ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-1-16 20:57:25

ئېنگىلىس تىلى ماتىريالى توغۇرلۇق ياردەم لازىم ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم  !


بىز قىزىمىزغا ئېنگىلىس تىلى ئۆگىتىدىغان بىر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلغان ئىدۇق. بۇ قىز شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىتىدا 4 يىل مۇشۇ تىلنى ئۆگىنىپتىكەن. بۈگۈن مۇشۇhttp://detail.tmall.com/item.htm?id=10839972938&prt=1326727581077&prc=1http://detail.tmall.com/item.htm?id=12477539447 كىتاپنى ئېلىپ كەپتۇ، ھەم ئاشۇ كىتاپ بويىچە دەرس ئۆتمەكچىكەن. تورىمىزدا بۇ ساھەدە خېلى پىشىپ قالغان دوسلىرىمىز بار، شۇڭا بىر مەسلىھەت بەرسە، ئاۋۇ ماتىرىياللارنى (4 قىسىم)  ئېلىپ بەرسەك (توردىن)  بولامدۇ؟ ياكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ماتېرىياللار بارمۇ؟ قىزىمىز بۇ يىل 10 ياشتا، 5-يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ.


تەجىربىلىك دوستلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىن پايدىلىق ئەمەلى تەجرىبە - ساۋاقلىرى، مەسلىھەتلىرى بولسا، ئازىراق قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ سۆزلەپ بەرسە دىگەن ئۈمۈدتىمىز. ھەم سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز !!


http://detail.tmall.com/item.htm?id=10839972938&prt=1326727581077&prc=1

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 05:26:55

مەنمۇ ئىككى قىسىم ئۆگەنگەن،ياخشى كىتاب، لىكىن  ئاخىرغىچە ئۆگىنەلەيدىغانلار ناھايتى ئاز.  تىل ئۆگنىش بەك ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ،دىمەكچى 10ياشىلىق قىزىڭىز بۇ يوغان 4 قىسىم كىتابنى قاچان تۈگىتەلەر؟ بىر يۈرۈش كىتابنى تۈگەتكەندىلا ئاندىن شۇ تىل ھەققىدە مۇكەممەل بىر بىلىم ئۆگەنگىلى بۇلىدۇ،شۇڭا مەن side by side ماۋۇ كىتابنى تەۋسىيە قىلمەن.4 قىسىم كىتاب جەمئى 40 دەرىس بىر-ئىككى يىلدا پۇتۇنلەي ئۆگىنىپ تۈگەتكىلى بۇلىدۇ. ھەربىر تېكىسنى يادلاپ ماڭسۇن   http://item.taobao.com/item.htm?id=2847741006

Algha يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 06:30:58

ئاۋۇ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى قىز قىزىڭىزنى سىستىمىلىق ئۆگىنىپ چىقسۇن دەپتۇ. بۇ كىتاب ھەقىقەتەن ياخشى. ئەگەر مۇشۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى سىستىمىلىق تۈگۈتىپلا قىلالىسا خېلى-خېلى ئىمتىھانلاردىنمۇ ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ كىتىدۇ. مەندە ئاۋۇ «ئوقۇغۇچى» دېگەن تورداش تەۋسىيە قىلغاندىن ماۋۇ «يېڭى ئوقۇم ئىنگلىزتىلى» خېلى بەك ياخشى. ھېچ بولمىسا 1-،2-قىسىملىرىنى بولسىمۇ ئۆگەنسۇن، بولۇپمۇ 2-قىسمىنى، ئۇنىڭدا ئىنگلىز تىلىدىكى زامانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىپ بولغىلى بولىدۇ، شۇڭا مەن قىزىڭىزنىڭ مۇشۇ كىتابنى ئوقۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.



ئەمدى، بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار بۇ كىتابلارغا ئەشەددىي ئۆچ. ئۇلار ئاساسەن بۇ كىتابلارنىڭ دەرسلىك قىلىپ دەرس ئۆتمەيدۇ. بىراق يېقىندىن بۇيان قارىسام تەشۋىقات ۋەرەقلىرىگە چىقىشقا باشلاپتۇ. بىراق ئىچكىردىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىسىڭىز، چوڭىدىن تاتىپ كىچىكىگىچە ھەممىسى مۇشۇ كىتابنى ئۆگىنىدىكەن. مىنىڭ ياخشى دېگىنىم ئۇلارنىڭ ئۆگەنگىنىگە قاراپ دىمىدىم، ئەلۋەتتە.



ئاشۇ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى قىز قىزىڭىزنى زىرىكتۈرۈپ قويماي، تىرىكتۈرۈپ قويماي سىسىتىمىلىق ئۆتەلىسە، مۇشۇ كىتابلارنى ئۆتكىلى قويۇڭ! ئاخىردا قىزىڭىزنىڭ كۆپ تىلى بولىشىنى، ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن!

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 08:41:20

بۇ كىتاپ خېلى بولىدۇ.بۇ كىتاپ ئەنگىلىيە ئېنگىلىز تىلى. سىز قىزىڭىزغا ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلى ئۆگىتىشنى خالامسىز ياكى ئەنگىلىيە ئېنگىلىز تىلىمۇ؟ مەن يەنىلا ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلىنى ياقتۇرىدىكەنمەن.

بۇرۇن بۇ كىتاپنىڭ كونىسىنى ئۆگەنگەندە ‹‹here you are›› دېگەننى ‹‹مەڭ››(باشقىلارغا بىر نەرسىنى بەرگەندىكى سۆز، ‹‹مەڭ،بۇنى ئېلىڭ››) دەپتىكەن.

ئامېرىكىدا‹‹here you are›› دېمەيدۇ.‹‹here you go›› دەيدۇ. ئامېرىكىدا بۇ سۆزنىڭ باشقا مەنىسى بار. بۇرۇن ئامېرىكىلق ئوقۇتقۇچۇمغا ‹‹here you are›› دېسەم چۈشەنمىگەن ئېدى.يۇقىرىقى كىتابتا ئۆگەنسەم شۇنداق مەنە ئىكەن دەپ چۈشەندۈرسەم، ئامېرىكىدا ‹‹here you go›› دەيدۇ، دەپ ئۆگەتكەن ئېدى.

ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلى بىلەن ئەنگىلىيە ئېنگىلىز تىلىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىش ئورۇنلىرى ئوخشىمايدىغان يەرلىرىمۇ بار. ھەمدە بەزى گەپلەرنى دېيىشمۇ ئوخشىمايدۇ.

ماڭا يەنىلا ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلى سىلىق ئاڭلىنىدۇ. ئامېرىكىلىقلار R نى تولۇق ئالىدۇ، ئەمما ئەنگىلىيە ئېنگىلىز تىلىدا R نى تولۇق ئالمايدۇ.

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 14:56:37

ۋاي ۋۇي، قاچانقى كىتاپلار بۇ . 10 ياشلىق قىزچاققا 4 كىتاپ ئېلىپ بېرەمسلەر ؟؟

بىر قىسىمنى 2 يىلدا پىششىق تۈگىتەلىسە نوچى گەپ ھازىرقى دەرىسلىكلىرى بىلەن تەڭ .

يىڭى كىتاپلار نۇرغۇنغۇ  ؟؟؟

لېكىن بەك سېستىمىلىق بۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ  ....

muqeddes يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 15:41:17

ilyaruk



مەن ئېنگىلىز تىلى ئۈگەنگىلى 10 يىلدىن ئېشىپتۇ . بۇ جەرياندا نۇرغۇن كىتاپلارنى كۆرۈپتىمەن . دەرس قىلىپ ئۆتۈپتىمەن . سىزگە سەمىمى مەسلىھەت بېرەي دەپ ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

1- تەمىنلىگەن تور ئادىرىسىنى چەكسەم . يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلى 4 قىسىم كىتاپى چىقتى . نىمە دىسەم بولار ، بۇ كىتاپنى بولمايدۇ دەۋېتەي دىسەم ، ئەينى چاغدا مەنمۇ بۇ كىتاپنى 3 قىسىم ئۈگەنگەن . بولىدۇ دەي دىسەم ھازىر ئۇنىڭدىن نوچى كىتاپلار چىقىپ كەتتى . بالىلارغا ئويۇن ئوينىغان ئاساستا ئۈگىتىدىغان .


   بۇ كىتاپنى ئۈگىتىدىغان ئۇ قىز ئارغامچىنى ئۇزۇن قويۇپ ئۇزۇن مەزگىل سلەرگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى ئويلاپتۇ . خالاس . چۈنكى بۇ 4 قسىمنى ئۈگىنىپ بولغاندا نەچچە يىللار ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ۋە ئۇ قىزمۇ سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى داۋاملىق ئالىۋېرىدۇ . بالاڭلار ، ئانچە - مۇنچە ئېنگىلىزچە ئوقالايدىغان ، يازالايدىغان بولىدۇيۇ ئەمما جانلىق ئىشلىتىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ .

ئاۋۇ ئوقۇغۇچى دىگەن تورداش دىگەن كىتاپنى مەن كىتاپخانىدا كۆرۈپ باققان ئەمما دەرس قىلىپ ئۆتۈپ باقمىغان . بىر قۇر كۆرگەندىن كېيىن ھىس قىلغىنىم خېلى جانلىق تۈزۈلگەن كىتاپ ئىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم .

سىز 10 ياشلىق قىزىڭىزنىڭ ئاتىسى بولغاندىن كېيىن مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىڭ . قىزىڭىزغا ئۈگىتىدىغان ئېنگىلىزچە كىتاپنىڭ ئىچىدە بالىلار ياخشى كۆرىدىغان كارتون رەسىملىرى بولسۇن . ھەر خىل قىسقا ھېكايىلىرى بولسۇن . ۋە كىتاپ قاتتىق قەغەزلىك رەڭلىك بولسۇن . بۇنىڭ ئۈنۈمى 10 ياشلىق كىچىك بالىغا ياخشى بولىدۇ . دىمەكچى مەن كىچىك بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ماس كەلگۈدەك ، خۇددى پەيزى كارتون فىلىم كۆرگەندەك تۇيغۇ بېرىدىغان كىتاپلار بولسا بەك ياخشى بولىدۇ . مەندە مۇشۇنداق رەڭلىك تۈزۈلگەن ، 3-4 ياشلىق بالىلاردىن تارتىپ 15 ياشلىق بالىلارغىچە ماس كېلىدىغان ، ناھايىتى جانلىق تۈزۈلگەن رەڭلىك ، كارتون ، كىچىك ھايۋاناتلار رەسىملىرى بار ئەنگىلىيەدىن كەلتۈرگەن كىتاپلار بار . (بىر ئەنگىلىيلىك ئوقۇتقۇچى سوۋغا قىلغان) . ئەمدى ئاۋۇ يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلى بولسا رەڭسىز ، ئېقى ئاق ، قارىسى سىياھ كىتاپ ھەم قېلىپلىق ئۈگىنىش ئۇسۇلى . سىزگە مەسلىھەتىم . ئەگەر پەقەت يېڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلىنى ئۈگەتمەكچى بولسىڭىز . ئۇ كىتاپنىڭ پەقەت 1- قىسمىنى قىزىڭىزغا ئۈگىتىڭ . ئەگەر قىزىڭىز كىتاپقا قىزىقىپ قالسا ئىككىنىچى قىسىنىڭ نەق ئوتتۇرىغىچە ئۆتۈڭ . ئاساسلىق گىرامماتىكىلىق كېلىشلەرنى چۈشەندۈرىدۇ . ئەگەر 10 ياشلىق قىزىڭىز بىرىنچى قىسىمنى ئۈگىنىپ بولۇپ سەل بىزار بولغاندەك بولسا ھەرگىز زولىماڭ . يەنە بىر تەكرارلاي ھەرگىز زورلىماڭ . بولمىسا قىزىڭىزدىكى بىخ ھالىتىدە يېتىلىۋاتقان ئېنگىلىز تىلىغا بولغان قىزغىنلىقنى ئۆلتۈرىسىز . چۈنكى مەن 6-7 يىل ھەر خىل ياشتىكى بالىلارغا دەرس بەرگەن . بۇ جەرياندا ھەر خىل كىتاپلارنى ئۆتكەن.

مەندىكى ئەنگىلىيە كىتاپلىرىنى بازاردىن تاپالمايسىز . ئەمما سىز تاپالايدىغان رەڭلىك ، بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن بىر نەچچە كىتاپنى تەۋسىيە قىلىمەن . مەن ئامازون ۋە باشقا بىر نەچچە تور بەتتىن ئىزلىۋالاي . تۆۋەندە ئىنكاس شەكلىدە يوللايمەن ...













muqeddes يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 16:17:52

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى كىتاپنى كۆرۈپ بېقىڭ .  ئاستىدا  كىشىلەرنىڭ باھاسى باركەن . تەپسلى كۆرۈپ باقارسىز . شاڭخەي ياكى بېيجىڭدا دوستلىرىڭىز بولسا ، شۇ يەرلەردىكى چەتئەل كىتاپخانىسدىن مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئېنگىلىز تىلى ئۈگىتىش كىتاپلىرىنى ئەكەلدۈرۈڭ .

http://www.amazon.cn/Early-Learning-Everyday-Words-Ladybird/dp/1846469201/ref=pd_sim_b_cnclic_6



ئەگەر پەقەت بولماي قىزىڭىزغا يڭى ئۇقۇم ئېنگىلىز تىلىنى ئۆتۈش توغرا كېلىپ قالسا بىرىنچى قىسىمنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ماۋۇ كىتاپلارنى ئۆتسىمۇ بولىدۇ ئوقۇتقۇچىسى .



http://www.amazon.cn/I-Am-a-Bunny-Risom-Ole/dp/0375827781/ref=sr_1_2?s=books&ie=UTF8&qid=1326793849&sr=1-2

بىراق يۇقۇردىكى كىتاپ ئۈچۈن خېلى كۆپرەك سۆزلۈك بولمىسا بولمايدۇ . ئېسىمدە قېلىشىچە يېڭى ئۇقۇمنىڭ بىرىنچى قىسمىدا 900 دىن كۆپرەك سۆز بارغۇ دەيمەن . ئۇنتۇپ قاپتىمەن . ئۇزۇن بوپتۇ ئۇ كىتاپنى قايتا ئۆتمىگىلى .



قىزىڭىز گىرامماتىكىدىن دەسلەپكى ئاساسنى چىقىرىۋېلىپ ، ئاساسلىق كېلىشلەرنى ئۈگىنىۋالغاندىن كېيىن بىرەر مىڭ سۆزلۈك ئۈگىنىپ بولۇپ ئاندىن كىچىك - كىچىك ھېكايىلەر بار بالىلارنىڭ رەڭلىك ھېكايە كىتاپلىرىنى ئۈگەنسە بولىدۇ .



http://www.amazon.cn/The-Wheels-on-the-Bus-Go-Round-and-Round-With-CD/dp/1904550665/ref=pd_sim_b_cnclic_16

http://www.amazon.cn/The-Tiger-Who-Came-to-Tea-%E6%9C%B1%E8%BF%AA%E4%B8%9D%C2%B7%E5%85%8B%E5%B0%94/dp/0007365381/ref=pd_sim_b_cnclic_15

http://www.amazon.cn/A-Tale-from-Percy-s-Park-The-Rescue-Party-%E5%B0%BC%E5%85%8B%E2%80%A2%E5%B7%B4%E7%89%B9%E6%B2%83%E6%96%AF/dp/0007372396/ref=pd_sim_b_cnclic_5

(يۇقۇرقى ئادرىستىكى كىتاپلار 3 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ياشتىكى بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئوخشايدۇ . پەرىزىمچە  رەڭلىك تۈزۈلكەن ئوخشايدۇ ، كارتون رەسىملىرى بار بولۇشى مۆمكىن ، بالىلارنى جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈكمىكىن دەپ ئويلايمەن )

muqeddes يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 16:30:45

http://www.amazon.cn/A-Tale-from-Percy-s-Park-One-Snowy-Night-%E5%B0%BC%E5%85%8B%E2%80%A2%E5%B7%B4%E7%89%B9%E6%B2%83%E6%96%AF/dp/0007372388/ref=pd_sim_b_cnclic_7

يۇقۇرقى ئۇلىنىش ‹ پېرسىي باغچىسىدىن كەلگەن ھېكايە : قارلىق كېچە › دىگەن ھېكايە كىتاپكەن .



2- بىر دوستۇم ماڭا ئۆتكەندە ماۋۇ كىتاپنى كۆرۈپ باققىن دەپ ئەۋەتىپتۇ . بەك ياخشى كىتاپكەن . ئەمما قىزىڭىز بەلگىلىك سەۋىيەگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئىشلەتسە بولىدۇ . ھازىر بالدۇرلۇق قىلسىمۇ سىزگە تەۋسىيە قىلىپ قويدۇم . ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادىرىس : http://max.book118.com/html/2011/1114/742786.shtm

بالىلار ئۈچۈن 100 ئەخلاق تەربىيىسى دىگەن كىتاپ . بىر ئابزاس ياكى ئىككى ئابزاسلىق ھېكايىلەر . مەن بۇ كىتاپنى كۆرۈپ يېرىمىغا كەلدىم . بەك ئېسىل كىتاپكەن . ئېنگىلىزچە بىلىدىغان باشقا تورداشلارمۇ چۈشۈرېۋىلىڭلار . بالىلىرىڭلارغا كۈندە بىر پارچە ئوقۇپ بەرسەڭلار 100 كۈندە تۈگىتىسىلەر . يۇقۇرقى ئۇلىنىشتا كىتاپنى چۈشۈرمەي تۇرۇپ كۆرۈپ باققىلى بولىدۇ .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 16:32:23

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

10ياشلىق قىزچاققا بۇ كىتابلار ئىغىر كېلىدۇ.1-ۋە2-قىسمىنى ئۈگىنىپ ئاندىن بىر بىرگەپ بولار.مەن سىزگە تۆۋەندىكى ئىككى كىتابنى تەۋسىيە قىلاي:



side by side:



http://www.tilhumar.biz/?p=66



new interchange:


http://www.tilhumar.biz/?p=95


يۇقارقى ئىككى كىتاب ھەقىقەتەن قىزىڭىزغا ماس كىلىدۇ.چۈنكى رەسىملىك ئۈگىنىدۇ ئەمەسمۇ؟



ئەگەر يۇقارقى سىز دىگەن يىڭى ئۇقۇم ئېنگىلىزتىلىنى تاللىسىڭىز،مېنېڭچە ئۇنداق كۆپ پۇل خەجلىشىڭىزنېڭ ھاجىتى يوق:



http://www.tilhumar.biz/?p=421



http://www.tilhumar.biz/?p=332


ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 20:42:54

رەھمەت دوستلار  ، ئەستايىدىللىق بىلەن بەرگەن مەسلىھىتىڭلارغا ، كۆرسەتمەڭلەرگە يەنە بىر قېتىم سەمىمى رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ! مەن  چەتئەل تىللىرىنى ئۆگۈنۈپ باقمىغان ، شۇڭا بۇ جەھەتتە تازا چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسمەن .

بىز قىزىمىزنى ئۆزىمىز مەجبورلمىدۇق ، ئۆزى ئۆگىنىمەن دىدى . مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلىدىغان كۈنى ئەتتىگەندە مەن قىزىمدىن ،‹‹بۇ تىلنى ئۆگىنىشتىكى مەقسىدىڭ نىمە ›› دەپ سورىسام دىگىلى ئۇنمىدى ، ‹‹ئەمىسە ئوبدان ئويلىنۋېلىپ ماڭا تېلفۇن قىل››  دىدىم . 2-3 سائەتلەردىن كېيىن تېلفۇن قىپتۇ ، مەقسىدى : 1. چەتئەللەردە ئوقۇغۇم بار  2. ئېنگىلىس تىلى دۇنيادىكى كۆپ ئادەملەر قوللىندىغان تىلكەن  ، بىلىم ئېلىشتا ماتىرياللار كۆپ ....

مەن دىدىم : قىزىم  نىشانىڭ ياخشىكەن ، توغرا ، چەتئەل تىلنى بىرەرسىنى دوراپ ، ياكى ھېچقانداق مەقسەت-نىشانسىز ئۆگىنىمەن دەپلا ئۆگەنسەك، مېنىڭچە تازا ياخشى بولمايدۇ ،ھەم ئاخىرغىچە ئېلىپ چىقالماي بېكارلا  ۋاقتىمىزنى ، زېھنىمىزنى ئىسىراپ قىلىۋېتىمىز ، ئۇنداق قىلغاندىن ئۆگەنمەيلا قويساق بولىدۇ ، ئىشقىلىپ قاتتىق ئىرادە ، چىدامچانلىق ، ئىزچىللىق بولمىسا ....................

مانا مۇشۇنداق جەريانلار بىلەن دەرسنىمۇ باشلىۋالدى . ئاۋۇ مەسلىھەتلەرنى يەنە بىر ئىككى قېتىملاپ ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك ، كاللاممۇ ۋاللىدە يورىغاندەك بىر يەرگە كەلمەيۋاتقاندەك تۇرىدۇ ..

رەھمەت سىلەرگە دوستلار !!!

facebooks يوللانغان ۋاقتى 2012-1-17 21:13:34

تۆت يىل ئۆگەنگەن ئادەم شۇنى تەۋسىيە قىلغان بولغاندىكى شۇنى قىلسۇن ،ناچار كىتاب يوق ،ناچار ئادەم بار .
بەت: [1]
: ئېنگىلىس تىلى ماتىريالى توغۇرلۇق ياردەم لازىم ...