كەتكەن ئادەم سۇ ئىچىدۇ.ھاجىتى قىستىغان ئادەم ھاجەتخانىغا دېگەندەك. بۇ بىلىملەر بەك مۇھىمكەن راسلا-ھە!

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 11:51:49

تېلىفۇندا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشمەڭ. ئۆچىرەت تۇرىدىغانلا ئىش بولسا چوقۇم ئۆچىرەتتە تۇرۇڭ. شەخسي تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. كوچىلاردا قىز دوستىڭىز ياكى ئايالىڭىز بىلەن ۋارقىرىشىپ سوقۇشماڭ. بۇ بىر تېتىقسىزلىق. تاماق يېگەندە ئاۋاز چىقارماي ۋە قوشۇقنى چىشلىمەي يەڭ. ئاغزىڭىزنى يۇمۇپ يەڭ. تاماقنى ئىلغىماڭ، ھەممىنى يەڭ. بولۇپمۇ ئەر كىشىگە پەقەت ياراشمايدۇ. ئەگەر تاماققا لازا-ئاچچىقسۇ سېلىپ يەيدىغان ئىشىڭىز بولسا، ئاۋۋال تاماقنى ئۆز تەمىدە يەپ بېقىپ، ئاندىن لازا-ئاچچىقسۇ سېلىپ يەڭ. بولمىسا تاماقنىڭ ئەسلى تەمىنى تېتىيالمايسىز. بەزىلەر تاماقنىڭ ئەسلى تەمىنى تېتىپ باقمايلا، لازا-ئاچچىقسۇنى سېلىپلا، لازا-ئاچچىقسۇنىڭ تەمى بىلەن تاماقنى يەيدۇ.  دىققەت قىلىدىغان ئىشلار جىق. 

puhra يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 21:24:38

ھەي !!يۇقارقى ئىنكاسنى يازغان قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسى شۇنچىلىك بولغاندىكىن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەخلاقى  قانچىلىك بولماقچىدى. ئاخىرىنى يېزىۋاتقان ئىدىم .بولدىلا.يازمايلا قۇياي.خۇددى گۇمبەزگە ياڭاق ئاتقاندەك ئىش بولغىدەك.

سۇنى سەپ سىڭەر يەرگە ،گەپنى قىل سىغار يەرگە دىگەن تەمسىل بار ...

شۇنىڭغا ئەمەل قىلاي.   

بولدى يازماي. \"\"  \"\"

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 08:59:45

4- قەۋەتتىكى puhraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

     ھەي !!يۇقارقى ئىنكاسنى يازغان قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسى شۇنچىلىك بولغاندىكىن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەخلاقى  قانچىلىك بولماقچىدى. ئاخىرىنى يېزىۋاتقان ئىدىم .بولدىلا.يازمايلا قۇياي.خۇددى گۇمبەزگە ياڭاق ئاتقاندەك ئىش بولغىدەك.

سۇنى سەپ سىڭەر يەرگە ،گەپنى قىل سىغار يەرگە دىگەن تەمسىل بار ...

شۇنىڭغا ئەمەل قىلاي.   

بولدى يازماي. \"\"  \"\"

سىز قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىزغۇ.\"\" بىزنىڭ سەۋىيەرىمىز شۇنچىلىك بولغىدەك قانداق ئىنكاس يېزىپتۇق؟ زىتىڭىزغا تەگكۈدەك ئىنكاس يېزىپتىمەنما؟  قايسى يەرى بولماپتۇ ئىنكاسىمنىڭ؟  سىزنىڭ سەۋىيەرىڭىز يۇقىرى بولغاندىكىن دەپ بېرىڭە. گەپگە دىققەت قىلىڭ. سەۋىيەرىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىردەمدە بىلىپ بولدىڭىز دەڭە.

تېمىڭىزغا ئىنكاس يازسا خاپا بولىدىغان ئادىتىڭىز بار ئىكەندە ئەسلى. شۇڭا باشقىلار كۆرۈپ قويۇپلا چىقىپ كېتىپتىكەندە. مەنمۇ ساراڭ، سەۋىيەسى يۇقىرى ئادەمنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس يازغاندىكىن.

puhra يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 11:41:44

2- قەۋەتتىكى nurahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نان يىسىڭىز قورساق تويىدۇ. ئۇسساپ كەتكەن ئادەم سۇ ئىچىدۇ.ھاجىتى قىستىغان ئادەم ھاجەتخانىغا دېگەندەك. بۇ بىلىملەر بەك مۇھىمكەن راسلا-ھە!

     بۇدۇشقاق ئەپەندىم سىز رەنجىمەڭ، نۇراخۇننىڭ  ئىنكاسىنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز. كۆرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭچە شۇنداق گەپلەرنى يېزىش تېمىغا ماس كېلەمدۇ؟؟

\"\"

           مەن يوللىغان تېمىدىكى ئىشلار گەرچە ئۇششاق ئىشلار بولسىمۇ،ئادەمنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئىشلار دەپ قارىغان ئىدىم.

        نان يىسىڭىز قورساق تويىدۇ. ئۇسساپ كەتكەن ئادەم سۇ ئىچىدۇ.ھاجىتى قىستىغان ئادەم ھاجەتخانىغا بارىدۇ....  مەھەللىدە بىر ساراڭ بار ئىدى ھازىرغىچە ئاچلىق ياكى ئۇسسۇزلۇققا ئۈلۈپ قالمىدى ،چوڭ كۇچىدا ئولتۇرۇپ ھاجەت قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدۇق.

\"\"

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 20:05:07

ۋوي خاپا بولماڭ، بىز(ئۇيغۇرلار) مىڭ نەچچە يىل بۇرۇن ھەتتا نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ئۆرۈپ-ئادەتلاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ بولغان بۇ ئىشلارنى يازسىڭىز مەن تېخى ئىپتىدائىي دەۋىرگە قايتىپ كەتكەن چېغى دەپ ئاۋۇلارنى ئەسكەرتىپ يۇرۇپتىمەن. خۇددى سارىس مەزگىلىدە قول يۇيۇشنى ئۈگەتكەندەك...

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-2-2 16:29:04

4- قەۋەتتىكى puhraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي !!يۇقارقى ئىنكاسنى يازغان قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسى شۇنچىلىك بولغاندىكىن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەخلاقى قانچىلىك بولماقچىدى. ئاخىرىنى يېزىۋاتقان ئىدىم .بولدىلا.يازمايلا قۇياي.خۇددى گۇمبەزگە ياڭاق ئاتقاندەك ئىش بولغىدەك.

سۇنى سەپ سىڭەر يەرگە ،گەپنى قىل سىغار يەرگە دىگەن تەمسىل بار ...

شۇنىڭغا ئەمەل قىلاي.

بولدى يازماي. \"\" \"\"

دىگەنلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار .

بىر يازمىدىن << ئۈچ خىل ئىشنىڭ كىلىش مەنبەسى يەلدىن . بىرىنجى _ گەپ  . ئىككىنجى _ ئوسرۇق . ئۈچۈنجى _ ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى . گەپ ئېغىزدىن چىققانلىقى ئۈچۈن باشقا ئىككىسىگە ئوخشىمايدۇ >> دىگەنلەرنى  ئوقۇغان ئىدىم . ئېغىزىمدىن چىقمىغاندىكىن دەمدۇ ، ئىشقىلىپ ، ئىنكاس دىگەننى يوللاۋېرىدىكەن بەزى تورداشلار .

بەت: [1]
: جامائەت سورۇنى ئەخلاقى (1)[كۆچۈرۈلمە]