puhra يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 20:19:46

[كۆچۈرۈلمە]بۇيلۇق

بۇيلۇق


بۇيلۇق – دۆلەت تەرىپىدىن «4A دەرىيجىلىك داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى » قىلىپ بىكىتىلگەن قۇيۇق مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە مەشھور ساياھەت رايونى. تۇرپان شەھرىنىڭ 10 كىلومىتىر شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ ،ئۈزۈمچىلىك يېزىسىغا قاراشلىق «سۇ بېشى »،«ئازنە مىچىت»،«بۇيلۇق» «بەشمەھەللە » «دەپسەنگە» قاتارلىق بەش كەنتتىن تەركىپ تاپقان بىر رايوننىڭ ئوموملاشتۇرۇپ ئاتىلىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ .


بۇيلۇق ئېدىقۇت تېغىنىڭ غەربىي تەرەپىدىكى چوڭ جىلغا.تۈزۈلۈشى تار ،ئۇزۇن ،ئۇزۇن يانتو تەكشىلىك بۇلۇپ ،ئۇنىڭ جەنوپتىن شىمالغا ئۇزۇنلىغى 8كىلومىتىر ،شەرقتىن غەرپكە كەڭلىگى 2-6 كىلومىتىر كىلىدۇ .جىلغىنىڭ غەربىي تەرىپى تىك يار ،خۇددى چوققىدەك تىركىشىپ قەد كۈتۈرۈپ تۇرىدۇ ،ئىككى قىرغاقتىكى چوققىلار بىر –بىرىگە قارىمۇ-قارشى بۇلۇپ ،تەبىئى تۇساق ھاسىل قىلغان . جىلغىنىڭ ئىچىنى سۈپ –سۈزۈك ئېقىن سۇ كىسىپ ئۈتىدۇ .غولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تەكلەر ( ئۈزۈم تاللىرى ) رەتلىك باراڭغا ئېلىنغان بۇلۇپ ،پۈتۈن ئەتراپ يىشىللىققا پۈركۈنۈپ تۇرىدۇ .تۆت ئەتراپى قۇيۇق ئۈستۈرۈلگەن تېرەكلەر ،گۈل –گىيالار ،مىۋىلىك دەل دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان .دېھقانلارنىڭ ھويلا – ئاراملىرى تاغ يان باغرىلىرىغا رەتلىك ئورۇنلاشقان .


«بۇيلۇق »دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى « ئۈزۈملۈك » دىگەندىن ئىبارەت بۇلۇپ .ئۈزۈم قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «بور »دەپ ئاتىلاتتى . تۇرپان شەھرىدىكى ئۈزۈمچىلىك تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ، ئۈزۈملۈكلەر ئەڭ كۆپ مەركەزلەشكەن بۇيلۇقنى «بورلۇق » دىگەن سۆز كىيىنچە ئاستا – ئاستا « بويلۇق » قا ئۆزگەرگەن .بۇيلۇقنىڭ سىھرىي كۈچى نەدە ؟


بۇيلۇقنىڭ سىھرىي كۈچى بىر قانچە خىل مەدەنىيەت ،بىر قانچە خىل مەنزىرە ،بىر قانچا خىل كىلىماتنىڭ گىرەلەشكەنلىكىدە .بۇ يەردىن گىياھ ئۈنمەيدىغان ئوت پۈركۈپ تۇرىدىغان سىرلىق ئىدىقۇت تىغىنىمۇ ،پۈتۈن جىلغىنى قاپلىغان ياپيىشىل تەكلىكلەرنىمۇ ،دىھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلىرى ،ياشاش شەكلىنىمۇ ،زامانىۋى رىستۇرانلار ئىسىل سايائەت نۇقتىلىرىنىمۇ تاپقىلى بۇلىدۇ .بۇيەرنىڭ مەنزىرىسى ئاجايىپ سىھىرلىك بۇلۇپ ،ئىككى يىقى تاقىر تاغ ،تاغ ئۈستىلېرىدە چىرايلىق چۈنچىلەر ،يان باغىرلارغا جايلاشقان دىھقانلار ئۆيلىرى يىل بۇيى پىشىپ تۇرىدىغان ئۈجمە ،ئۈرۈك ئۈزۈم قاتارلىق مىۋىلەر ،تۇتاش كەتكەن باغلار جىلغىنى قاپ ئۇتتىرىدىن كىسىپ ئۈتكەن يىل بۇيى ئويناقشىپ ئىقىپ تۇرىدىغان ئۈستەڭ ،ھۈپپىدە ئىچىلىپ تۇرىدىغان گۈللەر ،قاپقارا سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ھەر خىل دەل _ دەرەخلەر ،ساپ ،ئارامبەخىش مۇھىت ،ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى ، ناخشا ئۇسول ،مۇزىكا ،يىمەك _ ئىچمەك بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت مۇلازىمىتى بۇيلۇقنى گويا گۈزەل بەدئىي سۈرەتكە ،رىۋايەتلەردىكى جەننەتكە ئۇخشىتىپ قويغان پۈتۈن بۇيلۇق رايونى تۇتاش ئۈزۈم بارىڭى بىلەن يىپىلغان بۇلۇپ ،ھەر قايسى ساياھەت نۇقتىلىرى باراڭ ئاستىغا ئورۇنلاشقان .يولدا كىتىۋىتىپ قۇلىڭىزنى


سۇنۇپلا مەرۋايىتتەك ئۈزۈملەردىن ھۇزۇر ئالالايسىز .


بۇيلۇقنىڭ ئۇتتۇرا قىسمدا شەرق تەرەپتىكى يارنىڭ ئاستى تەرىپىدە ئەللىك  مودىن كۆپرەك كىلىدىغان باغچا بۇلۇپ بۇ باغچا 1982-يىلى ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش ئىشىكنى ئىچىۋىتىشتىن كىيىن ،مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى مىھمانلارنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن بۇيلۇقتىكى تۇنجى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بۇلۇپ ئىچىلغان .شۇنىڭدىن كىيىنكى بىر قانچە يىلدا دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ شېركەتلەر بۇيلۇق رايونىغا غايەت زور مەبلەغ سىلىپ كەينى كەينىدىن « دارۋاز » ،«ئەپەندى » ،«بۇيلۇق» مىللىي ئۆرپ ئادەت باغچىسى ،ۋاڭ لۇ بىڭ سەنئەت سارىيى قاتارلىق داڭلىق سايائەت نۇقتىلىرىنى قۇردى .2004-يىلى مايدا 23 مىليون يۈەن مەبلەغ سىلىنغان بۇيلۇق سايائەت ئۇل مۇئەسسەسە دۆلەت قەرز مەبلىغى قۇرۇلىشى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى .بۇيلۇقنى كىسىپ ئۈتىدىغان ساياھەت تار يۇلى ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ ،بۇيلۇق رايونىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ھەشەمەتلىك دەرۋازا ياسالدى ،بۇيلۇق ساياھەت رايونىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئىستىراتىگىيىسىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇيلۇق ساياھەت رايونىنى باشقۇرۇش كومتىتى قۇرۇلدى. 2004- يىلى 1- ئاۋغۇستىن باشلاپ ،بۇيلۇقنى ساياھەت قىلىشتا بىر بىلەت تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ 60 يۈەنلىك بىر بىلەت بىلەن بۇيلۇقتىكى بەش چوڭ ساياھەت نۇقتىسىنى ساياھەت قىلغىلى بۇلىدىغان بۇيلۇقنىڭ ئىچىدە بىلەت سىتىلمايدىغان تۈزۈم يولغا قۇيۇلىدى .


كۆپ يىللاردىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۈكۈمەت رەھبەرلىرىدىن پىڭجىن ،دىڭ شىياۋپىڭ جىياڭزىمىن ،جۇرۇڭجى، لىرۈيخۈەن،چىياۋشى ،ۋۇ باڭگو  قاتارلىقلار بۇ جايغا كىلىپ ئىكىسكورسىيە ساياھەت قىلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلدى .ھازىر بۇيلۇق تۇرپاننىڭ ئىسلاھات ئىچىۋىتىشىدىكى كۆزنىكى بۇلۇپ قالدى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىدىغان مال سىتىۋالىدىغان يەرلىك تاماقلارنى تىتىپ مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلەر بىلەن تۇنۇشىدىغان ئۇنۋىرسال ئورۇنغا ئايلاندى .


ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ،ئائىلە ساياھەتچىلىكى بۇيلۇقتا تىز راۋاجلىنىڭ ،بۇيەردىكى دىھقانلارغا ياخشى بېيىش پۇرسىتى ئاتا قىلدى .يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇيلۇقنى كىسىپ ئۈتىدىغان مەركىزىي يولنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئۆيلەر ،دەرۋازىلار ،قورشاۋ تاملار بىر خىل مىللىي پاسوندا ياسالدى .ھەر بىر ئائىلە ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئائىلە ساياھەت نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ ،ئەۋزەل شارائىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى ،ھازىر بۇيليقتا 300 گە يىقىن ئائىلە ساياھەتچىلىكى نۇقتىسى ،بىرلا قىتىمدا 150 مىھماننى كۈتكىلى بۇلىدىغان رىستۇراندىن 4ى بار .ئەڭ چوڭ ئائىلە ساياھەتچىلىكى نۇقتىسى كۈنىگە كۆپ بولغاندا 100 گە يىقىن مىھماننى كۈتەلەيدۇ .



«سىھىرلىك زىمىن تۇرپان »دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.  

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 21:24:54

مېنىكىدە خەتلەر نورمال كۆرۈنمىدى.

samanda_8 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 11:54:16

رېستوراننىنىڭ ئورنىغا كىتابخانا ئېچىۋاسىچو .....

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-1-18 13:27:27

ساياھەتچىلەر كىتاپ ئوقۇغىلى كەلمەيدىكەن، ساياھەت قىلغاچ قورساق ئاچقاندا تاماق يەيدىكەن.  {:92:}  بۇيلۇق ھازىر 5 ئا دەرىجىلىك ساياھەت ئورنىغۇ دەيمەن.
بەت: [1]
: [كۆچۈرۈلمە]بۇيلۇق