puhra يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 20:29:14

ﭘﯩﭽﺎﻥﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ تۇيۇق ۋە ئەسھابۇلكەف

    ﭘﯩﭽﺎﻥﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ تۇيۇق ۋە ئەسھابۇلكەف



تۇيۇق – پىچان ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى بۇلۇپ، بۇ يېزىنىڭ شىمالى تەرپىدىكى جىلغا<<تۇيۇق چوڭ جىلغىسى>>دەپ ئاتىلدۇ.بۇ جىلغا ھازىر تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ يىڭى ئىچىش نۇقتىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ساياھەتچىلەرنى بارغانچە جەلىپ قىلماقتا.


   تۇيۇق چوڭ جىلغىسى شەرىقتە پىچان ناھىيە بازىرىغا 46كىلومىتىر، غەرىپتە تۇرپان شەھرىگە 47 كىلومىتىر، غەربى جەنوپتا قۇچۇ قەدىمكى شەھرىگە 13كىلومىتىر كىلىدۇ. ئۇ نەچچە يۈز كىلومىتىرغا سوزۇلغان ئىدىقۇت تىغىدىكى ھەر قايسى جىلغىلار ئىچىدە مەدەنيەت تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، تەبىئى  مەنزىرىسى ئەڭ ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم جىلغىدۇر.


تۇيۇق جىلغىسىنىڭ شىمالىي تەرىپى 312-نۇمۇرلۇق دۆلەت تاشيۇلى بۇيىغا جايلاشقان سۇ بىشى كەنتىگە، جەنوپ تەرىپى تۇيۇق يېزىسىدىكى قەدىمى مازار ئالدى كەنتىگە تۇتىشىدۇ.شىمالدىن جەنوپقا ئۇزۇنلىغى  8كىلومىتىر، ئۇتتۇرچە كەڭلىكى 1كىلومىتىر. جىلغىنىڭ ئىچىدە ئىدىقۇت تىغىدىكى ئەڭ ئىگىز چۇققا بار.چۇققىنىڭ دىڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 831.7مېتىر.تۇيۇق جىلغىسى ئىدىقۇت تېغىنى شىمالدىن جەنوپقا تۇغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن بۇلۇپ، رەڭلىرى روشەن، تاغ جىنىسلىرىنى ئىنىق، كۆرگەن كىشى تەبىئەتنىڭ سىھىرلىك خاسىيىتىدىن ھەيران بولماي قالمايدۇ.


تۇيۇق جىلغىسى جوڭگونىڭ غەربى قىسمىدىكى ئەڭ سىھىرلىك تۈسكە ئىگە جاي. 19-ئەسىردىن بۇيان، بۇ جاي روسىيە، گىرمانىيە، ئەنگىليە، ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەت ئىكىسپېدىتسىيىچىىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن. بۇ جايدا چۇقچىيىپ تۇرغان غەلىتە تاشلار، جىلغا ئىچىنى بويلىغان ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەر بۇلۇپلا قالماستىن، يەنە 16 بەگلىك دەۋرىدە قىزىلغان تۇيۇق مىڭئۆيلىرى، ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلوبىدا سىلىنغان مەسچىت، يەنە بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسى بار. ھەيۋەتلىك جىلغا، ئۇزۇن تارىخ، قۇيۇق مەدەنىيەت تۈسى،قەدىمكى ئۇيغۇر مەھەللىسى، ئۇزۇن مەنبەلەك سېرىق تۇپراق مەدەنيىتى، ياپيېشىل تەكزارلىق مەنزىرىسى تۇيۇق جىلغىسىنىڭ سىرلىق، ئۆزگىچە، ئاجايىپ-غارايىپ مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن.


  تۇيۇقنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، تۇيۇق جىلغىسىنىڭ غەربى جەنوبىغا5-4كىلومىتىركىلىدىغان چۆل باياۋاندا غىل-پال كۆتۈرلۈپ تۇرغان دۆڭلۈكلەرنى كۆرگىلى بۇلىدۇ.بۇ دۆڭلۈكلەردە قەدىمكى ئاھالىلەر ياسىغان تاش بۇيۇملار بايقالغان. دۆڭلۈكلەرنىڭ ئاستىغا بۇنىڭدىن 2000يىل ئىلگىركى تۇيۇقلۇقلارنىڭ قەبرىسى جايلاشقان .ئۇ يەردىن شەكلى ئۆزگىچە، پارقىراپ تۇرىدىغان مىس بۇيۇملار قىزىۋىلىنغان بۇلۇپ، قەدىمى تارىخى مەدەنىيەتنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.


تۇيۇق جىلغىسىنىڭ ئەتراپىغا قەدىمكى ئىزلار كۆپ جايلاشقان. جىلغىنىڭ شىمالى ئېغىزىدا غۇز، قۇس، قوشلار قەبرە رايونى بايقالغان، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا بۇ جايدىن كىرورەن گۈزىلىگە ئوخشاش <<سۇ بېشى گۈزىلى>>نىڭ قۇرۇق جەسىتى ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايقىلىپ، ئارخېئولوگىيە ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان.بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھازىر ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق موزېي بىلەن تۇرپان موزېيدا ساقلانماقتا.


تۇيۇق يېزىسىنىڭ مازار ئالدى كەنتى تۇيۇق جىلغىسىنىڭ جەنوبى قىسمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بۇيىچە ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلار كەنتى.بۇ كەنىت يىشىل مۇنارلىرى قەد كۆتىرىپ تۇرغان مەسچىتىنى چۆرىدەپ ئورۇنلاشقان بۇلۇپ، يۇزدىن ئارتۇق ئاھالە بار. بۇ كەنىتتە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى ۋە مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرى مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان.


تۇيۇقتا شىنجاڭ بۇيىچە ئەڭ بۇرۇن بايقالغان تام رەسىملىك بۇددا غارلىرى خارابىسى يەنى <<تۇيۇق مېڭئۆيلىرى>> ساقلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئىسلام تۈسىگە ئىگە سىرلىق نىقابلىق<<ئەسھابۇلكەيف>>جايلاشقان، ئۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ مەشھور مازارلارنىڭ بىرى.


ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇددا غارلىرى خارابىسىدا جەمئى 94غار بۇلۇپ، ھازىر ساقلىنىپ قالغىنى 46، ئۇلار جىلغا ئىچىگە 2كىلومىتىر ئىچكىرلەپ كىرگەندە شەرق، غەرپ ئىككى تەرەپتىكى تىك يارغا جايلاشقان. بۇ غارلارنىڭ قىزىۋىلىنغان ۋاقتى ئىككى جىن دەۋرى ياكى 16 بەگلىك دەۋرىگە تۇغرا كىلىدۇ.تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە بۇ جايدىكى بۇددا غارلىرى قايتا ياسالغان، شۇڭا بۇ جايدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىزلىرى ساقلىنىپ قالغان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گىرمانىيىلىك ئېكىسپىدېتسىيىچى لېكوك بۇ جايدىن 8-،9-ئەسىرگە ئائىت نۇرغۇن ھۈججەتلەرنى ئىلىپ كەتكەن. ئۇ ھۈججەتلەر قۇچۇ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مۇھىم تارىخى ماتىرىياللىرى بۇلۇپ، ئەينى تارىخى دەۋىردىكى تۇرمۇشنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.


تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دۇنخۇاڭ موگاۋ غارلىرىدىن تېپىلغان<<غەربى ئايماق خەرىتىلىك تەپسىراتى>>دا <<تۇيۇق >>نامىنى خەنزوچە <<دىڭ گۇكۇ>>دەپ ئاتىغان بۇلۇپ،ئۇنىڭدا مونداق دېيىلگەن:<<دىڭ گۇكومېڭئۆيلىرىدە بۇتخانا ۋە ئېتىكاپخانىلار كۆپ، ئوڭ تەرەپتە ليۇجۇڭ(ھازىرقى لۈكچۈن)ناھىيىسى بىلەن چىگىرلىندۇ.شىمالى تاغ(تەڭرى تىغى) بىلەن بولغان ئارلىق 25چاقىرىم كىلىدۇ.غەرىپكە 20چاقىرىم ماڭسا ئاستانىگە يىتىپ بارغىلى بۇلىدۇ.ئىبادەتخانىلار تاغقا يانداشتۇرۇلۇپ سىلىنغان. بۇ يەرنىڭ ئەتراپى بۆك –باراقسان ئورمانلىق، ئىبادەتخانا، ئېتىكاپخانىلىرى كۆپ، ئادەملەر ئېغىزنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ.بايرام مۇراسىملاردا ھەر خىل ئۇچقۇن چىقىرىدىغان رەڭلىك ساليوتلار ئېتىلىدۇ.بۇ كۇنى ئاي، يۇلتۇزنى كۆرگىلى بولمايدۇ.ئىبادەتخانا يېنىدا ھەيۋەتلىك بۇددا مۇنارى قەد كۈتىرىپ تۇرىدۇ. بۇ يەردە شەرىقتىن غەرىپكە ئۆتىشكىلى بۇلىدىغان كۆۋرۈك بۇلۇپ، مۇئەللىقتىكى ھەسەن-ھۈسەنگە ئۇخشايدۇ>>. مانا بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بۇددا دىنى گۈللەپ راۋاج تاپقان تۇيۇقنىڭ قىياپىتى ئىدى.<<دىڭ گۇكۇ>> دىگەن بۇ سۆز ھازىر تۇيۇق دەپ ئاتىلىپ كىلىۋاتقان يۇرىتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خەنزوچە نامى بۇلۇپ، دىڭ گۇكۇنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى<<غولدىكى ئاھالىلەر، ئېغىز ئىچىدىكى ئاھالىلەر، جىلغا ئىچىدىكى نۇپوس>> دىگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈردۈ.<<دىڭ گۇكۇ>> بىلەن تۇيۇقنىڭ ھازىرقى خەنزوچە نامى <<تۇيۇگۇ>>نىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشىمۇ ناھايىتى يىقىن كىلىدۇ.9-،10-ئەسىرلەرنىڭ ئالدى كەينىدە<<تۇيۇق>>دېگەن بۇ ئۇيغۇرچە يۇرىت نامى ئاللىقاچان قۇچۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوموملاشقان بۇلۇپ، خەنزوچە خاتىرىلەر ۋە باشقا يىزىقتىكى مەنبەلەردە ئازدۇر-كۆپتۇر پەرق ۋە ئۆزگىرىشلەر بولغان.


يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن ، تۇيۇق غارلىرى ئاندىن قوغداشقا ئېرىشتى. بىراق بۇ چاغدا %90غار گۈمۈرلۈپ چۈشكەن، ساقلىنىپ قالغان تام رەسىملىرىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى.شونداق بولسىمۇ، تۇيۇق مېڭئۆيلىرى باي ناھىيىسىدىكى قىزىل مېڭئۆيى ۋە تۇرپاندىكى بىزەكلىك مېڭئۆيىدىن قالسىلا مۇھىم مېڭئۆيى ھىساپلىندۇ.


ئەسھابۇلكەيفمۇ تۇيۇق جىلغىسىدىكى بىر تۆپىلىككە جايلاشقان.


<<ئەسھابۇلكەيف>>ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ<<غاردا ياتغان كىشىلەر>>،<<غاردىكى ساھابىلەر>>دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈردۇ.تاغ قاپتىلدا ھەقىقەتەنمۇ بىر غار بار بۇلۇپ، ھازىر غارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا گۈمبەزسىمان قۇرۇلۇش ياسىلىپ، ياغاچ رىشاتكا بىلەن تۇسىۋىتىلدى. غارنىڭ ئىچىدە 6ئەۋلىيا قالدۇرۇپ كەتكەن ياغاچ كالتەك بار بۇلۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا كىمكى شۇ كالتەكنى سىيلىسا بالا-قازالاردىن خالاس بۇلىدىكەن.


رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار بۇرۇن قۇچۇ شەھرىنىڭ ئورنىدا بىر پادىشاھلىق بۇلۇپ، شاھنىڭ ئىسمى<<دەقيانۇس>> بۇلۇپ، بۇ جاي <<دەقيانۇس شەھرى>>دەپ ئاتىلىدىكەن. دەقيانۇسنىڭ كۈچى زورايغىنچە تېرىسىگە پاتماي، ئۆزىنى مەن <<تەڭرى>> دەپ جاكارلاپتۇ ۋە ھىيلە ئىشلىتىپ خەقنى ئىشەندۈرۈپتۇ. بۇ چاغدا يەمەن پادىشاھىنىڭ بەش ئۇغلى <<تەڭرى>>نى كۆرۈپ بىقىش ئۈچۈن دەقيانۇس شەھرىگە كىلىپ، ئۇنىڭ ھىيلىسىنى بىتجىت قىلىپ، تەڭرى ئەمەسلىكىنى پاش قىلىپتۇ.دەرغەزەپكە كەلگەن دەقيانۇس نەۋكەرلىرىگە ئۇلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇپتۇ.بەش يىگىت شەرىققە قاراپ قىچىپ  كېتىۋاتقاندا، يول بۇيىدىكى بىر پادىچى بىلەن بىر ئىتمۇ ئۇلارغا ئەگىشۋاپتۇ.بۇ ئالتەيلەن قىچىپ مىڭىپ ھازىرقى تۇيۇق جىلغىسىنىڭ ئېغىزىغا كىلىپ قاپتۇ ۋە <<باشقا ياققا ماڭساق تۇيۇق بۇلۇپ قالىمىز، ئەڭ ياخشىسى جىلغا ئىچىگە قاراپ قاچايلى>> دېيىشىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ جاينىڭ ئىسمى<< تۇيۇق >>دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ ساھەبىلەر جىلغىنىڭ ئاغزىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز بىر كارامەت يۈز بېرىپ، تۇيۇق جىلغىسىنىڭ غەربى يان باغرىدا بىر ئۈڭكۈر ئايان بۇپتۇ.ئالتە ئادەم ۋە بىر ئىت ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىغا ئۆمۆچۈكلەر تور تارتىپ، كۆك كەپتەرلەر ئۇۋا ياساپ ساھابىلارنى يۇشۇرۇپتۇ.دەقيانۇسنىڭ چاپارمەنلىرى بۇ يەرگە ئىزدەپ كىلىپ ، قاچقۇنلارنى تاپالماي قايتىپ كىتىپتۇ. ئالتە ساھابە ۋە بىر ئىت ئۆڭكۈرگە  شۇ كىرىپ ياتقانچە 300يىل ئۇخلاپتۇ. ئۇلار ئۇيقۇدىن ئۇيغىنىپ ، قۇرسىقى ئىچىپ نان سېتىۋالماقچى بۇلۇپ سىرتقا چىقسا، ناۋايلار ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن چاچ-ساقاللىرىغا، قوللىرىدىكى يارماقلىرىغا قاراپ ھەيران قېلىپ:<<بۇ يارماقلار دەقيانوسنىڭ زامانىسىدىكى يارماقلار ئىكەن>>دېيىشىپتۇ.تەڭرى بۇ ساھابىلەر تارتقان جەبرى جاپالىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئۆڭكۈر ئىچىدىن غايىبانە يول بېرىپ، ئۇلارنى رومغا ئامان-ئېسەن يەتكۈزۈپ قۇيۇپتۇ. يەنە بىر رىۋاياتتە ساھابىلەر ھىلىمۇ ئۇيقۇدا ياتقۇدەك دېيىلگەن.


بۇ ناھايىتى بۇرۇنقى رىۋايەت بۇلۇپ، ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن  ئەسھابۇلكەيف مازىرىغا ھەيۋەتلىك گۈمبەزلەر سىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىي زىيارەتگاھىغا ئايلانغان. <<قۇرئان>>دىكى بىر ئايەتتە غار ۋە غاردا ياتقان ساھابىلار ھەققىدە زىكرى قىلىنغان، تەپسىر كىتاپلىرىدا ئەسھابۇلكەيفنىڭ نامى تىلغا ئىلىنغان.17-ئەسىردە ئاق تاغلىق غۇجىلارنىڭ سەردارى ئاپپاق غۇجا سۈلۈك تەرىقىتىنى تارقىتىش سەپىرىدە ئەسھابۇلكەيف مازىرىغا كىلىپ بىر مەزگىل تۇرغان. يۇقۇرقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ جاينىڭ نامى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا مەشھور بۇلۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جايىغا ئايلانغان،<<كىچىك مەككە>>دەپ ئاتالغان.


بۇ يەردە يەنە لۈكچۈن غۇجىلىرى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھور مەرىپەتپەرۋەر شائىر، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بىرى ئەخمەت غۇجامنىياز ئۇغلى قىسسۇرى؛ ئىمىن غۇجىنىڭ نەۋرىسى، قەشقەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھۈكۈمرانى، مەرىپەتپەرۋەر، خەلىقپەرۋەر زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ؛1930-يىللاردىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، تەرەققىيپەرۋەر ئۆلىما، دىنى ئالىم ھەمدۇللا دامۇللام قاتارلىق مەشھور كىشىلەرنىڭ قەبرىلىرى بار.


ھازىر بۇ يەر ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىلەر، زىيارەتچىلەر، كىنو-فىلىم ئىشلىگۈچىلەر، رەسساملار، فوتوگراپلار كىلىپ، تۇيۇقنىڭ ئۆزگىچە مۇھىتىدىن يېڭى ئىلھاملارنى ئىلىپ قايتىشماقتا.



«سىھىرلىك زىمىن تۇرپان »دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.


ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 21:38:30

بۈگۈنكى كۈچۈرۈپ چاپلايدىغان نورمىڭىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن تورداش \"\"

ھەممە تېمىلار كۈچۈرۈپ كىلىنگەن بوپ كەتسە ئىزدىنىش ئەزالىرىنىڭ قىزغىنلىقىغا تەسىر يىتىدۇ

arkakman يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 22:01:36

ئەسھابۇل كەب ھەرگىزمۇ شىنجاڭدا ئەمەس  بۇ توغۇرلۇق ئاللاھ  قۇرئان كەرمدە توختالغان غارغا كىرۋالغانلار 300يىل ئۇخلىغان ئەمەس ،

koragan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 23:22:01

2- قەۋەتتىكى arkakmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسھابۇل كەب ھەرگىزمۇ شىنجاڭدا ئەمەس بۇ توغۇرلۇق ئاللاھ قۇرئان كەرمدە توختالغان غارغا كىرۋالغانلار 300يىل ئۇخلىغان ئەمەس ،



مەنمۇ شۇنى دەيمەن...


balahor يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 07:03:23

puhraنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

   


تۇيۇقتا شىنجاڭ بۇيىچە ئەڭ بۇرۇن بايقالغان تام رەسىملىك بۇددا غارلىرى خارابىسى يەنى <<تۇيۇق مېڭئۆيلىرى>> ساقلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئىسلام تۈسىگە ئىگە سىرلىق نىقابلىق<<ئەسھابۇلكەيف>>جايلاشقان، ئۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ مەشھور مازارلارنىڭ بىرى.


ئەسھابۇلكەيفمۇ تۇيۇق جىلغىسىدىكى بىر تۆپىلىككە جايلاشقان.


<<ئەسھابۇلكەيف>>ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ<<غاردا ياتغان كىشىلەر>>،<<غاردىكى ساھابىلەر>>دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈردۇ.تاغ قاپتىلدا ھەقىقەتەنمۇ بىر غار بار بۇلۇپ، ھازىر غارنىڭ كىرىش ئېغىزىغا گۈمبەزسىمان قۇرۇلۇش ياسىلىپ، ياغاچ رىشاتكا بىلەن تۇسىۋىتىلدى. غارنىڭ ئىچىدە 6ئەۋلىيا قالدۇرۇپ كەتكەن ياغاچ كالتەك بار بۇلۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا كىمكى شۇ كالتەكنى سىيلىسا بالا-قازالاردىن خالاس بۇلىدىكەن.


رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار بۇرۇن قۇچۇ شەھرىنىڭ ئورنىدا بىر پادىشاھلىق بۇلۇپ، شاھنىڭ ئىسمى<<دەقيانۇس>> بۇلۇپ، بۇ جاي <<دەقيانۇس شەھرى>>دەپ ئاتىلىدىكەن. دەقيانۇسنىڭ كۈچى زورايغىنچە تېرىسىگە پاتماي، ئۆزىنى مەن <<تەڭرى>> دەپ جاكارلاپتۇ ۋە ھىيلە ئىشلىتىپ خەقنى ئىشەندۈرۈپتۇ. بۇ چاغدا يەمەن پادىشاھىنىڭ بەش ئۇغلى <<تەڭرى>>نى كۆرۈپ بىقىش ئۈچۈن دەقيانۇس شەھرىگە كىلىپ، ئۇنىڭ ھىيلىسىنى بىتجىت قىلىپ، تەڭرى ئەمەسلىكىنى پاش قىلىپتۇ.دەرغەزەپكە كەلگەن دەقيانۇس نەۋكەرلىرىگە ئۇلارنى تۇتۇشقا بۇيرۇپتۇ.بەش يىگىت شەرىققە قاراپ قىچىپ  كېتىۋاتقاندا، يول بۇيىدىكى بىر پادىچى بىلەن بىر ئىتمۇ ئۇلارغا ئەگىشۋاپتۇ.بۇ ئالتەيلەن قىچىپ مىڭىپ ھازىرقى تۇيۇق جىلغىسىنىڭ ئېغىزىغا كىلىپ قاپتۇ ۋە <<باشقا ياققا ماڭساق تۇيۇق بۇلۇپ قالىمىز، ئەڭ ياخشىسى جىلغا ئىچىگە قاراپ قاچايلى>> دېيىشىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ جاينىڭ ئىسمى<< تۇيۇق >>دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ ساھەبىلەر جىلغىنىڭ ئاغزىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز بىر كارامەت يۈز بېرىپ، تۇيۇق جىلغىسىنىڭ غەربى يان باغرىدا بىر ئۈڭكۈر ئايان بۇپتۇ.ئالتە ئادەم ۋە بىر ئىت ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىغا ئۆمۆچۈكلەر تور تارتىپ، كۆك كەپتەرلەر ئۇۋا ياساپ ساھابىلارنى يۇشۇرۇپتۇ.دەقيانۇسنىڭ چاپارمەنلىرى بۇ يەرگە ئىزدەپ كىلىپ ، قاچقۇنلارنى تاپالماي قايتىپ كىتىپتۇ. ئالتە ساھابە ۋە بىر ئىت ئۆڭكۈرگە  شۇ كىرىپ ياتقانچە 300يىل ئۇخلاپتۇ. ئۇلار ئۇيقۇدىن ئۇيغىنىپ ، قۇرسىقى ئىچىپ نان سېتىۋالماقچى بۇلۇپ سىرتقا چىقسا، ناۋايلار ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن چاچ-ساقاللىرىغا، قوللىرىدىكى يارماقلىرىغا قاراپ ھەيران قېلىپ:<<بۇ يارماقلار دەقيانوسنىڭ زامانىسىدىكى يارماقلار ئىكەن>>دېيىشىپتۇ.تەڭرى بۇ ساھابىلەر تارتقان جەبرى جاپالىرىدىن تەسىرلىنىپ، ئۆڭكۈر ئىچىدىن غايىبانە يول بېرىپ، ئۇلارنى رومغا ئامان-ئېسەن يەتكۈزۈپ قۇيۇپتۇ. يەنە بىر رىۋاياتتە ساھابىلەر ھىلىمۇ ئۇيقۇدا ياتقۇدەك دېيىلگەن.


بۇ ناھايىتى بۇرۇنقى رىۋايەت بۇلۇپ، ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن  ئەسھابۇلكەيف مازىرىغا ھەيۋەتلىك گۈمبەزلەر سىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالىي زىيارەتگاھىغا ئايلانغان. <<قۇرئان>>دىكى بىر ئايەتتە غار ۋە غاردا ياتقان ساھابىلار ھەققىدە زىكرى قىلىنغان، تەپسىر كىتاپلىرىدا ئەسھابۇلكەيفنىڭ نامى تىلغا ئىلىنغان.17-ئەسىردە ئاق تاغلىق غۇجىلارنىڭ سەردارى ئاپپاق غۇجا سۈلۈك تەرىقىتىنى تارقىتىش سەپىرىدە ئەسھابۇلكەيف مازىرىغا كىلىپ بىر مەزگىل تۇرغان. يۇقۇرقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ جاينىڭ نامى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا مەشھور بۇلۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جايىغا ئايلانغان،<<كىچىك مەككە>>دەپ ئاتالغان.



«سىھىرلىك زىمىن تۇرپان »دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.





قوڭىغا ئۇرۇپلا گەپ تاپىدۇ دە بۇ خەق !!!!


ھەي كۆڭلى قارىلار غارنىڭ ئاغزىغا ئۆمۈچۈك تورباغلاش،كەپتەر چاڭگا تىزىش دىگەن رەسۇلىللانىڭ رىۋايىتى ئۇ ....


كىچىك مەككە دىگەن نىمە گەپ ئەمدې ..... مەككە دىگەن پەقەت بىر.چوڭ كىچىكى يوق بىلىشەمسە ئۇنى ..



ناماز بامداتنىڭ كىرىپلا مىڭەمگە چىقىپ كەتتىغۇ ماۋۇ گەپلەر! ئىزدىنىش بوپ قاپتۇ بۇيەر بولمايدىغان بولسا  ............


تۇيۇقتىكى ئۇ غارنى ئەسھابۇلكەف دەپ ئانىمانىسى جەزىملەشتۇرۋەتكەنمىدۇ ؟؟




gulbargi_11 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 08:33:27

مەن ئىزدىنىشنىڭ دائىملىق مىھمىنى ، گەرچە دائىم ئىنكاس يېزىپ تۇرمۇساممۇ، بۇگۇن بۇ تېمىنى كۈرۈپ، قارىسام قايناپ كىتىپسىلەر، مەن پىچاندىن، كىچىكىمدىن تۇيۇق مازىرى تۇغرىسىدا ئاتا-ئانامدىن ۋە تۇنۇش بىلىشلەردىن ئاڭلايتىم. لىكىن بېرىپ باقمىغان. بۇرۇندىن ئاڭلاپ كىلۋاتقانلىرىم يۇقارقى دىگەنلەر بىلەن ئۇخشاش، شۇڭا تۇرداشلارنىڭ ئاچچىقلانماسلىقىنى ھەمدە بۇ تۇغرىدا بىلدىغانلىرى بولسا ئۇتتۇرىغا قويسا بىلۋالغان بولساق.

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 08:54:54

بۇ بىر رىۋايەت نىمانچە چىچاڭشىپ كېتىسلەر ....بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولساڭلار قەبرىستانلىققا چىقىپ ئاتا-ئاناڭلارنىڭ تۇپرىقىنى يوقلاپ كېلىڭلار ...

نىمانداق قىلىسىلەر ؟ ئۆمەرجان سىدىق يازغان كىتاپتىكى مەزمۇننى تورداشلار بىلىپ قالسۇن دەپ چاپلىسا نىمە بوپتۇ ... دەر ھەقىقەت ئەسھابۇلكەفنىڭ تۇيۇقتا بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى مۇللا مۇسا سايرامى 10 تۈرلۈك سەۋەپ بىلەن قەيت قىلىپ ئۆتكەن . لېكىن دۇنيادا قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلىرىگە قاراپ 7 ئورۇن بىر قەدەر گۇمانلىق بۇلۇپ كەلمەكتە . تۇيۇقمۇ شۇ يەتتە ئۇرۇننىڭ بىرى . قايسىسى ھەقىقى ئەسھابۇلكەف بۇنى ئاللا ئۆزى بىلىدۇ .

مۇناپىق ئاپپاق غۇجىنىڭ ئەينى چاغدىكى تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا بۇ جاي ھازىرغىچە ئۇلۇغلىنىپ نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ تاۋاپ قىلىپ كېتىدۇ . قەشقەر ، خوتەن، ئاقسۇ ۋە باشقا ھەر جايلاردىن كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ .  بىز ئۇلارنى كەلمىسۇن دىمەيمىز ...

بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىمەي ... ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئاۋۇ تورداشلار سىلەرمۇ كىتاپ يېزىپ قاتتىق تەنقىد قىلڭلار... ئۇ چاغدا سىلەرنىڭكىنىمۇ تارقىتىمىز ... مۇنبەرلەردە كۆچۈرۈپ چاپلايمىز...

tarhan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 09:01:37

4- قەۋەتتىكى balahorنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قوڭىغا ئۇرۇپلا گەپ تاپىدۇ دە بۇ خەق !!!!


ھەي كۆڭلى قارىلار غارنىڭ ئاغزىغا ئۆمۈچۈك تورباغلاش،كەپتەر چاڭگا تىزىش دىگەن رەسۇلىللانىڭ رىۋايىتى ئۇ ....


كىچىك مەككە دىگەن نىمە گەپ ئەمدې ..... مەككە دىگەن پەقەت بىر.چوڭ كىچىكى يوق بىلىشەمسە ئۇنى ..



ناماز بامداتنىڭ كىرىپلا مىڭەمگە چىقىپ كەتتىغۇ ماۋۇ گەپلەر! ئىزدىنىش بوپ قاپتۇ بۇيەر بولمايدىغان بولسا  ............


تۇيۇقتىكى ئۇ غارنى ئەسھابۇلكەف دەپ ئانىمانىسى جەزىملەشتۇرۋەتكەنمىدۇ ؟؟


--------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------


مۇنبەرگە كىرگەن ئىسىمىڭىزدىنلا چىقىپ تۇرىدىكەن . ئۇنى بۇنى چىشلەپ ،سېسىق گەپ قىلىپ بالا تېرىشقا ئامراق ئوخشايسىز ..بۇ جاينى قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئەسھابۇلكەف دەپ ھېچكىم جەزىملەشتۈرمىدى . بۇ بىر رىۋايەت دىدى ....  ئۇنى ئاللا ئۆزى بىلگۈچىدۇر ..






tarhan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 09:05:08

2- قەۋەتتىكى arkakmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسھابۇل كەب ھەرگىزمۇ شىنجاڭدا ئەمەس  بۇ توغۇرلۇق ئاللاھ  قۇرئان كەرمدە توختالغان غارغا كىرۋالغانلار 300يىل ئۇخلىغان ئەمەس ،

قۇرئاننى بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقىپ ئاندىن بىر نەرسە دەڭ . قۇرئاندا ئەسھابۇلكەفنى پالانى يەردە ، شىنجاڭدا ئەمەس دىگەن گەپلەر يوق . نەدىلىكىنى ئاللا بىلىدۇ . ماۋۇ ئىنكاسىىڭىزنى بولسا تەھرىرلەپ قۇيۇڭ . كۈپرىلىق بۇلۇپ قالمىسۇن .

qimanistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 11:18:39

مەيلى تىما ئىگىسى مەيلى ئىنكاس يازغۇچىلار بولسۇن ئويلىنىپ گەپ قىللى.

بۇ مەسىلىدە بارلىق قىياس ،ھاياجانلىنىشلارنىڭ شەرئى ئاساسى بۇلىشى كىرەك.

سۇغاققان ھالەتتە پىكىر قىلىشنى ئۈگىنەيلى .بىلمەيدىغانلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى ئاقىلانىلىك...

balahor يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 12:05:01

ئەتتىگەن ئاچچىقىمدا قايناپ قالدىم ،ئەمما نەقىلدە قىزىل بوياپ قويغان يەرگە نىمە دەيسىلەر ؟؟؟

arkakman يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 12:23:24

8- قەۋەتتىكى tarhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى arkakmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسھابۇل كەب ھەرگىزمۇ شىنجاڭدا ئەمەس بۇ توغۇرلۇق ئاللاھ قۇرئان كەرمدە توختالغان غارغا كىرۋالغانلار 300يىل ئۇخلىغان ئەمەس ،

قۇرئاننى بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقىپ ئاندىن بىر نەرسە دەڭ . قۇرئاندا ئەسھابۇلكەفنى پالانى يەردە ، شىنجاڭدا ئەمەس دىگەن گەپلەر يوق . نەدىلىكىنى ئاللا بىلىدۇ . ماۋۇ ئىنكاسىىڭىزنى بولسا تەھرىرلەپ قۇيۇڭ . كۈپرىلىق بۇلۇپ قالمىسۇن .



بۇنىڭدا خاتالاشقىنىمنى بوينۇمغا ئالمەن ئاللاھ گۇناھمنى مەخپرەت قىلسۇن، ئەگەر شىنجاڭدا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى ئۇلۇغلاشنىڭ نىمە زۆرۈريتى بار،بۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 12:56:50

10- قەۋەتتىكى balahorنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەتتىگەن ئاچچىقىمدا قايناپ قالدىم ،ئەمما نەقىلدە قىزىل بوياپ قويغان يەرگە نىمە دەيسىلەر ؟؟؟




شۇ قىزىل يەرنى بوياشتىن بۇرۇن رىۋايەت قىلىنىشىچە دىگەن خەتنى ئوقۇمىدىڭىزمۇ قېرىندىشىم؟


بۇ يازمىدا رىۋايەت ئارىلاشقان چۈشەنچە بېرىلىۋاتىدۇ.

balahor يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 14:13:14

12- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى balahorنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەتتىگەن ئاچچىقىمدا قايناپ قالدىم ،ئەمما نەقىلدە قىزىل بوياپ قويغان يەرگە نىمە دەيسىلەر ؟؟؟




شۇ قىزىل يەرنى بوياشتىن بۇرۇن رىۋايەت قىلىنىشىچە دىگەن خەتنى ئوقۇمىدىڭىزمۇ قېرىندىشىم؟


بۇ يازمىدا رىۋايەت ئارىلاشقان چۈشەنچە بېرىلىۋاتىدۇ.



مىنىڭ نىمىنى كۆزدە تۇتقىنىمنى چۇشەنمەپسىز قېرىندىشىم !!!!



مىنىڭ بىلىشىمچە  غار ئاغزىغا كەپتەر ئۇۋا سالغان ئۆمۇچۇك تور توقىغان  رىۋايەتلەر  رەسۇلىللاھنىڭ رىۋايىتى ئەسھابۇلكەف نىڭ ئەمەس .



كىچىك بالىلارنى ئالداش ئۇچۇن توقۇلغان رىۋايەتلەرنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكۇزگەنلىرىدىن پەرىقلەندۇرەلمەيدىغان دەرىجىدە مۇسۇلمان ئەمەستۇرسىلەر ھەرقانچە بولسىمۇ ؟؟؟


كىچىك مەككە دىگەن نەدىن چىققان گەپ ئۇ ؟؟


qimanistan يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 17:29:16

ئاالاھنىڭ ھۆكۈمى ئەڭ توغرا.

ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ناسارالار): «ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا (ئېيتىلغان سۆزدۇر)، يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى پەرۋەردىگارىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ.» ئۇلار توغرىسىدا (ناسارالار بىلەن) پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن (يەنى بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى تەستىقمۇ قىلمايدىغان، يالغانغىمۇ چىقارمايدىغان دەرىجىدە مۇنازىرىلەشكىن). ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسىسىنى سورىمىغىن(22)



ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن.مۇنازىرىگە ئەمدى ئورۇن يوق.

puhra يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 21:44:32

تورداشلار  بۇ تېمىدا ئېيتىلان ئىشلارنىڭ كۆپ قىسمى رىۋايەت قىلىنىشىچە دەپ ئېلىنغان.بۇنىڭغا چىچاڭشىپ كېتىشنىڭ ئورنى يوى.بۇ ئەل ئىچىدە تارالغان رىۋايەت.بۇنى بىز ئويدۇرۇپ چىقارغان ئەمەس.ئىشەنمىسىڭىز روزى ھېيت، قۇربان ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن كېلىپ كورۈپ بېقىڭ،شۇ چاغدا يۇرتلۇقلىرىڭىز بولسا ئۇنداق ئاماستى خاتا كېلىپ قاپسىلەر دەپ ئېلىپ كېتىڭ قەتئى رەنجىمەيمىز. \"\"

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 23:22:42

قۇرئان كېرىمدە بەزى ئايەت ۋە ۋەقەلەر ئۇچۇق شەكىلدە بايان قىلىنمىغان، بىز مۇسۇلمان بولغۇچىلار قۇرئاندا ئۇچۇق قەيىت قىلىنىمغان مەزمۇنلارغا چۇقۇم قاتتىق ئىھتىياچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، ھۈكۈم چىقىرىشقا زىنھار ئالدىراپ كەتمەسلىكىمىز لازىم. ئاللاھ بىزلەرنىڭ مۇشۇنداق مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىمىزنى بىلگەچكە، «قىيامەت كۈنىدە سىلەر دەتالاش قىلغان ئىش ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭلار ئادىل ھۈكۈم چىقىرىدۇ» دەپ ئېيتقان.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 07:44:16



مانا\"03\"


مانا بۇ بىزنىڭ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئەسھابۇلكەھىپ . بۇنداق ئورۇندىن دۇنيادا 6 تە ياكى 7 سى بار،ھەممىسى ئىسلام فرونتىنىڭ ئەڭ ئالدىغا جايلاشقان،بۇ نىمىنى چۇشەندۇرىدۇ،(ھازىرغو جوڭگو دا ھەممە يەردە مۇسۇلمانلار ئورۇنلاشقان،بىراق مەۋقە ئىگەللىمىگەن.)

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-1-19 12:43:03

ئۇزاقى يىلى بارغانتۇق. 20 يۇەن بىلەت ئېلىپ كىرىدىكەنمىز تېخى. لېكىن مەنزىرىسى ھەقىقەتەن ياخشى. جىلغىدىكى بۇ كەنتتە توك سىمىنى ھېساپقا ئالمىغاندا قالغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى 100 يىل بۇرۇنقى بىلەن ئوخشاش...

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-21 07:54:09

بۇ تېما چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىكەن!

كەھف ئەرەبچىدە «الكھف» (ئەلكەھف)دەپ ئوقۇلىدۇ. غار، ئۆڭكۈر دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، ئىپتىدائىيلىق، قاراڭغۇلۇق، يوشۇرۇن، تۇيۇق، پىنھان، سىر- ئەسرارلار يوشۇرۇنغان كۆچمە مەنىلەردىمۇ قوللىنىلىدۇ.
بەت: [1] 2
: ﭘﯩﭽﺎﻥﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ تۇيۇق ۋە ئەسھابۇلكەف